بويۇمنىڭ پاكارلىقى ياخشىكەن
(مېكرو ھېكايە)
بىز ماڭايلى، مۇئەللىم!قۇم قازان شورپىسىنىمۇ ئېچىپ بولدۇق ، ھەم بەكلا كەچ بولۇپ كەتتى :- دەپ سۆزباشلىشىم بىلەن تەڭ مېنىڭ بىلەن بىلەن بىللە كىرگەن ئۈچ قىزمۇ شۇنداق، شۇنداق بەكلا كەچ قالدۇق ، بىز قايتىلى دەپ چۇلدۇرلىدۇق ، لېكىن بىزنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن تۆت ئەر مۇئەللىم ‹‹مېھماندۇسىت››ساھىپخان بىزنى ھېچ قۇيۇپ بىرەي دەيدىغان گەپ يوق ئىدى ،دەسلەپ بۇ توغراققا )توغراق تىز تاماقخانىسى )كەلگىنىمىزدە ئۈچ ئەر مۇئەللىم ۋە ئورىنىپ يۈرۈيدىغان بىر قىز ۋە ئادەتتىكىچە ئاددىي ساددا يۈرۈيدىغان ئورۇق پاكار ئۈچىمىزبار ئىدۇق ، تاماقنىڭ ئوتتۇرىدا نەدىن كەلدى بىز تونىمايدىغانلا بىز مۇئەللىمنى تېلېفۇن قىلىپ چاقىرىتقۇزدى ،بۇ مۇئەللىم قۇپقۇرۇق كىلشىتىن خىجىل بولدىمۇ قانداق تۆت بەش بوتۇلكا ئاق ھاراق ۋە قىزلارغا قىزىلچاي ئالغاچ كەپتۇ ، مانا ھاراق بىرىنچى ، ئىككىنچى بوتۇلكىسى ئېچىلىپ بولىشى بىلەن بىزنىڭ كىتىمىز دېگەن تەلىپىمىز رەت قىلىنىشقا ۋە داۋاملىق ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىندى ، بىر مۇئەللىم ھەممىمىزگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ - :بۇرۇن كەلگەن پاراكتىكانىت قىزلار نەگەدېسەك شۇيەگە ئۇچۇپ باراتتى، بەكلا ئويناپ كەتكەنتۇق ،شوخ قىزلاركەن، شۇنداق پەيزى ...دىيشىگە،ئاخىرىدا كەلگەن كامال مۇئەللىم:- بولدى ھە ،بولدى دەپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ گىپىنى قىلغىلى قويمىدى ، تۆت قىز بىربىرىسىمىزگە قاراپ قويۇپ ئەندىكىپ كەتتۇق ، تۆتىنچى رومكا ئېچىلىپ بولۇشىغا ‹‹ئىسمىڭىز ئاينۇرغۇ، ھە! سىز 4-ئايدىمۇ نېمانداق قېلىن كىينىۋالدىڭىز ؟ئۈستىڭىزدىكى چاپىنىڭىزنى سېلىۋىتىپ ئازادە ،خاتىرجەم ئولتۇرمامسىز ›› دەپئورىنىۋالغان قىزغا گەپ باشلىدى ، بۇ تۇيۇقسىز چىققان گەپتىن ھەممىمىزھەيرانلىقتا قالدۇق ، ئۇ ئورىنىپ يۈرۈيدىغان دوسىتىمىزئالدىدا بىز بەكلا خىجىل بولاتتۇق ، ئادەتتە بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ ئۇنداق كىيىنىپ يۈرگەنلەر ئالدىدىن ئەيمىنىپ ئۆتەتتى ، لېكىن ئۇ مۇئەللىم شۇنچىلىك دەرىجىدە پەرۋاسىز ئىدى ،ئاينۇرمۇ ھەيرانلىقتا تېتىرەپ تەمتىرەپ ‹‹ ياق ، بولدى مەن ئسسپ كەتمىدىم ھەم بۇ قىشلىق كېيىم ئەمەس››دەپ تاقلا توختىتىپ قويدى .....ھەي ، نېمىشقىمۇ كەلگەندۇق ؟ سېلەرپاراكتىكىغا كەلگەندىن بىرى سېلەرنى تۈزۈكمۇ مېھمان قىلالمىدۇق ، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىماڭلار بولمىسا ئۆيىگە ئاپىرىپ كىر يۇيغىلى سالىدۇ ،تامغا مېنىڭ قولۇمدا بۈگۈن سېلەرنى مېھمان قىلۋالايلى.. دەپ تۇرىۋالمىغان بولسا ھەم ئۇ ئادەم بىزگە باشتىن – ئاخىر كۆيۈنۈپ ئاتىمىزدەك مۇئامىلە قىلمىغان بولسا،شۇتامغا پاراكتىكا نەتىجىمز شۇ ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان بولسا ....ھەرگىزبارمايىتتۇق ، ئىككى ئايدىن بىرى بىزگە ئاتىدەك مۇئامىلە تەسىر بەرگەن بۇسالاپەتلىك ئادەمنىڭ غەرىزىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى كىممۇ بىلسۇن ھە!ئاتىمىزدەك مېھرىبانكەن دەپ ماختاپ كېتىشلىرىمچۇ تېخى؟!!... مانا،تاماقمۇيېيىلىپ پاكپاكىز تۈگىدى ، ئۆزىمىز كېتىۋىرەيلى دېسەك تېخى سەت تۇرغان ھەم بۇ يات شەھەردە ھېچ يەرنى بىلمەيمىز ، ئامالسىز يەنە باشلىغان يېرىگە ئەگەشتۇق،ئويۇننىڭ تاماقنىڭ ئەمدى پەيزى يېرىگەكەلگەندە كېتىمىز دېسەڭلار بولماس دەپ بىزنى KTVئاپاردى ، ئوغۇل دوستۇمدىن توختىماي تېلېفۇن كەلگىلى تۇردى ، ھەي ئالمىدىم،تېلېفۇننى ئالالمدىم، ئامالىم قانچە ئۇ كىچدە تېخى ئەر مۇئەللىملەر بىلەن سورۇندا دېسەم ئۇ مېنىكەچۈرەمدۇ ؟؟توغرا چۈشىنەمدۇ ؟؟ توغرا چۈشەنسىمۇ قاملاشماس، ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام ئايرىلىپ قالغۇم كەلمەي تېلېفۇننى ئالمىدىم بەلكىم ئۇخلاپ قاپتۇ دەپ بىلەر ... مانا بۇ يەردە ئۇلار يەنە 10بوتۇلكا پىۋا ئىلىپ تۇتۇپ ئېچىۋىتىپ بىزنى تانسىغاتارتىشقا باشلىدى ، تۆتىلىمىزنىڭ بويى پاكار ئورۇق ، ئۇ مۇئەللىملەر بولسا بويى ئېگىز گەۋدىلىك ،تانسا ئوينىسا ئادەم ئېسىلىپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتى. ئاينۇربولسا مېكرافۇننى تۇتىۋىلىپ ھېچنىمەئۇقمايمەن دەپلا تۇرىۋالدى ، ئارىمىزدا ھەممىدىن پاكار ھەم ئورۇقى مەن ئىدىم ، مەنمۇھېچنىمە ئۇقمايمەن دەپ تۇرىۋالسام مەن ئاتامدەك كۆرىدىغان سالاپەتلىك مۇدىر مېنىڭ قولۇمدىن مەجبۇرىي تارتىپ ئىغىناقلاپ ئوينايدىغان نەرسىنىمۇ ئۇقمامدۇ مەن سىزگەئۆگىتىپ قويىمەن دەپ مەجبۇرىي قولۇمدىن تارتىپلا قوپقۇزدى شۇ ئاسنادا كۆزۈمدەلىقلا ياش ، ئۇ سالاپەتلىك مۇدىر مېنىڭ كىچىك بالنىڭكىدەك كىچىك قوللىرىمنى چىڭسېقىپ مەيدىسىگە بىسىۋالغان ئىدى ، شۇنداق چىڭ تۇتىۋالغاننىڭ دەستىدە يۈرەك سوقۇشنىمۇ ئاڭلىيالايىتتىم ، نۇرغۇن گەپلەرنى پىچىرلەيدۇ ، ھېچقايسىسى قۇلىقىمغا بىر كىرىدىغاندەك قىلمايىتتى ، كاللامدا ئابلىكىم كەلكۈن يازغان ‹‹ رەڭلىك سورۇن ›› ناملىق ئىتۇت كىلىۋالدى ،ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ كېتىپ بارماقتىدىم، ھەي ، مەن نېمە بولدۇم ؟؟ بۇسېمىز قوساق مېنىڭ دادام بىلەن تەڭغۇ ؟؟ نېمىشقا مېنى قىزىدەك كۆرمەيدۇ ؟؟ دائىممېنىلا تارتىدۇ؟؟ قوللىرى يە جىم تۇرمىغان ، سىلكىسەممۇ ھېچ تەسىر قىلمىغان ، توۋا، مەن پاراكتىكىغا تۇنجى كەلگەندە ئايال مۇدىرنىڭ بىزنى كۆرۈپلا بۇ قىزلارنىڭ بويى نېمىشقا قىرقىپ قويغاندەك پاكار ، ئىگىز قىزلارنى تاللاپ كەلسىڭىز بولمامتى دەپ داتلىغىنىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىزنىڭ بويىمىز پاكار ئوقۇغۇچىلاردىن پەرق قىلمىغاچقا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇيىل پاراكتىكانىت مۇئەللىملەركەلمەپتۇدە،شۇ باھانىدە تازا ئوينايىتتۇق دەپ ئەپسۇسلىنىپ بىزنى بىلمەي يۈرگىنىنىڭ سەۋەبى مۇشۇكەندە ، شۈكرى بويىمىزنىڭ پاكاربولغىنىمۇ بىزگە ياخشىلىق ئىلىپ كەپتۇ ، بولمىسا بىز بىچارىلەر گەپ-سۆز قىلالماينېمە كۈنلەرنى كۆرەر بولغۇيتۇق ھە ؟ بۇرۇنقى پاراكتىكانىت قىزلار شۇنچەئوينار بولغيمىدى- دەيمەن؟!! ئۇلارنىڭ قالدۇرغان تەسىرى بىزنىڭ يولىمىزنى توستى ، يېرىم كىچىدە بىزنىڭ تالاي يالۋۇرۇشلىرىمىزئاستىدا ئامالسىزبىزنى ياتىغىمىزغا ئاپىرىپ قويدى .شۇنىڭدىن بۇيان تاكى بىز پاراكتىكا تۈگەتكۈچە تېلېفۇنىمىز سايراپ بىكار تۇرمىدى، ئۇيەرگەن بۇ يەرگەئاپىرىلى دېگەن كىچىدە يېزىلغان ئۇچۇرلارنى جاۋاپسىز ،بارمايدىغان باھانىنى تولۇق قىلىپ،بىزمۇ تېلېفۇننى ئېتىپلا ياشىدۇق،كاللامدا نۇرغۇن خىيال نۇرغۇن ئوي.......قارىغاندا چوڭ بولغان ئوخشايمەن ، تاكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزۈمنى كىچىك چاغلاپ ئويناپ يۈرەتتىم ،بۇنداق سورۇنغاچوڭلار قاتارىدا سانىلىپ تۇنجى قېتىم قاتنىشىم مۇشۇ ئىدى ، بۇنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى بولشىنى تىلەيمەن، ئەمدى دادامدەك ئادەمغۇ ئاكامدەك ئادەمغۇ دەيدىغان سەبىي خىياللىرىمنى تاشلىسام بولغۇدەك .........
ئاپتورى :خۇشناز
|