قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3819|ئىنكاس: 33

ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىمۇ باتۇر!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

1905

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 255
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 22:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

      
ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىمۇ باتۇر

ئۇيغۇرلار شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان باتۇر مىللەت. ھەتتا ئۇيغۇرلانىڭ قىزلىرىمۇ باتۇر.  بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئاساسىڭ بارمۇ؟ دىيىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە ئاساسىم بار. سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بۇنداق ئۇيغۇر قىز  لىرىدىن بىرنەچچىنى مىسال كەلتۈرەي.  بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى، ئىتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن ، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىشىگە ھەم ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
(1) ئىپارخان-ـ ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ ، خانغا تارتۇق قىلىش مەقسىدى بىلەن چىيەنلوڭ خان ئوردىسىغا ئاپپىرىلغان. بىراق ئۇ خانغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقازماي ، ئىسلام ئىتىقادى ۋە پاك مۇسۇلمان ئاياللىقىنى قوغداپ شىھىت بولغان.   شۇڭا  باشقا مىللەت ئەدىپلىرى ئىپارخاننى ئۆز خەلقىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئىپارخان ھەققىدە داراممىلارنى ئويناپ ئىپار خان خىسلىتى باتۇرلۇقىنى خەلقىگە  تەشۋىق قىلغان.  بۇۋەقە تىلىۋىزىيە تىياتىرى « مەلىكە خۇئەنجۇ» دا ئازراق بولسىمۇ يورۇتۇلغان.
(2) نۇزۇگۇم ـ  نۇزۇگۇممۇ شۇنداق. ئۆز ئىتىقادى پاك مۇسۇلمان ئاياللىقىنى قوغداپ توي كىچىسى  زالىم مانجۇ ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كىتىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز ئىتىقادىنى ئاددى ھالدىكى مەئشەتلىك تۇرمۇشقا تەڭ قىلمايدىغان باتۇرلىقىنى ئىسپاتلاپ زالىملار قولىدا شىھىت بولغان.  
(3) يەتتە قىزلىرىم-  يەتتە قىزلىرىممۇ ئىپارخان، نۇزۇگۇم، قاتارلىقلار بىلەن بىردەۋرىدە ياشىغان . بۇلارمۇ.ئوخشاشلا  ئۆز ئىتىقادى ۋە ھۆرلىكىنى قوغداش يولىداچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ  شىھىت بولغان   باتۇر قىزلىرىمىزدۇر.  
يەتتە قىزلىرىم راۋايىتىنى ئوقۇپ ئىلھامىم قايناپ تۆۋەندىكى شىئىرلار يېزىلىپ قالدى.

       يەتتە قىزلىرىم،
زوقلانغۇدەك ئۇيغۇر پەخرى يەتتە قىزلىرىم،
باتۇرلۇقنىڭ نۇرلۇق تەختى يەتتە قىزلىرىم.   
ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەس ئابىدە تىكلەپ،
بىزگە غۇرۇر بەرگەن ئەسلى يەتتە قىزلىرىم.

باھادىرلىق مىدال ئاسقان يەتتە قىزلىرىم،
جەسۇرلىقى تىلدا داستان يەتتە قىزلىرىم.
ئۇيغۇرنىڭ ئاياللىرىمۇ «باتۇر »دىگۈزگەن،   
رەقىبىنى قىلغان چاشقان يەتتە قىزلىرىم .

زۇلۇم ئۈچۈن جەڭلەرئۇرغان يەتتە قىزلىرىم،     
شىھىت بولۇپ پارلاپ تۇرغان يەتتە قىزلىرىم.   
ئادالەت ھۆرلۈك يولىدا جان پىدا ئەيلەپ،
باتۇرلۇقتىن ئۈلگە قۇرغان يەتتە قىزلىرىم.

ئىپارخان ھەققىدە مۇنداق راۋايەتلەر بار.
گۈزەللىكى،  پاكىزلىقى ، خۇشپۇراقلىقى بىلەن كىشىلەرنى  ھەيران قالدۇرغان باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغۇتۇپ،  جاھان ئەھلى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى ئېلى خوجىنىڭ قىزى،   ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.  مانجۇلارنىڭ ئىپارخانغا «ئىپارخان»دىگەن نامنى بەرگەنلىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاكىزلىق ۋەخۇشپۇراقلىقتا تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
  ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،  
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
  تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
    بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
   باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.  
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
  ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.  
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
  قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.  
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
   پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
   بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
-  ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.

