- تىزىملاتقان
- 2012-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5244
- نادىر
- 0
- يازما
- 470
ئۆسۈش
4.88%
|
ئاياللار
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ھايالىق ئاياللار.
ئاياللار دىگەندە بىرىنچى نوۋەتتە ھەممىمىزنىڭ ئانىلىرىمىز كوز ئالدىمىزدا.ئايال دىگىنىمىزدە ئومۇر يولداشمىز،باللىرىمىزنىڭ ئانىسى كوز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.ئايال دىگىنىمىزدە ئاچا-سىڭىلىرىمىز شىرىن-شىكەر قىزلىرىمىز نامايەن بولىدۇ.بەزى بىر كالتە پەم ئىنسانلار ئاياللار دىگەندە ئاياللىق ئىپىتىنى يۇقاتقان،ئۇمۇمەن ئىنسانىلىق ئىپىتىنى،ھايا لىباسىنى يۇقاتقان ئاياللارنى ئىسىگە كەلتۇرىدۇ.چۇنكى ئۇلارنىڭ ئوزى ھەم شۇ تاھھاپە ئنسانلاردىندۇر.
ئايال زاتتى ئەزىز دىگەندە،بىرىنچى نوۋەتتە ئاناجانلىرىمىز،ھايات-مامات ئۆتتۇرسىدا بىزنى تۇققان،بىر پارچە گوش ھالىتىمىزدە مىھىر-مۇھاببەت كورسەتكەن،يۇگۇرگەندە-يۇگۇرگەن،يىغلىغىنىمىزدا-يىغلىغان،كۇلگۇنۇمىزدە-كۇلگەن،بىرىنچى سوزنى ئۇگەتكەن،ئاناجانلىرىمىزنى ئەسلەش كىرەك،ئايال زاتتى ئۇلۇغ دىگەندە.
ئاتاجان نىمە خىزمەت بار،ئاتاجان نىمە قىلاي دەيدىغان،نەۋقىران يىگىتلەرنى تۇغۇپ،بېقىپ كاتتا قىلىپ بەرگەن، ئۇگەتكەن،ئاناجانلىرىمىزنى ئەسلەش كىرەك،ئايال زاتتى ئۇلۇغ دىگەندە.
سىرتتىن كىرىپ سۇرايدىغان بىرىنجى گىپىمىز،ئايالىمىز كوزۇمىزگە كورۇنمىسە،ئاناڭ قەنە.شۇدەم ئۆمۇر يولداشىمىزنى كورگەن چېغىمىزدا كوڭلىمىز تىنجىيدۇ.
ئاياللار توغرىسىدا مۇبارەك ھەدىسلەر ناھايىتى كوپ.
-قىيلىنىپ بالا تۇققان ئايال،قىرىق مەرتتە ھەجىگە بارغانىڭ ساۋابىنى تاپاركەن.
-ئۇخلىماستىن كىچىسى بالىسىغا قارىغان ئايال،ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.
-بالىسى كىسەل بۇلۇپ تەۋىشلەنگەندە،بالىسىغا مىھىر-مۇھاببەت كورسۇتۇپ ساقايتقاندا،بىر يىللىق ئىبادەت‹‹رۇزا شۇنىڭ ئىچىدە››بىرىدۇ دىگەن ئىكەن،مۇھەممەت رەسۇل ئەكىرەم سەللەللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
-ئېرىنىڭ كىيمىنى يۇيغان ئايالنىڭ پۇتۇن گۇناھىنى كەچۇرۇم قىلدۇ،دىگەن ئىكەن،مۇھەممەت رەسۇل ئەكىرەم سەللەللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
-ئۆينى سۇپۇرگىچە‹‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر››دىگۇچى ئاياللار مۇقەددەس كەبىنى تاۋاپ قىلغان بىلەن ئوخشاش دىگەن ئىكەن،مۇھەممەت رەسۇل ئەكىرەم سەللەللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم.
ئەنە شۇنداق ئايالىنى ئوت-سۇدىن،يامان كوزدىن ئەر ھىمايە قىلشى كىرەك.ئائىلىنى بەركەتكە،ساۋابققا تولدۇرۋاتقان ئۆمۇر يولداشىنى،خىيانەتلىك كوزلەردىن ئاسىرىشى كىرەك.
بەزىلەر كۇندەشلىك ياخشى ئەمەس دەيدۇ.كۇندەشلىكە ۋىجدان،غۇرۇر بىرلەشكەندۇر،كۇندەشلىكى يوق ئەر ئۆتى يوق كۇلگە ئوخشاشتۇر،مانا ۋەتەن دەيمىز،ۋەتەندە تۇغۇلۇپ ياشايمىز،ۋەتەندە ئاتا-ئانىمىز،بالاچاقىمىز ،ۋىجدانىمىز،غۇرۇرمىز بولغان ئايالىرىمىز ياشايدۇ.
ۋەتەن ھىمايىسى دىگىنىمىز،ئاتا-ئانىمىز،بالاچاقىمىز،ئارا نۇمۇسىمىز بولغان ۋاپالىق ئايالىرىمىز ھىمايىسى!!!
-بىر پادىشا ئىككى مەمىلكەتنى بىسۋالماق بولۇپ،ئىككى جاسۇس ئەۋەتمەكچى بوپتۇ،ئۇلارغا تاپىلاپتۇ:
-سىلەر باردىغان مەمىلكەتكە بېرىپ ئىككى يىلمۇ،ئۇچ يىلمۇ تۇرۇپ ئۇگەن شارائىتىنى،شۇنى ئالاھىدە كۇزەتكىنىكى،ئاياللىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ،ئەگەر قولۇڭلىدىن كەلسە ئويلىنىۋېلىڭلار،زىنا ئىشلارنى ھەم قىلىۋېرىڭلار،مەن شۇ خەقنىڭ خۇي پەيلىنى چۇشۇنشىم كىرەك دەپ،ئىككىسىنى ئىككى مەمىلكەتكە يولغا سالدى.
-بىرى بارغان مەمىلكەتتە،چوڭ-كىچىك دىمەي،ئەر-ئايال دىمەي مەيخانىدا،ھەمىدىن ئەلا بىلدىغىنى ئىچىملىك،بۇزۇقچىلىق،ساداقەت-ۋاپا دىگەننى يۇرتلاردا كۇرگىنى يوق،ئوزى ھەم بۇزۇق ئىشلارنى بىھامال قىلىۋەردى ھاي دىگەنگە ئىنسان يوق.
-ئىككىنچى مەمىلكەتكە بارغىنى،شۇنچىلىك بىر جايغا چۇشۇپ قالدىكى،ناھايەتتە ئەركەكلىرى ئاياللارغا كۇندەش،كەلگەنلا ئەركەك ئوز مەيلىچە ئاياللارنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ،ئەر-ئاياللىرى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ساداقىتى كۇچلۇك،ئككى-ئۇچ يىل يۇرگەن بولسىمۇ بىرەر ئايال بىلەن سوزلىشەلمىدى ھەم يېقىنلىشالمىدى.
ئىككى جاسۇس قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،پادىشا سورىدى:
-خوش سەن بارغان جايدا قانداق ئىكەن شاراھىت؟؟؟
-ئاياللىرىنى ھىچقاچان كورەلمىدىم،ئالدىغا ھەم بارالمىدىم،يالغۇز دىگەن بىرەر ئايالغا گەپ قىلاي دىسەم،ئاكىسى يا ئۇكسى،ئاتىسىياكى يولدىشى يېقىن كەلتۇرمەيدۇ،توغرا كەلگەن ئادەمنى ئويىگە كىرگۇزۋەرمەيدىكەن،ۋەتىنىگە،ئائىلسىگە ساداقىتى كۇچلۇك ئىكەن.
-سەن بارغان مەمىلكەتچۇ؟؟؟
-ئاياللىرى بىلەن چاتىقى يوق،مەيغانىدىن چىقمايدۇ،بىكار يۇرۇشكە رازىكى ئشلەش بىلەن خوشى يوق،بىپەرۋاچىلىق،ئاياللىرى بىلەن ئاسانلا بىرگە بولدۇم ،تاسادىئبى سەن نىمە قىلۋاتسەن دەيدىغانغا بىر ئەركەك يوق،ئويىگە ھەم بىمامال كىرىپ چىقىۋەردىم.
شاھ ئەيتتى،باشتىكى جاسۇسقا قاراپ:
-سەن بارغان مەمىلكەتنى بىز ئاللمايمىز،ئاياللىنى كۇنلىگەن،بىر پارچە يىرىنى ھەم بەرمەيدۇ،چۇنكى ئۇ يەردە ئارا-نۇمۇسى بار،ئارا-نۇمۇسىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدۇ ۋىجدانى بار ئەركەكلەر!!!
ئىككىنچى جاسۇسقا قاراپ ئېيتتى:
-لىكىن سەن بارغان جايدا ئارىيەت يوق ئىكەن،ئارىيەتى يوقلار،ئاياللىرىنى كۇنلىمىگەنلەر،ۋەتنىنى ھەم ھىمايە قىلالمايدۇ.پۇلغا،مال-دۇنياغا سېتېۋىرىدۇ،ئەگەر ھۇجۇمغا ئوتسەك كۇچمەيلا ئالاليمىز.
موھتىرەم ئەزىز بۇرادەرلەر:
-ئاياللىرىمىزنى يامان كوزلەردىن ساقلايلىق دىگەندە،سىز ھەم نىيىتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئايالىغا توغرا قىلىڭ.
قەدىمقى زاماندا بۇخارا شەھىرى ئەزىمدە كولەردىن سۇ توشۇپ كىشلەرنىڭ كۇپىنى توشقۇزۇپ جان باقىدىغانلارنىڭ ئىچىدە،بىر زەرگەرنىڭ ئويىگە ئون يىلدىن بىر سۇ توشىيدىغان بىر كىشى باركەن،ئۇ ھەر قېتىم شۇ ئويگە سۇ توشىغاندا،سۇن توشقۇزۇپ پۇلىنى ئېلىپ،زەگەرنىڭ ئايالىنىڭ يۇزىگە قارىماي چىقىپ كىتىدىكەن.
ئاقىۋەت بىر كۇنى سۇ توشغۇچى سۇنى توشقۇزۇپ بولۇپ ئايالغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋېرىپتۇ،زەگەرنىڭ خوتىنى ھەم پۇلىنى ئېلىپ بېرىپ سۇ توشغۇچىنىڭ قولىغا بەرگۇسى كەپتۇ.پۇلنى سۇ توشغۇچىنىڭ قولىغا بەرسە،سۇ توشغۇچى ،خۇتۇنىڭ قولىنى سىقىپ قويۇپتۇ دە چىقىپ كىتىپتۇ.
ئايال بۇ ھالەتىن قاتتىق ھەيران قېلىپتۇ،ئايال ئۇقمۇشلۇق ئايال ئىكەن،كەچتە ئېرى قايتىپ كەلگەندە:
-خۇجام بۇگۇن كىمنىڭ خۇتۇنىغا كوڭلىڭىز كەتتى؟؟؟بۇگۇن نىمە قىلىق قىلدىڭىز تۇغرىسىنى دەڭ.ئون يىلدىن بىر ئويىمىزگە سۇ ئېلىپ كىلىدىغان،سۇ توشغۇچى مىنىڭ يۇزۇمگە بىرەر مەرتەم قارماستىن چىقىپ كىتەتتى،بۇگۇن يۇزۇمگە تىكىلىپ تۇردى،پۇل بەرسەم قولۇمنى سىقتى.
زەرگەر دات دىۋەتتى.
-مەن ھەمىشە كەسپىمنى ھاللال داۋام قىلاتىم بۇگۇن بىر بىلەيزۇك ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ بىلىكىگە كوزۇم چۇشۇپ قېلىپ،نىيىتىم بۇزۇلۇپ كىلىڭ ئوزۇم تاقاپ قويمەن دەپ،بىلەيزۇك تاقىغانلىق بولۇپ ،بىلىكىنى مەھكەم تۇتىۋالغان ئىدىم.ئاللاھ قايتۇرۇپتۇ دە!!!
بىراۋىنىڭ ئايالىغا كوز تاشلىما،سەن بىرەرىنىڭ ئايالىغا نىيتىڭنى بۇزساڭ،سىنىڭكىگە يۇز ھەسسە باشقىلار نىيىتىنى بۇزۇدۇ،ئۇزەڭنى قانچىلىك ئەر بىلىپ يۇرسەڭ،باشقىلارنى ھەم شىر بىل.ئىنسان ھەممە بەتقىلىقلىرىنىڭ ئوزىگە يېنىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك.
بىر ئەركەك مەن ئاياللار توغرىسىدا مۇنازىرە قىلسام،نىمە ئۇچۇن شۇ ئاياللار توغرۇلۇقلار گەپ قىلسىز،ئايال دىگەن چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەپ ئاياللارنى مەڭسىتمەيتتى.يا رەببى نىمە بولدى مانا نەچچە يىلدىن بىرى بىتاپ بولۇپ ئايالىنىڭ قولۇغا قاراپ قالدى،ئايال مىھرى-مۇھاببەت،ئىخلاس بىلەن خىزمىتىنى قىلۋېتىپتۇ.
بىر رىۋايەت ئەسكە چۇشىدۇ ئەزىزلەر:
ئوتتۇز يىل بىللە ياشغاندىن كىيىن،بىر خۇتۇن ئىرىغا ئېيتىپتۇ:
-غۇجام مىنىڭ تالقىمنى بىرىڭ،مەن سىزدىن ئاجىرىشىمەن.
ئەر:
-باللار كاتتا بولغاندا،يا ئىكىمىز بۇ ئومرىمىزدە ئۇرۇش-جىدەل،تالاش-تارتىش قىلىپ باقمىساق،ئومرىمىز بۇ ۋاققا كەلگەندە نىمە ئۇچۇن ئاجىراشماقچى بولۇپ قالدىڭ؟؟؟
-تالىقىمنى بەرسىڭىز جاۋاپ بىرىمەن.
-توختا مەن بىر ئويلۇنۇپ باقاي،نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم.
شۇ كۇنى ئىرى يىقىلىپ چۇشۇپ قولى سۇنۇپتۇ،ئەلىمىگە چىدىماي:
-تالاق سۇراۋاتاتىڭ،كىتىۋەر مانا قولۇم ھەم سۇندى،مىيىپ بولدۇم،تالقىڭنى بىرىمەن.دىگەندە،ياق-ياق غۇجام تالىقىمنى بەرمەڭ،ئەمدى خىزمىتىڭىزنى قىلمەن.
-ئوتتۇز يىلدىن بىرى سىز بىلەن ياشىغاندىن بىر بىرەر مەرتەم كىسەل بولمىدىڭىز،بىرەر مەرتەم بىرەر يىرىڭىز ئاغىرمىدى،مەن ئاللاھدىن قورقتۇمكى،مەن ئاللاھ خەۋەرسىز قالغان بىر مۇناپىق بىلەن ياشاۋاتامدىمە،ھىچ بىر دەرت بەرمەيدۇ ئاللاھ،شۇنىڭ ئۇچۇن سىزدىن يىراقلىشىش ئۇچۇن تالاق سوردۇم.ئەمدە ئاللاھ دەرت بەردى،ئەستايدىل خىزمىتىڭىزنى قىلىپ دۇئايىڭىزنى ئالىمەن.دىگەن ئىكەن.
يا رەببى!!!موئمىن ئاياللىرىمىز نىمانچە گۇزەل!!!گۇزەل دىگەندە قاش-كوز،چىراي ئەمەس،موئمىن ئاياللىرىمىزنىڭ قەلبى گۇزەل،ھايا-ئەخلاقى گۇزەل!!!لىكىن بۇلارنىڭ بۇنداق بولىشىغا ئىمانلىق-ئىتقادلىق،غۇرۇرلۇق ئەرلىرىمىز ھەم سەۋەپ.
ئەسكەرتىش:ئاياللىرىمىز ئۇنداق-بۇنداق دەپ تىما يازدىغان ئەركەكلىرىمىز قەلەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ئوبدانراق ئويلۇنۇڭ،غۇرۇرمىز بولغان ئۇشبۇ خانىم-قىزلىرىمىز ئۇچۇن سىز زادى نىمە ئىش قىلىپ بىرۋاتسىز؟؟؟نىمە قىلىپ بەرمەكچى بولۋاتسىز؟؟؟ئايالىڭىز،قىزىڭىز،ئاچا-سىڭلىڭىز ھازىر نەدە؟؟؟نىمە ئىش بىلەن شۇغۇلىنۋاتىدۇ؟؟؟ئوبدان ئويلۇنۇپ ئاندىن قەلەم تەۋرتتىڭ.
مەنبە:توپلىغان ھەدىسلىرىم!!!
تەرجىمە: ئوزۇم. |
|