- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2603
- نادىر
- 0
- يازما
- 248
ئۆسۈش
20.1%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باغداش ئەھلى !!! مەن باغداش تورىنىڭ كورۇرمىنى ئىدىم، مۇنۇ تېما مىنى ئەزا بولۇشقا قىستاپ قويدى. بىر ھورۇن قوي توپتىن ئايرىلىپ يېقىنلا يەردىكى ئوتلاقتا ئوتلاشقا باشلىدى، ئۇ ئەلۋەتتە بۆرىدىن قوقمايمۇ تۇرمىدى، ھەقىقەتەن بۆرە بارغانچە يېقىنلىشىپ كەۋاتاتتى،ئەمما قوي يەنىلا ھورۇنلىقىدىن ئوز سەزگۇسىنى ئالداۋاتاتتى، ياق؛ بۆرە يوق ،بۇ مۇمكۇنمۇ؟؟ بۇ جايدا بۆرە نىمىش قىلسۇن،ئوتلاۋېرەي دەپ يەنىلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋاپ ئوتلاشقا باشلىدى. يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئوتتى، بۆرە تېخمۇ يېقىنلاشتى، قوي بېشىنى كوتۇرۇپ قاراپ بۆرىنىڭ راسلا ئوزىگە خېلىلا يېقىنلاشقىنى كۆردى،قوي يەنىلا ئۆزىنى ئالدىدى، ياق ياق بۇ بۆرە ئەمەس بۇ يەدە بۆرە نىمىش قىلسۇن دىدى،مىنىڭ كۆزۇمگە شۇنداق كورىنىۋاتقان چېغى بۇ مەندىكى خاتا تۇيغۇ خالاس دەپ ئۆزىنى بەزلىدى،بۆرە بىلەن قوينىڭ ئارلىقى بەكلا قىسقىراپ كەتتى، ئەمما قوي بۆرىنىڭ ئوزىگە ھەقىقەتەن يېقىنلىشىپ ھاياتىنىڭ خەۋىپ ئىچىدە قاغىنىنى تۇيدى، ئۇ شۇندىمۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ ئوتلىغاچ يەنىلا ئۆزىنى بەزلىدى، ياق ياق ياق بۇ بۆرە ئەمەس ماڭا شۇنداق كۆرىندى،ئوتلىشىمنى ئوتلاۋېرەي ، ھە راس بۆرە بولسا نىم بوپتۇ، ئۇ بەرىبىر مىنى يىمەيدۇ دەپ بۆرە كەۋاتقان تەرەپكە كەينىنى قىپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ ئوتلاۋەردى، ئۇ شۇ تاپ قاچسىمۇ ئۇلگۇرگەن بولاتتى ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئالدىدى، ھىكمەتتىن باش تاتقان قوي ئاخرى قىسمەتكە يۇلۇقتى، بۆرە ئۇنى تالاپ پارە-پارە قىپ يەۋەتتى..... خۇلاسەم؛ ناۋادا باتۇر يۇرەك قېرىندىشىم شۇ قوي بولغىنىدا ئۇ قوينىڭ تەغدىرى ھەرگىز ئۇنداق بولمايتى. بىز نىمىشقا داۋاملىق كىچىككىنە ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ ۋە ياكى شۇ قويدەك ھورۇنلۇق قىپ مەسئۇليەتتىن باش تارتىپ كەينىسىدە تولدۇرۋالغۇسىز زىيان تارتىمىز؟؟بىزنى يىقىتىۋاتقان تاغ ئەمەس بەلكى ئايىقىمىز تەكتىدىكى ئۇششاق تاشقۇ ئاخر... تېما ئىگىسىنىڭ ئالتۇن كارتا مەسلىسىنى توغرا ھەل قىلىپ، ھەققانىيەتنى رەزىللىك ئۇسىتىگە دەسسىتىدىغىنىغا 100%ئىشىنىمەن |
|