قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1830|ئىنكاس: 57

قاسىم سىدىق:شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 2854
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 12:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
يېقىندا ئاكادىمىك ھۇشۇر ئىسلام شەكىل نەزەريىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمى سۈھبەت يىغىلىشىدا شەكىل نەزەريىسىنى مۇنتىزىم تەتقىقات ئىزىغا سېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە «شەكىل نەزەريىسى بىزگە زادى نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟»دىگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا بىر دوكىلات سۇنۇش تەكلىۋىنى بەردى.سۆھبەتكە قاتناشقان پېشقەدەم،ياش مۇتەخەسىسلەرۋەئالاقىدار مەمۇرلار بۇ تەكلىپنى قوللىدى.بۇ تېما شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەييارلىنىدۇ.مەزمۇن تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىرلەر قارشى ئېلىنىدۇ.مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلامغا ۋە پايدىلىق تەكلىپ،تەنقىت بەرگەن،قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە قىزغىن رەھمەت ئوقۇيمەن.


1

شەكىل نەزەريىسى چوڭ(ئومۇمى) جەھەتتىن فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ خاسلىققا ئىگەبىر تەپەككۆر يولى.بۇ خاسلىق،شەكىل نەزەريىسىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل»،«ئارقا كۇرۇنۆش»،«مۇتلەق ھەجىم»قاتارلىق ئاساسى ئۇقۇم ۋە يەكۈنلىرىنى مەركەز قىلغان ئالاقىدار ئىدىيە،ئۇقۇملىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.يەنى ئىنسانىيەت ھازىرغىچە يۇقۇرقى ئۇقۇم ۋە يەكۈنلەر مەيدانىدا تۇرۇپ تەبىئەت دۇنياسىنى سىستىمىلىق تەتقىق قىلىپ باقمىدى.
ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا، يەنى نىيوتۇن مىخانىكىسى،ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى،كۋانىت مىخانىكىسى قاتارلىقلار ئارىسىدا چوڭقۇر زىدىيەتلەر بار.بۇ زىدىيەتلەريۇقۇرقى نەزەريىلەرنىڭ زامان،ماكان،تىزلىك،ئۆزلۆكسىزلىك ۋە غەيرى ئۆزلۆكسىزلىك(كۋانىتلىق)قاتارلىق ئۇقۇملىرىدا رۇشەن ئەكىس ئىتىدۇ.
بىرلىككە كەلگەن،زىددىيەتسىز فىزىكا نەزەريىسىنى تورغۇزۇش ئۈچۈن كەم دىگەندىمۇ بىر ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار كۇرسىتىلىدى.لىكىن زىددىيەت يەنىلا ھەل قىلىنغىنى يوق.
شەكىل نەزەريىسى مانا مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۇرۇنۇشنىڭ ۋە غايىنىڭ مەھسولى.فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرۆشتە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇقۇم ،ئىدىيە سىستىمىسى ۋە مىتودى بار.شەكىل نەزەريىسى ئۇزىنى بىرلىككە كەلگەن فىزىكا نەزەريىسىنى تورغۇزۇشتا بىر نامزات بولالايدۇ دەپ قارايدۇ.«فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنۆلۆشى»سەرلەۋھەلىك ماقالىدە شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنىڭ ئىدىيىۋى لايىھىسى ،لوگىكىلىق ئاساسى قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئېلان قىلىنغان.شەكىل نەزەريسى مەلۆم مەنىدە بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى مەيدانغا كەلتۆرۆشتىكى يىڭى يول؛بەلگىلىك تەجىرىبەئاساسىغا ،بىر قەدەر پوختا بولغان لوگىكىلىق ئاساسقا ئىگە ئىلمى تەۋەككۆلچىلىكتىن ئىبارەت.

بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنىڭ ھازىر خەلقئارادا كەم دىگەندىمۇ ئىككى نوپۇزلۇق نامزاتى بار،ئۇلار:
1تار(يىپ)نەزەريىسى.
2.ئۆلچەملىك مۇدىل.
شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا تار نەزەريسى گەرچە دۇنياغا مەشھۇر ماتىماتىكلارۋە فىزىكلار ئاساس سالغان نەزىريە بولسىمۇ،غەلىبە قىلىشى ناتايىن،چۈنكى بۇ نەزەريىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئۇقۇم ئاساسىدا مەسىلە بار.ئىنسانىيەت ھىچقاچان بىر ئۆلچەملىك فىزىكىلىق رىياللىق بىلەن ئۇچراشقىنى يوق.ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى ھامان ئۈچ ئۈلچەملىك بولىدۇ ۋە شۇنداق بولۇپ كەلگەن.ئاتالمىش«بىر ئۆلچەم»،«ئىككى ئۈلچەم»لەرنۇقول ماتىماتىكىلىق ئىدىيە ۋە مىتوتتىن ئىبارەت.
ئەمدى ئۆلچەملىك مودىلغا كەلسەك،بۇ مودىلمۇ شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى تورغۇزۇشتا غەلبە قىلالمايدۇ.چۈنكى بۇ نەزەرىيە نىڭ مىكرۇچېكى «پەرۋەردىگار زەررىچىسى - ھېككىس زەررىچىسى»دىن ئىبارەت.ھالبۇكى ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ زەررىچىنمۇ كىچىك بولغان زەررىچىلەرنىڭ بارلىغىنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇ.«غەيرى نۇقتا»بىلەن پىلانىڭ ئۆلچەملىرىگىچە بولغان مىكرودۇنيا ئۆلچەملىك مودىلنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.ھالبۇكى بۇ دۇنيا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخرقى مەخىپىيەتلىكلىرى يوشۇرۇنغان كاتتا دۇنيادىن ئىبارەت.دىمەك،ئۆلچەملىك مودىل ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرەلمەيدۇ.
ھالبۇكى، يۇقۇرقى نەزەريىلەر غايەت زۇر ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى بىلەن تۇرغۇزۇلغان ۋە تەتقىق قىلىنىۋاتقان نەزەريىلەردىن ئىبارەت.لىكىن،تار نەزەريىسى ھازىرغىچە بىر ئۆلچەملىك تار(يىپ)نى،ئۇلچەملىك مۇدىل«ھېككىس»زەررىچىسى»نى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىدى.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا،تار نەزەريىسى«بىر ئۆلچەملىك فىزىكىلىق رىياللىق»نى مەڭگۆ ئىسپاتلىيالمايدۇ.ئۇلچەملىك مۇدىل«ھېككىس زەرىچىسى»تىپىلغان تەقدىردىمۇ فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمەيدۇ.

شەكىل نەزەريىسى بىلەن يۇقۇرقى نەزەريىلەرنى سىلىشتۇرۇپ كۈرسەك تۆۋەندىكىي يەكۈنلەرگە ئىرىشەلەيمىز:
1.يۇقۇرقى ئىككى نەزەريە پۇختا ماتىماتكىلىق ئاساسقا ئىگە،لوگىكىلىق ئاساسى پۇختا ئەمەس.
شەكىل نەزەريىسىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى پۇختا،ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۇپ چىقىرىشى جەريانى ئىشلەنمىگەن.ئەمدى ئىشلەش كېرەك.
2.يۇقۇرقى ئىككى نەزەرىيە بىر قەدەر مۇرەككەپ.شەكىل نەزەريىسى ئاددى.
3.يۇقۇرقى ئىككى نەزەريىنىڭ ئاساسى ئۇقۇملىرىنىڭ تەجىرىبە ئاساسى يىتەرلىك ئەمەس.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئاساسى ئۇقۇملىرى يىتەرلىك تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە.


