قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8193|ئىنكاس: 115

(ئاتتىلا) تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» غا رەددىيە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 2170
تۆھپە : 1910
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-26 21:37  

ھۇنلارنىڭ تارىخىي قىياپىتى ۋە تارىخىي رولىنى توغىرا شەرھىلەش كېرەك
-تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىغا باھا
لىن گەن
(مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-، 5-،6-بەتلىرى)
ئېلخەتكە ئايلاندۇرغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى: 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1990-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى تۇرغۇن ئالماس «تارىخنى تەتقىق قىلىش» نامى ئاستىدا «ئۇيغۇرلار»، «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئۈچ كىتابنى ھەم نۇرغۇنلىغان تارىخ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» غا قارىشى مۇقام توۋلاپ، شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، كەڭ خەلىق ئىچىدە ئىدىلوگىيە جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدىكى تەۋرىنىش ۋە ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى قىسمەن ئۇيغۇر تەتققاتچىلار بۇ خىل ناتوغىرا ھادىسىنى ئالدى بىلەن كۆرۈپ يېتىپ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق خەنزۇ تارىخچىلارغا مەلۇم قىلدى ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. كۆپ ئۆتمەي بۇ مەسىلە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكىلاد قىلىندى. ئاپتونوم رايۇنلۇق پاتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېدىلوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۇقارقى «ئۈچ كىتاب» ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى ھەم تېز ئارىدا ئۇنىڭدىن ئاز بولمىغان خاتالىقلارنى تيېپىپ چىقتى. تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى بايقىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، مەخسۇس ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. بىراق، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە چوڭ بولغان يېڭى ياشلار «ئۈچ كىتاب» نىڭ خاتالىقلىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، ئۇلار ھە دېگەندە خاتا ئىدىيە-كەيپىياتلارنىڭ ئازدۇرىشىغا ئۇچىراپ، ئاسانلا خاتا يولغا مېڭىپ قېلىىشى، مۇقۇملۇققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناتوغىرا كەيپىياتنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۈمكىن. شۇڭا مەن «ئۈچ كىتاب» تىكى خاتالىقلارنى بۈگۈنكى ياشلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش، ئۇلارغا ئىبىرەت قىلىش ئۈچۈن «ئۈچ كىتاب» توغىرىسىدا ئەينى دەۋردىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان بىر قىىسم ماقالىلارنى بۇ يەرگە يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم!
ئېھتىرام بىلەن ئاتتىلادىن!
(«شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانى 4-بەت)
تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» (تۆۋەندە «ھۇنلار تارىخى» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نى ۋە «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابنىڭ ھۇنلارغا دائىر قىسىمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مەندىكى چوڭقۇر تەسىرات شۇ بولدىكى، بۇ كىتابتا خاتالىق بەك كۆپ ئىكەن.
بۇ خاتالىق توغىرىسىدا ئايرىم توختىلىمەن. بۇ ماقالىدە ئۇ كىتابتىكى ئاساسلىق نۇقتىنەزەرلەرگىلا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.
«ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا تارىخىي مەسىلىلەر سىنىپىي نۇقتىنەزەر بويىچە ئەمەس، مىللىي نۇقتىنەزەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. «ھۇنلار تارىخى» دا ماركىسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئاندا-ساندا ئىككى-ئۈچ جۈملە سۆز نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن كىتابتا تارىخىي مەسىلىلەر ماركىسىزم-لېنىنىزملىق سىنىپىي نۇقتىنەزەر بويىچە ئەمەس، بەلكى، مىللىي نۇقتىنەزەر، مىللىي بىر تەەرپلىمىلىك بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇڭا «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتاب مىللەتلەر  بىلەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىلەن، ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بىلەن، ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى كىشىلىر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىلەن، سىيانپىلار بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرىسىدكى ئۇرۇش بىلەن ۋە باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر  بىلەن تولۇپ كەتكەن. مىللىي كۈرەش ۋە مىللىي ئۇرۇشلار شۇنچە نۇرغۇن يېزىلغانۇ، سىنىپىي كۈرەشلا كەم قالغان. «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، بولۇپمۇ ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى بايان قىلىشتا ئۇنىڭ سىنىپىي مەزمۇنى چىقىرىپ تاشلانغان. چۈنكى، ئاپتۇر سىنىپ دېگەن سۆزگە توغىرا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغان. «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا «سىنىپ» دېگەن سۆز ئۇچىرىمايدۇ. ھۇنلارنىڭ خەنزۇلارغا قارىتا قىلغان ئۇرۇشىنىڭ بۇلاڭچىلىق خاراكتېرى ۋە سىنىپىي ماھىيىتىگە توغىرا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغان. شۇڭا ھۇنلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشىنىڭ ھۇن پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاستىدا قۇل ۋە بايلىق بۇلاشنى مەقسەد قىلىپ قوزغىغان بۇلاڭچىلىق خارەكتېرىدىكى ئادالەتسىز ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا ھۇنلار جەمىئىيىتى «فېئۇداللىق جەمىئىيەت» دېيىلگەن. لېكىن ھېچقانداق ئاساس كۆرسىتىلمىگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەد ھۇنلار جەمىئىيىتىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىللە ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنى قۇلدارلىق ئورۇندىن فېئۇداللىق ئورۇنغا كۆتۈرۈش. شۇ ئارقىلىق ھۇنلار جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولغان قۇلدارلار بىلەن قۇللاردىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ۋە قارىمۇ-قارىشى سىنىپنى يوققا چىقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چىن، خەن دەۋرىلىرىدىكى ھۇنلار جەمىئىيىتىنىڭ خارەكتېرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، فېئۇداللىق تۈزۈمنىڭ شەكىللەنگەن-شەكىللەنمىگەنلىكىنى ھازىرچە سۆزلىمەي تۇرايلى. لېكىن، ھۇنلار جەمىئىيىتىدە تۈركۈم-تۈركۈملەپ قۇللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار ئۇرۇش جەريانىدا «قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇلاپ ئالغان مال-بىساتلار پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بولاتتى. قولغا چۈشۈرگەن ئەسىرلەرنى قۇل-دېدەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇرۇش جەرياندا ھەر بىر جەڭچى بەس-بەس بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلاتتى» دەپ ئېنىق خاتىرلەنگەن. مەن ئىلگىرى سىتاستىكىلاپ باققان، غەربىي خەن خاندانلىقىنىڭ خانى ۋېندىنىڭ 3-يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 78-يىلى) غىچە بولغان 100 يىل ئىچىدە ھۇن قۇلدارلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىدىن بۇلاپ كەتكەن خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 100 مىڭ كىشىدىن كەم ئەمەس. باشقا مىللەتلەر، مەسىلەن، دىڭلىڭ، شەرقىي خۇ، ياۋچى، رۇران، ئۇيسۇن قاتارلىقلاردىن بۇلاپ كېتىلگەن ئاھالە بۇنىڭ سىرىتىدا. يەنە «ئۈچ بەگلىك ھەققىدە قىسسە، ۋېي بەگلىكى» 30-جىلىد «ئوغان، سىيانپى ۋە شەرقىي يىلار ھەققىدە قىسسە» دە فېيسوڭ ئىزاھ بېرىپ نەقىل ئالغان «ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا مۇنداق خاتىرىلەر بار: «شەرقىي خەن خاندانلىقىنىڭ جەنۋۇ يىللىرى (تەخمىنەن مىلادى 48-يىلى) نەچچە تۈمەن ئۆيلۈك ‹زىلۇ› (ھۇن تىلىدا قۇل-دىدەك) بار ئىدى. ئۇلار، ھۇنلار جەنۇب ۋە شىمال قىسىمغا بۆلۈنۈپ تەدرىجى ئازلاپ كەتكەن. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېشى كارىدۇرى ئەتىراپلىرىغا قېچىپ كېلىپ، يەنىلا ‹سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ چارۋىچىلىق قىلىدىغان› كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن، بۇ قۇللار قېچىپ كېتىش چارىسى ئارقىلىق ھۇن قۇلدارلار سىنىپىنىڭ قۇل قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ سىنىپىي زۇلۇمى ۋە مىللىي زۇلۇمىغا قارىشى كۈرەش قىلغان. قېچىپ كەتكەن بۇ قۇللارنىڭ ئىرقى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي رايۇنلۇقلار، دىڭلىڭلار بار، چىياڭلارمۇ بار. قېچىپ كەتكەن بۇ قۇللار ھەر مىللەتتىن بولۇپ، جەمىئىي سان نەچچە تۈمەن ئۆيلۈككە يېتىدۇ. ھەر بىر ئۆيلۈكنى بەش جان ھېسابلىغاندا، ئادەم سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ». بۇ پاكىتنى، يەنى ھۇنلار جەمىيىتىدە بۇلاپ كېلىنگەن ھەر مىللەتتىن بولغان نەچچە يۈز مىڭ قۇلنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى يوققا چىقارغىلى بولماس! ئەگەر ھۇنلار جەمىئىيىتى فېئۇداللىق جەمىئىيەت بولغان بولسا، قۇللارنى ئازاد قىلىۋېتىشى كېرەك ئىدىغۇ! ئۇنىڭ ئەكسىچە، نېمە ئۈچۈن ھەمىشە تۈركۈملىگەن ئاھالىلەرنى بۇلاپ كېلىپ قۇل قىلىۋالىدۇ؟
«ھۇنلار تارىخى» نىڭ ئاپتۇرى ھۇن قۇلدالىرنىڭ خەن سۇلالىسىگە قارىتا قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ سىنىپىي خارەكتېرى ۋە بۇلاڭچىلىق خارەكتېرىدىن غەرەزلىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرغانلىقتىن، كېيىنكى چاغلاردا خەن خاندانلىقىنىڭ خانى ۋۇدىنىڭ ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرىشىنىڭ سىتىراتىگىيىلىك مۇداپىئە خارەكتېرىگە ۋە ئادالەتلىك خارەكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنى ۋۇدىنىڭ ھۇنلارغا قىلغان تاجاۋۇزى دەپ قارىغان. جۇڭگو تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ئادالەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىش كېرەك.
بىرىنچى ئۆلچەم، ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئادالەتلىك ياكى ئادالەتسىز ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە ئۇرۇشنى كىم ئالدىدا قوزغىغانلىقىنى ئاساس قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنىڭ سىنىپىي مەقسىدىگە قاراش، ئۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق سىياسەتنىڭ داۋامى ياكى مۇداپىئە ئىكەنلىكىگە قاراش لازىم. ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى قۇلدارلار سىنىپى قۇل بۇلاش ۋە بايلىق بۇلاشنى مەقسەد قىلغان ئۇرۇش بولۇپ، ئۇ بۇلاڭچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋامى.
ئىككىنچى ئۆلچەم، ئۇرۇش قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان (ياكى ئىلگىرىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى تۈگەتكەن) لىقىغا، قايسىسىنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىغا قاراش كېرەك. قۇلدارلار سىنىپىنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاستىدا، ھۇن چەۋەندازلىرى خەنزۇلار ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز بېسىپ كىرىپ، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن، مال-مۈلۈكلەرنى بۇلىغان، زىرائەتلەرنى پايخان قىلغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى فېئۇداللىق ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىپ، جۇڭگو تارىخىنىڭ ئالغا راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇن خەنزۇ ئاھالىسىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىپ قۇل قىلغانلىقى تارىخىي چېكىنىشتۇر. شۇڭا خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتۇرما زەربە بېرىشى مەيلى «گۇبىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش»، «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەرىبىدىكى ئۇرۇش»، «گۇبىنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش» بولسۇن ياكى مىلادىدىن 71 يىل ئىلگىرى ئۇيسۇنلار بىلەن بىرلىكتە قوشۇن چىقىرىپ ھۇنلارغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرىشى بولسۇن، ھەممسى ئادالەتلىك ئۇرۇش بولۇپ، ئىجابىي تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇرۇشتۇر. ئەمدى خەن ۋۇدىنىڭ «تۇلپار ئات» نى قولغا كەلتۈرش ئۈچۈن يىراقتىكى پەرغانىگە زور قوشۇن ئەۋەتىشى ئادالەتسىز ئۇرۇش بولغان ئىدى. مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلارمۇ شۇنداق. مەسىلەن: مىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ۋېي سۇلالىسىنى قۇرىغان ھەم تەدرىجى ھالدا فېئۇداللاشقان سىيانپىلارنىڭ ئاۋار (جۇجان) قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتۇرما زەربە بېرىشىمۇ ئادالەتلىك ئۇرۇش. لېكىن «بەش خۇ 16 بەگلىك» دەۋرىدە قۇرۇلغان «ئالدىنقى جياۋ» ھاكىميىتىدىكى ھۇن ئاقسۆڭەك ليۇياۋنىڭ ئىلگرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم زور قوشۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن شى، چياڭ، جيەن، خەنزۇ قاتارلىق ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقى بىر خىل ئادالەتسىز ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچۈنچى بىر ئۆلچەم، ئۇرۇش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقى ياكى بۆلۈنىپ ئۆز ئالدىغا بۆلۈنمە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بولغانلىقىغا قاراش كېرەك. شۇڭا بىز يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى قۇبىلاينىڭ بايان باشچىلىقىدىكى شەرقىي شىمال خانلىرىنىڭ ۋە قايدۇ باشچىلىقىدىكى غەربىي شىمال خانلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باسترۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىىرنىڭ ئادالەتلىك ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز، بايان ۋە قايدۇ قاتارلىقلارنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش (جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش) مەقسىدىدە قوزغىغان ئادالەتسىز ئۇرۇشىغا قارىشى تۇرىمىز. بىز (بۈگۈنكى كىشىلەر) پادىشاھ كاڭشىغا باھا بېرىشتىمۇ، ئاساسلىقى، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ئۇ «ئۈچ توپىلاڭچى» نى تىنجىتىپ، تەيۋەندىكى جېڭ جى ھاكىمىيىتىنى بويسۇندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە تەيۋەنگە ئەمەلدار قۇيۇپ، قوشۇن ئەۋەتىپ، گوللاندىيە مۇستەمىلىكىچىلىىرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلانغان. غەربىي موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلە ئاتامانى غالداننىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە شىزاڭ قاتارلىق جايلارغا قىلغان تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. زاڭزۇ يۇقىرى قاتلام ئۇنسۇرلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىدىدە قىلغان توپىلىڭىنى تارمار قىلغان ھەمدە چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىنى مۇستەھكەملىنىش ۋە كۈچىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
ئۇرۇشنىڭ ئادالەتلىكى ياكى ئادالەتسىزلىكى-چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسى. ھەق-ناھەق ئېنىق ئايرىلسىلا، تارىختىكى شەخسلەردىن كىملەرنىڭ مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى، كىملەرنىڭ مىللىي خائىن (مىللىي مۇناپىق) ئىكەنلىكى، كىملەرنىڭ مىللىي ۋىجدانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى بارلىققا كېلىدۇ-دە، ھەر كىم ئۆز پىكىرىدە تۇرىۋېلىپ، مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
2. «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا ھۇنلارنىڭ تارىخى رولى كۆپتۈرۈلگەن.
«ھۇنلار تارىخى» نىڭ ئاپتۇرى ھۇنلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغان. شۇڭا ھۇنلارغا بەكمۇ ئامراقلىقى تۇتۇپ كېتىپ، ھۇنلارنىڭ تارىختىكى رولىنى قىلچە ئاساسسىز كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلغان. ئۇنىڭ كونكېرت ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى، ھۇنلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتى قۇرىغان ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئىلگىرى سۈرگەن. «ھۇنلار تارىخى» دا «مىلادىدىن 1500 يىل بۇرنلا ھۇنلارنىڭ دۆلىتى بولغان» دېيىلگەن.
«تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار تەزكىرىسى» دە خاتىرلەنگەن ھۇنلارنىڭ رىۋايەتتىكى بوۋىسى «چوڭۋېي» نى مىلادىدىن 1764 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئادەم دەۋالغان. ئاپتۇر بۇ ماتېريالنى «موڭغۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلانغان ماتېرياللار» (خەنزۇچە 1981-يىل 7-ئايدا نەشىر قىلىنغان) 19-توپلام 10-بەتتىن ئالغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. «ھۇنلار تارىخى» دا نەقىل كەلتۈرۈلگىنى «پايدىلىنىش ماتېريالى» نىڭ 19-سانىغا بېسىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ل.ن.گۇمىلېۋنىڭ «ھۇنلار» دېگەن كىتابى (1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شەرق يازما يادىكارلىقلىرى نەشىر قىلغان) نىڭ قىسقارتىلغان تەرجىمىسى. گۇمىلېۋ «ھۇنلار» دېگەن كىتابىنىڭ 1-بابىدا مۇنداق دېگەن:
«شيا سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قېچىپ كېتىۋېتىپ ئۆلگەن ئاخىرىقى پادىشاھ جۇۋاڭ جېيكينىڭ ئوغىلى چۈنۋېي پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پۇقرالىرىنى ئېلىپ شىمالدىكى كەڭ يايلاققا قېچىپ بارغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدە چۈنۋېي ھۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي بوۋىسى دېيىلىدۇ. بۇ رىۋايەت بويىچە قارىغاندا ھۇنلار خۇاشيا كۆچمەنلىرى بىلەن يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ئارىلاشما مەھسۇلى بولسا كېرەك.»
2-بابىدا ئۇ يەنە:
«جۇڭگو مەنبەلىرىدە ھۇنلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 1764-يىلى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.» (چۈنۋېي مىلادىدىن 1764 يىل بۇرۇن ياشىغان دېيىلگەن ئەمەس).
«ھۇنلار تارىخى» نىڭ ئاپتۇرى گۇمىلېۋنىڭ بۇ ئىككى ئابزاس سۆزىنى ئۇلاپ، «چۈنۋېي مىلادىدىن 1764 يىل بۇرۇن ياشىغان» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. بۇ تولىمۇ مەسخىرىلىك مەنىگە ئىگە خۇلاسە. چۈنكى گۇمىلېۋ ھۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي بوۋىسى چۈنۋېينى خۇاشيا (خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى) كۆچمەنلىرى بىلەن يايلاق قەبىلىلىىرنىڭ ئارىلاشما ئەۋلادى دەپ قارىغان. ئۇنداقتا «ھۇنلار» نىڭ ئاپتۇرى ئۇيغۇرلارنى «چۈنۋېي» دىن ئىبارەت بۇ خۇاشيا مىللىتىدىن شالغۇتلاشقان ئارىلاشما نەسىلنىڭ ئەۋلادى دېسە، بۇنىڭغا كىشىلەر قوشۇلامدۇ-يوق؟!
ئەمىلىيەتتە گۇمىلېۋنىڭ ئۇنداق دېيىشىمۇ ئاساسسىز (ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ھېچقانداق ئاساس كۆسەتمىگەن). «تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار تەزكىرىسى» دە: ھۇنلارنىڭ ئەجدادى شىياخۇشىنىڭ ئەۋلادى، ئۇ چۈنۋېيدۇر» دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز خەنزۇ ئالىملار ئەزەلدىن ھۇنلارنى خۇاشيا مىللىتىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغان ئەمەس. تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇن ئۆپچۆرىسىدە، گۇبىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇق ياكى قەبىلە تەرەققى قىلىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشنىڭ تارىخىي شارائىتىنى ھازىرلاپ «مەدەنىيەت بوسۇغىسى» غا كىرگۈدەك دەرىجىگە يەتكەن ئەمەس.
ھۇنلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ زادى قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىر ئىلمىي مەسىلە سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىپ، ھەر كىم ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ، لېكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ ئاساسى، قىلىنغان گەپنىڭ ئاساسى بولىشى كېەك. خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، ئۆزى بىلگەنچە ئالدىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ.
ئىككىنچى، ھۇنلارنىڭ تارىختكى رولىنى كۆپتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى-ھۇن دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىش. «ھۇنلار تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن:
«قۇدىرەتلىك ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تېرىتورىيىسى شەرقتە ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە، شىمالدا لىنا دەرياسى، بايقال كۆلى، يەنىسەي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىغىچە، غەرىبىي جەنۇبتا ھىندىستاننىڭ شىمالىغىچە، غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە سوزۇلغان.»
تارىخ-جۇغىراپىيە جەھەتتە نامى جۇڭگوغا ۋە چەتئەلگە مەشھۇر نوپۇزلۇق ئالىم تەن چىشياڭ ئەپەندى باشچىلىقىدا تۈزۈپ چىقىلغان «جۇڭگونىڭ تارىخ-جۇغىراپىيە ئاتلىسى» 1982-يىل، خەرىتە نەشىرياتى نەشىرى) نىڭ 2-قىسىم 39-پارچىسى «ھۇن قاتارلىقلار» دىكى ئاساسلارغا قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ كۈچەيگەن دەۋرىدىكى تېرىتورىيىسى غەربتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئېرتىش دەرياسى ۋە ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى پامىر تېغىدىن نېرى ئۆتەلمىگەن، شەرق تەرىپىمۇ كۆپ دېگەندە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي تۆت ئايمىقىغا بېرىپ توختىغان.
كۆپتۈرمىچىلىكنىڭ ئۈچىنچى ئىپادىسى-ھۇنلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى تەشكىلىنى ئىمكانقەدەر مۇكەممەل قىلىپ تەسۋىرلىگەن. «ھۇنلار تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن:
«باتۇر تەڭرىقۇت (ئوغۇزخان) دىن باشقا يەنە 24 خىل دەرىجىگە بۆلۈنگەن ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن خانلار، بەگلەرنى تەيىنلىگەن. مەسىلەن: ‹1› سول قول بىلگە خان، ‹2› ئوڭ قول بىلگە خان، ‹3› يابغۇ (باش ۋەزىر)، ‹4› سول قول قۇتقۇ، ‹5› ئوڭ قول قۇتقۇ، ‹6› سول قول خان، ‹7› ئوڭ قول خان، ‹8› سول قول ئۇلۇغ سانغۇن، ‹9› ئوڭ قول ئۇلۇغ سانغۇن، ‹10› سول قول ئۇلۇغ تۇتۇق بەگ، ‹11› ئوڭ قول ئۇلۇغ تۇتۇق بەگ، ‹12› سول قول ئۇلۇغ غەزىنە بېگى، ‹13› ئوڭ قول ئۇلۇغ غەزىنە بېگى، ‹14› باتىسخان، ‹15› تۈمەن بېشى، ‹16› مىڭ بېشى، ‹17› يۈز بېشى، ‹18› ئون بېشى... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.»
«تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار تەزكىرىسى» دە باتۇرت تەڭرىقۇت قۇرىغان ھاكىمىيەت تەشكىلى توغىرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن: «تەڭرىقۇت ئوڭ تۇغ خان، سول تۇغ خان، ئوڭ قول خان، سول قول خان، ئوڭ چوڭ سەركەردە، سول چوڭ سەركەردە، ئوڭ چوڭ تۇتۇق بەگ، سول چوڭ تۇتۇق بەگ، ئوڭ چوڭ تۈتۈن بېگى، سول چوڭ تۈتۈن بېگى، ئوڭ قۇت بېگى، سول قۇت بېگى تەسىس قىلدى. ھۇنلار بىلىملىك دانىشمەننى ‹تۇغ› دەپ ئاتىشاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە سول تۇغ خانلىققا خان تېكىن بەلگىلىنەتتى. ئوڭ-سول تۇغ خانلاردىن تۆۋەندە سانغۇنلارغا قەدەر چوڭلىرىدا 10 مىڭ، كىچىكلىرىدە بىرنەچچە مىڭ چەۋەنداز بولۇپ، ئومۇمەن 24 باشلىق بولاتتى، بۇ قوشۇنلار ‹تۈنەن چەۋەنداز› دەپ ئاتىلاتتى... خانلار ئىچىدە ئوڭ تۇغ خان، سول تۇغ خان، ئوڭ قول خان، سول قول خانلار ناھايتى چوڭ بولاتتى. ئوڭ-سول قۇت بەگلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشكە ياردەملىشەتتى. 24 باشلىقنىڭمۇ ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان مىڭ بېشى، يۈز بېشى، ئون بېشى، كىچىك خان، ۋەزىر، سەركەردە، تۇتۇق بەگ، تۈتۈن بېگى، قۇتقۇ بەگ قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بولاتتى.»
بۇ ئىككى مەلۇماتنى سېلىشتۇرغاندا، «ھۇنلار تارىخى» دا ساناپ كۆرسەتكەن ھۇن ئەمەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىتسىيىسىنىڭ ئايرىملىرى «ھۇنلار تەزكىرىسى» دىكىگە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتۇرنىڭ «ئۆز ئىجادىيىتى» بولسا كېرەك. «ھۇن تارىخى» نىڭ بۇنداق يېزىلىشى قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا كىتابخانلارغا يەنە نېمە بېرەلەيدۇ؟ «ھۇنلار ئۇرۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان» لىقى ئۈچۈن، ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى قۇرىغان قۇلدارلار ھاكىمىيىتى ماھىيەتتە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسىدىكى ھەربىي ھاكىمىيەت، بۇ ھاكىمىيەت ئەسلىدە قوشنا مىللەت خەلقلىرىنى ناھايتى زور دەرىجىدە بۇلاش، ئېزىش جەريانىدا قۇرۇلغان. بۇ ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى مەقسىدىنىڭ بىرىمۇ قوشنا مىللەت خەلقلىرىگە قارىتا بۇلاش، ئېزىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر تەرەپتىن، ياش قۇرامىغا يەتكەن يىگىتلەرنى چەۋەندازلىققا ئېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار چوڭ-كىچىك ھەربىي باشلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى. تەڭرىقۇت ھەربىي قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە بىۋاستە قاتناشقاندىن سىرت، ئوڭ، سول تۇغ خانلاردىن تارتىپ تاكى تۈتۈن بەگلىرىگىچە بولغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوشۇنغا باش بولۇپ، جەڭگە قوماندانلىق قىلاتتى، چوڭلىرى تۈمەن چەۋەندازلارغا، كىچىكلىرى نەچچە مىڭ چەۋەندازلارغا باشچىلىق قىلاتتى. تۈمەن چەۋەندازلارغا باشچىلىق قىلىدىغان ھەربىي باشلىقلاردىن 24 بولۇپ، ئۇلار «تۈمەن چەۋەندازلىرى، تۈمەن ئاتلىق ئەسكەر باشلىقى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ 24 باشلىقمۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدا مىڭ بېشى، يۈز بېشى، ئون بېشى، كىچىك خان، ۋەزىر، سەركەردە، تۇتۇق بەگ، تۈتۈن بەگ، قۇتقۇ بەگ قاتارلىق مەنسەپلەرنى تەسىس قىلاتتى. بۇ تۇتۇق بەگ، تۈتۈن بەگ، قۇتقۇ بەگلەرمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي باشلىقلار بولۇپ، ئۇلار «ھوقۇق كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، تەۋەسىدىكى ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىگە ئايرىلاتتى.» («كېيىنكى خەننامە 89-جىلد ‹جەنۇبىي ھۇنلار تەزكىرىسى›»)، يەنى قول ئاستىدىكى ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ۋە ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم ئىدى. شۇڭىلاشقا، ھۇنلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ھەربىي قوشۇن بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايىرمىغان، مەمۇرىي ئاپارات بىلەن ھەربىي ئاپارات (قەلەم بىلەن ئەلەم) ئايرىلمىغان. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئۇنىڭدا «باش ۋەزىر»، «ئۇلۇغ غەزىنە بېگى» دېگەنلەر نەدە بولسۇن؟ «ھۇنلار تارىخى» دا ھەتتا تۈمەن ئاتلىق ئەسكەر باشلىقى، مىڭ ئاتلىق ئەسكەر باشلىقى، يۈز ئاتلىق ئەسكەر باشلىقى، ئون ئاتلىق ئەسكەر
