بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 16:13
ئامىرىكىدىكى ئىسلام دىننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ما چىڭۋۇ دولان تەرجىمىسى
ئومۇمى ئەھۋالى ئامىرىكا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى، ھەرقايسى دىنلار كۆچمەنلەربىلەن بىرگە ئامىرىكىغا كىرگەن،دۇنيادىكى خىرېستىئان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىندىن ئىبارەت 3 چوڭ دىندىن باشقا يەنە، يەھۇدىي دىنى، ھىندى دىنى قاتارلىق قەدىمىي دىنلارمۇ بار بولۇپ، ھەرخىل چوڭ-كىچىك مەزھەپلەرگە بۇلىندىكەن. دىنىي پائالىيەت سورىنى شەھەر-يېزىلارغىچە كەڭ تارقالغان بولۇپ، سانى 30 مىڭدىن ئاشىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك تەكشۇرىشتە ئىسپاتلىنىشىچە %80 ئامىرىكىلىقنىڭ نەزىرىدە دىن ئۇلار ئۇچۇن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن، %70 كىشى مەلۇم دىنىي تەشكىلاتقا تەۋە ئىكەن، %60 كىشى ھەركۇنى تىلاۋەتقىلىدىكەن، %40 كىشى ھەپتىدە ئازبولغاندا بىرقېتىم دىنىي يېغىلىشقا قاتنىشىدىكەن.قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان ھەرخىل خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ياكى پىدائى بولغان ئىكەن؛ نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىجتىمائى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق كۇچ دىنىي تەشكىلاتلار ئىكەن،دىن ئىجتمائى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئىجتىمائى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۇرىش جەھەتتە ئۇزىگەخاس ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرىۋەتىپتۇ، دىنىي جەمىيەت مەكتەپلىرى ۋە دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيتى بەكمۇ گەۋدىلىك ئىكەن، مۇتلەق كۆپقىسىم كىشىلەرنىڭ نىكاھ ۋە دەپنە ئىشلىرى دىنىي قائىدە-يۇسۇندىن ئايرىلمايدىغان بولغاچقا، دىن تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە زىچ سىڭپكىتىپتۇ. ئىسلام دىنى دۇنيادىكى ئۇچچوڭ دىننىڭ بىرى،ئىسلام دىنىغا ئتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ئومۇملاشتۇرۇپ مۇسۇلمان دېيىلىدۇ،مۇسۇلمانلار ئامىرىكا جەمىيىتىدە بەلگۇلىك تەسىركۇچكە ئىگە ئىكەن. «11-سىنتەبىر » ۋەقەسىدىن كېيىن، نىيويورىك قاتارلىق جايلاردا مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ۋە ئاقىلدارلار گورۇھىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەركىتىنى كۇزىتىش قىلمىشى يۇزبىرىپ، مۇسۇلمانلار قارشى تۇرغاندىن كىيىن، بۇخىل كىشىلىك ھۇقۇققا دەخلى-تەرۇزقىلىش ھادىسسى تىزلا تۈزىتىلېپلا قالماي بەلكى ھوقۇق يۇرگۇزگىچىلەر ۋە ئاقىلدارلارگورۇھىنى مۇسۇلمانلار سىياسىتىنى تەڭشەش ئۇستىدە قايتا ئويللىنىشقا مەجبۇر قىلغان.بەزى كام ئېقىل ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشتىكى بەزى كىشىلەر تىرۇرلۇق بىلەن ئىسلام دىننى ئۆزئارا باغلىۋەلىپ، مۇسۇلمانلارغا روھىي جەھەتتە ئەكىستەسىر پەيدامۇ قىلغانئىكەن. ئامىرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 7 مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمى نۇپۇسنىڭ %0.23 ئىگەللەيدىغان بولۇپ، 80 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئىكەن، ئاساسلىقى ئاسىيا، ئافرىقا كۆچمەنلىرى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبى ئاسىيادىن كەلگەنلەر%33 نى، غەربىي ئاسىيادىن كەلگەنلەر %25 نى، شىمالىي ئافرىقېدىن كەلگەنلەر %30 نى ئېگەللەيدىكەن. ئامىرىكىدىكى ئاقتەنلىك مۇسۇلمانلار 75 مىڭ بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ%1.6 ئېگەللەيدىكەن. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىگىنى تەكىتلەپ، ئىرقېي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغاچقا، باشقا دىندىن ئىسلام دېنىي ئېتىقادىغا كىرگەن قاراتەنلىكلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قاراتەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ %60 ئىگەللەيدىكەن.ھەنىپە ئىسىملىك بىر نەپەر ئاق تەنلىك مۇسۇلماننىڭ دىيېشىچە، ئامىرىكىداخىرىستىئان دىنىي ئىتېقادىنى ئىسلام دىنىي ئېتىقادقا ئۆزگەرىتكەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋەتىپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسلى ئىتالىيەدىن كەلگەن پراۋۇسلاۋىيە مۇرىدى ئىكەن، ئۇ 13 يىل بورۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، دىنىي دەرىسنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئىكەن. ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى مەسچىتلەرنى باشقۇرىدىغان تەشكىلىي ئاپپارات بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى دىنىي پائالىيەت سورىنىدا مەخسۇس دىنىي خادىم يوق بولۇپ، پىدائىلارنۆۋەتلىشىپ ئىماملىق قىلىدىكەن. ئالىي مەكتەپلەردە ئىسلام جەمئىيىتىدىن باشقا يەنە ئىسلام مەكتەپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بار ئىكەن. ئامىرىكىدا 4 چوڭ مۇسۇلمانلار كوللىكتىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇلار ئامىرىكا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى،ئامىرىكا ئىسلام دىنى مۇناسىۋەت جەمئىيىتى، مۇسۇلمانلار ئاممىۋى ئىشلار كومتىتى،ئامىرىكا ئىسلام ئىتىپاقىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇندىن باشقا مۇشۇ 4 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تۇزىلگەن ئامىرىكا مۇسۇلمانلار سىياسىتىنى ماسلاشتۇرىش كومتىتى بارئىكەن. چوڭ جەھەتتە تارقاق، كىچىك جەھەتتە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئامىرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىيدىلىكى ئىكەن، مەسچىت 50 شىتاتنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ 1200 ئاشىدىكەن، كالفورنىيە شىتاتىدا ئەڭكۆپ بولۇپ 227 دانە، ئۇندىن قالسا نىيويورىك شىتاتىدا 140 دانە، فىنسىۋالىيە، تىكساس ۋە ئوخىئو شىتاتىدا 60 دانىدىن،فولېرىدا ۋە ئېلىنۈ شىتاتىدا 50 دانىدىن بار ئىكەن. مەملىكەت بۇيىچە چوڭ جامىئە 100 ئارتۇق بولۇپ، پۇخرالار ناماز ئوقۇغاندىن باشقا يەنە مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق ياتىقى ۋە ئامىۋى ئىشلارغا ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم ئۇچرايدىكەن. ھېيىت نامىزىدا كوللىكتىپ تاۋاپ قىلغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئېتىقادچىلار ئىختىيارى ناماز ئوقۇيدىكەن، شۇنداقلا ھەريىلى بىربۇلۇك مەسچىتلەر يېڭىدىن سېلىنىۋېتىپتۇ. ئامىرىكىدىكى مۇسۇلمانلار 7 قىتئەدىن كەلگەن بولۇپ « ئاللاغا بولغان ئورتاق ئىتىقاد » بۇيىچە دۆلەت، رايۇن ۋە ئىرقىي ئايرىماي « قۇرئان كېرىم » ۋە « ھەدىس »نىڭ پىرىنسىپىگە ئەمەلقىلىپ، مەزھەپ ئايرىماي قېرىنداشلاردەك ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن. تۇنىشمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئەدەپ بىلەن « ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دىگەن يېقىملىق ھالسۇراش، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تەخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىكەن.رامىزان ۋە قۇربان ھېيىتتا دىنىي كەيپىيات ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن، نامازدىن بورۇن ۋەكىيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قول ئېلىشىپ «ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن » دەپ بىربىرىگە بەخىت تىلەيدىكەن. نامازدىن كىيىن ئوپچە بىرۋاخ تاماق يەپ، ئۆزئارا سىردىشىپ، تۇنۇشۇپ كەيپىياتنى تەخىمۇ يوقۇرى كۇتۇرىپ « دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىر ئائىلە » دىگەن دىنىي ھىسىياتنى تەخىمۇ ئەۋىج ئالدۇرىدىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ كوللىكتىپ پائالىيتىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىيچە كىيىمىنى كېيدىكەن، ئاياللار ئادەتتە ھىجاپلىنىپ ياكى ھىجاپلانمايدىغان ئىككى خىل كىينىدىغان بولۇپ، شەكلى ھەرخىل، رەڭگى ئۆزگىچە ئىكەن.ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يالاڭباش بولۇپ ئازبىرقىسمى سەللە ئورايدىكەن، ئاق دوپپابىرخىل يېقىنلىق تۇيغۇسى بىرىدىكەن، كەمىنە قەلەم ئىگىسى ئاق يەكتەك ۋە ئاق دوپپاكېيىشنى ياخشى كۆرىمەن، رەستىلەردە كىتىۋاتقاندا نۇرغۇن كىشىلەر « ئەسسالامۇئەلەيكۇم » دەپ ئىللىق سالام بىرىپ سىزگە بولغان سەمىمى كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىكەن،بىر ئامىرىكىلىق مۇسۇلمان قېرىندىشىم « كىيىمىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن » دەپ ماڭابولغان يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر قاراتەنلىك مۇسۇلمان « ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاڭلىسام جوڭگۇدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئىكەنسىز » دەپ مەن بىلەن قىزغىن قولئېلىشىپ، مىنى باغرىغا بەسىپ چوڭقۇر دسلۇقىنى ئىزھار قىلدى. ھەرقېتىم شىمالىي شەھەر رايۇنىدىكى مەسچىتكە نامازغا ماڭغېنىمدا، ئۇچ كىلومىتىرلىق ئاممىۋى ئاپتۇبۇسيوق يول بۇلىكىدە ھەمىشە تۇنۇمايدىغان كىشىلەر ئاتايىن توختاپ ماشىنىسىدا مەسچىتكەئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۆز ئىشىغا ماڭدى، نامازدىن يانغان ۋاختىمدىمۇ ھەردائىم باشقىلار قىزغىنلىق بىلەن ماشىنىسىدا قاتناش بىكىتىگە ياكى ئۆيگە يەتكۇزۇپ قويدى.مەن ئۇچراشقان مۇسۇلمانلاردىن « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەخۋالىڭىز » دەپ ئەھۋال سۇرىسام، مۇلايىملىق بىلەن « ئەلھەمدۇلىللا » جاۋاپ بىرەتتى، ئامىرىكىداچوڭ بولغان مۇسۇلمانلار ئادەتتە ئەنگىلىزچە « thank you » دەپ ئىللىق سالام بىرەتتى.
|