قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1770|ئىنكاس: 24

ھەممىسى «يەرلىك »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

2

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2399
تۆھپە : 1489
توردىكى ۋاقتى: 459
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghurizlari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 23:29  

                                                   

                                                         ھەممىسى <<يەرلىك>>
                                                                      ھىكايە                                          
                                                                           

    سورۇن تەڭ بۇلمايلا زىرىكىشلىكنى باشلىغانلىقىمنى ھىېس قىلدىم  .بولۇپمۇ << سىز  مەن  ئەڭ ياقتۇردىغان ناخشىچى >> ،<< ناخشىلىرىڭىز  يۈرەكلەرنى لەرزىگە  سالىدۇ>>  دىگەندەك   مەن تولا ئاڭلاپ كەتكەن كونا گەپلەرنى يەنە ئاڭلىۋىرىش مىنى بىزار قىلىماقتا ئىدى  .<< ئەجەپ سورۇنغا كىرىپ قاپتىمەن ،_دەپ جىلە بۇلدۇم ئىچىمدە يىنىمدىلا كاۋاپ يەۋاتقان دوستۇمغا ئالىيىپ ،-بۇ نىڭغىغۇ يەيدىغانلا نەسە بولسىلا بۇلدى ،خۇددى كالىدەك .ئەسلىدىغۇ بۇكالا مۇشۇ يەرگە كىلىشتە چىڭ تۇرۋالمىغان بۇلسا ،كۈڭۈل كۈتۈرلۇپ قالدىغان يەرلەرگە بارغان بۇلاتتۇق ...>>
_قىنى ،قىززىقىدا ئىلىڭە ،بۇيەرلىك پاقلاننىڭ كاۋىپى ...
_ھە  ئېلىۋاتىمەن ...
       مەن نىمە كويدا ،بۇلار نىمە كويدا دەيمەن ؟خۇددى مەن بۇيەرگە پەقەت يەپ ئىچىش  ئۈچۈنلا كەلگەندەك يەرلىك قوغۇن _تاۋۇز ،يەرلىك تۇخۇم ،يەرلىك كاۋاپلار نى  يىيىشنڭلا گىپى ....خۇددى بۇلار ھىچ يەردىن تىپىلمايدىغان نەرسىلەردەك ....<< ئىش بىلمەيدىكەن _بىشىمنى چايقىدىم بىرخىل نارازىلىق تۇيغۇسىدا ،_ ئەسلىدە سورۇن دىگەن ئانچە مۇنچە رەڭلىك بۇلمىسا ،زىرىكىشلىك بولدىغانلىقىنى بۇلارنىڭ بىلگۈچىلىكى يوقكەن ....>>
  _خەپشۇك ! _دىدىى ساھىبخان _ بۇگۈن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا  بىز پەقەت ئىكراندىلا چىرايىنى كۈرگەن ،پەقەت رادىئودىنلا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەل سۆيگەن سۈيۈملىك ناخشىچىمىز قەدەم تەشرىپ قىلىپ بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلۋەتتى . شۇڭا بۈگۈن بۇ ئەزىز مىھماننىڭ لايىقىدا بولمىسىمۇ ، يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك نىمەتلىرىگە ئېغىز تەككۈزۈش نىيىتىدە بۇ ئاددىي سورۇنىمىزنى ھازىرلىدۇق .بىز بۇ داڭلىق ناخشىچىمىز بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلغانلىقىمىزدىن ھەقىقەتەن خۇشال .شۇڭا بىرەر رومكىدىن ئىچمىسەك ،كۈڭلىمىز  ئۇنايدىغاندەك ئەمەس .ئەگەر مىھمان رۇخسەت قىلسا ،يۇرتىمىزنىڭ بۇيەرلىك ئىچىملىكدىن بىر ئىككى رومكا ئايلاندۇرساق ... _  مەيلى ... _دىدىم مەن بىرخىل خۇشياقمىغان ئاھاڭدا .چۈنكى ،بۇگۈن ئىچمىسەممۇ  بۇلمايدىغاندەك قىلاتتى ...
      ئىچىش باشلىنىپ كەتتى .ھەممىسى مەن بىلەن رومكا سوقۇشتۇرۋىلىشقا ئالدىراپ ،ھەممىسى مىنىڭ ناخشامنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى . مەن بۇلسام ھەممىسىگە <<ھە ...>>ھەپلا قوياتتىم .ئەمما كۈڭلۈمنىڭ ئاللىقانداقتۇر بىريەرلىرىدە غەشلىك كىزىپ يۈرەتتى .ئالدىنقى قىتىم تۈۋەنگە دەم ئىلىشقا چۈشكۈنۈمدە يىزا _سەھرالاردىمۇ ،ناھىيە _ۋىلايەتلەردىمۇ سورۇن بۇلسىلا قىز بار ئىدى .لىكىن بۈگۈنچۇ؟...كىمدۇر بىرى دۇتتار كۆتۈرۈپ كىرىپ ،مىنڭ بىرەر پەدە چىلىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى .ئەمما مىنىڭ رايىم بارمىدى . ئالدىڭدا خۇما كۈزلەر مۆلدۈرلەپ تۇرمىسا ، قانداقمۇ ناخشا ئوقۇغۇڭ كىلىدۇ ؟ شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا  ناخشا توۋلىغاندىن ئىچىپ مەس بۇلغان تۈزۈك ....
   _قىنى ئەزىز مىھمان ،بۇيۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىلىڭە ...
   يەپ ئىچىشتىن زىرىككەن ئىدىم ،بۇنداق سورۇندىن زىرىككەن ئىدىم . شۇڭا كۈڭلۈمدىكىنى ئوچۈق ئىيتماقچى بۇلدۇم . قارىغاندا ، بۇلارغا شۇنداق  قىلمىسام ،بۇگۈن كىچە ئىسراپ بۇلۇپ كىتىدىغاندەك  قىلىدۇ...
  _توختاڭلار، مەن ئىككى ئىغىز گەپ  قىلاي ،_دىدىم قولۇمنى سىكىپ .
   خۇددى مۇشۇ گىپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھەممە جىم بۇلدى .
  _سىلەر بۇگۈن مىنى ناھايىتى ياخشى كۈتىۋالدىڭلار ،_دىدىم سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرقۇر قاراپ چىقىپ _مانا _ ئالدىمدا يەرلىك مىۋە_چىۋە ،يەرلىك توخو ـ  تۇخۇم ،يەرلىك گۆش -كاۋاپ ...ھەممىسى ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ .بۇلاردىن يىدۇق ، ئىچتۇق .ئەمما گەپنىڭ ھەممىسى يەپ ئىچىشتىمۇ ؟ سىلەرنىڭ يۇرتتىمۇ قىز تائىپىسى باردۇر ؟ ئەمدى بۇلسىمۇ يەرلىك قىزلاردىن چاقىرىپ كەلسەڭلەر گۈل ئۈستىگە گۈل كىلەتتى ....
  سورۇن جىمىلىپ كەتتى .ئولتۇرغانلار نىڭ ھەممىسى بىربىرىرىگە قاراشتى .بۇ قاراشلاردىن << ئەجەپ ،بۇتەرەپلەرنى ئويلىماپتۇق _ھە؟>> دىگەن مەنا ئىپادىلىگەندەك قىلاتتى.<< دەپ قويغىنىم ياخشى بۇلدى دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە ،_بولمىسا ، بۇلار يەنە يەپ ئىچىشنىڭلا پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرغان بۇلاتتى ...>>
ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان خام سېمىز ئاداش ساھىبخان بىلەن ئازراق پىچىرلاشقاندىن كىيىن ،ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .<< مانا كاللىسى ئىشلىدى ،_دەپ ئويلۇدۇم  مەن ئۇنۇڭ تالاغا مىڭىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ،_ئەسلىدە بۇرۇنلا شۇنداق قىلىش كىرەك ئىدى ...>>ئۇزۇن ئۆتمەي ھىلىقى خام سىمىزنىڭ بىشى ئىشىكتىن كۆرۈندى.
_سىز بۇياققا چىقىڭە ،_دىدى ئۇ ماڭا ئىشارەت قىلىپ . مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم .قارىغاندا ،بۇيەرگە كىرىشتىن خىجىل بولدىغان سەبىي قىزلارنى چاقىرىپ كەلگەن بۇلسا كىرەك .
سىرت ئايدىڭ ئىدى .دەرۋازا ئالدىغا چىقتۇق . لىكىن ، يىقىن ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى .ھىلىقى خام سىمىز يولغا بوينىنى سوزۇپ بىر قارۋەتكەندىن كىيىن ، ماڭا دېدى :  _يەرلىك تۇخۇملاردىن  يىدىڭىزمۇ ؟
  _يىدىم ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ نىيىتىن بىلىپ ،چۈنكى ،يەرلىك تۇخۇم ئەرلەرە قۇۋۋەت ئەمەسمۇ ؟
  _يەرلىك كاۋاپلارنىچۇ؟
  _يىدىم !
  _يەنە يەرلىك يەل يىمىش قوغۇن تاۋۇزلاردىنمۇ يىدىڭىزمۇ؟
  _ ھەئە يىدىم !
  _شۇنداق _ خام سىمىز بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن سۈزىنى داۋام قىلدى،_يۇرتىمىز نڭى ھەممە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىدىڭىز ،ئىچتىڭىز . لىكىن ئۈزىڭىز بىلمەي قالدىڭىز . ئەمدى سىز يىمىگەن ئاخىرقى بىر يەرلىك نەرسە قالدى . شۇنى يەپ باقامسىز؟
  _نىمە ...نىمە ...
      تۇيۇقسىز تەگكەن قاتتىق مۇشىتتىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم . كاساپەت، قولى ئەجەپ كۈچلۇك نىمىكەن . كۈزلۈرۈمدىن نەچچە رەت ئوت چاقناپ كەتكەن لىكىننى بىلمەي قالدىم . بىرچاغدا سىغىز تامغا سۈركەلگەن ھالدا تۆۋەللا ۋاتقانلىقىمىنى قوينۇمغا ئىسسىق سۇيۇقلۇق ئىقىپ كىرۋاتقان لىقىمنى غۇۋا سەزگەندەك بۇلدۇم .كىيىن كۆزلۈرۈم قاراڭقاراڭغۇىشىپ  ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم ...
  ئەتىسى كۈزۈمنى ئاچسام ، دوغتۇرخانىدا يىتىپتىمەن .دوستۇم بىشىمدا ئۇستىخان غاجاۋاتقانىكەن   .
_ئۇھ ، ھوشۇڭغا كەلدىڭ . كىم ئۇزادى سىنى شۇنچىلىك ئۇرۋەتكەن ؟ ئەبلەخلەر ...ھەراسىت ، بىرچىشلەم ناشتا قىلىپ  باقماپسەن ، بۇ يەرلىك ....






شىنجاڭ ياشلىرى    2009.10 ساندىن ئىلىندى .ئاپتورى : روزى مۇھەممەت مۇتەللىپ ..



     
       ئەسەرنى  كۆچۈرگەندە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ ...
                                                                                                   

1

تېما

0

دوست

683

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15834
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

605

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16791
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن . راسىتنلا مۇشۇنداق ئۆزىنى  چوڭ چاغلايدىغان ، ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەرگە مۇشۇنداق ‹ يەرلىك › مەھسۇلاتلار بەك دورا.
پەرۋاز

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

0

تېما

4

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   36.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 3590
توردىكى ۋاقتى: 1115
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى قىپتۇ ...ھەقىقى يەرلىك مۇش،  پەشۋا لارنى ھەدىيە قىلغان ‹‹خام سېمىز››ئوغۇل بالىدەك ئىش قىپتۇ....

‏ئىمپىراتۇر باتۇرخان

9

تېما

1

دوست

2444

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10525
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 428
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ سەنەتچىنىڭ كۆپى شۇنداق ،سەھنىدىلا كۆرسە بولىدۇ .ھەممىسى نەگە بارسا شۇ قىزلار ەركەك غېمى ،وغۇللار قىز غېمى ...……

0

تېما

0

دوست

7611

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 487
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەتچىنىڭ، شەھەرلىكنىڭ يىمىگەن شۇ يەرلىك مۇش، يەرلىك پەشۋالىرى قاپتىكەن. قالتىس ساپتۇ.....قالتىس.........يەرلىك ئوغول بالىكەن.

تۈمەن ئۆركىشى

4

تېما

15

دوست

9089

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1640
تۆھپە : 1632
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا قىزىق ھەم ئىبرەتلىك ھىكايىكەن بۇ .

0

تېما

0

دوست

1708

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15411
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مىنىڭچە بۇ ھىكايە توقۇلما ئەمەس بەلكى راستىنلا بولغان ۋەقەگە ئاساسەن يىزىلغاندەك تۇردۇ بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ ئادەتتە باشقا شەھەرلەدىن كەلگەنلەرنىڭ بەك ئىززىتىنى قىلىمىز ئانداق ئۆزنى بىلەلمىگەنلەرنى ئايرىم سىرتقا ئىچىقىپ دەرىس بىرىپ قويدىغان ئادەت بار.

باھا سۆز

aktuqi  ياخشى . ئوخشاشلا...........  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

4

تېما

0

دوست

1196

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14959
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 182
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشىكەن، رەخمەت سىزگە. ئەمدى ‹ يەرلىك › دىگەن سۆزگە كەلسەك، پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۆز ئىدى. يەنى تەبىئى، يېشىل، ئۆزگىچە، ئالاھىدە....... دىگەندەك مەنالارنى بېرەتتى، ھازىرقى يەرلىك كە بولغان ئىھتىياج زىيادە ئېشىپ كەتكەچكە، يەرلىك ئۆزىنىڭ ئەسلىنى يوقاتتى ياكى شەكلى بار، سۈپىتى يوق بۇلۇپ قالدى. مەسلەن توخۇنى ئالساق، ئەسلى دىھقانلار ئائىلىرىدە باقىدىغان توخۇلىرىمىزنى، فىرمىلار يىغىۋىلىپ تەييار يىمەكلىك بىلەن بېقىپ، يەرلىك تىن ئىبارەت ماركىدىن پايدىلىنىپ قىممەت سېتىپ. يەرلىك نى ھاقارىمەتلىكتە، ئەمىليەتتە توخۇ ئۆزى يەرلىك، شەكىل بار. يەيدىغىنى يەرلىك ئەمەس، سۈپەت يوق. تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم، تېما ئىگىسى كەچۈرگەيسىز.

0

تېما

1

دوست

2032

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9837
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسال :ئەگەر شۇ كىشنىڭ ئورنىدا چوڭراق يەردىن كەلگەن باشلىق بولسچۇ؟ھىكايە قانداق يىزىلار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-24 03:56 , Processed in 0.055988 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش