قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4738|ئىنكاس: 22

ئانا تىلنى ئىگىلەش ۋە ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

4

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 18:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەزكۇر ماقالە ياپونىيە "بۈۋىمەريەم پاك قەلب قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تىل – ئەدەبىياتى جەمئىيىتى" چىقىرىدىغان "پاك قەلب ئەدەبىياتى" نامىدىكى ئورگان ژورنىلىنىڭ 2008 – يىلى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تارقىتىلغان 10 – سانىدىن ئېلىندى.
مەن مەزكۇر ماقالىنى "ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا" دېگەن تېما قوزغىغان قىزغىنلىق ئىچىدە، ئانا تىل ۋە ياپون تىلى سەۋىيەمنىڭ چەكلىلىكىگە ئەسلا تەن بەرمەي ياپون تىلىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدىم. تەرجىمە نۇقسانسىز ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ تىل جەھەتتىكى، يەنى ھەر ئىككى تىلدىكى ئەمەلىي تەجرىبەم باشقا ھەرقانداق ئادەمنىكى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
 
 
 
 ئانا تىلنى ئىگىلەش ۋە ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشى
  ___ تىل .  قىممەت قاراش . كۈلتۈر  ___
 خوندا يۇمى

(بۈۋىمەريەم پاك قەلب قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپرانتلار ئىنىستىتوتى)
      
      1.   تېمىغا كىرىش

      ئالاقىدە تىل كەم بولسا بولمايدۇ. تىل ئارقىلىق مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. تىل ئارقىلىق ئوي – كەيپىيات ئىپادە قىلىنىدۇ. ئىنسان مەۋجۇتلا بولىدىكەن تىل زۆرۈر بولىۋىرىدۇ. ئەمما، مەن تىلغا ئىشەنچىسىز قارايمەن. دۇنيادا تىلدىنمۇ ئىشەنچىسىز نەرسە بولمىسا كېرەك. قارشى تەرەپكە يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇن ۋە ھېسسىياتنى تىلدا ئەينەن ئىپادىلىگىلى بولىۋاتامدۇ؟ يەنە ئاشۇ تىل يەتكۈزمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچىغا ئويلىغىنىمىزدەك يەتكەۈزۈپ بېرىۋاتامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ بىرەركىم جەزىملەشتۈرەلەيدىغان، تەكشۈرۈپ بېكىتەلەيدىغان ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىز تىلنى ئىشلىتىۋىرىمىز. تىلدا قانداقتۇر بىر خىل كۈچ بار. ئۇنداقتا ئۇ كۈچ قانداق كۈچ؟ مەن تۆۋەندە تىلنىڭ قىممىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن. تىلنىڭ قىممىتى ھەققىدە بىر نېمە دىيىشتىن بۇرۇن، بالىلارنىڭ تىل ئىگىلىلەش ھادىسىسىنى مۇھىم نۇقتىدا تىلغا ئالىمەن. بالىلىق مەزگىل ئادەمنىڭ تىل بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۇنى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتىكى تىل ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانىقىنى كۆزەتكەندە تىل بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ باغلىنىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    2. تىلنى ئىگىلەش

       بالا بىر ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ چوڭلار چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ. بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تەمتىرەپ سۆزلەيدىغان، ئۈچ ياشتا بىجىرىم گەپ قىلالايدىغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بىر ياشقا كىرگەندە گەپ قىلالايدىغان بولمايدۇ. شۇ ۋاققىچە بالىلاردا تىل ئىگىلەشتە زۆرۈر بولغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. تۆۋەندە مەن ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمەن.

1.2.تىلدىن بۇرۇنقى باسقۇچ

    گەپ قىلىشقا باشلاشتىن ئىلگىركى باسقۇچ "تىلدىن بۇرۇنقى باسقۇچ" دەپ ئاتىللىدۇ. گەپ قىلىشتىن ئىلگىركى مەزگىل، يەنى "تىلدىن بۇرۇنقى باسقۇچ" ھامىلە چېغىدىلا باشلانغان بولىدۇ. ئۇرۇقلىنىپ تۆت ئاي ئۆتكەندە ھامىلىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ، ھامىلە ئانا تەندىكى قاننىڭ ئېقىشى، يۈرەكنىڭ سوقىشى ۋە ئانا بەدىنىدىن چىققان ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدىغان بولىدۇ. بالا ئۆز ئانىسى بىلەن باشقا ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بالىنىڭ تىلنى ئىگىلەپ مېڭىشىدا مېھىر ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ مېھىرنىڭ ئوبيېكتى ئاساسلىقى ئانىدۇر. ئانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇش بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىگە پايدىلىق. ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男) "بولۇپمۇ ئادەم بالىسى ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تىل مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىسە بولمايدۇ، ئەمما باققۇچىنىڭ مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتقا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ" دەپ ئېيتقان. ئالاقىنىڭ ئەسلى تىپى دەپ قارىلىدىغان ھەرىكەت بالىلاردا تۇغما بولىدۇ. ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木) مۇنداق دېگەن: "ئادەتتە ئوخشاش كۈلتۈرگە تەۋە ئىككى ئادەم پاراڭلاشقاندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقلىرىنى چۈشىنىشىدىغان بولۇپ، چۈشىنىشىۋاتقان چاغدا سۆزلىگۈچىنىڭ قىياپەت ئۆزگىرىشى، بويۇنىنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ ئاڭلىغۇچىنىڭ ھەرىكىتىدىمۇ بىردەكلىك يۈزلىنىشىدە تەڭشىلىش بولىدۇ." بۇ خىل ھەرىكەت چاغداش خاراكتېرلىك ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ.
       يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقمۇ چاغداش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بوۋاق ئۆزىدىكى رېتىملىق پائالىيەتنى يوشۇرۇدۇ ۋە رېتىمغا ئىگە مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن چاغداش تىپلىق ئىنكاس قايتۇرىدىغان خائىشقا ئىگە بولىدۇ. ئېنىقكى، ئادەمنىڭ نۇتۇقىغا بوۋاقنىڭ چاغداش تىپلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئاسانغا توختايدىغان غىدىق ئورنىدىكى خاراكتېر سىڭگەن بولۇپ، باشقا ھەرقانداق تاۋۇشتا بۇنداق خاراكتېر مەۋجۇت ئەمەس. يەنە بىرى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق رېزونانىس ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. بالا كەيپىياتى ياخشى ھالەتتە ئويغانغاندا ئۇنى قۇچاقتا كۆتۈرۈپ كۆزىمىزنى كۆزى بىلەن ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغاچ بالىغا ئېغىزنى ئېچىپ – يۇمۇش، تىلنى چىقىرىپ – تارتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ كۆرسەتسەك، بالا مەزكۇر ھەرىكەتنى بىردەم كۆرگەندىن كېيىن ئېغىزى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى مىدىرلىتىدۇ، ئاغزىنى ئۇچلايدۇ. يەنە داۋام قىلىۋەرسەك، بالا ھەرىكىتىمىزنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئېغىزىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھالەتمۇ شەكىللىنىدۇ. ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木)  يەنە مۇنداق دېگەن: "بالا كۆز ئالدىدىكى غىدىقلىغۇچى ھەرىكەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن شاتلىنىدۇ ۋە بۇنداق رېزونانىس ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرىدۇ." بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، بالا تىلنى تىل سۈپىتىدە چۈشىنىشتىن ئىلگىرىلا ئالاقىنىڭ ئەسلى تىپىگە تۇغما ئىگە بولغان بولىدۇ. بالىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئالاقىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ بىر يېرىم ئايلاردىن كېيىن نەرسىگە كۆرە ئادەمگە بەكەرەك تەبەسسۇم قىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. ئۈچ ئايلىق بولغاندا تەببەسسۇم بالىنىڭ يۈزىدە رەسمىي جىلۋىلىنىدۇ.
     ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木) " كەيپيات – ھەرىكەتتىكى ئورتاقلىق، بولۇپمۇ شاتلىق ھېسسىياتىدىكى ئورتاقلىق بولسا كېيىنكى ئالاقىگە ئاساس سالىدىغان، باشقىلارنى ئوبيېكت قىلغان ھەرىكەتلەردىكى خىلمۇخىل كېلىشىملەرگە تۈرتكە بولىدىغان، ئۆزگىلەرگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە مۇھەببەتنى قۇۋۋەتلەيدىغان مەنبە سۈپىتىدە ئۇزۇن مەزگىل رول ئوينايدۇ." دەپ بايان قىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن تىكىلىپ قاراشقا باشلايدۇ؛ تۆت ئايدىن ئاشقان ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇشقا يۈزلىنىدۇ، ھەتتا كۆرۈش سىزىقىنى ئانىنىڭ كۆرۈش سىزىقى بىلەن ئۇچراشتۇرالايدىغان بولىدۇ. ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木)  بۇنىڭغا "كۆرۈش سىزىقىنىڭ ئورتاقلىقى" دەپ نام قويغان. ئىنساننىڭ دىئالوگ قۇرۇلمىسى سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تېمىنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. "سۆزلىگۈچى – تېما – ئاڭلىغۇچى" دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىك مۇناسىۋەت كۆرۈش سىزىقىنىڭ ئورتاقلىقى ئارقىلىقلا ئىمكانىيەتكە ئېرىشىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا گەرچە سۆزلىيەلمىسىمۇ دىئالوگلىشالايدىغان ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، تەبەسسۇم ۋە كۆرۈش سىزىقىنىڭ ئورتاقلىقى ئارقىلىق ئالاقە قىلالايدۇ.

