بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elderbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 00:13
مەخمۇت مۇھەممەت ئەلدەربەگ ئارماندا كەتكەنلەر (فېليەتۇن) ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ جىددىي ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن مەكتەپتىكى خەۋىپلىك قۇرۇلۇشلار بىرقانچە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى تەرىپىدىن بىر كۈن ئىچىدە چېقىپ تاشلاندى. شۇ قاتاردا ئامبارمۇ چىقىپ تاشلانغاچقا ئۇنىڭدىكى نەرسە-كېرەكلەر ۋاقتىنچە تەنتەربىيە مەيدانغا قويۇپ قويۇلغان ئىدى. مەيدانغا قويۇپ قويۇلغان، بىر زامانلاردا يۇقىردىن بېرىلگەن ۋە باشقىلار ئىئانە قىلغان كونا-يېڭى پارتا-ئورۇندۇق، داقا-دۇمباق، چېلەك-سۈپۈرگە،تۈرلۈك جاھاز، ياڭراتقۇ، بايراق، پىلاكات قاتارلىقلار مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى قوياش نۇرى كۆرمىگەچكە مەيدانغا چىققان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇت-قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇشۇپ، ئىللىق قوياش نۇرى ئاستىدا شېرىن ئۇيقىغا كەتكەن بولسا، بەزىلىرى ئەۋلادلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسلىسى ئۈستىدە قىزغىن مۇنازىرىگە چۈشكەن ئىدى. _ بۇ ئوڭىممۇ ياكى چۈشىممۇ؟_ دېدى دۇمباق قوپال ئاۋازدا،_ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بۇ لەنەتتەككۇر ئامباردىن قاچانمۇ چىقارمەن دەپ ئاھ ئۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. _ بۇ چۈش ئەمەس،_ دېدى ياڭراتقۇ دات بېسىپ كەتكەن بەدىنىنى قىمىرلىتىپ،_ بىز ئەمدى ئازادلىققا ئېرىشتۇق. _ جاھاننىڭ ئىشلىرى بىز ئۈچۈن مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دېسەم بىزنىڭمۇ قاراڭغۇ ئامباردىن يۇرۇق دۇنياغا چىقىدىغان كۈنلىرىمىز كېلىدىكەن،_ دېدى چاشقان يەپ كىچىككىنە بولۇپ قالغان سۈپۈرگە،_ ئەپسۇس بىزنىڭ قىران چاغلىرىمىز بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى-دە! _ ئۇنى بىر دېمەي قويايلى، ئەمدى بولسىمۇ كېچىكمەسمىز،_ دېدى چېلەك نازۇك تىۋىش چىقىرىپ،_ بايا بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ‹‹ بىزنىڭ سىنىپتا يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار ئىكەنغۇ، پارتا-ئورۇندۇق، چېلەك-سۈپۈرگىلەرنى بىزگە تارقىتىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ ›› دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. _ ئېغىزىڭغا ناۋات،_ دېدى چېلەكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان ئورۇندۇق توپا باسقان چىرايىغا كۈلكە يۈگەرتىپ،_ نەچچە يىللاردىن بىرى ئەۋلادلار ئۈچۈن خىزمەت قىلالماي زەي ئامباردا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ كونىراپ كەتكىلىمۇ تۇرغان ئىدۇق. _ ھەي! سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپ بارىمەن،_ دېدى بايراق پۇرلەشكەن يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىسى ئوينىتىپ،_ ئەمدى بولسىمۇ كۆكتە جەۋلان قىلسام كېچىكمەسمەن! _ ھەي قاراڭلار!_ دېدى ئارىدىن بىرى ئوقۇتۇش بىناسى تەرەپنى ئىما قىلىپ،_ مەكتەپ مۇدىرى باشلىق بىر قانچەيلەن كېلىۋاتىدۇ. ھەممە جىمىپ كېتىشتى. راستىنلا كۆز يېتىم يەردە مەكتەپ مۇدىرى بىر قانچەيلەننى باشلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار توپتوغرا مەيدانغا قويۇلغان نەرسە-كېرەكلەر تۈۋىدە توختاپ ئاللىنېملەرنىدۇ دېيىشىپ كېتىپ قېلىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەيداندىكى نەرسە كېرەكلەرنىڭ بىر قىسىمى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ چوڭ زالىغا يۆتكەلدى، كونا مەش، كاناي قاتارلىق تۆمۈر-تەسەكلەر ئېلىشىغا سېتىۋېتىلدى. ئاشخانىغا پاتماي قالغان بىر قىسىم نەرسىلەر يوغان كالتەك تۇتقان ئىشچىلار تەرىپىدىن مەيداننىڭ ئۆزىدىلا كالتەكلىنىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىلدى. پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلغان پارتا-ئورۇندۇقلار نالە-پەريات قىلىشىپ يېتىشاتتى. مىجىپ تاشلانغان ياڭراتقۇ، سۇندۇرۇلغان جاھازلارنىڭمۇ ھالى بەتەر ئىدى. ئۇلار شۇ پېتىچىلا مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئوتۇنخانىسىغا دۆۋلەندى. _ ھۇ نائەھلىلەر،_ دەيتتى ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان پارتا بۇقۇلداپ يىغلاپ،_ شۇنچە زامانلاردىن بىرى بىزنى ئامباردا ساقلىشىڭنىڭ سەۋەبى مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمىدى؟ _ ئۇنى بىر دېمە قېرىندىشىم،_ دەيتتى ئورۇندۇق ئېچىنىشلىق ئاۋازدا،_ قاراپ باقسام بۇ مەكتەپتە بىزدىنمۇ ناچار، ئۆزىنىمۇ كۆتۈرۈپ تۇرالمايدىغان پارتا-ئورۇندۇقلار كۆپ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈك بىزلا كېلىدۇ؟! _ مەنمۇ ھېچ بىلەلمەي قالدىم، قارىغاندا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ كاللىسى ئاشۇنچىلىك ئوخشايدۇ... _ ئاڭلىسام،_ دېدى جاھاز سۇلغۇن قىياپەتتە،_ بىزلەرنى سىنىپلاردىكى كونا پارتا-ئورۇندۇق، تۈرلۈك جاھازلارغا ئالماشتۇرسا بولمايدىكەن. _ نېمىشقا؟_ دېدى پارتا-ئورۇندۇق ھەيرانلىق ئىلىكىدە تەڭلا. _ سىنىپلاردىكى نەرسە كېرەكلەرنىڭ ئىگىسى سىنىپ مۇدىرى ئىكەن، ئۇلارغا بىكاردىن-بىكار ئالماشتۇرۇپ بەرسە ئارتۇق كېتەرمىشمىز، يەنە كېلىپ بىزنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقسا، يۇقىردىن باشقا يېڭى نەرسىلەرنى تەقسىم قىلماسمىش ... مەيدانغا دۆۋلەپ قويسا ئىدارىنىڭ گېپىگە قالارمىش، شۇڭا بىزنى بۇزۇپ تاشلاپ ئامبار بىكارلاش ئەڭ ئاقىل چارىمىش. _ مائارىپنىڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ خىل ئەقىلسىزلەرنىڭ بولغانلىقىدىن_ دېدى ئورۇندۇق زەردە بىلەن،_ بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. چوقۇم بۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىش كېرەك. _ شۇنداق قىلايلى!_ پارتا-ئورۇندۇقلارنىڭ ئاۋازى ئوتۇنخانىنى لەرزىگە كەلتۈردى. ئۇلار بىر كېچە قەيەرگە ئىنكاس قىلىش، نېمىلەرنى ئىنكاس قىلىش، قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىنكاس قىلىش مەسلىسى ئۈستىدە پىكىرلەشتى. ئەپسۇس. ئۇلار ئىنكاس قىلغىچە، چۈشتىن كېيىن باھالاش چىققۇدەك دېگەن گەپ بويىچە ئەتىگەندىلا ئۈستىگە بىنزىن چېچىلىپ كۆيدۈرۋېتىلدى. (مەزكۇر ئەسەر ‹‹ئاسىيا كىندىكى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان) |