- تىزىملاتقان
- 2012-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 687
- نادىر
- 0
- يازما
- 45
ئۆسۈش
71.75%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muzart تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 21:24
مېنىڭچە جۇڭگودا ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم قانۇن بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى.
يولغا قويىلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتۇنومىيە قانۇنىغا مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆز ئارا زىت بولۇپ قالامدۇ - يوق؟ بۇ مەسىلىگە ئېنىق ھەل قىلىنمايۋاتىدۇ.
جوڭگودا ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتۇنومىيە قانۇنىغا قارايدىغان بولسىڭىز پۇقرالارنىڭ ھەق - ھوقوقلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەتكە قارىسىڭىز، دەل ئەكسىچە.
مەسىلەن: جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36 - ماددىسدا، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتقاد قىلىش ۋە ئېتقاد قىلماسلىق ئەركىنلىك بار. ھېچقانداق بىر كىشى ياكى ئورگان جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسىنى دىنى ئېتقادى سەۋەپلىك كەمسىتىشكە، دىنى ئېتقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ياكى دىنغا ئېتقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقوقى يوق.... دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى ۋە ئاساسىي قانۇندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى دۆلەتنىڭ قوغدايدىغانلىقى، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىش، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى تەسس قىلىش ۋە قوغداشتا دۆلەتنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
لېكىن بىر دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى بۇ مۇقەددەس دەستۇرلار بىر يەردە قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقوقلار دەپسەندە قىلىنىدىغان سىياسەتلەر يولغا قويۇلماقتا.
بۇ يەردىن شۇ سۇئال تۇغۇلىدۇ، جوڭگو قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتمۇ؟ ئەگەر قانۇن بىلەن باشقۇرۇلسا، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا يولغا قويۇلىۋاتقان سىياسەتلەر قانۇنىي ئاساسقا ئىگىمۇ؟
مەسىلەن: ئۆز ئېتىقادى بويىچە كېيىنگەن پۇقرانىڭ دوختۇرخانىغا، بازارلارغا كىرگۈزۈلمەسلىكى، ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىغا ئېلىنماسلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي بارمۇ؟
ھازىر ئەڭ چوڭ غۇل - غۇلا قوزغاۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ( خەن تىلىغا كۆچۈرۈش مائارىپى )نىڭ قانۇنىي ئاساسىي بارمۇ؟
جوڭگودا، سىياسىي دېگەنلىك بىر گوروھنىڭ مەنپەئەتىگە زىت، ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق گەپ قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. يەنى، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان گوروھ قاپقارا نەرسىنى ئاپئاق دېسە، ھەئە شۇنداق بۇ ئاپئاق دېمەي، ياق بۇ قاپقارا تۇرسا ، نېمىشقا ئاپئاق دەيمەن دېگەنلىك سىياسىي دېگەنلىك بولىدۇ.
غەرب ئەللىرى بىر سىياسەتنى يول قويماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇنلارغا ماس كېلەمدۇ ياكى زىت كېلەمدۇ بۇنىڭغا قارايدۇ. ئەگەر زىت كېلىپ قالسا، يا ئاساسىي قانۇندىكى ۋەياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇندىكى زىت كېلىدىغان قانۇن ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ ياكى يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتتىن ۋاز كېچىدۇ.
شۇڭا غەرپتە كىشىلەر قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىدۇ.
جوڭگو بىلەن غەربنىڭ، جوڭگو پۇقرالىرى بىلەن غەرب ئەللىرىدە ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ پەرق بۇ. |
|