[ دولان ] بىزگە قانداق ئەركىنلىك كىرەك؟
كومپىتۇرنى ئاچسام مىكرو بىلوگدا، تىەنجىن شەھرىنىڭ جىشەن ناھىيەسىدە تورنى ئۇزىۋىتىپ مۇخبىرلارنى تۇسىۋالغانلىقىنى دەپتۇ. راس-يالغانلىقىنى بىلمىدىم، بىراق مەن بۇ ئىشنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىمەن چۇنكى تىئەنجىن شەھىرى ئەزەلدىن ئاخباراتنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ، ھۆكۇمەتنىڭ خەۋىرىدە بىر قىتىملىق ئوت ئاپىتىدە 10 ئادەم ئۆلگەن دىيىلدى، سىز ئىشىنەمسىز بىلمىدىم، مىنىڭچە ھەچكىم ئىشەنمەيدۇ، سەۋەبى شاڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىسى بۇ ۋەقەدە 300 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى دەپ خەۋەر بەردى، كىشىنى تەخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى مەملىكىتىمىزدىكى باشقا چوڭ ئاخبارات ۋاستىسىدە بۇ خەۋەر تىلغا ئىلىنمىدى ھەمدە بىرەر كىشىمۇ تىئەنجىن شەھرىدىن بۇ ئىشنىڭ ئەملىي ئەھۋالىنى سۇراپ باقمىدى.
« خەلق گىزىتى » دىكى لۇ شىننىڭ بىيجىڭ ئونۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرىش مۇراسىمىدا ئوبرازلىق قىلىپ « بۇ گۇمانىي جەمىيەتتە بىز ھەقىقى پاكىتقا بەكمۇ ئىھتىياجلىق » دىگىنىدىن پارتىيە گىزىتى بۇلىم مۇدىرىنىڭ كوڭلىنى بىلىۋالالايمىز. راستىنى دىگەندە بىز ئاخباراتنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىمىز، ھۆكۇمەتنى مازاق قىلىمىز، چىرىكلىكنى ھاقارەتلەيمىز. مۇرەككەپ زىددىيەتكە تولغان بۇ دەۋىر كانىيىڭىزنى بۇغۇۋالسا، قانداق زۇۋان سۇرەلەيسىز؟، ئەقەللىسى كۇزىڭىز بىلەن كۆرگەن ئەمىلىيەتنى يۇرەكلىك بايان قىلاماسلىق، بىر مىللەتكە نىسبەتەن بىر پاجىئە.
ھەرنىمە بولسا زۇۋانىمىز تىخى تۇلۇق ئىتىلىپ قالمىدى، يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر ئەۋاز چىقىرالايدۇ، شۇ سەۋەپتىن چىقارغان سادا بەكلا تۇۋەن بۇلىۋاتىدۇ.
ئامىرىكىنىڭ « ئىتنىڭ ئادەمنى چىشلىگىنى خەۋەر ئەمەس، ئادەمنىڭ ئىتنى چىشلىگىنى ھەقىقى خەۋەر » بۇلىدۇ دىگەن ئاخبارات ئۆلچىمى جوڭگودا ئاقمىسا كىرەك، سەۋەبى بىزنىڭ ئاخباراتىمىزمۇ جوڭگوچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە. چۇنكى دۆلىتىمىزدە ئادەمنىڭ ئىتىنى چىشلىگىنى بىمەنىلىك ياكى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ. يىقىندا ئاڭلىسام بىيجىڭ شەھرى « بىيىجىڭ شەھەرلىك پارتىيە قق » مەزگىلىدە بىيجىڭغا ئائىت سەلبى خەۋەرنى بىرىشنى چەكلەپ قۇرۇلتاينىڭ ئۇڭۇشلىق ئىچىلىشىنى تەكىتلىگەن، بۇ چەكلەش بۇيرىقى ھازىرغىچە ئىجرا بۇلىۋاتامدۇيوق بىلمەيمەن. ئەمەلدارلاردىن ئاڭلىشىمچە، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى « 18 مەزگىلىدە دەرۋازا ئالدىغا مەخسۇس ئادەم قۇيىپ « خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك » قىلغان. قارىغاندا دۆلىتىمىزدە ئادەمنىڭ ئىتنى چىشلىگىنى ھەچنىمە بولمىسا كىرەك. ھەر خىل كۆرسەتمىلەر بۇيىل ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى، كۆپلىگىدىن ئادەمنىڭ بىشى قىيىپ كىتىدۇ.
« زەھەرلىك كاپسۇل » ۋەقەسى بىر مەھەل ئاخبارات ۋاستىسىنى قىززىتىۋەتتى، بۇ ۋەقەدە سىنا، تىڭشۇن بىلوگى « جامائەت پىكرىنى باشقۇرىشتا ماھىر بولمىغان » دەپ قارىلىپ 3 كۇن تاقىۋىتىلىپ، پاراكتىكا قىلىۋاتقان بىر سىتودىنىت خىزمەتتىن ھەيدەلدى. شاڭگاڭنىڭ ئاخبارات خەۋىرىدە بۇ ئىشقا چەتىشلىق رەھبەرنى قاتتىق ئەيىپلەپ ھۆكۇمەتنى ئۇسال ئەھۋالغا چۇشىرىپ قويدى. مەن جوڭگونىڭ ئىنتىرنىت تۇرىنى دىمۇگىراتتىيەنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئالغا سۇردى دىيەلمىسەممۇ، بىراق دىمۇگىراتتىيەنىڭ بۇ خىل ئىپادىسىنى چوڭ ئىلگىرىلەش دىمەيتۇرالمايمەن. بەزى ئاتالمىش مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشلار پايدا-زىيان بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ ئادەتتىكى ئىشنى چوڭايتىۋىتىدۇ خالاس، قاتتىق تىزگىنلەش ئالدىدا جوڭگودىكى ئىنتىرنىت ۋاستىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، بىز پەقەت بەزى گەپلەرنى دىيەلىسەكمۇ، بىراق نۇرغۇن گەپلىرىمىز ئىچىمىزدە سەسىپ كىتىۋاتىدۇ.
« نىۋيۇرك ۋاقىت گىزىتى » نىڭ خەنزۇچە نەشرىدە چوڭ قۇرۇقلىقتىكى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا « خۇشاللىقىنىمۇ، قايغۇسىنىمۇ دىيەلمەسلىك » دەپ باھا بەرسە، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىنى چەكلىدى، راستىنى دىسەم ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل كۆرسەتمىلەرنى كۇرىپ ھاڭۋىقىپ قالغان، ئادەتتە سەن ۋەھىمە قىلىدىغان نەرسىلەر كۆپ بولسا، ئەقەللىيسى سەن ئىشىنىدىغان بەزى ئىشلارمۇ يۇقاپ كىتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيىپ، ئاۋامنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە يىتەكلىيەلمەي، قۇلاقنى يۇپۇرىۋەلىپ ئۇزىنى ئالداش، ئىچكى ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ، جوڭگونىڭ ئىشەنىچ دەرىجىسىنى تۇۋەنلىتىدۇ. « شىنخۇا گىزىتى » ئەينى چاغدىكى چوڭچىڭ شەھرىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتنى مونۇپۇل قىلىش قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ، ئاۋامغا ياخشى تەسىر بەرگەن ئىدى.
ئەگەر بۇنى دەرىسلىك كىتاپلارغا كىرگۇزگىدەك چوڭ جاسارەت دىسەك، ئۇنداقتا بۇگۇنكى جوڭگو دائىرلىرىگە شۇنداق دىيىش كىرەككى، نۆۋەتتىكى ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چۇقۇم ئاشكارىلاش كىرەك، ئەگەرسەن ھەقىقەتنى بۇرمىلىماقچى بولساڭ، ئاۋام ساڭا ئىشىنەرمۇ؟، تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى يىللاردىكى قەھرىمانلىقنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستى.
جوڭگونىڭ قۇدرەت تەپىشىنى ئۇمىد قىلمايدىغان بىرەر جوڭگولىق بولمىسا كىرەك، بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىشەنچ كىرزىسىگە تولغان دەۋىردە، بۇ خىل ئۇمىد ئاۋامغا ئىشەنىچ تۇرغۇزىدىغان بىردىن-بىر ئىتىقاد بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ ئۇچىن باراۋەرسىزلىك، بىسىم، قاراڭغۇلىق ۋە بىمەنىلىككە بەرداشلىق بىرەلمىگەندە، ھامان بىرى دەس تۇرىپ ئۇنلىك خىتاپ قىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئاشۇ نۇرغۇنلىغان ئۇنلىك خىتاپلار ئاۋامنىڭ يۇرەك ساداسىنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ، يۇرۇقلىققا ئىنتىلمەيدىغان بىرەر جوڭگولىق بولمىسا كىرەك، مەن ئەقەللىي ئىدراكنى قەھرى-غەزەپ قىلىشنىڭ باھانىسى دەپ قارىمايمەن، ئەگەر ئىدراك بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە ساختا تەسىرات بىرىپ، جوڭگونىڭ ئىسلاھاتتىكى جاسارىتى ۋە ھەركىتىنى توغرا ئەكىس ئەتتۇرەلمەيدۇ.
باي-كەمبىغاللىق ئىغىر بۇلىنىش ھاسىل قىلغان بۇگۇنكى دەۋىردە ھەممىمىز ئاددىي بىر جوڭگولىق بۇلىش سۇپىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ گۇللىنىشى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىگىنى ئۇمىد قىلىش بىلەن بىرگە بىرەر ھەقىقى خەۋەر بەرگەن مۇخبىر، مۇھەرىرنى تۇتۇپ كەتمەسلىكىنى، قالايمىقان جەرىمانە ئالماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمىز، كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يىمەكلىكنىڭ بۇلغانماسلىقىنى، زەھەرلىك كاپسۇل، يۇندا ياغنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن يۇقۇلىشىنى، ساقچىلاردىن، شەھەر باشقۇرغۇچىلاردىن قورىقماي خاتىرجەم گەپ قىلىشنى ئۇمىد قىلىمىز. پەقەت ناخشا-ئۇسۇللا بىزگە بىرىلگەن دىمۇگىراتتىيە ۋە ئەركىنلىك بۇلۇپ قالمىسۇن، ھەممە كىشى ئەركىنلىك ئايال ئىلاھىغا تەلپۇنىپ، ئامىرىكا جاھانگىرلىگىنىڭ خۇرىگىنى ئۆستىرىپ قۇيمىسۇن، بىزمۇ ئادەمدەك ياشايلى!
بۇ تەلەپلەر ئەشىپكەتمىگەندۇ؟
گۇ رۇيى ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما « جوڭخۇا فىلياتۇن تۇرى » دا 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىلان قىلىنغان.
تىلماچ: قادىر رۇزى دولان
ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى
|