2

شەكىل نەزەريىسىدە ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەرەز- ھۆكۈملەر ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بىرى خەلقئارادىكى تەتقىقات،تەجىربە ۋە كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى تەرىپدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىغانلىرىنىڭ مەۋجۈتلىگى  شەكىل نەزەريىسىنىڭ سىستىمىلىق ھالدا،مەخسۇس تۆر تۇرغۇزۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ،ئۇلار:

1-فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالەم دەۋرىلىككە ئىگە دېگەن پەرىزى ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز (R.Penrose)، ۋە ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان (V.G.Gurzadyan)لارنىڭ تەتقىقات ۋە كۇزۇتۇش نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
2-  «نىيۇتۇنچە ماكان مەۋجۇت» دېگەن كۆز قارىشى كۋانىت نەزەرىيىسى ۋە ئالەمدە غايەت غايەت چوڭ ۋاكۇئوم ھالەتنىڭ مەۋجۈتلىگى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. چۇنكى، نىيۇتۇنچە ماكان بولمىسا كۋانتلىقنى ۋە ۋاكوئۇمنى تەسسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
3-  «ئوبېكتىپ زامان مەۋجۇت ئەمەس، زامان سوبىكتىپ قورال دېگەن پەرىزى» كالفورنىيە ئونىۋىرسىتىتىنىڭ فىرافسورى كىراك.كالىندىر(CraigCallender)نىڭ «زامان پەقەت تۇيغۇمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆز قاراشلار ۋە ۋاچ. گۇسادىيانلارنىڭ يۇقۇرقى تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ. ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى تەشەببۇس قىلغان يۇقۇرقى چەتئەللىك ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەشەببۇسلىرى پۇت تېرەپ تۇرالىسا،ياكى نىيۇتۇنىنڭ مۇتلەق زامان ئىدىيىسىنى قايتا ئىلىپ كېرىشكە ياكى زامان سوبىكتېپ قورال دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
4-  شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىگىدىن يۇقىرى تېزلىك مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى پەرىزى كوۋانت نەزەريىسى،ئامېرىكا،گىرمانىيە ۋە شىۋىتساريە جەنىۋە ئونىۋىرسىتىتى ئالىملىرىنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە ئالاقىدارتەجىرىبە نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ.
5-«ئېنىشتېيىن زامان –ماكان ئىدىيىسىدە بىرتەرەپلىمىلىك ۋە چەكلىمىلىك مەۋجۇت» دېگەن پەرىزى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى سىتۋىن ۋىنبىرىگ (Stevn.Weinberg)،ئامېرىكا ۋىرمونىت ئونىۋرىسىتىتىنىڭ فىرافسۇرى  ھانىس يوھانيان(Hansc.ohanian)لارنىڭ«ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىغى»ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سورۇلگەن ئىدىيىلەر ۋە سىتانفۇرت ئونىۋىرسىتىتىنىڭ دەم ئىلىشقا چىققان تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى خۇادى(HuaDi 华棣)نىڭ ئېنىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ئۈستىدە ئىلىپ بارغان بىريۈرۈش  تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنداقلا كوۋانت نەزەرىيىسى ۋە ئەرمىنيە، ئەنگىليىلىك يۇقۇرقى ئىككى نەپەر ئالىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىلرى تەرىپدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
6.شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى فىزىكىلىق مەسىلە ئەمەس،پەلسەپە-بىلىش نەزەريسى خارەكتىرلىك مەسىلە،تەبىئەت دۇنياسىدا ئېنىقسىزلىق مەۋجۈت ئەمەس»دىگەن پەرىزى ياپۇنيەلىكلەرنىڭ ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادىسىنى بايقىغانلىغى،2012-يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
7.شەكىل نەزەريىسىنىڭ پىلانىڭ ئۆلچەملىرىدىنمۇ مىكرۇ بولغان فىزىكىلىق رىياللىق مەۋجۈت دىگەن پەرىزى ۋە شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلغانKKM ئۆلچىمى ئامىرىكا پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى ماسسا چوتىس سانائەت پەنلىرى ئىنىستېتوتىنىڭ پىروپىسورى چىن گاڭنىڭ  پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن 1000ھەسسە كىچىك بولغان رىياللىققا تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىگى ۋە «غەيرى نۇقتا»ئىدىيسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
8.شەكىل نەزەريسىنىڭ «ئېن»ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىمىنتار زەرەت بىرلىگى دىگەن پەرىزى ئىلىكتىروننىڭ ۋە فۇتۇننڭ پارچىلانغانلىغى،تۆزۆلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگى تەجىرىبە،تەتقىقاتلاردائوتتۇرىغا قويۇلغانلىغى ئۈچۈن ۋاستىلىق قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
9.ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە ئېنىستېتوتى ئالىملىرى 10يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان.بۇ نەتىجە شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن ئىدىيىسىنى ۋاستىلىق قوللايدۇ. شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا(ماسسا-ئىنىرگىيە)مەۋجۈت ئەمەس»دىگەن ئىدىيىسىنى بېۋاستە قوللايدۇ.شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۇ تەشەببۇسنى يەنە،ياپۇنيەلىكلەرنىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۆنى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادىسىنى تەجىرىبىدە بايقىغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەر،يەنە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن تەرىپىدىن دولقۇن-زەررىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خۇسۇسىيەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بايقالغانلىغىدەك پاكىتلار قوللايدۇ.
10. 0-ئىلىمىنىتنىڭ بايقىلىشى شەكىل نەزەريسىنىڭ كىلاسسىك مەنىدىكى «كۈچ،ئۆئارا تەسىر»ئۇقۇملىرىنىڭ تەدىبىقلىنىش دائىرىسىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى قوللايدۇ.
11.شەكىل نەزەريىسىنىڭ«مۇتلەق ھەجىم»ئىدىيىسىنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ياپۇنيەلىكلەرنىڭ ئاتوم يادىروسى زىچلىقىدىن 10ھەسسە يۇقۇرى زىچلىققا ئىرىشكەنلىگى تەرىپىدىن ۋاستىلىق قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
12.شەكىل نەزەريىسىنىڭ «نۇۋەتتىكى كۈچ.ئۈزئاراتەسىر،مەيدان ئۇقۇملىرىنىڭ ئۆنۆملۈك دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ»دىگەن پەرىزى(ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ مۇستەسنا قىلىنغاندا) پىلانىك ئۆلچەملىرى ۋە يىتەرلىك دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىدىندىمۇ مىكرۇ بولغان جەريانلارنىڭ مەۋجۈتلىگى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
13.شەكىل نەزەريىسىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل»،«ئارقا كۇرۇنۆش»قاتارلىق ئاساسى ئۇقۇملىرى پۆتكۇل تەجىرىبە پەنلىرى،كۈندۈلۈك تورمۇشتىكى بارلىق كۆزۈتۈش،بىلىش جەريانلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ.
14.شەكىل نەزەريىسىنىڭ«ئېن»لاردىمۇ زەرەتلىك خۇسۇسىيەت مەۋجۈت دىگەن پەرىزى،ئىلىمىنتار زەرەتنىڭ سوبىكتى بولغان ئىلىكتىروننىڭ پارچىلانغانلىغى،نىترون،فۇتۇنلاردىمۇ زەرەتلىك خۇسۇسيەت مەۋجۈتلىگى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تەرىپىدىن ۋاستىلىق قوللاشقا ئىرىشىدۇ.ئەگەر«ئېن»لاردا زەرەتلىك خۇسۇسىيەت مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارالسا بۇ ھالدا زەرەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى ھەققىدە قايتا ئويلونۇشقا،زەرەتلىك خۇسۇسىيەت كائىنات تارىخىنىڭ قايسى پەيتىدە ،قانداق قىلىپ سەھنىگە چىققانلىغىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.
3
شەكىل نەزەريىسىنىڭ «زەررىچە ۋەجىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىىش يۆنۆلۆشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ»دىگەن پەرىزى(29-تىئورما)دەسلەپكە قەدەمدە 2011-يىلى 4-ئايدا تەجىربە ئارقىلىق . ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئېغىش ھادىسىسىنىڭ مەۋجۈتلىگى ئىسپاتلاندى.بۇ يىل 10-ئايدا باشقا بىر لايىھەدە ئىشلىنىپ يەنىلادەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلاندى.لىكىن،بۇ تەجىرىبە سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەر تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلللىنىشى،ئىلمى كۈچكە ئىگە تەجىرىبە دوكلاتلىرى تەييارلىنىشى كېرەك.
بىز ھازىرغىچە 29-تىئورمىچە ئېغىشنى نىيوتۇن مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى،كۋانىت مىخانىكىسى مەيداندا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش مۆمكىنلىگى ھەقىقىدىكى ئوچورغا ئىرىشەلمىدۇق.ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ بۇ ھادىسىنى ھازىر باربولغان فىزىكا ئىدىيىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىلى بولمىسا شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەشەببۇس ۋە ئىدىيىلىرى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ كۇرۇشكە توغراكىلىدۇ دەپ قارايمىز.بۇ ھالداھازىرقى زامان فىزىكىسى زىدىيەتكە پېتىپ قالغان بۇگۆنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە، شەكىل نەزەريىسى بىر يىڭى فىزىكىنىڭ مەيدانغا كىلىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتى بولىشى مۆمكىن.
29-تىئورما«ئېن»ئىدىيىسى بىلەن بىرلىكتە كەم دىگەندىمۇ تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ:
1.ھازىرقى زامان فىزىكىسى «غەيرى نۇقتا»دىن پىلانىك ئۈلچەملىرىگىچە بولغان ئارىلىقنى «كۈچ-ئۆز ئاراتەسىر،مەيدان»ئىدىيىلىرى ئارقىلىق چۈشەندۆرەلمەيدۇ.ئىچكى تۇزۇلۆشكە ئىگە ئەڭ ئىپتىدائى زەررىچىلەرنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىغى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغىمۇ ئىگە ئەمەس.29-تىئورمىچە ئېغىش ئارقىلىق ئەڭ ئىپتىدائى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ مەيدانغاكىلىشىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.«غەيرى نۇقتا»غا فىزىكىلىق مەنە ئاتاقىلغىلى،تەسۋىرلەش ئىلىپ بارغىلى،ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
2.ھازىرغىچە تارتىش كۈچى دولقۇنىمۇ،گىراۋىتۇنمۇ تېپىلغىنى يوق.ئۇلارنىڭ تېپىلىش -تىپىلماسلىغىدىن قەتئى نەزەر 29-تىئورمىچە ئېغىش ئارقىلىق ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.
3.بۇنىڭدىن باشقا، شەكىل نەزەريىسىنىڭ «مۇتلەق ھەجىم»،«نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇق ـ يوقلۇق»،«ئالەمنىڭ ئىككى مەنبەلىكلىگى»ئىدىيىلىرى ئارقىلىق ھازىر پەن تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتقان ئالەمدىكى غايەت زور بۇشلۇقنى ئۈنۈملۈك چۈشەندۈگىلى بولىدۇ.
يۇقۇرقىلارنىڭ ھەرقانداق بىرى رىياللىققا ئايلانسا بۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىغا نىسبەتەن غايەت زور بۆسۈش ھىساپلىنىدۇ.

4

شەكىل نەزەريىسى كونكىرىت جەھەتتە:
1.فىزىكىدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۈتمۇ،مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟دىگەن مەسىلىگە ۋە تالاش-تارتىشلارغا جاۋاپ ۋە خاتىمە بىرەلەيدۇ.
2.«دولقۇن زەررىچە ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىر»دىن ئىبارەت بۇ زىدىيەتلىك مەسىلىگە خاتىمە بىرەلەيدۇ.
3.ئالەمدىكى پەۋقۇلئاددەچوڭ ۋاكوئۇم ھالەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
4.ئالەم دەۋرىمۇ ياكى ئاخىر يوقۇلامدۇ؟،دىگەن مەسىلە ۋە تالاش-تارتىشنى چۈشەندۈرۈپ،خاتىمە بېرەلەيدۇ.
5.«فىزىكا قانونلىرى غەيرى نۇقتىدا ئۈنۈمىنى يوقۇتۇدۇ»دىگەن ساقلىنىش قانۇنلىرىغا خىلاپ نۇقتئىنەزەرلەرگە خاتىمە بېرىپ،ساقلىنىش قانونلىرىنىڭ ھەرقانداق پەيىتتە ئورۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىغىنى دەلىللىيەلەيدۇ.
6.ئەڭ دەسلەپكى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچىلەرنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىنى چۈشەندۆرۇپ بېرەلەيدۇ.
7.«غەيرى نۇقتا»ۋە ئۇنىڭدىن پىلانىك ئۈلچەملىرىگىچە بولغان مىكرو دۇنيانى تەسۋىرلەپ بىرەلەيدۇ.
8.ئوبىكتىپ زامان مەۋجۈتمۇ ياكى مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟دىگەن تارىخىتىن بېرى ئاياقلاشمىغان تالاش - تارتىشقا خاتىمە بېرىدۇ.
9.زېنۇ پارادوكىسلىرى ۋە بۇ پارادوكىسلارنىڭ فىزىكا دۇنياسىدا ئەكىس ئەتكەن چەكسىزلىك - چەكلىكلىك تالاش-تارتىشلىرى شۇنداقلا قىيىنچىلىقلىرىغا خاتىمە بىرەلەيدۇ.
10.فىزىكىلىق ھەركەتنىڭ خارەكتىرى ھەققىدىكى يېڭى قاراشلار ئارقىلىق،ھەركەت ھەققىدىكى تۇنۇشىمىزنى يېڭىلايدۇ ۋە بېيىتىدۇ.
11.نىيوتۇن مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى،كۋانىت مىخانىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى زامان،ماكان،ئۆزۇلمىلىك،ئۆزلۇكسىزلىك قاتارلىقلارنى مەركەز قىلغان زىددىيەتلەرگە خاتىمە بىرىدۇ.
12.ۋە باشقىلار.

شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھازىرقى رىياللىغىنى پەقەت بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئۇقۇم-ئىدىيە سىستىمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ،.ھالبۇكى بۇ نەزەريە چېتىلىش دائىرىسى بەكمۇ كەڭ بولۇپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى ئاز بولمىغان يادرولۇق مەسىلىلەرگە بېرپ چىتىلىدۇ. ماتىماتىكىلىق مۇدىللىرىنى تۇرغۇزۇش ۋەماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش،ئالاقىدار تەجىرىبىلەرنى ئىشلەش بۇ تېمىغا قويۇلىدىغان جىددى تەلەپ.سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە سالاھىيەتلىك شەخىسلەرنىڭ29 -تىئورما تەجىربىسىنى قايتا ئىشلەپ دەللىلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش بۇ تېمىنىڭ بۇسۇش ئېغىزى.
29  -تىئورمىنىڭ دەسلەپكى تەجىرىبە نەتىجىلىرى ۋەبۇ نەزەريىدىكى بەزى پەرەزلەرنىڭ خەلقئارادىكى تەجىرىبە،كۆزۆتۆش،تەتقىقات نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىكەنلىگىنى  كۇزدە تۇتۇپ بۇ تەتقىقاتنى مۇنتىزىم ئىلىپ بېرىش زۇرۇر دەپ قارىدۇق.ئەگەر بۇ نەزەرىيە يەنىلا ھازىرقىدەك سىتىخيەلىك تەتقىقات ھالىتىدە تۇرىۋەرسە بىز چەتئەللىكلەر قولغا كەلتۆرگەن  ئالاقىدارنەتىجىلەرنى« شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قۇيغان پەرەزلىرىنى قوللايدىكەن» دەپ ساناپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىزدە، تارىخى پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويىمىز.بۇ ،بەكمۇ كومىدىيىلىك ۋە ئۆكۈنەرلىك مەنزىرە!.

شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش ـ  يېتەرلىك ئادەم كۈچى، مەبلەغ ۋە قوللاشقا مۇھتاج.ئالاقىدار ئورۇن ۋە رەھبەرلەر بۇ نۇقتىدا ئويلۇنۇپ كۆرۈشنى ئۈمىت قىلىمىز.

2012.11.29
تەھرىرلىنىدۇ،تولۇقلىنىدۇ،تەنقىدى پىكىرلەر،تەكلىپلەرنى قارشى ئالىمىز، رەسمى نۇسخىنى بېكىتىشتە تەكلىپ، تەنقىتلەرنىڭ مۇۋاپىقلىرىدىن پايدىلىنىمىز.بۇ بىر پىكىر ئېلىش نۇسخىسى.

ئەسكەرتىش:
ئۆتكەندەكائىنات تورى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 3000دىن ئارتۇق يازما يۇيۇپ تاشلانغان ئىدى،شۇنىڭ بىلەن ماقالىلاردىكى بەزى ئۇلىنىش قىلىنغان ماقالىلەرمۇ يوقاپ كەتتى .شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئالدىن قىلىنغان پەرەز ۋە ھۇكۇملىرىنى قوللايدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئائىت بەزى تېمىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.لىكىن ئۇلارنى خەنزۇچە ۋە چەتئەل ۋاستىلىرىدىكى مەنبەلەردىن تىپىۋالغىلى بولىدۇ.دىمەكچىمەنكى،يۇقۇرقى ئۇچۇرلارئويدۇرما ئەمەس.ئۇلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ ۋە تىپىپ تولۇقلاۋاتىمەن.مەن ئۇزەم يازغان تېمىلاردا تىلغا ئىلىنغان شەكىل نەزەريىسىنىڭ پەرەزلىرىنى قوللايدىغان چەتئەللەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىغىغا تولۇق مەسئۇل بولىمەن.ئالاھىدە ئەسكەرىتتىم.

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 2854
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 18:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

3

دوست

7294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 2060
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 18:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارغا مىنىڭ كاللام يەتمەيدۇ جۇما .مىنىڭ قىزقىدىغىنىم ....................ئانچە چوڭ ئەمەسكەن
پەرۋاز

6

تېما

0

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 955
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 22:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر سۆزدە توختىلىپ ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان تېما ئىكەن.
بۇ  پرىسلانغان لوگىكىلىق بايانلارنى كونا ئۇقۇم يوق بېشىم بىلەن بىلەن ھەزىم قىلىشىم تەس ئوخشايدۇ.جۈملىمۇ جۈملە توختاپ ئويلىنىۋاتىمەن:
ئەدەبىيات -ئىجتىمائى پەن،تەبئى پەن ئايرىماسلىق - لوگىكىلىق ئايرىلىپ چىقىش كەڭلىكى - پەلسەپىۋى تىرەنلىك  ۋە خۇلاسە -پەلسەپە ۋە لوگىكىلىق چۇڭقۇرلاشقان كەڭلىك... ئېلىپ+بە،كىتاب ئوقۇش خۇلاسىسى+ھايات خۇلاسىسى+مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ ھۆكمى...
غەرب پەلسەپە سېستىمىسى،شەرق مەدەنىيەت خەزىنىسى،تېئولوگىيە،كۆكتىن،يەردىن...تەكلىماكاندىن...
نىسبەتەن ئىلغارلىققا،قوللىنىشچانلىققا،ئەمەلىيەتچانلىققا ھەم ھەقىقەتنى ئىزدەشكە ۋە يېقىنلىشىشقا توغرا تاللاش بولغان مېتودقا ئېرىشىش،...ئەدەبىيات -پەلسەپە-لوگىكا-فىزىكا-ماتېماتىكا-لوگىكا...
بىرروھنىڭ،بىر ئىدىيەنىڭ سەرگۈزەشتىسى،ھەقىقەت ئىزدەش يولىدىكى يۇشۇرۇن رىيازەت تەسۋىرى...
چۈش ئۆرۈش جەريانى،ھەقىقىي چۈشنىڭ بايانى.


ئاپتۇرغا سالامەتلىك تىلەيمەن.




5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 2854
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 23:24  

‹تەڭرى تېغى ئىلىم مۇنبىرى›_________ تېمىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن يىزىلغان ھەجىۋى قۇشاق:

*شەكىل نەزەريىسىنىڭ تار نەزەريىسىگە قىلغان چاقچىقى

قاسىم سىدىق

دەپسەن :ئالەم تۆزۆلەر،
بىر ئۈلچەملىك تاردىن،
بىز دەيمىزكى:تۆزۆلەر ،-
ئۈچ ئۈلچەملىك شاردىن.

بۇ ئالەمنى قىدرساڭ،
بىر ئۈلچەملىك يىپ يوق.
شۇڭا سىنىڭ بۇرادەر،
ئاساسىڭدا دىت يوق.

«يىپ»دىگىنىڭ سىلىندىر،
دوستۇم ياخشى ئويلا.
بىر ئۆلچەملىك يىپ بارمۇ،
«يىپ»لىرىڭغا قايلا!.

زوقلىنىمەن، قولۇڭ گۈل،
ھۆنىرىڭدە گەپ يۇق.
ئاساسىڭدا چاتاق بار،
ئاقىۋەتتە نەپ يوق.

«يىپ»لىرىڭمۇ تۆزۆلگەن،
ئۈچ ئۆلچەملىك شاردىن.
بىر ئۆلچەملىك «يىپ»بولسا،
مەھبۇس قورىقماس داردىن.

«ئىنىرگىيە» دىگەنمۇ،
ئۈچ ئۆلچەملىك شار ئۇ.
تىزىپ چىقساڭ يىتەرلىك،
بولۇر «يىپ» ھەم «تار»ئۇ!.

«ئىنىرگىيە»دىگىنىڭ،
قىلارتىنماي ھەركەت.
بىر ئۈلچەملىك ھەركەت،
نەدە باركەن، كۇرسەت؟!.

ماتىماتىكا - فىزىكا،
ئارىسىدا چەك بار.
ئايرالماپسەن شۇ چەكنى،
شۇڭا مەندە شەك بار.

بىر ئۆلچەملىك«يىپ»تاپساڭ.
قولۇقىمنى كىسىۋال.
مەغرۇرلانما ھۆنەردىن،
ئۆزەڭنى سەل بىسىۋال!.

2012.9.22

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16952
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېت!

باھا سۆز

arkyar  ئىملا خاتالىقى بارئىكەن.«شېھىت»تۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 23:49

4

تېما

0

دوست

1624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14959
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 182
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 00:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىلەرگە ياردەم بىرەلمىسەممۇ لىكىن ئىشلىرىڭلارغا ئۇڭۇشلۇق تىلەيمەن.

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 2854
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 10:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئالىملار يورۇقلۇق تىزلىگى چەكسىز چوڭلۇققا،پىلانىك ئۇلچەملىرى چەكسىز كىچىكلىككە ئىنتىلسە ھازىرقى زامان فىزىكىسى كىلاسسىك فىزىكىغا ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ.شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىدا ۋە ئىدىيەلىرىدە يۇقۇرقى ھەرئىككى ئەھۋال مەۋجۇت.شەكىل نەزەريىسى ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيانىڭ پىرىنسىپال،ماھىيەتلىك پەرقى يۇق،پەقەت چوڭ-كىچىكلىك،ئۇلچەم پەرىقلىرىلا مەۋجۇت دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.مانا بۇ،مىنىڭ"شەكىل نەزەريىسى فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولالايدۇ"دىيىشىمدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى."زەررىچە ۋە جىسىملارقايتا پارچىلانمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە _"ئېن"دىن تۇزۇلىدۇ"دىگەن تارىخى يىلتىزى چوڭقۇر بۇ ئىدىيە _ "ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيانىڭ پىرىنسىپال،ماھىيەتلىك پەرقى يۇق"دىگەن بۇنداق تەشەببۇسنىڭ ئاساسى.


5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2546
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 2854
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 17:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

alkANAT

0

تېما

4

دوست

1768

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 250
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. بەزى پىتنىخورلارنىڭ جۆيلۈشلىرىگە ھەرگىز پەرۋا قىلماڭ ئاكا. لېكىنزە مۇشۇ فىزىكىنىڭ نەزەرىيسىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ئەمەلى ياردەم بېرەلمىگىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-8 09:44 , Processed in 0.061104 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش