- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4515
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
83.83%
|
ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى
چاغان كەلدى ئالچاڭلاپ ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى ،
مومايلارغا قاش ئېتىپ ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
سەن بىلەن بىز قىلمىغان قالمىسۇن ھېچ بەتقىلىق ،
ياشايلى بىز مايمۇندەك ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
ئۇيغۇر دېگەن ئەزەلدىن ئۇسۇلچى دەپ ماختىسا ،
باشلاپ خوتۇن قىزىڭنى ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
ھەپتە ئون كۈن تەييارلىق قىلىپ <<قۇتلۇق>>چاغانغا ،
پانۇس ئېسىپ ھويلاڭغا ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
چىقىپ قالسا يېڭىدىن چوشقا گامنام سىتالى ،
ئىككىلەنمەي تۆت پۇتلاپ ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ،
سېتىۋاتكىن ئەسلىڭنى ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
پايتىمىدەك سۆرىلىپ تۇرسا مىللى قىممىتىڭ ،
سەنمۇ راسا سېسىتىپ ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى .
سورىقى يوق دۇنيا بۇ خالىغانچە ياشاۋەر ،
كىرسەڭمۇ سەن دوزاققا ئوينا ياڭگىر ئۇسۇلى !
20013-2-ئاي
چاغان كەلدى ئوينىۋال
پانۇس ئېسىپ ئۆيۈڭگە چاغان كەلدى ئوينىۋال ،
ھاراق ئىچىپ كەيىپتە چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ئېتىلداقلار ئېتىلسۇن قۇلاقلارنى يارغۇدەك ،
بالىلىرىڭ شاتلانسۇن چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ناغرا سۇناي چالدۇرۇپ دۇكانلارنىڭ ئالدىدا ،
رەڭۋازلىقنى ماركا قىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
باشلىقىڭنى مېھمان قىل تۈگۈر تىزىپ جوزىغا ،
خۇشامەتنى كۆرسىتىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ھەرخىل نىيەت ئارزۇغا يىتىشنىڭ بۇ يولى دەپ ،
كۈندە ساختا ھېجىيىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
رېستۇراندىن ئورۇن ئال ئالدىنئالا زاكاس قىپ ،
رەڭلىك سورۇن قىزىتىپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
كېرىۋىلىپ دېباغا كېچىلىرى ساڭنادا ،
سەتەڭلارنى قۇچاقلاپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
يېتىپ ئاشار بىر ھەپتە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ،
ئېمانىڭنى ئۇنتۇپلا چاغان كەلدى ئوينىۋال .
تەخسىكەشلىك ئەزەلدىن بولغاندىكىن ئەنئەنەڭ ،
چاڭچىلىگە چىرقىراپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
چاغان دېگەن بىزنىڭمۇ بايرىمىمىز ئىدى دەپ ،
ئىت گۆشىدىن تۈگۈر يەپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
قىلنى پىلدەك كۆرسىتىپ كۆزنى بوياپ سەھنىدە ،
تېلىۋىزوردا غىلجىڭلاپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
ئەپلەپ سەپلەپ ياشاشقا كەلگەندىكىن دۇنياغا ،
ۋىجدانىڭنى سېتىپ يەپ چاغان كەلدى ئوينىۋال .
2012-1-21
مەنبە:ئىجادىيىتىم
ئاپتورى :ئۇيغار |
|