[tr] [td] مۇراجەتنامە |
ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،دوستلار: |
بۇ يىل 6-ئاي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانې››ۋە‹‹قۇتادغۇبىلىك ››دىن ئىبارەت ئىككې دۇنياۋىي ئەسەرنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكې راۋان يەشمىسىنى ئىشلىگۈچى تۆھپېكارلارنىڭ بىرى،‹‹ئىز››، ‹‹مەن ئاق بايراق ئەمەس ››،‹‹ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس ››كە ئوخشاش ئىسىل لىرىكىلارنېڭ،ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ كاتتا نامايەندىسى بولغان‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زېمېن››رومانلىرىنىڭ مۇئەللىپى مەشھۇر ئالىم ،تالانتلىق شائىر،تۆھپىكار يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 90 يىل بولغان كۈن. |
،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندىنى بىلىش،ئالىمنىڭ ئېجادىيەت،تەتقىقات ،تۇرمۇش مۇساپىلىرى بىلەن تۇنۇشۇش،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنې ۋە ئىدىيەسىنى چۈشىنىشنى مەخسەت قېلغان بىر قېتىملىق‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ›› ئۆتكۈزمەكچى ... . |
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: |
1. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ،ئىجادىيەت ئەھۋالى ،تەتقىقات ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سۆرەتلەر...(يازغۇچى-ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن سۆرەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ...) |
2. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆزى قىلغان دېكىلىماتسىيەسى...(ئۈن لىنتىسى) |
3. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ فۇتۇ سۆرىتى.... |
4. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يۇرۇتۇشقا بېغىشلانغان كىتاب-ماقالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىگى(مۇمكىن بولسا ئەسەرنىڭ ئۆزى ياكى ئېلىكتىرۇنلۇق نۇسخىسى) |
5. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تېكىستلىرىگە ئىشلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلار... |
6. ئۆتكۈر ئەپەندىنى دەپنە قىلىشقا دائىر سىن فىلىم ياكى سورەت...
7.ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مەلۇم ئەسىرىنىڭ قوليازما نۇسخىسىنىڭ فۇتۇ سۆرىتى... |
مەن ھازىر جىددىي ھالەتتە بۇ پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن...مۇمكىن بولسا ئۇستازلارنىڭ ،ئۆتكۈر ئەپەندىگە ھۆرمىتى بار بارلىق دوستلارنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ،پائالىيەتنىڭ كۈڭۈلدىكىدەك ،ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى ،ماتېرىياللىرىنى ئايىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن...! |
ھۆرمەت بىلەن: كۈسەمىش ( 18096970179،13139868209) |
(QQنۇمۇرۇم:1833712855)(ئېلخەت ئادىرسىم: kusamix @126.com) |