   ئىپارخان راۋايىتىنى ئاڭلاپ ئىلھامىم قايناپ   تۆۋەندىكى شىئېرلارنى يېزىلىپ قالدى.
            
               ئىپارخان،
پاك ئپىتىقاد ۋىجدان غۇرۇر داھىسى ئىپارخان،
ئۇيغۇر قىزى باتۇرلىقى  شاھىتى ئىپارخان.
ئوردا چاڭگىلدا ئىپپەت ساقلىغان مۆجىزىدەك،
پەزىلەتلىك قىزلىرىمىز غايىسى ئىپارخان.
ئۇيغۇر پەخرى بولغىدەك تارىخ قالغان ئىپارخان،
دۈشمەن سېپىنى باھادىردەك يارغان ئىپارخان.
بىراق قۇمدەك تولا چىرىكلەر ئالدىدا ئاخىر،
ئەسىر بولۇپ چىڭ ئوردىسىغا بارغان ئىپارخان.
تا ئۆلگىچە جەڭ كىيىم بىلەن كەتكەن ئىپارخان،
ئىپپەت دىيانەتتە ۋايىغا يەتكەن ئىپارخان.
ئەجدادى تۇمارىستەك، ۋارىسى نۇزۇگۇمدەك،
تارىخىمىزغا شەرەپ بەخىش ئەتكەن ئىپارخان.
ئىسمىڭىز نۇرئەلانۇر ئىكەن ئەسلى ئىپارخان،
خۇشپۇراقلار چاچاركەن كۆرگەن پەسلى ئىپارخان.
شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار‹ئىپارخان›دەپ ئاتاپتۇ،
بولغاچ بىزيەنە پاك ياشار خەلق نەسلى ئىپارخان.
پاكلىقنى ساقلاپ ئۆلگەن ئەرگە سادىق ئىپارخان،
ئىتىقادى ئۈلگىلىك ئەلگە سادىق ئىپارخان.
يولدىشى ئىدى شۇ مەردۇ-مەردان خوجا جاھان،
ئەل ئەركىسى يولدىشى ھەققە سادىق ئىپارخان

ئىپارخاننىڭ قەۋرىسى قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكىرەم يولىنىڭ ھەزرەت مەھەللىسىدە بولۇپ،  تارىخچى  ئىمىرھۈسەيىن قازاجىمنىڭ «تارىخى ۋاقەئەتى كاشغەر» دىگەن كىتابىدا ئىپارخان ئۆلگەندىن كىيىن جەسىدى بېيجىڭدىكى خان جەمەتى قەۋرىستانلىقىغا قويۇلغان. بىراق ئىپارخاننىڭ تۇققانلىرى، خاننىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى بىلەن ئىپارخان جەسىدىنى نەچچە ئاي يول يۈرۈپ بۇ يەرگە يەنى قەشقەردىكى ئاپپاق خوجا قەۋرىستانلىقىغا ئەككىلىپ دەپىن قىلغان دىيىلگەن.
بۇ يازمام تورداشلارغا ئىپتىخار ۋە مىللى غۇرۇر ئاتا قىلالىسا، ھازىرقى بىرقىسىم ئىتىقادسىزلىقىدىن بۇزۇلۇپ ئۆزبەختىگە ئولتۇرىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولىنى تېپىشىغا ئۈلگە بولالىسا  ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:   
(1)  نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابى.
(2) «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2009-يىل 3-سانىدىكى  تۇرسۇن مۇسانىڭ «ئىپارخان» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ناملىق ماقالىسى.
   

1

تېما

1

دوست

1373

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12156
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 210
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 23:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىنى يوللاپسىز .باتۇر قىزلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

3

دوست

646

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14660
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 173
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 23:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېزنېڭ پەخېرمېز سەن ئېپارخان  سېنې خەلقېڭ مەڭگۇ ئۇنۇتمايدۇ

ana tilim maggu yokalmaydu

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 2445
توردىكى ۋاقتى: 258
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 23:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەت ئانىلارنىڭ قۇلىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ ھەم يەنە ئوخشاش ئانىلارنىڭ قۇلىدا گۈللىنەلەيدۇ،چۈنكى پەرزەنتنىڭ قانداق ئادەم بۇلىشى ئانىنىڭ قانداق تەربىيەلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك...

4

تېما

3

دوست

2654

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 23:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۇلۇغ.......

27

تېما

1

دوست

4066

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 00:06:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇزۇكنىڭ جۈرئىتى نەدە

بىر مەزلۇم قىلىچقا ئەگمىسە باشنى
پەرۋاسىز رەد قىلسا يەنە ئالداشنى
چوڭ بىلسە ئوتۇغات مامۇق تۆشەكتىن
قومۇشلۇق دالادا يالغۇز تۈنەشنى
سورايمىز نۇزۇكنىڭ جۈرئىتى نەدە
كىم ھەمراھ مۈشكۈلدە ئىغىر سەپەردە

نۇزۇكنىڭ رەببى بار بىرىدۇ زور كۈچ
قەلبىدە ئىيمانى قويمايدۇ  تۈگۈچ
باشقىلار تونىسا باشلىق پۇقرا دەپ
ئۇنىڭغا مۇسۇلمان كاپىرلام تونۇش
نۈزۈكنىڭ رەت قىلىش جۈرئىتى نەدە
جاۋابى ئىيمانلىق مۇشتۇمدەك يەردە

ئۇ دەيدۇ ئاللاھقا قانداق ئۇچرىشاي
ئىيمانى بۇيرۇقتىن قانداق سۇسلىشاي
ئۇ كاپىر مەن مۇئىمىن مۈمكىنمۇ نىكاھ
ئۆلەي يا ئۆلتۈرەي جاندىن خوشلىشاي
نۈزۈكنىڭ رەت قىلىش جۈرئىتى نەدە
ئىيمانى ھەمراھتۇر مۈشكىل سەپەردە

ئىپارخان نۇزۇكئاي مەختۇمسۇلا ھەم
باغلانغان بىر ئىزچىل قاراشقا مەھكەم
خاقانلار ،سۇلۇنلار،قالماق بەچچەلەر
تىندە دەۋزەخنىڭ ھىدى بار ھەردەم
نۈزۈكنىڭ رەت قىلىش جۈرئىتى نەدە
جاۋابى ئىيمان ئۇ يىرتىلماس پەردە

بۇ كۈنلەر نۇزۇك سەن ئۇنتۇلۇپ كەتتىڭ
جۈرئىتىڭ ئيمانىڭ سىر بولۇپ كەتتىڭ
ئەۋلادىڭ كاپىرغا ئۈچتە ھەمراھ قىز
بىلدۇقكى جۈرئەتنى سەن ئىلىپ كەتتىڭ
نۈزۈكنىڭ رەت قىلىش جۈرئىتى نەدە
ئىيمانى دۈچ كەلگەن ئاشۇ خەتەردە

ئەر يوقمۇ ؟ تالاشتا ئايدەك جامالى
نادانمۇ؟ ياق ئۇلار قوش تىل زىيالى
رەت قىلماس ئىتقاد بولمىغاچ دىلدا
نان بەرسە كاپىرنىڭ بولار ئايالى
نۈزۈكنىڭ رەت قىلىش جۈرئىتى نەدە
چىندىلدىن ئىزلەيلى بولسا قەيەردە
2012-12-25

27

تېما

1

دوست

4066

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 00:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئاچالماي يۈرسەك بىز جۇت شىۋىرغان بوراندا،
ئىمانىڭنى سىتىپ يەپ ياتتىڭ ئىسسىق ئوراندا.
يامانلارغا يان بىسىش شەرەپمۇ يا قۇرئاندا،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىقسا بەزىلەر داڭ قىتىشىپ ياپىر دەپ ،
ياخشىلارنى تىللايسەن چەتكە قىقىپ كاپىر دەپ.
بۇلبۇللارنى ئۈركۈتتۇڭ تۇتالماستىن قاقىر دەپ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

پاكىز يۈرسە بۇ قىلىق كاپىرلارغا خاس دىدىڭ،
قاسماق كىيىم ياغ دوپپا مۇسۇلمانغا ماس دىدىڭ.
ئىلىم پەنگە جۈش ئۇرۇپ ياكى ئالغا باسمىدىڭ،
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.


كۆرمەي تۇرۇپ بىراۋنى ئاڭلاپ مىڭنى قاغايسەن،
ئىسرائىلغا يان بىسىپ ئەرەپاتنى تىللايسەن.
بامداتتىن كىين گۇناھقا پىتىپ شام نامازغا يىغلايسەن.
جاۋاپ بەرگىن ئى موللام مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟.

مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر

جىمى ئالقىش ھەقلىقتۇر ئالەملەرنىڭ رەببىگە،
بىزدىن سالام ئىھتىرام ،ئۇ ئىۋەتكەن ئەلچىگە.
سۇئال كەپتۇ دوسلاردىن ،جاۋاپ يازدۇق رەددىگە،
ياراپ قالسا جاۋابىم تەڭ بارايلى سەجدىگە.
سوراقلاپسىز موللامنى ئايىماپسىز ئازراقمۇ،
بىزمۇ سورساق ھەقلىققۇ زىيالىلار شۇنداقمۇ

چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشلە،
ئىشەكلەرگە تون يىپىپ ئىمام قىلىپ تىكلەشلە.
ئاندىن سۇئال قويۇشۇپ شىئىر يىزىپ ئەپلەشلە،
سېسىتىشقا ئىسلامنى قانچە پۇلغا گەپلەشلە.
ھەقىقەتنى بىسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ؟،
مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

بىلىمىڭ بار ۋە لىكىن ئىتقادىڭ دىتىڭ يوق،
كىملىكىڭ يوق ۋە ياكى تۇتاي دىسە سىپىڭ يوق.
جان بىقىشچۈن ئۈگەنگەچ بۈيۈك غايەڭ غىمىڭ يوق،
ھاراق ئىچسەڭ قاينايسەن يىشىلگەندە ئىسىڭ يوق.
ئىتقادسىز بىلىمدان ۋالاقلاركەن مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


كۈندە بەش ۋاخ يۇيۇشنى داداڭغا بىز ئۈگەتكەن،
نەسىھەت قىپ ياخشىنى تىللاشنىمۇ تۈگەتكەن.
كاپىر دىيىش كاپىرنى دەل قۇرئاندا بار گەپكەن،
«خۇدۈكى بار سەكرەيدۇ» دىگەن ئەجەپ ھىكمەتكەن.
«چىدىمىساڭ ئۆلىۋال» دەل كىلەرمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

خانلىق مەدرىس تاقالدى ،سىنىڭ زۇلۇم جەۋرەڭدە،
ئىلىم بىلەن دىن قارشى بولۇپ قالدى دەۋرىڭدە.
دىندىن خەۋەر بەرمىگەچ ئەخلاق يوقتۇر نەۋرەڭدە،
بۇنىڭ ئۈچۈن كۆيەرسەن جەھەننەمدە قەۋرەڭدە.
كىم جاۋاپكار بۇنىڭغا سۇئالىم بار مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ھىدايەتكە چاقىردۇق جۇت زۇلمەتكە پاتقاندا،
قۇسۇقلارغا مىلىنىپ ھاراق پۇراپ ياتقاندا.
ساتما دىدۇق ئىماننى مائاشقا پۇل قاتقاندا،
دۇشمەنلەرنى مەدھىيلەپ شائىر قوشاق قاتقاندا.
ئالعا دسەك مۇكۈنۈپ چىققان يىرىڭ قونداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

باشلىساڭلا ئەگەشتۇق دەپ زىيالى ئۇلۇقكەن،
قىنى پارلاق كەلگۇسى ماڭغان يولۇڭ تۇيۇقكەن،
ئىست ئاخماق بولۇپتۇق ،قەلبىڭ بەكمۇ قۇرۇقكەن.
سەنلەر بولغاچ باشلامچى ئەلنىڭ كۅڭلى سۇنۇقكەن.
ھۆرمەت قىلساق دەپسەندە قىلعان بارمۇ مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەدەنىيەت مائارىپ ژورنال سىنىڭ قولۇڭدا،
دينىمىزغا ئۆچ بولدۇق ،تەربىيلىنىپ ئۇنىڭدا،
كىملەر ئىدۇق كىم بولدۇق باشلاپ ماڭعان يولۇڭدا.
بوۋىلارنىڭ ھىكمىتى قالدى چەتتە بولۇڭدا.
كاللا يۇيۇپ ئۆزگەرتىش سەنلەر قۇرغان قىلتاقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

چىمەن دوپپا بەقسەم تون ساقال سۇمبات بىزلەردە،
ناۋائىدەك ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان ئىزلەردە.
ئوخشىمايسىز ئۇيغۇرغا ساقال تۇرماس يۈزلەردە،
ئۇيغۇرغا خاس نە سۇلكەت سالاپەت بار سىزلەردە.
ۋارىس ئەمەس ئۇيغۇرغا ياتقا ھاممال يانداقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوحشايدۇ،
قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ،ۅەر بىر ۋىجدان قاقشايدۇ،
پەقەت جىنسى سۅيگۉدىن قانداق كۅڭۇل ياشنايدۇ،
ھالال نىكاھ سۆيگۈنى قاچان بوعۇپ تاشلايدۇ،
چاتاق چىقسا ھامىلە تاشلايدىعان قاسراقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


