- تىزىملاتقان
- 2012-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 618
- نادىر
- 2
- يازما
- 12
ئۆسۈش
23.6%
|
داۋامى
قارشى قىرغاققا ئۈتۈش
ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشى بولسا دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ۋەقە،پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمنى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئۇرىشىغا سۆرەپ كىرىپ كەتكەن بۇنداق ۋەقە تولىمۇ ئاز كۆرىلىدۇ. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشغا بولغان تەتقىقات ،ۋە كىيىنكى 40 يىللىق فىرانكو ھاكىميىتىگە بولغان چۈشىنىش ،ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە ،ئۇرۇش ۋە ئىچكى قىسىمدىكى رەھىمسىز دۈشمەنلىشىش تەرپىدىن تۇسۇلۇپ قالغان.تەتقىقاتچىلار چۇڭقۇرلاپ كىرەلمەيتى،تېخى بۇسۇغىغا كەلمەي تۇرۇپ ،ئېقىپ چىققان قانلار تىزغا كىلەتتى ،يەنە چۇڭقۇرلاپ كىرسە قانغا چۈكۈپ كىتەتتى. شۇڭا ،ئاددىلاشتۇرۇپ بىر ھەق-ناھەق ھۆكۈمى چىقىرىش،بىر قەدەر بىخەتەر ئۇسۇل بۇلۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى سول قاناتلار فىرانكو تەرەپنى فاشىست دەپ قارىدى،ئوڭ قاناتلار بولسا مەغلۇپ بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنى سېۋىت نىڭ قىزىل ئۇنسۇرلىرى دىدى. بىراق سىرىتتىكىلەر تېشىدا تۇرۇپ ئۇنى –بۇنى دىسە بولغىنى بىلەن ،ئىسپانىيە خەلقى ئىچىگە سولاقلىق ئىدى. بۈلۈنمىچىلىك ،ۋەھشىلەرچە قارشىلىشىش،دەريا كەبى ئاققان قانلار ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان رىئاللىقتىن تەدىرىجى ھالدا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تارىخقا ئايلاندى. ئىسپانىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بۇ تارىخى قاپقاندىن قانداق قۇتۇلۇش تىن ئىبارەت ئېغىر مەسىلە بارئىدى.
شۇنداق دىيىشكە بۇلاتتىكى ،مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ، بۇ تارىخى مەسىلىدىن قانداق قۇتۇلۇش ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ قىيىن ،بىراق ،بىردىن -بىر تېخمۇ كۆپ تەشەببۇس كارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئادەم ئېنىقكى فىرنكو. جۇئان كارلۇس I نىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە ئۇنىڭ تەربىيلىنىش شەكلى ، فىرانكونى چۈشىنىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى. فىرانكو بىر مۇستەبىت ، بىراق مۇستەبىت ۋە مۇستەبىت ئوتتۇرىىسىدىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيقاندا ماھىيەتلىك پەرىق مەۋجۇت:يەنى، ئاقىلانە مۇستەبىت ۋە نادان مۇستەبىت. بۇ گەپ ئاڭلىماققا غەلىتە،بىراق بىر ھەقىقەت. ئاقىلانە مۇستەبىت دىمكۇراتىك جەمىيەتنىڭ بىر تارىخى يۈزلىنىش ئىكەنلىگىنى ، ئۆزىنىڭ توقۇنۇشلۇق جەمىيەتنىڭ ئىلاجسىز تاللىشىنىڭ نەتىجىسى، بىر تارىخى ئۆتكۈنچى شەخىس ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ،ئەمما بىر نادان مۇستەبىت ، مۇستەبىت تۈزۈمنى جەمىيەتنىڭ مۇقەررە مەھسۇلى دەپ قاراپ ، خۇددى قەدىمى پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئوشاش ،ئۆز ھوقۇقىنىڭ دەۋىرمۇ دەۋىر ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مىرس قېلىشنى ئويلايدۇ. جۇئان كارلۇس I نىڭ ئەسلىمىسىدە ،فىرانكو ئۆزىنىڭ بىر تارىخى ئۆتكۈنچى شەخىس ئىكەنلىگىنى چۇڭقۇر چۈشىنەتتى. فىرانكو جۇئان كارلۇس I غا پەقەتلا ئالدىنىقى قاتاردىكى مائارىپ تەربىيسى قۇبۇل قىلىش شارائىتى ۋە پۇرسىتىنى بەردى.سىياسەت توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن كەمدىن كەم پاراڭلىشاتتى،سىياسى مەسىللەرنى بىتەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئاساسەن دىگۈدەك كۆرسەتمە بەرمەيتى ،نەسىھەت قىلمايتى. فىرانكو دەۋرىدىكى ئسپانىيەگە قارىتا ،ياش شاھزادە خىتيارسىز ھالدا ،«مۇنداق ياكى ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سورايتى. جۇئان كارلۇس I ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق ۋاقىتا فىرانكو: « مەن راستىنلا بىلمەيمەن،ئەمما ئالىلىرى، مەن قىلمىسام بولمايدىغان ئشلارنى سىزنىڭ قىلىشىڭىزنىڭ پەقەت ھاجىتى يوق ،سىز پادىشاھ بولغان ۋاقىتتا ،دەۋىر ئاللا قاچان ئۆزگەرگەن بۇلىدۇ،ئىسپانىيە خەلقىمۇ ھازىرقىغا ئوخشىمايدۇ » دىگەن. جۇئان كارلۇس I سىياسى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ يىغىنىنى ياندىن ئاڭلىماقچى بولغاندا ،فىرانكو يەنىلا شۇ گەپنى دىگەن : « بۇنىڭ سىزگە ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ، چۈنكى مەن قىلىدىغان ئىشلارنى سىزنىڭ قىىلشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.»
جۇئان كارلۇس I غا نىسبەتەن بۇ چاغ تولىمۇ ھالسىرغان ۋاقىت بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ توقۇنۇشلۇق تارىخى ،بۇنۇڭغا قۇشۇلۇپ دادىسى بىلەن فىرانكو ئوتتۇرسىدا تۇرىۋاتقان مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بار ئىدى. شۇنداق دىيىىشكە بۇلدىكى ،ئۇ چوڭ بولۇپ ،ئۇنۇڭدا دىمكۇراتىك سىياسى چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشى بولسا ،ئۇ قۇبۇل قىلغان غەرىپ ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ مەنتىقىلىق نەتىجىسى، ئۇلار ياۋرۇپا تارىخى،قانۇن،سىياسەت قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگگە ئالىدۇ. بۇنداق تەربىيە فىرانكونىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرىشى بۇلۇپلا قالماي ،ئۇ بۇنداق تەربىيەدىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى . پادىشاھ كىيىن ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ، ئۇنىڭ سىياسى قانۇن مۇئەللىمى ،كىيىن ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەڭ ياخشى ياردەمچى ۋە پارلامىت باشلىقى بولغان،مۇئەللىمى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:«سىزنىڭ مۇتئەسسىپلەرگە فىرانكو دەۋرىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ساقلاش قا قەسەم بېرىشتىن ئەندىشە قىلىشىڭزنىڭ ھاجىتى يوق،بىز تەدىرىجى قانۇنلۇق ھالدا ،بىر ماددا-بىر ماددىدىن تەدىرىجى قانۇننى تۈزىتىمىز.». ئەڭ ئاخىردا ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلدى ،يەنە كىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرالىدى.
ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ،فىرانكو « قۇغۇن پىشسا ساپىغىدا تۇرمايدۇ.» دىگەن خەلق ئارىسىدىكى بۇ كونا گەپكە تولىمۇ ئىشنەتتى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەينى ۋاقىتا ھەل بولمىغان نۇرغۇن مەسللەرنىڭ ھەل بۇلدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنەتتى. جۇئان كارلۇس I ئۆسۈپ يىتىلگەن دەۋىر ، ئىسپانىيە تەدىرىجى ئۆزگىرىۋاتقان دەۋىر ئىدى. ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بولسا، ئىچككى ئۇرىشتىن كىيىنكى بىر ئەۋلات يىڭى دەۋىردىكى ئىسپانىيەلىكلەر بۇلۇپ ، جۇئان كارلۇس I ئۇلار بىلەن تەڭ ئۈسۈپ يىتىلگەن ياش ئىدى.بۇ يىڭى ئەۋلات ئۇتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى بىر ئەۋلاتقا ئوخشاش ئۆزئارا ئۆچمەنلىك يوق.
جۇئان كارلۇس I نىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بىر تەرەپتىن ، كۆپ يىللاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتىنىڭ ئىھتىمال فىرانكوغا مەلۇم قىلىنىۋاتقانلىغىنى بىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، فىرانكونىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىلىشى بىلەن ئۇ ئەڭ ياخشى مائارىپ تەربىيسى قۇبۇل قىلدى. فىرانكونىڭ ئوغىلى يوق ، كىيىن ، جۇئان كارلۇس Iمەلۇم مەنىدە فىرانكو ئۆزىنى ئوغىلى ئۇرنىدا كۆرگەندەك ھىس قىلدى. بىراق ،فىرانكونىڭ تەبىئىتى بولسا پوزىتسىيىسى سوغۇق ،كەم سۆز،جىمغۇر ئادەم،ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ھىسياتىنى ئىپادىلەپ باقمىغان. فىرانكو ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئالاقە قىلىشغا يىتەرلىك شارائىت ھازىرلاپ بەردى. جۇئان كارلۇس I سىياسى غايە جەھەتتىن ئېيتقاندا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى دادام دەپ قارايدۇ. ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى بولسا ،فىرانكو ئۇنىڭغا ئۇرۇنلاشتۇرغان تەربىيە ،دەل ئۇ دادىسىنىڭ غايىسىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى.
جۇئان كارلۇس I بەزىدە ئۆزى بىلەن دادىسى ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى ئەسلەيتى.دادىسى شۇنچىلىك يېقىن جايدا تۇرۇپمۇ ئىسپانىيەگە قايتالمايتى ،ئەمما ئۇ يىللاپ مادىرىتتا ئوقۇيتى. دادا- بالا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بىر مەزگىل ئىسپانىيەگە بولغان تۇنۇشنىڭ ئوخشاش بولماسلىغى تۈپەيلى قىيىنلىشىپ قالغان. جۇئان كارلۇس I مۇنداق دەيدۇ.18 ياشتىلا چەتئەلگە سەرگەردان بولغان دادىسى ،ھەرقانداق بىر ئۇزۇن يىل سىرتتا سەرگەردان بولۇپ يۇرتىغا قايتمىغان ئادەمگە ئوخشاش، كونا ۋەتىنى بارا-بارا بىر چۈش كە ئايلىنىپ كەتكەندەك، ئسپانىيەمۇ ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتىرىسى ۋە تەسەۋۇردىكى سىماغا ئايلانغان. ئەمما، جۇئان كارلۇس I مۇشۇجايدا ياشايدۇ،بۇيەرنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىدۇ،ئۇ ئۆز-ئۈزىگە: دادىسى ئۈزىگە ئېيتىپ بەرگەن ئۇ ئىسپانىيەنىڭ ئاللا قاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغانلىغىنى،ئىسپانىيەنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلنىغىنى ، بۈگۈن بۇيەردە ياشاۋاتقان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىمىىسىدىكى ئىسپانىيە ئەمەسلىگىنى ئېيتاتتى. ئەمما ،ئۇ يەنە دادىسىغا : « سىز خاتالاشتىڭىز ،دادا،ھەممە ئاللا قاچان ئۆزگەردى، سىز ياشىغان ئىسپانىيە بىلەن مەن ياشاۋاتقان ئىسپانىيە ھازىر ئوخشاش بىر جاي ئەمەس.» دەپ ئۇدۇللا ئېيتالمايتى . دادىسى بىر مەزگىل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئاچچىقلىنىپ « سەن قانداقسىگە فىرانكو بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا بۇلۇپ قالدىڭ » دىگەن. جۇئان كارلۇس I دادىسىغا: «چۈنكى مەن فىرانكو بىلەن بىر ئوخشاش بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىمەن» دىگەن. يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ بولسا ئۇ ھەرقاچان كەلگۈسىدىكى بىر سىياسەت يۈرگۈزگىچىنىڭ نەزىرى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيتىگە نەزەر سالاتتى. خوشاللىنارلىق يېرى ، ئۇنىڭ دادىسى « ئىسپانىيە ئۆزگىرىش ئىچىدە » دىگەن بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىپ ، ئوغىلىنىڭ رىئال ئىسپانىيەنى چۈشەندۈرىشىنى ۋە ئوغىلىنىڭ بىر قىسىم كۆزقاراشلىرىنىڭ مەنبەسەنى كۆڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاشقا باشلىدى. بۇخىل ئالاقە غايە ۋە رىئاللىنى ماسلاشتۇردى.بۇ كەلگۈسىدىكى پادىشاھ قا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىدى.
ئاخىر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ. |
|