- تىزىملاتقان
- 2011-1-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 835
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
67%
|
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى qabiljanدە2013-01-08 00:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بۇرۇن مىسرانىمدىكى چاغدا يېڭى تېمىلىرىمنى مىسرانىم مۇنبىرىگىلا بېرەتتىم.تورغا چىقساملا شۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ باشقىلارنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈش،ئىنكاس يېزىش بىلەن شۇغۇللىناتتىم. يەتتىنچى ئايدا باشقۇرغۇچىلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. تېما تەستىقلاش ،تەھرىرىلەش،باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا باھا بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بۇرۇنقىدەك كۆپرەك تېما يېزىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم.بىر يېرىم يىلدىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان <<شاھنامە>>نى نەزمى شەكىلدىن نەسرى شەكىلگە ئۆزگەرتىپ رومانلاشتۇرۇش ئىشىممۇ ئاقساپ قالدى.بۇنى قوللايدىغان،ماڭا مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بەك كۆپ ئېدى.لېكىن ئەپسۇس مەن يازغان <<ئوغۇرلاپ كېتىلگەن خوتۇن>>ناملىق ھېكايە بىلەن ئەلخۇمار ناملىق ئەزا مېنىڭ باشقۇرغۇچىلىقتىن چۈشۈپ كېتىشىمگە سەۋەپچى بولدى.ئۇ ئەلسۆيەر دېگەن چىرايلىق نام بىلەن بۇ مۇنبەرگىمۇ كىرىۋاپتۇ.
ئۇ مەن سىلەرگە سۇنغان <<ئوغۇرلاپ كېتىلگەن خوتۇن>>ناملىق ھېكايەمگە <<سېپى ئۆزىدىن سېرىق شەھۋانى ھېكايە>>دېگەن باھانى بېرىپ ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرداشلارنى ئېزىقتۇرماقچى،ئۆزىگە ئەگەشكۈزۈپ ئىنكاس يازغۇزۇپ مېنى تىللاپ سېسىتماقچى بولدى.ئۇنىڭ باھايى،ئىنكاسى توغرا بولمىغان،ئازغىنە ئىش كۆپتۈرىلىپ مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن ئېدى.مىسرانىمدا بىر ئادەت بار.مۇنبەر زىيارەتكە كۆپ ئادەم كىرگەن بىلەن تېما ئوقۇيدىغانلار ئاز،ئىنكاس كۆرىدىغانلار بەك كۆپ.تېمىنى ئوقۇمايلا چۈشكەن ئىنكاسلاردا نىمە دېيىلگەن بولسا شۇنىڭغا ئەگىشىدىغان،ئىنكاستا ئاقنى قارا دەپ يېزىلىپ قالغان بولسا باشقىلارمۇ قارا،قارامتۇل،قاپقارا،ئەشەددى قارا دەپ ئىنكاس يېزىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بار.ئەلۋەتتە ھەممىسى شۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن.تېمىنى توۇق ئوقۇپ ئادىل باھالايدىغان،تېما ئېگىسىنى يېتەكلىيەلەيدىغان ياخشى مۇنبەرداشلارمۇ خېلى بار.بار.مەن ھېلىقى ئەلخۇمارنىڭ ئىنكاسى ناتوغرا يېزىلغان بولغاچقا ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتتىم.كىممۇ قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتنى قوبۇل قىلالىسۇن؟! ئىككى كۈندىن كېيىن ھىكايەمدە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنكاسى پەيدا بولدى.ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ<<ئىنكاسىمنى نىمىشقا ئۆچۈرۈۋەتتىڭ،ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى...دەپ بىرمۇنچە ھاقارەت سۆزلىرىنى يېزىۋېتىپتۇ.مەن ھاقارەت ئاڭلاپ كۆنمىگەن ئېدىم.بۇ ھاقارەت بەكلا تەسىر قىلدى.شۇڭا ئاچچىقىمنى باسالماي ئۇنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆزى تىللىغان تىل يۆنۈلىشى بويىچە تىللاپ سالدىم.ھەم چەكلىۋەتتىم.شۇنىڭ بىلەن 6-يانۋار كۈنى باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپەم ئلىپ تاشلىنىپ بۇرۇنقى ئۈمىدلىك ئەزا لىق سالاھىيىتىمگە قايتۇرۇۋېتىلدىم.مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىمنى سورىسام <<ئەلخۇمار>>غا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرۇمنى كۆرسەتتى.شۇندىن كېيىن مەن بۇرۇن ئەزا بولغان،لېكىن تېما يوللاپ باقمىغان <<تەڭرىتاغ>>،<<باغداش>> قاتارلىق مۇنبەرلەرگە ئۆزۈم يېقىندا يازغان،مىسرانىمدا چېكىلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقۇرى بولۇۋاتقان،ھەم مېنىڭ يەكلىنىشىمگە سەۋەپ بولغان بۇ ھېكايىنى تەڭلا يوللاپ <<ئەسسالام>>دەپ كىردىم. مەقسىدىم بىرىنچىدىن كىرگەن ئىكەنمەن قۇرۇق كىرگۈم كەلمىدى.ئىككىنچىدىن باشقا مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلارنىڭمۇ بۇ ھېكايىگە بولغان باھاسىنى ئاڭلاپ باققىم كەلدى.ئۇ ھېكايە بىلەن بۇ ماقالە مېنىڭ 12- ئايدىن بېرى بىر ھەپتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ چىققان تېمىلىرىم ئېدى.مەن بۇئەسەرلىرىمنى تۈنۈگۈن يوللاپ بولغاندىن كېيىن باغداشتىكى قېرىنداشلارنىڭ باھاسى ياخشى بولدى.لېكىن ھېلىقى ئەلخۇماربۈگۈن ماڭا بۇ مۇنبەردە ئىككى قېتىم قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ قاتتىق ھاقارەتلىدى.قانداقتۇ كۆزۈڭگە كۆرسۈتىمەن،قىساس ئالىمەن دېگەندەك پوپۇزا سۆزلىرىنىمۇ ئىشلىتىپتۇ. ئەجەبا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ تېما يازماق ئاسانمۇ؟!بەزى مۇنبەرداشلار سورىغاندەك مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ تېمىسىنىڭ ئوغرىسى بولۇپ قالدىممۇ؟! بۇ ماقالىنى مەن 12-ئايدا مىسرانىمغا بەرگەن،تۈنۈگۈن ئىككىنچى قېتىم باغداشقا بەردىم.باشقا مۇنبەرلەرگە بەرمىدىم. ئەگەر بار بولسا بىراۋلار ياقتۇرۇپ باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان بولۇشى مۈمكىن.مېنىڭ خېلى ئۇزاقتىن بېرى باغداش مۇنبىرىگە ھۆرمىتىم قايىللىقىم بار ئېدى.شۇڭا بۇ مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ مېنى يات كۆرمەسلىكنى،قوينىغا ئېلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارتۇق گەپ ساڭا يۈككەن ..ئۇچۇر قىلغىنا ماڭا مىسىرانىمنىڭ پارىڭىنى شۇ يەردە قىلىشىلى تەھرىرلىۋەتتىم |
|