قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4044|ئىنكاس: 19

شۇڭقار كەبى چاغلار-(1)-قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

0

دوست

2822

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 551
تۆھپە : 527
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 18:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئىلاۋە: : بىز بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئەمما رىقابەتكە تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە رىقابەت ئەزەلدىن مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما لايغەزەللىك ۋە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى رىقابەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى - كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بويسۇندۇرۇشى، ھالاك قىلىشى ۋە يەپ كىتىشى بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.
كۈچنىڭ مەنبەسىنى-نەزەرىيىچىلەر، ئىلاھىيەتشۇناسلار، سىياسىيونلار تارىختىن بۇيان ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ شەرھىلەپ كىلىشتى. ئەمما مەن ئوقۇغانلىرىم، كۈزەتكەنلىرىم ئاساسىدا ئۇنى ئاساسلىغى مۇنۇ نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدىم: ساپالىق مۇئارىپ، يۇقۇرى پەن-تېخنىكا، ئىقتىسادى كۈچ، مۇستەھكەم دىنى ئىتىقاد ۋە باراۋەرلىك ھەم ئۆملۈككە تويۇنغان كۈچلۈك مىللى مەدەنىيەت! ئەلۋەتتە بۇلار چوڭ تىمىلار، بۇ ھەقتە مەن سىستىمىلىق توختىلىپ بولالمايمەن، چۈنكى،مەن ئالىم ئەمەس، ئاددى بىر ئۈگەنگۈچى، تۇرمۇشتىن خۇلاسە، ھاياتتىن مەنا ئىزدەپ، ھالال-ھارامنى، ياخشى-ياماننى چامىمنىڭ بارىچە، ئەقلىمنىڭ يىتىشىچە ئايرىپ چەككەن جاپالىرىمنى -تىرىشچانلىق، ئىشچانلىق دەپ قاراپ ئۈمىتۋار كىشىلىك ھاياتنى بەرپا قىلىشقا ئىنتىلىپ ياشىغۇچى. شۇنداقلا، بولۇۋاتقان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قويۇپلا قالماي كۆڭۈل غەلۋىرىمدە تاسقۇغۇچى، ئىلىنىۋاتقان قەدەملەرنى، مىڭىلىۋاتقان يونۈلۈشلەرنى سۈكۈت ئىچىدە كۈزەتكۈچى، ۋە يەنە مەلۇم ئىجتىمائى ھادىسىلەر ھەققىدە زۆرۈر دەپ قارىغان چاغدا، ئويلىغانلىرىمنى  ئىپادىلەپ تۇرغۇچى.....


           بۈگۈن بوستوندا قار قىلىن ياغدى.  نەتىجىدە، شەنبە سەھەردە بوستوندىكى بىر ئىنىستىتوتتا 3 سائەت ئۆتىدىغان دەرسىم ئـۆتۈلمەيدىغان بولدى. شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىغى -قارا تەنلىكلەر ئىرقىدىن بولغان دېۋال پەچرىك ئەپەندىنىڭ جاكاسى بىلەن يۇقۇرى سۈرەتلىك يولدا ماشىنا ھەيدەش مەنئى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە سولىنىپ قالدىم. دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئەركىن لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قارلارغا ھەۋەسلىنىپ شائىرانە ھىسسىياتلىرىم قوزغالدى، شىئر يازماق بولدۇم-يۇ ئەمما ئىسىمگە بۇرۇن مۇنۇ مۇنبەردە ۋە شەخسى ئېلخەتتە بىر نەچچەيلەنگە بەرگەن ۋەدەم ئىسىمگە چۈشتى. ئورۇنلىماق پەرزدۇر!
        ۋەدىنى شۇنىڭ بىلەن ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىمدىن ئارىيە ئىلىپ كۆپچىلىككە ئىلھام بولسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە تۆۋەندىكىنى يىزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالىدىغىنىم - مەن ئىشىلىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ كەتكەن كىشى ئەمەس، ھەم ئۆزۈم ئويلىغاندىكىدەك ئادەممۇ بولالىغان كىشى ئەمەس، ئەمما رىقابەتكە دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىشەنچ بىلەن جەڭ ئىلان قىلىدىغان، قىيىنچىلىقتىن ۋايساپ كەتمەيدىغان، يىقىلىپ چۈشسە يىتىۋالمايدىغان، يىقىلىشنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن ئىزدەيدىغان، ياخشىلىققا ياخشىلىق ئىزدەيدىغان، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرالايدىغان كىشى. دىمەكچىمەنكى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش تەجىربىلىرىمنى يازغاننىڭ، كونا ئىشلارنى سۆزلىگەننىڭ ئوقۇرمەنلەرگە پايدىسى تىگەرمۇ دەپ ئويلنىىپ تۇرۇپ يىزىۋاتىمەن!ھەتتىڭەي، يىزىش-مەندىن، تاللاش ياكى شاللاش-جامائەتتىن!


