ئەسسالالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بىز ھەممىمىز ھەسەل ھەرىسىنى بىلىمىز. ھەسەل ھەرىسى بىرخىل ئىنتىزامچان ھاشارەت بۇلۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىز ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن شىرلىك ھەسەللەرنى چىقىرىپ بىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن چىققان ھەسەللەرنى ئاللاھ ئىنسانلارغا شىپا قىلىپ ياراتقان.
بۇ ھاشارەت بىر مۆجىزە خاراكتىرلىق جانلىقتۇر. دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ ئىچىدە ھېچقايسى جانلىقنىڭ ئۆز تىنىدىن ئاجىرتىپ چىقىرىپ بەرگىنىنى ئىستىمال قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ھەسەل ھەرىسىنىڭ بولسا دەل ئەكسىچە. ھەسەل ھەرىسى ھەرخىل گۇل-گىياھلارنىڭ جەۋھەر قىسمىنى ئۇزىگە ئېلىپ ئۇنى بىزگە تاتلىق ھەسەلگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ. ھەسەل ھەرسىنى شۇنداق قىلىشقا رەببىمىز بۇيرىغان. ئۇ رەببىمىزنىڭ بۇيرۇقىنى تاكى قىيامەت كۇنگىگە بەجا كەلتۇرىدۇ.
ئاللاھ ھەسەل ھەرىسىنى قۇقۇرئانى كەرىمدە ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ھەمدە بىر سۇرىنى ھەسەل ھەرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. تەپەككۇر قىلىدىغان،چۇشىنىدىغان ئادەم ئۇچۇن مۇشۇنىڭ ئۇزىدىمۇ نۇرغۇن ھىھىكمەتلەر بار.
ئاللاھنىڭ بۇ ھاشارەت توغۇرلۇق قۇرئانى كەرىمدە نىمە دىگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۇردى[تاغلارغا،دەل-دەرەخلەرگە،ۋە(كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچۇن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا سالغىن. ئاندىن كىيىن تۇرلۇك مىۋىلەر(يەنى گۈۈل-چىچەكلەر)يىىگىن،پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن،] ئۇنىڭ(يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ)قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بۇلىدىغان خىلمۇ-خىل ئىچىملىك(يەنى ھەسەل)چىقىدۇ.بۇنىڭدا(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلىقىنى) پىكىرقىلىدىغان قەۋم ئۇچۇن ئىبرەت بار. (سۈرە نەھىل 68ۋە69ئايەتلەر)
قاراڭ! بۇ ئايەتتە ئاللاھ ھەسەل ھەرسىگەتاغلارغا،دەل-دەرەخلەرگە،كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن ياسىغان ئۆيلىرىدە ئۇۋا سېلىپ ھەسەل چىقىرىشقا باشلاپ قويغانلىقى بىز بەندىلەر ئۇچۇن ئاللاھنىڭ يەنە بىر رەھمىتىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىگە نىمە دىگەن مىھرىبان،نىمە دىگەن كۇيۇمچان ھە؟!
ئاللاھ ھەسەلنى پەقەتلا ئۇزۇقلۇق ئۇچۇنلار چىقىرىپ بەرگەن بولماستىن بەلكى ئىنسانلارغا شىپا قىلىپ چىقىرىپ بەرگەن.
بىز ھەممىمىز ئاغىرىپ باققان،ھېچ بولمىغاندا زۇكام بۇپ باققان،ئەمما ئاغىرىقلىرىمىزغا شىپا بۇلىدىغان دورا ئەڭ ئاچچىق،ئەڭ سېسىق ئادەمنى بىزار قىلىدىغان تابلىتلاردۇر،ئىچىملىكلەردۇر. دۇختۇرغا كىسىلىڭىزگە شىپا بولىدىغان تاتلىقلىرىدىن بىرىڭ دىسىڭىز دۇختۇر سىزگە«تاتلىق نەرسە شىپا بولمايدۇ» دىيشى ئىنىق.
ئەمما بىزنىڭ رەببىمىز بىز بەندىلىرىگە شۇنداق تاتلىق نىئمەتلىرى بىلەن كىسەللىرىمىزگە شىپا بۇلىدىغان ھەسەلنى يارتىپ بەردى.
ھەسەل ھەرىسى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدىن خېلى ئۇزاق يەرلەرگە بېرىپمۇ گۇل شىرنىلىرىنى ئۇزىگە تارتىپ ئۆزلىرى ياسىغان ئالتە قىرلىق ئۇۋىسىغا كىلىپ ئاغىزىدىن ھەسەل قىلىپ ياندۇرۇپ چىقىرىدۇ. بىز بۇ ھادىسىنى «قۇسسۇق» دەپ ئاتايمىز. ھېچقانداق جانلىقنىڭ «قۇسسۇق»ىنى يىيەلمەيمىز. ئەمما ھەسەل ھەرسىنىڭ«قۇسسۇق»ىنى يىيەلەيمىز. ھەم بىزگە شىپاھ بۇلىدۇ.
ئىبنى قەييۇم جەۋزى رەھىمەھۇللە ھەسەلنى سۇغۇقلۇقتىن بولغان ھەرقانداق كىسەلگە شىپا بۇلىدۇ دەيدۇ.
ئەبۇ سەئىد خۇدرى ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن مۇنداق دەيدۇ.بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ «قېرىندىشىمنىڭ ئىچى سۇرۇپ كەتتى» دىدى. رەسۇلۇللە ئۇنىڭغا ھەسەل بەرگىن دىدى. ئۇ كىشى قېرىندىشىغا ھەسەل بەردى.
ئاندىن قايتىپ كىلىپ« قېرىندىشىمنىڭ ئىچى تېخىمۇ سۇرۇپ كەتتى» دىدى. رەسۇلۇللە «يەنە بەرگىن» دىدى. ئۇ كىشى يەنە ھەسەل بەردى. بۇ ئىش تۆت قېتىم تەكرارلاندى. ئاندىن رەسۇلۇللە «قېرىندىشىڭنىڭ ئىچى سۇرشى يالغان.ئاللاھنىڭ سۈزى راست(ئاللاھ قۇرئاندا ھەسەلنى شىپا دىگەن) قېرىندىشىڭغا يەنە ھەسەل بەرگىن دىدى. ئۇ كىشى بېرىپ يەنە ھەسەل بەردى. ئاندىن قېرىدىشىنىڭ قۇرسىقى ساقايدى»(ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەسەل ئىچىشكە ئامراق ئىدى.
رەسۇلۇللە ھەسەلنىڭ شىپالىقى توغۇرلۇق يەنە مۇنداق دىگەن«ئۈچ ئىشتا شىپا بار. قان ئېلىشتا،ھەسەل ئىچىشتە،ۋە ئوت بىلەن داغلاشتا. مەن ئۇممىتىمنى ئوت بىلەن داغلاپ داۋالاشتىن تۇسىمەن»( بۇ ھەدىسنىمۇ ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
يۇقاردا بىز ھەسەل ھەرىسى ۋە ھەسەل توغرۇلۇق تۇنۇشقا ئىگە بولدۇق. ئەمدى تىمىمىزنىڭ ئاساسى مەقسىتىگە كىلىمىز.
پەيغەمبىرىمىز مۇئمىننى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشۇتۇپ مۇنداق دىگەن«مۆئمىننىڭ ئوخشىشى ھەسەل ھەرسىگە ئوخشايدۇ. پەقەت پاكنىلا يەيدۇ،پاكنىلا چىقىرىدۇ»(سەھىيھۇجامىئ 5847.ھەدىس.ئالبانى سەھىھ دىگەن، ھەيسەمى بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئىچىدە ھەججاجئىبنى نەسىر دەپ ئاجىز ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان بىر ئادەم بار. ئۇنىڭدىن باشقا راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك دىگەن)
يەنە رەسۇلۇللە«مۇئمىن ھەسەل ھەرسىگە ئوخشايدۇ.ئۇنىڭدىن ئالغان نەرسە ساڭا پايدا يەتكۇزىدۇ» دىگەن. (يۇقارقى مەنبە.ئالبانى سەھىھ دىگەن)
ئەمدى بىز ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان بىر دوستۇمدىن ئاڭلىغان ھەسەل ھەرسىنىڭ خىزمەت تەرتىبى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
بىزلەر بىلىدىغان ھەسەل ھەرىسى ئادەتتە كىچىك-كىچىك ساندۇقلاردا ئۇرا ياساپ ھەسەل چىقىرىدۇ. ھەسەل ھەرىسىلىرىنى قەيەرگە ئاپىرىشنى خالىساق شۇ يەرگە ئاپارغىلى بۇلىدۇ. ھەر-بىر ساندۇقتا 500دىن 800گىچە ھەسەل ھەرىسى بۇلىدۇ، ھەر بىر ساندۇقتىكى بىر توپ ھەسەل ھەرىسىنىڭ بىردىن پادىشاھى بۇلىدۇ. پادىشاھى گۇل شىرنىلىرىنى ئەپ كەلگەن ھەسەل ھەرىلىرىنى بىردىنبىر تەكشۇرۇپ كىرگۇزىدۇ.ئەگەر زەھەرلەك ماددىلارنى سۇمۇرۇپ كەلگەن بولسا پادىشاھى ئۇنى كىرگۇزمەي ئۆلتۇرۋېتىدۇ.شۇڭا ھەسەل ھەرىسى پەقەتلا پاكنىلا يەيدۇ،پاكنىلا چىقىرىدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئىلاھىي قانۇنىيەت. ئۇلار ئىنتىزامچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. باشقا ھەرىلەرگە ئوخشاش ئادەم چاقمايدۇ. ئەگەر ئادەم چېقىپ قالسا شۇ ھامان ئۇلۇپ كىتىدۇ. بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىر ئورۇنلاشتۇرىشى بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇلار باشقا نەرسىلەرگە قەتتىي زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.
ئۇلارنىڭ پادىشاھىغا بولغان ئىتائىتى ئەڭ يۇقرى پەللىسىگە يەتكەن. ئۇلار پەقەت پادىشانىڭ بۇيرقى بىلەنلا ھەركەت قىلىدۇ. ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان دوستۇمنىڭ بىر ساندۇق ھەرىسى ھەممىسى ساندۇقتىن چىقىپ بىر ياڭاققا قۇنۋاپتۇ. ئۇ دوستۇمنىڭ دىيشىچە ئۇ بىر توپ ھەرىنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ ياندۇرۇپ كىلەلىسىلا باشقىلىرى ئۆزىچىلا پادىشاھىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىلىدىكەن.
ئەمدى ھەدىسقا كەلسەك رەسۇلۇللە مۆئىنلەرنى ھەسەل ھەرىسىغا ئوخشاتتى. بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلەر بار. چۇنكى رەسۇلىمىزنىڭ دىگەنلىرى پەقەت ۋەھىي يۇلى بىلەن كەلگەن نەرسىلەردۇر.
يۇقارقى ھەدىستىن مىنىڭ چۈشەنگەنلىرىم،ھىسقىلغانلىرىم تۇۋەندىكىچە.
ھەسەل ھەرىسى «ھەرە»ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھەرىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم بىر پىرقىسى. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئىلھام قىلغىنى بۇيىچە گۇللەردىن شىرنە يىغىپ ھەسەللەرنى چىقىرىدۇ.ئۇ ھەسەللەرنىڭ رەڭلىرىمۇ ھەر-خىل بۇلىدۇ.ھەمدە ئىنسانلارغا شىپا بۇلىدۇ.
بىز ئۇممەتى مۇھەممەدىيەمۇ ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش باشقا ئىنسلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان بىر ئۇممەتمىز.
ئىنسانلار چوڭ ئائىلىسدىن بىز ئۇممەتى مۇھەممەدىيە،«ھەرىلەر» ئائىلىسىدىن چىققان ھەسەل ھەرسىگە بىز تامامەن ئوخشايمىز. ئاللاھ بىزنى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقاردى.
بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەدي«(ئى مۇھەممەد ئۇممىتى) سىلەرئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ،يامانلىقتىن تۇسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر»(سۈرە ئالئىمران 110.ئايەتنىڭ بىر قسىمى)
قاراڭلار قېرىنداشلار بىز ماھىيەتتە ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشامدىكەنمىز؟؟!!
مۆئمىنلەر ھەسەل ھەرسىگە ئوخشاش پەقەتلا پاكنىلا يەپ پاكنىلا چىقارمىغىچىلىك،ئۆزىگە بۇيرۇلغان مەجبۇرىيەتلەرنى مۇكەممەل ئادا قىلمىغىچىلىك،ئۆز ئىچىدىن بولغان باشلىقلىرىغا ئىتائەت قىلمىغىچىلىك مۇكەممەل مۆئمىن بولغىلى بولمايدۇ.
ھەدىستىكى «پاكنىلا يىيىش» مۆئمىنلەرنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنىڭ پاكلىقىغا،ئالغان ئىلىم-بىلىملىرىنىڭ ساپلىقىغا دالالەت قىلسا،
«پاكنىلا چىقىرىدۇ» دىگىنى مۆئمىنلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان گەپلەرنىڭ پەقەت سەت بولماسلىقى،ئالغان ئىلىملىرىنىڭ ساپ ھالدا باشقىلارغا يەتكۇزىلىشى، يەنى ئۇ ئىلىمگە بىدئەت ئارلاشمىغان،ئۆز رەئيى ئارلاشمىغان،پەقەتلا قۇرئان ۋە ھەدىس ئۇنچىلىرىلا بولىشى كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا ھەسەل ھەرىلىرى بىزلەرگە كىسەل باكتىرىيلىرىنى ئۆلتۇرىدغان ھەمدە كىسەل باكتىرىيىلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ئادەمنىڭ جىسمىغا شىپا بۇلىدىغان ھەسەللەرنى چىقىرىپ بەرگىنىدەك،مۆئىمنلەرمۇ باشقىلاردىكى شەيتاننى قاچۇرىدىغان،شەيتاننىڭ ئۇنىڭ روھى دۇنياشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغان باشقىلارنىڭ روھىيتىدىكى شەيتانىي باكتىريلەرنى تازلاپ روھقا قۇۋۋەت بۇلىدىغان گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلەرنى قىلىشىمىزغا دالالەت قىلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق قىلالىساق پەيغەمبىرىمىز ئىشارەت قىلىشپ ئۆتكەن ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدىغان مۆئىمنلەردىن بولغىلى بۇلىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ھەسەل ھەرىلىرىگە ئوخشاش پاكنىلا يەيدىغان،پاكنىلا چىقىرىدىغان،ئۆز خۇجىسىغا تۇلۇق ئىتائەت قىلىدىغان يۇرەك ئاتا قىلسۇن.
تەييارلىغۇچى: بىخ
|