بۈگۈن خاسىيەتلىك جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەككىز يېرىم بىلەن قومۇل موزيخانىسىغا قاراپ ئاتلاندىم. چۈنكى دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئۇستا خەتتات ياش مەردان ئايۇپنىڭ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. يول ئۈستىدە قەلبىمدە ئارزۇ-ئارمان بىخلىرى يەنە پورەكلەشكە باشلىدى. چۈنكى مەنمۇ فوتو سۈرەت ۋە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ئىستىكىدە تىپىراپ يۈرگىلى خېلى يىللار بولۇپ قاپتۇ. گەرچە خەتنى قۇرداشلىرىمدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازالمىساممۇ، ھەرگۈلنىڭ پۇرىقى باشقا دېگەندەك مېنىڭمۇ ئالاھىدىلىكىم بولىشى مۇمكىندە! بۇ ھايات بەكمۇ قىسقا ئىكەن. ئۇ ئېغىزنى ھاپ قىلىپ ئاچقۇچە، كۆزنى شىپ قىلىپ يۇمغۇچە تاماملىنىدىكەن. ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قىلىمەن! بۇنى قىلىمەن ، دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۈگەپ كەتتى...ھەركەتنى ئەمەلىيەتتە ئەمەس ئېغزىدا ئىپادىلەپ ئۆمۈر باغلىرىنى خازان ئەيلىدى. نۇرغۇنلىغان ئىسىل نەرسىلەر ئۇلار بىلەن كەتتى ۋە غايىپ بولۇشقا يۈزلەندى!بىزمۇ كۆمسەم پىشارمۇ؟ ياپسام پىشارمۇ دەپ ياشايدىغان بولساق بىر كۈنلەدە بۇ بىز قەدىرىگە تېخىچە يەتمەيۋاتقان جان پىشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. دوستۇم مەردانمۇ بۇ يىل كۆرگەزمۇ قىلىمەن، كېلەر يىل قىلىمەن ، دەپ يۈرۈپ 10 يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولدى. مانا ئاخىرى ئۇنىڭ قان -تەرى بەدىلىدە يورۇقلۇققا چىققان ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ئەل-جامائەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە ئاپرىن ئېيتىشماقتا!...مەرداندەك مەردانە ياشلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقى تۈرتكىسىدە تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...ئۆز تىرىشمىسا، ئۆزگىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىزنى مەڭگۈلۈك كۆمۈپ تاشلايدۇ! قېنى ئەمىسە مەردان ئايۇپنىڭ ھۆسىن خەتلىرىدىن ھوزۇرلىنايلى! * * * خەتتات مەردان ئايۇپ 1976-يىلى 10-ئايدا قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزىسى توققۇز ئەجدىھا تال مەھەلىسىدە تۇغۇلغان ،1997-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئەدىلىيە مەكتىپى ئىقتىسادى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ،1998-يىلى 1-ئايدا قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزىسىغا تەقسىملەنگەن .2000-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە قومۇل شەھىرى شەھەرئىچى يېزا مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئىشتىياق باغلاپ ئىجدىھات بىلەن ئۆگەنگەن ، 1994-يىلى مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق -رەسساملىق كۆرىكىگە قاتنىشىپ بىر پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان ، 1999-يىلى ئەكبەر غوجا ئەھمەد ھاجى ئاشقان <تەڭرىتاغ تەربىيلەش مەركىزى>دە ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئاساسلىرى بويىچە تەربىيلىنىپ ،خەتتاتلىق سەۋىيسىنى يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرگەن ، شۇندىن بۇيان ئىزچىل ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ،ھازىرغىچە 20دىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايون ،ۋىلايەت ،شەھەر ددەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللاپ قاتناشتۇرۇلغان ۋە مۇكاپاتلانغان ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايون ،ۋىلايەت ،شەھەر دەرىجىلىك گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان .
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەل ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، قومۇل ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى . ئوغلانىمىزغا ئەلنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرى
* رەھبەرلەر مەرداننىڭ ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە... * ئەمدى ئىجادىيەت بېغىدىكى مېۋىلەرگە مەرھەممەت! * * * * ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۈچۈن ھارماي- تالماي ئىزدىنىۋاتقان بارلىق كەسىپداشلارنىڭ بىر نىيە ۋە بىر مەقسەتتە تېىخىمۇ مەھكەم ئۇيۇشۇپ، يۇرتىمىزنىڭ خەتتالىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشىشىغا تېلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!...غەلبە يەنىلا تىرىشقانلارغا مەنسۈپتۇر... 2013-يىلى 4-ئاينىڭ26-كۈنى قومۇل |