پاھىشىنى تانسىنى مەدەنىيەت دىيىشتىڭ،
ھاراق ئىچىپ مەلىنى باشلىرىڭغا كىيىشتىڭ.
مەسۇملارنى تەربىيلەپ ئىشتان كەيمەس قىلىشتىڭ.
پۇل تىپشىقا قىزلارنى مەبلەغ قىلىپ سىلىشتىڭ.
خوتۇنلارنى كۆنلىسەك بىز ياۋايى ئاخماقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


موللام قىزى نازۇگۇم قاچقان ئامبال سولۇندىن،
سەن ئوقۇتقان داشۆسىڭ قاچماس ماڭنۇر مولۇندىن.
بۈگۈن جۆيلۇپ قوپۇپسەن ئىت قوپقاندەك كولۇڭدىن،
ئىززەت ھۆرمەت شان شەرەپ قايسى ئىدى بۇرۇندىن.
«ئوغرى تۇرۇپ ئوغرى دەپ ,توۋلاش» باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

دۇنيادا ھىچ مۇسۇلمان ئىسرائىلغا يان باسماس،
تۆھمەت قىلساڭ بىلىپ قىل يالغان گىپىڭ چاك باسماس،
ئەرەپات ۋە خاماستىن بىر گەپ بىلەن تاڭ ئاتماس.
بىلمىسەڭ گەر سۆزلىمە ،بولىۋالغىن خۇپسەن گاس.
تەۋبە قىلسام نە يامان ، ساراڭ باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

ئايغا چىققان خەۋەرنى سەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدۇق،
خۇدا بەرگەن قۇدرەت دەپ باشمالتاقتا داڭلىدۇق،
سەن باشلىغان قايسى ھەق توغرا يولغا ماڭمىدۇق،
سەندىن قاچان توغرا گەپ توغرا نىشان ئاڭلىدۇق.
ئىتقادتىن ۋاز كەچسەم شۇندىلا بىز ئورتاقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.

مەنغۇ ئايعا چىقمىدىم ، سەنمۇ چىقىپ باقمىدىڭ،
بىزلەردىغۇ مەكتەپ يوق ،سەن بولساڭمۇ ئاقمىدىڭ.
بىزغۇ دىننى قوغدىدۇق، سەن قەيەردە چاقنىدىڭ؟،
كاللىسى يوق ماڭقۇرۇت ،سەن شۇنچىلا پاكمىدىڭ.
ئۆز قەۋمىگە ئىت بولۇپ قاۋايدىكەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.



ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق،
نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق.
ئەزەن چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق،
قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق.
ئەيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.


بىل خۇدالىق ئالەم بۇ ھەددىڭدىن بەك ئاشمىغىن،
ئۆز قەۋمىڭگە دوستۇڭغا سەن يۇنداڭنى چاچمىغىن.
مەن سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ،كەل مىنىڭدىن قاچىمىغىن،
نەسىھەت بۇ چىندىلدىن،ئۆز دىينىڭنى باسمىغىن.
ئۈگىنىپ باق دىينىڭنى پەن بىلەن دىن ئورتاقمۇ؟،
ئۇيغۇر ئۈچۈن جۈپ قانات بىز بولايلى شۇنداقمۇ؟.

27

تېما

1

دوست

4066

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 00:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىمىن ئۈستىدە
بۇلغانمىغان قارلىق چوققىسەن
ئىپپەتسىزلەرگە
بۇلغانغانغانلارغا
قاينتماس ئوقسەن
ھەقلىق دەككىسەن
پەرىشتە سەن
سىرتىڭ ئاددى قەلبىڭ بىر دۇنيا
تەنتەكلەرگە

ئەس ھۇشىنى بىلمىگەنلەرگە
سەن ئۈنسىز نىدا
مەيدانسىزلار
مايمۇنچاقلار
يىڭىلىسۇن كۈندە بىر مودا  
كۇپايە ساڭا
چىن ئىنسانلىق
ئانىلىق
خۇدا بەرگەن شۇ ئىللىق دۇنيا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )