- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1115
- نادىر
- 0
- يازما
- 82
ئۆسۈش
11.5%
|
8-ئاينىڭ 23-كۈنى ماۋ زېدوڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئەخمەتجان قاسىمى ئىككى چامادانغا لىق قاچىلانغان شىنجاڭ تارىخىغا ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھېسسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماتېرياللارنى ئېلىپ، سول مەيدىسىگە مۇستەقىللىق 1- ۋە ئىستىقلالىيەت 1-ئوردىنى ئېسىپ، ھەمراھلىرىنى ئېلىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى. يولغا چىقىپ بەش كۈن بولغاندا، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئايرۇپىلان تاشقى بايقال رايونىدىن ئۆتۈپ ئىركۇتىسكى رايونىغا بارغاندا، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبلىك تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەر قازا قىلدى. بۇ خەۋەر 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلى ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلدى. سەيپىدىن دېڭ لىچۈن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خەۋەرنى قاتتىق مەخپىي تۇتتى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تاللاپ چىقىشى بىلەن، سەيپىدىن ۋە چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ئالىمجان ھاكىمبايېۋ بېيجىڭغا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا ماڭدى. 9-ئاينىڭ 10-ۋە 13-كۈنلىرى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى مەركىزىي كومېتىتى پېڭ دېخۇەي ۋە تاۋ سىيۈ بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغىرىسىدىكى مۇھىم قارالارنى مۇزاكىرە قىلدى. 9-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنى سەيپىدىن ماۋ زېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىپ تېپىشى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىنىڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىشى قاتارلىق مەسىلىلىرنى مۇزاكىرە قىلدى. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن تون ۋە تۇماقنى ماۋ زېدوڭغا تەقدىم قىلدى. 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئازادلىق ئارمىينىڭ 1-دالا ئارمىيسى شىنجاڭ چېگرىسىغا يېتىپ كەلدى. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تاۋ سىيۈنىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭ تىنچىلىق بىلەن ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ماۋ زېدوڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بۆرھان شەھىدى رەئىس بولدى. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دالا ئارمىيسى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇۋالدى. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلى ھۆكۈمىتى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى مەركىزىي كومېتىتىغا يېشىل رەڭلىك «ش.ت» بايرىقى ۋە ئاق رەڭلىك ئىسلام دىنى بايرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېسىش تەكلىپىنى بەردى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 1-دالا ئارمىيسى رەسمىي ھالدا شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. ئىلىدىن ئايرىلغىلى 50 كۈنچە بولغان سەيپىدىن قاتارلىق كىشىلەر 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قازا قىلغانلىقىغا توپتوغرا 2 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان چاغ ئىدى |
|