- تىزىملاتقان
- 2013-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2745
- نادىر
- 0
- يازما
- 264
ئۆسۈش
24.83%
|
شىنخوا تورى خەۋىرى،24-فېۋرال سەھەردە 49 سائەتلىك مۈشكۈل قايتىش سەپىرىنى تاماملىغان شىنجاڭنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان پۇتبول كوماندىسى ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى.ئىككى كۈندىن بىرى پويىز ۋاگون ئارلىقلىرىدا،تازلىق ئۆيى، پويىز ئاشخانىسى ۋە مەشقاۋۇللار تۇرغان كارۋاتلىق ۋاگوندا جاپانى يەتكۈچە تارتقان كوماندا ئەزالىرى ئاخىرى بۇ مۇشەققەتلىك سەپەرنى تۈگىتىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
بۇ ئىشتىن كىيىن جۇڭگو پۇتبولچىلىقى دۇچ كەلگەن 49 سائەتلىك تۇرۇش بىلىتى توغرىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغالدى.ئارقىدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىرىنىڭ 10 نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئايروپىلاندا شىنجاڭغا قايتقانلىغىنى ئاشكارىلاندى.نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىغا ھىسداشلىق قىلدى، ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلاردا شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتىنى ئەيىبلەش سادالىرى كۆتۈرۈلدى.
بۇ خىل ئەيىبلەشلەرگە قارتا شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ موئاۋىن مۇدىرى ئادىل ئىنكاس قايتۇرۇپ،بۇ قىتىم خىزمەتلەرنى پىلانلاش جەھەتتە ھەقىقەتەن سەۋەنلىك بارلىقىنى،چاغانلىق يولۇچى توشۇش يۇقىرى دولقۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ۋاقتىدا ئالدىن بىلەت زاكاس قلمىغاچقا مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ئىش توغرىسىدا خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئىشلىمىگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى،بىراق جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا بۇ ئىش ئايرىم مىسالمۇ ياكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالمۇ؟ بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئوبدانراق ئويلىنىپ بىقىشىغا ئەرزىيدۇ.
ئەمەليەتتە شىنجاڭ تەنھەركەتچىللىرىنىڭ بۇنداق ئۇزاق سەپىرى ئايرىم ھادىسە ئەمەس،شىنجاڭ 13 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىلگىرى كىچىك پۇتبولچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ 72 سائەتتە شىنجاڭدىن كۇنمىڭغا مۇسابىقىگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.بۇ ئىشتىن شۇ قىتىم بالىلارغا دەرىس ئۆتكەن گىرمانىيەلىك مۇتەخەسىس ئىنتايىن چۆچۈگەن. ھەتتا بىر قېتىم شىنجاڭ 15 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى يىتەرلىك پويىز بىلىتى سىتىۋالالماي بۇ ياش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى چېڭخەي سىنكى كوماندىسىمۇ يىتەرلىك مەبلەغ ياردىمىگە ئىرىشەلمىگەچكە شىنىڭدىن كۆپ قىسىم مېھمان مەيدان مۇسابىقىلەرگە پويىزدا بارغان،ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا مېھمان كوماندا شىنىڭغا كىلىپ بولسىمۇ،چىڭخەي كوماندىسى تېخچە يولدا بولۇشتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن.2011-يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېڭدۇ شېفىيلىيەن كوماندىسىمۇ پويىزدا 14 سائەت ئولتۇرۇپ مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىگە بارىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن. بۇنى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى خىڭدا،بىيجىڭ،شاڭخەي،لۇنىڭ قاتارلىق زەردار كۇلۇپلارغا سىلىشتۇرساق ئارلىقتىكى پەرىق بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
يىقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ناھايىتى قىززىپ كەتتى،بىر قىسىم مالىيە كۈچى كۈچلۈك چوڭ كارخانىلار ھەر قايسى كوماندىلارغا مەبلەغ سالدى. بەزى كۇلۇپلار نەچچە ئون مىليۇن يۈەن چىقىرىپ،دۇنياۋى داڭلىق پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كەلدى.بىراق بۇنىڭغا روشەن سىلىشتۇرما ھالدا شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسدەك ئىقتىسادى قىيىنچىلق تارتىۋاتقان كوماندىلارمۇ ھىلىھەم مەۋجۇت.قارىغاندا ئاساسى قاتلام پۇتبولچىلىق ئىشلىرى،ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى،چەت-چىگرا رايون پۇتبولچىلىقى ھىلھەم بىر چەتكە تاشلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
مەنبە: نۇر تورى |
|