(«شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانى 5-بەت)
باشلىقى دېگەن بىردەك تۈمەن بېشى، يۈز بېشى، دېگەن ناملارغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ تولىمۇ مەسۇليەتسىزلىك قىلغانلىق.
كۆپتۈرمىچىلىكنىڭ تۆتىنچى ئىپادىسى-ھۇنلاردا يېزىق بولغان دەپ قارىسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇنلاردا يېزىقنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتىنى مىلادىدىن 4-5 مىڭ يىل ئىلگىرگە سۈرگەن. ئەسلىدە ھۇنلاردا يېزىق بولمىغانلىقى تارىخ كىتابلىرىدا ئېنىق خاتىرلەنگەن، يەنە كېلىپ خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ھۇن ئەمەلدارلىرى ھەر يىلى ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇراتتى. ھۇنلارنىڭ تەڭرىزادىلىرى، ھەتتا تەڭرىقۇتلىرىمۇ خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندە ئۇزۇن مۇددەت تۇراتتى. خەن سۇلالىسىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ھۇنلارنىڭ ئوردىلىرىدا تۇرغان ئىدى (مەسىلەن، سۇۋۇ ئەن شۇلارنىڭ بىرى). ھۇنلارنىڭ يېزىقى بار-يوقلىقىنى خەن سۇلالىسىنىڭ مۇئەررىخلىرى بىلمەمدۇ! بۇ مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە بولىدۇ. لېكىن يېنىكلىك بىلەن قارىسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
3. «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا ھۇن ھۆكۈمرانلىرى گۈزەللەشتۈرۈلگەن
«ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتابتا ھۇنلارنىڭ تارىخى رولىنى مۇبالىغە قىلىش ئۈچۈن ھۇن ھۆكۈمرانلىرى گۈزەللەشتۈرۈلگەن. ھەتتا بەزى ھۇن ھۆكۈمرانلىرى (قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرى) غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ «ھامىيسى» قىلىپ بىزەپ كۆرسىتىلگەن. «ھۇنلار تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن:
«مانا شۇ خەلقئارا يولنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۈگىنى تارىم ۋادىسى بولۇپ، ئۇ قەدىمكى چاغدا ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئالتۇن كۆۋرۈك ئىدى... ھۇنلار مانا شۇ خەلقئارا قاتناش يوللىرىنىڭ خوجايىنى ئىدى. ئۇلار مۇشۇ يول بويلىىرغا نۇرغۇنلىغان لەنگەر، سارايلارنى بىنا قىلىپ، يولىچىلارنى سارايلىرىدا قوندۇرۇپ، يول بويى ئۇلارنى قوغداپ، تاغ-داۋان، دەريا-ئېقىنلاردىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا كاپالەتلىك قىلاتتى. ھۇنلار شۇ ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پايدىغا (باج ۋە خىزمەت ھوقۇقىغا) ئىگە بولاتتى.»
ئالدىنقى ۋە كېيىنكى «خەنناما» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە قاراپ چىقتىم، ئىككى خەن دەۋرىدە ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى غەربىي رايوننى تالىشىش يۈزىسىدىن غەربىي رايۇندا (تارىم ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلاردا) دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرغانئىدى. ھۇنلار غەربىي يۇرتنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىللەردە، ھۇن ھۆكۈمرانلىرى ھەقىقەتەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ خوجايىنى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن تارىخىي كىتابلاردا ئۇلارنىڭ شۇ جايلاردا قانداقتۇ ساراي، لەڭگەرلەرنى سالغانلىقى، يولىچىلارنى قوغدىغانلىقى توغىرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر يوق، ئۇنىڭ ئەكسىچە تارىم ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنى قۇل قىلىپ ئىشلەتلەنلىكى ۋە ئېكىسپىلاتسىيە قىلاغانلىقى توغىرىسىدا خاتىرىلەر بار.«كېيىنكى خەننامە» 96-جىلد «غەربىي رايۇن ھەققىدە قىسسە» نىڭ 1-قىسىمىدا مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن:
«غەربىي يۇرتتىكى ئەللەر... قەدىمكى چاغدا ھۇنلارنىڭ بېقىندىسى ئىدى. ھۇنلارنىڭ غەرب تەرەپ باتىسخانى چاكارلار كاھىبېگى تەسىس قىلىپ غەربىي يۇرتنى باشقۇراتتى، دائىملىق تۇرۇشلۇق ئورنى قارىشەھەر، كورلا، لوپنۇر ئەتىراپلىرى بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىن باج-خىراج ئېلىپ بايلىق توپلايتتى. چاكارلار كاھىبېگى قۇللارنى باشقۇرىدىغان باش ئەمەلدار ئىدى.»
يۇقارقى خاتىرىدىن مەلۇمكى، ھۇن ھۆكۈمرانلىرى غەربىي رايۇننى (تارىم ۋادىسىنى) بېقىندۇرغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت خەلقلىرىنى ئىرقىي قۇل قىلىپ، قۇللارنى باشقۇرىدىغان باش ئەمەلدار (چاكارلار كاھىبېگى) تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ھەمدە ئۇلاردىن باج-خىراج يىغىپ (قاقتى-سوقتى قىلىپ) ئۆزىنى بېيىتقان. شۇڭا ئۇ كاھىبەگلەر غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىكى چوڭ قۇلدارغا ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» (28-جىلد، خەن پادىشاھى شۈەندىنىڭ شېنجۆ 2-يىلى دېگەن ماددىسى) دە خۇ سەنسىنىڭ: «ھۇنلار غەربىي رايۇندىكىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قۇل-دېدەكلىرى دەپ قارايدۇ» دەپ ئىزاھ بەرگەن.
كېيىن خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى تارتىۋېلىپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچىنى قوغلاپ چىقاردى ۋە غەربىي رايۇندا ئەمەلدار تەسىس قىلدى (دەسلەپكى نامى «ئەلچى چېرىكچى» ئىدى، كېيىن «قورۇقچى بەگ» دەپ ئۆزگەرتىلدى)، شۇلار ئارقىلىق مەمۇرى ھوقۇق يۈرگۈزدى. باتىسخانمۇ خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلدى. چاكارلار كاھىبېگى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىكار قىلىندى، «ھۇنلار ئاجىزلىشىپ، غەربىي يۇرتقا يېقىن كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى»، شۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىرقىي قۇل بولۇشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىدن قۇتۇلدى. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ھۇنلارنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىشغال قىلىشىدىكى ئوخشىماسلىق نەدە؟ ئوخشىماسلىق شۇ يەردىكى، خەن سۇلالىسى غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقىدىن ئەزەلدىنلا باج-خىراج ئالمىغان، ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان ۋە ئېزىدىغان ئىشلانى تېخىمۇ قىلمىغان. چۈنكى خەن سۇلالىسى مۇنداق قارىغان: «غەربىي يۇرتتىكى ئەللەرنىڭ... خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈۈزلۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول يىراق، قولغا كەلتۈرسەك پايدىسى يوق، تاشلىۋەتسەك زىيىنى يوق، ئۆزىمىز كۈچلۈك بولساقلا، ئۇلارغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ» («كېيىنكى خەننامە، غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە» «مەدىھىيە»). غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى «دۆلەتلەر» خەن سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلسىلا، خەن سۇلالىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەگلىرىگە ئۇنۋان-ئۇتىغات بەرگەن ۋە زور مىقداردا بايلىق تارتۇق قىلغان ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. ئەگەر ئۇلار ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قۇتىرتىشى بىلەن خەن خاندانلىقىغا قارىشى چىقسا، خەن سۇلالىسىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، خەن سۇلالىسگە قارىشى كۈچلەرنى سىقىپ چىقىرىپ، خەن سۇلالسىگە يېقىن تۇرىدىغان كۈچلەرنى يۆلىگەن. بۇمۇ سىياسىي كۈرەشنىڭ ۋە غەربىي رايۇنغا بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. بۇنى تىلغا ئېلىشتىن قېچىش ھاجەتسىز. ھۇن ھۆكۈمرانلىرىمۇ غەربىي رايۇندا بارلىق چارە-ئاماللار ۋە بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ خەن سۇلالىسىگە قارىشى تۇرۇپ، ھۇنلار بىلەن يېقىنلىشىدىغان كۈچلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزغان ئەمەسمۇ؟ بىراق، ھۇن ھۆكۈمرانلىرى غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھەددىدىن زىيادە قاخشاتقانلىقى ئۈچۈن خەلقنى بىزار قىلىپ ئاخىرى مەغلۇب بولدى.
