- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3602
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
ئۆسۈش
60.06%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anwarili تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 02:33
بىيجىڭغا يوللانسۇن :بۇرھان.شەھىدىنىڭ ئەخمەتجان.قاسىمىگە يازغان خىتىنى پايدىلىنىشىڭلار ئۇچۇن يوللىدىم
دىڭلىچۇن: 1949 - يلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۇنى
جاناپلىرىنىڭ 8- ئاينىڭ 16 - كۇنى ئەۋەتكەن خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم ، جاناپلىرىنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم . ئەبەدى سالامەت بولۇشلىرىنى يىقىن كەلگۇسىدە كوڭۇللۇك شارائىتتا ئۇزئارا خۇشال- خۇرام كورۇشىشىمىزنى ئۇمۇت قىلىمەن ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەھۋال، ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ دىققەت ئىتىۋارىمىزنى قوزغىدى، چۇنكى ئۇ غەلبىلىك راۋازلانماقتا، بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز "كورۇكتىن ئوتكىچە ئىيىقنى بەزلە دەپتۇ" دىگەن ھىكىمەتتىكىدەك بۇلۇۋاتىدۇ . ئۇ كىشىلەرنى كورگەندە تىللاش كىرەك ئىدى ، لىكىن بىز ئۇلارنى كۇلكە چىراي بىلەن كۇتۇۋىلىۋاتىمىز ، بەلكى ئۇلار بىلەن تەكەللۇپ سوزلەرنى قىلىشىۋاتىمىز . چۇنكى مۇھىت شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، جاناپلىرى بەلكىم ئىرىنبۇرك يازغان "بوران چاپقۇن" دىگەن ماقالىنى ئوقۇغان بۇلۇشلىرى مۇمكىن . ئۇنىڭدا سىركىي فىشاغا يازغان خىتىدە "سىز ئىشەنمەيسىز بىراق مەن ھەقىقى دىپلىمات بولۇپ قالدىم ، مەن ئۇلارنىڭ كاچىتىگە سىلىشىم كىرەك بولغاندا . مەن ھامان كۇلۇپ تۇرىمەن ، بالكىم دارغا ئىسىسگە تىگىشلىك بولغان ئاشۇ ئەبلەغلەرنىڭ سالامەتلىگى ئۇچۇن قەدەق كوتۇرىمەن ..... بۇ يەردە ئىپلاسلىقلار بەك كوپ"
بىز بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت پۇتۇنلەي بۇزۇلدى . مەن باش ئەگمەي ئوز يولۇمدا مىڭىۋاتىمەن لىكىن ئۇ مىنىڭ خىزمىتىمگە ئوزلۇكسىز توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ خوتۇنى ئامىنە يىقىندا جەنۇبى شىنجاڭدىن قايتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات يۇرگۇزگەن ھەركىتى توغرىسىدا بىر قىسىم خەۋەرلەرنى ئالدىم ، ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ بىزنى (جاناپلىرى بىلەن مىنى) "ئولكىمىزدىن ئەمەس ئۇلار سىرتتىن كەلگەن ، ياتلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ" دەپ ئاتاپتۇ ۋە "ئولكىمىزنىڭ مىللى قەھرىمانى، ، رەھبىرى مۇھەممەتئىمىن. شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇڭلار" دەپ تەكىتلەپتۇ . لىكىن يىقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئامىنەنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتى ئۇنىم ھاسىل قىلماپتۇ .
مەسئۇت ماڭا خەت ئەۋەتىپ، مىنى ھاقارەتلەپ ، مىللەتچىلىككە قارشى شەرەپلىك ھەركەتنىڭ رەھبىرىسەن ، سەن يوقىتىلىسەن ، بەلكى بىزمۇ سىنى يوقۇتىمىز ، دەپتۇ .
ئەيسابەگ ھازىر لەنجۇدا ، مابۇفاڭغا لەۋھە تەغدىم قىلىشقا كەتكەن ئىدى . بىرىشتا مەن بىلەن كورۇشمىگەن بىرىشتىن بۇرۇن خەلىق رايىنى سۇيىئىستىمال قىلىپ ، تەلەپنامە يىزىپ ، مابۇفاڭدىن ئولكىلىك ھوكۇمەتنى ئوزگەرتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ . لىكىن لەنجۇنىڭ مۇھىتى مابۇفاڭغا بۇ تەلەپنامىنى مۇزاكىرە قىلىشقا پۇرسەت بەرمەپتۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن ، ئۇلارنىڭ روھى چۇشۇپ كەتتى .
مىللەتچىلەر يەنىلا خۇيزۇ قوشۇنى(ئاتلىق دىۋىزىيە كوماندىرى ما چىڭشىياڭ) مەرگەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ مەۋجۇت تۇرىۋاتىدۇ ۋە ھەركەت قىلىۋاتىدۇ . لىكىن ئۇلار (مىللەتچىلەر ، قازاق ، خۇيزۇ لارنىڭ ئەكسىيەتچى كاتىباشلىرى) تايانغان تىرەك يىقىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . چۇنكى ئاڭلىشىمچە ئۇلار تايانغان ئاتلىق ئەسكەرلەر ، ماچىڭشىياڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ، قايتىپ كىتىدىكەن . بىزمۇ ئۇلارنىڭ بالدۇراق چىكىنىشىنى ۋە ئولكىمىزنىڭ تەغدىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشنى ئاستىرتىن ئۇمۇت قىلىمىز بۇنىڭدىن ئۇمۇت بار.
قەشقەر ۋالىسى ئومەر داموللانىڭ ھەركىتى ياخشى ئەمەس ، شۇڭا ئومەرنىڭ خىزمىتىنى ئىلىپ تاشلاپ . ئورنىغا بۇرۇنقى ۋالى ئابدىكىرىمخان مەخسۇمنى تەيىنلەشنى قارار قىلدىم . بۇ قارارنى قەشقەردىكى جاوشىگۇاڭمۇ ياقتۇردىغانلىقىنى بىلدۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، مەنمۇ يىقىندا قەشقەرگە بىرىپ كەلمەكچىمەن.
قاسىمجان.قەمبىرى ، ئابلىز.مۇھەممەت ، نىزامىدىن ، ئالىم.ئاخۇن ، تۇرغۇن.ئالماس قاتارلىق 5 كىشى ئۇرۇمچىگە كەلدى ، قاسىمجان ئۇرۇمچىلىك ھوكۇمەت بوغالتىرىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ، نىزامىدىننى ئىبىرارىم.مۇئىتنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ شۇيوەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدىم . ئالىم.ئاخۇننى ئوزىنىڭ تەلىۋى بويىچە ، قەشقەر باجىخاننىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلماقچىمىز ، تۇرغۇن.ئالماسنى ئىلىغا يولغا سىلىپ قويدۇق . چۇنكى ئۇنىڭ مىجەزى چۇس ، ئاغزى چىڭ ئەمەس، بۇ يەرنىڭ مۇيىتى ئۇنىڭغا پايدىسىز بولسا كىرەك ، بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسۇن دەپ، ئۇنى ئىلىغا يولغا سىلىپ قويدۇم . قەشقەرنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى تۇرغۇن.ئالماس ئوزلىرىگە دوكىلات قىلىدۇ .
ئابدىكىرىمخان.مەخسۇم قاسىمجان.قەمبىرىدىن ئوغلى توختارنى سۇرۇشتۇرگەن ئىدى مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئوغلى خەت ۋە رەسىمىنى ئەۋەتسە ، قەشقەرگە بارغىنىمدا ئابدىكىرىمخان.مەخسۇمغا بىرىپ قويسام ، مەن ئۇزەم باراممىسام ئىشەنچىلىك كىشى تىپىپ ئەۋەتىپ بەرسەم .
مەن نەنسەندە 15 كۇن دەم ئالدىم ئوزلىرى بىلەن ئىلگىرى بىللە تۇرغان يەردە تۇردۇم . بارىدىغان چاغدا قاسىمجان.قەمبىرىلەرنى تاققا بىللە بىرىشقا تەكلىپ قىلدىم ، بىز بۇ يەردە ھەر كۇنى ئۇزلىرىنى ئەسلەپ تۇردۇق ، ئۇلار بىلەن ئوزلىرىنىڭ ئوتكەندىكى ھەممە ئىشلىرىنىڭ گىپىنى قىلىشتۇق .
رەشىدە (بۇرھاننىڭ رەپىقىسى) 8 - ئاينىڭ 12 - كۇنى قىز تۇغدى . بۇگۇن دوختۇرخاندىن قايتىپ چىقدى ، بىز ھازىر ئىلگىرىكى مەركىزى تەلىم - تەربىيە ئۇمىگى شىنجاڭ سوبىسىنىڭ قورۇسىدا تۇرىۋاتىمىز . ئەگەر بۇ قورۇغا مەن كوچۇپ بارمىسام ، باشقىلار ئىگەللىۋالامدىكى دەيمەن .
خەت يىزىۋاتقاندا ، بەك ئالدىراش بولغانلىقىم ئۇچۇن ، ھەممىنى تەپسىلى بايان قىلالمىدىم ، كىيىنكى خىتىمدا تەپسىلى بايان قىلىمەن .
دوسلارغا سالام ئىيتىپ قويۇڭ (روسلارنى دىمەكچى)
بورخان 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۇنى .
( شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولىشى) دىگەن كىتاپتىن ئارىيەت . |
|