- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 228
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
76%
|
بۇ مۇنازىرە يازمىسىدىكى بىرقىسىم مەزمۇن تەپسىلاتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، يازمىدا يۇرۇتۈپ بېرىلمەكچى بولغان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىمىسەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى گېپىنى كىم قىلىدۇ؟_دىگەن مەركىزى ئىدىيە-ماڭا ئوخشاش ھەربىر ئۇيغۇر تور ئەھلىنىمۇ ئويغا سالدى-ئىھتىمال.
بىراق بۇ يازمىدا، بىز ئۇيغۇرلار قايسى ئورۇندا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىيىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامانغا لايىق ئىدىيىۋى بىرلىك يارىتىش ئۈچۈن مۇنۇ ئازغىنە تور مۇنبىرى ئىمكانىيىتىدىن پايدىلنىپ، تولىمۇ ئىھتىياچچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىلمىي مۇنازىرلىرىدىمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دەپ، بىز يولۇقۇۋاتقان ئەمەلىي مەسىللەردە تالاش قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك. مېنىڭچە بولغاندا بىز ئۇيغۇرلار مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىغان تور بەتلەرنى سىز بىزدەك ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق قىسىم ئۇيغۇرلار كۆرۈپ ئاۋاز قوشقاندىن سىرىت يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەھلىمۇ كۆرمەيۋاتقان يەردە، يېقىن قېرىنداش مىللاتتىن باشقا مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى تىللىشىدىكەن، ئوزىنى ئۆزى ئەسكى دەيدىكەن دەپ قېلىشى ناتايىن.
بىز ئېرىشىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، كۆپسانلىق ئۇيغۇر پۇخراسى باشقا مىللەت كىشىللىرى ئالدىدا، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇھاكىمە ۋەباشقا پائالىيەتلەردە ھىچ قاچان ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتلىك ياخشى بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە زىت سۆز ھەركەتتە بولغىنى يوق. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىيىشكە يېتەرلىكتۇر. شۇڭا مەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن: بىز ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك خەلقارالىق ياكى دۆلەت بويىچە مۇھاكىمە مۇنبىرى(论坛) ئويۇشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى زامانغا قانداق ئۇيغۇنلىشىمىز دىيەلمىسەكمۇ، تۇر مۇنبىرىدە بولسىمۇ ئىددىيىۋى بىرلىك بولمىغان مەسىللەردە ئۆز-ئارا كەسكىن تالاش-تارتىشنى قانات يايدۇرۇپ ھەممە ئۇيغۇر قايىل بولۇپ قوبۇل قىلغۇدەك، زامانىمىزغا لايىق ئىدىيىۋى بىرلىكنى ھاسىل قىلىشىمىز تولىمۇ زورۇر. لېكىن بۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسى سىز بىز كۈتكەندەك ئىلمىي بولاپ كېتېلىشى تەس. تېلۋىزور خەۋەرلىرىدە كۆرگەن تەيۋەن، گىروزىيە مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى مۇشلىشىشلار، ئامېركا ۋە ئىران رەھبىرىنىڭ مۇنازىردە ئاياق ھوجىمىغا ئۇچراشلىرىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر تور مۇنازىرسىدە ئۆز-ئارا تەنە، دوق قىلىشلارنىڭ بولىشى ھىچقانچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى بىز ئۇيغۇرلاردىكى خاتا ئىدىيە ۋە يامان ئىللەتلەرنى تۈزەشكە دائىر ئىچكى تالاش تارتىش، مۇنازىرە ۋە ئىزلىنىشكە جۈرئەت قىلىشنىڭ يىتەرسىزلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور ئەھلىدە ساقلىنىۋاتقان، ئىلمىي مۇنازىرىگە ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراپ، ئىلمىي مۇنازىرىدە قىززىق قانلىققا تايىنىپ، ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىشقا ئورۇنۇشتەك خاتا خائىشنىڭ مەۋجۇت بولىشىدۇر.
دىمەك مەن ئۆز تەپەككۈرۈمغا تايىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپىنى كىمنىڭ قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلەردە ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ ھىچقانداق زىتلىشىدىغان يېرى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئىچكى ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزىمىزدە ساقلانغان خاتا خاھىش ۋە يامان ئىللەتلەرنى تونۇپ يېتىپ تۈزۈتەلىسەكلا، "ئۆزىگە يارىغان خانغا ياراپتۇ" دىگەندەك باشقىلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتالايمىز. ئەكسىچە ئۆزىمىزدىكى زامانغا، تەرەققىياتقا ۋە كەلگۈسىگە ماس كەلمەيدىغان يىتەرسىز تەرەپلەرنى تۈزەتمەي، قۇرۇقتىن قۇرۇق ئۆزىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى ئۆزىمىز قىلغان بىلەن ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەندەك، بىز ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ قارىشىدىكى ھازىرقى زامانغا نالايىق قالاق مىللەت، تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ نادان مىللەت.....باشقىلا دەپ بەمىسە ئۆز كىيىم-كېچىكىنى كېيەلمەيدىغان، ئالتۇن-كۈمۈشكە دەسسەگلىك تۇرۇپ بىرۋاق تاماققا زار مىللەت بولۇپ قالىمىز.
|
|