- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 61415
- نادىر
- 6
- يازما
- 2803
ئۆسۈش
  0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-26 11:10
1. بىزنى زىمىنغا خەلىپە قىلىپ چۇشۇرگەن ئىگىمىز ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن ، جېىمى قۇۋۋەت رەببىمىز ئاللاھتىن كىلىدۇ ئەلۋەتتە ،
2. ئىنسان ھەقلىرىمىزنى دەپ كەلسەك ئەڭ ئالدى بىلەن يەنىلا باللىرمىزنىڭ ئانا تىلدا تەربىيلىنىش ۋە بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە ئانا تىلىمىزنى جەميەتتە ۋە ھۆكۆمەتتە ئىشلىتىلىشدىن قالغانلىقىنى ئىنسانى ھوقۇقىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت دەپ تونىدىمغۇ ئەمدى ،
3. سەل قارىلىۋاتقان ئنسان ھەقلىرىمىزدىن بىرسى ئادىرسىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلماسلىقى ، بىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئۇرۇق تۇققان قاياشلىرىمىز ئادىرسىمىزغا قاراپ بىزنى تېپىشى ناھايىتى مۇشكۇل گەپ ،
4. يەنە ئىشىكىمىزگە كەلگەن مېھماننى كىرگۇزۇش كىرگۇزمەسلىك تاللىشىمىزنىڭ بولماسلىقى ، بولۇپمۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلار مېنىڭچە ئوي ئىگىسى ئىجازەت بەرمىسە ياكى ئەپسىز ۋاقىتتا كەپ قالسا ئاستا كەينىگە يېنىشنى ئۆي ئىگىسىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگۇنىۋاالسا بولاتتى ، مەيلى كادىر ۋە باشقا ئەمەلدار مېھمان بولامدۇ ، بولامدۇ مەيلى قانداق باھانە سەۋەبى بولسۇن ، ئەمدى مەجبورلاش خاراكتىرلىق تەپتىشنىڭ تەكشۇرۇش تامغىسى بولسا ئۇنۇڭغا ماسلاشماي ئامال يوق ، ئۇيغۇرلارغۇ مېھماندوست خەلىق لېكىن مېھمان تولا كەلسىمۇ زىرىكىدىغان گەپكەن ، بەزى مالماتاڭ مېھمانلاردىن ،
5.سەل قارىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىمىزدىن بىرسى ئىسم قويۇش ۋە فامىلەقوللۇنۇشى ھوقۇقىمىز ، ئىىسمنى بىر كىتابى بار شۇنۇڭدا بار بولسا قانۇنلۇق كىملىككە ئىسىمىڭىز يېزىلىدۇ ، شۇ كىتاپتا يوق بولسا ئۇنى قانۇنلۇق كىملىككە ئىسىمىڭىزنى كىرگۇزەلمەيسىز ، نىمە دەيدۇ ئۆزگەرت دەيدۇ ، يەنە بىر سى فامىلە بۇ فامىلە ئىشىغا ئاڭلسىام ئەينى چاغدىكى رەئىس ئابلەت ئابدىرشىت كۇچىگەنمىش ، لېكىن مەن قىزىمنىڭ نوپۇسىنى بىجىرىپ بىر فامىلەقويغۇچە ساقچىخانىدا خېلى تىركەشتىم ھەتتا نوپوس بىجىرىدىغان تەتەي يوقۇرى مەسئوللىرىغا تېلفۇن قىلىپ باقتى ، بىر ئۇيغۇر ساقچى باشلىقى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ مېنى قايىل قىلالماي ئاخىرى تېلفۇننى تەتەيگە بەر دىدى ، ئاندىن تەتەي ماڭا بۇ ئىش ئاقمايدۇ دەپ ئوچۇق ئىىپادە بىلدۇردى ،
6. كىيىم كىچەك دوپپا ساقال بۇرۇت ئەركىمىزنىڭ تەقىپلىنىشى ، ئىنساننىڭ نىمە كىيىشىگە ئارلىشىشى .
|
|