********
    مەن 1996 -يىلى ئۇنىۋىرسىتىت ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىغا لىكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن خىزمەتكە چۈشۈپ ئاز-كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىدە تەڭ-تۇشلارنىڭ سورۇنىغا داخىل بولۇپ قالدىم. سورۇندىكى مىھمانلارنىڭ بەزىلىرىنى تونىساممۇ بەزىلىرىنى تونۇمايدىكەنمەن. ئۆز-ئارا تونۇشۇشلاردىن كىيىن كۆپچىلىك تاغدىن-باغدىن پاراڭغا چۈشۈشتۇق، پاراڭلىرىمىزغا چاقچاقلارمۇ قىتىلىپ تۇردى. نىمە بولدى، تىما ئالى مەكتەپ ھاياتىمىزدىكى قىزىق ئىشلارغا مەرگەزلىشىپ قالدى.

ئارىدىن بىرى شۇنداق دىدى:
-ھىسامكامنىڭ بالىسى ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپتىغۇ. ھىسامكام بالىسىغا قىيماي غۇلجىدىن ئوغلىنى ئىلىپ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ ۋە يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كۈنى ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ دەرۋازىسىدىن ئوغلى بىلەن كىرىپ كەپتۇ. ھىسامكامنى كۆرگەن مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىدىن بىرى دەرھال چاقچاق قپتۇغۇ:
-ھوي ھىسامكا ھوي، بىز ياشانغانلارنى ئۇنىۋىرسىتىتقا قوبۇل قىلمايمىز.

-ئوقۇغۇچىىققا قوبۇل قىلمىساڭلار باش مۇدىرلىققىغۇ قوبۇل قىلارسىلەر دەپتۇ، ھىسامكام. شۇنىڭ بىلەن مەيداندىن كۈلكە كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ بىزمۇ كۈلۈشتۇق.
يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ قىزىق ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدىكەن دىدى سورۇندىكىلەردىن بىرەيلەن.
"بىر يىلى ئاتۇشتىن بىر بالا ئۇنىۋىرىستىتقا يىڭى كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەپتۇغۇ. تىزىمغا ئالغۇچى خەنزۇ مۇئەللىم:
-"سەن قايسى فاكۇلتىتتىن؟" - دەپ سورىسا (بۇ گەپنى خەنزۇچە دىدى ئۇ?)
-مەن ئاتۇش فاكۇلتىتىدىن(Wo Xi Atuxi Xi De) دەپ جاۋاپ بىرىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋىتىپتىكەن. ئاتۇشتىنمۇ ئاشۇنداق دۆت ئادەملەر چىقىدىكىنا؟ دىۋىدى بىرەيلەن، مۇشۇ گەپنى باشلىغان بالا شۇنداق دىدى:
-پۇل بەرمىسەڭ توغرا جاۋاپنى بىكارغا بىرەتتىممۇ دەپ ئويلىدى- دە ئۇ ئاتۇشتىن كەلگەن بالا. -
-ئاغىنىلەر دىدىم مەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ،
-سىىلەر گىپىنى قىلغان ئاتۇشتىن كەلگەن بالا مەن ئىدىم.
- "ۋوي" دەپ قىلىشتى ئۇلار. مەن ئۇلارغا ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بىرىۋىدىم، سورۇننىڭ كۈلكىسىگە كۈلكىلەر قوشۇلدى.
ئەسلى ئىش مۇنداق  ئىدى.
مەن باشلانغۇچتا خەنزۇ تىلىنى كۆرۈپ باقمىغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئۇلۇغچات ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغاندا جامالقان ئىسىملىك ئىگىز ھەم ئۇستىخانلىق كەلگەن 45 ياشلاردا بار بىر قىرغىز خانىم خەنزۇ تىلى دەرسىنى بەرگىلى كىردى. مەن بىر مەۋسۈم ھىچنىمە چۈشەنمەي چىقىپ كەتتىم ھەاتتا خەنزۇ تىلىدىن ئۆتەلمىدىم.
مۇشۇ سەۋەپتىنمكىن بۇ تىلغا بەك ئۆچ بوپ كەتتىم، ئۈگۈنۈشتىن بەكلا رايىم سوۋۇپ كەتتى. 8-سنىپقا چىققان ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرىمىز ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ مۇئەللىمنىڭ ئايالى-ئوقۇتۇش مىتودى ئۈستۈن بولغان پاتىمە خانىم دەرسكە كىردى. بۇ خانىمنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئەمدى ئاز-تولا بىر نەرسە ئۈگۈنەي دەپ تۇرغاندا، 1985-يىلى 23-ئاۋغۇستتا يەر تەۋرەپ مەكتەپ ۋەيران بولدى. شۇ چاغدىكى ناھىيىلىك مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى -ئاسانبېك تۇردىنىڭ (كىيىن ئوبلاست باشلىغى بولۇپ تەيىنلەندى)  بىزنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتماسلىق تەلىۋىنى يولسىزلىق دەپ بىلگەن دادام، ئۇنىڭ بىلەن زوكۇنلىشىپ ئاخىرى چىقمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن ئۆزى بۇرۇن ئوقۇغان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئالاقلىشىپ ئورمانچىىق مەيدانىدىن كەلگەن 20 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى ئىدارىنىڭ ماشىنىسىغا بىسىپ ئۇدۇل ئاتۇشقا ئىلىپ كىردى.(بۇ ئىشلاردا بىزنىڭ ئوقۇشسىز قىلىشىمىزنى خالىمىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن - مەكتەپ مۇدىرى قەدىردان ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە ۋە مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمنىڭ مەسۇلى - ھۆرمەتلىك ئەسقەر ئەيسا مۇئەللىمگە چوڭقۇر ھورمىتىم بار).
        مەن ئاتۇشقا تولۇق بىرىنجى يىللىققا كىرگەندە تۇرسۇن قادىر دىگەن سىياسەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ "نىمە ئۈچۈن" دىگەن خەنزۇچە خەتنى دوسكىغا يازالىغىنى ئۈچۈن-  ئۇ مۇئەللىمنى  قالتىس سەۋىيەلىك مۇئەللىم ئىكەن بۇ" دەپ ئويلىغىنىم ئىسىمدە. ئەمدى ئەسلىسەم، ئاشۇ ئوينىڭ كاللامغا كەلگىنىگە قارىغاندا، راست  ئەينى چاغدا خەنزۇچىدە نۆلگە يىقىن سەۋىيەدە ئىكەنمەن. مەن ئەزەلدىن خەنزۇچە سۆزنىڭ پىنيىنلىرىنىڭ ئۈستىگە سىزىلىدىغان تۈز، يانتۇ سىزىقلارنى قانداق پەرق ئىتىپ ئوقۇشنى(يەنى ئاھاڭنى) ئۈگەنمىگەچكە، يەنى "ئاخۇنۇم قاپ بەلدىن" دىگەندەك مەيلى تولۇقسىز بولسۇن ياكى تولۇق ئوتتۇرا بولسۇن خەنزۇ تىلى دەرسىدە ئوتتۇرىدىنلا چۈشكەچكە، ماڭا بۇ تىلنى ئۈگۈنۈش بەك ئىغىر كەلدى. مەسىلەن، ئوخشىمىغان شەكىلدە يىزىلىدىغان بۇ خەتلەرنى چىئاڭ دەپ ئوقۇيدىكەن، بۇ بىر دەم "قورال" دىگەن مەنانى بىلدۈرسە، بىر دەم "تام" دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن، يەنە بىر دەم "بۇلاش" دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن. مەن قانداق ئايرىيمەن بۇ شۇنچە چىئاڭلارنى، ھۇ ئاچاڭنى... بەزىدە ئويلاپ زەردە بولۇپ كىملەرنىدۇر تىللاپمۇ كىتەتتىم.
     مەن ئاتۇشقا ئوقۇشقا كىرگەن يىلى ئاتۇشنىڭ مەمۇرى دەرىجىسى تىخى ناھىيە بولسا كىرەك. تاغامنىڭ ئۆيىگە تاماققا ماڭغان بەزى كۈنلىرى ناھىيىلىك رادئىو ئۇزۇلىنىڭ خەنزۇچە بۆلۈمىنىڭ خەنزۇ ئايال دىكتورىنىڭ "Atushi xian ren min guang bo zhan"(ئاتۇش ناھىيىلىك رادىئو فونكىتى") دىگىنى قۇلىغىمغا كىرەتتى. "ھە، ناھىيە دىگەننى -شەن "دەيدىكەندە" دەپ ئۆزەمچە بىلىۋالدىم. ئاز كۈندىن كىيىن ئاتۇش شەھەر بولۇپ ئۆزگەردى. ئەمدى مەن ھىلىقى ئايالنىڭ ( ئاتۇش شەھەرلىك رادىو ئىستانسىسى)" Atushi shi ren min guang bo   taiدىگىنىگە دىققەت قىلدىم ۋە ئۆزەمچە "ھە، شەھەر دىگەننى شى دەيدىكەن -دە دەپ بىلىۋالدىم.
دىمەك، مەن shi بىلەن xi نىڭ پەرقىنى ئۇقمايدىكەنمەن. شۇندىقتىمۇ،  ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە ئانچە-مۇنچە ئۈگۈنىۋالغان خام سۆزلەرنى يازالاشنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، ئىمتىھاندىن 20 نەچچە نومۇر ئىلىپ بەك خوش بوپ كەتتىم .
       1988-يىلى سىنتەبىرنىڭ بىشىدا بالىلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇشقا كەلگەن ئاتا ئانىلارنىڭ دولقۇنىدا كۆز يىشى قىلىپ قالغان ئاتا-ئانامغا ئاپتوبۇزنىڭ دەرىزىسىدىن قول پۇلاڭشىتىپ كۆز يىشى قىاىپ خوشلىشىپ 3 قونۇپ 4-كۈنى قىزىلسۇ تىرانسپورت كالۇنىنىنڭ ئىسلامجان ئىسىملىك شوپۇرى (ئۇ كىشىنى قازا قىلىپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم، شۇنداق بولغان بولسا، ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!) ھەيدىگەن ئاپتوبوس بىلەن ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت كىلىۋالدۇق. ئالدىمغا 87 -يىللىق ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ساۋۇتجان ھىدايەت بىلەن، مەن بىلەن بىر سىنىپقا ئاتۇشتىن قوبۇل قىلىنغان، ئەمرۇللانىڭ ئاكىسى - 85 -يىللىق فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى.(بۇ ئىككىسىگە رەخمەت!)
يىڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىدىغان كۈن - 7-سىنتەبىر ئىدى.
مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدا يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قاتار تۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرىۋاتاتتۇق. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە خەنزۇ ئوقۇتقۇچى سورىدى:
-سەن قايسى فاكۇلتىتتىن؟Ni Shi Na Ge Xi De)
     مىنىڭ ئىسىمگە دەرھاللا ھىلىقى  ئاتۇشتىكى دىكتور ئايالنىڭ سۆزى كەلدى-دە، مۇنۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىپ كىتىپ قالدى:
-مەن ئاتۇش فاكولتىتىدىن. Wo Xi Atuxi Xi De) دىمەك مەن xi بىلەن Shi نىمۇ پەرق ئىتەلمەيمەن دىگەن گەپ. شۇ سۆزنىڭ ئىغىزىمدىن چىقىشىنى بىلەرمەن، ئەمما باشقىسى نامەلۇم، ئەتراپىمدىن قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ مەندىن ئىككى قەدەم كەينىمدە تۇرغان قانۇن فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ئۈرۈمچىدىن كەلگەن گۈزەل بىر قىز قاتتىق سەت كۈلۈۋەتتى. مەن تېخىچە نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمىغان ئىدىم. مۇنۇ كەينىمدە تۇرغان ئاتۇشتىن بىللە چىققان ئەمرۇللانىڭ كۈلكىسىنى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىلىدىغان گەپنى دىمەيسىز تېخى. ئەمرۇللا ئۆزى ئوچۇق ۋە شوخ ، گەپنى ئوچۇق دەۋىرىدىغان بالا ئىكەن.
-ھەي دۈت ، ماۋۇ سىنى قايسى فاكۇلتىتنىڭ دەۋاتىدۇ. ئاڭغىچە ئۇنىڭ ئاكىسى ئەنۋەر ئاكا جاۋاپنى بىرىپ بولدى ۋە دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ" مەن تۇرسام ياردەم بىرىمەن دەپ، نىمىگە ئالدىراپ كەتتىڭ."
ئىزادىن يەرگە كىرگۈدەك بوپ كەتتىم، ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك قىزغا غەزەپ بىلەن بىرنى ئالايدىم ئۇنىڭ كۈلكسى سۆڭىگىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. كىيىن ئۇ قىزنى مەكتەپتە نۇرغۇن قىتىم كۆردۈم، ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇ قىز مىنى "ھە مانا ئاتۇشى شى كىلىۋاتىدۇ" دەپ كۈلۈۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ خۇدۇكسىرەپ قالاتتىم.
       شۇنداق قىلىپ ئوقۇش باشلانغاندا بىرىنجى قىيىن ئۆتكەل خەنزۇ تىلى بولدى. بىزگە خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئۈرۈمچىدە تۇغۈلۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ چوڭ بولۇپ ئۇنىۋىرسىتىتتا ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى ئوقۇغان جاۋيوڭخوڭ ئىسىملىك ئىگىز ھەم زىلۋا كەلگەن ياش بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بەردى. دەرس باشلىنىپ،
بىر- ھەپتىدىن كىيىنلا ئىقىمىز ئاق، قارىمىز -قارا بولۇپ  بولدۇق. مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر ۋە خوتەننىڭ چەت يىزىلىرىدىن كەلگەن بىر نەچچىمىزدىن باشقا ھەممە ساۋاقداشلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىمۇ خىلى يۇقۇرى، تەلەپپۇزىمۇ نىسبەتەن توغرا ئىدى. بىز ئايرىلىپلا قالدۇق. خام سۆز ياكى تېكست ئوقۇش نۆۋىتى بىزگە كەلگەندە بالىلار كۈلۈشۈپ كىتىشەتتى. ئادەم دىگەن قىزىق نىمىكەن، مەن ئۆزەمنىڭ ھالىم قانچىلىك دىمەي، خوتەندىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىم خەنزۇچە خەتلەرنى قىزىقراق ئوقۇپ سالسا باشقىلار بىلەن مەنمۇ تەڭ كۈلۈپ سالاتتىم دىسە...:)
     شۇنداق قىلىپ بىرىلگەن تاپشۇرۇقلاردىن دەسلەپ ئۆتەلمىدىم. ئاددى جۈملە تۈزۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ ھامان ئىگىنىڭ كەينىدىن تولدۇرغۇچىنى يىزىپ خەۋەرنى ئەڭ كەينىدە يىزىپ قوياتتىم. ئۇ چاغلاردا بىر نەچچە پەندىن نىيۇت قالسا مەكتەپتىن چىكىندۈرەتتى .(بىزنىڭمۇ ئىككى ساۋاقدىشىمزنى چىكىندۈرىۋەتتى).
كۆڭلۈمگە قورقۇنچ چۈشۈپ ئەمرۇللادىن ياردەم سورايتتىم:
ئۇنىڭ ياردىمى ماڭا شۇنداق باشلىناتتى:
-ھۇ دوت، مۇشۇنىمۇ يازالمىدىڭما؟ ماڭ قايلا، ماۋۇ..bu jin...er qie دىگەنگە مۇنداق جۈملە تۈزىسىەن.
wo de biao bu jin zhun que er qie zou de hen kuai!
(مىنىڭ سائىتىم توغرا بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تىز ماڭىدۇ!)
مەن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە يازاتتىم.
مەن ھەر كۈنى ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ "چەيخو- ئوتۇن، چىزى- خوتۇن" دىمىسەممۇ ئىشقىلىپ ئۆزەم ياخشى كۆرگەن ئۇسۇل بىلەن خەنزۇچە ئۈگىنىشكە ئاتلاندىم.
     ئارىلىقتىن بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئەينى چاغدا مەۋجۇت بولغان ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ يىندىكى چوڭ زالدا يىڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن خەنزۇ تىلىدىن سەۋىيە ئىمتىھانى ئىلىپ، 44تىن يۇقۇرى ئالغانلارنى "تىز سۈرەتلىك سىنىپ" دەپ، 44 تىن تۆۋەن ئالغانلارنى "ئاستا سۈرەتلىك سىنىپ " دەپ ئاتاپ ئايرىم دەرسلىك كىتاپچىنى قوللىنىپ دەرس ئۆتۈشمەكچى بولۇشتى. "نامراتنى يوقىدا قىيناڭ" دەپ، مەن 46 ئىلىپ قالغىنىم ئۈچۈن مىنى "تىز سىنىپ"قا ئايرىپ قويۇپتۇ. ئىنتايىن جىددىلىشىپ كەتتىم. جەنۇپتىن كەلگەن باشقىلار -باشقا سىنىپقا چىقىپ كەتسە، ئەمدى مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم مىنى قاچان تېكست ئوقۇيدىكىن دەپ ساقلايدۇ. شۇنداق ئويلاپ مىنى تەر بىسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن جاۋ مۇئەللىمنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن مىنى "ئاستا سىنىپقا" يۆتكەپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم.
-بولمايدۇ، سىز يىتىشىپ كىتەلەيدۇ، دىدى جاۋ مۇئەللىم. مىنىڭ ئەندىشەمنى چۈشەندىمۇ قانداق ئۇ كىيىن مىنى دەرستە تەڭقىسلىقتا قويىدىغان ئىشنى قىلمىدى. دەرھەقىقەت مەن 2 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق 2-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەنزۇ تىلى نەتجەمنى سىنىپ بويىچە 4-ئورۇنغا كۆتۈردۈم.
    دىمەك، توغرا ئوقۇتۇش مىتودى ۋە ئىلھاملاندۇرۇش بولسىلا، ھەمدە ئوقۇغۇچى ئۆزى تىرىشىپ بەرسىلا  ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇ تىلىنى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئۈگۈنۈش ئارقىلىقمۇ ئۇ تىلنى ياخشى ئۈگۈنۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. كىين جاۋ مۇئەللىم مەرگىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كەتتى. مەن ئامىرىكىغا ۋىزا ساقلاپ بىيجىڭدا مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىغا بارغان مەزگىلدە ئۇ خانىمنى يوقلاپ قويدۇم.
*****************************************
       ئالى مەكتەپ ھاياتىمدا بىرىنچى يىلىلا مەن دۇچ كەلگەن يەنە بىر مەسىلە- تەنتەربىيە دەرسى بولدى. بۇرۇن چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەنمەن. بىز ئالى مەكتەپكە كەلگەندە تەنتەربىيە دەرسىنى ئابلىمىت ئىسىملىك قاۋۇل ، بۈدۈر چاچ بىر مۇئەللىم بەردى. ئۇزۇنغا يۈگۈرەلمىگەنلىك ۋە تورنىكنى ياخشى ئوينىيالمىغانلىق سەۋەبىدىن 67 نومۇر ئىلىپ قالدىم. دىمەك بۇ باشقا نەتىجەمنى سۆرەپ كەتتى. مەن بۇ ئەھۋالنى قەتئى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىدىم، ۋە بىرىنجى يىلى ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ ئاتۇشقا قايتتىم، ئاندىن ئاتا-ئانامنىڭ خىزمەت ئورنى كەنشىۋەر ئورمان مەيدانىغا چىقتىم ھەمدە ئانامدىن ھەر بىر پۇتۇمغا تاڭىدىغان نەچچە كىلولۇق قۇم خالتا تىكىپ بىرىشنى ئۆتۈندۈم. ئالاھىزەل 40 كۈن ئەتراپىدا ھىلىقى قۇم خالتىنى پۇتۇمغا تىڭىپ ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى تاغقا سەھەر 6 لەر بىلەن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ چىقىپ چۈشۈپ مەشق قىلدىم. دەسلىۋىدە مەشق ئىغىر كىلىپ بىشىم قىيىپ قۇسۇپ يۈردۈم، ئەمما مەشقنى ھەر كۈنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم. ئۈرۈمچىگە يىنىپ بارغاندىن كىينمۇ بىرسى ئۈگۈنۈشنى يەنە بىرسى چىنىقىشنى چىڭ تۇتتۇم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈگۈرۈش سۈرىتىم ھەم ئاشتى، ئۇزۇنغا سەكرەش، ئورۇندا تۇرۇپ ئۇزۇنغا سەكرەش ۋە ئىگىزگە سەكرەشلەردە كۆپ ئىلگىرلىدىم. نەتىجىدە، 2-يىلىدىن باشلاپ تا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ھەر يىلى تەنتەربىيەدە ئەلا نەتىجە ئالدىم. مىنى قوشقاندا، سىنىپمىزدا 3 ئوقۇغۇچى تەنتەربىيەدە ئەلا نەتىجە ئالاتتى. بىرى ئەسقەر جاپپار، يەنە بىرى بۇرچىندىن كەلگەن روزى ھۈسەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى فاكۇلتىتىمىزدىن ۋەكىل بولۇپ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە چۈشەتتى، بىراق مەن تارتىنچاق بولغاچقا ئاسما مايكا كىيىپ يۈگۈرۈپ يۈرۈشنى توغرا كۆرمەي  ئۇنداق مۇسابىقىلەرەدىن ئوزۈمنى تارتاتتىم. مۇشۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم ئاشۇ ئۇرۈمچىنىڭ تۇمانلىق كۈنلىرىدىمۇ، قارلىق قىشلىرىدىمۇ ، شەنبە يەكشەنبىلەردىمۇ ئىغىر كۆرمەي سەھەر تۇرۇپ چىنىقىدىغان ئاشۇ مۇستەھكەم روھىم ھىلىھەم ماڭا مەدەت بىرىدۇ، كىتىپ-كىتىپ ئاشۇ ھەركەتلەرنى مەشق قىلىپ قويىمەن.
مەن ئالى مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرى دۇچ كەلگەن خەنزۇ تىلى ۋە تەنتەربىيە ئۆتكىلىدىن ۆتكەندىن كىيىن، ئنگىلىز تىلى ۈگۈنۈشكە تۇتۇش قىلدىم بۇ ھەقتە كىلەركى يازمامدا تەپسىلى توختىلىمەن.


28

تېما

0

دوست

2822

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 551
تۆھپە : 527
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 15:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى يوللىسام غەلىتە چىقىپ قىلىۋاتىدۇ. ئابزاسلار خاتا ئورۇنلىشىپ قىلىۋاتىدۇ. يەنى بىرى خەت شەكلىنى بىر خىللاشتۇتۇپ، قويساڭلار، مەن قىلالمىدىم.
رەھمەت!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

http://risaletmerdan.blogbus.

56

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6200
تۆھپە : 3847
توردىكى ۋاقتى: 4189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Siz mening tirishish ulgem idingiz, qeyser aka salamet bolung!!!

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

9

تېما

0

دوست

3099

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 698
تۆھپە : 463
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 13:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن، شئېر يازمىغانلىقىڭىزغا ھەيران قالدىم. كىشىلەرنى شىئېردىن توسۇيدىغانلار مەن ئۆچ! بىرقىسىم تېتىقسىز شائىرلار شائىرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋەتكىنى راس، ئەمما، ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئەڭ نوچىلىرى ھامان بىر كۈنى جەۋلان قىلىدۇ. بىراق، بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈلگە بولالىغۇدەك.
---
تاراتى، سىزمۇ تاراتى تاغلىرىدا پۇتىڭىزغا شېغىل تېڭىۋاپ يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغانمۇ؟...

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14260
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 15:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي قەيسەركا، مۇنداق يۇمۇرلىرىڭىزمۇ باركەندە! كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم. سالامەتمۇ سىز؟ باغداشتا سىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم!
مىڭلىغان قەدەملەرمۇ تۇنجى قەدەمدىن باشلىنىدۇ

2

تېما

13

دوست

3817

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7263
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 780
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 780
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 00:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! مومكىن بولسا تېخىمۇ تەپسىلى يازسىڭىز ، سىز نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، مانا مۇشۇنداق ئەسلىمە خارەكتىرلىك يازمىللىرىڭىز نۇرغۇن ياشلارنى ئىلھام-مەدەتكە ئىگە قىلىدۇ . داۋامىغا تەشنامىز !

http://risaletmerdan.blogbus.

56

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6200
تۆھپە : 3847
توردىكى ۋاقتى: 4189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 15:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا: سىز مېنى تونۇمايسىز. ئەمما مەن سىزنى ئۇزۇندىن بۇيان تونۇيمەن. سىزنىڭ تارىم ژورنىلىدىكى ئەدەبىي ئاخبارىتىڭىز ماڭا قاتتىق تەسسىر قىلغان. ئۇكىڭىز ئەسقەر بىلەن ئېنگىلىز تىلى سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان ئىدىم. سىزدەك قەيسەر بولالمىساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمەن.
ئالدىنقى ئىنكاسىم تىلىفۇندا يېزىلغاچقا قىسقا بولۇپ قالدى. دىمەكچى بولغىنىم، كەچۈرمىشلىرىڭىزنى، بولۇپمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشتە قانداق غەيرەتكە كەلگەنلىرىڭىزنى يازسىڭىز مەن باشلىق نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە ئىلھام بولاتتى.
سالامەت بولۇڭ. سىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى كۈتىمىز

0

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   14.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14731
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 02:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە!

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2397
توردىكى ۋاقتى: 958
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 19:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەت شەكلىنى بىر ئوڭشىۋەتسەڭلار بوپتىكەن. ئوقۇشتا سەل قېينىلىپ قالدۇق.

0

تېما

1

دوست

1588

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5212
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 341
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم  بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىڭنى يوللاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى
ئەسلەتتىڭ رەھمەت داۋاملىق مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە تېمىلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرۇشنى
ئۈمۈت قىلىمەن!


تۇرسۇنجان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )