- تىزىملاتقان
- 2014-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-19
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- -200
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghulbey تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 21:19
نۇرغۇن تورداشلار تەۋرات ئىنجىلنى ئوقۇپ باقمىغان ،بەلكىم يۇقارقى ماقالىغا تەكشۈرمەيلا ئىشىنىپ قالىدىغانلار كۆپ ، مۇسۇلمانلار ئادەتتە ئالدى بىلەن تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى بايانلارنى قۇرئان ھەدىسكە تەڭلەيدىغۇ دەيمەن .
1 - ﺑﯘ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 638 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻣﯘﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﯘﺷﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯘﺷﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﺪﯨﻦ 18 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ.
يۇقارقى ماقالىدە تەۋراتنى ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دەپتۇ ، ئەمدى قۇرئانغا تەڭلىسەك ، قۇرئاندا مۇنداق ئايەتلەر بار :
(2) سۈرە مائىدە، 71-ئايەتتە: -
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى-كىتاب! (يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر»
مۇھەممەدتىن بۇرۇن تەۋرات يوقاپ كەتسە ،يەنە نىمىشقا تولۇق ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ .
5- سۈرە مائىد
بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (ﷲ نىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ، (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللا (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل-مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى ﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر.(44)
يۇقارقى ئايەتتە تەۋراتنى ساقلايدىغان نازارەتچىلەرنىڭ بارلىقى يېزىلغان ھەمدە يەھۇدىيلارغا ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار دەپ خىتاب قىلغان ، مۇھەممەدتىن ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن كىتابقا يەنە نىمىشقا پۇلغا تېگىشمەڭلار دەپ كەلگۈسى توغرۇلۇق بۇيرۇق قىلىدۇ ؟يەنە نىمىشقا تەۋرات بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ دەپ كەلگۈسى زاماننى ئىشلىتىدۇ .
ئەمدى ئىنجىلنىڭ گېپىگە كېلەيلى ،قۇرئاندىكى تۆۋەندىكى ئايەتنى كۆرۈپ باقايلى :
(3) يەنە سۈرە مائىدە، 47-ئايەتتە: -
«ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) ئاللا ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللا نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر»
ئەگەر مۇھەممەدتىن بۇرۇن ئەسلى ئىنجىل ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن بولسا ،يەنە نىمىشقا ئاللاھ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىنجىل بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ .
«.....ئاللانىڭ سۆزلىرىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ»
- سۈرە ئەنئام، 33
«پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر».
- سۈرە ئەنئام، 115
«ئاللا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»
(«يۇنۇس»، 64-ئايەت)
«ئاللانىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللانىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)»
تەۋرات ،ئىنجىلنى ئىنسانلار ئۆزگەرتىۋەتسە ئاۋۇ قۇرئاندىكى سۆزلەرگە زىت ئەمەسما؟
ئەگەر ئىنجىلدىكى بايانلارنى باشقىلار رىۋايەت قىلغان دەپ ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرا كەلسە ،ھەدىسكە قانداق قارايسىلەر ، چۈنكى ھەدىسلەرنىمۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىغا ئاساسەن توپلاپ يېزىلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئوخشاش ۋەقەنى نەچچە كىشى نەچچە خىل بايان قىلغان ،مەسىلەن ،مىراجدا مۇسانى بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلغۇچى 7-قەۋەتتە دىسە يەنە بىر ھەدىستە 6-قەۋەتتە دىيىلگەندەك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە زەئىف ھەدىسلەر نۇرغۇن توقۇلغان ..بۇنداق دىيىلسە ،قۇرئانغا تەڭلەيمىز قۇرئانغا ئۇيغۇن بولسا سەھھى ،ئۇيغۇن بولمىسا زەئىف دەيدىكەنسىلەر ،ئۇنداقتا ھەتتامۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت پائالىيىتى ۋە قىيامەتتە قاتتىق سورىلىدىغان نامازنىڭ رەكىئەت سانى توغرۇلۇقمۇ قۇرئاندا روشەن ئايەت بومىسا بەزى مۇسۇلمانلار 3 ۋاخ ئوقۇيمىش ،زادى قۇرئاندا نامازنىڭ ۋاقتى ۋە رەكىئەت سانى توغرۇلۇق روشەن ئايەت بارمۇ يوقمۇ ؟ ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل بايان قىلغان ، ئۆتمۈش ،كەلگۈسى ،ھەتتا ئاتالمىش پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى،زەررىچە چاغلىق نەرسە چۈشۈپ قالمىغان مۇپەسسەل قۇرئاندا ئەجىبا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيىتى شۇنداقلا قىيامەتتە قاتتىق سورىلىدىغان نامازنىڭ رەكىئەت سانى توغرۇلۇق روشەن ئايەت يوقمۇ؟ |
|