بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 22:21
1 كىچىكىمدە چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن‹‹موللا ئوقۇپ يەيدۇ،قاغا چوقۇپ يەيدۇ››دېگەن ماقالنى كۆپ ئاڭلايتىم.بۇ گەپتىن ئېنىقلا چىقىپ تۇرۇدىكى،بىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بالىلىرىنى(دىنىيدا) ئوقۇتۇشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى-جان بېقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛دىنىي ئىلىملەرنى ئاسان پۇل تېپىشنىڭ،ئاش-نان تېپىشنىڭ ۋە جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىش.كىچىك چاغلىرىمدا موللام دېسە،ياش چېغىدا قىلمىغان يامان ئىشى قالمىغان،قېرىپ كۈچ-ماغدۇرىدىن ئايرىلغاندا بېشىغا سەللە ئوراپ،پۇتىغا مەسە كالاچ كىيىپ،يەرنى بوش دەسسەپ مېڭىپ،توي- تۆكۈن،نەزىر-چىراق،ھېيىت- ئايەملەردە تۆردە ئولتۇرۇپ،قويماق، پوشكاللار بىلەن قورسۇقىنى ئوبدان تويغۇزالايدىغان كىشىلەر كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. مەھەللىمىزدىكى ياش بالىلار ئۇلارنى ‹‹پوشكالچى موللاملار ››دەيتتى. مەن شۇ چاغدا دىندا ئوقۇغانلارنىڭ ئىلىمى ئۆزىگىلا ئەسقاتىدۇ،قىلغان ئىبادەت-ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىمۇ پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ،پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارغا ئوخشاش ئەل-ۋەتەنگە ياراملىق كەسىپ ئىگىللىرى بولالمايدۇ،دەپ قارايتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆزى ئۈچۈنلا پايدىسى،ئۆزى ئۈچۈنلا ساۋابى بولغان ئىلىمنى ئوقۇش،ئۆگۈنۈش چىڭ سۇلالىسى زامانىدىكى ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈنلا ئوقۇش،ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى بېرىشكە ئوخشاش بىر خىل فىئوداللىق ئىدىيە ئىدى. چوڭ بولغاندا قارىسام،تارىخىمىزدا دىنىدىن خالىي بولغان(ھۆكۈمران كۈچلەر تەسىس قىلغان)مائارىپتا بۇنداق فىئوۋداللىق ئىدىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم خوجا ئىشانلار دىندىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئالداپ-قورقۇتۇپ،شۈلۈپ يىگەن بولسا،يەنە بىر تۈركۈم غالچىلار ھۆكۈمرانلارنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ،بىر تەرەپتىن خەلقنى قورقۇتۇپ،شۈلۈپ يىگەن،يەنە بىر تەرەپتىن،خوجايىنلىرىغا ئاشۇرۇپ غالچىلىق قىلىپ،ئۆز ۋەتىنىنىڭ،خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى سېتىپ سەمىرگەن. خەلقىمىز بۇنداق ئىككى تىللىق،ئىككى دىللق غالچىلارغا بىر تەرەپتىن نەپرەتلىنىپ‹‹ئامبالدىن تۇڭچى يامان،ھېجىقىزدىن قۇڭچى يامان››( يامان دېگىنى ئەسكى دېگىنى)دەپ تىللىغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنتلىرىنى يەنە مۇشۇنداق ھۆكۈمرانلارغا سادىق،مىللىي ھېسىياتى ئۆلگەن بەگ-لاۋيىلارنى يىتۇشتۈردىغان شوتاڭ مەكتەپلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. مەيلى جۇڭغارلار بولسۇن،مەيلى مانجۇلار بولسۇن ۋە مەيلى باشقىلار بولسۇن خەلقىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا مانا مۇشۇ تىلماچلار بىلەن يەرلىك بەگ،روھانىيلاردىىن ئىبارەت بىر جۈپ كۆسەيدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغان.يىراقتىكىسىنى قويۇپ،نىياز ھېكىم بەگدىن باشلىساقمۇ،(ئۇنىڭ دوڭ نىياز،ۋاڭ نىياز دېگەنمۇ ئىسمى بولغان)تارىختا نامى خاتىرلەنگەن،ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا مىللەت مەنپئەتىنى سېتىۋەتكەن ئىككى تىللىق ماڭقۇرتلار خېلىلا كۆپ. مەلۇم بىر مۇنبەردە‹‹تارىخىمىزدىكى ئۈچ ساتقىن››دەپ يېزىلغان مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئاپاق خوجىنىڭ ساتقىنلىقى ئاڭسىز ساتقىنلىقتور،قالغان ئىككى ساتقىن-ياقۇپ بەگكە زەھەر ئىچۈرۈپ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى ساتقان نىياز ھېكىم بەگ بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى‹‹ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى››نىڭ ئەزالىرىنى ساتقان شوتاڭ مەكتەپتە ئوقۇغان ھېكىم نۇر بولسا ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئاڭلىق ساتقىنلاردور.بۇنداق ئاڭلىق ساتقىنلاردىن يەنە تۆمۈر خەلپىنىڭ خاس تەرجىمانى سايىت تۇڭچى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ ساۋاقدىشى روزى موللا،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹مۇھاببىتى››ئايتىللا ۋە يەنە باشقا تالاي ئىككى تىللىق ساتقىنلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.بۇنداق ئاڭلىق ساتقىنلار شىڭ شېسەي ۋە گومىنداڭ دەۋرىدە قانچىلىك ؟ بۇنىڭ سانىنىي ئەلۋەتتە ئېلىپ بولغىلى بولمايدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا ئەينى زامانلاردا ئادەتتىكى بىر قارا تۈرۈك ئادەمنىڭ بىۋاستىلا ساتقىنلىق قىلالىشى ناتايىن ئىدى. بىزنىڭ مىللىتىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ،خەنزۇلارنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن كىنولىرىغا قاراپ باقساقمۇ ياپۇنلارغا غالچىلىق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ساتقىنلار يەنىلا ياپۇنلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلار. 2 مەن ئېسىمنى بىلسەم،يېزىمىزدا كۆپ ھاللاردا تەرجىمان بولغانلار مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يېزا باشلىقى بولۇپ كەلدى.شۇڭلاشقىمۇ يېزىمىزدا ئاۋال سەل پىتلىنىپ قالغانلار،ئاندىن ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر بالىلىرىنى ھەق تۆلەپ خەنزۇ مەكتەپكە بىرىش بىر ئېقىمغا ئايلاندى.ئېنىقكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بالىلىرىمىز ئەمەلدار بولالمىغان تەقدىردىمۇ كادىر بولسۇن دېگەندىن ئىبارەت بىرخىل يېڭىچە فىئوۋداللىق ئىدىيە كۈچەيگەن. ئەكسىچە،نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىگەللەيدىغان دېھقانلىرىمىز ھېلىھەم‹‹جىگىدە ياغىچى بادىر بولالمايدۇ،دېھقان بالىسى كادىر بولالمايدۇ››دەپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشىغا پاسسىپ پوزۇتسىيە تۇتۇپ كەلدى. قارايدغان بولساق،يوقارقى ھەر ئىككىلا تۈركۈمدىكى كىشىلەرمىزنىڭ كاللىسىدىكى ئارزۇ كادىرلىق. كۆپ تىللىق بولۇش ئەزەلدىن ياخشى ئىش. بىراق بىزنىڭ مىللىتىمىزدە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگۈنۈپ،بىلىۋېلىش بىلەنلا ئۆز مىللىتىگە ۋە مىللىىنىڭ تىلىغا،ئەنئەنىسىگە بولغان مىللىي ھېسىياتى بۆلۈنۈپ، سۇسلىشىپ كەتكەن كىشىلىرىمىز ناھايىتى كۆپ..... بىز بولسا ئىككى تىللىق،ئۈچ تىللىق،كۆپ تىللىق بولايلى!كۆپ تىللىق بولغاندىمۇ،ئېغىز تىللىغىلا ئۇستا بولۇپ قالماي،يېزىق تىلىنىمۇ ئوقۇپ چۈشنەلەيدىغان،تەرجىمە قىلالايدىغان كۆپ تىللىقلاردىن بولايلى!ئەمما تىل خۇراپاتلىقى پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ،مىللىي ھېسىياتىمىزنى،مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يات تىل مەدەنيىتىگە غەرق قىلىۋەتمەيلى.ئانا تىلىمىز،دىلىمىز،ئېتىقادىمىز ھۆجەيلىرمىزدىن،قەلبىمىزدىن يوقالمىسۇن.ئۆگەنگەن شۇ تىلغا چۆكۈپ كەتمەيلى!غەرق بولۇپ كەتمەيلى! ھازىرقى دەۋردە ئوقۇشتىكى،تىل ئۆگۈنۈشتىكى مەقسەت،ئۆزىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قوراللاندورۇش،ئۆزۈنى كۈچەيتىش،باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش تەجىربىللىرىنى،ئەڭ موھىمى ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئۆز مىللىتىگە ئېلىپ كىرىش،ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن يوقۇرى كۆتۈرۈش بولسا،بۇ ناھايىتى توغرا نىشان بولىدۇ. ئوقۇشتىكى،ئۆگۈنۈشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ كادىر بولۇش،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش،جان بېقىشلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.مەيلى قانداق زاماندا،قانداق ئەلدە،قانداق مائارىپتا بولسۇن،ئادەم يوقارقى مەقسەتتىلا ئوقۇسا،ئۇنى بىز كونا فىئوۋداللىق مائارىپ ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى دېمەي ئامالىمىز يوق.بۇنداق ئىدىيىدە ئوقۇغان،ياشىغان ئادەم خالادا توق، بەختىيار ياشايدىغان پۇق قۇرتىغا،پوقتا ھۇللىسا،ئوغۇتلىسا ئوبدان ئاينىيدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاپراق قالىدۇ. ھەممىلا بالىنىڭ ئوقۇپ كادىر بولۇپ كېتىشى ياكى دوختۇر ياكى ئوقۇتقۇچى،ياكى كارخانىچى بولۇپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس،مائارىپ ھەممىلا ئادەمنى ‹‹سەرخىىللەر››دىن قىلالمايدۇ،جۈملىدىن ھەممىلا ئادەمنىڭ،ھەممىلا ئىشلىرىمىزنىڭ ئۆزگە تىلغا ئېھتىياجلىق بولۇشى ناتايىن. مەنچە ئوقۇشتىكى ھەممىگە ئورتاق بولغان مەقسەتنى ئۆزۈمىزنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى ئېچىش،تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىدىيىمىزنى ،پەزىلىتىمىزنى تاۋلاش،ئادىمىيلىكىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش،كەلگۈسىدە قىلدىغان ئىشلىرىمىز-ھەرخىل كەسپلەر ئۈچۈن،ھالال ياشاشنى ئۆگىنىش ....قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىكىدەك باشلانغۇچ مەكتەپتە كومىنىزىم ئىشلىرى ئۈچۈن(ئەمىليەتتە ھېچنىمە ئۈچۈن)،ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر قىسىملارغا كادىر بولۇش،كۆپ قىسىملارغا‹‹مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى››غا بوي سۇنۇش ئۈچۈنلا ئەمەس. ماقالەمنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پىكىرلىرىم چېچىلىپ كەتتى.كۆڭلۈمدىكىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدىم.بولدى،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. قېنى تورداش،بىزنىڭ ئوقۇشتىكى،ئۆگۈنۈشتىكى مەقسىتىمىزگە سىز قانداق قارايسىز؟! |