قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6625|ئىنكاس: 148

ئىھ!پارتىيەم شەرەپلىك .

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 4835
توردىكى ۋاقتى: 1802
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 12:03  

پارتىيىنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇمايلى

      ‹‹ئانام سەن پارتىيەم، كۈيلەيمەن سېنى، تەققاسلاپ مېھرىڭگە ئانام مېھرىنى .
      ئانامنىڭ جىسمىدىن تۆرەلسەممۇ گەر، نۇرىڭدا ياشناتتىڭ، ئەي قىلدىڭ مېنى›› .

    1962 – يىلى ئىجاد قىلىنغان ،1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە بولغان مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ ناخشا يېرىم ئەسىرگە يېقىن  ئېيتىلىپ كەلدى. بۇنداق  قىزغىن مۇھەببەت جۇڭگولۇقلارنىڭ ھاياتى ۋە قېنىغا سىڭىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قەلبلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، كۈرەشلەردە جاسارەتنى ئۇرغۇتۇشقا ئىلھام بولىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان خورىماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

1

پارتىيەم ــــــــ ئەزىم دەريا ،
ئاقار سەلدەك ئۇرۇپ دولقۇن .

بارچە مىللەت ۋۇجۇدىدا ،  
يانار مەڭگۈ بولۇپ يالقۇن .

ئۆسەر مىللەت تېپىپ نۇسرەت ،
قەدىردان ئۆز پارتىيەسىدىن .
يىتىلگەيمەن قىران ئوغلان ،
ئۇنىڭ ئەجرى-جاپاسىدىن .
  
شۇڭا مەڭگۈ ئاقىل پارتىيەم ،

كۆيەر چىن ئۆز پۇقراسىغا .  
خەلق رازى پەرزەنتىدىن ،
ئېرىشكەچكە ۋاپاسىغا .
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانداق پارتىيە؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالىدى؟
    يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىدىكى مىسلىسىز كاتتا ئىش››، دېگەن. 1840 – يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن 1921 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بارلىققا كېلىش ھارپىسىغىچە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى سانسىزلىغان خورلۇق ۋە گاڭگىراشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، جاپاغا چىداپ ئىزدەندى ۋە كۈرەش قىلدى. تەيپىڭ تيەنگو دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن جاھانگىرلارغا قارشى قوزغالغان يىخېتۇەن ھەرىكىتىگىچە، ۋۇشۈي يىللىرىدىكى يېڭىلىقنى قوغداش ھەرىكىتىدىن شىنخەي ئىنقىلابىغىچە، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشى زادىلا توختىمىدى. ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى تاپالمىغانلىقتىن، بۇ كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولدى. سانسىزلىغان ئاۋانگارتلار ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتەلمەي، ئازاب بىلەن كۆز يۇمدى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى نامراتلىق، قالاقلىقتىن گۈللىنىپ روناق تېپىشقىچە، مۇنقەرزلىكتىن قۇدرەت تېپىپ بىرلىككە كېلىشكىچە، بوزەك بولۇشتىن قەد كۆتۈرۈشكىچە بولغان ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 88 يىل مىللىي مۇستەققىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغان 88 يىل، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېگىلمەي – سۇنماي، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن 88 يىل، جۇڭگو خەلقى تەقدىرىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتكەن ھەم دۇنيا ئەندىزىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن 88 يىل، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى مەدھىيىلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان 88 يىل، شۇنداقلا خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى تارىخىدىكى ئەڭ يارقىن 88 يىل.
    88 يىللىق شانلىق مۇساپە بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى بىلەن قوراللانغان، ئىنقىلاب ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي پارتىيە؛ يۈكسەك غايىگە ۋە پولاتتەك ئىنتىزامغا ئىگە، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغان ھەم ئەڭ زور قۇربانلارنى بەرگەن پارتىيە؛ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، غەلىبە ۋە ئوڭۇشسىزلىق، ئەۋج ۋە پەسىيىش، ياخشى ۋەزىيەت ۋە ئوڭۇشسىز ئەھۋاللارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن، ھەرقانداق دۈشمەن ۋە قىيىنچىلىقلار تەۋرىتەلمەيدىغان، غولىتالمايدىغان پارتىيە؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھارماي كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە.

2

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى راۋاجلىنىۋاتقان، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، جەمئىيىتى ئالغا باسقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنى تارىخىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىگە باشلاپ كىردى.
    شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %7 ىنى ئىگىلەيدىغان فېئودال پومېشچىكلار، يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالىنى ئىگىلىۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنى مونوپول قىلىۋالغان. ئەكسىچە، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %93 ىنى ئىگىلەيدىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى يوق ئىدى، يەر، قوي – كالا ۋە ئۆيدىن گەپ ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قازان – قومۇچىمۇ بولمىغاچقا، پومېشچىكلارغا ئۆمۈر بويى يانچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۈممەتلەر مەسچىت ئۈچۈن‹‹ۋاھابى›› يېرىنى ھەقسىز تېرىپ بەرگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە مەسچىتكە بىر قانچە خىل باج تاپشۇراتتى. ھەتتا ‹‹قۇربان ھېيت››تا قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ چوققىسى، تېرىسى، ئۈچىيى قاتارلىقلارنىمۇ مەسچىتكە تاپشۇراتتى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما پەرزەنتلىك بولغاندا، ئۆيدە نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈن بولغاندا، نىكاھتىن ئاجراشقاندا پۇل خەجلەپ ئاخۇن چاقىرتىپ كېلىپ دۇئا –  تىلاۋەت قىلدۇراتتى. بارلىق خەت – ئالاقە، پۈتۈمگە قازى ئاخۇن تامغىسىنى باسمىسا كۈچكە ئىگە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تامغا ھەققى تاپشۇرمىسا بولمايتتى. تۈرلۈك ‹‹ئۆشرە زاكات›› لار تۈپەيلىدىن دېھقانلارنىڭ بىر يىل ئىشلەپ ئالغان ھوسۇلىدىن ئۆزىگە تۈزۈك بىرەر نېمە ئاشمايتتى.
    بىر كىلومېتىرمۇ تۆمۈريول، تۈزۈكرەك بىر زاۋۇتمۇ يوق ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئىقتىساد ئۇزاق مۇددەت كاساتلاشقان، مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئىنتايىن قالاق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئىدى، تۇرمۇشى ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان دېيىشكىمۇ بولاتتى، جەمئىيەت داۋالغۇپ قالغان بولۇپ، تىنچ ئەمەس ئىدى.
    1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر قانچە مىڭ يىللىق ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى تارىخى، 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇستەملىكە، جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگو خەلقىنى قۇل قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. يېڭى جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى يىپيېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.
    1949 – يىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرىپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا لەپىلدەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىلدى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت راۋاجلاندۇرۇلدى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى، شىنجاڭدا تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تارىختا ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق دەۋرىگە قەدەم قويدى.
    1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. پارتىيە ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ پارلاق نۇرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى نەپەسداش، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ ئالغا باسىدىغان داغدام يولدا ماڭدى.
    1950 – يىلى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن ئاران 3000 ى بار ئىدى، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 46 مىڭ كىشىگە يەتتى، ھازىر 350 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %52 ىنى ئىگىلىدى، بۇ ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 110 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى 250 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ %56 ىنى ئىگىلىدى، بۇ ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكىنىڭ 562 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئايال كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66 ىدىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىدى.
    1949 – يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاران 417 مىليون  610 مىڭ يۈەن ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1955 – يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 231 مىليون يۈەنگە، 1978 – يىلى 3 مىليارد 907 مىليون يۈەنگە، 2008 – يىلى 420 مىليارد 341 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، ئاساسلىق سانائەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مىقدارى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى نەچچە ئون، نەچچە يۈز ھەسسە ئاشتى.
    ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹نېفىت، پاختا›› مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئەۋزەل بايلىقنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز غەربىي رايوننى كەڭ  ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى روشەن ياخشىلاندى، پۇقرالارنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتى ئەڭ كۆپ بولدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، شىنجاڭدا بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، نۇقتىلىق تايانچ كەسىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى غوللۇق كارخانا، مۇھىم باغچىلاشقان سانائەت رايونى ۋە كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە نورمال، ھالقىش خاراكتېرلىك تېز تەرەققىيات يولىغا كىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
    نامراتلارنى يۆلەش جېڭى، سۇنى پاكىزلاپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى نەچچە يۈز مىڭ يىللاردىن بۇيانقى قالاق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە دادىل قەدەم تاشلاتقۇزدى.
  يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش، تۇرۇبا سۈيى ئىچىش، پاتقاق گازى ئىشلىتىش، دېھقانچىلىق بېجى ئالماسلىق، يېزا بالىلىرى مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 1949 – يىلى 4 مىليون 700 مىڭ كىشى بولغان بولسا، ھازىر  13 مىليوندىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1949 – يىلىدىكى 30 ياشتىن، ھازىر 71.12 ياشقا يەتتى.
شەرەپلىكسەن  پارتىيەم ، قەدىرلىكسەن  پارتىيەم.  
چۈنكى يوقسۇل قەددىنى، تىك كۆتەرگەن  پارتىيەم.
ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ،  ساتقىنلارنى يوقىتىپ،
بارلىغىڭنى ھەممىگە ،  بىغىشلىغان  پارتىيەم.
شۇڭا  ئەزىز  بولدۇڭ سەن، ھازىرغىچە  پاتىيەم.  
  
مىڭ  توقۇز  يىگىرمە بىر، ئىيۇل بىشى شاڭخەيدە.   
ئاپىرىدە  بولدوڭ سەن، چولپان كەبى سۈبىھدە .   
دەسلىۋىدە  تەمتىرەپ، دوس-دۈشمەننىڭ ئالدىدا،  
مۈدۈرىلدىڭ نەچچە رەت، ساتقىنلارنىڭ زەربىدىن.
غالىپ كەلدىڭ ئاخىرى ،توغرا بولغاش پارتىيەم.   
  
ئاسىيانىڭ  شەرقىدە ،تىچ  ئوكياننىڭ  غەربىدە.
زۇلمەت بىسىپ شىۋرىغان، جۇت قاپلىغان تۈنلەردە.  
چاك-چىكىدىن يېرېلىپ، زاۋال تاپقان شۇ ئەلدە .  
مەشئەل بولۇپ ياندىڭسەن،باشلامچى بوپ بارچىگە.   
قۇياش كەبى پارلىدىڭ ،  شەرەپلىكسەن  پارتىيەم.   
  
ئۆكتەبىردىن ئلھام ئەپ ، يىتىلدىڭسەن دەسلەپتە.
ئۆسمۈر چېغېڭ جاپالىق ،قان كەچتىڭ سەن غەيرەتتە.
بىسىم بولۇپ ئەينى چاغ ،دۇنيا ئۇرۇش مالىمانى.  
بەل قويىۋەتمەي باشلىدىڭ ،قىلچە قالماي غەپلەتتە.
شۇڭا  ھەممە قەلبىدە ،نۇرلۇق بولدوڭ پارتىيەم.  
  
سوتسىيلىزىم تىكلىدىڭ ،قۇرۇپ قالغان زىمىندا.
نەچە مىڭ يىل بۆلىنىپ ،ئوغۇرلانغان زىمىندا.
سايقۇم كەبى چىچىلىپ ،جۇت بوراندا ئېچىلىپ.  
ئاچ-زارلىقتا نىمىجان ،خاراپ بولغان زىمىندا.  
قەد كۆتەردىڭ تاغ كەبئى ،ئۇلۇق بولغاش پارتىيەم.   
  
ئىسلاھاتتىن كۈچىيىپ ،يات كۆزىنى ياشلىدىڭ.
جەننەت  قۇرۇپ  قوينۇڭدا نامىراتلىقنى تاشلىدىڭ.
جەنىتىڭدە ھەممە ياق باپ باراۋەر  بولغاشقا.
بىر نىيەتتە ،مەخسەتتە ،ھەمىنى  تەڭ باشلىدىڭ.  
تۈمەن  يىللار   ياشايسەن ئادىل بولغاش پارتىيەم.   

    كونا شىنجاڭدا بىرەرمۇ زامانىۋى مەكتەپ يوق ئىدى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى% 2 كىمۇ يەتمەيتتى، ساۋاتسىزلىق نىسبىتى % 95 كە يېتەتتى، 2008 – يىلى شىنجاڭدا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى % 99.2 كە يەتكۈزۈلدى. پەن – تېخنىكا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. مىللىي مەدەنىيەت تولۇق قوغدالدى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى كۈنسېرى بېيىدى. ۋەھاكازالار...
    ھازىر شىنجاڭدا مەيلى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي مەنىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش دەرىجىسى بولسۇن؛ مەيلى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا – بازار قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئىنشائاتى، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئالاقە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولسۇن ياكى مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى بولسۇن؛ مەيلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ياكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى بولسۇن، ھەممىسىنى ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ، ئون نەچچە، نەچچە ئون ھەسسە ئۆستى ۋە راۋاجلاندى. بۇ شانلىق نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان، ئۇنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ.
    ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، پارتىيىمىزنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسەتلىرى ئەڭ ياخشى. دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پارتىيىمىزنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسەتلىرى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك.
    ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى ۋە مۇستەھكەم قوغدىغۇچىسى، باشتىن – ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇلارغا بەخت ياراتتى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلىرى تەڭرىتاغ بىلەن تەڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئاي – قۇياش بىلەن تەڭ نۇر چاچىدۇ! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىسا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسى بولمىغان بولاتتى. بۇ، تارىخ  چىقارغان يەكۈن.

        كونىلاردا ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››دېگەن سۆز بار. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مېھىر –  شەپقىتىگە ھېچنېمە دال بولالمايدۇ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى ھەممىدىن ئەلا. بۇ، مەملىكىتىمىزدىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.
    فرانسىيىلىك پەيلاسوپ رۇسسو:  مېھىر – شەپقەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلمىسە، ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاق بولمايدۇ. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەنىۋى گۆھەردۇر. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلگەن كىشىلا ‹‹روھىي ھالىتى ساغلام كىشىدۇر››دېگەن.
    ئىلگىرى ھايات – مامات سىزىقىدا جان تالاشقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونى، شىنجاڭنى ئازاد قىلغانلىقىنى، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مەشھۇر كوممۇنىستلار ۋە باشقا نامسىز كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ. يېڭى جۇڭگونىڭ يولىنى كوممۇنىستلار ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ياراتقان، يېڭى جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھەيۋەت بىنا››غا كوممۇنىستلارنىڭ ئومۇرتقىسى تىرەك بولغان.
    ھازىر بېيىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيىنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بولغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى سىياسەت، مەبلەغ، تۈر جەھەتتە كۈچەپ قوللىغانلىقى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنى خالىس ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغانلىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈركۈم – تۈركۈملىگەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈنلا،  شىنجاڭ بۈگۈنكىدەك گۈللەپ – ياشنىيالىدى، تەرەققىي قىلالىدى.
    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى چوقۇم قەتئىي ئېغىشماي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشى كېرەك.
سالدۇق يېڭى ئىمارەت،
شېغىل تۆكۈپ ئۇلىغا.
پارتىيەمىز باشلىدى،
باي بولۇشنىڭ يولىغا.
ئۆستەڭ بويى تال سۆگەت،
يولغا سايە تاشلايدۇ.
پارتىيەمىز بىزلەرنى،
باي بولۇشقا باشلايدۇ.
يوتقان-كۆرپە تىكتۇق بىز،
ئاپئاق مامۇق پاختىدا.
تۇرمۇشىمىز باياشات،
خۇجىنتاۋنىڭ ۋاقتىدا.
ئالما-ئانار تىزدۇق بىز،
ئانار گۈللەك تەخسىگە.
ياشاپ كەتسۇن خۇجىنتاۋ،
دېھقانلارنىڭ بەختىگە.


    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە چوقۇم تېخىمۇ ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ‹‹غەربىي دەرۋازىسى››نى قوغداش ۋەزىپىسىنى چوقۇم ياخشى ئورۇندىشى كېرەك، بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ۋەتىنىمىز ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك بولۇشى ئۈچۈندۇر.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مول تارىخىي ئابىدىلىرى كۆككە تاقىشىدۇ. ئۇ ئىدىيىنىڭ بايرىقى، ئېتىقادنىڭ ئاساسى، ئىلگىرىلەشنىڭ مەشئىلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قەتئىي، توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، ۋەتىنىمىزنىڭ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.  
ئاخىرىدا پارتىيەگە بولغان چوغدەك مۇھەببىتىمنى تۆۋەندىكى شېئرىي نەسىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن .

پارتىيە! ...
مەن پارتىيە دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسىمنى تىلغا ئالغىنىمدا، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91   يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مانا مۇشۇنداق قۇتلۇق ئاي - كۈنلەردە ئىختىيارسىز ھالدا پارتىيەم ساڭا مەدھىيە ئوقۇغۇم، ئۇلۇغ پارتىيەم... ئۇلۇغ پارتىيەم... سەن مېنىڭ قەلبىمدە... دەپ، پۈتكۈل كائىناتقا ئىپتىخارلىق تۇيغۇم بىلەن جاراڭلىق  ھالدا ئۈنلۈك توۋلىغۇم  كېلىۋاتىدۇ...
ئېخ! ئۇلۇغ پارتىيەم! مەن سېنى قىزغىن سۆيىمەن، سېنى ھۆرمەتلەيمەن، سېنىڭدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىمەن! ساڭا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن...
چۈنكى سەن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈش بەدىلىڭگە، تەڭداشسىز كۈچ قۇدرىتىڭ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدىكى 56  مىللەتكە باراۋەر قاراپ، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيۇلتاشتەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كەلدىڭ... ئىسلاھات قىلىش، ئىشىكنى  سىرتقا ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇپ  مانا مۇشۇنداق باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ئائىلىنى مۇستەھكەملىدىڭ ۋە بەخىتكە چۆمدۈردۈڭ... مەن سېنىڭ  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن قەدىرلىشىگە، ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، كۈرەش دەرياسىدا غەۋۋاستەك مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقىنىڭدىن چەكسىز شادلىنىمەن ۋە ئالەمچە پەخىرلىنىمەن...
  ئەي ئۇلۇغ پارتىيەم! ... تەشەككۈر ساڭا! ... چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن چەت ئەل جاھانگىرلىكى بۇرۇن مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان – دۆلىتىمىزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلق رايونلىرىنى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»نى يولغا قويۇش يوسۇنى بىلەن  ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشقىنىڭغا تەشەككۈر!
مەن ساڭا ئىشىنىمەن! بىز ساڭا ئىشىنىمىز... پۈتكۈل خەلق ساڭا ئىشىنىدۇ. مانا... ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن تەيۋەننى تىنچ يول بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئار نومۇسىنى يۇيۇپ تاشلاپ، ۋەتەن بىرلىكىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ 21 - ئەسىردە مەغرۇرانە ھالدا قەددىڭنى رۇسلىيالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمىز... چۈنكى  سەندە بىھېساب كۈچ - قۇدرەت، ئەقىل - ئىدراك، پەم - پاراسەت، غەيرەت – شىجائەت مۇجەسسەم.
سەن ئۇلۇغسەن پارتىيەم ...!
سەن نۇرغۇنلىغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋىرلىرىدە جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلىقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتىسەن... شۇنداقلا توغرا لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى رېئاللاشتۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتىسەن ...
دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتقان، ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئۆزەڭنىڭ ئىلغارلىقىڭنى، جۇشقۇنلۇقۇڭنى ئىزچىل ساقلاپ، پۈتكۈل خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا كۈرەش قىلىۋاتىسەن ...
سەن شۇڭا ئۇلۇغسەن پارتىيەم! سەن ئۇلۇغلۇقۇڭ، جۇشقۇنلۇقۇڭ بىلەن ھاياتىمدىكى نۇرلۇق قۇياش، كۆڭۈل قەسىرىمدىكى مەڭگۈلۈك ئابىدەدۇرسەن ...
سەن شۇڭا ئۇلۇغسەن پارتىيەم! سەن شۇ ئۇلۇغلۇقۇڭ، جۇشقۇنلۇقۇڭ بىلەن مېنىڭ قەلبىمدە، بىزنىڭ قەلبىمىزدە، پۈتكۈل جۇڭخۇا خەلقىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي چاقنايسەن ...
مەن پۈتكۈل كائىناتقا قاراپ، ئەتراپىمدىكى بارلىق كىشىلەرگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا  پۈتۈن كۈچۈم بىلەن توۋلىدىم ...
ئەي ئۇلۇغ پارتىيەم !!!
سەن مېنىڭ قەلبىمدە ...  سەن مېنىڭ قەلبىمدە ...!!!
پارتىيەم

1

تېما

1

دوست

1147

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 301
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەيۋەندىكىلەرنىڭ ھالى بىزلەرنىڭكىدىنمۇ خاراپمىدۇ؟

باھا سۆز

nazilam  سىز خەخنىڭ گىپىنى چۈشۈنۈپ ئاندىن ئنكاس يېزىڭ!ئۇ دىمەكچى تەيۋەندە كومپارتىيە ھوكۇمران ئەمەس!  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
orkex  تەمكىن پىكىر قىلىڭ .تەيۋەن 4 كىچىك ئەجدىھانىڭ بىرى .  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 18:09
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12746
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:43:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر كومپارتىيە بولمىغان بولسا  بەلكى بىز     ،،،،،،،،،،،،،  ئىشەككەمۇ مىنەلمىگەن بولاتتۇق   ،،،،،،،،،، بالكىم  يەنە تىخى  .......  بولدىلا ئارتۇق سوزلىمەي ،،،،ئىسىت ،،،،،،،،،،،،،
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2414
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 12:55:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسىل يازما بۇ، كۆزلىرىمدە ياشلار لىغىرلاپ،ھەرقانچە تەسىرلىك ئىشلاردىمۇ چىمىلداپ قويمايدىغان يۈزۈمنى بويلاپ،ئانا تۇپراققا قوشۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى دىسە، ئەتراپىدىكىلەردىن خىجىل بولمىغان بولسامزە ، راسا كىلىشتۈرۈپ يىغلىغان بولاتتىم...

باھا سۆز

Zapar916  مەنمۇ شۇ .... بۇ پارتىيە ھەجەپ ئىسىلكەن ھە ؟؟؟؟؟ بىلمەي قاپتىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 18:32

0

تېما

1

دوست

1663

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 13:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپارتىيە بولمىسا يىڭى جوڭگۇمۇ بولماستى يىڭى جوڭگۇ بولمىسا ھازىرقى شىنجاڭمۇ بولماستى!!

0

تېما

3

دوست

1658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8165
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 340
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 13:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپارتىيە بولمىسا يوللاردا خاتىرجەم يۇرەلمەيتىم..كىملىكىمىزنى ۋاختىدا تەكشۇرۇپ بىزنىڭ ئامانلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلدى...مەن بۇنىڭدىن تولۇمۇ خۇشال .........

باھا سۆز

Zapar916  راس دەيسىز .......  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 18:32

4

تېما

1

دوست

1396

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 313
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 13:39:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ!... پاھ!...ئېخ!...ۋاھ.....ئوھ

1

تېما

0

دوست

836

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12093
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 13:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىنى كۈرۈپ  كومپارتىيەگە تەتۈر قارىغان تەيۋەنلىككلەرنىڭ ھالىنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولىشىۋاتىدۇ. ئۇلار كۈرىۋاتقان ئىت ، ئىشەكنىڭ كۈنى ..............

باھا سۆز

ghalibjan  كىنايە ھە .... ئەكىسچە چۈشنەيمىكى....  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

15

تېما

5

دوست

1057

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15433
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 14:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېھ..پارتىيە سىنىڭ قۇچۇقۇڭدا ئەللەيلىنىپ  ھوزۇرسۈرۈپ ئۇخلىماقتىمىز...

5

تېما

1

دوست

771

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 14:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام رەھمىتى تۈگەپ كەتكەندىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغانتىم،راس دەيسىز پارتىيىنىڭ قىلغىنىنى ساناپ تۇگىتەلمەيمىز.
جۇمەكنى ئاسساق سۇ تەييار،ئوچاقنى ئاسساق گاز تەييار،خالتىنى ئاسساق ئاش تەييار.
ياشىسۇن پارتىيەم،مۇشۇ تىمىنىڭ ئىلھامى بىلەن پارتىيە كۈيلەنگەن بىر ئەسىرىم پات ئارىدا رۇياپقا چىققۇسى ئاللاھ خالىسا.

باھا سۆز

mustabit  يامان يېرى قەتئي بىكارغا بەرمەيدۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 15:25
mustabit  جۇمەكنى ئاسساق سۇ تەييار،ئوچاقنى ئاسساق گاز تەييار،خالتىنى ئاسساق ئاش تەييار. قان - تەر بەدىلىگە..  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 15:22
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-17 16:51 , Processed in 0.062834 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش