- تىزىملاتقان
- 2013-4-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 58
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
29%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ياخشىمۇ سىلەر ؟
مەن بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىتىۋىتىپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيسى سايباغ يېزىسىنىڭ يۇقارقى كەنتىگە جايلاشقان كاپا باشلانغۇچ مەكتىپىنى كۆرۈدۈم . بۇ مەكتەپ نامى ئەسلىدە < سايباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ> مەكتەپ ئىدى . مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى سېلىنغان سىنىپ ۋە ئىشخانا بىنالىرى زامانغا ماسلىشالمىدىمۇ قانداق ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى چېقىلىپ ئورنىغا يېڭىدىن ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنغان ئىكەن . بىنا سېلىنغان بىلەن تەڭ مەكتەپ نامىمۇ ئۆزگىرىپتۇ . ھازىرقى مەكتەپ نامى بولسا <金穗小学> تەرجىمىسى <جىنسۇي باشلانغۇچ مەكتىپى> گە ئۆزگىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم ئەسلىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىر بانكا كاپا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە مەبلەغ سېلىپ قىلغان قۇرۇلۇش بولغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپ نامى ئۆزگەرگەنلىكىنى مەكتەپ نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى لىكىن بۇ ئىشقا ھېچكىمنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئۇقتۇم . سىلەرچە مەكتەپ نامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ ؟ بۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارمۇ يوق ؟ دىيارىمىزدىكى باشقا شىركەت ئورۇنلىرىمۇ خالىغان مەكتەپكە مەبلەغ سېلىپ مەكتەپلەرنىڭ نامىنى ئارمان باشلانغۇچ مەكتىپى ، ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق ناملارغا ئۆزگەرتسە بولامدۇ ؟
تۆۋەندىكىسى شۇ مەكتەپنىڭ ھازىرقى ھالىتى .
|
|