- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5933
- نادىر
- 1
- يازما
- 268
ئۆسۈش
18.66%
|
XJTV13 كە ئۆچ بولدۇم
مەن XJTV13 كە ئۆچ بولدۇم............ !!!
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانال تەسىس قىلىنغاندا ئۇيغۇرچە كىنو قانىلى دەپ دەھشەت سۈر- ھەيۋە بىلەن باشلانغان ئىدى. 24 سائەت كىنولاردىن بەھىر ئالاتتۇق، سەرخىل كىنولارنى مۇشۇ قانالدىن كۆرۈپ، دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ نامايەندىلىرىنى مۇشۇ قانال ئارقىلىق ھىس قىلاتتۇق. ئەپسۇس......
قاچاندىن باشلاپ بۇ قاناللاردىكى سەرخىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ يوقالغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن، ئىشقىلىپ، ئەسلىدىكى سۈر- ھەيۋىسى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ، ئەسلىدىكى 24 سائەتلىك تارقىتىدىغان سىگناللىرىنىڭ يېرىمى يوقاپ كىتىپتۇ. ھازىر 12 سائەتلا. ھەتتا ئەسلىدىكى كىنولىرىنىڭ ئورنىغا باشقا قاناللاردا بېرىپ بولۇپ، ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتېرلىرى قويۇلۇشقا باشلاپتۇ.
مەن XJTV13 كە ئۆچ بولدۇم............ !!!
بۇ شورى قۇرغۇر قانال قايسى بىر يوغان باشلىقنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغاندۇ، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. جۇڭگۇچىلىقتىكى شىنجاڭچىلىقتا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرەر مەخسۇس كىنو قاناللىرىمىزنىڭ بولماسلىقى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار يالغۇز ناخشا- مۇزىكىغا ھېرىس مىللەتلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ نادىر نامايەندىلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ھېرىس بىر مىللەت. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان ئىستانسا باشلىقلىرى بار (مۇئاۋىن بولسىمۇ). چۈنكى ئاجايىپ داغدۇغا بىلەن باشلىنىدىغان «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» نىڭ ۋە باشقا پىروگىراممىلارنىڭ ئارقىسىدا «باش نازارەتچى» دەپ ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى نامايەندە بولىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنى مۇئاۋىن بولسىمۇ باشلىقمىكىن دەپ ئويلۇدۇم. ئۇلار چوقۇم بۇ قانالنىڭ ئەسلىدىكى سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چوقۇم قۇربىي يېتىدۇ، ئۇلار نىمىشقا مۇشۇ ئۆز خىزمەت فونكىتسىيىسىدىكى ئاددى خىزمەتلەرنى بىجانىدىل ئورۇنداش ئۈچۈن ھەركەت قىلمايدىغاندۇ؟ ئۇلار ئۆز مىللەت كىشىلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك ھەق ھوقۇقلىرىنى نىمىشقا ئويلاپ قويمايدىغاندۇ؟ باشقا خەق كىشىلىرىغۇ: «بۇ ئۇيغۇر خەققۇ كىنونى بىلمەيدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلمايلىلا.....» دىسۇن. (مەن تۇرۇپلا، بىر ئوبدان باشلانغان بۇ قانالنى مۇشۇ گەپ بىلەنلا ئەمەلدىن قالدۇردىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماي تۇرالمىدىم). لېكىن سىلەر بىزلەرنىڭ ئانچە- مۇنچە تەرىپىمىزنى قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىنونى بىلىدۇ، ئۇلارنى دۇنيا نادىر كىنولىرىدىن بەھرىمان قىلىش ھەرگىز ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ئەمەس......» دەپ چۈشەندۇرسەڭلار ئۇلارمۇ چۈشىنەر ئىدى دەيمىنا.... (ھى.... ھى.... سەل ئاچچىق كەتتى- ھە....)
مەن XJTV13 كە ئۆچ بولدۇم............ !!! بىزنىڭ يېزىلىق تېلىۋىزىيە ئۇزۇللىرىمۇ سەندىن ياخشى، ھىچ بولمىسا كەچلەردە بىرەر- ئىككى كىنو قويۇپ بېرىدۇ، شۇ كىنولاردىن ھوزۇرلىنىپ، ئۇخلاپ قالىمىز، ئەتىسى مەھەللىنىڭ چاسىلىرىغا يىغىلىشىپ ئاشۇ كىنولاردىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى بىر- بىرىمىزگە سۆزلىشىپ، تەسىراتلىرىمىزدىن ئورتاقلىشىمىز......
مەن XJTV13 كە ئۆچ بولدۇم............ !!! بۇ قانال ئەتىگىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 دا باشلىنىدۇ، كەچتە 10:00 دا ئاخىرلىشىدۇ. ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئىسپانىيىلىك بىر سەت ئادەمنىڭ زاڭ قىلىقلىرى چىقىدىغان بىر ساراڭنىڭ كىنوسىنى قويۇپ كېتىشلىرى- چۇ، تېخى..... (مەن بۇ قانالغا راستىنلا ئۆچ بوپتىمەنمۇ يا؟)
ئىشقىلىپ، مەن بۇ قانالغا راستىنلا ئۆچ بولدۇم، بۇ قانالنى مۇشۇنداق بىچچارە ھالغا كەلتۈرۈپ قويغۇچى كىملەر؟؟؟؟ بۇ قانال قاچان ئەسلىدىكى شەجەرىسىنى تاپار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن XJTV13 نىڭ يېڭى تەسىس قىلىنغاندىكى سۈر- ھەيۋىسىنى سېغىنىمەن............ !!!
مەنبە: XJTV13 نى سېغىنىش ئىستىكىم.
|
|