ۋاڭ ماڭ دەۋرىدە ۋاڭ ماڭ خاتا سىياسەت قوللانغانلىقى تۈپەيلىدىن «غەربىي رايۇنلۇقلار ئاغرىنىپ يۈز ئۆرۈپ، جۇڭگو (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنى) دىن ئالاقىسىنى ئۈزدى ھەمدە قايتىدىن ھۇلنلارغا بېقىندى بولدى. ھۇنلار ئۇلارغا ئېغىر ئالۋاڭ-ياساق سالدى ۋە باج-خىراج تۆلەتتى. بۇنىڭغا ھەرقايسى ئەللەر (ھەر مىللەت خەلقى) چىداپ تۇرالمىدى، جەنۋۇ يىللىرىىنىڭ ئوتتۇرىلىرى (شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرى) دا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىچكىرىگە بەيئەت قىلىشنى، قورۇقچى بەگ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. گۇاڭۋۇ (پادىشاھ) جاھان ئەمدىلا تىنجىدى (ھاكىمىيەت تېخى مۇستەھكەملەنمىدى، دۆلەت تېخى كۈچلۈك ئەمەس)، سىرتقى ئىشلارغا يېتىشەلمەيمىز، دەپ ئۇ تەلەپنى ماقۇل كۆرمىدى» («كېيىنكى خەننامە» 88-جىلد «غەربىي رايۇن ھەققىدە قىسسە»). بۇنىڭدىن غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۇن ھۆكۈمرانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن خەن سۇلالىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ نەقەدەر ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىۋالالايمىز.
شەرقىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى مىڭ دىنىڭ يوڭپىڭ 17-يىلى (مىلادى 74-يىلى) غا كەلگەندە، خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميىتى كۈچەيدى، شۇنىڭ بىلەن «خۇچېن (چوڭ سانغۇن) نى قوشۇن باشلاپ غەربىي يۇرتقا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار يىراققا قاچتى، چېگىرا ئەمىنلىك تاپتى. يۇڭيۈەن يىللىرى (مىلادى 89-104-يىللىرى) غا كەلگەندە ھەممسى ئىچكىرىگە بېقىندى (غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈنلەي خەن سۇلالسىگە تەۋە بولدى)» («كېيىنكى خەننامە» 47-جىلد «بەنچاۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغىلى بەنيۇڭنىڭ تەرجىمىھالى»). كېيىن چاڭلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن، خەن سۇلالسىنىڭ كۈچلىرى يەنە غەربىي يۇرتقا يېتىپ بارالمىدى، ھۇن كۈچلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتا بېسىپ كىردى. بۇ قېتىم ھۇن ھۆكۈمرانلىرى غەربىي رايۇندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇم سالدى. تارىخىي مەنبەلەردە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «شىمالىي ھۇنلار ھەرقايسى ئەللەرنى ئەيىپلەپ، ئۆتكەندە تۆلەنمىگەن ئىجارىنى تولوقلاپ تۆلەشكە قىستىدى، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈردى، ئۆز قەرەللىدە تاپشۇرۇشنى قاتتىق بۇيرىدى. پىشامشان، قۇس ئەللىرى قاتتىق نەپىرەتلىنىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ياخشى ئىشلانى ئەسلىدى، لېكىن قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدى.» (يۇقىرقى كىتاب-«بەن چاۋ ۋە ئۇنىڭ ئوغىلى بەن يۇڭنىڭ تەرجىمىھالى») بۇ بىر ئابزاس سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى ئەللەر ئىلگىرى خەن سۇلالىسىگە بېقىنغان مەزگىللەردە، خەن سۇلالىسىنىڭ «قورىقچى بېگى» نىڭ ھامىلىقى بولغاچقا، ھۇن ھۆكۈمرانلىرىغا ئات-چارۋا، كىگىز-پالاز قاتارلىق نەرسىلەرنى باج ھېسابىدا تاپشۇرمايتتى (ئىلگىرى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەر يىلى ھۇنلارغا ئات-چارۋا، كىگىز-پالاز تاپشۇراتتى. «خەننامە غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»، «مەدھىيە» گە قارالسۇن.). ئەمدىلىكتە (يۇڭيۈەن يىللىرىدىن كېيىن) ھۇنلار قايتا باستۇرۇپ كېلىپ، ھەرقايسى «دۆلەت» لەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىل تاپشۇرماي «قەرز قالغان ئىجارە» نىڭ ھەممىسىنى تولوقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باج ئۆلچىمىنى (قىممىتىنى) ئۆستۈردى، چەكلەپ بەرگەن قەرەللى بەك جىددىي بولدى، نەتىجىدە پىشامشان، قۇس قاتارلىق «دۆلەتلەر» ھۇن ھۆكۈمرانلىرىغا ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئۆچمەنلىكى قوزغالدى، خەن سۇلالىسىگە بېقىنىشنى بەكمۇ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بېقىنىشنىڭ يولىنى تاپالمىدى. مانا ب8 سۆزلەردىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن غەرىي يۇرتنى تالىشىش ئۇرىشىدا قايسى تەرەپنىڭ ئادالەتلىك، قايسى تەرەپنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى، غەربىي يۇرتنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىللەردە قايسى تەرەپنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىقى، قايسى تەرەپنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. خەن سۇلالسى بىلەن ھۇلارنىڭ غەربىي رايۇن (تارىم ئويمانلىقى) دىكى ئەھۋالىدا، يۇقىرىقى سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسىسى ياخشى، قايسىسى يامان ئىكەنلىكى ئوپ-ئوچۇق ئايرىلدى. ئەمدى ئايرىم ۋەقەلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاساسىي ئېقىمغا بويسۇنىشى كېرەك. ئۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرۇش پايدىسىز، ئېغىز ئۇپىراتقۇچىلىكى يوق.
4. ھۇنلار جۇڭگو مىللەتلىرىگە مەنسۇپمۇ دېگەن مەسىلە توغىرىسىدا
«ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتاب «سەددىچىننىڭ شىمالى جۇڭگو ئەمەس» دېگەن سەپسەتەنى كۆككە كۆتەرگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ھۇنلارنى ۋە شىمالدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جۇڭگو بىلەن قارىمۇ قارىشى قىلىپ قويۇپ، ھۇن ھاكىمىيىتىنى جۇڭگو تېرىتورىيىسىنىڭ سىرىتىدىكى دۆلەت دەپ قارىغان. ھەتتا مىلادى 48-يىلى (شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى) ھۇنلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي ھۇن بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنىپ كەتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي ھۇنلار سەددىچىننىڭ ئىچىگە كىرىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسگە بېقىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئولتۇراقلاشقان تۇرسىمۇ، «ھۇنلار تارىخى» دېگەن كىتاب يەنىلا «شەرقىي ھۇنلار مىلادىنىڭ 48-يىلىدىن 216-يىلغىچە (خەن سۇلالسىگە قارام بولسىمۇ) ھەر ھالدا مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ياشىغان» دەپ قارىغان» (164-165-بەتلەر). بۇ ماقالەمدە «سەددىچىننىڭ شىمالى جۇڭگو ئەمەس» دېگەن سەپسەتىگە ئەتىراپلىق رەددىيە بەرمەكچى ئەمەسمەن، چۈنكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالىملارنىڭ مۇنداق سەپسەتىگە بەرگەن رەددىيەسى كۆپ بولدى. بۇ يەردە مەن ھۇنلار جۇڭگو مىللەتلىرىگە مەنسۇپمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدىلا توختىلىمەن.
تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ دۇنياغا كەلگەن «بۆشىكى» ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋ ۋە داچىڭشەن ئەتىراپلىرى. «كېيىنكى خەننامە» 28-جىلد «جۇغراپىيلىك تەپسىرات» نىڭ 2-قىسىمىدا خاتىرىلەنگەن ۋۇيۇەن ۋىلايىتىنىڭ گۇياڭ ناھىيىسى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتۇ شەھىرى دائىرىسى ئىچىدە) نىڭ غەربىي شىمالىدىكى «تۈمەن شەھىرى» ئەينى يىللاردىكى تۈمەن تەڭرىقۇت (ھۇنلارنىڭ تۇنجى تەڭرىقۇتى) تۇرغان جاي ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ھۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسى ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يۈەندى دەۋرىدە، چېگىرا ئىشلىرىنى پۇختا بىلىدىغان ئىشىك ئاغا خوۋ يىڭ مۇنداق دېگەن: «چوغاي تېغىنىڭ شەرقىدىن غەرىبىگىچە مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدۇ، ئوت-چۆپلىرى مول، دەل-دەرەخلىرى بۈك-باراقسان، قۇش-ھايۋانلىرى كۆپ. باتۇر تەڭرىقۇت مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ، ئۇلار ئوقيا ياسايدۇ، كىرىپ-چىقىپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ، بۇ يەر ئۇلارنىڭ چارىباغ ئارامگاھى.» («خەننامە ھۇنلار تەزكىرىسى» 2-قىسىم). دېمەك، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ چوغاي تېغى (ئادەتتە داچىڭشەن دەپ ئاتىلىدۇ) ئەتىراپلىرى ھۇنلارنىڭ تىىركچىلىك قىلىپ ئاۋۇغان ماكانى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەربىي قول سانائەت (ئوقيا ياساش) بازىسى ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغان ئارقا سەپ بازىسى ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا خەن سۇلالىسى بىلەن خېتاۋ ۋە داچىڭشەن ئەتىراپلىرىدا ئۇرۇش قىلغان ھەم بۇ جايلارنى تالاشقان. باتۇر تەڭرىقۇت ئەسلى «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى جاي» (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتىراپلىرى) دا تۇرىدىغان لۇفەن، بەيان مىللەتلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان، بۇ جايلار ھۇنلارنىڭ ئوڭ قانات زېمىنىگە تەۋە قىلىنىپ، ئوڭ تۇغ خاننىڭ باشقۇرىشىدا بولغان، ئۇ شۇ جايدا تۇرغان. خەن ۋۇدىنىڭ يۈەن 5-يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 124-يىلى) باھاردا، ئوڭ تۇغ خان خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. ھۇن ھۆكۈمرانلىرى گوبىنىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ چېگىرا قورغانلىرىغا يېقىن بولغانلىقتىن، ھەربىي بېسىمنىڭ چوڭلىقى، ئۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىپ، يابغۇ جاۋسۇن (ئەسلى ھۇنلارنىڭ كىچىك خانى) نىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرىنى، يەنى «گوبىدىن ئۆتۈپ ئىمكان قەدەر شىمالغا يۈرۈپ، خەن قوشۇنلىرىنى ئالداپ چارچىتىپ، ئاندىن پەم-پاراسەت بىلەن غەلىبە قىلىش، جەنۇبتىكى قورغانلارغا يېقىنلاشماسلىق» دېگەن تەدبىرىنى قۇبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزى گوبىنىڭ شىمالىغا يۆتكەلگەن. شۇڭا تارىخ كىتابلىرىدا: «شۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار يىراققا قېچىپ كېتىپ، گۇبىنىڭ جەنۇبىدا خان ئوردىسى بولمىغان» دېيىلگەن (يۇقارقى بايانلار توغىرىسىدا «تارىخىي خاتىرلەر ھۇنلار تەزكىرىسى، «ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇن تەزكىرىسى» گە قارالسۇن). بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھۇنلار شۇ ماكاندا ئاپىرىدە بولۇپ، شۇ ماكاندا ياشىغان «يەرلىك» مىللەت، ھۇنلار سېپى ئۆزىدىن جۇڭگولۇقلاردۇر.
گۇبىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلار خۈنيۈي، چۈيشې، دىڭلىڭ، قىرغىز، شىنلى قاتارلىق مىللەتلەر ياشىغان رايۇنلار ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا باتۇر تەڭرىقۇت ئۇ مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى گۇبىنىڭ جەنۇبىدىن گۇبىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارغا كېڭەيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ گۇبىنىڭ جەنۇبىدىكى ھۇنلار بارغانسېرى گۇبىنىڭ شىمالىغا يۆتكىلىپ بېرىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. كېيىن ھۇنلارنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزى شىمالغا يۆتكىلىپ، گۇبىنىڭ شىمالى ھۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ ھۇن مىللىتىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تەشكىل قىلغان ھۇنلارنىڭ تۇرمۇش مەركىزى بولۇپ قالدى («تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار تەزكىرىسى» گە قارالسۇن).
گۇبىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلار غەربىي خەن سۇلالسى دەۋرىدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بىرلەشكەن. تارىخ كىتابلاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىردا ھۇنلارنىڭ سەردارى قوغۇشار تەڭرىقۇت (خۇخەنيى) غەربىي خەن خانلىقىنىڭ بەرگەن ئوتۇغات-ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزى گۇبىنىڭ شىمالىدىن خەن خاندانلىقىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بېرىپ خەن پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەن. شۇ چاغدىكى خەن پادىشاھى شۈەندى ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ياسالغان «ھۇن تەڭرىقۇت تامغىسى» بېرىپ، ئۇنى ھۇنلارنىڭ ئالىي سەردارى دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە خەن خانىنىڭ ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە بەرگەن ئۇتۇغات-ئۇنۋانىنىڭ قانۇن (يازما قانۇن ئەمەس) شەكلى بىلەن قاراملىق ئورنىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوغۇشار ھاكىمىيىتى-ھۇن ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزىگە (خەن سۇلالىسىگە) بولغان قاراملىق سىياسى ئورنىمۇ بېكىتىلگەن («خەننامە. ھۇنلار تەزكىرىسى» گە ۋە 24-جىلد «يېمەك-ئىچمەك ۋە نەرسە-كېرەكلەر تەزكىرىسى» نىڭ 2-قىسىمىغا قارالسۇن). بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى تەبىئىي، ھۇنلارنىڭ جۇڭگو مىللەتلىرى ئىكەنلىكى تەبىئىي. تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە، گۇبىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنىمۇ راۋاجلاندى. تاڭ سۇلالسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى گۇبىنىڭ شىمالىدا ئەنبېي (شىمالدىكى جايلارنى ئەمىن ئەتكۈچى) ئۇلۇغ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل شىمالىي رايۇنلارنى ئىدارە قىلىپ، گۇبىنىڭ شىمالىدا مەمۇرىي ھوقۇقنى تولوق يۈرگۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گۇبىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلار جۇڭگونىڭ زېمىن خەرىتىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
گۇبىنىڭ شىمالى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى زامانىدىن بۇيان «تاشقى موڭغۇل» دەپ ئاتىلىپ كەلدى. 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تاشقى موڭغۇل مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، دەسلەپتە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرىدى. 1924-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتىنى قۇرىدى. لېكىن ئۇنى شۇ چاغدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمىدى. 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان «يالتا كېلىشىمى» دە «موڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش» بەلگىلەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن «جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىق ئورنىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. 1949-يىلى پۈتۈن مەملىكىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئەمىلىيەتنى ئېتىراپ قىلدى ۋە شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى (خەلق نەشىرياتى 1972-يىلى نەشىر قىلغان «ھەرقايسى ئەللەر ئەھۋالى» نىڭ موڭغۇلىيە قىسىمىغا قارالسۇن). شۇڭا، بىز مەملكىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى قەدىم زامان مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا، 1921-يىلى تاشقى موڭغۇل مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان ۋاقىتنى چەك قىلىمىز. 1921-يىلى مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى موڭغۇل رايۇنى جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىدى. مۇشۇ رايۇندا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىكى موڭغۇللار ۋە موڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى بۇ رايۇندا ياشاپ ئۆتكەن شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر (جۈملىدىن، ھۇن، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر) نىڭ ھەممىسى مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى مىللەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخى جۇڭگو تارىخىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ مىللىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەملىكتىمىز ئىچىدىكى مىللى مەسىلە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 1921-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تاشقى موڭغۇل رايۇنى چەت دۆلەت زېمىنى ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتى زېمىنىدا ئولتۇراقلاشقان موڭغۇل مىللىتى چەتئەللىك ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تارىخى چەت ئەل تارىخى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چەتئەل مىللەتلىرى بىلەن جۇڭگو مىللەتلىرى ئوتىرىسىدىكى مەسىلە بويىچە بىر تەرپ قىلىنىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلە، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى زامان مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار بۇنى بىلمىسە بولمايدۇ.
5. قانداق قىلغاندا ھۇنلارنىڭ ۋە شىمالدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى توغىرا بايان قىلغىلى بولىدۇ؟
بىرىنچىدىن، ھۇن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسەدنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.
تارىخ دېگەن نېمە؟ تارىخىي ماتېريالىزملىق چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، تارىخ-ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى، سىنىپىي جەمىئىيەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە سىنىپىي كۈرەش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانىدۇر. تارىخشۇناسلىق بولسا، مۇئەييەن مەۋقە ۋە نۇقتىنەزەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە سىنىپىي كۈرەش ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغىرىسىدا ئىزدىنىدىغان بىر خىل نەزىريىۋى سېستىما. مۇشۇنداق تونۇش ئاساسىدا، بىزنىڭ ھۇنلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىدىمىز: ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە سىنىپىي كۈرىشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە سىنىپىي كۈرەش جەريانىدا قانداق قىلىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئالغا سۈرگەنلىكى توغىرىسىدا ئىزدىنىش، ھۇن مىللىتىنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققى قىلىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە يوقىلىش جەريانى توغىرىسىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.
ئىككىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئورنىغا توغىرا باھا بېرىش كېرەك.
ھۇنلار-ئېلىمىزنىڭ قەدىم زاماندىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىنىڭ بىر مىللىي ئەزاسى، ئۇنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايۇنلىرى گۇبىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بولۇپ، بۇلار ئېلىمىزنىڭ زېمىنى، شۇڭا ئۇنىڭ تارىخى-ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ بىر قىسىمى. ھۇنلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدىكى خەنزۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، خەنزۇلارنىڭ ئىلغار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى خەنزۇلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۆتمۈشتە ئالىملار شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، خەنزۇلارنىڭ شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلغان، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە دىققەت
(«شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانى 6-بەت)
قىلىشى ئازراق بولغان. بۇ بىر خىل ئېغىش، بۇنىڭدىن كېيىن تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىش. ئەمىلىيەتتە، ھۇنلارنىڭ تارىختىكى پائالىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىجادىيەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان، بولۇپمۇ گۇبىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئېچىپ، گۇبىنىڭ شىمالىدىكى تارقاق، قالاق ئۇرۇقلار ۋە قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى چاغلاردا پۈتكلۈل گۇبىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلتۈرىشىگە ئاساس سالغان، بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى تېخىمۇ زور. ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ شۆھرەتلىك داڭقى بىلەن تارىخ سەھپىسىگە كىرگەن بىر ئۇلۇس ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت جانلىنىپ دەۋران سۈرەلىشى ۋە جۇڭگو تارىخىدا شۇنچە مۇھىم رول ئوينىيالىشى، ھەتتا دۇنيا تارىخىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتەلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن، باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى تۆمۈر قورال دەۋرىگە يېتىپ كىرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئېتىنىك خۇسۇسىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۈچىنچى، ھۇنلارنى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارغا تەڭ كۆزدە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە خەنزۇ مىللىتى ئاساسىي گەۋدە مىللەت. خەنزۇ مىللىتى جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەەرققىياتى جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىقتىساد-مەدەنىيىتى ھەمىشە ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان. لېكىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى قېرىنداش مىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر بولىشى كېرەك. گەرچە سىنىپىي جەمىئىيەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولمىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىز مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارغا تەڭ كۆزدە قاراپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، تارىختىكى مىللەتلەر جۇڭگو زېمىنىدىلا ياشىغان ئىكەن ئۇلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بار، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىش، سىياسى جەھەتتىن ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش سالاھىتى بار، ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ پۈتۈن قىسىمىنى ياكى زور قىسىم رايۇنلىرىنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارىلا بولىدىكەن، ئۇ جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەركىزىي ھاكىمىيەت بولالايدۇ، ئۇ قانۇنىي ئورتۇدۇكسال خاندانلىق ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، موڭغۇللار قۇرىغان يۈەن سۇلالىسىنى ۋە مانجۇلار قۇرىغان چىڭ سۇلالىسىنى رەسمىي خاندانلىق دەپ قاراش كېرەك، ئۇلار ئۆز دەۋرىدە جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلغان مەركىزىي ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنچىدىن، تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغىرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
تارىختىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىشتا، تارىخىي، سىنىپىي تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك. تارىختا يۈز بەرگەن مىللىي قۇل قىلىش، مىللىي زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش، مىللىي ماجىرالارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭ زىيىنىنى تارتقۇچىلار ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلىقى ئىدى. شۇڭا تارىخىي مەسىلىلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنى تەتقىق قىلىشتا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر تارىخىي مەسىلىلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنى تەتقىق قىلىشتا، چوقۇم مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. تارىختا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى رېئاللىقتىكى مەسىلىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ. تارىخىي مەسىلىلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنى تەتقىق قىلىشتىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى مىللىي مۇناسىۋەتكە زىيان كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
بەشىنچىدىن، تارىخنى تەتقىق قىلىشتا سىنىپىي نۇقتىنەزەر بولۇپلا قالماستىن، باسقۇچلارنىمۇ ئېنىق ئايرىش كېرەك. يەنى، سىنىپىي نەزىريە بولۇپلا قالماي، باسقۇچ نەزىريىسىمۇ بولىشى كېرەك. «ھەممە ئىش ۋاقىت، ئورۇن، شارائىتقا باغلىق.» ئۇنداق بولمىغاندا، تارىخ بىر كاللەك چىگىش يىپ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ باش-ئۇچىنى تاپقىلى بولماي قالىدۇ ۋە بىرمۇنچە گۇمانلار ياكى قارىماققا زىددىيەتلىك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تارىخ تەتقىقاتىدا، ھەم تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي نەزىريىنى ئىگىلەش، ھەم ماتېريالىزملىق دىئالېكتىك ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەش كېرەك.
ئالتىنچىدىن، ئىلمىي نەزىريە ۋە ئۇسۇل بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئىلىم ئىشلىرىغا ئەستايىدىل، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان پوزىتسىيە ۋە ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزلەيدىغان ئەدەبىي ئىستىل، تارىخ ئىستىلى بولىشى لازىم. ئوبېكتىپ مەۋجۇت بولغان تارىخىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. تارىخىي ماتېرياللارنى شەخسىي ئامراقلىق ياكى ئۆچمەنلىكنى ئاساس قىلىپ خالىغانچە ئېلىشقا ياكى چىقىرىپ تاشلاشقا، بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى توقۇپ چىقىشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى توغىرا شەرھىلىگىلى بولمايدۇ، راست-ئىشەنچىلىك تارىخ ئەسىرىنى يېزىپ چىققىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 1991-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىنىڭ 4-، 5-،6-بەتلىرى

2

تېما

1

دوست

2783

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كتىڭ ماۋزۇسدىن باشقا يىرنى ئوقۇمىدىم تىكىستىنى رەتلەپ قۇيۇڭ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

1

دوست

2783

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تلېمىغان تۇرغۇن ئالماس رەھمەتلىك قاپتىكەن
پەرۋاز

0

تېما

1

دوست

1212

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8350
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 202
تۆھپە : 235
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، كەڭ خەلىق ئىچىدە ئىدىلوگىيە جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدىكى تەۋرىنىش ۋە ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى قىسمەن ئۇيغۇر تەتققاتچىلار بۇ خىل ناتوغىرا ھادىسىنى ئالدى بىلەن كۆرۈپ يېتىپ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق خەنزۇ تارىخچىلارغا مەلۇم قىلدى ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. كۆپ ئۆتمەي بۇ مەسىلە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكىلاد قىلىندى.............................................................. ...................تارىخ  بىلەن  سىياسىنىڭ نىما مۇناسىۋېتى بار  ئەگەر تۇرغۇن ئالماسنىڭ  يازغىنى خاتا بولسا  . ئەلنىڭ تارازىسى  .ئادىلغۇ . چەكلەشنىڭ  نىمە زۇرۇريىتى  .....شىنجاڭ ئۇنۋېرستىدىكى ئىجدىمائى پەنلەر .ئاكادىمىيىسىدىكى   .  ئۇيغۇر تەتقىقاتچى... لار  تەتقىقاتچىمۇ ياكى  .تارىخ ئادىبىيات  ئىجدىمائى پەن ساھەسىدىكى  .تۇخۇمدىن تۇك ئىزلەيدىغان  تايغانلامۇ  ......

باھا سۆز

tanha_roh  ئۇ ئورۇننىڭ مەقسىتى ھەقىقەت ئۈچۈن خېزمەت قىلىش ئەمەس بەلكى .......  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
jehad  نىمە قىلىدۇ خەن تارىخچىللىرىغا دەپ....ھەي ي ي ي .....  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
راكىتا  ۋەتەنپەرلەر بىز دە زاپاس بار  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
karmanshah  بىزدە ئالي دەرجىلىك ئتلارمۇ جىقكەن ھە،،،،مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە لەنەتلەر بولسۇن،ت.ئالماسقا ئېھتىرام  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
orhun9  بىر توپ سوڭەك ئىزدەپ يۈرگەن ئىتلار...  يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

828

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12568
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 115
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىللا ئەپەندىم. ياخشى نەرسىلەرنى يوللاۋاتىسىز. ھارمىغايسىز

0

تېما

4

دوست

5479

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 909
توردىكى ۋاقتى: 257
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىللا، سىز پارتىيە ئەزاسىمۇ؟

باھا سۆز

jehad  سوراپ قاپسىزغۇ ..بۇنى ........  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
darya99  پارتىيە ئەزاسى بولسا بازارغا بارامتىڭىز؟  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

0

تېما

1

دوست

641

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17278
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    لىن گەن     ھونلار   ياشىغان   زاماندا    ياشاپتكەنما     

باھا سۆز

jehad  تاڭ ...مەن بىلمەيدىكەنمەن .......  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17178
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەن.
ھارمىغايسىز قېرىندىشىم . ....

باھا سۆز

takder  توۋا  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:27

0

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17527
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىىللەتنىڭ تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنى شۇ  مىللەتنىڭ ئۆزىدىكى زىيالىلار تەھقىقلىماي  غەيرى مىللەت زىيالىلىرى تەھقىقلاپ ،خاتالىقنى بايقاپ بىزگە كۆرسىتىپ بەرسە ياخشىغۇ !!!......؟

باھا سۆز

jehad  جىڭ گەپنى قىپسىز........  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
alip  بىز ئاشۇنداق ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيمىز،باشقىلار تەھقىقلەپ بەرسە قاراپ تۇرىمىز.  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

4

تېما

5

دوست

7298

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1424
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزىڭىزگە پارتىيە ئەزاسىدەك كۆرىنىۋاتامدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-3 13:01 , Processed in 0.071011 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش