- تىزىملاتقان
- 2012-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5170
- نادىر
- 0
- يازما
- 297
ئۆسۈش
3.4%
|
ياپونىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى مۇراجەت قىلىشىغا جۇڭگونىڭ كۆرسىتىۋاتقان بېسىمى سەۋەپچى بولغاندەك قىلىدۇ. ياپونىيىمۇ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى شى رەئىسنىڭ روسىيە زىيارىتى ياپونىيىنى ساراسىمغا سېلىپ قويغان بولۇشى مۈمكىن. ياپونىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋېتىنى تۈزۈشنى ئارزۇ قىلىشىمۇ، دەل ھازىرقى ياپونىيىنىڭ دېپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىيىسى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بىر خىل ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. نۆۋەتتە، يەنە ياپونىيىنىڭ ئاتالمىش ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىشىمۇ، ئاتالمىش ئىتتىپاققا تازا ئىشەنىش قىلالمايۋاتقانلىقىنى ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە كېرەك.
ياپونىيە سىياسىيونلىرى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقداشلارغا ئىگە بولماي تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن يەككە ھالدا قارشىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن. شۇڭا، ياپونىيە تەرەپ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانچىلىق دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ، جۇڭگوغا قاراتقان دېپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشەپ بېرىشى مۈمكىن.
جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاسىيىدىكى تەسىر دائىرىسى ۋە خوجىلىق ھوقوقىنى تالىشىشتىن شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيەدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا كېڭىيىشتىن ئىبارەت سىياسىي ۋە ھەربىي كۈرەشلىرى دىياۋيۈ ئارىلى دېپلوماتىيىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يېيىشى مۈمكىن.
‹‹زېمىن پۈتۈنلىكى››، ‹‹قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش›› ۋە ‹‹دۆلەت مەنپەئىتى›› دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن مەنىسى بولسا، دۇنيانىڭ خوجىسى كىم؟ مەنمۇ، سەن؟ يەنىلا خوجاكاڭ مەن...
|
|