- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12429
- نادىر
- 57
- يازما
- 147
ئۆسۈش
6.07%
|
مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سىياسى پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيەلىرى ئادەتتە بىزنىڭ چۈشەنچىمىزىدىن كۆپ ھالقىغان دەرىجىدە زور تەسىرى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى – دۇنيانى ئىدارە قىلىدۇ دىسەك ئارتۇق كەتكەن بولمايدۇ. ھەتتا باشقىلارنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمەن دەپ قارايدىغان ئەمىليەتچىل، چىچەن ئادەملەرمۇ ئادەتتە مەلۇم ئۆلگەن ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايدۇ.
--- جون ماينارد كەينىس *************************************************************************************************
ئۆتكەن ئەسىرلەردە ياشىغان – ئادەم سىمىس،داۋىد رىكاردو، جون ستۇئارت مىلل، كارل ماركس ھەمدە جون ماينارد كەينىس قاتارلىق داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئىدىيەسى - زامانىمىزىدىكى ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى ساھەلەرگە ھىلىھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈگلۈك. شۇڭا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى، تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلىرى توختىماي ئىقتىسادشۇناسلاردىن مەسلىھەت ئالىدۇ. ئالايلى، ئامىرىكا پرەزىدەنتى ئوبامامۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىلىرىدىن "ئىشسىزلىق، پۇل پاخاللىغى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، باج، نامراتلىقنى يوقۇتۇش، خەلقئارا سودا، سەھىيە سىياسىتى، مۇھىت بۇلغىنىش، ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، مۇئارىپ، ھەمدە بازار ھەم كارخانىلارنى تەرتىپكە سىلىش جۇملىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە" مەسلىھەت ئالىدۇ ۋە ئۇلاردىن تەدبىر كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئۇزۇن تارىخقا ۋە شانلىق مەدىنىيەتكە ئىگە بولۇپ زامانىسىدا دۇنياغا مەشئۇر يىپەك يولىنى قۇرۇپ چىقىشتا زۆرۇر تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇرلار –ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىدا ئۆزىنىڭ سودا-تىجارەتكە ماھىرلىغى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، گەرچە مۇكەممەل ئىقتىسادى ئىدىيە سېستىمىسنى بەرپا قىلىپ چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ماقال-تەمسىللىرىدە نۇرغۇن ئىقتىسادى ئىدىيە پەلسەپىسى ئەكس ئىتىدۇ.
مەسىلەن :
"كاجنى بازار ئوڭشايدۇ"، مانا بۇ سۆز، تەمىنلەش بىلەن ئىھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ باھا ئارقىلىق ئادىل يوسۇندا تەڭشىلىدىغىنىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىز بۈگۈن دەۋاتقان بازار ئىگىلىگىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنىدۇر.
"ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ھېسىپ ياخشى"، بۇ سۆزنى ئىستىمالچىلارغا تەدبىقلىساق، ئۇ ئىستىمالچىلارنىڭ بۇگۇنكى راھەتنى (نەق مالنى) – كىلەچەكتىكى راھەتتىن (نېىسى مالدىن) ئۈستۈن كۆرىدىغانلىغىنى ئىپادىلىسە، ئەگەر ئۇنى كاپىتال بازىرىغا تەتبىقلىساق، بۇ سۆز پۇلنىڭ ۋاقىت قىممىتى بولىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ.
"سىتىپ بەرگەنگە بىرنى بەرسەڭ، كۆرسىتىپ قويغانغا ئوننى"، - بۇ سوز ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرغا نەقەدەر زور ئەھمىيەت بەرگەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. سيستمىلاشتۇرۇلغان بازار ئىگىلىگى نەزىرىيىسىدە، ئۇچۇرنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولۇپ ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ .
بىزدە "ئاچلىقتىن توقلۇق يامان" دىگەن سۆز بار. يەنى بۇ سۆزنىڭ ئىقتىسادتىكى يەشمىسى – كەمچىل نەرسىنىڭ مارگىنال پايدىسى كۆپ بولىدۇ. ئەمما ھەددىدىن زىيادە كۆپ نەرسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ
"ھەسەلنى يەۋەرسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ"، بۇ سۆز كەينى -كەينىدىن ئىستىمال قىلىنغان نەرسىنىڭ ئادەمگە ئىلىپ كىلىدىغان لەززىتىنىڭ تۆۋەنلەپ ماڭىدىغانلىغىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ئىستىمالچىلار نەزەرىيىسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
مەن بۇنداق مىساللارنى ئىيتىپ تۈگۈتەلمەيمەن. نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىگىنى ئۇقمايمەن، ئەمما ئاتا بوۋىمىزدىن بىرەرى چىقىپ، ئاشۇ خىل قاراشلارنى ئىلمىلىك دەرىجىسىگە كۆتۇرۇپ، نەزىرىيە سۇپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان ئىكەن.
نوۋەتتە، ئايرىم ئادەملىرىمىزدە ئىقتىساد ئۈگۈنۈشكە نىسبەتەن قىزغىنلىق بولسىمۇ ئەمما بەزى ئادەملىرىمىز ئىقتىساد ئىلمىنى ئۈگۈنۈشكە قارىتا مۇنداق پوزىتسىيەدە بولىدۇ :
"بىزدە ئىقتىساد ئۈگەنگەنلەر پرەزىدەنت تۇرماق، ماۋۇ ناھىيىنىڭ مۇئاۋىنلىرىغىمۇ مەسلىھەتچى بولمايدۇ، بولالمايدۇ، ئۇنى ئۇگەنگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى دەيدۇ" - سۇلتان سوپى.
"ئىقتىسادتا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ، بىر ئوبدان پۇل تىپىۋاتىمەنغۇ" دەيدۇقاشتىشى سودىگىرى ھاشىم دوقى" .
"مىڭ ياخشى ئوقۇساڭمۇ ئايلىقىڭغا 2000 كويلۇق خىزمەت چىقمايدۇ" دەپ زارلىنىدۇ، رەجەپ زارى" .
" ئىش شۇنداق ئىكەن،ئۇنى ئوقۇغاننىڭ، نىمە پايدىسى؟" دەيدۇ ھوشۇر قارى".
شەخسلەر نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنى ئۈگۈنۈش– ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان كۈندۈلۈك ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى چۈشۈنۈپ ئۆزىمىزگە پايدىلىق قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەمدە بولىدۇ، مەسىلەن: پۇل پاخاللىغى يۇز بىرىۋاتقان شارائىت ئاستىدا قانداق قىلىپ مىڭ جاپادا توپلىغان بايلىقنىڭ قىممىتىنى ساقلاش كىرەك؟، پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش ياخشىمۇ ياكى ماشىنا، ئوي سىتىۋىلىش ياخشىمۇ ؟....
بىر كارخانىچى ئۈچۈن ئىيتقاندا ئىقتىسادى بىلىملەرنى ئىگەللەش ئۇنىڭ ئىقتسادنىڭ ئايلىنىش پرىنسىپىلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈپ، پايدىنى ئاشۇرۇدىغان قارارلارنى چىقىرىشتا ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن، قايسى زامانىۋى تىخنىكىنى كارخانىغا كىرگۇزۇش كىرەك؟، قاچان شىركەتتىكى خىزمەتچى سانىنى كۆپەيتىش كىرەك؟ ...
.ئىنىق ئىيتىش كىرەككى، ئىقتىساد ئىلمى، دوختۇرلۇق ۋە ياكى بوغالتىرلىققا ئوخشاش ئۈگەنگۈچىگە دەرھال پايدا ئەكىلەلەيدىغان ئەمىلى كەسپى ئىلىم تۈرىدىن ئەمەس، يەنى ئۇ سىزگە قانداق پۇل تىپىشنى ئۈگەتمەيدۇ گەرچە ئۇ سىزنىڭ شەخسى ئىگىلىگىڭزىنى ياخشى باشقۇرىشىڭىزغا ياردەمدە بولسىمۇ. چۇنكى، تېگى تەكتىدىن ئىيتقاندا ئىقتىسادشۇناسلىق مەسىلىلەرنى شەخس نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائى نۇقتىدىن يەنى توۋارلارنىڭ ئىشلەپچىقىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، تەقسىملىنىشى ۋە ئىستىمالىنى بىر پۇتۇن جەمىيەت نۇقتىسىدىن چىقىپ ئانالىز قىلىدۇ.
- خوش، شۇنداق ئىكەن، ئىقتىسادشۇناسلىق زادى قانداق ئىلىم؟
ئايانكى، ھاياتلىق ئۈچۈن-بىزگە زۆرۈر بولىدىغىنى ساپ ھاۋا، سۇ، يىمەكلىك، كىيىم كىچەك ۋە تۇرالغۇ جاي. لىكىن، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ماددى ئىھتىياجلىرى ئەسلى مەنادىكى بىرلەمچى ئىھتىياجدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. سىزنىڭ بىردەم ئىززەت ئىلياسنىڭ، بىردەم ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ناخشا پلاستىنكىلىرىنى ئاڭلىغىڭىز كىلىدۇ. بىردەم، ساياھەت قىلىپ ئېلى ۋادىلىرىغا، ئالتاي يايلاقلىرىغا، تارىم چۆللۈكلىرىگە، پامىر ئىگىزلىكلىرىگە بارغۇڭىز كىلىدۇ. پاسسپورت ئىلىش ئاسان بولغان بولسا، ماددى شارائىتىڭىز يار بەرگەن بولسا ئاتا-ئانىڭىزنى مەككىگە يولغا، ئوغۇل-قىزىڭىزنى ئامىرىكىغا ئوقۇشقا يولغا سالغىڭىز كىلىدۇ. دىمەك، ئادەمنىڭ ئارزۇسى چەكسىز بولىدۇ، ئەمما ئۇ خىل ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان ماددى شارائىت چەكلىك بولىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا، سىزنىڭ ماددى ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدىغان بايلىقلار چەكلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا، سورىشىڭىز مۇمكىن: ئاشۇ چەكلىك بايلىقتىن پايدىلىنىپ ئوزەمدىكى چەكسىز ئىھتىياجنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە قاندۇرغىلى بولامدۇ؟
ئىقتىساد ئىلمى مانا مۇشۇ مەسىلىنى يەنى "قانداق قىلغاندا چەكلىك بايلىقنى ئەڭ ئۈنۈملۇك ئىشلىتىپ چەكسىز ئىھتىياجنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە قاندۇرغىلى بولىدىغانلىق"ئىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائى پەندۇر. ئۇنىڭ ئىجتىمائىلىغى -ئۇنىڭ ئادەملەرنىڭ (توغرىسىنى ئىيتقاندا ئىستىمالچىلارنىڭ) ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىغىدا ئىپادىلىنىدۇ .
ئىقتىسادشۇناسلار مەسىلىلەرنى ئويلاشقاندا ئۆزىگە خاس ئىقتىسادى تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ :
ئالدى بىلەن بايلىق چەكلىك، ئىھتىياج چەكسىز بولغانلىقتىن، "چەكلىكلىك" بىزنى "تاللاشقا" مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما تاللاشنىڭ "پۇرسەت تەننەرقى" بولىدۇ. ئالايلى ئىنىمىز ئىلكان مۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلسۇن: ياكى ھەر دۇشەنبە كۇنى كەچ 5-7 گىچە "قارلۇق" يۇقۇرى تېخنىكا شىركىتىدە سائىتىگە 30 يۇئەندىن ئىشلەش ياكى "ئاتلان" دا 2 سائەت ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈش. بۇ يەردە ۋاقىت يەنى دۇشەنبە كەچ 5-7 غىچە بولغان ۋاقىت ئۇنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقان بايلىقىدۇر. شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدە ئۇ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى كىرەك. ئەگەر ئۇ "قارلۇق" تا ئىشلەش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچسە، ئۇ چاغدا ئىلكان 60 يۇئەندىن قۇرۇق قالىدۇ. مانا مۇشۇ 60 يۇئەن ئۇنىڭ ئىككى سائەت ئېنگلىزچە ئۇگەنگىنىنىڭ "پۇرسەت تەننەرقى" بولىدۇ. قايسى خىل تاللاشنىڭ پۇرسەت تەننەرقى ئۈستۈن بولسا، ئىلكان ئۇ خىل تاللاشنى قىلمايدۇ. يەنى "ئېنگلىز تىلى ئۈگۈنۈشنىڭ پۇرسەت تەننەرقى 60 يۇئەندىن 600 يۇئەنگە كۆتۈرۈلسە، ئىلكان "دۇشەنبە كۇنى كەچتە 2 سائەت ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ "قارلۇق"تا ئىشلەپ 600 يۇئەن تىپىشنى تاللايدۇ .
ئىقتىساد ئىلمى – كىشىلەر "ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىدۇ" يەنى "ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ" ئىش-ھەركەتلىرىدە ئۆز پايدىسىنى ئەڭ يۇقۇرى قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىدۇ دىگەن پەرەز ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بۇ قاراش "ئىدراكلىق قارار چىقىرىش" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى – شەخسلەرنىڭ ئىھتىياجىنىڭ تۈرى، ماددى شارائىتى ۋە قارار چىقارغاندا ئاساسلانغان ئۇچۇرى ھەر خىل بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزىگە پايدىلىق دەپ قارىغان بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان قارارلارنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئوخشاش بىر مەسىلىدە ئاپىرىدە بىلەن تاراتىنىڭ چىقىرىدىغان قارارى ئوخشاش بولماسلىغى مۈمكىن. چۇنكى، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجى، شارائىتى ئوخشىماسلىغى مۇمكىن. مۇشۇ مەنادىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ "ھەركىتى" – "ئىدراكلىق ھەركەت" دەپ قارىلىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلار مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلغاندا يەنە بىر تايىنىدىغان ئۇسۇل – مارگىنال ئانالىز ئۇسۇلىدۇر. مارگىنال دىگەن سۆز ئەسلىدە ئۇيغۇرچىدە يوق بولۇپ ئۇنىڭ تۈز مەنىسى ئۇيغۇرچىدىكى "چەت-ياقا"، "بۇرجىگى" دىگەن سوزگە يىقىن كىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئىقتىسادشۇناسلىقتا "بىر بىرلىك ئوزگۇرۇش"، "قوشۇمچە"، "يەنە بىر بىرلىك" دىگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ.
بىز – كۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا، ھاياتىمىزدا تاللاشقا دۇچ كىلىمىز، سەۋەبى بىزدىكى ئىمكانىيەت چەكلىكتۇر .ئىمكانىيەتنىڭ چەكلىك بولۇشى – بايلىقنىڭ كەمچىل بولۇشىدىندۇر. شۇڭا بىزنىڭ ھەر بىر تاللىشىمىز –مارگىنال پايدا ياكى مارگىنال ئۇنۇم ۋە مارگىنال تەننەرققە بىرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ شەنبە كۇنى ئىككى سائەت قوشۇمچە ۋاقتىڭىز بولسا نىمە قىلىسىز؟ ئادىلجان تۇنىيازنىڭ شېىئىرلىرى بىلەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئوبزورلىرىنى ئوقۇپ لەززەتلىنەمسىز ياكى كۆرپىنى يۇمشاق سىلىپ، ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ئۇخلاپ راھەتلىنەمسىز ۋە ياكى كيۇكيۋدا كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشامسىز؟
ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۈگەنگەندە نەزەرىيىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق بىلەن تەجىربىچىلىك ئاساسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك:
ھەرقانداق ئىلىم – ۋەقە-ھادىسىلەرنى، رىئاللىقنى ياكى پاكىتنى كۈزۈتۈش، ۋە ئۇنىڭ ئۇستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق بولىدۇ. جۈملىدىن ئىقتىسادشۇناسلىقمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىقتىسادشۇناسلىق –بىر ئىجتىمائى پەن سۇپىتىدە ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغۇچى ئامىللارنىڭ كۇزەتكىلى ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان ھەركەتلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ. لىكىن ئىقتىسادى پائالىيەتلەر ھەققىدە پاكىتلىق ماتىريال توپلاش مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلار مەسىلىنى ئاناليز قىلغاندا ئالاھىدە ئىھتىياتچان ۋە سەزگۇر بولۇپ، مەسىلىگە ئالاقىدار پاكىتلارنى توپلايدۇ، مۇناسىۋەتسىزلىرىنى شاللىۋىتىدۇ . ئىقتىسادشۇناسلىقتا – پاكىتلارنى سيستىملىق توپلاش، ئۇلار ئۇستىدە ئاناليز ئىلىپ بىرىش ۋە چۇشەندۇرۇش ھەمدە ئۇلاردىن بىر ئومۇمىلىققا ئىگە يەكۇنگە ئېرىشىش ئۇنى پرىنىسپقا يەنى باشقىچە ئىيتقاندا نەزەرىيىگە كوئۇرۇش جەريانىنى – نەزىرىيىۋى ئىقتىسادشۇناسلىق دەپ ئاتايدۇ. دىمەك، ئىقتىسادشۇناسلار ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى ئاناليز قىلغاندا گاھى پاكىتتىن نەزىرىيىگە كۆچسە، گاھى نەزىرىيىدىن پاكىتقا كۆچىدۇ.
. پاكىت بىلەن نەزىرىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ ئىقتىسادشۇناس كەننىس بوئۇلدىڭ مۇنداق دەيدۇ :
" پاكىت بولمىغان نەزىرىيە – بىنامسىزدۇر، نەزىريىسىز پاكىت - مەنىسىزدۇر".
ئادەتتە ئىقتىسادشۇناسلار، كۈزۈتۈش، تەپەككۇر ۋە لوگىكا ھەتتا تۇيغۇ-سىزىمنىڭ تەسىرىدە مەلۇم مەسىلە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشىدۇ، لىكىن ئۇ خىل خۇلاسە تىخى سىناقتىن ئۆتمىگەنلىگى ئۈچۈن– بىر خىل قىياس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن قېرىندشىمىز راۋاج تاپ باغداش مۇنبەر ئەھلىنىڭ قانۇنيولى بۇرادىرىمىز تەرىپىدىن بازارغا سىلىنغان "ئانا تىل" ماركىلىق مەلۇم خىل تاۋارنىڭ سىتلىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالىنى كۈزەتسۇن :
مەھسۇلاتنىڭ باھاسى – 100 يۇئەن بولغاندا (سىتىۋالغان سانى)
:بوزقىر ئاكا – 4
توخۇتۇر– 3
كۆيگەن دېڭىز-2
فىدا- 3
دەريا -2
جاھانگىر– 2
مەھسۇلاتنىڭ باھاسى – 50 يۇئەنگە چۈشۈرۈلگەندە (سىتىۋالغان سانى)
بوزقىر ئاكا – 6
توخۇتۇر– 4
كۆيگەن دېڭىز-3
فىدا- 4
دەريا -3
جاھانگىر– 3
بۇنىڭدىن راۋاجتاپ مەلۇم خىل پەرەز ئاساسىدا (ئاساسلىغى، باشقا شارائىت ئۆزگەرمىگەندە پەرىزى) مۇنداق ئومۇمىلىققا ئىگە خۇلاسىگە كىلىشى مۇمكىن:
توۋارنىڭ باھاسى چۈشكەندە، ئۇنىڭغا بولغان ئىھتىياج ئاشىدۇ.
بىراق پەرەز ئاساسىدا چىقىرىلغان بۇ خۇلاسە مۇشۇ مەھسۇلاتنى سىتىۋالغان نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ئالايلى، باغداش، موزات، نۇر، تارىم0097، قارابوران، تاھىربەگ، ئابدۇللا، سايرام، ئاليار، چابداس،دولاتائوغلى، باغداش، نافىسا0997،تۇرالپ، پاراسەت،زىبانۇر، مەھرىبانھانىم،نارگىس،دىلكاش1، ئابايتارىم ،ئۇيغۇرزۇۋان، ،توزان،دىلناز،بوغدالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىككى خىل باھا شارائىتىدىكى بۇ خىل مەھسۇلاتقا بولغان سىتىۋىلىش مىقدارىنى ئىگەللەشكە توغرا كىلىدۇ. بىز ئىرىشكەن ئەمىلى سانلىق مەلۇماتلار – باھا بىلەن ئىھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەپ بىز يۇقۇرىدا ئىيتقان ئومۇمىلىققا ئىگە خۇلاسىنىڭ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىگىنى دەللىلەمدۇ –يوق؟ مانا بۇ – ئىقتسادشۇناسلىقتا تەجىربىچىلىك ئىقتىسادشۇناسلىغى دەپ ئاتىلىدۇ . خۇلاسىلىغاندا، ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۈگەنگەندە، ھەر خىل ئىقتىسادى نەزەرىيىنى ياخشى ئىگەللەش ھەم تەجىربىچىلىك ئاساسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇسۇللىرىنى جانلىق ئىگىلەش كىرەك .
2012-يىلى 29-دىكابار
|
|