- تىزىملاتقان
- 2013-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 849
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
69.8%
|
كۈچنىڭ مەنبەسىنى-نەزەرىيىچىلەر، ئىلاھىيەتشۇناسلار، سىياسىيونلار تارىختىن بۇيان ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ شەرھىلەپ كىلىشتى. ئەمما مەن ئوقۇغانلىرىم، كۈزەتكەنلىرىم ئاساسىدا ئۇنى ئاساسلىغى مۇنۇ نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدىم: ساپالىق مۇئارىپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكا، ئىقتىسادى كۈچ، مۇستەھكەم دىنى ئىتىقاد ۋە باراۋەرلىك ھەم ئۆملۈككە تويۇنغان كۈچلۈك مىللى مەدەنىيەت! ئەلۋەتتە بۇلار چوڭ تىمىلار، بۇ ھەقتە مەن سىستىمىلىق توختىلىپ بولالمايمەن، چۈنكى،مەن ئالىم ئەمەس، ئاددى بىر ئۈگەنگۈچى، تۇرمۇشتىن خۇلاسە، ھاياتتىن مەنا ئىزدەپ، ھالال-ھارامنى، ياخشى-ياماننى چامىمنىڭ بارىچە، ئەقلىمنىڭ يىتىشىچە ئايرىپ چەككەن جاپالىرىمنى -تىرىشچانلىق، ئىشچانلىق دەپ قاراپ ئۈمىتۋار كىشىلىك ھاياتنى بەرپا قىلىشقا ئىنتىلىپ ياشىغۇچى. شۇنداقلا، بولۇۋاتقان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قويۇپلا قالماي كۆڭۈل غەلۋىرىمدە تاسقۇغۇچى، ئىلىنىۋاتقان قەدەملەرنى، مىڭىلىۋاتقان يونۈلۈشلەرنى سۈكۈت ئىچىدە كۈزەتكۈچى، ۋە يەنە مەلۇم ئىجتىمائى ھادىسىلەر ھەققىدە زۆرۈر دەپ قارىغان چاغدا، ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەپ تۇرغۇچى.....
بۇ قۇرلارنى قايتا قايتا ئوقودۇم، ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن! |
|