بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 23:55
يوقسۇلغا قىز بەرگەن ئانا
(مەرۋە)
بۇ مەن بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئاڭلىغان پاراڭ. بەكلا تەسر قىلغاچقا يوللاپ قويدۇم.
ئۆزىنى 70 كە كىردىم دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ئانىنىڭ چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى. باشقىلار ئۇ ئانىنى ھاجى خىنىم دەپ ئاتاشتى. سۆز ئارىلىقىدا ئۇ ئانىمىز ئۆزىنىڭ ھەرەمگە بىرىپ ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى.
ئائىلە ئىگىلىكىمىز ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ماڭا ھەرەمگە بىرىش نىسىپ بوپتۇ.بۇنى مەن كۈيئوغلۇم سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندىم.مىنىڭ كەنجى قىزىم نۇربىيەنى 16 يىشىدىلا ياتلىق قىلدىم.لىكىن بەختى چىقماي ئاجرىشىپ كەتتى.ئۇ ۋاقىتلار بىز ئاجرىشىشنى ناھايىتى ئىغىر ئالاتتۇق.قىزىمغا قاراپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولدى. بىر كۈنلەردە مەن مەھەللەمدىكى بىر كىملەرنىڭ ئىغىزىدىن مەھەللىمىزدىكى قارا يىتىم ،ھىچقانداق مال-بىساتىنىڭ تايىنى يوق بىر بالىنىڭ قىزىمغا كۆڭلى بارلىقىنى ئاڭلىدىم.بۇنى قىزىمغا ئىيتىپ بولغىچە دەككەمنى يىدىم.چۈنكى بۇ بالىنىڭ نە ئاتا-ئانىسى،نە قىرىنداشلىرى ،نە تۈزۈككىنە ئىش-ئوقىتى يوق ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇ بالىغا كىشى قويۇپ قىزىمنى قوشۇپ قويۇشقا رازى ئىكەنلىكىمنى ئىيتتىم.نمىسىنى دەي داستىخانلىققا ئىككى نان كۆتۈرۈپ كەپتۇ.مەيلى دىدىم.تويلۇقنى سورىۋىدى بىر دوپپا،بىر پىلاتى يوپكا بىلەن بولدى قىلدىم.بۇ ئىشىمغا ئۆيدىكى ھەممەيلەن نارازى بولدى،بەزى تۇغقانلىرىم خاپا بولۇپ‹‹ قىزىڭىزنى بىقىش ئىغىر كەلگەن بولسا،ماڭا بىرىڭ ،بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن.›› دىيىشتى.مەن ئۇ بالىنى سىرىتتىن بولسىمۇ بىلەتتىم.ئىككى مو يىرىنى تىرىيتتى.ئاساسەن بىكار تۇرمايتتى.قىسقىسى ھاراق ئىچىدىغان ،تاماكا چىكىدىغان ئىشلىرى يوق ئىدى.جامائەت بىلەن ئارىلىشىپ يۈرەتتى.قىزىم يىغلاپ قەغىشلىق قىلدى.ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولدى.نەسىھەت قىلدىم.پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ يۈرۈپ ناھايىتى تەستە قايىل قىلدىم.شۇنداق قىلىپ توينى قىلدۇق. بارغانلارنىڭ دىيىشىچە بالىنىڭ ئۆيىنىڭ تايىنى بولمىغاچقا ،مىھمانلارنى قوشنىلىرى بالىنىڭ بىغىغىلا باشلاپتۇ.بەزى ئۇزۇنقۇلاقلار تىخى مىھمانلار تارقىشىغىلا مىھمانلارنىڭ ئاستىغا سالغان كىگىز -كىچەك ،كۆرپىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشنىلىرىنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىغىچە ئىيتىپ كەلدى.مەن ئانا بولغان ئادەم قىزىمغا ئىچىم ئاغرىمامدۇ،شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇيقۇم كەلمىدى.كۆزۈمنى يۇمساملا قىزىمنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ چىقتىم.ئۈچىنچى كۈنى تاقەت قىلالماي قىزىم چۈشكەن ئۆينى بىر كۆرۈپ بىقىش ئىستىكىدە بىر كۆرپىنى ئىلىپ قىزىمنى يوقلاپ باردىم.ئاجايىپ ۋەيرانە بىر ھويلىنىڭ ئالدىدا توختىدىم. ئاجراپ كەتكەن ئىشىكنىڭ قاناتلىرى شوينا بىلەن چىگىپ قويۇلغان ،تاملىرى ئۆرۈلۈپ كىتەيلا دىگەن قورۇنىڭ ئىچىگە كىردىم. قىزىم ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.شۇنچە كەڭ ھويلىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئىغىزلا كونا كىسەك ئۆي بار ئىدى. قىزىم ئۆيگە باشلىدى.ئۆي دەپ نىمىسىنى ئيتاي،چوڭلارنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى ئالۋاستى ئۇۋىسى دىگەن بەئەينى شۇ ئىدى.ئۆي بىساتلىرىنىڭ ھەممىسى تىشىلىپ كەتكەن بىر پارچە ئەسكى كىگىز،ئەسكى چۆگۈن،پۇچۇلۇپ كەتكەن ئىككى چىنە،كونا قازان ئىدى.مەن قىزىمغا بەرگەن يوتقان كۆرپە بۇ ئۆيدىكى ئەڭ ئىسىل بىسات سانىلاتتى.كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى،چاندۇرمىدىم.ياز پەسلى بولغاچقا كۈيئوغلۇم بىغىدىن ئازراق ئۆرۈك،ئۈجمە ئىلىپ كىرىپ داستىخانغا تىزغان بولدى.
قىزىمغا ئانىلىق نەسىھەتلىرىمنى قىلىپ ئىرىنى ياخشى كۈتۈشنى قايتا-قايتا تاپىلاپ بىر كۆزۈم ئارقامدا ئۆيگە قايتتىم.تەخمىنەن ئىككى ھەپتىلەر ئۆتكەندە قىزىم ئۆيدە يالغۇز پەيدا بولۇپ قالدى.ئىرىنى سورىسام تىرناق تاتىلاپ تۇرىدۇ.بەكرەك كوچىلاپ سوراپ قىزىمنىڭ قاتتىقچىلىقتىن كەلگەنلىكىنى ئاڭقىردىم.ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماي ھەر بىرىنى ئايرىم -ئايرىم يەرگە ئىشقا بۇيرۇۋىتىپ قىزىمغا ئازراق ئۇن،ياغ ئىلىپ بىرىپ ئۆيىگە يولغا سىلىپ قويدۇم.بىرەر ئاي ئۆتكەندە قىزىم يەنە يالغۇز كەلدى.بۇ قىتىم مەندىن ئىرى ئۈچۈن قەرز سوراپ كەلگەن ئىدى.دىيىشىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تور پاختا ئىتىدىغان دۇكاننى ئەرزان باھادا سىتىۋىتىدىكەن،يولدىشىنىڭ ئۇ دۇكاننى ئىلىپ تىجارەت قىلغۇسى بار ئىمىش. 500 يۈەن سوراپ كەپتۇ.ئويلىنىپ قالدىم.شۇ قىزىمنى ياتلىق قىلغاندىن باشلاپ ماڭا ئاراملىق يوق،ئۆيدە كۈندە تاپا-تەنە بولاتتى.مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە قىزىمنى پاتۇرماي بىر يالاڭتۆشكە ياتلىق قىلغان ئەسكى ئانا ئىدىم.ئەگەر كۈيئوغلۇمنىڭ مەندىن پۇل سورىغىنىنى ئىيتىدىغان بولسام ،باھانە تاپالماي ئاران تۇرغان ئاكىلىرى چوقۇم قىزىمنى ئالدىغا سىلىپ ياندۇرۇپ كىلىشتىن يانمايتتى.ئويلاپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئالتۇن ھالقا ،ئالتۇن بىلەزۈكلىرىمنى ئالدىمدە قىزىمنى ئالدىمغا سىلىپ زەرگەر بازىرىغا بىرىپ سىتىپ پۇلنى جايلاپ بەردىم .قىزىمغا ياخشى سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىپ يولغا سالدىم.ئۇزۇن ئۆتمەي كۈيئوغلۇم ئۇ دۇكاننى سىتىۋالدى. تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ ئىشلرىنى بىر ئىزغا سىلىۋالدى.تەخمىنەن بىر يىلدىن كىيىن قىزىم 500 يۈەننى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەكىلىپ بەردى.ھەممە ئىش مۇشۇ تور پاختا ئىتىش دۇكىنىدىن باشلاندى.كۈيئوغلۇمنىڭ بۇنچىلىك ئىپى بار ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئاستا-ئاستا يەنە بىر تۈگمەننى ھۆددىگە ئىلىپ ھال-كۈنىنى ياخشىلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئۆيىنى يىڭىلاپ قايتا سىلىپ ،قىزىمغا تويلۇقتا كەم قالغان نەرسىلەرنى ئىلىپ بەردى.
ھازىر ئۆزۈمگە قانداقسىگە ھەرەمگە بىرىش پۇرسىتى نىسىپ بولغانلىقىنى ئويلىسام ،مىنىڭ ئۆمرۈمدە قىلغان ئەڭ ساۋابلىق ئىشىم قىزىمنى شۇ ھىچنىمىسى يوق كۈيئوغلۇمغا ياتلىق قىلغىنىم بوپتۇ.شۇ سەۋەپتىن ئاللا بۇ ئىشىمنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە مىنى ھەرەمگە بىرىشقا نىسىپ قىلدى.
ئانىمىزنىڭ بۇ ھىكايىسى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. بۇنداق ئانىلاردىن ھازىر قانچىسى قالغاندۇ؟ ئانىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆز قىزىنىڭ توققۇزى تەل ئائىلىگە چۈشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.بىراق توققۇزى تەل ئائىلىگە ئىگە شۇ يىگىتنىڭ يا ئۇنداق يا مۇنداق ئەيىبلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.تەييار،ئۆزى ئەجىر قىلمىغان ئائىلىگە كىرگەن ياشلار ئاسانلا ئائىلىنى بۇزۇپ چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويىدۇ. قايسى ئانا ئۇدۇنيالىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ھىچنىمىسى يوق يىگىتكە قىزىنى بىرىشنى خالايدۇ؟
( ئەسكەرتىش: بۇ ھەقىقىي بولغان ۋەقە.توقۇلما ئەمەس.ئانىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋىتىشنى ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارىغاچقا بۇ ۋەقەگە ئائىت يىلنامىلەرنى سورىيالمىدىم.)
مەنبە: ئۈرۈمچى قىزى بىلوگىدىن ئېلىندى
|