قورقۇنۇشلۇق «تۈزۈملەشتۈرلۈش»
ۋاڭ شىڭ چاڭ
بىر كىنو كۆرگەنمەن."شاۋ.شوكنىڭ قۇتقۇزۇلىشى"دىگەن بۇ كىنودا بارۇس دەيدىغان بىر قېرى مەھبۇس،تۈرمىدە 50 يىل قامىلىپ قېرىغىنىدا قويۇپ بېرىلىدۇ.بىراق بۇ قېرى جىنايەتچى تۈرمىدىن چىقىشقا ئۇنۇماي،تۇرمىدىشىنى قەسىتلەش جىنايىتى ئارقىلىق داۋاملىق تۈرمىدە قېلىشنى ئىستەيدۇ.بۇ چاغدا باشقا تۈرمىداشلار ئۈلگۈرۈپ كېلىپ قىلىپ،ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ،ئۇ ئازاپلانغىنىدىن مىشىلدىغىنىچە قولىدىكى پىچاقنى تاشلىۋېتىدۇ.ئاخىرىدا ئۇ قويۇپ بېرىلىدۇ،بىراق سىرىتتىكى تۇرمۇشقا كۆنەلمىگىنىدىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ.
بىر نورمال ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن،ھەممە ئادەم ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ،ھىچكىممۇ تۈرمىدە بىر ئۆمۈر يېتىشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.بىراق بۇ بارۇس دىگەن قېرى مەھبۇس تۈرمىدە بىر ئۆمۈر دىگۈدەك قامالغان،ھاياتىدىكى نەچچە ئون يىل شۇ يەردە ئۆتكەن بولغاچقا ،تۈرمە ئۇ پىششىق بىلىدىغان بىردىن-بىر يەر بولۇپ قالغان.بۇنداق ئەركىنلىكتىن خالى تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغاندا ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدىغان گەپ،ئەركىنلىك ياندۇرۇپ بېرىلگىنىدە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي،ئەركىنلىكنى چەتكە قاقىدىغان گەپ.كىنودىكى رايىد دەيدىغان يەنە بىر مەھبۇس بۇ ئىشنى چۈشەندۇرۇپ،مانا بۇ"تۈزۈملەشتۈرۈش"دىگەن ئىش،تۈزۈلمە گوياكى بىر تامغا ئوخشايدۇ،دەسلىپىدە سەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولىسەن،بىراق بۇ تامنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇزاق تۇرغىنىڭدا،ئالدىرىماي سەنمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىسەن،ھەم ئۇنىڭغا چاپلىشىپ ياشىمايمۇ بولمايدۇ.دەيدۇ.
يەنە بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە،قەدىمقى رىم خان ئوردىسىدا بىر مايمۇن ئوينىتىش ئۆمىگى بار ئىكەن.بۇ ئۆمەكتىكى مايمۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا قۇيرۇغى كىرىشىگىلا كېسىۋىتىلىدىكەن.قۇيرۇغى كېسىۋىتىلگەن مايمۇنلار سەكرەپ تاقلاشتا قىيلىنىدىكەن دە ياۋاشلىشىپ ئوڭايلا كۆندۈرۈلىدىكەن.دەسلەپتە مايمۇنلارنىڭ قۇيرۇغىنى ئادەملەر كەسكەن بولسا،كېيىنچە قۇيرۇق كېسىشكە ئادەم كەتمەيدىغان بوپتۇ.ھېلىقى بۇرۇن كىرگەن قۇيرۇغى كېسىۋىتىلگەن مايمۇنلار بۇ قانۇنىيەتنى بىلىۋالغاندىن كېيىن،تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايچىلارنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىشىپ يېڭى كەلگەنلەرنىڭ قۇيرۇغىنى كېسىۋىتىدىكەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىنىشلىق چىرقىرىغان نالە پەريادىدىن كۈلۈشۈپ كېتىدىكەن.ئەلۋەتتە بۇ يېڭى كەلگەن مايمۇنمۇ"كېلىنچەكتىن قېينىئاناغا ئۆزگەرگەن"كۈنىدىن تارتىپ ئۆزىمۇ يېڭىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ ئەلۋەتتە.قۇيرۇق كېسىش داۋاملىشىۋېرىدىكەن،خۇددى كونا جوڭگۇدا ئاياللار تەتەي پۇت بوغقىنىدەك،مۇشۇ تۈزۈلمىگە كىرگەندىن كېيىن ،باشقىلارنىڭ سېنى قامچىلىشىنى كۈتمەيلا ئىچىگە ئىچىكىپ تۈگۈلىۋالىدىغان گەپ.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى ،تۈزۈملىشىش ئادەم تۇرماق ھايۋانلارنىڭمۇ روھىنى كونتۇرۇل قىلىۋالغىنىدا،ئەڭ ئەشەددى رەزىل قىلمىش ئادەتكە ئايلانغىنىدا،شۇنداقلا ئۇدۇم بولۇم داۋاملاشقىنىدا ،بۇ رەزىل كۆنۈكتىنمۇ يىرگىنمەيدىغان گەپ ئىكەن.
فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى2013-يىللىق1-سانى دىن
|