- تىزىملاتقان
- 2012-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1192
- نادىر
- 1
- يازما
- 55
ئۆسۈش
19.2%
|
ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم قانۇن تۈزىشىمىز كېرەكمۇ؟
ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم قانۇن تۈزىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى جەزىملەشتۈرۈش بولسا، ئۇنداقتا بىز تاماكا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن قانۇن تۈزۈشكە مۇھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن.چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار كىشىلەر تەرىپىدىن ئادەمنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ھاراقنى كۆپ ئىچىش، تاماكىنى كۆپ چىكىشكە ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق، ئاقىۋىتى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر. ئۇنداقتا بىز بىر قانۇن تۈزۈپ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتىدىغان دۇكانلارنى ۋە قاۋاقخانىلارنى تاقىۋىتەيلى.10 مىليونغا يېقىن ئامېرىكىلىقنى قىيناۋاتقان ھاراقكەشلىكتىن ئىبارەت بۇ كېسەلگە مەڭگۈلۈك خاتىمە بېرەيلى.
بىراق، توختاڭ. بىز سىناپ باققان. ساق13 يىل، يەنى 1920-يىلدىن 1933-يىلغىچە. ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ھىچقايسى جايىدا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك دۇكىنى يوق ئىدى. بارلىق ئىسپىرتلىق ئېچىملىك دۇكانلىرى ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قانۇننىڭ كۈچى ئارقىلىق تاقالغان ئىدى.بۇ قانۇن 1920-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ ئەسلىدە شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن دۆلەتتە ‹زەھەرلىك سۇيۇقلۇق› ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە توشۇش پۈتۇنلەي توختايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. ھاراق بولمىسا كىشىلەر ئۇنى ئىچەلمەيدۇ، ئىچمىسە قانداقمۇ مەست بولىدۇ!؟ مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھىچكىم ھاراق ئىچەلمەيدۇ، ھاراقكەشلىكنىڭ پاراۋانلىق سېستىمىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىمۇ بولمايدۇ. بۇلار بىر ئاڭلىماققا بەكمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن،شۇنداقمۇ؟
لېكىن بۇ قانۇن كارغا كەلمىدى. نىمە ئۈچۈن؟
چۈنكى قانۇن بولسۇن بولمىسۇن مىليونلىغان كىشىلەر يەنىلا ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ھاراق ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلار قانۇننىڭ بىرەر ماددىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىش ئادىتىدىن ۋە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان لەززەتتىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئەتكەسچىللىرىمۇ ئىچىدىغانلارنىڭ قانۇنسىز ئىچىملىك سېتىۋېلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى. ئۇلار مېكسىكا ۋە كانادا چېگرىسىدا مىليون گالونلاپ قانۇنسىز ئىچىملىكنى ئەتكەس قىلدى، ئىچىدىغانلارمۇ بەختكە يارىشا مېكسىكا ۋە كانادادا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ساتىدىغان قاۋاقخانىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئەسلىدە چەكلەش قانۇنىنىڭ تەسىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھاراقكەشلىك ئازىيىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. لېكىن دەل ئەكسىچە كىشىلەر ھاراقنى بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ئىچىۋېلىپ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ قالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى.
ئاخىرى 1933-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاساسى قانۇنغا يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ چەكلەش قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
مەنبە: ئېنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ماتىريالى
|
|