2.2. ئىجتىمائىي كېلىشىم دۇنياسى

     بالا سەككىز، توققۇز ئايلىىق بولغاندا دوراش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى ئاساسلارمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئۆزلىشىپ ماڭىدۇ. ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木)  "تىلدىن بۇرۇنقى باسقۇچتا بالا مۇئەييەن ھەرىكەتنى قارىشى تەرەپتە ئىنكاس قوزغاش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەيدۇ. مۇھىم بولىدىغىنى بالىنىڭ قارىشى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا كېلىشىش ۋە چۈشۈنىشتە مەزكۇر ھەرىكەتنى يېتەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشى" دەپ ئېيتقان بولۇپ، ئالدىنقىسى "قوراللىق خاراكتېر" دېيىلسە، كېيىنكىسى "كېلىشىملىك خاراكتېر" دېيىلىدۇ. تېخى تىلى چىقمىغان بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كېلىشىملىك خاراكتېر تۇرغۇزغان تەرەپلەر سېگنالنى ئۆزئارا چۈشىنەلەيدىغانلار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مېھىر ئوبيېكتى بولىدىغان تەرەپ نەزەردىن ساقىت قىلىنسا ئالاقە قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق كېلىشىملىك خاراكتېرغا ئىگە بولۇش تىل ئىگىلەشتە تولىمۇ زۆرۈر.
        ئانىنىڭ مەقسىتىنى كەڭ مەنىدىكى ئىجتىمائىي مەقسەت دېيىشكە بولىدۇ. ئادەم نەرسىنى بارماق بىلەن كۆرسەتكەندە بىرقانداق مەقسەتلەر تۈپەيلى ئاشۇ نەرسىدە مۇئەييەن ئىنكاسنىڭ بولىشىغا تەقەززا بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بالا دەماللىققا كۆز ئالدىدىكى ئوبيېكتقا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئوبيېكتنى كۆرسىتىۋاتقان ئادەم بىلەن ياكى ئاشۇ بىر پۈتۈن كارتىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا مەنە يۈكلەپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ئىنتىلىدۇ. ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木) " قارىشى تەرەپنىڭ بۇنداق مەقسەتلىك قىلغان تەشەببۇسكار ھەرىكىتى دەل بالىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزگىلەرگە (ياكى كۈلتۈرگە) قارىتىلغان مۇۋاپىق كونتېكستتا قوللىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ماس كېلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. بالا دەسلىپىدە قوشۇقنىڭ قوشۇققا خاس رولىنى بىلمەي ئۇنىڭ ئۇيەر – بۇيەرلىرىنى تۇتىدۇ. ھالبۇكى، دوراش ۋە ئۇقۇم شەكىللىنىش جەريانىدىكى ئاساسلارنى بىلىشكە باشلايدىغان مەزگىلدە، يەنى سەككىز، توققۇز ئايلىق بولغاندا ئانا قوشۇقنى تۇتۇش ئۇسۇلى ۋە قوشۇقنىڭ ئېغىزغا سالىدىغان تەرىپىنى ھەرىكەت ئارقىلىق كۆرسەتسە، بالىمۇ قوشۇق دېگەن شەيئىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە خۇسۇسىيىتىنى بىلەلەيدۇ. "چوڭلارنىڭ مەلۇم شەيئىنى ئوبيېكت قىلىۋاتقان مەشغۇلات ئۇسۇلللىرى بولسا جەمئىيىتىمىزدىكى ئادەتكە ئايلىنىۋاتقان (بىر خىل ئىجتىمائى كېلىشىم خاراكتېرىدىكى) مەشغۇلات ئۇسۇللىرىدۇر.
      مەلۇم نەرسە ئۈچ خىل مۇناسىۋەت مەيدانىغا قويۇلسا، مەزكۇر نەرسە بالىغا نىسبەتەن نۇقۇل فزىكىلىق تەسىر ئوبيېكتى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر خىل كۈلتۈر ۋە جەمئىيەت خاراكتېرلىك مەنىگە ئىگە ئوبيېكت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ" بۇ خىل قاراش بالىنىڭ بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ياكى تاۋۇش ئارقىلق ئىپادىلەش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلغان ھالىتىگىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇن كېلىۋېرىدۇ. ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男) "بارماق بىلەن كۆرسىتىش بولسا تاشقى دۇنيادىكى ئوبيېكتنىڭ ئورنىنى بەلگىلىگەش بىلەكنى سوزۇپ 'ئاۋۇ' دەپ كۆرسىتىپ ئىپادىلەش ھەرىكىتىدۇر" دېگەنىدى. بارماق بىلەن كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئۆگىتىلمىسىمۇ بالا بۇنى ئەسلىدىنلا بىلىدۇ. بىلەكنى سوزۇپ "بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ئىپادىلەش" دېگەندە بالا توققۇز، ئون ئايلىق بولغانلاردا كۆرۈلىشكە باشلايدۇ، ئەمما يىغىق ھالەتتىكى بارماقلار ئارىسىدىن بىگىز بارماقنى تېزلىكتە چىقىرىش ھەرىكىتى بولسا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندىلا كۆرۈلىدۇ. ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男) نىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئەتراپىدىكى بالنىڭ بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ئىپادىلەش ئېلىپ بېرىشى قانداقتۇر "بۇ نېمە" دەپ چوڭلاردىن جاۋاب ئۆتۈنۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىزدىنىش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ بىلمىگەن جىسىمنى "تۇتۇپ تەكشۈرۈش" دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىزدىنىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىغان بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ئىپادىلەشكە قارىتا ئانا "ماۋۇ ×× (ئوبيېكتنىڭ ئىسمى)" "ماۋۇ نېمە" دېگەن جۈملىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بالا بارماق بىلەن كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىشلىگەندە ئانا ماس ھالدا تاۋۇش چىقارسا، بالا بۇنى ئانام ئوبيېكتقا ئىسىم قويۇۋاتىدۇ ياكى ئىسمىنى سوراۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئانا تەرىپىدىن ئېيتىلغان "ماۋۇ ×× (ئوبيېكتنىڭ ئىسمى)" دېگەن جۈملىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، خۇددى ئۆزىنىكىدەكلا ئوخشاش مەزمۇننى تىلغا ئالىدىغان بولىدۇ. ئانا بالىنىڭ بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ئىپادىلەش ھەرىكىتىنى تۈزىتىش باھانىسىدە كۆرسەتمىلىك ھەرىكەت ئىشلەيدۇ. بالىمۇ بارمىقى بىلەن كۆرسەتسە ئانىنىڭ ئوبيېكتنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۆرسەتمىلىك ھەرىكەتتە قوللىنىدىغان سۆزلۈكلەرمۇ ئېشىپ ماڭىدۇ. بارماق بىلەن كۆرسىتىپ ئىپادىلەش كۆرۈش سىزىقىدىكى ئورتاقلىقنى ئاسانلا رېئاللاشتۇرىدىغان بولغاچقا، بالا كۆرۈش سىزىقىغا ئورتاقلاشقۇچىدىن گەپكە، يەنى ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر خاراكتېرىگە ئىگە گەپكە ئېرىشىدۇ.

 3.2 تىلدىن بۇرۇنقى تاۋۇش

      بالا سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشتىن ئىلگىرىلا تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ماڭغان بولىدۇ. بىر ياشقا توشماستا چىقارغا تاۋۇش تىلدىن بۇرۇنقى تاۋۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بالا كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى، ئەركىن – ئىختىيارى چاغدا "ئا... ئا.... " ياكى "ئە... ئە ..." دېگەندەك تاۋۇشلارنى تەكرارلايدۇ، بۇخىل ئەركىن – ئىختىيارى چىققان تاۋۇش دەسلەپكى گۇڭراش دېيىلىدۇ. (تەرجىماندىن: دەسلەپكى گۇڭراش - يىغلىغان ياكى چاقىرغان ئاۋازدىن پەرقلىنىدىغان، يەنى ئېغىز ۋە بوغۇز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە چىقىدىغان ئاۋاز بولۇپ، بالىلار تىل تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.) بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىقتىن سەككىز ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا "ئاۋ.ئاۋ.ئاۋ" ياكى "داد. داد. داد" غا ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋۇشلارنى چىقىرىدىغان بولىدۇ، بۇ كېيىنكى گۇڭراش دېيىلىدۇ. (تەرجىماندىن: كېيىنكى گۇڭراش - بىرقانچە تاۋۇش ئېلىمىنتىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلالايدىغان باسقۇچ بولۇپ، بۇ باسقۇچتا بالا تاڭلاي، ئاۋاز پەردىسى ۋە ئايرىش پەردىسىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىدىغان بولۇپ، خېلى مۇرەككەپ تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەيدۇ) ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木) مۇنداق دېيدۇ:
      " بالا بىر ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ ئانا "ئۇخخا،ئۇخخا" دېسە، بالا ئۇخلاش قىياپىتىگە كىرىدۇ ۋە ئۆز – ئۆزىگە "ئۇخخا" دەپ ئۇخلاش قىياپىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك، بالا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەينى ئەھۋال بىلەن بولغان باغلىنىشنى چۈشىنىپ ئۆزىنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇدۇ ۋە مەزكۇر ھەرىكەتنى تىلغا يېقىن تاۋۇشلار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ." بالا مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ، ئەتراپىدىكى چوڭلار چىقارغا تىل تاۋۇشلىرىنى ئاكتىپ رەۋىشتە دوراشقا باشلايدۇ. "بۇ مەزگىلدىكى دوراش پائالىيىتىدە دورىلىدىغان تاۋۇش تۈرلىرى كۆپىيىپ بارىدۇ، بالا تاۋۇشلار بىلەن مەزكۇر تاۋۇشلار ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋالنىڭ مۇناسىۋىتىنى، يەنى مەزكۇر تاۋۇشلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ماس قەدەمدە ئۆگىنىپ ماڭىدۇ " گەپنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بىلمىگەندە، ئۇنىڭ مەنىسى قارشى تەرەپكە يېتىپ بارالمايدۇ. گەپ بىلەن مەزكۇر گەپ ئىشلىتىلىدىغان سورۇنغا بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بولىدىغان دوراش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش بالىنىڭ تىل ئۆگىنىشىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. دوراشنىڭ ئوبيېكتى بولىدىغىنى يەنىلا بالىنىڭ مېھىرى چۈشكەن تەرەپ بولىدۇ. بالا ئاتا – ئانىنى كۆرۈپ يېتىلىدۇ. شۇڭا، بالا قىزغىن تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاندا بولۇپمۇ ئاتا – ئانىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنىڭ سىلىق – سىپايە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

      3.مېھىر

       ھازىرغىچە "مېھىر" دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىندى. "مېھىر" دېگەن قانداق گەپ؟ مەن بۇ ھەقتە سەل تەپسىلىيرەك توختالماقچى. خانتا سۇسۇمۇ (繁多 進) نىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك روھىي ئانالىزچى جون بولبى (John Bowlby) "مېھىر" گە "مۇئەييەن ئادەم ياكى ھايۋان بىلەن مۇئەييەن ئادەم ياكى ھايۋان ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگە ھېسسىيات رىشتىسى" دەپ تەبىر بەرگەن. كىمنىڭ مېھىر ئوبيېكتى بولۇشى شۇنىڭ بالا بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش سۈپىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بالا تارقاتقان سىگنالنى تېزلىكتە بايقاپ ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزئار تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى يارىتالايدىغان ئادەمگە قارىتا بالىدا "بۇ ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا مېنى قوغدايدۇ" "بۇ ئادەم بىلەن بىللە بولسام بىخەتەر" دېگەن ھېسسىيا شەكىللىنىدۇ. بالا تارقاتقان سىگىناللارغا ئىنكاس قايتۇرالايدىغىنى ئاساسەن ئانا بولغاچقا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بالا ئەڭ دەسلەپتە مېھىر مايىللىقىنى ئانىغا قارىتىدۇ. خانتا سۇسۇمۇ (繁多 進) جون بولبى (John Bowlby) نىڭ مېھىر تەرەققىياتىنى تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ ئىپادىلىگىنىنى تىلغا ئالغان.
         بىرىنچى باسقۇچ :
         بوۋاق ئادەمگە قىزىقىشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە يۈزىنى توغىرلايدۇ ۋە گۇڭراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ خىل قىزىقىش مەيلى كىمنىلا ئوبيېكت قىلسۇن يۈز بېرىدىغان ئىنكاس ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئادەملەر پەقرلەندۈرۈلمەيدۇ.
       ئىككىنچى باسقۇچ :
 بالىدا مېھىر ئوبيېكتىغا نىسبەتەن "ئامراقلىق" كۆرۈلىدىغان بولۇپ، باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا ئانىغا نىسبەتەن ئىنكاس مايىللىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالا تۇغۇلۇپ ئون ئىككى ھەپپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.
      ئۈچىنچى باسقۇچ :
 بوۋاقنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۇراقلىشىدىغان بولۇپ، ئانىغا قايتۇرغان ئىنكاس بىلەن باشقىلارغا قايتۇرغا ئىنكاستا روشەن پەرق كۆرۈلىدۇ.
       تۆتىنچى باسقۇچ :
 ماكان جەھەتتە يېقىن بولمىسىمۇ خاتىرىجەم بولالايدىغان بولىدۇ. بالا ئانىدىن ئايرىلغان تەغدىردىمۇ ئۆزى بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بۇلىۋىرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدىغان بولغاچقا، ئانا بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ يېقىن بولۇشى ئېھتىياجدىن قالىدۇ.
مېھىر ئوبيېكتى بولغان ئانا بالىغا نىسبەتەن بىخەتەر بازا ھېسابلىنىدۇ. بالا ئارامسىزلانغاندا يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەزگىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئارامسىزلىنىدىغانلىقىنىڭ، خەۋىپسىرەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بالا ئۆزى بىخەتەر ھېس قىلىدىغان دائىرىدە ھەرىكەت قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلالايدىغان بولىدۇ. خانتا سۇسۇمۇ (繁多 進) "بىخەتەر بازا قانچىكى ئېنىق بولغانسېرى، بالا تاشقى دۇنياغا شۇنچىكى خاتىرجەم نەزەر تاشلىيالايدىغان بولىدۇ" دەپ بايان قىلىدۇ. تاشقى دۇنياغا نەزەر تاشلىغاندا قىزىقىشمۇ كۆپىيىدىغان بولۇپ، بۇ سۆزلۈكنىڭ ئېشىشى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارىلىدۇ.
       تىل ئۆگىنىشنى بالا ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. مېھىرنى تىل ئۆگىنىشتىكى ئالدىنقى زۆرۈرىيەت دېيىشكە بولىدۇ. بالا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ تەكرار ئاۋۇشى نەتىجىسىدە مېھىر ئوبيېكتىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئاشۇ ئوبيېكت بىلەن بىرگە تىل دۇنياسىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىدۇ؛ تىلنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئىنكاس قىلىدۇ ۋە مېھىر ئوبيېكتىنى بىخەتەر بازىغا ئوخشىتىپ ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى كېڭەيتىپ ماڭىدۇ. دۇنياسى كېڭەيگەنسېرى ئۇچرىشىدىغان ۋە قۇبۇل قىلىدىغان سۆز - جۈملىلىرى كۆپىيىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە مېھىر ئوبيېكتىگىلا ئەمەس، كېڭەيگەن دۇنياسىدىكى كىشىلەرگىمۇ تىل ئارقىلىق مەنىنى راۋان يەتكۈزەلەيدىغان بولىدۇ.

4. ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدىىكى ۋە تىل ئىگىلەش

1.4 بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ياپون تىلى (بالىلار گېپى)
"ブーブーハシハシッテル" (غوڭ...غوڭ... كۆۋرۈك مېڭىۋاتىدۇ)
"ブーブー、ハシ、ハシッテル" ( غوڭ..غوڭ.. كۆۋرۈك ، مېڭىۋاتىدۇ)
       يۇقىرىقى ئىككى جۈملە "車が橋の上を走っている" (ماشىنا كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتدۇ) دېگەن مەنىدە كەلگەن. ياپونلۇق ئانىلار يۇقىرىقىغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ياكى بالىنىڭ قىزىقىشىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ماشىنىنى "غوڭ .. غوڭ" دەپ ئىپادىلەش، يەنى ياردەمچى سۆزلەر قىسقارتىۋىتىلگەن سۆز - جۈملىلەر "بالىلار گېپى" دېيىلىدۇ. بۇندىن باشقا  ワンワン   (ھاۋ – ھاۋ _ ئىتنى كۆرسىتىدۇ)، マンマ (ھام – ھام _ تاماقنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىقلار بولۇپ، ياپون تىلىدا بۇنداق بالىلار گېپى نۇرغۇن. مەسىلەن، فىرانسوس تىلىدا پەقەت تۆت خىللا بالىلار گېپى بار. ئۇنداقتا بالىلار گېپى نېمىشقا ياپون تىلىدا كۆپ بولىدۇ؟ ياپونىيە كۈلتۈرى بالىنى مەركەز قىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئىسىملىرىنى بىۋاسىتە چاقىرىشىدىغان ئەر-ئاياللار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر – بىرىنى "お父さん" (ئاتىسى)، "お母さん" (ئاپىسى) دەپ چاقىرىدىغان بولىدۇ. تۇغۇلغان بىرىنچى پەرزەنت ئوغۇل بولسا "お兄さん" (ئاكىسى)، قىز بولسا "お姉さん" (ئاچىسى) دەپ ئاتايدۇ. ئەمما، كېيىنكى پەرزەنتلەرنى "弟" (ئىنىسى) ياكى "妹" (سىڭلىسى) دەپ ئاتىمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى "بالام" "ئوغلۇم" "قىزىم" قاتارلىق ناملاردا چاقىرمايدۇ. كىشىلەر ئۇرۇق - تۇغقان ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك ئەۋلادنى نەزەردە تۇتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى چاقىرىش فورمىسىغا بويسۇنۇپ ئالاقە قىلىدۇ. بۇ چاقىرىش فورمىسىنى سۇزۇكى تاكائو (鈴木孝夫) ئېنىقلىغان. ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男)  ياپون كۈلتۈرىدە "ھەممە نەرسە بالىغا ماسلاشتۇرۇلغان شەكىلگە كىرگۈزۈلدىغان بولۇپ، بالىنىڭ كۆرۈش سىزىقى ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان خائىش گەۋدىلىك. تەبىئىيكى، بالىغا يېقىنلىشىشتا گىرامماتىكىمۇ بالىنىڭ سەۋىيىسىگە تۆۋەنلىتىلىدۇ." دەپ بايان قىلىدۇ. جەمئىيەتتە بالىغا قانداق ئورۇن بېرىلگەنلىكىگە ئاساسەن ئەينى كۈلتۈر مۇھىتىدا بالىلار گېپىنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
         يەنە ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男) نىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا، بالا تىل ئىگىلەش ئۈچۈن ئاڭلىغان ئۇچۇرنى بۆلەكلەرگە ئاجراتمىسا بولمايدۇ. بالا "車が橋の上を走っている" (ماشىنا كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتدۇ) دېگەن جۈملىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جۈملىنى "車が/ 橋の上を/ 走っている" (ماشىنا/كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە/مېڭىۋاتىدۇ) دېگەندەك بۆلەكلەرگە ئايرىيالىشى كېرەك. ياپون تىلى يېپىشقاق تىلار تۈرىگە تەۋە. يېپىشقاق تىل دېگەندە "橋+の" "車+が" (ماشىنا + باش كېلىش" "كۆۋرۈك + ئىگىلىك كېلىش) دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلىي مەنە ئىپادىلەيدىغان مۇستەقىل سۆزلۈك ياكى سۆز تۇمۇرىغا گىرامماتىكىلىق مەنە ئاڭلىتىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ كېلىدىغان تىلنى كۆرسىتىدۇ. يېپىشقاق تىل بولغان ياپون تىلىدكى ئۇچۇرنى ئاڭلاپلا بۆلەكلەرگە بۆلۈشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۆلەكلەرگە بۆلۈشنى ئاسان قىلىش ئۈچۈنمۇ بالىلار گېپى قولايلىق بولىدۇ. "ブーブー、ハシ、ハシッテル" ( غوڭ..غوڭ.. كۆۋرۈك ، مېڭىۋاتىدۇ) دېگەن جۈملىدىكى ياردەمچى سۆزلەر چىقىرىۋىتىلىپ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما ئادىيلاشتۇرۇلغاچقا ئايرىم سۆزلۈكنى ئۈزۈپ ئېلىپ ئېغىزدىن چىقىرىش ئاسانغا توختايدۇ. ياپون تىلىدا بالىلار گېپىنىڭ جىق بولۇشى ياپون كۈلتۈرى دەپ ئاتىلىدىغان ئىجتىمائىي نەرسە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ياپون تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. بالىلار گېپى بولغىنىدەك ئانىلار گېپى دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىمۇ بار. بۇ ھەرقانداق كۈلتۈركە ئورتاق بولىدۇ، يەنى كۈچلۈك ئىنتوناتسىيە، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تەلەپپۇز، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ئىپادىلەش ۋە ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلىدىغان قىسقا جۈملە بولغاچقا، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىمۇ ئاددىي، ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈك چەكلىك، تەكرارلىنىشى جىق، سوئال ۋە چاقىرىشلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئانىلار گېپى بىلەن بالىلار گېپىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بولغاچقا، ياپون تىلىدىن ئىبارەت ئانا تىلنى ئىگىلەش ئاسانغا توختايدۇ.

2.4. كۈلتۈر ئاساسىدىكى تەربىيە ۋە مائارىپ

       دۇنيادا خىلمۇ خىل كۈلتۈر بار. كۈلتۈرنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى پەقەت تەربىيە تېمىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بىلەنلا روشەنلىشىدۇ. خافىستەيد (Hofstede) "<كۈلتۈر> بولسا تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىدراك ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى" دەپ ئېيتقان بولۇپ، مەزكۇر "تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىدراك ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى قاتارلىق ئەندىزىلەر" پسىخىك پروگرامما (Mental program) دەپ ئاتالماقتا. ئىۋانامى پەلسەپە كىچىك لوغىتىدىكى "كۈلتۈر" ئۇقۇمىغا بېرىلگەن ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا، 19 – ئەسىردە ئۆتكەن تىل پەلسەپسى تەتقىقاتچىسى خۇمبولد (Humboldt) ماددىي كۈلتۈرنى "مەدەنىيەت"، مەنىۋىي كۈلتۈرنى "كۈلتۈر" دەپ تۈرلىگەن. مېنىڭ بۇ يەردە تۇتقا قىلىدىغىنىم خۇمبولد تۈرگە ئايرىغان "مەنىۋىي كۈلتۈر" مەنىسى يۈكلەنگەن "كۈلتۈر" دىن ئىبارەت. كاشىۋاگى كېئىكو (柏木恵子) بىلەن R.d. خەس (R.d Hess) ئانىنىڭ بالنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىقتىدارغا ئالاقىدار قايسى تەرەپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتىزار ئىكەنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ياپونىيەلىك ئانىلارنىڭ بالىلاردا تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتىزار تۈرلەر تۆۋەدىكىچە:

① سەۋەبسىز، كەلسە- كەلمەس يىغلىمىسا.
② بىرەر سائەت يالغۇز تۇرالىسا.
③ ئائىلىدىكىلەرگە "خەيرىلىك سەھەر" دېگەن سالام سۆزىنى دېسە.
④ چوڭلاردىن بىرەر نېمە ئۆتۈنگەندە سىلىق – سىپايە سۆزلىسە.
⑤ پۇتىنى ئۈستەلگە ئېلىۋالمىسا ۋە ئۈستەلنى تەپمىسە.
ئامېرىكىلىق ئانىلارنىڭ بالىلاردا تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتىزار تۈرلەر تۆۋەدىكىچە:
① دوستلىرى بىلەن ئوينىغاندا يېتەكچى بولالىسا.
② ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى باشقىلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەشەببۇس قىلالىسا.
③ ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى باشقىلارغا بىلەلىگىدەك چۈشەندۈرەلىسە.
④ پىكرى ۋە ئارزۇسىنى سورىغاندا ئېنىق بايان قىلسا.
⑤ دوستلىرىنى قايىل قىلىپ ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىدا ئورتاقلىشالىسا.
⑥چۈشەنمىگەن چاغدا چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا.

         يۇقىرىقىلاردىن بىلەلەيمىزكى، ياپونىيەدە يوسۇن، ئامېرىكىدا نۇتۇق ئارقىق ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىش تېز تەرەققىي قىلمىسا بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئازۇما خىروشى (東 洋) تۆت ياشلىق بالىسى بار ئانىلارنى كۇبىكلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى بالىغا ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىپ تەجرىبە ئىشلىگەن. تەجرىبىدىن مەلۇمكى، ئامېرىكىلىق ئانىلار گەپ ئارقىلىق قەدەممۇقەدەم پۇختىلاش ئاساسىدا ئۆگەتكەن. كۇبىكنىڭ شەكلى ۋە چوڭلىقى قاتارلىقلارنى گەپ بىلەن چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇنى بالىغا دېگۈزۈپ تۈرگە ئايرىتقۇزغان بولۇپ، ئانالىزلىق ۋە تەشكىللىك ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ياپونلۇق ئانىلار ئاۋۋال ئۆزى تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىپ، بالىغا "ئەمدى سەن قىلىپ باق" دېگەن. بالا قىلالمىسا يەنە بىر قېتىم قىلىپ كۆرسەتكەن. مۇشۇنداق داۋام قىلىش نەتىجىسىدە بالا كۇبىكلارنى تۈرگە ئايرىيالايدىغان بولغان. ئامېرىكىلىق ئانىلارنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى "نۇتۇقتا ئۆگىتىش ئۇسۇلى" ياپونلۇق ئانىلارنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى بولسا "مەشغۇلاتتا ئۆگىتىش ئۇسۇلى" دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. خافىستەيد (Hofstede) نىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، شەخس بىلەن كوللېكتىپ ئوتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاۋۋال ئائىلىدە ئۆگىنىلىدۇ. ياپونىيەدەك كوللېكتىۋىزم جەمئىيىتىدە ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ماس مۇناسىۋەتنى ساقلاش گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە ئائىلىدىن ھالقىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىمۇ مۇھىم بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىغا ئوخشاش شەخسىيەتچىل كۈلتۈر جەمئىيىتىدىكى رىقابەت بولسا مول نەتىجىلەر بىلەن باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، مەيلى قانچىلىك ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت راست گەپ قىلىش كېرەك، دەپ ئائىلىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
        كۈلتۈردىكى پەرقلەرگە تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ شەخسىيەتچىل جەمئىيەت بولۇشىغا ئامېرىكىدا 19 – ئەسىردە يۈز بەرگەن غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەرىكىتى ئارقا كۆرۈنۈش بولسا، ياپونىيەنىڭ كوللېكتىۋىزملىق جەمئىيەت بولۇشىغا بولسا ئۇنىڭ بېكىنمە دەۋرنى ۋە سامۇرايلار بىلەن دېھقانلار كەسكىن ئايرىلغان جەمئىيەتنى كەچمىش قىلغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش بولغان بولۇپ، كۈلتۈردىكى پەرقلەرنى دەل مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشلەر پەيدا قىلغان، دەپ بىلىشكە بولىدۇ. مەزكۇر پەرقلەر ئانىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىغا ھېلى ھەم تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا.
        يۇقىرقىغا ئوخشاش پەرقلەر ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ مەكتەپ مائارىپىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئازۇما خىروشى (東 洋) ئىمائى ياسۇئو (今井康夫) نىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت تىلى دەرسلىك كىتابىدىكى گەپلەرنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىمائى ياسۇئو (今井康夫) نىڭ سېلىشتۇرمىسىغا ئاساسلانساق، ياپونىيەنىڭ دەرسلىك كىتابىدىكى نۇرغۇن تېمىلاردا "قائىدىگە رېئايە قىلىپ، ئۆزىگىمۇ يول قويىدىغان يېقىن مۇناسىۋەت" نىڭ، ئامېرىكىدىكى دەرسلىك كىتابلاردا بولسا "ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئادىللىققا مۇناسىۋەتلىك تېما" نىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. دەرسلىك كىتابتا تەكىتلەنگەن تېمىلار ئەينى جەمئىيەتتە مۇھىم دەپ قارىلىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئازۇما خىروشى (東 洋) مۇشۇ ئاساستا ياپونىيەلىك ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە جەمئىيەت ئارزۇ قىىدىغان "ياخشى بالا" نىڭ "تۈز كۆڭۈللۈك، رايىشلىق ۋە چىدامچانلىق قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا مۇستەقىللىق ۋە ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىش خاراكتېرىنىڭ روشەن بولىشىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى" خۇلاسىلىگەن.

5. كۈلتۈرنى چۈشىنىش

1.5. كۈلتۈرنى چۈشىنىش بىلەن ئانا تىلنىڭ مۇناسىۋىتى

      ئەمدىلا تۇغۇلغان بالا ھېچنىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولىدۇ. ئەمما، كىمنىڭ قانداق تەربىيىلىشى مەزكۇر بالىنىڭ قانداق ئادەم بولىشىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ.
     يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، خافىستەيد (Hofstede) "<كۈلتۈر> بولسا تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىدراك ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى" دەپ ئېيتقاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك قاراشلارنى تەشەببۇس قىلغان: كۈلتۈرنىڭ تېخىمۇ مەركىزىدە تۇرىدىغىنى "قىممەت قاراش" تۇر. سالام – سائەت ئۇسۇلى، ھۆرمەتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي يوسۇنلار قىممەت قاراشنى ئوراپ تۇرىدۇ. مەزكۇر كۈلتۈر چەمبىرىكىدىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىيلىقتا بولمىسا بولمايدىغان "يوسۇن"؛ مەزكۇر كۈلتۈردىكى ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت مودېلى بولىدىغان "قەھرىمانە روھ"؛ ئۆخشاش كۈلتۈردىكى ئادەملەرلا چۈشىنىدىغان ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆز – جۈملە ۋە تەن ئىشارىلىرىدە "سىمۋول" بولىدۇ. "سىمۋول" "يوسۇن" "قەرىمانە روھ" دېگەنلەر ئادەتلىك ھەرىكەت سۈپىتىدە باشقا كۈلتۈر چەمبىرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ كۈلتۈر خاراكتېرلىك مەنىلىرىنى پەقەت ئورتاق كۈلتۈردىكى كىشىلەرلا چۈشىنەلەيدۇ. كۈلتۈرنڭ ئەڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان "قىممەت قاراش" نى بالىلار ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. بىر قېتىم ئۆزلىشىپ بولغان قىممەت سىستېمىسىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش مۈشكۈل. تەرەققىيات پسىخولوگىيەسىگە ئاساسلىنىپ ئېيتقاندا، بالىلار ئاساسەن ئون يېشىغىچە ئاساسىي قىممەت سىستېمىسىنى بىجىرىم ئۆزلەشتۈرۈپ بولىدۇ.
      تىلغا ئۇنى ئىشلىتىپ كەلگەن نەچچە ئون ئەۋلاد كىشىنىڭ مۇئەييەن روھىي پائالىتى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز ئەڭ دەسلەپ ئىگىلىگەن تىلنى ئانا تىل دەپ ئاتايمىز. كۇروكاۋا ئىخوكو (黒川伊保子) بولسا "تۇغۇلۇپ تۇنجى ئۇچراشقان تىل، يەنى ئانا تىل ئوخشىمىسا، تاشقى دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشىمۇ، ئادىمىيلىكمۇ پەرقلىنىدۇ. پەرقلىق ئانا تىلغا ئىگە بولۇش، پەرقلىىق دۇنياغا ئىگە بولۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ دەل دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنىمۇ، شەيئىنىڭ ماھىيىتىنىمۇ ئانا تىل ئاتا قىلغانلىقىدىن بولغان." دەپ قارايدۇ. كۇروكاۋا ئىخوكو (黒川伊保子) ئېيتقاندەك، ئانا تىلغا ئېرىشىش دېگەنلىك ئادىمىيلىكنىڭ ئۇلىنى سېلىش دېگەنلىك. بۇ ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە تەپەككۇرگە ئىگە شەخس بارلىققا كېلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كۈلتۈر مۇھىتى ئېھتىياجلىق بولغان شەخس، يەنى مەزكۇر كۈلتۈر مۇھىتىدا ياشىغان ئەجدادلارنىڭ روھىي پائالىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان شەخس يېتىشىپ چىقىدۇ دېگەنلىك. خافىستەيد (Hofstede) نىڭ ئېيتىشىچە، پسىخىك پروگرامما بولسا تۇراقلىق توپلام خاراكتېردىكى ھادىسە دېيىلىدىكەن. نېمىشقا دېگەندە، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەملەر ياكى ياشىغان ئادەملەر مەزكۇر مۇھىتتا كۈلتۈر ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ بولمىغاندىمۇ كۈلتۈر جەھەتتە قىسمەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدىكەن. ئادەمنىڭ پسىخىك پروگراممىسىنىڭ مەنبەسى بولسا مەزكۇر ئادەم ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى جۇغلانغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە بولىدىكەن. پسىخىك پروگراممىنىڭ لاھىيىلىنىشى ئاۋۋال ئائىلىدە باشلىنىپ قوشنا مۇھىت، مەكتەپ، قۇرداش كوللېكتىپ، خىزمەت ئورۇنى قاتارلىقلاردا داۋاملىشىدىكەن. دېمەك، دۆلەت ياكى مۇھىت ئوخشىمىسا، پىسىخىك پروگراممىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا پەرق بولىدۇ. دۆلەت ياكى مۇھىت ئوخشىمىسا كۈلتۈرمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، پسىخىك پروگراممىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىرگە تىل، يەنى ئانا تىل ئۆزلىشىپ ماڭىدۇ. شۆبىھسىزكى، تىلنى كۈلتۈر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

2.5. ئۆخشاش كۈلتۈرگە ئىگە بولۇش ئۆخشاش تىلدا سۆزلەش دېگەنلىكمۇ

    خافىستەيد (Hofstede) "پسىخىك پروگراممىدىكى ئۈچ قاتلام" دەيدىغان پرامىدانى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى مۇنداق: ئۇل ھېسابىدىكى "ئىنسان خۇسۇسىيىتى" ئومۇمىي نەرسە بولۇپ، ئىرسىيەتلىك بولىدۇ. گېن پەرقى ئاساسىدا بولىدىغان ئىنسان خۇسۇسىيىتىدىكى قورقۇش ھېسسىياتى، مۇھەببەت  ھېسسىياتى، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ھېسسىياتى قاتارلىقلارنى قانداق بىرتەرەپ قلىش ۋە قانداق ئىپادىلەش دېگەنلەردە "ئىنسان خۇسۇسىيىتى" نىڭ ئۈستىدىكى "كۈلتۈر" ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەزكۇر "كۈلتۈر" ئىجتىمائىي توپ ۋە كاتېگورىيەگىلا خاس بولۇپ ئۆگىنىلدىغان نەرسىدۇر. پرامىدانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى قىسمى، يەنى "خاسلىق" شەخسنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولىدىغان بولغاچقا، پسىخىك پروگراممىنىڭ بۇ قىسمى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ. خاسلىق بولسا مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆزىدىلا بولىدىغان گېن تەرىپىدىن قۇبۇللانغان خاراكتېر بىلەن كېيىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن خاراكتېردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە ئاساسلىنىدۇ. كۈلتۈرنىڭ تەسىرىدە خاسلىقتا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ.
    سۇزۇكى تاكائو (鈴木孝夫) " گەرچە ئوخشاش تىل بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى تەجرىبىسى ئوخشىمىغاچقا، ھەممە ئادەمنىڭ چۈشۈنىشى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئادەمنىڭ باشقىلارغا تىل ئۆگىتەلەيدىغانلىقى پەقەت تىلنىڭ "تەبىر" ىنى ئۆگىتەلەيدىغانلىقىدىن بولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە "مەنە" نى ئۆگەتمەيدۇ." دەپ بايان قىلىدۇ. پاراڭ جەريانىدا چۈشەنگەندەك ھېس قىلسىمۇ، ئىشلىتىلگەن سۆز – جۈملىلەردىكى سۆزلىگۈچى ئويلىغان "مەنە" بىلەن ئاڭلىغۇچى تەرەپ سۈزۈۋالغان "مەنە" پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مېنىڭ "تىلغا ئىشەنچىسىز قارايمەن" دېگىنىم مۇشۇ بۆلەككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سەۋەبى مۇشۇ يەردە ئېنىقلىنىدۇ.
       ئۇجىئىئې يوكو (氏家洋子) "ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ئورتاق تونۇلغان نەرسە ئۇقۇم بولىدۇ، ئۇ يەنە ھەش – پەش دېگۈچە سۆزلۈككە ئايلىنىدۇ. ياپون تىلىدا <甘え> (ئامائې) دېيدىغان سۆزلۈك بار بۇلۇپ، بۇ سۆزلۈك ئىجتىمائىي ئالقىش ۋە رىغبەتكە مۇيەسسەر بولغان. ئىنگلىز تىلىدا <甘え> سۆزى ئىجتىمائىي ئالقىش ۋە رىغبەتكە ئېرىشمەيلا قالماي، <甘え> دېگەن سۆزگە باراۋەر كېلىدىغان ئىپادىلەش ياكى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزلۈكمۇ يوق" دەپ ئېيتىدۇ. كۈلتۈر سەۋەبىلىك تىل ۋە سۆزلۈكنىڭ ئوخشىماسلىقىنى مەزكۇر كۈلتۈر ياكى جەمئىيەتتە نېمىنىڭ ئالقىش – رىغبەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىمۇ پەرق بارلىقىدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ. كىندائىچى خارۇخىرو (金田一春彦) "قەدىمدىن بۇيان تەبىئەتكە باي دۆلەت بولۇپ كەلگەن ياپونىيەدە كۈلتۈرمۇ تەبىئەت بىلەن بىرگە بېيىپ كەلگەن. شۇڭا، ياپون تىلىدا دەرەخنىڭ ئىسمى ۋە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈكلەر مول" دەپ بايان قىلىدۇ. تەبىئىي شارائىت سەۋەبلىك كۈلتۈر ئوخشىمايدۇ. كۈلتۈر سەۋەبلىك شەيئىلەرنى چۈشىنىش، بىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئانا تىلغا ئىگە بولۇشنى تەبىئىي ئىشتەك بىلىپ، ئۇنى تەبىئىي يوسۇندا ئىشلىتىۋىرىمىز. ھالبۇكى، ئانا تىل بىزگە نىسبەتەن يېتەكچى - چەكلىمە بولىدىغان بولۇپ، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز ۋە ھەرىكەت ئەندىزىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. "يېتەكچى - چەكلىمە" دېگەن ئۇقۇمنى ئۇجىئىئې يوكو (氏家洋子) ئوتتۇرىغا قويغان. ئانا تىل ئانىدىن ئىگىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كۈلتۈر، جەمئىيەت ۋە نەچچە ئون ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ روھى پائالىيىتى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئانا تىل بىلەن بىرگە كۈلتۈرنى ئۆزلەشتۈرىدىغان بىزلەرنى تىل كونترول قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. تىل بىلەن بىرگە كۈلتۈر بولىدۇ. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ئانا تىلغىمۇ كېيىنكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىقى قىلىپ ماڭىدۇ. ئۇ بولسا كۈلتۈردۇر.
       پسىخىك پروگراممىنىڭ پىرامىداسىدا كۆرگىنىمىزدەك، بىز ئومۇمىي بولغان ئىنسان خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بىز مانا مۇشۇنى ئۇل قىلىپ، پەرقلىق مۇھىتتا ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئايرىم شەخستىلا بولىدىغان خاسلىققا ئىگە بولىمىز. گەرچە خاسلىق بۆلىكى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا. ھەر ئادەمنىڭ تىل جەھەتتىكى تەجرىبىسىنىڭ ئوخشا بولمايدىغانلىقى خاسلىق بۆلىكىگە تەۋە. بالا مېھىر ئوبيېكتى بولغان ئانىدىن تىل ئىگىلىگەن چاغدا ئانىنىڭ ھەربىر سۆزى بالىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بالىنىڭ خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى زۆرۈر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بالا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ماڭىدۇ. گەرچە ئۆخشاش ئانىدا تەربىيەلەنگەن بالا بولسىمۇ، زامان ۋە مۇھىت، شۇنداقلا ئالاقە ئورناتقان كىشىلەر ئوخشىمىسا، شەيئىلەرنى كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى مۇقەررەر. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەربىيە ۋە مائارىپ جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىسىنى خافىستەيد (Hofstede) نىڭ تىلى بويىچە "كۆڭۈلدىكىدەك خاراكتېرگە بىرلەشكەن ھەرىكەتمۇ كۈلتۈرلۈك مۇھىتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ" دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.
       كۈلتۈر كېيىنىكى ئەۋلاد تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان نەرسە. مەلۇم كۈلتۈر چەمبىرىكى ئىچىدىكى مۇئەييەن قىممەت قاراش ۋە ئاڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇئەييەن ئىجتىمائىي توپ بولۇپ، مۇشۇ ئىجتىمائىي توپ ۋارىسلىق قىلىدىغىنى تۆۋەن كۈلتۈر (subculture) دەپ قارىلىدۇ. دۇنيادا ياپون كۈلتۈرى، غەرب كۈلتۈرى، جۇڭگو كۈلتۈرى ... دېگەندەك چوڭ دەپ قارىلىدىغان كۈلتۈر بىلەن تۆۋەن كۈلتۈر بولىدۇ. ئەگەر ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى تۆۋەن كۈلتۈر ئوخشاش بولسا، ئالاقە تېز ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ راۋان بولۇپ، نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن تەغدىردىمۇ تىل جەھەتتىكى تەجرىبە ئوخشىمىسا سۆز – جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشمۇ ئوخشىمايدۇ. خافىستەيد (Hofstede) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھەربىر ئائىلە ئۆزىگىلا خاس كۈلتۈر شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۈلتۈر جەمئىيەتىكى ئۆلچەملەشكەن كۈلتۈر بىلەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مۇشۇ مەنە بويىچە بولغاندا، ئوخشاش تىلدا سۆزلەشنى ئۆخشاش كۈلتۈرگە (تۆۋەن كۈلتۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىگە بولغانلىق دېگىلى بولمايدۇ.

6. تۈگەنچە

          يۇقىرىدا بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىدىن كۈلتۈرنى چۈشىنىشىگىچە بولغان جەرياندا ئانا تىلنىڭ مۇھىم، تىل بىلەن كۈلتۈر مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلدى. بالا تىلدىن بۇرۇنقى باسقۇچتا مېھىر ئوبيېكتى بىلەن ئۇچرىشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن چاغداش خاراكتېرىلىك ياكى رېزونانىسلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان، دىئالوگ قۇرۇلمىسى بولغان  "سۆزلىگۈچى – تېما – ئاڭلىغۇچى" فورمىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ. بارماق بىلەن كۆرسىتىشتىن ئىبارەت كۆرسەتمىلىك ھەرىكەت، بالىنىڭ گېپى، ئانىنىڭ گېپى دېگەنلەر بالىنىڭ ئانا تىلنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئانا تىلنى ئىگىلەش كۈلتۈر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەرىبىيەدە سۆز – جۈملىلەرنى قانداق ئىشلىتىش بالىنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا كۈلتۈر كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل كۈلتتۈر بىلەن تەربىيەنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى سېلىشتۇرغاندا ياپونىيەدە يوسۇننىڭ، ئامېرىكىدا نۇتۇقتا ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئارزۇلىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. ياپونىيەدە ئاۋۋال كوللېكتىپقا تەۋە بولۇپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردىغانلىقىنى، ئامېرىكىدا بولسا ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۈلتۈر "تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئىدراك ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى" دېگەنگە ئۇيغۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەربىر جەمئىيەتتە ئارزۇ قىلىنىدىغان نەرسە بولىدۇ. جەمئىيەتتە ئالقىش – رىغبەتكە سازاۋەر بولغان نەرسە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان "كۈلتۈر" دىن ئىبارەت.
       ئەڭ باشتا، مەن تىلغا ئىشەنچىسىز قارايمەن، يەنى تىلدىنمۇ ئىشەنچىسىز نەرسە بولمىسا كېرەك دېگەنىدىم. كىشىلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى تەجرىبىسى ئوخشىمىغاچقا، يەتكۈزمەكچى بولغان "مەنە" بىلەن قارشى تەرەپ قۇبۇل قىلىدىغان "مەنە" ئوخشىمايدۇ، دېگەن قاراشقا ئىگە بولغاندىن كېيىنلا تىلغا بولغان ئىشەنچسىز قارىشىمدا يەڭگىللەش بولدى دەپ ئويلايمەن. ئادەم ئادەم ئارقىلىق تىلغا ئىگە بولىدۇ. بالا ئانا (باققۇچى) ئارقىلىق ئانا تىلنى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانا تىل مېھىرلىك، ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر بازا بولغان ئادەمدىن ئېرىشىدىغان تىل. تىل ئىشىنىش ئاساسىدا ئېرىشىلگەن بولغاچقا، باشقىلارغا ئىشىنىشنىڭمۇ تىل ئاساساسىدا بولىدىغانلىقى مەنتىقىسىز بولماسلىقى مۇمكىن.
      كۈلتۈرنىڭ مەركىزىدە قىممەت قاراش بولىدۇ. ھالبۇكى، پسىخىك پروگراممىنىڭ پىرامىداسى ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزسەك، خاسلىق ئادەمنىڭ قىممەت قارىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ چىقىدۇ. جەمئىيەتتە ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان كۈلتۈر بىلەن ئائىلىدە شەكىللەنگەن كۈلتۈر بولغاندا قانداق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئاشۇ ئىككى كۈلتۈرنى كېلىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەن كۈلتۈر چوڭ كۈلتۈر ئىچىدە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان كۈلتۈردە تۆۋەن كۈلتۈر ئوخشاش بولسا، ئالاقە تېز ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ كېيىن مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تۇرۇپ كۈلتۈر ھەققىدىكى تەپەككۇرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئويۇم بار. كۈلتۈر بىلەن قىممەت قاراش زادى قانچىلىق چوڭقۇر مۇناسىۋەتتە بولىدۇ؟ كۈلتۈرنىڭ تەبىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ، كۈلتۈر دېگىمىز نېمە دېگەن مەسىىلىلەرگە تىل ئاساسىدا قاراپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مۇشۇنداق قىلغاندا تىلنىڭ قۇدرىتىنى بىلىشكە بولىدۇ دەپ قارىدىم.
 
پايدىلانغان ماتېرىياللار: (قىسقارتىلدى)

ماقالىدە قاراشلىرى نەقىل قىلىنغان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى (تەرجىماندىن):
1.   ماساتاكا نوبۇئو (正高 信男) :  1954 – يىلى تۇغۇلغان، ھازىر توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار (Primates) تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفاېسسورى.
2.  خافىستەيد (Hofstede) : گوللاندىيەلىك، 1928 – يىلى تۇغۇلغان، 1971 – يىلى ئىلمىي ساھەگە قەدەم قويغان، 1993 – يىلى ماسترىخىت (Maastricht) ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان.
3.  فۇجىناگا تاموتسى (藤永 保) : 1926 – تۇغۇلغان، تەرەققىيات پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى.
4.  خانتا سۇسۇمۇ (繁多 進) : 1938 – يىلى تۇغۇلغان، پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى.
5.  سۇزۇكى تاكائو (鈴木 孝夫) : 1926 – يىلى تۇغۇلغان، تىلشۇناس، ئوبزورچى. كېئىئو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە  كىيورىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى.
6.  كۇروكاۋا ئىخوكو (黒川 伊保子) : 1959 – يىلى تۇغۇلغان، سودىگەر، ئوبزورچى.
7.  كىندائىچى خارۇخىكو (金田一 春彦) : 1913 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە ياشىغان، تىلشۇناس.
8.  ئوكاموتو ناتسىكى (岡本 夏木) : 1926 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە ياشىغان، پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى.
9.  ئۇجىئىئې يوكو (氏家洋子) : بۈۋىمەريەم پاك قەلب قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى، تىلشۇناس.
10.  ئىمائى ياسۇئو (今井 康夫) : 1948 – يىلى تۇغۇلغان، سۇمىتومو مېتال سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
11. ئوزۇما خىروشى (東 洋) : 1926 – يىلى تۇغۇلغان، پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى.
12. جون بولبى (John Bowlby) : ئەنگىلىيىلىك، دوختۇر، روھى ئانالىزچى، 1907 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە ياشىغان.
13.  كاشىۋاگى كېئىكو (柏木 惠子) : 1932 – يىلى تۇغۇلغان، پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى، توكيو قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى.
 
ماقالىنىڭ توردىكى ئادرېسى
http://www.ndsu.ac.jp/1000_guid/1400_depa/1430_japa/1434_gobun/1434_gobun_index.html#GOBUN1

1

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13549
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 315
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 00:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن جىق كىتاپلاردا شۇنداقلا بەزى تېمىلاردا مۇشۇ<<كۈلتۈر>>دىگەن ئاتالغۇ بىلەن <<ھازارەت>>ئاتالغۇسىنى كۆپ ئۇچىراتتىم.تۇنجى ئۇچىراتقىنىمدا تازا چۈشىنەلمەي تېما ئىگىسىدىن چۈشەنچە بېرىش توغۇرلۇق ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم.(قايسى مۇنبەرلىگى تازا ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ)بىر تورداش مۇنداق چۈشەنچە بېرىپتىكەن:
كۈلتۈر-كۈلتۈك دىگەن مەنىدە،
ھازارەت-تاھارەت دىگەن مەنىدە دەپ.
بۇ تېمىنى ئوقۇپ خېلى چۈشەنگەندەك قىلىمەن بۇ <<كۈلتۈر>> دىگەن ئاتالغۇنى....
ئاگاھ بولۇڭلار،جوڭگولۇقلار...!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

205

تېما

20

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

پەرىشتە

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2613
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 14322
تۆھپە : 8940
توردىكى ۋاقتى: 3232
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى  دىمەك ئۇيغۇر كۇلتۇرى  دىسەك خاتالاشقان بولمايدىكەنمىز ئەمىسە ،

ھەر بىر ئائىلدە بىر خاس كۇلتۇر شەكىللىنىدۇ دىگەن يەكۇن مېنى تولۇمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى ،

ئاشۇ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان باللار زادى نىمىگە ئېرىشپ نىمىنىى يوقۇتۇۋاتقاندۇ ؟

baxkilardin hapa buluxtin bur

4

تېما

0

دوست

1743

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13417
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 12:56:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە، يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ، بىزنى تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلغايسىز. سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت.

3

تېما

0

دوست

865

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13254
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 216
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 18:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈۋەندىكى بايانىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى:
ئەڭ باشتا، مەن تىلغا ئىشەنچىسىز قارايمەن، يەنى تىلدىنمۇ ئىشەنچىسىز نەرسە بولمىسا كېرەك دېگەنىدىم. كىشىلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى تەجرىبىسى ئوخشىمىغاچقا، يەتكۈزمەكچى بولغان "مەنە" بىلەن قارشى تەرەپ قۇبۇل قىلىدىغان "مەنە" ئوخشىمايدۇ، دېگەن قاراشقا ئىگە بولغاندىن كېيىنلا تىلغا بولغان ئىشەنچسىز قارىشىمدا يەڭگىللەش بولدى دەپ ئويلايمەن. ئادەم ئادەم ئارقىلىق تىلغا ئىگە بولىدۇ. بالا ئانا (باققۇچى) ئارقىلىق ئانا تىلنى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانا تىل مېھىرلىك، ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر بازا بولغان ئادەمدىن ئېرىشىدىغان تىل. تىل ئىشىنىش ئاساسىدا ئېرىشىلگەن بولغاچقا، باشقىلارغا ئىشىنىشنىڭمۇ تىل ئاساساسىدا بولىدىغانلىقى مەنتىقىسىز بولماسلىقى مۇمكىن.

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2397
توردىكى ۋاقتى: 958
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 20:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا  تىل توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ كۆپرەك يېزىلىپ ،تۇيۇق يولغان كىرىپ قالغان ئانا تىل مائارىپىنى، ئىزىغا چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

270

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13705
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 21:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز رەخمەت بۇلسا ۈاقتىڭىز يەتسە بىزلەرگە پايدىلىق بۇلغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغارسىز

0

تېما

0

دوست

398

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8483
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 81
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 22:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىلىشىمچە ھەزارەت ئەرەپچە سۇز بولۇپ مەدەنىيەت دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.كۇلتۇر تۇركچە سۇز بولۇپ بۇمۇ مەدەنيەت دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.ئەمما مەدەنىيەت ماددى جەھەتتىكى مەدەنىيەتنى كۇرسەتسە،كۇلتۇر ۋە ھەزارەت ئىدىيە،تەپەككۇر،دۇنيا قاراش جەھەتتە بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەتنى كۇرسىتىدۇ.ئادەتتە خەنزۇچىدە文明دېگەن سۇز ماددى مەدەنىيەتنى كۇرسىتىدۇ،بۇ ئادەتتە مەدەنىيەت دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.文化دېگەن سۇز مەنىۋى جەھەتتىكى ئىدىيە،كۇز قاراش جەھەتتىكى مەدەنىيەتنى كۇرسىتىدۇ،بۇنى ئادەتتە كۇلتۇر،ياكى ھەزارەت دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

1

تېما

3

دوست

1794

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 343
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 08:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ تەرجىمىنىڭ بىلىم قىممىتى ھەقىقەتەنمۇ يۇقۇرى ئىكەن،بولسا ياپۇنلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى توغرىسىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچۇرۇشۇپ تۇرساق.رەخمەت سىزگە!

قەشقەر يىگىتى

0

تېما

0

دوست

962

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13624
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 125
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 11:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىرىنداشلا، مەن بۇ ماقالىنى كۆرۇپ، شۇنداق تەسىرلەندىم،بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز، ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقان،مۇشۇ جەمىيەتتە،مۇشۇنداق ماقالىلارنى،كۆپىرەك يوللاپ تۇرشىڭلانى،ئۇمۇت قىلىمەن.
niku،دىگەن قىرقندىشىم،جاپا تارتىپسىز،رەخمەتسىزگە،يانا مۇشۇنداق،تىمىلا بۇلسا يۈللاپ تۇرغاىسىز، يەنەبىرقىتىم رەىمەت.
يوق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )