ئالتىنچى باب: تىلتۇمار ئېسىلغان بۇۋاق
ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى، رۇسلارنىڭ تۈركمەن خاندانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتى دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن زامان زورنىڭ بولۇپ كەتكەن ئىدى، مانا بۇ ئادالەتسىز زاماندا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋاتاتتى.
رۇسلار بۇ زىمىنغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۈلۈمدىن ئانچە قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى ھە دىسە قارشىلىق كۆرسىتىپ چاتاق چىقىرىۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا مۇستەملىكە رايۇنىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ بۇ يەردە ئانچە ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ دەرھال باشقىچە بىر يول تۇتۇپ مەخسىتىگە يەتمەكچى بولدى.
ئۇلار ئالدى بىلەن خاندانلىق تەۋەلىكىدىكى بارلىق چوڭ بايلارنى قەتلى قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ساپ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە يۆتكەپ قالغان مال-ۋاران، يەر-زېمىن، قەسىر-داچا دىگەنلەرنى شۇ يەردىكى نامرات كىشىلەرگە بۈلۈپ بەردى، بايلارنىڭ ئۆيىدىكى گىلەم-زىلچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان بايلىقلاردىن ئازراق قېتىپ پۈتۈن مەسچىت-خانىقالارنىڭ مەيدانلىرىغىچە گىلەم سالدى.
مەكتەپلەردىكى پەننىي دەرىسلەرنى زور كۈلەمدە قىسقارتىپ ئورنىغا پۈتۈنلەي قۇرئان ئوقۇش ۋە قۇرئاننى يادىلاشنى ئاساس قىلدى، لېكىن قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يېشىشنى ئاستىرىتتىن چەكلىدى. يۇرت ئىچىدىكى زىيالىيلارنى شۇنداقلا ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى ھەرخىل نام بىلەن قەتلى قىلدى ياكى ئادەم سېتىۋېلىپ يۇشۇرۇن ئۆلتۈردى.
مەسچىتلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىماملىرىغا تۈرلۈك بەتناملارنى سۇۋاپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا تۆۋەن سەۋىيىلىك موللىلارنى قويدى، ھەم يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.
شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خەلقنى يېتەكلەيدىغان، ئۇلارغا ئاق-قارىنى چۈشەندۈرىدىغان بارلىق ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر خەلقنىڭ ئارىسىدىن يۇقالدى.خەلق سەركىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پادىدەك ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ بېقىپ ئاخىرى رۇسلارنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىغا بىلىپ-بىلمەي كىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىتالىن بۇ ۋاقىتلىق تىنىچلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقلىرىنى شىددەت بىلەن شۇراشقا باشلىدى.
ياۋۇزبەگ مەلىكە بىلەن ئىنىك ئانىنى ئېلىپ تاغلىق ئورمانلىقنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى ئادىمىزات ئايغى باسمىغان بىر تاغدىكى قارىغايزارلىقنى ماكان تۇتۇپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. مەلىكە ماڭار ۋاقتىدا ئېلىۋالغان قىممەت باھالىق ئالتۇن تىللا ،گۈھەر-ئۈنچىلەر بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۆمۈر بۇيى ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشىگە ئازادە يېتەتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرغان ئورنى ئادەملەر ئولتۇراق رايونىغا بەكلا يىراق بولغانلىقتىن ياۋۇزبەگ ئۇلاغ بىلەن ئايدا بىر قېتىم تاغدىن ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋالغىلى چۈشەتتى.
بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق بولۇپ تىنىق كۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى.ياۋۇزبەگ ئىككى ئاتنىڭ بىرىنى ئىگەرلەپ يەنە بىرىنى ئۇنىڭ كەينىگە چېتىپ مېڭىشقا تەمشەلدى، مەلىكە ئاشخانا ئۆيگە يۈگرەپ كىرىپ ئىنىك ئانا ھېلىلا ياغلىققا ئۇراپ قويغان ئىسسىق گۆش ناننى ئات ئۈستىدىكى ياۋۇزبەگكە ئالدىراپ سۇندى.
- يولدا دىققەت قىلىڭ، يامغۇر ياغىدىغاندەكلا تۇرىدۇ...- دېدى مەلىكە ئۇچۇق ئاسمانغا تازا بىر قارىۋېتىپ.
- مەندىن ئەنسىرىمەڭ مەلىكەم، - دېدى ياۋۇزبەگ مەلىكە كۈن چېچەككە قىيمىغاندەك كۈلۈپ قاراپ – ئەمدى ئۆيگە ئاخشىمى قايتمايمەن، كېچىسى ئالدىمغا چىراغ كۈتۈرۈپ چىقماڭلار!
- بىلدىم، كېچىسى ماڭماي ئۇنداقتا كۈندۈزى ماڭارسىز! – دېدى مەلىكە ئۇنىڭغا ئەركىلەپ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ.
ياۋۇزبەگ ئەتراپىغا قارىۋېتىپ ئىنىك ئانىنىڭ ئارقا ئېغىلدىكى مالغا ئوت سالغىلى چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ مەلىكىنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرگىنىچە ئۈيىگە ئەكىرىپ يەردە قاپ قۇيۇپ بىلىگە گىرە سېلىۋالدى، مەلىكىمۇ قورسىقىدىكى توققۇز ئايلىق بالىسىنى ئۇنتۇغان ھالدا ياۋۇزبەگنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالدى، ياۋۇزبەگ ئايالى كۈن چېچەككە تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقچى بولدى :
- مەلىكەم، مىنىڭمۇ تاغدىن چۈشكۈم يوق، بولمىسا ئەتە ماڭايچۇ!
- ياق... قۇرغۇيۇم، ھازىرلا مېڭىڭ، كىچىك ياۋۇزبەگنىڭ كۈزى يۇرىيدىغانغىمۇ ئاز قالدى، ئۇچاغدا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ...
- ئەمىسە بايامقى گىپىڭىزنى ياندۇرۇۋېلىڭ، بولمىسا سىزنى قويىۋەتمەيمەن...
- قارىڭە سىزنى ھېلى ئىنىك ئانام كىرىپ قالىدۇ، قويۇۋېتىڭا مىنى...
- ئەمىسە مىنى سۆيۈپ قۇيۇڭ...
- ياق...ياق...ئىنىك ئانام كىرىپ قالىدۇ.
- ياق كىرمەيدۇ، بولىڭە تىز...
- قورسىقىمنى سىقىۋەتتىڭىز ياۋۇزبەگ...
ياۋۇزبەگ شۇئان مەلىكىنىڭ بىلىنى قۇيىۋېتىپ خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ھالدا كۆز ئالدىدىكى دادا بولۇش رېئاللىقىدىن پەخىرلەنگەندەك ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى سىلاشقا باشلىدى ئاندىن مەلىكىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قورساقتىكى بالىنىڭ يۈرەك سۇقۇشىنى ئاڭلىغۇسى باردەك قۇلىقىنى مەلىكىنىڭ قورسىقىغا ياقتى، مەلىكە مۇشۇ تاپتا چەكسىز ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىدا ياۋۇزبەگنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى...
ئىنىك ئانىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىدىن ياۋۇزبەگ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مەلىكە بىلەن خوشلاشتى، مەلىكە ياۋۇزبەگنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭ پىشانىسىگە يىنىك سۆيۈپ قۇيۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلىدى.
ياۋۇزبەگ شۇ ئاتقا مىنگىنىچە خەتەرگە تولغان تاغ يوللىرىدا ساق ئىككى كۈندۈز يول يۈرۈپ كەچكە يېقىن لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدىغان بازارغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان زەرگەرنىڭ ئۈيىگە كىلىپ يېنىدىكى يېشىل ياقۇتنى ئۇنىڭغا بەردى، زەرگەر ئۇستام بۇ قېتىمقى مالنىڭ ئىلگىرىكىسىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە قىممەت باھالىق مال ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا تۇنۇپ قالدى، ياۋۇزبەگ ئادەتتە بۇ كىشى بىلەن سودا قىلغاندا قەتئىي باھا تالاشمايتتى، بەرگىنىنى ئالاتتى شۇڭلاشقا زەرگەر ئۇستام بۇ قېتىم ئۇنىڭ قۇلىغا خېلىلا جىق قەغەز پۇلنى تۇتقۇزۇپ ئۇنى ئىتتىك يولغا سالدى.
خاندانلىق ئىلگىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان پۇللارنى ئىشلىتەتتى يېڭى رۇس ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدىكى ئالتۇن –كۈمۈش پۇللارنى يېغىۋېلىپ ئورنىغا قەغەز پۇللارنى تارقاتتى، شۇنداق قىلىپ تۈركمەنىستان تەۋەلىكىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاساسەن رۇسلارنىڭ مەركىزى غەزىنىسىگە كىرىپ ئېقىۋاتاتتى.
ياۋۇزبەگ كەچ قالغىنىغا قارىماي دۇكاندارلار بىلەن سودىسىنى تۈگىتىپ لازىمەتلىكلەرنى تولۇق تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن بازاردىن كىچىلەپ چىقىپ كېتىپ تاغ ئېغىزىدىكى بىخەتەر دەپ قارالغان كىچىك ئورمانلىقتا قۇنۇپ قالدى.ئاندىن ئەتىسى ئەتتىگەندە يەنە ئالدىراپ تاغدىكى ئۈيىگە راۋان بولدى.
ياۋۇزبەگنىڭ تاغدىن چۈشۈپ كەتكىنىگە تۆت كۈن بولاي دېدى،بەخىتكە يارىشا يامغۇرمۇ ياغمىدى، مەلىكە بۈگۈن ئاخشام كۈن ساناپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ ھېسابىدا ياۋۇزبەگ ئەتە ئەسىرگە يېقىن كىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن مەلىكىگە ياۋۇزبەگ ھازىرلا كېلىدىغاندەك بىلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ يۈرىگى سېلىپ بارغانسېرى ئۇيقۇسى قېچىشقا باشلىدى، ئۇ ياستۇق ئاستىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان پوسپۇرلۇق يانچۇق سائىتىگە قاراپ سائەتنىڭ ئۈچتىن ئاشقانلىقىنى بىلدى، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئەينەكلىك ئاسما چىراقنى ياقتى، ئىنىك ئانىسىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن چىراقنى كۆتۈرگىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىدا يىنىك دەسسەپ سىرتقا چىقتى.
كېچىدىكى غۇي-غۇي تاغ شامىلى مەلىكىنىڭ يېپىنچىسىنى پۇلاڭلىتىپ بوش چىگىلگەن ياغلىقىدىن چىقىپ قالغان سۇمبۇل چاچلىرىنى ھەريانغا سىلكىيتتى. ھۇشيار ياتقان قارا بويناق ئىت ئۇنى كۆرۈپ قۇيرىقىنى شىپاڭلاتقىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، مەلىكە قارا بويناق بىلەن بىرگە ئۇينىڭ ئالدىدىكى قويۇق ئوت باسقان دۆڭلۈككە چىقىپ ياۋۇزبەگنىڭ كېلىدىغان يولغا قاراپ تۇردى، ئاسماندىكى تولۇن ئايمۇ خۇددى مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك پۈتۈن ئەتراپنى كۈندۈزدەك يۇرۇتۇپ تۇراتتى.
مەلىكە يورۇق ئايدىڭغا قارىماستىن چىراقنىڭ پىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئۇنى بىر قۇلىدا كۆتۈرگىنىچە دۆڭ ئۈستىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۈرە تۇردى، ئۈرە تۇرۇپ بېلى تالغان مەلىكە چىراقنى يېنىدىكى چوڭ قۇرام تاشنىڭ ئۈستىگە مۇقىمداپ قۇيۇپ ئۆزى ياندىكى كىچىك قۇرام تاشقا كىلىپ ئولتۇردى، قارا بويناقمۇ مەلىكە بىلەن تەڭ قۇيرىقىنى شىپاڭلىتىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، مەلىكە ئۇنىڭ بۇ خىل ئوماق ھەركىتىدىن زوقلىنىپ ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇنى ئەركىلەتتى. تۇيۇقسىز قارا بويناق ئالدى تەرەپكە بېشىنى سۇزۇپ بىر ئىككىنى قاۋاپ قۇيدى-دە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى، مەلىكە قارا بويناقنىڭ بۇنداق يۈگۈرۈپ كىتىشىدىن ياۋۇزبەگنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن قۇرام تاش ئۈستىدىكى چىراقنى قۇلىغا ئېلىپ ئېگىز كۈتۈرۈپ ئىككى يانغا يىنىك پۇلاڭلاتتى. ياۋۇزبەگ ئەسلىدە كېچىسى يول ماڭماسلىق نىيىتىگە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ كېچە يورۇق ئايدىڭغا توغرا كىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەشۇقىنىڭ يېنىغا ئالدىراپ بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ئىدى.
ياۋۇزبەگ يىراقتىكى تۆپىلىكتە مەلىكىنىڭ ئۆزىگە ساقلاپ چىراغ كۈتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئېتىغا قامچا سالدى، ئاڭغىچە قارا بويناق قۇيرىقىنى شىپاڭشىتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولدى، ئۇ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئامراق ئىتىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنى ئەركىلەتتى. ئاندىن يەنە ئېتىغا مېنىپ سۈرئەتنى تىزلەتتى.
ياۋۇزبەگ بىلەن مەلىكە خۇددى كۆرۈشمىگىلى نەچچە يىل بولغان ئاشىق –مەشۇقتەك ناھايىتى قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ياۋۇزبەگ ئات ئۈستىدىكى نەرسە كىرەكلەرنىمۇ چۈشۈرمەستىن ئاتنى ئۆينىڭ ئالدىدىكى قارىغايغا باغلاپ قۇيۇپ مەلىكىنى يەنە خوشلاشقان چېغىدىكىگە ئوخشاش قۇچىقىغا ئېلىپ توغرىسىغا كۆتۈرۈۋالدى، مەلىكىمۇ ئەركىلىگىنىچە ئىككى قۇلىنى يەنىلا ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالغان ئىدى، مەلىكە ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئېغىزىنى يېقىپ تۇرۇپ ھۇجرىسىدا ئىنىك ئانىسىنىڭ بارلىقىنى پىچىرلىدى، بۇنى بىلگەن ياۋۇزبەگ كۈچكە تولغان بىر قۇلىدا مەلىكىنى قۇچاقلىغىنىچە كۈتۈرۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قۇلى بىلەن كەينىگە كىرىۋالغان قارا بويناقنى ئېڭىشىپلا ئۇۋىسىغا باغلاپ قويدى. ئاندىن مەلىكىنى كۈتۈرۈپ ئۆيىنىڭ خېلىلا كەينىدىكى ئوت-چۆپ قۇيىدىغان ئۆيگە ئەكىرىپ شۇ يەردىكى يۇمشاق چۆپ دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى......
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ مەلىكە كۈن چېچەكنىڭ بۇشىنىدىغان چېغىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى، بىر كۈنى ئىنىك ئانا ياۋۇزبەگنى چاقىرىپ تۇغۇتقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ بەزەنلىرىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى يەنە ئوزۇق – تۈلۈكنى زاپاس قىلىۋېلىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى. ياۋۇزبەگ تاغدىن چۈشۈپ ئۇلارنى تولۇقلايدىغان بولدى.
ياۋۇزبەگ تاغدىن چۈشىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا كۈزى قىيماي ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ياتتى... بىر چاغدا ياۋۇزبەگنىڭ كۈزى ئۇيقىغا كېتىپ دوستى پاششاخاننى چۈشەپ قالدى، چۈشىدە ياۋۇزبەگ سۈيى سۈزۈك بىر دەريادا مەلىكە كۈن چېچەك بىلەن سال ھەيدەپ كېتىۋاتقۇدەك، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ ئۇلار سالنى توختىتالماي قالغۇدەك، بۇ چاغدا دوستى پاششاخان قىرغاقتا پەيدا بولۇپ قۇلىنى سۇنۇپلا ئىككەيلەننى قىرغاققا ساق-سالامەت چىقىرىۋالغۇدەك...
ياۋۇزبەگ دەل مۇشۇ چاغدا ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ كېتىپ چۈشىنىڭ ئايىغىنى كۆرەلمىدى، ئۇنىڭ دوستى پاششاخاننى بەكراق كۆرۈۋالغۇسى بار ئىدى، ئۇ كۈزىنى ئاستا ئېچىپ مەيدىسىگە بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغان مەلىكىنىڭ چېچىنى يىنىك سىلاپ دوستى پاششاخاننى ئويلاپ كۈزىنى يۇممىدى. مەلىكە ياۋۇزبەگنىڭ ئۆزىنىڭ چېچىنى سىلىشىدىن ئويغۇنۇپ ئۇنىڭ ئۇخلىماي بىرنىمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى سەزدى.
- نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسىز ياۋۇزبەگ؟- دېدى مەلىكە ياۋۇزبەگنىڭ مەيدىسىدىن بېشىنى ئالماي تۇرۇپ.
- دوستۇم پاششاخاننى چۈشەپ قاپتىمەن، ئىككىمىز دەريادا سال بىلەن كېتىپ بېرىپ سالنى توختىتالماي قالغان ئىدۇق، ئۇ ئىككىمىزنى قىرغاققا ئاچىقىپ قويغىدەك ! – دېدى دوستىنى سېغىنغان ياۋۇزبەگ ئېغىر بىر ئوھ تارتىپ.
- ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغۇدەك، ئۇنىڭ روھى بىزگە مەدەت قىپتۇ ياۋۇزبەگ.
- مەن پاششاخاندەك ياخشى يىگىتنى ئۆمرۈمدە ئۇچراتمىغانمەن، بەزىدە ئۇنى ئىنسانلار ئارىسىغا چۈشكەن خېزىرمىكىن دەپلا قالىمەن.
- شۇنداق پاششاخان خاندانلىقنىڭ كۈزى ئىدى، ئۇنىڭغا يامانلارنىڭ كۈزى تەگدى...
- ناۋادا مەن جەننىتى بولسام مەندىن نېمە تەلىپىڭ بار دەپ سورىسا نېمە دەيدىغانلىقىمنى بىلەمسىز مەلىكەم؟
- دەپ بېقىڭە قېنى؟
- مەن ئاللاھتىن پاششاخاننى تىلەيتتىم...
مەلىكە ياۋۇزبەگنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭ مەيدىسىدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى ئاندىن چىرايىنى ئۆمچەيتىپ ياۋۇزبەگكە كەينىنى قىلىپ يېتىۋالدى. ياۋۇزبەگ مەلىكىنىڭ بۇ ئوماق قىلىقىدىن كۈلۈپ كېتىپ ئۆرۈلگىنىچە مەلىكىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ ئۇنى باغرىغا بېسىۋالدى.
- ئەلۋەتتە بېشىدا سىزنى تىلىمەكچى ئىدىم، لېكىن سىز ئۇ دۇنيادىمۇ مەندىن ئايرىلمايسىز، شۇنداققۇ؟
مەلىكە ياۋۇزبەگنىڭ ھەقىقەتەن ۋىجدانلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ دوستى پاششاخاننى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى شۇنداقلا مەلىكە ياۋۇزبەگ بىلەن پاششاخاننىڭ دوستلۇقىدىن پەخىرلىنەتتى، بايامقى گەپتىن ئۇ ئەمەلىيەتتە تەسىرلىنىپ خوش بولغان بولسىمۇ لېكىن ياۋۇزبەگ بىلەن قەستەن ئۆچەكىشىپ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ قويغان ئىدى. شۇڭا مەلىكە دەرھال ياۋۇزبەگنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى يەنە ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئەركىلىگىلى تۇردى.
- مەلىكەم سىزگە بىر گەپنى دىسەم ماقۇل دىيەرسىزمۇ؟ - دېدى ياۋۇزبەگ مەلىكىنىڭ چېچىنى قۇل بارماقلىرىغا يۆگەپ تۇرۇپ.
- ئالدى بىلەن ئاڭلاپ باقاي...- دېدى مەلىكە ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى چىڭ يېقىپ.
- ناۋادا بالىمىز دۇنياغا كۆز ئاچسا ئۇنىڭ ئىسمىنى ...
- ئىسمىنى زادى نېمە قويغۇڭىز بار، ئۆتكەندە بۇ توغرىلىق گەپ قىلسام كۈلۈپلا تۇرۇۋالدىڭىز...
- ئىسمىنى پاششاخان قويغۇم بار مەلىكەم سىزنىڭچە...
مەلىكە ئىرىنىڭ پەرىشتىدەك ياخشى ئادەملىكىدىن بەكمۇ ئىپتىخارلاندى، ئۇ ياۋۇزبەگنى كۈندىن-كۈنگە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى، ئۇ مۇشۇ تاپتا ئۇ ئىرىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
- ناۋادا قىز تۇغسامچۇ؟
- ياق سىز ئوغۇل تۇغىسىز، خاندانلىقنىڭ شاھزادىسىنى تۇغىسىز مەلىكەم. سىزنىڭچە بۇ ئىسىم بۇلامدىكەن؟
- بۇپتۇ، ئەمىسە ماڭا ۋەدە بېرىڭ، تاغ يۇلىدا كېچىسى ماڭماسلىققا ۋەدە بېرىڭ...
ياۋۇزبەگ مەلىكىنىڭ بۇ جاۋابىدىن ئالەمچە خۇشال بولۇپ ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالدى، ئۇلار يەنە ھەشقىپىچەكتەك ئىرماش –چىرماش بولۇپ كەتتى...
ئەتىسى ئەتتىگەندە ياۋۇزبەگ يەنە سەپەرگە ئاتلاندى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلى نىمىشقىدۇر بىرخىل خۇشال ئەمەس ئىدى، مەلىكىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى. لېكىن ئۇ تاغدىن چۈشۈپ لازىمەتلىكلەرنى ئاچىقمىسا بولمايتتى.
ياۋۇزبەگ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ چېغىر يولدىن چۈشۈۋاتقاندا مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى بىرخىل ۋەھىمە قاپلىۋالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ ياكى تاغ يۇلىنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ ياۋۇزبەگنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك بىر خىل سىزىمغا كىلىپ قالدى، ئۇنىڭ شۇ تاپتا ياۋۇزبەگ بىلەن تازا بىر قۇچاقلىشىپ خوشلىشىۋالغۇسى كەلدى، شۇڭلاشقا ئۇ يىراقلاپ كەتكەن ياۋۇزبەگ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئېلىپ چىقىدىغان چېغىر يولدىن تەستە مېڭىپ چۈشۈپ كەتتى، ئىنىك ئانا ئۇنىڭ مەخسىدىنى چۈشىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چۈشتى.
چېغىر يولدا ئاتلىق چۈشىۋاتقان ياۋۇزبەگ ئېغىر خىيالنىڭ تەسىرىدە ئېتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سەزمىدى، ئۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بېشىنى كۈتۈرۈپ قارىۋىدى ئالدىدا مەلىكە يىغلامسىراپ تۇرۇپتۇ، ياۋۇزبەگ ئاتتىن دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، مەلىكە كۈزىدىن تاراملاپ ئاققان ياشنى ياۋۇزبەگكە كۆرسەتمەي ئالقىنى بىلەن سۈرتىۋېتىپ زورىغا كۈلۈمسىرىدى، ياۋۇزبەگ شۇئان بوينىدىكى ئاتىسى بەرگەن تۇمارنى يىشىپ ئېلىپ مەلىكىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قۇيۇپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشنى ئاسان قىلىدىغانلىقىنى ئاللاھ خالىسا نەچچە كۈنگە قالمايلا يەنە قايتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەلىكىگە تەسەللى بەردى.
شۇنداق قىلىپ ياۋۇزبەگ بىر كۈزى مەلىكىدە قالغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى، ئۇلار بۇ خوشلىشىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق خوشلىشىش ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمەيتتى.
* * * *
ئۆتكەن قېتىم ياۋۇزبەگ تاغتۇرادىن ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋالغىلى چۈشكەندە ئۆزىنىڭ كونا چۆپقىتى بولغان زەرگەر ئۇستامغا بىردانە يېشىل ياقۇت بەرگەن ئىدى، بۇ زەرگەر ئۇستا گەرچە گۆھەر ئۈنچىلەرنى ئانچە تۇنۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنداق چوڭلۇقتىكى يېشىل گۆھەرنىڭ ھىساپسىز پۇلغا يارايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتى. شۇڭا ئۇ ئەتىسى دۇكىنىنى تاقاپ بۇ گۆھەرنى تازا پۇل قىلىش ئۈچۈن خاندانلىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى پايتەختى بولغان ئەڭ چوڭ شەھىرى- ئاستانە شەھرىگە قاراپ يول ئالدى، چۈنكى چوڭ شەھەردىكى داڭلىق جاۋاھىر پورۇشلارلا بۇ مالنىڭ قەدرىنى بىلەتتى ھەم ئۇنىڭ قىممىتىدە پۇل چىقىرالايتتى.
زەرگەر ئۇستا شەھەرگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاۋات رەستىدىكى ئۆزىگە تونۇش بولغان چوڭ بىر يېغىپ ساقلىغۇچىنىڭ دۇكىنىغا ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.
بۇ دۇكاننىڭ خۇجايىنى گەرچە شەھەردە نامى ئاتالغان باي بولمىسىمۇ ئەمما ئۆزى مەككە مۇكەررەمگە نەچچە قېتىم بېرىپ كەھبىنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن يولى راۋان توققۇزى تەل ھاجى كىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دۇكىنىغا جىددىي كىرگەن بۇ يىراق سەھرالىق كونا مېھمىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى پەملىدى-دە ئۇنى ئۇدۇل ئارقا ھويلىغا باشلىدى، بىردەملىك سالام –سائەتتىن كېيىن زەرگەر ئۇستا ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
- ھاجى ئاكا، يېقىندا قۇلۇمغا تېپىلغۇسىز بىر تال گۆھەر چۈشىۋېدى، كۆڭلۈم يەنىلا سىلىنى تارتىپ ئۇدۇل يانلىرىغا ئەكىلىشىم ،– دېدى زەرگەر خۇپسەنلىك بىلەن كۈلگىنىچە قۇلىدىكى كىچىك ياغلىققا ئورالغان مالنى ھاجى كىشىگە سۇنۇپ.
- ياخشى قىپسىز دوستلۇق دىگەننى مانا مۇشۇنداق چاغدا يەتكۈزگۈلۈك، جاھاننىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكى سىزگە ئايان، دىققەت قىلمىساق ئاران تۇرىمىز قارا بالاغا ئۈسكىلى، قېنى مەن كۆرۈپ باقاي!- دېدى ھاجى تۈگۈنچىنى يەشكەچ قۇلىدىكى مالنى مەنسىتمىگەندەك قىياپەتتە.
ھاجى تۈگۈنچىنى يىشىپ ئىچىدىكى يېشىل مالنى كۆرۈپ باشتا ئۇنى ساختىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدى، كېيىن ياقۇتنى قۇلىغا ئېلىپ كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ قۇياش نۇرىغا تۇتۇپ باقتى، ئۇنىڭ راستلىقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى زەرگەرگە چاندۇرماي ئىچكىرى ئۈيىگە كىرىپ بىردانە لوپا ئەينەكنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ياقۇتنى يەنە قايتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدى، ئاندىن قۇلىدىكى بۇ يېشىل ياقۇت بىلەن قۇلىدىكى لوپا ئەينەكنى جىجىلاپ باقتى، دەرۋەقە لوپا ئەينەكنىڭ يۈزىدە ئىنچىكە بىر سىزىق پەيدا بولدى، دېمەك بۇ يېشىل ياقۇت ھەقىيقى ئالماس بولۇپ چىقتى، ھاجى ئۆمرىدە بۇنداق چوڭلۇقتىكى يېشىل ئالماسنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇنداق يېشىل ئالماسنىڭ ناھايىتى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىنلا ئاڭلىغان ئىدى. ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ زەرگەرنىڭ دولىسىغا مۇشتلىدى.
- قېنى دوستۇم، مېلىڭغا قانچىنى بېرەي؟- دېدى ھاجى خۇشاللىقىنى ئىچىگە يۇشۇرۇپ.
زەرگەر ئالماسنىڭ ساختا ئەمەسلىكىنى ھاجىنىڭ ھىلىگەرلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئاللاقاچان بىلىپ قالغاچقا بوش يەردىن چۈشمىدى :
- سىلى بۇ خىل سودىنى قىلىپ كۈنۈك ھاجى ئاكا، بۇنداق مالنى خاندانلىق تەۋەسىدىن ئەمەس پۈتكۈل يەتتە ئىقلىمدىن ئىزدەپ تاپماق بىر ئىش، شۇڭا ئۆزلىرى بىلىپ بىرنىمە دېگەيلا، باشقىلار بۇ ئىشنى ئاڭلىسا ماڭا بىر ئۆمۈر قارىمايدۇ...
زەرگەر«باشقىلار» دېگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتقاچقا ھاجىنىڭ يۈرىگى بىر ئاز جىغىلداپ قالدى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىدەك ھاجىدىن مىڭىنىڭ مۈلۈكىنى بىر قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ يېشىل ئالماسقا چىقىشالمايتتى، ھاجىنىڭ تۇرۇپ كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى، ئۇ دەرھال زەرگەرنى ئۆيدە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى نەخ پۇلنى باشقا بىر دوستىغا بىرىپ تۇرغانلىقىنى شۇڭا بۇ گۆھەرنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پۇلنى ھازىرلا ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى جېكىلەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ھاجى ناھايىتى ئالدىراش شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى ئىلگىرىدىكى خانلىق ئوردىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا رۇس ئەسكەرلىرى پوستا تۇرىۋاتقان بولۇپ رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي باش قۇماندانى مۇشۇ يەرنى ئىش بىجىرىش ئورنى قىلىۋالغان ئىدى.
ھاجى خۇشامەت بىلەن قۇراللىق پوستقا يانچۇقىدىكى پۈرلىشىپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ كۆرسىتىۋېدى، ئۇلار ئۇنى ئوردىغا كىرگۈزىۋەتتى، ھاجى قەدىمىنى تىزلىتىپ ئۇدۇل باش گىنېرال تۇرۇشلۇق قەسىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ۋە ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان قاراۋۇلغا ئۆزىنىڭ باش گېنىرالنى مۇھىم ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، قاراۋۇل ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىۋېلىپ قەسىرگە كىرىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەي چىقىپ ئۇنىڭغا يول باشلاپ ئۇنى گىنېرال تۇرۇشلۇق ئۆيگە باشلاپ كىردى.
خام سىمىز كەلگەن گىنېرال خىزمەت ئۈستىلىدە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ ئۆي ئىچى كۈچلۈك ۋوتكا پۇرىقىغا تۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ھاجى گېنېرالغا كۈچۈكلىنىپ سالام قىلدى، گىنېرال ئۇنى خوشياقمىغاندەك كۈتىۋالدى.
- گىنېرال جاناپلىرى، ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىشىمدە، قۇلۇمغا بىر تال گۆھەر چۈشىۋېدى، ئۆزلىرىنىڭ ماڭا قىلىپ كەلگەن ئاتىدارچىلىقلىرىنى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى مال چۈشسە ماڭا ئالدى بىلەن كۆرسەت دېگەن سۆزلىرىنى ئىسىمدە تۇتۇپ بۇنى ئالدىلىرىغا ئەكەلدىم ، كۆرۈپ باقسىلا ئالىيلىرى! –دېدى ھاجى دۇدۇقلاپ قۇلىدىكى تۈگۈنچەكلەنگەن ياغلىقىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.
گىنېرال تۈركمەن تىلىنى بۇ خاندانلىققا كىرمەسنىڭ نەچچە يىل ئالدىدا يۇقىرىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن پىششىق ئۈگەنگەن بولغاچقا تۈركمەنچىنى بىمالال سۆزلىيەلەيتتى. گېنېرالغا ھاجىنىڭ بۇ خەۋىرى ئالاھىدە بىلىنىپ ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ تۈگۈنچىنى قۇلىغا ئېلىپ يەشتى.
ئۇ يېشىل ئالماسنى كۆرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەي قالدى، ئۇ ئالماسنى قۇلىدا تۇتقىنىچە دېرىزە تۈۋىگە ئەكىلىپ قۇياش نۇرىغا تۇتۇپ باقتى، ئاندىن خۇشاللىقتا قىلغىلى قىلىق تاپالماي ھاجىنى بېرىپ قۇچاقلاپ ئۇنى تەبرىكلىدى.
- يارايسىز ھاجى، مانا ئەمدى مىنىڭ دوستۇمدەك ئىش قىلدىڭىز، دەڭا نېمە ئالىسىز؟- دېدى گىنېرال ئالماسنى توختىماي كۆزىگە سۈرتۈپ.
- مالنىڭ ئىگىسى ھازىر ساقلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ باھاسى سەل ئۈرىدەك قىلىدۇ، شۇڭا...- ھاجى گېنېرالنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدى.
گىنېرال ئۇ گەپكە قۇلاق سالمىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا بۇ دۆلەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان قەغەز پۇل ھېچنىمە بولۇپ ئۇنىڭغا لازىمى ئالتۇن-كۈمۈش، لەئلى-ياقۇت ئىدى. شۇڭا ئۇ ھاجىنىڭ دولىسىغا مۇشتلاپ قۇيۇپ ئىچكىرىدىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ ئىككى تاغار پۇل ئاچىقىپ ھاجىنىڭ ئالدىدا قويدى، ھاجى كۆز ئالدىدىكى بۇنچە جىق پۇلنى كۆرۈپ چۈش كۆرىۋاتقان بولماي يەنە دەپ ئۆزىنىڭ قۇلىنى ئۆزى چىمداپ باقتى.
- ئېلىڭ بۇرادەر، بۇ مىنىڭ سىزگە قىلغان ئازراق كۆڭلۈم، سىزنىڭچە بۇ پۇل يىتەرمۇ؟ - دېدى گىنېرال ھاجىنىڭ ھاياجاندىن يوغىناپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ.
- يەتمەمدىغان، يەتمەمدىغان گىنېرال ئالىيلىرى... دېدى ھاجى ئۇنىڭغا ھىجايغىنىچە خۇشامەت قىلىپ.
- بۇندىن كېيىن ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ كۈچەيسۇن!
- چاتاق يوق ئالىيلىرى، ئۇنداق بولسا مەن ماڭاي...
گىنېرال ھاجىنىڭ بۇ يەردىن تىزراق يۇقىلىشىنى خالايتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ خۇشاللىقتىن توۋلاپ ۋارقىرغۇسى كىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ھاجىنى ئىتتىك ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ يېشىل ئالماسقا قايتىدىن سەپ سېلىشقا باشلاپ ئۆزىنىڭ كىتاب جازىسىدىن مەخسۇس ئالماسقا ئائىت رۇسچە قامۇسنى قۇلىغا ئالدى.
ھاجى ئىككى تاغار پۇلنى يۈتكىنىچە ئوردىدىن چىقىپ ئۇدۇل دۇكىنىغا كەلدى ئاندىن دۇكان خىزمەتچىسىگە دۇكاننى تاقىۋېتىپ دەم ئېلىشىنى بۇيرىدى، خىزمەتچى ئىشىكنى تاقىۋېتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئىككى تاغار پۇلنىڭ بىر يېرىم تاغار پۇلنى تىقىپ قۇيۇپ قالغان يېرىم تاغار پۇلنى كۈتۈرۈپ ئارقا ھويلىدا ساقلاپ ئولتۇرغان زەرگەرنىڭ ئالدىغا قويدى.
زەرگەر خالتىنى ئېچىپ ئىچىدىكى پۇلغا قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدى، ئاندىن ئايلانغاندەك بولۇپ ئالدى-كەينىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن ھاجىغا دېدى :
- ھەممىسىنى ئالامدىم ؟
- ئېلىڭ، ئېلىڭ ، شۇنچە يىراقتىن ئاز جاپا بىلەن كەلمىدىڭىز، لاياقىتىڭىزدە بولمىدى، قالغىنى كۆڭلۈمدە بار...
- يۇقسۇ، يۇقسۇ ھاجىم ئاكا، سەت بولدى!- زەرگەر شۇنداق دىگىنىچە ئاغىزى قۇلىقىغا يىتىپ تاغاردىكى پۇلنى خۇددى ھازىرلا بىرسى تارتىۋالىدىغاندەك مەيدىسىگە چىڭ باستى.
- بۇندىن كېيىن يەنە ئېسىل ماللار قولىڭىزغا چۈشسە، ئۇدۇل مىنى ئىزدەڭ، ئەجىرىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن – دېدى ھاجى غادايغىنىچە ئۆزىنى كۆرسىتىپ.
زەرگەر خۇشاللىقىدىن ھاجىغا تۈزۈكمۇ خوش دىمەي چىقىپ كەتتى، ھاجى ئۇنى يولغا سېلىپ قۇيۇپ ئىشىك دەرىزىلەرنى مەھكەم تاقاپ بايامقى تىقىپ قويغان پۇللارنى ئېلىپ ساناشقا باشلىدى.
گىنېرال ھاجى بىلەن خوشلىشىپ توم كىتاپنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ يېشىل ئالماسنىڭ پەقەت ئافغانىستان تاغلىرىدىن كەمدىن كەم چىقىدىغانلىقىنى، بۇنداق چوڭلۇقتىكى يېشىل ئالماسنىڭ دۇنيادا پەقەت ئىككى تاللا بارلىقىنى بىلدى، لېكىن كىتاپتا بۇ ئالماسلارنىڭ نەدە ، كىملەرنىڭ قۇلىدا ئىكەنلىكى تولۇق قەيت قىلىنمىغان ئىدى.
ئاچكۆز گىنېرال كىتاپنى دەرھال يېپىپ قۇيۇپ ھەربىي فورمىسىنى كېيىپ ئالدىراپ ھاجىنىڭ دۇكىنىغا ماڭدى، چۈنكى ئۇنىڭ تويماس نەپسىگە بۇ ئالماسنىڭ يەنە بىرىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ بېقىش ئۇتى تۇتاشقان ئىدى.
گىنېرال ھەربىي ماشىنىسى بىلەن ھاجىنىڭ دۇكىنى ئالدىدا توختاپ شوپۇرىغا ئۆزىگە ساقلاپ تۇرۇشنى بۇيرۇپ خىزمەت سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە تاقالغان دۇكان ئىشىگىنىڭ يېنىدىكى ھەشەمەتلىك دەرۋازىنى قاقتى.
ھاجى ئۆينىڭ ئىچىدە پۇلنى ئەمدى ساناپ بۇلىشى ئىدى، ئۇ تۇيۇقسىز قېقىلغان ئىشىك ئاۋازىدىن پۇللارنى ئالدىراپ-سالدىراپ تاغارغا سېلىپ كارۋاتنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇپ يۈگۈرگىنىچە چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى.
ھاجى ئىشىك تۈۋىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان گېنېرالنى كۆرۈپ «پۇلنى ياندۇرۇۋالغىلى كەلمىگەن بولمىسۇن يانا» دىگەننى ئويلاپ قورقىنىدىن ئەرۋايى قىزىق گەز ئۆرلىدى.
- گىنېرال بۇ ...بۇ ...ئۆزلىرىمىدىلە...- دېدى ھاجى ئېغىزىدىكى تۈپۈكنى ئاران يۇتىۋېتىپ جىددىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرمەي – قېنى ئۆيگە كىرسىلە!
گېنېرال ئۇنىڭ ئۆزىدىن بەك چۇچۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ مۆرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قۇيدى، ھاجى بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ گېنېرالنى ئۇدۇل مېھمانخانىسىغا باشلاپ چاي ئەكىرگىلى مېڭىۋىدى ، گېنېرال ئۇنى توستى:
- بۇرادەر، بولدى ئاۋارە بولماڭ، كىلىشتىكى مەقسىتىم مۇنداق، بايامقى گۆھىرىڭىزگە قىزىقىپ قېلىپ ماتېرىيال ئاختۇرۇپ باققان ئىدىم، قارىسام ئۇنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلىك قىممىتى خېلى يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا ئۇنى سىزگە بەرگەن ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي دىۋىدىم...
گېنېرال شۇنداق دىگەچ خىزمەت سومكىسىدىن بىر قانچە باغلام ئامېرىكا دوللىرىنى چىقىرىپ ھاجىنىڭ قۇلىغا سۇندى. ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشەنگەن ھاجىنىڭ يۈرىگى ئورنىغا چۈشۈپ ئىچىدە خۇداغا مىڭ شۈكرى قىلدى، ئۇ دوللارنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ :
- ئالىيلىرى بۇنىڭغىمۇ بۇنچىلىك كاياپ كىتىش كىتەمدۇ، قارىسىلا سىلىنى، مىنى ئۆز كۆرمەيدىكەنلادە – دېدى ھاجى پۇلنى ئالغىلى ئۇنىماي.
- ئېلىڭ ، ئېلىڭ، ئۆيىڭىزگە بۇنداق قۇرۇق كەلمىسەم بۇلاتتى، بۇمۇ مىنىڭ كۆڭلۈم – دېدى گېنېرال بۇيرۇق تەلەپپۇزدا پۇلنى ئۇنىڭ قۇلىغا مەجبۇرى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ .
ھاجى ئۈستى-ئۈستىلەپ كەلگەن بۇ ئامەتلەردىن خوش بولۇپ گېنېرالنىڭ يېنىغا يېقىن كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى كۇسۇرلىدى، گېنېرال بېشىنى لىڭىشتىپ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى.
ئەتىسى ھاجى يىراق سەھرادىكى زەگەر ئۇستىنىڭ يۇرتىغا قاراپ سەپەرگە ئاتلاندى، بىر قانچە كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن ھاجى ھېلىقى زەرگەرنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئون نەچچە باغلام پۇلنى ئۇنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ مەخسىتىنى ئېيتتى، زەرگەر ياۋۇزبەگنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى، شۇنداقتىمۇ پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ياۋۇزبەگ كەلگەندە ئۇنى گېنېرالغا تۇتۇپ بېرىدىغانغا ھاجىمۇ ئاڭغىچە زەرگەرنىڭ ئۆيىدە ياۋۇزبەگنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغانغا مەسلىھەتلەشتى.
ياۋۇزبەگ مەلىكە بىلەن خوشلىشىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ھېلىقى بازارغا يىتىپ كەلدى، ئۇ ئادىتى بويىچە كونا چۆپقىتى بولغان زەرگەرنىڭ ئىشىگىنى يىنىك چەكتى. زەرگەر ئىشىكنى ئېچىپ ياۋۇزبەگنى كۆرۈپ ئىنتايىن جىددىلىشىپ يۈرىگى باشقىچە سېلىپ كەتتى، زەرگەر بىر تۇرۇپ يەنە كۆڭلىدە ئۇنىڭ بۇيەرگە مەڭگۈ كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتى ئەمما پۇلنىڭ شەيتىنى ئۇنىڭ ئىمانىدىن غالىب كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاجىنىڭ كۆرسەتكەن پىلانى بويىچە ياۋۇزبەگنى ئۈيىگە چىڭ تۇتتى، ياۋۇزبەگ ناھايىتى ئەخلاقلىق كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلايدىغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم زەرگەرنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلالماي ئۇنىڭ ئۈيىگە كىرىپ دۇئا ياندۇرۇپلا چىقماقچى بولدى.
ياندىكى ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى مۈشۈكتەك مارىلاپ تۇرغان ھاجى ئىشكتىن كىرگەن بۇ يۇچۇن ئادەمنىڭ تەققى تۇرقى زەرگەر تەسۋىرلەپ بەرگەن يېشىل ياقۇتنىڭ ئىگىسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلپ دەل ساقلاۋاتقان ئادىمىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى.
ياۋۇزبەگ دۇئانى ياندۇرۇپ قوپۇشقا تەمشەلگەندە ھاجى ئالدىراپ كىرىپ كەلدى، ئۇ ياۋۇزبەگ بىلەن ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۆزىنى زەرگەرنىڭ يىراق نەمەنگاندىكى تاغىسى ئىكەنلىكىنى ئاتىسىنىڭ بېشىنىڭ مۇشۇ يۇرتتا ئىكەنلىكىنى قەبرە بېشىنى يوقلاش ئۈچۈن ئاتايىن يىراق يەردىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلدى.
- كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا ئاكا، ئاللاھ بىزدىكى بۇ ئامانەتنىمۇ ھامان بىر كۈنى ئېلىپ كىتىدۇ، يېقىنىدىن ئايرىلمىغان كىم بار، سەۋر قىلسىلا...- دېدى ياۋۇزبەگ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن نەمەنگانلىق بۇ كىشىگە تەسەللى بىرىپ.
- شۇنداق ئۇكام، ئېيتقانلىرى توغرا، لېكىن ئادەم دېگەن ھۆل نەرسىكەن، ياش چوڭايغانسېرى مۇشۇنداق باغرى سۇنۇق بولۇپ قالىدىكەن، ئالدىلىرىدا سەت بولدى ئۇكام،– ھاجى شۇنداق دىگىنىچە كۈزىدىكى ياشنى قولياغلىق بىلەن سۈرتكەچ كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا زەرگەرگە قاراپ قويدى. ئاڭغىچە زەرگەر ياۋۇزبەگكە چاي دەملەپ ئەكىرمەكچى بولۇپ سىرىتقا ماڭدى، ياۋۇزبەگ بۇنى كۆرۈپ قوپۇشقا تەمشىلىۋىدى، نەمەنگانلىق بۇۋاي ياۋۇزبەگنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى ئورنىدىن قوپقىلى قويمىدى.
- توۋۋا ئۇكام، بىر پىيالە چاي بولسىمۇ ئىچىپ مېڭىڭ، كۈزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىۋىدىڭىز ئەتنىڭ ياقى سىزگە دەرد تۈكۈپ يىغلاپتىمەن، بىر ئاز تەخىر قىلىڭ، سىزگە بىر پىيالە بولسىمۇ چاي تۇتاي – نەمەنگانلىق كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە چىكەتكەن زەرگەرگە ئۈنلۈك توۋلىدى – ھاي ئۇكام، ئاۋۇ دەرىزىگە ئېلىپ قويغان بوغچىدا نەمەنگاننىڭ دورىلىق چېيى بار ئىدى، مىھمانغا شۇنى بىر دەملەپ ئاچىققىنا...توختىغىنا بولمىسا ئۆزەم چىقاي!
نەمەنگانلىق كىشى ئالدىراپ كالىچىنى سېپىپ ئۆزى تۇرىدىغان ھوجرىغا كىرىپ سومكىسىدىن كىچىك بىر شىشە قۇتىنى ئالدى ئاندىن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ چاي دەملەيدىغان چەينەكنىڭ ئىچىگە قۇلىدىكى شېشىدىكى دورىدىن ئىككى-ئۈچ چىمدىم سالدى. ھاجىنىڭ بۇ ئىشلىرىنى كۆرۈپ زەرگەرنىڭ قورقىنىدىن چىرايىدا قان قالمىدى، ئۇ چەينەكنى پەتنۇسقا سېلىپ مېڭىۋىدى، قۇلى تىتىرەشكە باشلىدى، بۇنى كۆرگەن ھاجى ئۇنىڭغا تازا بىر ئالىيىپ قۇيۇپ پەتنۇسنى ئۆزى ئېلىپ ماڭدى.
ئۇ ياۋۇزبەگنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۈچ پىيالىگە چاي قۇيدى، ئاندىن ياۋۇزبەگكە قاراپ :
- ئېلىڭ ئۇكام، بىز تەرەپلەرگە بېرىپ قالسىڭىز مەندەك بىر غېرىب ئاكىڭىزنى يوقلاپ ئۆتەرسىز، مەندەك بىر مۇساپىرنىڭ تۇتقان چېيىنى ئۇنتۇپ قالماسسىز ئۇكام...- نەمەنگانلىق شۇنداق دىگەچ يەنە كۆزىگە ياش ئېلىپ مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
ياۋۇزبەگ مېڭىشقا ئالدىرايتتى، بىراق ئالدىدىكى ناتۇنۇش ئادەمنىڭ يىغىسى ئۇنى چاي ئىچىپ مېڭىشقا دەۋەت قىلاتتى، ياۋۇزبەگ ناماز شامنىڭ قىستاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ پەتنۇستىكى ئۆزىگە تەۋە چاينى بىر ئوتلاپلا كۆتۈرۈۋېتىپ ساھىبخاندىن مېڭىشقا ئۆزرە سورىدى. زەرگەر بىر ئاز تەكەللۇپ سۆزى قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلدى، ياۋۇزبەگ نەمەنگانلىق بىلەن خوشلىشىپ زەرگەر بىلەن دۇكان ئۆيگە كىرىپ كەتتى، بۇ قېتىم ياۋۇزبەگ ئالتۇن تىللا ئالغاچ كەلگەن بولۇپ زەرگەر ئۇنىڭ قۇلىدىكى پارقىراپ تۇرغان تۆت-بەش تال ئالتۇن تىللانى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچىلغاندەك بولدى، ئۇ تەڭگىلەرنى قۇلىغا ئېلىپ بىرمۇ بىر پۈۋلەپ باققان بولدى، دەل مۇشۇ پەيتتە ياۋۇزبەگنىڭ ئىچكەن ئۇيقۇ دورىسى كۈچىنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ پۇت-قۇلىنى بوشىتىشقا باشلىدى، ياۋۇزبەگ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي دۇكان ئۆيدىكى كارۋاتتا ئېغىر تىنغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئىچكىنى ئۇيقۇ دورىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ئۇنى مۇشۇ ئوخلاتقىنىچە بىر كېچە كۈندۈز ئۇخلىتالايتتى. ياۋۇزبەگنىڭ بېشى قېيىپ، پىشانىسى تەرلەشكە باشلىدى، ئاخىرى كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كارۋاتقا ئۆزىنى قويىۋەتتى.
زەرگەرنىڭ قورققىنىدىن قۇلىدىكى ئالتۇن تىلالىرى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ يۈگۈرگىنىچە ھاجىنىڭ يېنىغا چىقىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى، ھاجى دۇكان ئۆيگە كىرىپ ياۋۇزبەگنىڭ كۆز قاپىقىنى ئېچىپ قاراپ بېقىپ دورىنىڭ راستىنلا كارامىتىنى كۆرسەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
ئاندىن ئۇ دەرھال نېپىز چاپىنىنى كىيىپ چاپاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ گېنېرال يېزىپ بەرگەن رۇسچە تۇنۇشتۇرۇش خېتىنى قۇلىغا ئېلىپ يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى، ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە بۇ بازارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل ئەسكەرلەر تۇرۇشلۇق ئەترەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان رۇس ئەسكىرىگە تونۇشتۇرۇشنى بەردى، ئەسكەر تونۇشتۇرۇشنى ئۇقۇپ ھاجىنى دەرھال ئىشخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى باشلىقىنىڭ ياتىقىغا باشلاپ ئاچىقىپ خەتنى باشلىقىغا بەردى، باشلىق خەتنى چىراغقا تۇتۇپ ئوقۇغاندىن كېيىن دەرھال پۈشتەك چېلىۋىدى، ئوتتۇز-قىرىقچە قۇراللىق رۇس ئەسكىرى يەردىن ئۈنگەندەك پەيدا بولۇپ سەپكە تىزىلدى، باشلىق ھاجىغا ئىشارەت قىلدى، ھاجى ئۇلارنى باشلاپ زەرگەرنىڭ ئۈيىگە ئۇچقاندەك يۈگۈردى.
ياۋۇزبەگ ئويغانغاندا ئۆزىنىڭ پۇت- قۇلىنىڭ كىشەنلەنگەن ھالدا توك ياندۇرۇلغان بىر ئۆيدە تۆمۈر ئۇرۇندۇققا زەنجىر بىلەن مەھكەم باغلانغانلىقىنى كۆردى. ياۋۇزبەگ ھەربىي ماشىنا بىلەن ئاستانىگە يالاپ ئەكېلىنىش جەريانىدا چاتاق چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەربىي دوختۇر ئۇنىڭغا يول بۇيى ئۇيقۇ دورىسىنى ئوكۇل قىلىپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندا ئىسىنى ئوبدان يېغىلمايۋاتاتتى.
- بۇ قەيەر؟
ياۋۇزبەگ غەزەپ بىلەن ۋارقىردى.
- بۇ دېگەن رۇسلارنىڭ تۈرمىسى جانابى باش سانغۇن! – دېدى ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان گېنېرال مۇكەممەل تۈركمەن تەلەپپۇزىدا.
ياۋۇزبەگ مۇشۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئىككى مۇناپىق تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئويلاپ يىتىپ قىلغان ئىشىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى، مەلىكىنىڭ ھازىر نېمە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى خىيال قىلىپ كۆز ئالدىنى قاراڭغۇلۇق باستى، ئۇ ئاچچىقتىن ۋارقىردى :
- سەنلەرگە نېمە لازىم، مىنى قۇيىۋېتىش !
- بىزگە لازىمى خاندانلىق غەزىنىسىدىكى ئەشۇ بايلىقلار ياۋۇزبەگ! ئاخشاملا ئادەملىرىنىڭ سىنى بىزگە تۇنۇپ بىرىپ ئەھۋالىڭنى يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە ئېيتىپ بەردى، ئاڭلىساق غەزىنىدىكى بايلىقنى تەقسىملەشكە سەن ئۆزۈڭ باش بولۇپسەن، سەن ئۈزەڭگە بىرتال تەڭگىمۇ قالدۇرماي تارقىتىۋەتكەنسىمۇ؟ بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ، راستىنى ئېيت! – گېنېرال سېرىق بۇرۇتىنى لىكىلدىتىپ ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلدى.
- تولا جۆيلىمە ! مەن سەندەكلەردەك پەس ئەمەسمەن!
- ئۇنداق بولسا بۇ يېشىل ئالماسنى نەدىن تاپتىڭ؟
ياۋۇزبەگ ئۆزىنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى، مەلىكە كىچىگىدىن باشلاپ ئالتۇن-جاۋاھىراتلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئالماسنى تاش ئورنىدا كۆرەتتى، ياۋۇزبەگ كىچىگىدىن ئاددى –ساددا ياشاپ كەلگەچكە ئالماسنىڭ نېمىلىكىگە قىزىقمايتتى، ئۇ كېيىن ئالماس توغرىلىق خېلى بىرنەرسە ئۈگەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنى قۇلىغا ئېلىپ كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئىككىسى ھاياتىدىكى بۇ خاتا قەدەمنى بېسىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلىكىنىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلاپ قالغاچقا ياۋۇزبەگ مۇشۇ تاپتا مەلىكىنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق تىت-تىت بولۇپ كىتۋاتاتتى.
- ئەي رۇس ئەمەلدارى، گىپىمگە ئىشەنگىن، خەزىنىدىكى بايلىقنى مىنىڭ تارقاتقىنىم راست، لېكىن قۇلۇمدا ئۇنچە زور بايلىق يوق، مىنى قويۇۋەتكىن، قۇلۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي! – دېدى ياۋۇزبەگ ناھايىتى زەردە بىلەن گىنرالنىڭ شۇملۇققا تولغان چىرايىغا قاراپ.
- ھىم، ساڭا ئىشەنگەنمۇ بۇلاي، ئۇنداقتا سىنىڭ قولۇڭدا زادى نىمىلەر بار؟
- مىنىڭ قۇلۇمدا بارى كۆپ ئەمەس، لېكىن مەندە بارىنىڭ ھەممىنى ساڭا بېرەي، مىنى تىز قويۇۋەتكىن!
- ئۇنداقتا سەن ئالدى بىلەن ئۇلارنى نەگە يۇشۇرۇپ قويغانلىقىڭنى ئېيت، ناۋادا دېگەنلىرىڭ راست بولۇپ چىقسا، سەندەك بىر چۈپرەندىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ماڭا ئۈنچە زۆرۈرمۇ ئەمەس، قېنى ئېيتە!
- ھەي رۇس ئەمەلدارى، مەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلاي، مىنى قويۇۋەتكىن، ساڭا لازىمىنى مەن ئەكىلىپ بېرەي!
- مىنى كىچىك بالا چاغلاپ قالغان ئوخشايسەن باش سانغۇن، بۇپتۇ تېرىغىنىڭنى ئورىغىن!
گېنېرال يېنىدىكى رۇس سوراقچىلىرىغا ئىشارەت قىلدى، ئۇلار گۆركىرەپ كۆيىۋاتقان چوڭ بىر مەشنى كۈتۈرۈپ ئەكىرىپ ئىچىگە چوڭ بىر ياپىلاق تۆمۈر پارچىسىنى سېلىپ قىزدۇرۇشقا باشلىدى، تۆمۈر پارچىسى قىززىغىنىدىن ئوتقاشتەك قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى، سوراقچى ئۇنى ئۇزۇن بىر لاخشىگىر بىلەن قىسىپ ئېلىپ ياۋۇزبەگنىڭ بەدىنىگە ياقماقچى بولدى. مۇشۇ چاغدا گېنېرال سوراقچىنى توختىتىپ ياۋۇزبەگدىن قايتا سورىدى:
- ياۋۇزبەگ، بۇ يەردىن ئەمدى ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇ، ھەرگىز تىرىكىڭ چىقالمايدۇ، گۆشۈڭ كاۋاپ بولۇپ ئۆلگەندىن كۈرە، راست گىپىڭنى دىسەڭ بولمامدۇ؟
- ئارىلىقىمىز يىراق ئىكەن ، ھەي ئەمەلدار! سەن ماڭا ئىشەنمىدىڭ، بۇپتۇ تەقدىرىم شۇنداق ئىكەن، قۇلۇڭدىن كېلىدىغاننى قىل !
سوراقچى گېنېرالنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ياۋۇزبەگنىڭ ئۈستىۋېشىنى يالىڭاچلاپ قىزىق تۆمۈر پارچىسىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ياقتى. ۋاششىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ مەيدىسىدىن ئاپئاق بۇس كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ئۆي ئىچىنى كاۋاپ ھىدى قاپلىدى، ياۋۇزبەگ دەھشەتلىك ئاغرىق ئازابىدىن « ئاللاھۇ ئەكبەر! » دەپ ۋاقىرىغىنىچە ھۇشىدىن كەتتى.
ياۋۇزبەگ كۈيۈك ئازابىدىن قاتتىق ۋاقىرغان شۇ دەقىقىدە ياۋۇزبەگنىڭ يۇلىغا قاراپ يىغلاپ ئېلشىپ قالاي دېگەن مەلىكىمۇ قورسىقىنى تۇتقىنىچە «ۋايجان» دەپ توۋلاپ ئولتۇرغان قۇرام تاش ئۈستىدە يېتىپلا قالدى، يېنىدىكى قارا بويناق مەلىكىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىنى تاشلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۈنلۈك قاۋاشقا باشلىدى. ئىنىك ئانا قارا بويناقنىڭ ھاۋشىغىنىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ بىچارە مەلىكىنىڭ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدى-دە ئۇنى ناھايىتى تەسلىكتە يۈلەپ ئۆيگە ئەكىردى.
سوراقچىلار بىر چېلەك سۇنى ھۇشىدىن كەتكەن ياۋۇزبەگنىڭ يۈزىگە چاچتى، ئۇ ھۇشىغا كەلدى. گېنېرال ئۇنىڭدىن گەپ سورىدى، ياۋۇزبەگ ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. سوراقچىلار يەنە قىزىق تۆمۈر پارچىسىنى ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىدى، ئۇ يەنە ھۇشىدىن كەتتى....سوراقچىلار ئۇنى مۇشۇ تەرزدە بىر كېچە-كۈندۈز قىينىدى، ئۇنىڭ بەدىنىدە تەڭگىچىلىك ساق يەر قالمىدى...لېكىن ئۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن باشقا ھېچقانداق گەپنى قىلغىلى ئۇنىمىدى.
ئامراق يۆلەنچۈكى ياۋۇزبەگدىن ئايرىلغان مەلىكىمۇ ساق بىر كېچە-كۈندۈز تولغاق ئازابىدىن قىينىلىپ چىقتى، ئىنىك ئانا ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇپ پەرۋانىدەك چۆرگىلەيتتى، توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى.
ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئالەمنى قاراڭغۇلۇق بېسىشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز ئۆينىڭ ئىچى كېچىدەك بولۇپ كېتىپ ئىنىك ئانا بىر نەرسىنى ئوبدان كۈرەلمەي چىراغ يېقىشقا مەجبۇرى بولدى، دەل مۇشۇ چاغدا مەلىكە قاتتىق بىر تولغاق تۇتۇش بىلەن ئاخىرى بىر سىمىز بۇدرۇق ئوغۇلنى توغدى، بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى،قاراڭغۇلۇقمۇ تەدرىجىي يوقىلىپ ئالەم يورۇشقا باشلىدى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىغىسى پۈتۈن تاغ تورانى بىر ئالدى، تاغ شامىلى بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى قىيا-جىلغىلاردىن ئاتلىتىپ ھۇشسىز ياتقان ياۋۇزبەگنىڭ قۇلىقىغا بىلىنەر-بىلىنمەس ئاڭلاتتى.
ياۋۇزبەگ ئوغلىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ ئاستا-ئاستا ھۇشىغا كەلدى، ئۇ بالىسىنىڭ يىغا ئاۋازىدىن كۈلۈپ كەتتى...
گېنېرال سوراقخانىغا كىرىپ كەلدى.ئۇ كېچىدىن ياۋۇزبەگنى سۇراق قىلىمەن دەپ تۈن يېرىمغىچە بۇ يەردە تۇرغاچقا كۆزلىرى ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزىرىپ قاپاقلىرى تومپىيىپ كەتكەن ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ بەئەينى بىر كۆزىگە قان چۈشكەن چوشقىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ياۋۇزبەگ ھېلىمۇ تۆمۈر ئۇرۇندۇقتا زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلىنىقلىق تۇراتتى .گېنېرال شۇنداق قاۋۇل بەدەنلىك ياۋۇزبەگنىڭ بىر كېچىدىلا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق بىر ھالەتكە كىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ھەم ئۇنىڭ كۈيۈپ كاۋاپ بولۇپ كەتكەن تىنىدىن يىرگەنگەندەك بولدى. سوراقچىلار گېنېرالغا بېشىنى چايقاپ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جاۋاب چىقمىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
گېنېرال ياۋۇزبەگنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇيۇقسىز بىر گەپنى قىلدى :
- باش سانغۇن، مەلىكە كۈن چېچەكنى سىز بىلەن بىرگە بۇلىشى مۇمكىن دېگەن خەۋەر بۈگۈن سەھەردە قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى بۇ راستما؟
ياۋۇزبەگنىڭ قورققان ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى، ئەمدى ئۇ مەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئىشلارمۇ بارغانسېرى يامانغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتاتتى.
- ئەگەر مەن... بايلىقنى نەگە يوشۇرغانلىقىمنى... دەپ بەرسەم... راستىنلا... مىنى... قۇيۇپ بېرەمسەن...؟
ياۋۇزبەگنىڭ ھەر بىر ئېغىز گىپى ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن ئاران چىقاتتى. شۇڭا ئۇ ياۋۇزبەگنىڭ پەس ئاۋازدىكى گېپىنى ئوبدان ئاڭلىيالمىدى.
- نېمە دېدىڭ يەنە بىر دىگىنە؟
- بايلىقنىڭ.. ئورنىنى... دەپ بەرسەم... راستىنلا... مىنى قۇيۇپ...بېرەمسەن...؟
گېنېرال ئۇنىڭ ئاخىرى گەپكە كىرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇ كۆڭلىدە «سىنى مۇشۇ سېسىغان تىنىڭ بىلەن قۇيىۋەتسەممۇ قۇيىۋەتمىسەممۇ ئەتىگە قالماي بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىسەن، ھەي بىچارە بايقۇش» دىگەننى ئويلاپ ئۇنىڭ ئاخماقلىقىدىن كۈلۈپ كەتتى.
- ئەلۋەتتە قۇيۇپ بىرىمەن، قېنى ئېيتە!
- گىپىڭ...راستمۇ...؟
- راست بولمامدىغان...راست!
- ماڭا...بىر يۇتۇم...سۇ ...
- ئۇنىڭغا سۇ بىرىڭلار!
ياۋۇزبەگ سۇنى ئېغىزىغا ئالالمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بوينىنى ئالدىغا ئىگىلەلىگۈدەك ياكى ئېغىزىنى چوڭراق ئاچالىغۇدەك ماغدۇرىمۇ قالمىغان ئىدى.گېنېرال سوراقچىلارغا زەنجىرنى ئازراق بوشۇتۇپ قۇيۇشقا ئىشارەت قىلدى، چۈنكى گېنېرال ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئەمدى گەپ ئالاي دەپ تۇرغاندا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز نەپەستىن قېلىشىنى خالىمايتتى.
سوراقچىلار ئۇنى ئازراق بوشىتىپ قويدى، ياۋۇزبەگ ئەمدى بوينىنى بوشراق سۇزۇپ سۇنى ئاغىزىغا ئېلىپ بىر قانچە يۇتۇم يۇتالىدى.
- سۆزۈمنى ... ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار...جەنۇبىي چېگرادىكى...خان يايلىقىنى...بىلەمسىلەر...؟
ياۋۇزبەگنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى چۈشۈپ كەتتى.
گىنىرال ئۇنى ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قېلىپ جىددىيلەشكىنىچە دەرھال دوختۇرغا ئادم چىقارتتى.
- ياۋۇزبەگ غەيرەت قىلىڭ، گېپىڭىزنىڭ ئاخىرىسىنى دەڭ! – دېدى گېنېرال ياۋزبەگنىڭ ئېغىزىغا قۇلىقىنى يېقىن ئەكىلىپ.
- خان يايلىقىدا...بىر قەدىمىي... مازار بار...
- شۇنداق، شۇنداق ، كونا بىر مازار بار...
- شۇ مازارنىڭ...غەربىدە...نېرىسىدا...
گېنېرال نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي قۇلىقىنى ياۋۇزبەگنىڭ ئېغىزىغا چاپلىغانچىلىك قىلدى:
- باش سانغۇن ، مازارنىڭ غەربىدىكى قەيەردە؟
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ياۋۇزبەگ تۇيۇقسىز شۇنداق بىر كۈچكە كىلىپ بېشىنى ئالدىغا سۇنۇپلا خۇددى بۆرە ئولجىسىنىڭ ئەجەللىك بوينىنى ئېلىۋالغاندەك توڭغۇز گېنېرالنىڭ گېلىنى ئاغىزىغا كاپپىدە ئېلىۋالدى-دە بار كۈچى بىلەن قاتتىق چىشلەپ قاۋاننىڭ پوكىنىنى قويىۋەتمىدى، دەقىقە ئىچىدە گېنېرالنىڭ قۇلىدىكى تاپانچا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ئىككى قۇلى بوغۇزلانغان كەپتەرنىڭ قانىتىدەك ھاۋادا تىتىرەپ لەيلەشكە باشلىدى، ياۋۇزبەگ ئەسلىدە بىر چىشلەشتىلا گېنېرالنىڭ بۇيۇن ئارتېرىيىسىنى ئۇزىۋەتكەن بولغاچقا ئاخماق گېنېرال يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن يېشىل ئالماسقا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي جان تەسلىم قىلغان ئىدى. ياندىكى سوراقچىلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي يەردىكى تاپانچىنى ئېلىپلا ياۋۇزبەگنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئوق ئاتتى...
ياۋۇزبەگ ئوق ئاۋازدىن چۇچۇپ يانغا قارىۋىدى، مەلىكە كۈن چېچەك ئىشىك تۈۋىدە ئۇنىڭغا قاراپ قۇلىنى سۇنغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپتۇ، ئو ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا باردى، مەلىكە ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى، ياۋۇزبەگ خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مەلىكىنى توغرىسىغا كۆتۈرۈۋالغىنىچە بۇيەردىن يىراقلاپ كەتتى...
ياۋۇزبەگنىڭ چېكىسىدىن شىرىلداپ چىققان قىپقىزىل قان ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدىن ئېقىپ شېھىتنىڭ پۈتۈن بەدىننى يۇيۇپ چىقتى ئاندىن پۇت بارماقلىرى ئارىسىغا كىلىپ بىردەم توختاپ شېھىت بىلەن ۋىدالاشقاندىن كېيىن ئۇدۇل شېھىت دەسسىگەن تۇپراققا سىڭىپ كەتتى.
ئوق ياۋۇزبەگنىڭ چېكىسىدىن تىشىپ كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ چېكىسىدىن بۇقۇلداپ قان ئېقىشقا باشلىغان مۇشۇ پەيتتە مەلىكە كۈن چېچەكمۇ ئۆزىدىن ئىسسىق بىر نەرسىنىڭ مېڭىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى، ئۇنىڭ يۈرىگى ئۆرۈلۈپ نەپەسلىنىشى قىينالدى، ئىنىك ئانا مەلىكىدىن تۇيۇقسىز كۆپلەپ قان چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەس-ھۇشىنى يۇقاتتى، چۈنكى تۇغۇتتىن كېيىنكى بۇنداق قاناشتا ھېچقانداق ئانا ساق قالالمايتتى، مەلىكە ئۆزىنىڭ بارغانسېرى بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىنىك ئانىنى چاقىردى:
- ئانا...مەن بولالمىدىم...
ئىنىك ئانا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
- جېنىم قىزىم ...
- ئانا ...ياۋۇزبەگ مىنى چاقىرىۋاتىدۇ...
- ھەئە، بالام...
- ياۋۇزبەگنىڭ... بالىنىڭ ئىسمىنى پاششاخان قويغۇسى بار ئىدى...
- شۇنداق بالام...
ئىنىك ئانا يامغۇر كەبى ياش تۆكەتتى.
- ئەمدى يىغلىماڭ ئانا...مەندىن رازى بۇلۇڭ...
- مىڭ مەرتىۋە رازى بالام...مەن يىغلىمىدىم...
- بېشىمدىكى قۇرئان بىلەن ...ئاۋۇ يەردىكى ...تاجنى ئەكىلىپ بېرىڭ...
ئىنىك ئانا قۇرئان بىلەن خانلىق تاجنى مەلىكىنىڭ قۇلىغا تۇتقازدى، مەلىكە بارغانسىرى ئۈستىگە تىنىپ چىرايى سۈتتەك ئاقىرىشقا باشلاپ ياتقان يىرى پۈتۈنلەي قانغا توشتى. ئۇ ناھايىتى تەسلىكتە يېنىدىكى چىۋەككە ئورالغان بالىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننى قۇيۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجنى قويدى ئاندىن ئىنىك ئانىسىدىن بوينىدىكى تۇمارنى ئېلىپ تاجنىڭ ئۈستىدە قۇيۇپ قۇيۇشنى ئېيتتى. مەلىكە ناھايىتى پەس ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى.
- مەن... تۈركمەن خانلىقنىڭ پادىشاھى بولۇش...سۈپىتىم بىلەن...ياۋۇزبەگ ئوغلى...پاشاخاننى...خاندانلىقنىڭ ...خانى بولۇشىنى جاكارلايمەن...
مەلىكىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ گېپىنىڭ ئايىغىنى دېيەلمىدى.
تاغ شامىلى ئىشىكنى غىچىرلىتىپ ئاچتى، مەلىكە كۈزىنى تەسلىكتە ئېچىپ ئىشىككە ئاخىرقى قېتىم قارىۋىدى ئىشىك ئالدىدا ياۋۇزبەگنىڭ ئاپتاپتەك كۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، مەلىكە ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان ئوماق ئوغلىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ ياۋۇزبەگكە ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالدى، ياۋۇزبەگ ئۇنى خۇددى بۇرۇنقىدەك توغرىسىغا كۆتۈرۈۋالدى، مەلىكە كۈلگىنىچە ياۋۇزبەگنىڭ قۇلىقىغا ئىنىك ئانام بار دەپ ئاستا پىچىرلىدى، ياۋۇزبەگ ئىككى يانغا قارىۋېتىپ كەينىگە كىرىۋالغان قارا بويناقنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش بىر قۇلى بىلەنلا باغلاپ قۇيۇپ مەلىكىنى كۆتۈرگىنىچە تاغنىڭ يۇقىرىسىدىكى يېشىل چىمەنلىككە ئېلىپ چىقىپ چېكەتتى...
يەتتىنچى باب: ئىنىك ئانا
1941-يىلىدىن كېيىنكى سوۋېت مۇستەملىكىسىدىكى تۈركمەنىستان
ياۋۇزبەگ بىلەن مەلىكە كۈنچېچەك ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى پاششاخاننى بۇ ئادالەتسىز دۇنياغا تاشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇنيادىن خوشلاشقان كۈنىدە، كۈن بىلەن ئاي بىر يەرگە كىلىپ زىمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان يەنى تۈركمەنىستان زىمىنىدا كۈن تۇتۇلغان بۇ كۈندە تاغ قاپتىلىدىكى ئورمانلىقتا بۇ بالا دۇنياغا كەلدى.
ئىنىك ئانا جېنىدىن ئېزىز كۆرىدىغان قىزى كۈنچېچەكنىڭ مېيىتى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن بۇۋاقنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۈمەنمىڭ جاپالار بىلەن تاغدىن چۈشۈشكە مەجبۇرى بولدى، ئانىسىنىڭ ئىسسىق ئوغۇز سۈتىنى ئېغىزىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بۇ بوۋاق ئاچلىقتىن ئىڭراپ يىغلايتتى...ئاللاھ شۆبھىسىزكى ناھايىتى قۇدىرەتلىك ئىدى، سۇسىز چۆلدە يۇمران گىياھنى ئۈندۈرگەن بۇ زات بۇ يېگانە بوۋاقنىڭ بۇ دۇنيادىكى رىسىقىنى تېخى ئۈزمىگەندەك قىلاتتى.
ئىنىك ئانا بوۋاقنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاللاغا زور ئۈمىد باغلاپ ئۆزىنىڭ كۆكسىنى بىچارە بوۋاقنىڭ ئاغىزىغا سالدى...
بوۋاقنىڭ زېمىندىن كەتكۈسى يوق ئىدى، ئۇ بار كۈچى بىلەن ئىنىك ئانىنىڭ كۆكسىنى شورىدى، ئۇلۇغ ئاللاھ بوۋاققا ئىلتىپات قىلدى، ياشتا چوڭ ئىنىك ئانىنىڭ كۆكسى تومۇرلىرى سىيقىرغاندەك بولۇپ بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى پەسەيدى، گەرچە ئىنىك ئانىدىن بۇلدۇقلاپ ئاق سۈت ئېتىلىپ چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن سۈتكە ئوخشايدىغان بىر خىل ئېقىش سۇ ئۇنىڭ كۆكسىدىن بوۋاقنىڭ ۋۇجۇدىغا ئاقتى، بوۋاقنىڭ تەشنالىقى قاندى...
ئىنىك ئانىنىڭ مىنىپ ماڭغۇدەك ئۇلىغى بولمىغاچقا تاغدىن پىيادە چۈشۈشكە مەجبۇرى بولغان ئىدى، ئۇنىڭ پۇتلىرى قاپىرىپ تاپانلىرى يېرىلدى، ئۆشنىسىگە ئارتىۋالغان ئېغىر بوخچا بىلەن قۇچىقىدىكى يېڭى جان ئۇنىڭ ياشانغان تېنىنى ئىگىپ ئالدىغا بىر قەدەم ئالالماس قىلىۋەتكەن ئىدى لېكىن قىزى كۈنچېچەكنىڭ ئۆلۈمى ھەم ئۆزىنىڭ بوۋاققا بولغان ئانىلىق مېھرى ئۇنىڭغا چەكسىز كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، ئۇ لىۋىنى چىشلەپ خەتەرگە تولغان قىيا-جىلغىلاردىن ئېشىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى، قارا بويناق گاھىدا ئۇلارنى قوغداپ گاھىدا ئۇلارغا يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدى. مانا مۇشۇنداق نەچچە كۈنلۈك جاپا مۇشاققەتلىك تاغدىن چۈشۈش سەپىرىدىن كېيىن ئىنىك ئانا ئاخىرى ھالسىزلانغان ھالدا ھېلىقى بازارغا كىرىپ كەلدى.
ئۇ زەرگەرنىڭ كىملىكىنى ئىلگىرى ياۋۇزبەگدىن ئاڭلىغاچقا ئۇدۇل زەرگەر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى لېكىن ئىنىك ئانا ئىشلارنىڭ بۇنچە ئاددى ئەمەسلىكىنى بىلەتتى چۈنكى ياۋۇزبەگنى رۇس قۇراللىق كۈچلەر تۇتۇۋالمىسا ئوغرى-قاراقچىلار ياكى خەتەرلىك تاغ يولى ئۇنىڭغا ھېچنىمە ئىدى.
شۇڭا ئۇ بىريەرگە چۈشۈپ ئارام ئالماقچى بولدى، ياتاق-دەڭلەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىخەتەر ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆشنىسىدىكى بوخچىدا ھىساپسىز بايلىق يۇشۇرۇنغان، ئۇ بۇ بايلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەقىدىسى بويىچە قۇچىقىدىكى بوۋاق بالىغا شۇنداقلا خاندانلىقنىڭ يېڭى خانىغا ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
ئۇ ھالسىز قەدىمى بىلەن بازارنىڭ ئىچىدىكى كۆڭلى تارتقان بىر ئۆيگە كىرىپ پانالىق تىلىدى، ئۆي ئىگىسى باغرى يۇمشاق ئادەم بولغاچقا ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ ئېھسان قىلدى.
ئەتىسى بامدات ۋاقتى بىلەن پۇت-قۇلى تېلىپ ماڭالمىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىنىك ئانا ئاغرىق ئازابىغا چىداپ ئۆي ئىگىسى بىلەن خوشلىشىپ رەستىگە چىقتى ئۇ ئالدى بىلەن يۈرىكىگە تاشنى قۇيۇپ ئۆزىگە ئەگىشىۋالغان نەسىللىك قارا بويناقنى كۆزىگە ياش ئالغىنىچە ئۆتكۈنچى بىر ئادمگە بىرىۋەتتى، ئاندىن بۇۋاقنى قۇچاقلىغىنىچە مەسچىت تەرەپكە بېرىپ ناماز بامداتتىن يانغان كىشىلەرنىڭ چىقشىنى كۈتۈپ تۇردى.
كىشىلەر مەسچىتتىن يانغاندا ئىنىك ئانا جامائەتنى ئالدىنى تۇسۇپ قۇچىقىدىكى بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئانىسىنىڭ تۇغۇتتا تۈگەپ كېتىپ مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالغانلىقىنى بولسا يېڭى تۇغۇتلۇق بىرە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خەيرى-ئېھسان قىلىشىنى ئۈتۈندى.
جامائەتنىڭ بىردەك ئىنىك ئانىغا ئىچى ئاغرىشتى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچەيلەن ئۆيىدە قىزى ياكى كېلىنىنىڭ يېڭى تۇغۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئېنىك ئانىنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىشتى. ئىنىك ئانا خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىپ ئۇلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۈرۈش-تۈرۈشى پاكىزە سالاپەتلىك بىرەيلەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە يىتىپ بارغۇچە ئىنىك ئانا ئۇيەر-بۇيەردىن گەپ قىلغان بولۇپ بۇ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئىگىلەپ كۆڭلى ئەمىن تاپتى، چۈنكى خانلىق دەۋرىدە خانلىقنىڭ شاھزادىسىنى ياكى مەلىكىسىنى ئېمىتمەكچى بولغان ئايالنىڭ يەتتە ئەجداد نەسەبى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ ئىنىك ئانىنىڭ ئالىي نەسەبلىك بۇلىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيتتى، ئىنىك ئانا گەرچە ئۇنچىلىك تەپسىلى سۈرۈشتە قىلالمىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ كىشنىڭ نەچچە ئەۋلاد تىۋىپ ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى ئايالىنىڭمۇ كونىدىن –كونا دىندار ئائىلىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى بىلىپ ئالەمچە خۇشال بولدى.
ئۇلار ئۆيگە كەلگەندە قۇياش ئەمدى ئۇپۇقتىن بېشىنى كۆتۈرگەن بولۇپ ئازادە ھەم پاكىزە ھويلا كىشىگە بىر خىل مېھرى ئىسسىقلىق تۇيغۇسىنى بىرەتتى، تىۋىپ ئىنىك ئانىنى ئىچكىرىدىكى ئۆيگە باشلاپ كىردى، نەرسە كېرەكلەر رەتلىك قۇيۇلغان ئۆينىڭ ئىچىدىكى سۇپىدا چىرايلىق بىر جۇۋان بالىسىنى ئىمىتكىنىچە يوتقان كۆرپە ئىچىدە ئۇرۇنۇپ ئولتۇراتتى.
- قىزىم قارىغىنا، ساڭا ئاللاھنىڭ بىر مېھمىنىنى باشلاپ ئەكەلدىم، بۇ ئوغۇلنى ئوغلۇڭغا جۇپلىۋالغىن، بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتى...- دېدى تىۋىپ ئىنىك ئانىنىڭ قۇچىقىدىكى بۇۋاقنى زاكىسى بىلەن كۈتۈرۈپ قىزىغا سۇنغاچ - بۇ بىچارىنىڭ ئانىسى ۋاقىتسىز كېتىپ قاپتۇ، تېخى ئاران يەتتە كۈنلۈك بوپتىكەن، ئۇنى سۈتكە بىر قاندۇرغىنە قىزىم!
جۇۋان بۇۋاقنى قوش قوللاپ ئالدى، ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە بۇۋاقنى ئەركىلىتىپ :
- ۋاھ ، قۇرغۇينىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ بالا، ئوغلۇمدىن ئاران ئۈچ كۈنلۈك چوڭ ئىكەن، قېنى بالام تويغىچە شۇرىغىن، مەن سىنىڭ ئۆز ئاناڭ.
جۇۋان ئاتىسىدىن خىجىل بولۇپ يانغا ئۆرۈلدى-دە ئەمچەك توپچىسىنى ئاپئاق بىر ماتا رەختتە سۈرتىۋېتىپ قۇچىقىدىكى بوۋاقنىڭ ئاغىزىغا سالدى، بوۋاق زوق-ئىشتىياق بىلەن يېڭى ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كۈچەپ شۇراشقا باشلىدى.
تىۋىپ قىزىنىڭ بۇ ئىشىدىن بەك خۇشال بولدى، قىزنىڭ ئانىسىمۇ پەيدا بولۇپ قىزىغا مەدەت قىلىپ بۇ ئىشنى تەبرىكلىدى. ئىنىك ئانا بۇ ئائىلىدىكى ياخشى كىشىلەردىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىپ ئاللاھقا شۈكرى-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى، ئۇلارغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلدى.
ئىنىك ئانا تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك ئايال بولغاننىڭ ئۈستىگە بەكلا كېلىشكەن چىرايلىق ئايال ئىدى، گەرچە ئۇ ياشانغان بولسىمۇ گەپ-سۆز، ئىش –ھەرىكەتتە خانىش ئايىملاردەك لاتاپەتلىك ئىدى، شۇڭا ئۇيدىكى ئايالنىڭ ئۆزىگە سەل-پەل دىققەت قىلىپ قالغانلىقىنى سىزىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ قالسىلا دېگەن تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى ھەم بالىنى كۈندە نەچچە ۋاق ئەكىلىپ ئېمىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.
ئىنىك ئانا ئېغىر بوخچىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ بۇۋاقنى كۆتۈرگىنىچە يەنە كوچىغا چىقتى، دالدا بىر يەرگە كىلىپ بوخچا ئىچىدىكى ئۈنچە –ياقۇتلار ئىچىدىن ئىككى تال ئالتۇن تىللانى ئېلىپ كىچىكرەك بىر زەرگەرچىلىك دۇكىنىدا ئۇنى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇردى.
ئىنىك ئانىنىڭ ئاستانىدە ئۇرۇغ-تۇققانلىرى بولسىمۇ ئۇ قۇچىقىدىكى پاششاخاننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ قېلىپ ئالدى بىلەن بالىنى ئىككى يېشىغىچە ئىمىتىۋېلىشنى ئويلىدى چۈنكى ئىنىك ئانىنىڭ ئورىدىدا تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ مەلىكە كۈنچېچەك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يوقاپ كەتكەنلىكىنى پۈتۈن ئاستانە ئەھلى بىلەتتى.
ئىنىك ئانا بالىنى ۋاقتى –قەرەلىدە ئىمىتىش ئىشىنى ئويلاپ تېۋىپنىڭ ئۈيىگە يېقىنراق بىر يەرگە ئورۇنلاشماقچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بوخچىسىدىكى دۇنيا ئىنىك ئانىنى بەكلا بىسەرەمجان قىلغان بولۇپ ئۇنى ساق-سالامەت ئىگىسىگە يەتكۈزۈش بەس مۈشكۈل بۇلىۋالاتتى.
ئىنىك ئانا سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق تىۋىپ تۇرىدىغان كوچىنىڭ ئايىغىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەر تەقۋا دەپ قارىغان بىر كىشىنىڭ ئۆينىڭ ئىشىگىنى چەكتى، ئۆي ئىگىسى قىرىق ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك تىجارەتچى بولۇپ ياشانغان ئىنىك ئانىنىڭ ھالىغا ئىچى ئاغرىپ ئايالى بىلەن مەسلىھەت قىلغىلى كىرىپ كەتتى، ئىنىك ئانا قۇلىغا بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ ئۇلار مەسلىھەتلىشىۋاتقان ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى ئاندىن ئۆيدىكى ئايالغا ئۆزىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى، ياقا يۇرتتىكى ئوغلىنىڭ ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۆزىگە تۇرمۇش پۇلى ئىۋەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، نەۋرسىنى ئىمىتىش ئىشىنى ئويلاپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالغۇسى بارلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈتۈندى.
تىجارەتچىنىڭ ئايالى كۆڭلى ياخشى ئايال بولسىمۇ ئۆيىنىڭ ئانچە چوڭ ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ئىنىك ئانىنى يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان ئىدى، لېكىن ئىنىك ئانىنىڭ قۇلىدىكى بىر تۇتام پۇلنى ئىرى نەچچە ئاي كوچىمۇ-كۇچا توۋلاپ يۈرۈپ ئاران تاپايلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇ بۇ قاراردىن ياندى. « بۇپتۇ ئانا، مۇشۇ ئۆيدە تۇرسىلا، سىلىنى كۆرۈپ ئانام رەھمەتلىك يادىمغا كىلىپ قالدى...» ئايال شۇنداق دىگەچ ئىنىك ئانىغا چوڭ ئوغۇللىرى تۇرىدىغان ئۆينى بىكارلىتىپ ئىككى ئوغلىنى ئۆينىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىغا يۆتكىدى، ئىنىك ئانىمۇ دەرھال قۇلىدىكى قەغەز پۇللارنى تىجارەتچىنىڭ ئالغۇسى بولسىمۇ ئەدەپ يۈزىسىدىن ئالغىلى ئۇنىمايدىغانلىقىنى بىلىپ ھويلىدا ئويناۋاتقان كىچىك باللىرىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئۈلگۈردى.
ئىنىك ئانا بۇ ئۆيگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن شۇ ئاخشىمى بوخچىسىدىكى بايلىقلاردىن ئۆزىگە لازىم دەپ قارالغان خەتىرى يوقلىرىنى ئىلغاپ ئېلىپ بىلىگە تېڭىۋالغاندىن كېيىن بوخچىدىكى قالغان كۆپ مىقداردىكى بايلىقىنى باشقا بىر ماتا رەخىتكە قاتمۇ-قات ئۇراپ ئۆزى ياتىدىغان سۇپىغا چانمىغۇدەك قىلىپ كۆمۈۋەتتى.
بالا نەچچە كۈن ياخشى ئوزۇقلىنالماي تۇساتتىن ئانا سۈتىنى ئەمگەچكە كېچىچە بىئارام بولۇپ يىغلاپ چىقتى. بالىنى قۇرۇقداش ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان ئىنىك ئانا ئەتىسى سەھەردە بالىنى ئېلىپ تېۋىپنىڭ ئۈيىگە بالىنى ئېمىتكىلى ئاپاردى ھەم ئۇلارغا پۇل بىلەن ئادىمىگەرچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۇلار ئىنىك ئانىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئامراقلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى.
ئىنىك ئانىنىڭ پۈتۈن خىيالى ياۋۇزبەگنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ بېقىش بولغاچقا ئۇ بالىنى جۇۋاننىڭ يېنىدا بىردەم قاپ قۇيۇپ ياۋۇزبەگ مۇئامىلە قىلىدىغان ھېلىقى زەرگەرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئۇ ئالدى بىلەن ئاۋات رەستىدىكى تىككۈچىلەرنىڭ شايى –دۇردۇنلاردىن تىككەن كىيىملىرىدىن باشتىن ئاياق بىر قۇر سېتىۋالدى ئاندىن ھاممامغا بېرىپ پاكىزە يۇيۇنۇپ تارانغاندىن كېيىن سېتىۋالغان كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆزىگە خاس ھالدا ياساندى، ئىنىك ئانا تاغدا ياشاپ ئاددى كىيىملەر بىلەن يۈرۈپ بۇ بازارغا كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ مۇشۇ تاپتىكى ھالىتى بىلەن ئابايامقى چاغدىكى ھالىتى ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنەتتى.
ئۇ ئۇدۇل ھېلىقى زەرگەرنىڭ دۇكىنىغا باردى، زەرگەر ئۇستام دۇكىنىدا بولۇپ قەددى-قامىتى كېلىشكەن بۇ ئانا سۈپەتلىك ئايالنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇ ئىنىك ئانىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىن ئۇنى چوڭ شەھەردىن كەلگەن كاتتا باينىڭ ئايالى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى.
- كەلسىلە ھەدە، مۇبارەك قەدەملىرى دۇكىنىمىزغا يىتىپ قاپتۇ، ئۆزلىرىگە نېمە لازىم بولغىيتتى؟ - دېدى زەرگەر شىرىن تىلىنى ئىشقا سېلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە.
- مەن ئاستانىدىن تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بالام، كېلىنىم يېڭى تۇغۇتلۇق ئىدى، يۇرتقا قايتقىلىۋاتىمەن، شۇڭا زىرىدەك بىر نەرسە سوقتۇرغاچ باراي دىۋىدىم، – دېدى ئىنىك ئانا كىبىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن.
- چاتاق يوق ھەدە، زىرە دىگەننى ئاجايىپ تىزىۋېتىمىز، قالغىنىغا پۈتكەندە كۆرەلا، قانچە گرام ئەتراپىدا قىلساق بۇلا؟
- جۈپتى يىگىرمە گرامدىن ئىككى جۇپ بولسۇن!
زەرگەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
- بايام كېلىنىمگە ئاپىرىمەن دىگەندەك قىلىۋىدىلە، ئىككى جۇپ بولسا بۇلاۋىرەمدۇ؟
- ھەي، ئادەم قېرىغاندا ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدىكەن، يەنە بىر تال ئارزۇلۇق قىزىممۇ بار، شۇنىڭغىمۇ ئالغاچ باراي ئەمدى.
- ئوبدان ئويلاپلا ھەدە، ئايال زاتى دېگەننىڭ كۆڭلى ئالتۇندا ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ؟
- شۇنى بىر دىمىسىلە ئۇكام- دېدى ئىنىك ئانا ناھايىتى ئۇلۇق كىچىك تىنىپ ھەسرەتلەنگەن قىياپەتتە- ئاللاھ شۇ قىزىمنىڭ چىرايدا بەختىنى بەرگىنى بىلەن ئەردىن تەلىيىنى بەرمىدى، ئالتۇن-كۈمۈش دىگەنلەرغۇ ئائىلىمىزدە تۈكۈلۈپ تۇرۇپتۇ لېكىن شۇ قىزىمنىڭ ئايدەك رۇخسارى ۋاقىتسىز خازاڭ بولدى دىسىلە ئۇكام...
زەرگەر بويتاق ئىدى، ئۇ ئىنىك ئانىغا سەپ سېلىپ قاراپ كۆڭلىدە«ئانىسى بۇنچە كېلىشكەن يەردە قىزى قانچىلىك چىرايلىقتۇ...» دىگەننى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئىنىك ئانىنىڭ بۇ قىزىغا قىزىقىپ قالدى.
- سىڭلىمىز ئۇ... تېخى تالالىق بولماپتۇ-دە...- دېدى زەرگەر ئىنىك ئانىغا ھىسداشلىق قىلغان قىياپەتتە.
- ياقەي بالام، ئۇنى تالاغا چىقارغان، لېكىن كىيئوغۇل قۇلاق كەستى چىقتى دىسىلە، قۇلىدىكى نەچچە دۇكاننى ئۇتتۇرۇپ يەنە بولدى قىلمىدى، دادىسى بىچارە شۇ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ كۆڭلىنى دەپ مەيلى ئوغۇل بالىكەن ئويىنسا ئوينىسۇن دەپ ئالقىنىنى كەڭ ئېچىپ چۆنتىكىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدۇرسىمۇ بۇ كاساپەت ئۆيگە كەلگىلى ئۇنىمىدى، قەيەرلەردە يۈرىدىكىن ئۇ قىمارۋاز...- دېدى ئىنىك ئانا ئېغىر ھەسرەت بىلەن ئۇھ تىنىپ.
- توۋۋا خۇدايىم، شۇنداقمۇ ئادەملەر بۇلىدىكەن-ھە، قۇلىغا كەلگەن ئامەتنى بىلمەيدىغان !
- نىمىسىنى دەيدىغانلا بالام، دەپ كەلسەم قايناپ كىتىمەن، شەھەر ئىچىدىكى ئۆي-زېمىن، دۇكان-سارايلىرىمىز دوقمۇش-دوقمۇشلارنى ئىگىلەپ تۇرۇپتۇ، خۇدايىم ماڭا پەقەت ئىككىلا بالا بىرىپتىكەن، ئارزۇلۇق ئوغلۇم سودا قىلىمەن دەپ سەئۇدى تەرەپكە چىكەتكەنچە كىرگىلى ئۇنىمىدى، ئاڭلىساق شۇ يەردىكى كاتتا بىر باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ بالا چاقىلىق بولۇپتىمىش، ئەمدىلىكتە دۇكان-ساراي، ئېتىز-ئېكىنلارغا قارايدىغان ئادىمىمىز يوق بولدى، بىزمۇ قېرىپ قالدۇق، ئۆلۈپ كەتسەك بېشىمىزدا خەتمە –قۇرئان ئوقۇغۇدەك ئوغلىمىز تېخى يوق، كىيئوغۇل دېگەن ۋاپاسىز پەيدا بولغان بولسا بارلىق بىساتىمىزنى بۇلارغا خەتلەپ بىرىپ بىزمۇ مەككە تەرەپكە چىكەتكەن بۇلاتتۇق دىسىلە بالام...
ئىنىك ئانا يالغاندىن كۆز يېشى قىلىپ ياغلىقىنىڭ بۇرجىگىدە يېشىنى سۈرتكەن بولۇپ ئولتۇردى.
ئاڭغىچە دۇكاندىكى شاگىرت بالا زەرگەرنىڭ ئىشارىتىگە ئاساسەن ئارقا ئۆيگە چىقىپ چاي چەينىكىنى ئەكىرىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، زەرگەر قىزىق چايدىن بىر پىيالىنى ئىنىك ئانىغا قوش قوللاپ تۇتۇپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە مېھماندوستلۇقىنى بىلدۈردى.
ئىنىك ئانا قۇلىدىكى چاينى پۈۋلىگەن بولۇپ زەرگەرگە قىزىققان قىياپەتتە سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى، زەرگەر ھۇشيار ئادەم ئىدى، ئىنىك ئانىنىڭ ئۆزىگە ئانىلارچە قارىغان كۆز نۇرىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى بىرنىمىنى تۇيۇپ يۈرىگى ئويناپ كىتىۋاتاتى.
- مەن ماڭاي بالام، قىزىم تۇققانلارنىڭكىدە قېلىۋىدى، كۈزى يولۇمدا قالدى ھەقىچان، ماۋۇنى ئالغاچ كېلىۋىدىم، بولسا مۇشۇنىڭ ئۆزىدە سۇقۇپ بەرگەن بولسىلا، – ئىنىك ئانا شۇنداق دىگەچ يانچۇغىدىن يەتتە-سەككىز تال ئالتۇن تىللانى شاراقلىتىپ ئېلىپ بوتكىنىڭ ئۈستىدە قۇيۇپ قويدى، زەرگەر بۇنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس قالدى، ئەسلىدە ئىككى جۇپ زىرە سوقۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۈچ-تۆت تال تىللا بولسا يېتەتتى.
- ھەدە بۇلارنى نەدىمۇ ساقلىغان بولغىيتىلە، ھازىر بۇنداق ئەتىۋا ماللارنى ئۇچراتماق بەك تەس بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جىق بولۇپ كىتىپتۇ، مۇشۇنىڭ يېرىمى بولسا كۇپايە...- دېدى زەرگەر ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن تىللالارنى ئىنىك ئانىنىڭ قۇلىغا سۇنۇپ.
- ھېچقىسى يوق، بۇ بىرنىمىلەر كۈتۈرۈپ يۈرۈپ نېمە قىلارمەن، كۈزۈمگە ئىسسىقلا كۆرۈنۈپ قالدىڭىز بالام، ئەپ قۇيۇڭ لازىمى بولۇپ قالىدۇ،-دېدى ئىنىك ئانا ئۇ ئالتۇن تىللالارغا كۆز قىرىنى سالماستىن.
زەرگەرنىڭ ئاغىزى قۇلىقىغا يەتتى، ئۇ كۆڭلىدە « توۋۋا ئاللاھ ئىگەم مۇشۇ كۈنلەردە ئارقا –ئارقىدىن بېرىۋاتىدۇيا ماڭا، ئادەمنىڭ ئامىتى كەلسە ئىشىكنى ئېتىۋالسا تۈڭلۈكتىن چۈشىدۇ دىگىنى ئەجەب راسكىنا...» دىگەننى ئويلىدى.
- ھەدە ئۆزلىرى يۇرتىمىزغا مېھمان ئىكەنلا، ناۋادا مىنى يات كۆرمىسىلە ئۆيۈمگە كىلىپ بىرە پىيالە چېيىمغا داخىل بۇلغان بولسىلا، گەرچە مەن بويتاق بولساممۇ قۇلۇم گۈل مىنىڭ، چوڭلارنىڭ دۇئاسىنى ئالماق بۇ ھۈنىرىمدىن مىڭ ئەۋزەل ھەدە...- دېدى زەرگەر ئىشلارنىڭ ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق كېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى پەملەپ.
- بولىدۇ بالام، ھازىر يىراق-يېقىندىكى تۇققانلار كەلگىنىمىزنى بىلىپ بىزگە ئارام بەرمەيۋاتىدۇ، بىر كۈنى مەن ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ قىزىمنى بىرگە ئېلىپ كىلەي، شۇ چاغدا ئولتۇرۇپ ئالدىرماي پاراڭلىشارمىز، مەن قايتاي بالام...
ئىنىك ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ زەرگەر بىلەن خوشلىشىپ دۇكاندىن چىقتى، زەرگەر ئىنىك ئانىدىن ئايرىلىشقا قىيمىغاندەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كوچىنىڭ خېلى بىر يېرىگىچە بېرىپ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويدى.
ئىنىك ئانا زەرگەر بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ پىلانى بويىچە رەستىدىكى يەنە بىر ئاۋات كوچىغا ئىتتىك قەدەم باستى.
ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئۆيگە پەيدا بولمىغانلىقىنى، قىزىنىڭ ئىلگىرى جەمىيەتتىكى يامان ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلدى، ئاندىن بىرەيلەننىڭ ئارقا رەستىدىكى خام بازىرىدا كېچىسى ئېچىلىدىغان بەزمىخانىنىڭ بارلىقىنى بەزمىخانىنى ئىسمايىل سەتەڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىرسىنىڭ ئاچىدىغانلىقىنى بەزمىخانىدىكى رەققاس قىزلارنىڭ ئىچىدە ئەشۇنداق نارەسىدە قىزلارنىڭمۇ چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىنىك ئانا دەرھال ئارقا رەستىدىكى خام بازىرىغا ئالدىرىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن قىزىل سىرلانغان چوڭ بىر دەرۋازىلىق ئۆينىڭ ئىشىگىنى قاقتى.
ئۆي ئىچىدىن بىر خىزمەتچى چىقىپ ئىنىك ئانىدىن نېمە ئىشى بارلىقىنى سورىدى. ئىنىك ئانا ئىسمايىل سەتەڭ بىلەن كۈرىشىدىغان مۇھىم ئىشى بارلىقىنى ئېيتتى. خىزمەتچى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەي ئىنىك ئانىنى چوڭ ھويلىنىڭ كەينىدىكى قاتار-قاتار سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدىكى بىر ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى، بۇ ئۆي مېھمانلارنىڭ ئارام ئالىدىغان ئۆيى بولسا كېرەك، قات-قات سېلىنغان زىلچا گىلەملەر ئۈستىدە تاۋار-دۇردۇنلاردىن ئىتىلگەن كۆرپىلەر، كەشتىلەنگەن ياستۇقلار شۇنداق رەتلىك سېلىنىغلىق تۇراتتى. ئىنىك ئانا بۇ ئۆينىڭ زىننەتلىنىشىگە قاراپ ئىسمايىل سەتەڭنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلىپ كۆڭلىدىكى پىلانىنى پىششىقلىدى.
شۇ چاغدا سىرىتتىن قىرىق ياشلار چامىسىدىكى سىمىز بىر ئەركىشى ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ كۈلگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ئىنىك ئانا ئۇنىڭ بىلىنى تولغاپ ماڭغىنىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىسمايىل سەتەڭ ئىكەنلىكىنى پەملىدى.
- ۋاييەي ! ئۆزلىرىنى ساقلىتىپ قۇيۇپتىمىنا ، مىنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەن بولغىيتتىلا؟ - دېدى ئىسمايىل سەتەڭ ئىنىك ئانىنىڭ پوزۇر كېلىشكەن تۇرقىغا قاراپ كۈلگىنىچە.
- ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كېلىشىمدە ئازراق ھاجىتىم چىقىپ قالغان ئىدى، بىلمىدىم ياردەم قوللىرىنى سۇنالىمىكىن؟ - ئىنىك ئانا شۇنداق دىگەچ نەزىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يانچۇغىدىن بەش تال ئالتۇن تىللانى چىقىرىپ ئىسمايىل سەتەڭنىڭ ئالدىدا قۇيۇپ قويدى.
بۇنى كۆرگەن ئىسمايىل سەتەڭ قىلغىلى قىلىق تاپالماي ھىجايغىنىچە ئىنىك ئانىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ :
- ۋاييەي، بۇنداق قىلىش كېتەمتى ھەدە، نېمە گەپ بولسا ماڭا دەۋەرسىلە، قۇلۇمدىن كېلىشىچە كۈچەيمەن... قېنى نېمە گەپتى...؟ - دېدى ئىسمايىل سەتەڭ ئىككى قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ قىزلاردەك نازلىنىپ.
- ئۇنداقتا گەپنى ئۇچۇقلا دەي ئۇكام، ئاستانە شەھرىدە بىجىرىدىغان ئازراق يەر ئىشىمىز بار ئىدى، ئاڭلىساق يەر ئىشلىرىغا مەسئۇل رۇس ئەمەلدار ئاستانىدىن مۇشۇ يۇرتقا قاراپ مېڭىپتۇ، قارىساق پەيتى كەلگەندەك تۇرىدۇ، شۇڭا كىچىلەپ يول يۈرۈپ بۇ يەرگە يتىپ كەلدۇق ، ئاڭلىساق ئۇ ھارامزەدىنىڭ پۇل-بايلىققا خوشى يوق ئىكەن لېكىن گۈزەل نازىنىنلارنى كۆرسە شۆلگىيى ئېقىپ تۇرالمايمىش، سىزنى ئىزدەپ كىلىشتىكى مەقسىتىم ئۇكام، بىزگە ناز خۇلقلىق ھەقىقى ساھىبجامالدىن بىرنى تېپىپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ياقا يۇرتلۇق قىز بولغان بولسا ياپقان تۇۋاق ياپقان پېتى قالسا بۇلاتتى، بىزنىڭ بىگىم ئەر كىشى بولغاچقا ئەپسىز ھېس قىلىپ مىنى بۇيەرگە ئىۋەتتى، ئىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا پۇلنىڭ كۈزى سىزگە قاراپ تۇرمايتتى ئۇكام.
ئىنىك ئانا بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ سوئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى، ئىسمايىل سەتەڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاغىزنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى.
- ۋاي جېنىم، ئاران مۇشۇ ئىشمىدى ھەدە، خاتىرجەم بولسىلا يىراق شەھەردىكى دوستۇم نۇرى نايناق بىلەن دىيىشىپ قويغان، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان بىر رەققاس قىز بۇ يەرگە كەلمەكچىدى، ئاڭلىسام كاساپەتنىڭ ئىچكەن سۈيى بوينىدىن كۆرۈنۈپ تۇرارمىش، ھىلە-نەيرەڭدە شەيتانمۇ ئۇنىڭغا قول باغلاپ تۇرغۇدەك، شۇنىلا ئۇدۇللىمايمۇ؟
- ياخشى ئېيتتىڭىز ئۇكام شۇنداق بولسۇن، ئۇنى ئېلىپ كىتىشكە ئۆگۈنلۈككە قانداق ۋاقىتتا كىلەي؟
- سورۇننى بۇ يەردە تۈزمەمدۇق ھەدە، ناۋادا سىرىتتا بىرە كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالسا نۇرى نايناقتىن قۇتۇلماق تەستى... ۋاي جېنىم ئەمدى قانداق قىلارمىز...
ئىسمايىل سەتەڭ چىمچىلاق بارمىقىنى چىشلەپ ئالدىدىكى ئالتۇن تىللاغا قاراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن ئىنىك ئانا يانچۇغىدىن يەنە ئىككى تال تىللانى چىقىرىپ ئالدىدىكى تىللارنىڭ ئۈستىگە شاراقلىتىپ قوشۇپ قويغاچ:
- مېھمان بەك نازۇكتى ئۇكام، ئۇنى بۇيەرگە باشلاپ ئەكىلىش قۇلايسىز، شۇڭا ئۇنى ماڭا بىر كېچە –كۈندۈزلۈك بىرىپ تۇرسىڭىز ئىش پۈتكەندە ھاردۇقىڭىزنى باشقىچە چىقىرىمەن ئۇكام – دېدى ئىنىك ئانا مەنلىك قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ.
- ۋاي چاتاق يوق ھەدە، ئۆگۈنلۈككە چۈشتە بىر كىلىڭە، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزەم بىر نېمە دەپ چىقارمەن، ئۇ چوشقا ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويماس...ھى...ھى...- دېدى ئىسمايىل سەتەڭ ئىنىك ئانىنىڭ بېقىنىنى چىمداپ.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆگۈنلۈككە چۈشتە كۆرۈشىدىغانغا پۈتۈشۈپ خوشلاشتى.
- ئىنىك ئانا يولدا كەلگۈچە ياۋۇزبەگنى خىيال قىلىپ ئۇنىڭ ئىزدىرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئاللاھتىن تىلىدى.
ئۇنىڭ ئىسمايىل سەتەڭ بىلەن دىيىشكەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى.
چۈشكە يېقىن ئىنىك ئانا بالىنى سۈت ئانىسىنىڭ يېنىدا قاپ قۇيۇپ كىيىم سالغان بوخچىسىنى كۆتۈرگىنىچە رەستىگە چىقتى ئاندىن خالى بىر جاينى تېپىپ ئۈستىۋېشىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئىسمايىل سەتەڭنىڭ قېشىغا ئالدىراپ ماڭدى.
ئىسمايىل سەتەڭمۇ ئۆزىگە ئالدىنى قىلغان بۇ بايلىقتىن خۇشال بولۇپ ئىنىك ئانىنىڭ يۇلىغا ئىنتىزار بولۇپ تۇراتتى، ئىشىك قېقىلىپ ئىنىك ئانا كىرىپ كەلدى، ئىسمايىل سەتەڭ ئاۋالقىدەكلا كاسسىسىنى سىلكىپ ئىنىك ئانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىگىلىپ سالام قىلدى.
- ۋاييەي ئەمدى كەلدىلىمۇ، يوللىرىغا قاراپ تۇرغىلى نەۋاخ، ماڭسىلا ئۇ قىزنى سىلىگە بىر كۆرسىتەيچۇ...- ئىسمايىل سەتەڭ شۇنداق دىگىنىچە ئىنىك ئانىنىڭ قۇلىنى يىتىلەپ مېھمانخانىغا ئەكىردى.
دىگەندەك مىھمانخانىدا ئاي دىسە ئاي ئەمەس كۈن دىسە ئەمەس بىر قىز ناز بىلەن ئولتۇراتتى، ئۇ قىز ئىنىك ئانىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىگىلىپ سالام قىلدى، ئىنىك ئانا رەققاس قىزنى كۆرۈپ ئىسمايىل سەتەڭدىن رازى بولۇپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ئۇلار ئۇ ئۆيدىن چىقىپ بازارنىڭ سىرتىدىكى پىنھان بىر جايغا بېرىپ شۇ يەردىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ بۇيىدا پاراڭلاشتى.
- گەپنى ئەگىتمەي سىزگە ئۇدۇللا دەۋېرەي، بىر ئىشتا سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج بولۇپ قالدىم، بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن قىزىم،- ئىنىك ئانا شۇنداق دىگەچ يېنىدىن ئون نەچچە دانە ئالتۇن تىللانى چىقىرىپ سەككىز تالنى قىزنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
قىزچاق ئۆمرىدە بۇنچىلىك جىق ئالتۇن تىللانى تۇتۇپ باقمىغان ئىدى، ئۇ بۇ تىللانى قۇلىدا سىقىمداپ تۇرۇپ ئىنچىكە ئاۋازىنى تىتىرىتىپ سورىدى :
- نېمە ئىشتى ئانا ئۇ، شۇنچە سىرلىق؟
- سىرلىقمۇ ئەمەس قىزىم، بىر ھىساپتا بۇغۇ ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى، مەن ئاستانىدىكى ھاشىم باي دېگەننىڭ چوڭ خۇتۇنى بولىمەن بالام، ئۆيىمىزدە ئىش قىلىدىغان بىر يىگىت بار ئىدى، ئۇنى كىچىگىدىن باشلاپ بىز بالىچىلاپ بېقىۋالغان، كونىلار ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭ قان بۇلۇر دەپ توغرا دەپتىكەن، ئۇنىڭ قۇلى قېيىق چىقىۋالدى دىسىلە، باي ئاكىڭىز بىرسىنىڭ ئامانىتىنى ماڭا ساقلاپ قويغىن دەپ بىرىۋىدى مەن ئادەتتىكى ئالتۇن-كۈمۈش ئوخشايدۇ دەپ مۇنداقلا تىقىپ قۇيۇپتىمەن، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈنلەي قىممەت باھالىق ئۈنچە مەرۋايىت ئىكەن، كىم بىلسۇن ئۆيىمىزدىكى ھېلىقى يىگىت بۇنى كۆرۈپ قېلىپ ئوغۇرلاپ كىتىپتۇ، ھازىرغا كەلگەندە باي ئاكىڭىز ياكى ئامانەتنى تاپىسەن ياكى بولمىسا ئۇ ئوغرىنى تاپىسەن بولمىسا سۈزۈڭ شۇ دەپ تالاق قىلغىلىۋاتىدۇ، ئۇ ئوغرى تاھازىرغىچە تېپىلمىدى، بۇپتۇ سۆزۈمنى ئالاي دىسەم شۇنچە يىل تۇتقان ئۆيۈم، يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىم ئەشۇ توقال خوتۇنلارغا شۇ پېتى قالغۇدەك، ئايال كىشى دېگەن ئاجىز ئىكەن بالام، بۇ گەپلەرنى ئىسمايىل سەتەڭگە دىيىشكە بولمايتتى شۇڭا ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بۇلاتتى...
ئىنىك ئانا ياۋۇزبەگنى خىيال قىلىپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى، رەققاس قىز بۇلارنى ئاڭلاپ يۈرىگى بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ ئىنىك ئانىدىن سورىدى:
- ئېيتسىلا ئانا مەن سىلىگە قانداق ياردەم قىلىمەن؟
- بۇ ئاسان بالام، ئاڭلىساق ئۆيىمىزدىكى ئۇ ئوغرى مۇشۇ بازاردىكى بىر زەرگەر ئۇستا بىلەن باردى-كەلدى قىلارمىش، زەرگەر قاتتىق قاقۋاش نىمىكەن، ئىس-بۇسىنى چىقارمىدى، بەك چىڭ تۇتايلى دېسەك، رۇسلار كۈتكەن يەردىن چىقمايدۇ، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن....
ئىنىك ئانا قالغان گەپنى قىزنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ سۆزلەشكە باشلىدى، قىزچاق ھەممە گەپنى ئاڭلاپ بولۇپ قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- خاتىرجەم بولسىلا ئانا، ھېلىغۇ زەرگەر گاچا ئەمەسكەن، ناۋادا ئۇ گاچا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇششاق تىلىنى چىقىرىپ ناخشا توۋلاتقۇزىمەن ئۇنىڭغا...
- ئەمىسە قىزىم ئىشلار دېيىشكىنىمىزدەك بولسۇن، ئەتە ئەتتىگەن خۇش خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن، بۇ ئىشنى ياخشى ئورۇندىسىڭىز قالغان بۇ تەڭگىلەرنىمۇ سىزگە مۇكاپات قىلىپ بېرىۋېتىمەن قىزىم!
ئۇلار ئەتە ئەتتىگەندە مۇشۇ جايدا كۆرۈشىدىغانغا دىيىشىپ ھېلىقى زەرگەرنىڭ دۇكىنى بار كوچىغا قاراپ مېڭىشتى.
ئەسىرگە يېقىن زەرگەر دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ زوق بىلەن ھۈنەر قىلىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىكتىن بىر قىز كىرىپ زىل ئاۋاز بىلەن پەس يۆتۈلۈپ قويۇپ تىزىپ قۇيۇلغان زىننەت بۇيۇملىرىغا قاراشقا باشلىدى، زەرگەر بۇ يېقىملىق ئاۋازدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ قىزنى كۆردى، زەرگەر ئۆمرىدە بۇنچىلىك كېلىشكەن چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ قۇلى ئىشتىن توختاپ يۈرىكىنىڭ سالغىنى ئۆزىنىڭ قۇلقىغا ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ تاپتا لەۋلىرى قۇرۇپ ئاغىزىدا نەم دىدارى قالمايۋاتاتتى...
- ئۆزلىرىگە ...نى..نى...نېمە لازىم ئىدىكى؟ - دېدى زەرگەر ئۇ قىزنىڭ خۇما كۆزلىرىگە قاراپ ئەقلىدىن ئازغاندەك بولۇپ .
- ماڭا لازىم نەرسىلەر بۇ يەردە يوقتەك قىلىدۇ ئۇستام...-دېدى قىز خىجىل بولغان قىياپەتتە نازلىنىپ كۈلۈپ زەرگەرگە تىكىلىپ قاراپ .
زەرگەر دەرھال شاگىرتىنى چاي دەملەپ ئەكىرىشكە بۇيرۇپ قىزچاقنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى :
- ئۆزلىرىگە بۇ يەردىن يارىغۇدەك بىرە نەرسە چىقىپ قالار سىڭلىم.– دېدى زەرگەر ئاران تەسلىكتە گېپىنى تېپىپ.
- چاقچاق قىلدىم زەرگەر ئۇستام – دېدى قىزچاق قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ – ئانام قايسى كۈنى ئىككى جۇپ زىرە بۇيرۇتۇپ قويغان چېغى، شۇ يىگىتنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇقۇپ كەل، قاچانلارغا پۈتىدىكىن دەيدۇ.
- ھە...ھە... سىلى ھېلىقى ئاستانىدىكى ھاجى خېنىمنىڭ يالغۇز قىزىمۇ؟ - دېدى زەرگەر تېخىمۇ قىزغىن بولۇپ – ھازىر ياساۋاتىمەن، سىلىگە يارىغۇدەك قىلىپ ياسىمىسام تاشلاپ قويالا ھېلى.
- قىزچاق ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ قاقاخلاپ كۈلگىنىچە زەرگەرگە چاقچاق قىلدى:
- ئۆزلىرىدەك قاملاشقان يىگىت ياسىغان يەردە كۆزىمىزدىن ئوت چىققۇدەك ياسىۋىتەلا ئۇنى.
زەرگەر قىزنىڭ قاش-كۈزىنى ئوينۇتۇپ گەپ قىلىشلىرىغا قاراپ ئۇنىڭ ئېرىدىن ئايرىلغىنىغا راستىنلا ئۇزاق بولغانلىقىنى پەملىدى، بولۇپمۇ «قاملاشقان يىگىت» دېگەن سۆز ئۇنىڭ قۇلىقىدىن كىرىپ يۈرىگىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.
- ياسىمامدىغان ...ياسىمامدىغان...ئوت چىقىرىۋېتىمىز دىسىلە- دېدى زەرگەر شالۋۇرىنى ئېقىتىپ.
ئاڭغىچە شاگىرت بالا چاينى كۈتۈرۈپ كىرىپ ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي قىزغا ھاڭۋېقىپ قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى، زەرگەر چاي چەينىكىنى قۇلىغا ئېلىپ شاگىرتىغا ئالىيىپ قۇيۇپ قىزنى گەپكە سالدى :
- بۈگۈن سىلىنىڭ كېلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەپتىمەن، مۇبارەك قەدەملىرى دۇكىنىمغا يىتىپ قاپتۇ، ئۆيۈمگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭسىلا، قۇرۇق چاي بولسىمۇ تۇتاي سىڭلىم– دېدى زەرگەر ئاغىزىدىن نېمە گەپ چىققانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ.
- بۇپتۇ، بۈگۈنچە قۇرۇق چايلىرىنى بولسىمۇ ئىچىپ تۇراي، ھەممىنى قىلغان شۇ ئانام دىسىلە...
قىزچاق كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ زەرگەرنىڭ يول باشلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. زەرگەر كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا ئىشەنمىگەندەك كالپۇكىنى چىشلەپ بېقىپ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى بىلىپ دەرھال يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدى.
زەرگەر قىزنى ئىچكىرىدىكى مىھمانخانا ئۆيگە باشلاپ قۇيۇپ شاگىرت بالىنى دۇكاننى تاقاپ بازاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا بۇيرىدى. ئاندىن ئالدىراپ قىزنىڭ قىشىغا كىردى، قىزچاق زەرگەر كىرگۈچە بېشىدىكى شارپىنى ئېلىپ تاشلاپ چىرايلىق تىكىلگەن كەمزۇلنى سېلىۋېتىپ ئىچىدىكى ئوتقاشتەك قىزىل دۇخاۋا كۆينىكى بىلەن توم ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چېچىنى تومپايغان كۆكسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قۇلىدا ئويناپ ئولتۇراتتى، زەرگەر ئىختىيارسىز قىزنىڭ دۇخاۋا كۆينىكىنىڭ ئالدىدىكى ياقا ئويمىسىدىن دۈمبىدەك پارقىراپ چىقىپ قالغان يېرىم كۆكسىگە قاراپ سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىنى ئوت ئېلىپ قەيەرگە دەسسەپ تۇرغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
قىزچاق ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىشىنىڭ ئاسانغا تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ زەرگەرگە سۆز قىلدى:
- توۋۋا دەيمەن، ئەركەك زاتىنىڭ چىرايىغا قاراپ باقمىغىلى قانچە ئۇزۇن بولدى ماڭا، بۈگۈن ھەجەپ بىر ئىش بولدى، ئۆزەمچە ئۆيلىرىگە كىرىپ قاپتىمەن، سىلىمۇ بوش ئەمەسكەن ئۇستام قارىغاندا...- قىزچاق يەنە نازلىنىپ كۈلدى.
زەرگەر گەپ سۆزلەرنىڭ باشقىچە مېھرى ئىسسىق بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇتقان-قويغىنىنى بىلەلمەي قالدى.
- بۈگۈن تاغنى بەرگەندەك خوش بولدۇم، ئازادە ئولتۇرسىلا، كەچتە ئۆزەم ئاپىرىپ قۇيىمەن.
- ناۋادا ئەتە كېتەي دىسەم قوغلىغىدەكلا مىنى...- دېدى قىزچاق كۈلگىنىچە ئۈنچىدەك چىشىنى چىقىرىپ.
- توۋۋا دىسىلە، سىلىدەك پەرىزاتنى قوغلامدىغان...-دېدى زەرگەر ئاغىزىغا كەلگەن شۈلگىيىنى يۇتىۋېتىپ.
- كېچىچە توڭدۇرۇپ سالالىمۇ يا...؟ - قاقاخلاپ كۈلدى قىزچاق ئوتلۇق كۈزى بىلەن زەرگەرگە يەنە تىكىلىپ قاراپ.
مۇشۇ تاپتا زەرگەر تۈگەشكەن ئىدى، ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ قىزنىڭ ۋەسلىگە يىتىش ئۈچۈن پۈتۈن بىساتىدىن كىچىشكە رازى ئىدى. قىزچاق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ زەرگەرگە ئېيتتى:
- ئانام ئېيتقاندەك مېھرى ئىسسىق يىگىتكەنلا،راستىنى دىسەم كۆڭلۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئارامى يوق، ئاز تولا مۇسەللەس دىگەندەك بىرنىمە ئەكىرسىلە، ئالدىلىرىدا يۈرۈگۈم سېلىپ خىجىلچىلىقتا بەكلا بىئارام بولۇپ كەتتىم، قېنى دەردىمگە دەۋا بۇلالامدىلا كۆرۈپ باقاي.
زەرگەر ئەزەلدىن كەيپ قىلمايتتى، لېكىن بۈگۈن مۇسەللەس ئەمەس، زەھەر بولسىمۇ ئىچىشتىن يانمايتتى، شۇڭا ئۇ ئالدى-كەينىگە قارىماي رەستىگە يۈگۈردى.
زىمىننى قاراڭغۇلۇق باستى، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە داستىخانلار سېلىنىپ توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىلەر تىزىلدى، كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە قىزچاق بىلەن زەرگەر قەدەھلىرىنى تولدۇرۇپ راسا ئىچىشتى. قىزچاق كۈنى-كۈنى مۇسەللەس ئىچىپ بەگ-ئەمەلدارلارنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ نەغمە-ناۋا ئىچىدە يۈرگەچكە بۇنچىلىك مەي ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر پىيالە سۇ ئىدى، لېكىن زەرگەرنىڭ تۇنجى ئىچىشى بولغاچقا شەھۋىتى بارغانسېرى ئۆرلەپ ئەقلىدىن ئېزىپ تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەشكە باشلىدى، قىزچاق پەيتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئىنىك ئانىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە باشلىدى.
- ۋاييەي ئۇستام، قەيەردە سىز، باشلىرىم قېيىپ يۈرۈگۈم ئوت ئېلىپ كەتتىيا مىنىڭ...- دېدى قىزچاق يۈرىگىنى چىڭ بېسىپ.
- مانا مەن جېنىم، قېنى يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ باقاي، راست قىزىۋاتامدۇ...- زەرگەر شۇنداق دىگىنىچە مەينىڭ كۈچى بىلەن قىزنىڭ لىغىرلاپ تۇرىدىغان كۆكسىنى مۇجۇشقا باشلىدى.
- ۋايجان ئۇز جېنىم، چىدىيالمىدىم بوشراق...
قىز ئىڭراپ كەتتى.
- زەرگەر ھاسىرىغىنىچە قىزنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇندى، شۇ چاغدا قىزچاق ئىككى قۇلى بىلەن زەرگەرنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋېلىپ ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالدى، زەرگەر تېنىگە تۇتاشقان لەززەتلىك ئوتتىن ھۇشىنى يوقۇتايلا دەپ قالدى.
- سىزنىڭ بۇنچە ئوتلۇق يىگىتلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئانامنىڭ كۈزى راستىنلا مال تونۇيدىكەن، بىز ئەمدى بولدى قىلايلى...مەن قايتاي...-دېدى قىزچاق يىغلامسىرىغان قىياپەتتە.
- سىزگە نېمە بولدى ئەمدى جېنىم مەلىكەم...مىنى مۇشۇنداق تاشلاپ قۇيۇپ كىتىشكە كۆڭلىڭىز ئۇنامدۇ زادى؟- دېدى زەرگەر ئاستىدا ياتقان پەرىزاتنى قۇيۇپ بەرمەي.
- سىزگە ئېيتماپتىمەن، ئىلگىرى ئۆيدىكىلەر مىنى بىرسىگە ياتلىق قىلغان ئىدى، ئۇ ۋاپاسىز قىمارۋاز چىقىپ قېلىپ بۇ يولدىن قايتقىلى ئۇنىمىدى، ھەتتا ئۆيدىكىلەر تويۇمدا ئېلىپ بەرگەن يېشىل ئالماس كۆزلۈك زۇننارىمنىمۇ ئوغۇرلاپ كەتتى، ئاڭلىسام بۇنچە چوڭلۇقتىكى يېشىل گۆھەرنىڭ جاھاندا ئىككىنچىسى تېپىلماسمىش، ئۇ ئوغرىنى ئادەم ياللاپ ئۆلتۈرۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىپ كىلىپ غوۋغا كۆتۈرۈشىدىن شۇنداق قورقىمەن دەڭا، نىمىشقىمۇ خۇدايىم ماڭا سىزدەك ياخشى يىگىتنى ئۇچراشتۇرمىغان بولغىيتتى...ئۇ بىر بەدنىيەت نېمە سىزنى كۆرسە سىزگە قەست قىلىشتىن يانمايدۇ، مىنىڭ ھازىر سىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق دەڭا...
قىزچاق يالغاندىن يىغلىغان بولۇپ يىگىتنى يەنە چىڭ قۇچاقلىۋالدى. زەرگەرنىڭ بېشى پىيقىرغاندەك بولۇپ قىزچاقتىن سورىدى:
- سىزنىڭ ئۇ ئېرىڭىز مەندىن ئېگىز، مەندىن غوللۇقمىدى؟
- ھەئە شۇنداق، كۆرگەنمىدىڭىز ئۇ مۇناپىقنى...ياردىن تېيىلىپ كېتىپ ئۆلگۈيدى ئۇ ئەبلەخ...
زەرگەر پۈتۈنلەي ئەقلىدىن ئازدى.
- شۇنداق كۆرگەن، ئۇ ئەمدى قايتا پەيدا بولمايدۇ.
قىزچاق بۇ گەپنى ئاڭلاپ زەرگەرنىڭ لىۋىگە لىۋىنى يېقىپ ئېيتتى:
- گىپىڭىز راست بولسىغۇ، جېنىمنى دىسىڭىزمۇ بىرەتتىم، لېكىن ئۇ ناھايىتى ئەسكى بەدبەخ، ئۇنىڭغا بالدۇر ئۆلۈم كەلمەسمىكىن.
زەرگەر كەيپچىلىكتە قىزچاقنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن ھەممە گەپنى ئۇنىڭغا دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۈكۈرمەكچى بولدى.
- ئۇ ئەبلەخ مىنىڭ يېنىمغا پات-پات ئۇنى بۇنى ئەكىلىپ تۇراتتى، بىر كۈنى ئۇ سىزدىگەن ھېلىقى تويلۇق مېلىڭىزنى ماڭا ئەكەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ يېشىل گۆھەرنى ئاستانىدىكى شاكىرخان ھاجى دىگەنگە ئاپىرىپ بەردىم، شاكىرخان بۇنى ئاستانىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارغا سوغا قىلىپتۇ، كېيىن شاكىرخان ئۇ ھەربىي ئەمەلدارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئېرىڭىزنى ياق ئۇ ئوغرىنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى...
زەرگەر بۇ گەپنى پورسوققىدە دەپ قىزچاقنىڭ چىرايىغا قارىدى.قىزچاق شۇنداق خوش بولغان قىياپەتتە زەرگەرنىڭ كۆينىكىنىڭ ئىچىگە قۇلىنى تىقىپ دۈمبىسىنى ئالقىنى بىلەن سىلاشقا باشلىدى.
- رەھمەت جېنىم، ئىلاھىم دېگىنىڭىزدەك بولغۇيتتى، بۇنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم بىر ئاز جايىغا چۈشتى، ئۇ ئەبلەخنىڭ تۇرمىدە قەبرىسىگە خادا تىكلەنگەي ئىلاھىم...- قىزچاق شۇنداق دىگەچ زەرگەرنىڭ كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئېچىشقا باشلىدى – لېكىن ئۇ قارا يۈز يەنە تۈرمىدىن چىقىپ قالامدىكىن دەيمەن...
قىزچاقنىڭ قۇلى ھەركەتتىن يەنە توختاپ قالدى.
- خاتىرجەم بۇلۇڭ، ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئۈلۈشكۈن رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بۇيرىتمىسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئايالىغا زىننەت بۇيۇمى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم، مەن ئالايىتەن شۇ ئوغرىنى سۈرۈشتە قىلىپ باقتىم، چۈنكى ئۇ مىنى ئۆزىگە چېتىۋالامدىكىن دېگەن قورقۇنچاممۇ بار ئىدى، ھېلىقى قۇلىقى ئۇزۇن رۇس ئەسكىرىنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئوغرى تۇرمىدە ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدارنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ...شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇنى نەخ مەيداندا ئېتىپ تاشلاپتىمىش ... بۇ گەپ راستكەن جېنىم، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلاي...
زەرگەر بۇلبۇلدەك سايراپ قىزچاقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولدى، قىزچاق بۇ گەپلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەندەك بولۇپ قۇلىنى يەنە ھەركەتكە كەلتۈرۈپ قولتۇقى زاغۇن پۇراپ تۇرىدىغان زەرگەرنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ باغرىغا چىڭ باستى ھەمدە كېلەركى ئايدىلا توي قىلىدىغانغا ۋەدىلەشتى...
ئەتىسى ئەتتىگەندە قىزچاق زەرگەر بىلەن خوشلىشىپ ئۇدۇل ھاممامغا بېرىپ يۇيۇنۇپ تارانغاندىن كېيىن ھېلىقى كونا جايدا ئىنىك ئانا بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە بايان قىلدى. ئىنىك ئانا ۋەدىسى بويىچە رەققاس قىزنى ئوبدان رازى قىلدى.
رەققاس بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ئىنىك ئانا بۇ گەپلەرنىڭ راستلىقىغا بىر ئاز چىن پۈتتى، ئېرىق لېۋىدە تىزىنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ياش تۈكۈپ ياۋۇزبەگكە ئىچى ئاغرىتىپ يىغلىدى ئاندىن بۇ ئىشلارنى قانداقلا بولمىسۇن قەغەزگە تەپسىلى پۈتۈپ شاھزادە پاششاخاننىڭ ھېساب ئېلىشىغا قالدۇرماقچى بولدى.
سەككىزىنچى باپ: مۇدھىش كۈنلەر
ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پاششاخان يەتتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالدى.
ئىنىك ئانا تۈركمەن خاندانلىقنىڭ ئەنئەنىسىدىكى شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش تۈزىمىگە ئاساسەن پاششاخانغا يەتتە ياشقا كىرگۈچە بىرقانچە چەتئەل تىلىنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنىك ئانا بالا پادىشاھ – پاششاخانغا رۇس تىلى، ئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس تۇرغۇزماقچى بولدى، ئىنىك ئانا پارس تىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا پۇختا ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇ ئىككى تىلنى ئۆزى بىرىپ ئالدىنقى بىر تىل-رۇس تىلىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلدى.
ئىنىك ئانا كامىل مۇسۇلمان بولسىمۇ ئەرەب تىلىغا قارىغاندا رۇس تىلىنى مۇھىم دەپ بىلەتتى ئۇنىڭ نەزىرىدە «يامانلىق ۋە شۇملۇق دوستتىن ئەمەس دۈشمەندىن كېلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەننىڭ تىلىنى پۇختا بىلىپ مۇستەملىكىچى دۈشمەن مىللەتنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئۈزۈل-كېسىل قوغلاپ چىقىرىش كېرەك» دەيدىغان ئىدىيە بار ئىدى.
مەلىكە كۈنچېچەكنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىنىك ئانىغا ئېيتقان ئارزۇسىمۇ بالىنى يەتتە يېشىغىچە چوقۇم ياۋروپالىقلارنىڭ تىلىدىن مۇكەممەل ساۋات چىقارغۇزۇش ئىدى شۇنداقلا بۇ تۈركمەن خاندانلىقىنىڭ شاھزادە -مەلىكىلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈمىگە قېتىلغان يېڭى بىر ماددىسى ھېسابلىناتتى، شۇنداق قىلىپ پاششاخان بەش يېشىغىچە ھېلىقى بازاردا چوڭ بولۇپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان يىلى بازاردىن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تېپىلماسلىق سەۋەبلىك بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولدى، ئىنىك ئانا بۇ بازاردىكى يېقىن-يورۇق، قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن خوشلىشىپ رازىلاشقاندىن كېيىن ئاستانىگە قاراپ يولغا چىقتى.
نەچچە كۈنلۈك جاپا-مۇشاققەتلىك ماشىنا سەپىرىدىن كېيىن ئىنىك ئانا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھرىگە يېقىنلاپ كەلدى.ئىنىك ئانا بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە بالا بېقىش ۋە بالا تەربىيەلەش ئىشى بىلەن بەكلا جۈدەپ كەتكەن بولغاچقا شەھەردىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ ئۇنى كۆرسە تونۇماسلىقى ئېنىق ئىدى.بالا پادىشاھ- پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بەدەل تۆلىگىنىگە يارىشا ھەقىقەتەن بەكمۇ ئەقىللىق بالا بولغان ئىدى، ئۇ كىچىگىدىن باشلاپ تىرىشچان، ئىرادىلىك بالا بولدى، مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دىگەندەك بۇ بالا ياۋۇزبەگ بىلەن مەلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغاندەك مەيلى چىرايدا بولمىسۇن مەيلى قىلىق-ھەرىكەتلىرىدە بولمىسۇن كۆرگەنلىكى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ ئىنىك ئانىسىغا شۇ دەرىجىدە ئامراق ئىدىكى ئۇ تاكى تۆت يېشىغىچىمۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئۇخلايتتى. ئىنىك ئانىمۇ ياشىنىپ قالغاندا بۇ بالىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئامراق بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھە دىسىلا بالىنىڭ غېمىنى يەپ «بارغانسېرى قېرىپ كىتىۋاتىمەن ناۋادا ئاللاھ تۇيۇقسىزئامانەتنى تاپشۇرۋېلىپ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام يۈرەك پارەم پاششاخان نەلەردە بوينىنى قىسىپ قالار؟!» دىگەننى ئويلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا يىغلاپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئاقارغان بېشىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە يۈزىنى چىڭ يېقىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ ئىنىك ئانىنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئىزىۋىتەتتى.
شەھەرگە ئاز قالغاندا ئىنىك ئانا بوخچىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ بالا بىلەن قارا ماشىنىنىڭ كوزۇپىدىن چۈشۈپ قالدى، چۈنكى شەھەر ئىچى ھازىرچە ئىنىك ئانىغا نىسبەتەن يەنىلا ناتۇنۇش خەتەرلىك جاي ھېسابلىناتتى.
ئۇلار ياۋۇزبەگنىڭ دادىسى جالال شەيىخنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان مازارلىققا قاراپ يول ئالدى، بالا پادىشاھ- پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئالدىدا گاھى پىلتىڭلاپ گاھى يۈگۈرۈپ مېڭىپ ئىنىك ئانىنىڭ خوشلىقىنى كەلتۈرەتتى.ئۇلار چۈشكە يېقىن جالال شەيىخنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىغا يىتىپ كەلدى لېكىن ئۆيلەر يېقىۋېتىلگەن بولۇپ پەقەت ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى سوقما پاكار تامنىڭ بىر قىسمىلا قالغان ئىدى.
ئىنىك ئانا بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ مەسچىتكە پىشىن نامازغا كەلگەن بىرەيلەندىن جالال شەيىخنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدى، ئۇ كىشى ئېغىر خورسىنىپ رۇس ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ جالال شەيخنى ئوغلۇڭ باش سانغۇن بولۇپتىكەن شۇنى تېپىپ بەر دەپ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى، ئۆيىنىمۇ يېقىپ تۈزلەپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىنىك ئانا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ رەھىمسىز تەقدىردىن ئېچىنىپ جالال شەيىخنىڭ روھىغا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ئالتە ياشلىق پاششاخانمۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن سۈرە ياسىننىڭ ئالدىنقى بىر مۇبىيىنىنى يېقىملىق ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ئۇلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئۇلار بۇ كېچە مۇشۇ ئۆينىڭ ئورنىدىكى سوقما تامنىڭ بۇلۇڭىدا يېتىپ ئۇخلايدىغان بولدى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسى چوڭ شەھەرگە قانچە يېقىن بولغانسىرى ئۇلارنىڭ سىرتى پارقىراق ئىچى كىرگە تولغان بۇلاتتى، بۇلاردىن كېلىدىغان خەۋپ ھېلىقى بازاردىكى كىشىلەرگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بۇلاتتى.
ئۇلار ئەتىسى ئاش ۋاقتى بىلەن شەھەرگە كىردى، شەھەر ئاندا-ساندا بىنا ئۆيلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاۋۋالقىدىن ئانچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى، كۇچا-كويلارنى پەقەت رۇسلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەر-بايلار ياكى بۇ شەھەرنى مۇقىم ماكان تۇتقان رۇس پۇقرالىرىدەك قىلاتتى. قاتار تىزىلغان قۇراللىق رۇس ئەسكەرلىرى كۇچا-رەستىلەرنى دەمدە بىر ئايلىنىپ قۇلىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان شەھەر پۇقرالىرىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ شەھەرنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلاتتى.
ئىنىك ئانىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بايلىقى ئەمەلىيەتتە شەھەرنىڭ يېرىمىنى سېتىۋىلىشقا ئازادە يېتەتتى، ئۇلار شەھەر مەركىزىدىن ئوبدان بىر ئۆينى سېتىۋېلىپ ئولتۇرسىمۇ بۇلاتتى لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ خەتىرى بەكلا چوڭ بۇلاتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-زېمىن ئېلىم-بېرىم قىلغۇچىلار شۇ ۋاقىتتىكى قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىملىتىپ باج تۆلىشى، تۈرلۈك ھۆججەتلەرگە قول بېسىپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك ئىدى، بۇنداق ئىشنى قىلىدىغان ئورگانلار كاللا كېسەر مۇناپىقلار بىلەن رەھىمسىز رۇس خىزمەتچىلىرىگە تۇلۇپ كەتكەچكە رۇس پۇقرالىرىغا ئىش بىجىرىش ئۇيۇنچىلىق، تۈركمەن پۇقرالىرىغا ئىش بىجىرىش ناھايىتى بەس مۈشكۈل ئىدى.شۇڭلاشقا ئىنىك ئانا بالىنىڭ ئوقۇش ئىشىنى ئويلاپ شەھەردىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىشنى ئويلىدى.
ئىنىك ئانا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈزىنى يېرىم ئورىۋېلىپ قەدىمىنى «قەلەندەر كوچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىگە قاراتتى، چۈنكى بۇ يەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامراتلارنىڭ تۇرالغۇسى دەپ قارالغاچقا مەيلى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ياكى شۇ چاغدىكى قونچاق ھاكىمىيەتنىڭ چارلاپ –تەكشۈرۈشلىرىدىن بىر ئاز خالىي ئىدى.
ئىنىك ئانا پاششاخاننىڭ قۇلىنى يىتىلەپ ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ ئاخىرى كىچىك بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ شۇ يەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشتى.
ئاي-يىللار بىر بىرىنى قوغلىشىپ ھەش-پەش دىگۈچە پاششاخان يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى، ئىنىك ئانىمۇ بار ئاماللار بىلەن بالىنى مەلىكە كۈنچېچەكنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياخشى تەربىيىلىدى. ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇپ سۈننەتنى ئادا قىلدى.
لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق تىنچ-ئامان كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارالمىدى، مۇشۇ مەزگىلدە بۇ شەھەردە بىرخىل ۋابا پارتلىدى. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ باشتا كۆڭلى ئېلىشىپ ئوڭ بېقىنى تېلىپ ئاغرىيتتى ئاندىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا كۆزىنىڭ ئېقى سارغىيىپ كۆپىنچىسى بىھوش بولۇپ ئۆلۈپ كىتەتتى.
بۇ كېسەل مىللەت ئايرىمىدى، شەھەر تۇيۇقسىز يىغا-زار ئىچىدە قالدى، بۇنىڭدىن رۇس ھاكىمىيىتىمۇ جىددىلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئىشلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ باقتى، لېكىن بۇ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى.
بىر كۈنى ئىنىك ئانىنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ تاڭ سۈزۈلمەستە پاششاخاننى ئويغاتتى.
- پاششاخان بالام، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بىر يەرگە بېرىپ كىلەيلى- دېدى ئىنىك ئانا ئۆشنىسىگە بوخچىسىنى ئارتىپ تۇرۇپ.
- يەنە يۆتكىلەمدۇق ئانا؟ - دەپ سورىدى پاششاخان كۈزىنى ئۇۋلاپ.
- ياق بالام بارغاندا بىلىسەن، چاققان بولە...
پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ كېيىملىرىنى كىيىپ ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، ئىنىك ئانا ھويلىدىكى بىر كىچىك قۇرۇق كومزەكنىمۇ قۇلىغا ئېلىۋالغان ئىدى، ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە جامائەت مەسچىتتىن يانار چىغىدا جالال شەيىخنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىغا يىتىپ كەلدى، ئىنىك ئانا قۇلىدىكى كومزەكنى تامنىڭ تۈۋىدە قاپ قۇيۇپ مەسچىتتىن كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى، شۇ ئەسنادا جامائەت مەسچىتتىن چىقىشقا باشلىدى، ئىنىك ئانا كىشىلەرنىڭ ئارسىدىكى ساقاللىرى ئاقىرىپ قېرىلىقتىن ئاران مېڭىۋاتقان بىر كىشىگە سالام قىلىپ ئۇنى يانغا تارتىپ جالال شەيىخنىڭ ئايالىنىڭ قەبرە بېشىنى سورىدى. بۇۋاي جالال شەيخ بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ ئۇنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئۇ قىينالمايلا ئىنىك ئانىغا يول باشلاپ ھېلىقى قەبرە بېشىنى كۆرسىتىپ قويدى. قەبرە ياغاچ سالاسۇن بىلەن ئورالغان بولۇپ باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنەتتى.
ئىنىك ئانا پاششاخاننى ھېلىقى قەبرە بېشىغا يىتىلەپ ئەكىلىپ قۇلىدىكى كۆمزەككە بوخچىسىدىكى ئالتۇن تاجىدىن باشلاپ بوينىغا ئاسىدىغان تۇمارغىچە ھەممە نەرسىلەرنى سالدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ –كىچىكلىكى ئوخشاش بولىمغان ئالماسلار بولۇپ ئالتۇن تىللالار ئىلگىرىكىدىن ئاز قالغان ئىدى، ئۇ بارلىق نەرسىلەرنى كومزەككە قاچىلاپ ئاغىزىنى راسا پۇختا ئەتتى.
ئىنىك ئانا ئەتراپقا سەپسېلىپ ئادەم شەپىسىنى سەزمىگەندىن كېيىن سالاسۇندىن تەسلىكتە ئارتىلىپ كىرىپ بوخچىسىدىكى تەييارلىۋالغان ئوتۇغۇچ بىلەن قەبرىنى خېلى چوڭقۇر كولاپ كومزەكنى كۆمۈۋەتتى، ئۈستىگە غازاڭ-شاخلارنى چاندۇرماي تاشلاپ قۇيۇپ ناھايىتى ئالدىراپلا سالاسۇننىڭ ئىچىدىن چىقىۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى ئىنسى-جىن كۆرمىگەن ئىدى. ئىنىك ئانا ئەتراپقا تازا بىر قارىۋېتىپ خۇداغا شۈكرى دەپ يىنىك نەپەس ئالدى، ئاندىن ئۇ پاشاخاننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېيتتى:
- ئوغلۇم پاششاخان مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئىسىڭدە مەھكەم تۇتقىن، شەھەردە كېسەل تارقاپ مۇسىبەت –يىغا-زار ھەممە ئۆينى قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈم بۇزۇلۇپ كۆڭلۈم بىرنىمىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇ چاققىچە سەن كىچىك بولغاچقا بۇ گەپلەرنى دىمىگەن ئىدىم، ئەمدى دەيدىغان چاغلار بولۇپ قالدى- ئىنىك ئانا بۇلارنى دىگەچ كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلاپ كەتتى- مەن سىنىڭ ئۆز ئاناڭ ئەمەس...سىنىڭ ئۆز ئاناڭ مۇشۇ خاندانلىقنىڭ مەلىكىسى شۇنداقلا خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى شاھى -مەلىكە كۈنچېچەك...سىنىڭ ئاتاڭمۇ خانلىقنىڭ ھەربىي باش ۋەزىرى ھەم باش سانغۇنى ياۋۇزبەگ ئىدى، بالام...تەقدىرنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ رۇسلار زىمىنىمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ خەلىقنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى، يالغاندىن ئادالەت بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىپ ئەكسىچە كىشىلەرنى قاتتىق بۇلاڭ –تالاڭ قىلىپ قەتلى قىلدى...سىنىڭ ئاتاڭنىڭمۇ... ئاناڭنىڭمۇ قاتىلى دەل مۇشۇ رۇسلار...سەن ئاددى كىشىلەردىن ئەمەس بالام...ئاناڭ سەن بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا سىنىڭ مۇشۇ خاندانلىقنىڭ شاھى بولغانلىقىڭغا يارلىق چۈشۈرگەن...سەن مۇشۇ ئەلنىڭ خانى ئوغلۇم!- ئىنىك ئانا يىغلاپ ئېقىپ كەتكىنىچە پاششاخاننى باغرىغا چىڭ باستى.
پاششاخان ئانىسىنىڭ گېپىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى، ئۇمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ ئىنىك ئانىنىڭ يېشىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتۈپ ئاۋالقىدەك تەڭ يىغلاشقا باشلىدى.
- بالام، بۇ گەپلەرنى قەتئىي كىشىگە تىنما، ئىسىڭدە مەھكەم تۇت، ئاتاڭنىڭ قاتلىنىمۇ ھېلىقى تۇمارنىڭ ئىچىگە پۈتۈپ قويدۇم، ئۇ تۇمار ساڭا بوۋاڭدىن قالغان ئىكەن، داداڭ ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى، ئىسىڭدە بولسۇنكى يىگىرمە ياشقا كىرمىگۈچە بۇ قەبرىدىكى كومزەكنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ سالما، بىلدىڭمۇ؟- دېدى ئىنىك ئانا يىغلاپ تۇرغان پاششاخاننىڭ ئىككى قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغىنىچە.
- ماقۇل، ئىسىمدە ساقلايمەن ئانا ! – دېدى پاششاخانمۇ ئانىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئىشەنچ بىلەن.
ئىنىك ئانا پاششاخانغا يول بۇيى يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى تاپىلىدى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۈيىگە قايتتى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئىنىك ئانىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئالدىغا كىلىپ كۆزىنىڭ ئېقىنى سېرىقلىق باستى، ئىنىك ئانا ئۆزىنىڭ ۋابا بىلەن ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئوڭ بېقىنىنى تۇتقىنچە ئوغلى پاششاخانغا ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتتى. پاششاخان يۈگرەپ چىقىپ قوشنىلارنى چاقىردى، ئاڭغىچە ئىنىك ئانا ھۇشىدىن كېتىپ سۇپىغا يېقىلىپ بولغان ئىدى، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا دوختۇرخانىلار تۇشۇپ كەتكەنلىكتىن يېڭى ھۆكۈمەت مەھەللىدىكى ئىش بىجىرىش ئۆيلىرىنى ھەتتا مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرىنىمۇ كېسەلخانا قىلغان ئىدى، بۇنداق ۋابادىن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ساقايغىنىدىن ئۆلگىنى كۆپ بولسىمۇ لېكىن دوختۇرلار قۇلىدىن كېلىشىچە داۋالاش –قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيتتى.
ئىنىك ئانا قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە مەھەللىگە يېقىن بولغان مەكتەپكە يۈدۈپ ئاپىرىلدى، كىچىك ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدە تىقما-تىقما بەش كارىۋات قۇيۇلغان بولۇپ ئىنىك ئانا يان تەرەپتىكى كارۋاتقا ياتقۇزۇلدى، دوختۇر-سېستىرالار ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل ئۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى باشلىۋەتتى. ئىنىك ئانا شۇ ياتقىنىچە ئەتىسى ئەتتىگەندە ئازراق ھۇشىغا كەلگەندەك بولۇپ يېنىدا كېچىچە ئانىسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان پاشاخاننىڭ قۇلىنى ئاستا تارتتى. پاششاخان ئويغۇنۇپ دەرھال ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كىلىپ:
- ئانا ، ساقايدىڭمۇ... – دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىدىن خوش بولۇپ يۈزىنى ئانىسىنىڭ يۈزىگە يېقىپ.
ئىنىك ئانىنىڭ كۈزىنى ئاچقۇدەكمۇ مادارى قالمىغان ئىدى، ئۇ ئاغىزىنى بوش-بوش مىدىرلىتىپ پاششاخانغا گەپ قىلدى:
- بالام...مىنىڭ بولغىچىلىكىم قالمىدى...ھېلىقى گەپ ئىسىڭدىمۇ...؟
- ئىسىمدە ئانا...ھەممىسى ئىسىمدە...
- قەبرىنى پات-پات يوقلاپ تۇر...ئسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قالمىسۇن...
- ماقۇل ئانا...بېرىپ تۇرىمەن...
ئانا-بالا ئىككىيلەن ئايرىلغىلىۋاتاتتى، بۇ قېتىم پاششاخاننىڭ كۆزىدىن توختىماي ياش تاراملاشقا باشلىدى. ئانىنىڭ بولسا كۆزىدىن ياش چىقارالىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان ئىدى.
- ئۆينىڭ ئىجارىسىنى... ئالدىغا بېرىۋەتتىم...
- بىلدىم ...ئانا...
- سۇپىنىڭ ئاستىدا ... ئازراق نەرسە قالدۇردۇم...
ئىنىك ئانىنىڭ نەپسى جىددىلىشىپ ئاۋازى چۈشۈپ كەتتى، ياندىكى كىسەلنىڭ ئىگىسى دەرھال سېستىرانى ئىزدەپ يۈگۈردى، رۇس دوختۇر يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىنىك ئانىنىڭ مەيدىسىگە تىڭشىغۇچنى قۇيۇپ زەن سېلىپ تىڭشىغاندىن كېيىن قول بېغىشىدىن تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىپ ئوكۇل كۈتۈرۈپ كىرگەن سېستراغا بېشىنى چايقاپ ئوكۇلنى ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ئىنىك ئانا ئاخىرقى قېتىم كۈزىنى كۈچەپ ئېچىپ ئوغلى پاششاخاننى قانغۇدەك كۆرۈۋالماقچى بولدى، لېكىن ئۇ كۈزىنى ئاچالمىدى ئۇ پەقەت «جېنىم بالام...» دەپ ئۈنلۈك بىرنى توۋلاپلا شۇك بولۇپ قالدى.
دۇختۇر ئۇنىڭ قۇل بېغىشىنى قۇيۇپ بىرىپ يۈزىنى ئاستا يېپىپ قويدى.
پاششاخان ئانىسىنى يەنە ھۇشىدىن كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان چېغى ئۇ ئانىسىنىڭ قۇلىنى تۇتقىنىچە چوڭقۇر ئويغا پېتىپ ئولتۇردى، ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەر بالىنىڭ بۇ سەبىيلىكىگە قاراپ ئىچى-ئىچىدىن يىغلاپ كىتىشتى، شۇ چاغدا سېسترا قىز پاششاخاننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدى :
- سىنىڭ داداڭچۇ؟
- ئۆلۈپ كەتكەن...
- ئۇنداقتا ئاكا-ئاچىلىرىڭ بارمۇ؟
- ياق...مەن يالغۇز...
- باشقا تۇققانلىرىڭ بارمۇ؟
- ياق...مەن بىلمەيمەن...
سېسترا قىزنىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى.
- ئاناڭ ئۇ ...ئۇ ئەمدى ئارام تاپتى...
پاششاخان سەبىي كۆزلىرى بىلەن سېستراغا سوئال نەزىرىدە قارىدى.
- ئۇ...ئۇ ئەڭ گۈزەل جايغا كەتتى...كەلمەسكە كەتتى...-دېدى سېسترا پاششاخاننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
- سىز جەننەتنى دىمەكچىمۇ؟ ياق...ياق...سىز يالغان ئېيتتىڭىز...-پاششاخان چىقىراپ يىغلاپ ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى...ئۆينىڭ ئىچىنى يىغا ئاۋازى قاپلىدى...
- ياق ئانا...ئويغىنە ئانا...بىز كىتەيلى...
بالا ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ يىغلاپ ئانىسىنى خېلى ئويغۇتۇپ باقتى، ئانا ئويغانمىدى...
پاششاخان شۇ تەرىقىدە ئانىسىنى قۇچاغلاپ يېتىپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ بىچارە، ئەڭ كۆپ يىغلىغان چېغى بولدى...
شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېڭىنى بىرسى يىنىك تارتتى، ئۇ يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كۈزىنى تەستە ئېچىپ قارىغان ئىدى، ئۈچ ياشلار چامىسىدىكى كىرپىكلىرى ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇلاشما قاش كىچىك بىر قىزچاقنىڭ ئۆزىگە بىردانە ئالمىنى تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. پاششاخان ئالمىنى ئالماي يەنە ئانىسىنى قۇچاقلاپ دۇم ياتتى. قىزچاق يەنە ئۇنىڭ يېڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى :
- ئاكا...بۇنى ئالە...ئەمدى يىغلىمىغىن...-دېدى قىزچاق چۈچۈك ئاۋازدا گەپنى ئاران قىلىپ.
- ياق...يىغلايمەن...- پاششاخان بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن جاۋاب بەردى.
- ئەمدى ئاناڭ ئويغانمايدۇ...مىنىڭ ئاناممۇ ئويغانمىدى...
پاششاخان بېشىنى كۈتۈرۈپ قىزچاققا قارىدى.
- سىنىڭ ئاناڭمۇ شۇ جايغا كەتكەنمۇ؟
- ياق...مىنىڭ ئانام ئۇ يەرگە كەتمىدى جەننەتكە كەتتى...
- ئاناڭ قاچان كەتكەن؟،- پاششاخاننىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
- ئاناممۇ مۇشۇ يەردىن جەننەتكە كەتكەن...كەتكىلى مانا مۇنداق كۈن بولدى...،- قىزچاق شۇنداق دىگەچ قاپقارا بولۇپ كەتكەن بارمىقىدىن ئۈچنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۈلدى.
پاششاخان بۇ قىزچاقنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى پەملەپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
- سەن كىم بىلەن تۇرىۋاتىسەن؟
- ئۆزەم بىلەن تۇرىۋاتىمەن...كىشىلەر ئاناڭ جەننەتتە ھايات...ئۇ ھامان سىنى يوقلاپ كېلىدۇ دىيىشىدۇ...بۈگۈنمۇ مەن ئانامنى ئىزدەپ كەلگەن...
قىزچاقنىڭ جاۋابى پاششاخاننىڭ يۈرىگىنى تېخىمۇ ئەزدى، ئۇ قىزچاقنىڭ تېخىچە ئۆزىگە ئالمىنى سۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالمىنى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئالدى.
شۇ چاغدا سىرىتتىن دوختۇر-سېستىرالار كىرىپ ئىنىك ئانىنى بىر غالتەكلىك ھارۋىغا يۆتكەشكە باشلىدى.
- ئانامنى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟،- دەپ سورىدى پاششاخان ھېلىقى سېسترانىڭ يېڭىنى تارتىپ.
سېسترا قىز قاتتىق ئالدىراش ئىدى، ئۇ گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي ياندىكى كارۋاتتىكى كېسەلنىڭ باققۇچىسىغا قاراپ قويدى. ئۇ كىشى سۈرۈلۈپ كىلىپ پاششاخاننى ئىككى قۇلى بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن ئېيتتى :
- بالام، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دوختۇرلار بىر خىل دورا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن يەرلىكىدە قۇيىدىكەن، بولمىسا بۇ كېسەل يەنە نۇرغۇن ئادەملەرگە يۇقۇپ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدىكەن، قارىغىنا ماۋۇ بىچارە قىزغا... ئۇنىڭ ئانىسىمۇ بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇمۇ بىزنىڭ گېپىمىزگە ماقۇل بولدى... دوختۇرلار ئاناڭنى ھېلىقى دورا بىلەن پاكىزە يۇيۇپ ئاندىن بىز بىلمەيدىغان ئايرىم يەرگە دەپنە قىلىدۇ، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلارنىڭمۇ باللىرى چىدىدى، ئەمدى ئۇلارغا ماسلاشقىن بالام...
پاششاخان تولا يىغلاپ مادارىدىن كەتكەن ئىدى، ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ غالتەكلىك ھارۋىدا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولدى ئەمما ئۇنىڭ كۈچى يەتمىدى، ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ۋارقىراپ يىغلىماقچى بولدى ئەمما ئاۋازىنى تېشىغا چىقىرىپ يىغلىيالمىدى...ئۇ تىركىشىپ-تىرمىشىپ باقتى، كىچىك قىزچاقنىڭ پاششاخاننىڭ بۇ ھالىغا ئىچى ئاغرىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ پاششاخاننىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاشقا باشلىدى...
يەتتە ياشلىق پاششاخان تەقدىرگە تەن بەردى، ئۇ ئانىسىنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى. ئۇنىڭ بېشى قېيىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى... ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى ئاندىن ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ھېلىقى ئۈچ ياشلىق يىتىم قىزمۇ ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ئىدى، پاششاخان كەينىدىكى ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قارىغان ئىدى، قىزچاق كۈلگىنىچە تامنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالدى، پاششاخان كەينىگە يېنىپ قىزچاقتىن سورىدى:
- سەن نەدە تۇرىسەن؟
- شۇ ...بىلمەيمەن...
- سىلەر قەيەردىن كەلگەن؟
- بىز تۇرمىدىن كەلگەن...
- تۈرمىدىن ...؟ تۈرمىدە ئۆي يوق...!
- ياق ...دادامنىڭ ئۆيى بار...بىز دادامنى يوقلاپ كەلگەن...ئۇلار دادامنى ئۆلۈپ كەتتى دېدى...
- كېيىنچۇ؟
- ئانام يىغلاپ...يىغلاپ ئۇخلاپ قالدى...كىشىلەر ئانامنى يۈلەپ بايامقى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغان...
- ئۆيۈڭلەرنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەمسىلەر؟
- بىلىمەن... ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە چوڭ تاغ بار...
قىزچاق ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ خىيالى كۈلۈپ تۇراتتى، پاششاخاننىڭ بۇ يىتىم قىزنى كوچىغا تاشلاپ قويغۇسى كەلمىدى. چۈنكى بۇ كىچىك قىزچاق ئۈلۈمنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشىنەلمىگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆينىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.
- مەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەت...
پاششاخان قۇلىنى قىزچاققا سۇندى، قىزچاق مۈكۈپ ئولتۇرۇۋالغان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كۈلگىنىچە پاششاخاننىڭ قۇلىغا ئېسىلدى.
بۇ رەھىمسىز ۋابا ياز چىكىتىپ قىش كىرەي دىگەندە تارقىلىشتىن توختىدى، بۇ بىر يىل ئىچىدە بۇ خىل كېسەللىك نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ نەچچە ئونمىڭ بالىلارنى كوچىلاردا يىتىم قالدۇردى، يىغا-زار، مۇسىبەت پۈتۈن ئەلنىڭ يېرىمىنى قاپلىغىلى تاس قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىن دىھقانلارنىڭ قۇلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىۋېلىپ «ئوپچە تېرىقچىلىق قىلىپ ئادىل تەقسىم قىلىش» دېگەن سىياسەتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ بۇ مۇستەملىكە رايۇنىدا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئىلىدىمۇ ئاچارچىلىقتىن نەچچە يۈزمىڭ كىشىنىڭ بىھۇدە ئۈلۈشىگە سەۋەپچى بولىۋاتاتتى.
ئاچارچىلىق پۈتۈن ئەلنى قاپلاپ بىر تال نان ئۈچۈن كىشىلەر زار-زار يىغلايدىغان دەۋر باشلاندى. بۇ مۇدھىش كۈنلەردە بۇ بىر جۇپ يىتىم بالا ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ۋابادىن ساق قېلىپ ئىككى يىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى.
پاششاخان توققۇز ياشقا، قىزچاق بەش ياشقا كىرگەن ئەشۇ يىللارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى پاششاخان مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ بوخچىسىنى ھويلىغا تاشلاپ قۇيۇپ سىڭلىسى بەرناخاننى چاقىرى :
- بەرناخان !
ئاۋاز چىقمىدى.
- بەرناخان!
يەنە ئاۋاز چىقمىدى.
پاششاخان ئۇنىڭ داۋاملىق ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ ئۆزىنى ئىزدىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىشىكنىڭ كەينىگە قارىدى. ئۇ بۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن يېغىلغان يوتقان-كۆرپىنىڭ كەينىگە قاراپ باقتى، ئۇ يەردىنمۇ يوق چىقتى. پاششاخان كاللىسىنى قاشلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە ھويلىغا چىقىپ ئۆگزىگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن شۇت بىلەن ئۆگزىگە ياماشتى، بەرناخان ئۇ يەردىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا دەرھال بىر ئوي كىلىپ ھويلىنىڭ بۇرجىكىدىكى كونا تۇنۇرغا قاراپ باقماقچى بولدى، ئۇ ئۆگزىدىن ئالدىراپ چۈشۈپ كونا تونۇرنىڭ ئىچىگە قارىغان ئىدى دىگەندەك سىڭلىسى بەرناخان تونۇرنىڭ ئىچىدە تۈگۈلگىنىچە مۈكۈپ ئولتۇراتتى.
- بەرناخان ...مانا كۆرۈپ قالدىم...
قىزچاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە تونۇردىن چىقتى. ئەسلىدە پاششاخان ئۇنىڭ بۇيەرگە يۇشۇرىنىدىغانلىقىنى ھويلىغا كىرىپلا ئۇقۇپ بولغان ئىدى، لېكىن ئۇ سىڭلىسىنى خوش قىلىش ئۈچۈن بايامقى ئىزدەپ تاپالمىغان ھەركەتلەرنى قەستەن قىلغان ئىدى.
- ئەستاخپۇرۇللا، بەرناخان بۇ نەچچىنچى قېتىملىقى، قارىڭە كىيىملىرىڭىزگە...پاسكىنا بولۇپ كەتكىنىنى...ئەمدى بۇ يەرگە مۆكىۋالماڭ! – دېدى پاششاخان سىڭلىسىغا يالغاندىن ئاچچىقلىغان بولۇپ.
- ماقۇل ئاكا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن- دېدى قىزچاق كۈلگىنىچە ئاكىسىنىڭ پۇتىنى قۇچاغلاپ.
- دائىم مۇشۇنداق دەيسىز، لېكىن ئۇنتۇپ قالىسىز –دېدى پاششاخان سىڭلىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ- قارىڭە سىزگە نېمە ئەكەلدىم.
پاششاخان بوخچىسىدىن تاش ۋارىقى يىرتىلىپ كەتكەن بىر تال رەسىملىك كىتاپنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ سىڭلىسىغا بەردى. بەرناخان كىتاپنى قۇلىغا ئېلىپ شۇنداق خوش بولدى، ئۇمۇ ئۆيگە يۈگىرەپ كىرىپ كېتىپ بىر نەرسىنى ئالقىنىدا چىڭ تۇتقىنىچە ئاكىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى.
- ئاكا بۇنى ساڭا ساقلىدىم، قارىغىنە بۇنىڭغا...
بەرناخاننىڭ قۇلىدا تاياقلىق كەمپۈتتىن بىرسى تۇراتتى.
- ۋاھ نەدىن تاپتىڭ؟
- ئالدىم شۇ، سەن بەرگەن پۇللارنى يېغىپ قويغان...
پاششاخان خۇشال بولۇپ كەمپىتنىڭ قەغىزىنى ئالدىراپ ئېچىپ ئاغىزىغا سالدى، بەرناخان ئاكىسىنى خوش قىلغانلىقىدىن چەكسز مەمنۇن بولۇپ ئاكىسىنىڭ كەمپۈتنى شۈمىگىنىگە قاراپ ئېغىزىنى تامشىتىپ لىۋىنى يالاشقا باشلىدى، پاششاخان سىڭلىسىنىڭ كەمپۈتنى يېگۈسى كىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنى ئېغىزدىن ئېلىپ سىڭلىسىنىڭ ئېغىزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۈلۈشكىنىچە ئۆيگە كىرىپ كىتىشتى.
ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، بىركۈنى پاششاخان مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ سومكىسىنى ھويلىغا تاشلاپ قۇيۇپ سىڭلىسى بەرناخاننى چاقىردى :
- بەرناخان !
ئاۋاز چىقمىدى.
- بەرناخان!
يەنە ئاۋاز چىقمىدى. پاششاخان ئادىتى بويىچە ئۇيەر-بۇيەر ئىزدىگەن بولۇپ تونۇرنىڭ قېشىغا باردى.
- بەرناخان ...مانا كۆرۈپ قالدىم...
لېكىن بۇ قېتىم بەرناخان تونۇرنىڭ ئىچىدە يوق تۇراتتى، پاششاخان بىر ئاز جىددىلىشىپ قالدى، ئۈ يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ ئۆينىڭ ئىچىگە تەپسىلى قاراپ يەردە چېچىلىپ تۇرغان بىر قانچە رەسىملىك كىتاپنى كۆردى، ئادەتتە بەرناخان كىتاپنى ھەرگىز يەردە قۇيۇپ قويمايتتى. پاششاخاننىڭ يۈرىگى ئۆرۈلۈپ كوچىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاشقا باشلىدى، شۇ چاغدا ئۆينىڭ ئالدىدىكى قوشنىسى ئۇنىڭغا بىر شۇم خەۋەرنى ئېيتتى :
- سىڭلىڭىزنى باياتتىن بىر توپ رۇس ساقچىلار ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.
- نېمە ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى؟
- شۇنداق، ئۇلار بىزگىمۇ باشقا گەپ قىلمىدى...
پاششاخان ئىشىكىنىمۇ ئەتمەستىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت بىناسىغا قاراپ مېڭىۋىدى، ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇللار ئۇنىڭ ئالدىنى توستى:
- نەگە بارىسەن؟
- ساقچى باشلىقىنى ئىزدەيمەن!
- نېمە ئىشىڭ باتتى؟
- ئۆزىگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار ئىدى!
قاراۋۇل تۈركمەن يىگىت ئىدى، ئۇ پاششاخاننى ساقچى باشلىقىنىڭ بالا قۇلاقچىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنى كىرگۈزىۋەتتى، پاششاخان ئىشىك ئۈستىدىكى رۇسچە خەتلەردىن باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنى تەستە تېپىپ ئىشىكنى چەكتى. كىرىشكە رۇخسەت قىلىندى.
- نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ - دەپ سورىدى خام سېمىز رۇس ساقچى باشلىقى تۈركمەنچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ تاماكىسىنى توغرا چىشلىگىنىچە.
- سىڭلىمنى تۇتۇپ ئەكىلىۋاپسىلەر، ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋىدىم!
- نېمە؟! بىز سىنىڭ سىڭلىڭنى تۇتىۋاپتىمىزما؟ يوق گەپنى قىلما!- دېدى ساقچى باشلىقى تەلەتىنى بۇزۇپ ئاچچىقلىنىپ.
- شۇنداق بايام قوشنىمىز ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپتۇ!
ساقچى باشلىقى پاششاخاننىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ كۈزىنى ئېلىپ قاچتى.
- سەن قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسەن ؟ ئىسمىڭ نېمە؟
- شەھەرلىك چاھارباغ مەكتەپتە ئۇقۇيمەن، ئىسمىم پاششاخان!
- كىمنىڭ بالىسى سەن يۈرۈگۈڭنى قاپتەك قىلىپ ئالدىمغا كېلىدىغان؟
پاششاخاننىڭ كۆزىدىن بىر خىل قورقماسلىق چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ دادىسنىڭ ئىسمىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا ئانىسىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۇ راست گەپ قىلمىدى.
- دادام مەن تۇغۇلغاندا ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن!
- ۋۇ ھارامدىن بولغان ئىتنىڭ بالىسى، يوقال! سىڭلىڭنى بىز كۆرمىدۇق!
ساقچى باشلىقى پاششاخانغا كۆز قىرىنى سالمىغان قىياپەتتە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ تاماكىسىنى شۇراشقا باشلىدى. پاششاخانمۇ بوش كەلمىدى:
- ئىتنىڭ بالىسى دەپ سەنلەرنى دەيدۇ، ئىت بولمىغان بولساڭ يىراق يەردىن يۇندە ماراپ كەلمەس ئىدىڭ!
- نېمە ...نېمە...؟
ساقچى باشلىقى ئالدىدىكى نەچچە ياشلىق بىر شۇمتەكنىڭ شۇنچە گەپنى قورقماي دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ غەزەپتىن يېرىلاي دېدى، ئۇ ئالدىراپ ئۈستىلىدىكى كونۇپكىنى بېسىۋىدى ئىككى قۇراللىق رۇس ئەسكىرى ئۇچقاندەك كىرىپ بولدى.
- ماۋۇ ھاراملىقنىڭ ئەدىۋىنى بىرىپ تاشلىۋېتىڭلار! ئۇ سىڭلىسىنى ئىزدەپ كەپتۇ، ھەرقايسىڭغا شۇنچە دىسەم يەنە ئىز قالدۇرۇشۇپ قۇيۇپسەن، يۇقىلىش!
ساقچى باشلىقى بۇ قېتىم ئەسكەرلەرگە رۇس تىلىدا گەپ قىلدى، پاششاخان رۇس تىلىغا خېلى پۇختا بولۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى. ئۇ مۇشۇ تاپتا ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاچىقالمايدىغانلىقىنى بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە يارىمايدىغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازاپلاندى.
ئەسكەرلەر پاششاخاننى توشقاننى قۇلىقىدىن تۇتقاندەك يەردىن يۇلۇپلا ئېلىپ ئىشخانىنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا قۇمچاق ئاتقاندەك ئېتىۋەتتى ، پاششاخان ئۆمرىدە بۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرىمىغاچقا بۇ ئىش بۇنىڭغا بەكلا ھار كەلدى، ئۇ ئورنىدىن ئەمدى تۇراي دىيىشىگە بايامقى گەپنى سىڭدۈرەلمىگەن ساقچى باشلىقى ئىشىكتىن ئۇچقاندەك چىقىپ ئەسكەرنىڭ قۇلىدىكى قۇرالنى تارتىپ ئېلىپ مىلتىقنىڭ ياغاچ پاينىكى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىرنى ئۇردى، پاششاخاننىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىغاندەك بولۇپ زېمىن پىقىراپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باستى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرالماي يېقىلىپ قالدى، قاپىقىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان سەينانى بىر ئالدى، ساقچى باشلىقى بۇنىڭغا قانماي يەنە ئۇرماقچى بۇلىۋىدى ئەسكەرلەر باشلىقىغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇنى تۇسۇۋالدى.ئاندىن ئەسكەرلەر يەردە تاياق زەربىسىدىن ئايلىنىپ ياتقان پاششاخاننى ئۈچ-تۆتنى تىپىپ ئۇنى سۆرىگىنىچە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى.
تاياق زەربىسىدىن ئورنىدىن تۇرالمىغان پاششاخاننى يولدىن ئۆتكەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياتقان يىرىدىن يۈلەپ ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى، پاششاخان كېچىچە ئاغرىق ئازابىدىن كىرپىك قاقماي چىقتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئەڭ ئازاب بولغىنى تاياق زەربىسى بولماستىن بەلكى ئوماق سىڭلىسىنىڭ ئالۋاستىلار قۇلىدا نېمە بولۇپ كەتكەنلىكى ئىدى.
پاششاخان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن بەرناخان ئىسىملىك بۇ قىزچاقنى ئۆزىگە سىڭىل قىلىپ بۇ ئۆيدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياشىغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاكا-سىڭىلدەك يېقىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ھەقىيقى ئاكىلىق مىھرىنى بەرگەن ئىدى. بەرناخانمۇ بەك ئاق كۆڭۈل قىز بولغاچقا پاششاخاننى ئۆز ئاكىسىدەك ياخشى كۆرەتتى، پاششاخاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە بەرناخان چىشى بىلەن چىشلەپ ئالاتتى، پاششاخانمۇ بەرناخاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە چىشىدا چىشلەپ تىكەننى سۇغىراتتى ، قىسقىسى بۇ ئاكا-سىڭىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىجىل ئۆتەتتى.
ئەتىسى پاششاخان ئورنىدىن تۇرالمىدى، ئۇ يەرگە چاپلىشىپ ياتقىنىچە ئۆگۈنى ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپكە يول ئالدى، ئۇنىڭ يۈزى قۇلپىدەك كۆكۈرۈپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ سىنىپىغا كىرگەندە ساۋاقداشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلىشىۋالدى، پاششاخان مەكتەپتە ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغاچقا ساۋاقداشلىرى ھەم مۇئەللىمى ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق ئىدى.
لېكىن مۇئەللىمى قاپىقى چۈشكەن ھالدا پاششاخاننى سىنىپتىن چاقىرىپ مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا باشلىدى. قېرى مۇدىر پاششاخانغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتقان ھالدا ئېيتتى:
- ئوغلۇم سەن ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان بولدۇڭ، بىزنى كەچۈرگىن!
مەكتەپ مۇدىرى بۇ گەپنى دەپ بولۇپ كۈزىدىكى چىقالماي قالغان ياشنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتتى.
- نېمىشقا مۇدىر، مەن نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدۈم؟ - دېدى پاششاخان ھەيران بولۇپ مۇدىرنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي.
- بالام بۇنى سەن سورىمىغىن، مەنمۇ ئېيتماي، ئۇلار سەن سەۋەپلىك مەكتەپنى تاقايمىز دەپ قوپۇشتى، شۇڭا مىنى چۈشەنسەڭ...
پاششاخان ھەممىنى چۈشەندى، ئۇ مەكتەپتىن ھەيدىلىشنىڭ سەۋەبىنى ھېلىقى ساقچى باشلىقىدىن كۆردى، پاششاخان ئۈچىنچى يىللىقتا ئۇقۇغان بىلەن ئۇنىڭ ئۇقۇپ تۈگەتكەن ھېكايە-رومانلىرىنى تېخى چوڭ ئادەملەرمۇ ئۇقۇپ بولمىغان ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بوخچىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى ماڭار چېغىدا مۇئەللىمدىن باشقا مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرسا بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى، مۇئەللىم بېشىنى چايقاپ ئەمدى ئۇنىڭ بۇ ئەلدە ئۆمۈر بۇيى مەكتەپكە ئېلىنالمايدىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىپ ئېيتتى.
پاششاخان يەرگە قاراپ ئۇزۇن سۈكۈت قىلىپ تۇردى ئاندىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇغۇللارغا خاس جاسارەت بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.
مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتنىڭ تەقدىرى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، مۇستەبىتلەر مۇستەملىكە رايۇنىدا مەيلى تاغنى تالقان قىلىپ چۆلنى بوستان قىلدۇق دەپ جاھان ئەھلىگە كارنىيى يىرتىلغۇچە جار سالسۇن ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قالدۇرىدىغىنى پەقەت بىر زەمبىل گەندىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس، ئۇلار قۇرال كۈچى ئارقىلىق يالغاننى ئۇدا تەكرارلاپ راستقا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ، ئۇلار خەلقنى بېيىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق دېگەن بۈيۈك شۇئارنى كۈتۈرۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت ئىككى خىل بىرى بۇلارنىڭ بايلىقىنى بۇلان-تالان قىلىش يەنە بىرى يەنىلا بۇلارنىڭ بايلىقىنى بۇلان-تالان قىلىشتۇر، ئۇلار مانا مۇشۇ مەخسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدۇ، سانسىز بىگۇناھلارنىڭ خۇن بەدىلىگە ئالتۇن قەدەھلىرىنى تولدۇرۇپ غەلىبىسى ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدۇ، مانا بۇ مۇستەبىتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. قاراڭلار مۇشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق پادىشاھى بولغان پاششاخانمۇ ئاددى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان يەردە يەنە باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟!
پاششاخان ئۆيىدىكى سۇپىدا دۇم ياتقىنىچە ئانىسىنىڭچاپىنىنى قۇچاغلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يىغلىدى، سىڭلىسى بەرناخاننىڭ يوقاپ كىتىشىئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بولدى،«رۇسلار سىڭلىمنى تۇتىۋېلىپ زادى نېمە قىلىدىغاندۇ؟»دېگەن سوئال ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋېلىپ ئۇنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاپ ياتقان پاششاخاننىڭپىشمىغان يۈرىگىنى ئىزىپ ئۇنى بالىلارچە خىيال دۇنياسىغا غەرىق قىلىشقا باشلىدى.ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى، ئۇ ئامراق سىڭلىسىنى تۇتقۇنقىلغان ساقچىلار بىلەن ئېلىشماقچى بولدى، ئۆزىنى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرغانساقچى باشلىقىدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنقاتىللاردىن قىساس ئالماقچى بولدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ قىزىقىپ ئوقۇيدىغانھېكايە-رومانلاردىكى باتۇر قەھرىمانلار پاششاخاننىڭ ئۆزى بولۇپ كۆرىنىشكەباشلىدى...
ئۇ خۇددى پىشقان يىگىتلەردەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ياغاچ ساندۇق ئىچىدىكى بوخچىغاتىقىپ قۇيۇلغان قەغەز پۇللاردىن بىر تۇتامنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يانچۇقىنى توملىدى، ئۇشۇ ماڭغىنىچە ماشىنىچى ئۇستامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ كىتاپتا كۆرگىنى بويىچەبىرنەرسىلەرنى تىكىپ بىرىشنى ئېيتتى، يەنە تۆمۈرچى ئۇستامغىمۇ شۇ كىتاپنى كۈتۈرۈپئاپىرىپ ئىچىدىكى رەسىمگە ئوخشاتقۇزۇپ ئېغىر يېنىكلىكىنى تەڭشىگىلى بۇلىدىغانبىلەك كۈچىنى ئاشۇرۇش مەشىقىگە ئىشلىتىدىغان چېنىقىش سايمىنى ياساتقۇزماقچى بولدى،قۇلى گۈل ھۈنەرۋەنلەر بۇ كىچىك بالىنىڭ گېپىنى تىڭشىماي باقتى لېكىن ئۇنىڭقۇلىدىكى بىر تۇتام پۇل ئۇلارنى بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېقىشقا قىزىقتۇردى.
پۇت-قوللارغا تېڭىلىدىغان، ئېسىپ قۇيۇپ مۇشتلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل قۇم خالتىلار،چوڭ-كىچىك ئىشتانكىلار ھەممىسى تەق بولدى، ئۇ ئالدى بىلەن ھېكايىلەردىكى باشقەھرىمانلارغا ئوخشاش كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ يېزىشقاباشلىدى...
ئۇ ئۇزىنىڭ تامغا چاپلاپ قويغان پىلانىغا ئاساسەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن نامازبامداتتىن كېيىن پۇتىغا قۇم خالتىنى تېڭىۋېلىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىنىڭ ئۇبېشىدىن بۇ بېشىغا ئۈچ قېتىم يۈگۈرىدى، ئۆيىدە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىنشوتىنىڭ تۆتىنچى بالدىقىدىن ساناپ ئوتتۇزنى پەسكە سەكرىدى ئاندىن ئىنگلىز تىلىمۇئەللىمىنىڭ قېشىغا بېرىپ ساۋاق ئالدى، ئالغان ساۋىقىنى تولا يېزىپ قۇلى تالغانداھويلىسىغا ئېسىپ قويغان قۇم خالتىسىنى مۇشتلىدى، ئىشتانكىلارنى كۈتۈرۈپ ھارغاندايەنە تۈرلۈك ھېكايە كىتاپلارنى ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇردى، بالىلار مەكتەپتىنقايتقاندا ئۇلار بىلەن قانغۇچە يۈگۈرۈپ ئويناپ كەچ بولغاندا ئۈيىگە كىلىپ ھېچنىمىنىتۇيماي ئۇخلىدى...
پاششاخان بۇ ئىشلارنى ئۆزىگە راستىنلا ئادەت قىلىۋالدى، ئۇ ھەممە ئىشتا ئۆزىگەۋەزىپە قۇيۇپ شۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىمىغۇچە بولدى قىلمىدى، ئۇنىڭ مەشىق ھەركىتى، تۆتخىل تىلدىن ئالىدىغان ساۋىقى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىتاب ئۇقۇشقائادەتتىن تاشقىرى ھېرىسمەن بولغاچقا بىر كۈن ئۇنىڭغا يەتمەيدىغاندەك بىلىنىپقالدى، ئۇنىڭ ئىشتىھاسى بارغانسېرى ئېچىلىپ يەپ قۇرسىقى تويمايدىغان بولۇپقېلىۋاتاتتى... شۇنىڭ بىلەن سۇپا ئاستىغا كۆمۈپ قۇيۇلغان ئالتۇن تىلللارمۇئازىيىشقا باشلىدى.
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتتى. پاششاخان يار-يۆلەكسىز قارا يىتىم بالا بولسىمۇ لېكىن ئۇمەھەللىدىكى تەڭتۇش بالىلارغا قارىغانداناھايىتى ساغلام، قاۋۇل چوڭ بولدى، بۇنداقبولىشىدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن ئۇنىڭ ئاتىسى ياۋۇزبەگمۇ قاۋۇل كۈچتۆڭگۈرلەردىنبولغانلىقىدىن بولسا ئىككىنچىدىن ئۇ تاماقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى يەنىئىنىك ئانا ئۇنى يەتتە يېشىغا كىرگۈچە ئوردىنىڭ ئەنئەنىۋى بالا بېقىش ئادىتىبويىچە ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ باققان ئىدى، ئىنىك ئانىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەمئىقتىسادى بايلىقنىڭ يېتەرلىك بۇلىشى سەۋەبلىك بازاردىن گۆش تاپقىلى بولمايدىغانچاغدىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بىر لوقما دۈمبە بىلەن بىر چىشلەم گۆش ئۈزۈلمەيتتى،يازلىقتىكى پىژغىرىم ئىسسىقتىمۇ بىر پارچە گۆش كېچىسى شەبنەمگە سېلىنىپ كۈندۈزىجۇۋا ئارىسىغا ئۇرۇلاتتى، مۇشۇنداق پىژغىرىمدا يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سۇقاچىلانغان ئىدىشنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە شىشە يېڭى سۈت ئۈزۈلمەيتتى، پاششاخانئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئانىسىنىڭ ھايات چېغىدىكى ئۆزىنىڭتاماقلىنىشى جەھەتتىكى قايتا-قايتا تاپىلاشلىرىنى خۇددى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدەكئىسىدە تۇتىۋالغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىككى كۈندە بىر يۇيۇنىدىغان ئادەت بىلەن ياخشىتاماقلىنىشنى كۈندە ئوقۇيدىغان بەش نامىزى بىلەن ئوخشاش مۇھىم كۆرەتتى.
ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى،يىراقتىكى باسما قۇدۇقتىن ئەپكەش بىلەن سۇ ئەكىلىپ ئېدىشلىرىنى تولدۇراتتى،تاڭ-تاڭ سوغۇقلاردىمۇ ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ مەشكە ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتاتتى، ئۇگۆشكە ئادەتتىن تاشقىرى ئامراق بولغاچقا كۈندە بىر قېتىم ئۆزى ئۆيدە شورپا سېلىپيىگەنچىلىك قىلاتتى.
قوشنىلار ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ «سەن بىر بالا تۇرۇپ بۇنچە پۇلنى نەدىنتاپىسەن» دەپ سورىسا ئۇ ئانىسىنىڭ ئۈگىتىپ قويغىنى بويىچە«دادام كاتتا باي، ئۇبىزنى تاشلاپ قۇيۇپ كىچىك خۇتۇنى بىلەن مەككىگە قېچىپ كەتكەن، سۈت پۇلۇمنى شۇئىبەرتىپ تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بىرەتتى.
ئۇ ئون ئىككى ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ سۇپا ئاستىدىكى ئالتۇن تىللاسىمۇ تۈگەي دەپقالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ غەمسىز ئۈستۈن بېشى يەرگە ساڭگىلاشقا باشلىدى.
ئۇ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق قامداش توغرىلىق ئىنگلىز تىلى ئۇستازىئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە باردى،ئەكبەرخان ئۆز ۋاقتىدىكى خانلىق ئونۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بولۇپ ھازىر بىرباشلانغۇچ مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرىسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى.
پاششاخان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىنى بايان قىلدى، ئوتتۇزلاردىن ھالقىغانبولسىمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇرىدىغان بويتاق ئەكبەرخان ئۆزىنىڭ بۇ مۈنەۋۋەرئۇقۇغۇچىسىدىن ئالاھىدە زوقلىناتتى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى، شۇڭا گەپنىڭ بېشىچىقىپ بولغىچە ئۇنى ئۆزى بالىچىلاپ بېقىۋالىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئىشتىن غەمقىلماسلىقنى ئېيتتى، لېكىن پاششاخان ئەدەپ يۈزىسىدىن بۇنى رەت قىلىپ ئۆزىگەمۇۋاپىق بىر ئىش تېپىپ بېرىشىنى ئۇنىڭدىن ئۈتۈندى، ئەكبەرخان ئوقۇغۇچىسىنىڭخاراكتىرىنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ تۆمۈرچىلىك كارخانىسىدائىشلەيدىغان تاغىسىغا قوشۇپ قويماقچى بولدى.
پاششاخان ئۇستازى ئەكبەرخان بىلەن خوشلىشىپ ئۈيىگە خۇشال قايتتى، ئۇ قايتىش يۇلىداكۇچا ئاغىزىغا كەلگەندە كوچىدا ئويناۋاتقان ئالتە-يەتتە ياشلاردىكى بىر توپ ئۇششاقبالىلار پاششاخاننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ ئويناۋاتقان تۇپىنىڭ قاسىم بەڭگىنىڭئۆگزىسىگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆي ئىگىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن توپنىئالالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن توپنى ئەكىرىپ بىرىشنى ئۈتۈندى.
پاششاخان يۇلىغا مېڭىۋەرمەكچى بولدى لېكىن ئۇ ئۆزىدىن كىچىك بۇ بالىلارغا قاراپتوپنى ئۆگزىدىن ئەكىرىپ بىرىشنى ماقۇل تاپتى، قاسىم بەڭگى مۇشۇ مەھەللىدىكى قولئىلكىدە بار شۇنداقلا مۇتىھەم ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېگىز تاملىق ئۆيىقوشنىلىرىنىڭ تېمىدىن ئايرىلىپ شۇنچە يولنى ئىگىلەپ دوقمۇشتا يالغۇز قەد كۈتۈرۈپتۇراتتى،
پاششاخان يېڭىنى تۈرىۋېتىپ تامغا يانداش دەرەخكە مايمۇندەك يامىشىپلا ئۆگزىگەچىقىپ كەتتى، توپ يەرگە چۈشتى، بالىلار خوش بولۇپ توۋلىشىپ توپنى قۇلىغا ئېلىشتى،شۇ چاغدا قاسىم بەڭگى ئۆينىڭ ئالدىغا پەيدا بولۇپ قالدى، بالىلار ئۆگزىدىكىپاششاخانغا چۇقىرىشىپ ۋاقىراشقا باشلىدى:
- قاسىم بەڭگى كەلدى، تىز قاچ !
مەھەللىدىكى بالىلار قاسىم بەڭگىدىن بەكلا قورقاتتى، قاسىم بەڭگىمۇ بالىلارغائەزەلدىن چىرايىنى ئېچىپ قارىمايدىغان باغرى تاش ئادەم ئىدى، ئۇ بالىلارنىڭۋارقىراشلىرىدىن ئۆگزىدىن چۈشكىلى تەمشىلىۋاتقان پاششاخاننى كۆردى.
- ۋۇ كۇسپۇرۇچ،كۈپ-كۈندۈزدە كەپتىرىمنى ئوغرىلىماقچىمىدىڭ؟- قاسىم بەڭگى تەلەتىنىبۇزۇپ تام تۈۋىدىكى ئېرىقنىڭ ئىچىدىن بىر تال ئۇزۇن تاياقنى قۇلىغا ئالدى – چۈشەيەرگە، ئەدىپىڭنى بىر بەرمىسەم!
- مەن كەپتەر ئوغرىلىمىدىم، توپنى تاشلاپ بەردىم! – دېدى پاششاخان بىر ئازجىددىيلەشكەن ھالدا قاسىم بەڭگىگە ئۆزىنى ئاقلاپ.
- شۇنداق بولسىمۇ سەن يەنىلا ئوغرى !
قاسىم بەڭگى قۇلىدىكى تاياقنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ شۇتا بىلەن دەرھال ئۆگزىگە چىقتى، بالىلار ئۆگزىنىڭ لېۋىدە تۇرغان پاششاخاندىن ئەنسىرەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.
- ئاكا، قاسىم قېرى ئۆگزىگە چېكەتتى، دەرھال قاچ!
ئاڭغىچە قاسىم بەڭگى ئۆگزىگە چىقىپ پاششاخانغا گۈلەيگىنىچە ئاغىزىنى بۇزۇشقاباشلىدى.
- ئىگىسى يوق ئۆيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى، خەپ قۇلىقىڭنى كەسمىسەم!
قاسىم بەڭگى قوپال ئادەم بولغان بىلەن بالىلارنى ھەرگىز ئۇرمايتتى، ئۇ پاششاخاننى مۇنداقلا قورقىتىپ قويماقچى بولۇپ ئۆگزىدىن تاياقتەك بىر نەرسە ئىزدىگەن بولدى.
پاششاخان جەڭگى جىدەلدىن نېرى بالا ئىدى، قىز بالىدەك تارتىنچاق بولۇپ ئۆزى بىرە خاتالىق ئۆتكۈزسە يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلاتتى، شۇڭا ئۇ قاسىم بەڭگىگە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي چىرايى قىزارغان ھالدا «ئەمدى ئۇنداق قىلماي!» دەپ قۇيۇپلائۆگزىدىن پوككىدە يەرگە سەكرىدى، بالىلار توۋلىشىپ چۇقان سېلىشتى، قاسىم بەڭگى«ھاي سەكرىمە! » دىگىنىچە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆگزىدىن پەسكە قارىدى.
پاششاخان خۇددى پەغەزدىكى كەپتەر دان يېگىلى يەرگە قونغاندەك «پوك» قىلغان ئاۋازبىلەن يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تامبىلىنى قېقىشقا باشلىدى،بالىلار ئۇنىڭ يەرگە ساق-سالامەت چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى،قاسىم بەڭگى ئۆگزىدە تۇرۇپ «ماۋۇ شۇمنى قارا!» دىگىنىچە ئاغىزىنى ھاڭ ئېچىپ قالدى.
شۇندىن باشلاپ پاششاخاننىڭ ئۆگزىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشەلەيدىغان ھۈنىرى مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىغا پۇركەتتى، بىر كۈنى مەھەللىدىكى پاششاخان بىلەن تەڭتۇش بالىلاردىن ئون نەچچىسى مەكتەپتىن يېنىپ پاششاخاننىڭئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى چاقىرىپ ئۆگزىدىن سەكرەيدىغان ھۈنىرىنى كۆرسىتىپبېرىشىنى سورىدى.
پاششاخان ئۆزىنىڭ كۈچ مەشىقىنى بالىلارغابىلدۈرۈشنى خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ بالىلار بىلەن ئادەتتە سىرىتتا ئوينايتتى لېكىنبالىلارنى ئۈيىگە باشلىمايتتى، چۈنكى ئىنىك ئانا ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئۆيگەقالايمىقان ئادەم باشلىماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە تاپىلاشلارنىقىلغان ئىدى.
پاششاخان ئىچىدىن تاقاپ قويغان ئىشىكىنى ئېچىپھويلىسىدىن چىقتى ئاندىن ئىشىكىگە قۇلپا سېلىپقۇيۇپ بالىلارغا ئېيتتى:
- بۈگۈن باشقا ئويۇن ئوينايلى، مەن سەكرىمەي...
- ياق پاششاخان، سىنى ئاسماندا ئۇچىدىكەن دېگەنگەپ مەكتەپتە بىر بولدى، – دېدى بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئۇنىڭغايالۋۇرغاندەك،- قارىغىنا بىز ھەممىز سىنىڭ شۇ كارامىتىڭنى كۆرۈپ باقايلى دەپكەلدۇق...
- شۇنداق پاششاخان،- يەنە بىرەيلەن گەپ قىستۇردى،-مەكتەپتىكى باشقا بالىلار بىزنى قەلەندەرلەر كوچىسىدىن دەپ زادى كۆزىگە ئىلمايدۇ،ماۋۇ گايىت شۇ بالىلارنىڭ نوچىسى، ئۇنىڭغا كارامىتىڭنى بىر كۆرسىتىپ قوي!
پاششاخان بۇ ئاغىنىلىرىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قۇيۇشنىخالىماي «بۇپتۇ بۇلارغا بىر قېتىم سەكرەپ بىرەيچۇ»دېگەننى ئويلىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە گايىت دېگەن بالا تۇرقىدىن ھارامزادىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۆزىدىنمۇ قاۋۇل بالا بولغاچقا پاششاخاننىڭئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغۇسى كەلدى.
- ئەمىسە قاراپ تۇرۇڭلار ھە ! – پاششاخان شۇنداقدەپلا ئىشىكىگە يامىشىپ ئۆگزىسىگە چېكەتتى.
بالىلار ئۇنىڭ سەكرىشىگە تەقەززا بولۇپ ئۆگزىگە قاراپ تۇرىشاتتى، پاششاخان ئۆگزىدىن كوچىغا گۈپپىدە قىلىپ سەكرەپ ئورنىدىنبىمالال تۇردى، بالىلار توۋلىشىپ ئۇنىڭ يامانلىقىنى تەبرىكلەشتى، گايىت دېگەن بالامەكتەپ بويىچە چېلىشچىلارنىڭ ئالدى ئىدى، ئۇ بۇنى كۆرۈپ پاششاخانغاھەسەت قىلدى.
- پاششاخان، كىلە نوچى بولساڭ چېلىشىمىز!
گايىت ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا چاپىنىنى سېلىۋېتىپ ئالقىنىغا بىرنى تۈكۈرۈپ تەييار بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويماقچى بولدى.
پاششاخان ئۆزىدىن ئىككى ياشچەچوڭ گايىت بىلەن تۇتۇشتىن بىر ئاز قورقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەكلا غوللۇقكۆرىنەتتى. مەھەللىدىكى بالىلار بۇ قېتىم شۇك بولۇپ قېلىشتى، چۈنكى ئۇلار پاششاخان بىلەن ئوينىغاندا پاششاخانچېلىشىش ئويۇنىغا قاتناشمايتتى، پەقەت باشقا بالىلارنىڭ چېلىشقىنىنىكۆرەتتى، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پاششاخانبالىلار بىلەن چېلىشىپ ئويناپ قاسساپنىڭ ئوغلىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۋەتكەن ئىدى،قاسساپ مۇتىھەملىك قىلىپ پاششاخاننى ئۇرۇپ-تىللاپئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغان ئىدى، شۇڭا پاششاخانبۇندىن كېيىن بالىلار بىلەن چېلىشىپ ئوينىماسلىققا ئىرادە قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم پاششاخان گايتنىڭتەلىۋىگە ئۇنىمىدى، گايىت ئەتراپتىكى بالىلارغا قاراپ غادايدى.
- مەن نېمە دېگەن باللا، ئۇ ئۆگزىدىن سەكرىيەلىگەنبىلەن ماڭا چۈشەلمەيدۇ!– گايىت ئۆزىدىن كىچىك پاششاخاننىڭئۆزىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى – ناۋادا چېلىشقان بولسائۈچىلا مەرتەم يانپاشقا ئېلىپ تازا سالاتتىم!
پاششاخاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بىر تۇتۇشقۇسى كەلدى، ئەمما ئۇ بىرنىمىنى ئويلاپ ئۇنىڭگېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆيى تەرەپكە مېڭىشقا تەمشەلدى.
- ئاناڭ سىنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقانمۇ ھەيقورقۇنچاق؟ ئەمدى مىنى ئاكا دېگىن! - دېدى گايىت پاششاخاننىزاڭلىق قىلغاندەك ئۈنلۈك توۋلاپ.
پاششاخان بۇ گەپنى كۆتۈرەلمىدى، ئۇ دەرھال كەينىگەيېنىپ گايىتقا تىكىلدى.
- بۇپتۇ، سەن بىلەن چېلىشاي، ناۋادا ئۈچىلا قېتىمسىنى يېڭىۋالسام، بالىلارنىڭ ئالدىدا مىنى ئاكا دېيەلەمسەن؟
- ئاتە پورۇڭنى، بۇپتۇ دېگىنىڭدەك بولسا سىنى ئاكادەيمەن.
- گىپىڭ گەپمۇ؟
- مانا بالىلار تۇرۇپتۇ، گېپىمدىن يانسام ئوغۇل بولماي كېتەي!
ئىككىيلەن قائىدە بويىچە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆينىڭئالدىدىكى كوچىدىلا تۇتۇشۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىرى چوڭ بىرى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈنبىر-بىرىنىڭ بىلىنى ئوبدان تۇتىشالمايۋاتاتتى،ئەتراپتا قاراپ تۇرغان بالىلار پاششاخان ئەمدىيۈزۈمىزنى تۆكىدىغان بولدى دەپ جىددىلىشىپ كۆڭلىدە خۇدايىمدىن پاششاخاننىڭ يېڭىشىنى تىلەپ تۇراتتى، دىگەندەك ئۇلارتۇتىشار تۇتۇشماي گايىت ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كەتتى، بالىلار ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەيئۆز-ئارا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆرۈشتۈرۈپتۇرغاندا گايىت يەنە بىر قېتىم يانپاشقا ئېلىنىپ چۈشۈپ كەتتى، ئۈچىنچى قېتىم «دۈڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن يولنىڭ نېرىراق چېتىدىكى ئۆرۈكلۈكتە ۋىچىرلىشىۋاتقان بىرتوپ ئاق قۇشقاچ ۋىچىرلاشتىن توختاپ كۇچا تىمتاسبولۇپ كەتتى، بالىلار بىر گايىتقا بىر پاششاخانغا قاراپ ئاغىزىنى ئېچىپ قېلىشتى، گايىتئورنىدىن تەس تۇرۇپ چاپىنىنىمۇ ئالماي كۆزىگە مۆللىدە ياش ئېلىپ پاششاخانغا ئالىيىپ قاراپ «خەپ ھاراملىق!» دىگىنىچەرەستە تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.
بالىلار كۆز ئالدىدا بۇلۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالدى ھەم ئىنتايىن خۇشالبولدى، ئۇلار پاششاخانغا قايتىدىن سەپ سېلىشقاباشلاپ مەھەللىنىڭ بۇ يېڭى نوچىسى بىلەن بالدۇرراق ئايرىلماس دوستلاردىنبولمىغىنىغا پۇشايمان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بالا بوخچىسىدىن بىر پارچەناۋاتنى ئېلىپ پاششاخانغا تەڭلىدى.
- پاششاخان ئالە بۇنى، ئەمدى بىزنى كىم بوزەكقىلسا سىنى باشلاپ ئاپىرىمىز، بۇ سىنىڭ مۇكاپاتىڭ!
بالىلار بوخچىلىرىنى ئاسمانغا ئېتىشىپ پاششاخاننىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەشتى...
ئۇلار شۇ تەرزدە پاششاخاننى ئارىسىغا ئېلىپ شا توپئويۇنى ئويناش ئۈچۈن قىزغىن ئادەم ئېلىشىۋاتقاندا يىراقتىن بىر بالا يۈگرەپكىلىپ«گايىت قانجۇق ئادەم باشلاپ كەلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بالىلار ھەممىسىكەينىگە ئۆرۈلۈپ يىراقتىن بىر توپ بالىلارنىڭ شامالدەك ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپكېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- كىمنى ئەكەپتۇ ئۇ چىدىماس ؟- دېدى بوخچىسىدىن ناۋات ئالغان بالا ئۇلارنىڭ يۇلىغاسىنچىلاپ قاراپ.
- كىمنى ئەكىلەتتى، شەھەردىكى تىللا تونۇرنى ئەكەلگەندۇ شۇ!- دېدى يەنە بىر بالامۇشتۇمىنى تۈگۈپ تۇرۇپ،- قورقمايمىز!
بالىلار گايىتنىڭ بايام قاچقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا «قانجۇق» دەپ لەقەم قۇيۇپئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇلار يەڭلىرىنى تۈرۈشۈپ تەييار بولۇشتى، پاششاخان بالىلاردىن تىللا قۇشۇننىڭ كىملىگىنى سورىدى.
- كىم بۇلاتتى، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تىللاخان، ئۇ ھارامدىن بولغاچقا ئانىسى ئۇنىكوچىغا تاشلىۋىتىپتىكەن، ئۇنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسى يوق، ئاڭلىساق ئۇ تونۇردا يېتىپچوڭ بوپتىكەن شۇڭا ئۇنى كىشىلەر تىللا تونۇر دەپ ئاتىشىدۇ، كۈندۈزى ئوغرىلىققىلىدۇ، ئەشۇنداق تىلەمچى بالىلارنى كەينىگە سېلىپ قوشۇن تارتىپ يۈرۈپ ياۋاشبالىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن ھاراملىق نېمە ئۇ!
شۇ چاغدا گايىت قانجۇق يەتتە-سەككىز بالىنى باشلاپ بۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەلدى.
- قېنى بايامقى پاششاخان دېگەن ھاراملىق، ئەمدىنوچىلىقىنى قىلىپ باقسۇن؟! – دېدى گايىت قانجۇق يېنىدىكى بۇيى ئۆزىدىن ۋىجىكرەكبىر بالىنى ئالدىغا چىقىرىپ.
تىللا تونۇر دېگەن بۇ بالا قارىماققا ياشتا پاششاخاندىنكىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قېشىغىچە چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا قۇندۇزدەك چېچىنىڭئاستىدىكى بىر جۇپ ھەركەتچان كۆزىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى زېرەك ھەم چاققان بالائىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
- مانا مەن، تولا ئادەم تىللىما! – دىگىنىچە پاششاخانبالىلارنىڭ ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ «قوشۇن» نىڭ ئالدىغا باردى.
- ھە، گايىتنى ئۇرۇپ يىغلاتقان پاششاخان دىگىنىسەنمۇ؟ - دېدى تىللا تونۇر قۇلىدىكى تاماكىسىنى توغرا چىشلەپ پاششاخاننى مەنسىتمىگەن ھالدا.
- ھەئە چېلىشتا يېڭىلىپ قالسا ئادەم باشلاپ كېلىدىغان گايىتنى يەرگە سالغىنى پاششاخان مەن شۇ! – دېدى پاششاخانتىللا تونۇرنىڭ ھەيۋىسىدىن قىلچە قورقماي مەغرۇرلۇق بىلەن.
تىللا تونۇر بىر ئۆمۈر كۇچا-كويلاردا قاقىلاي-سوقىلاي كۈن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن غەللە-ماجىرا،تاياق-توقماق دېگەن ئۇنىڭ ئۈچ ۋاقلىق غىزاسىدەكلا بىرئىش ئىدى، ئۇ تاماكىسىنى تازا بىر شورىۋېتىپ پاششاخاننىڭيۈزىگە پۈۋلىدى.
- ھۇ ، لالما ئىت ! گايىت دېگەن مىنىڭ قوشۇنۇمنىڭ ئەزاسى، يۈرۈگۈڭ قاپتەككىنا سىنىڭ؟ - تىللا تونۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ گايىتقا قارىغاندەكلاقىلىپ تۇيۇقسىز مۇشتى بىلەن پاششاخاننىڭ بۇرنىغا قاتتىقبىرنى سالدى، پاششاخان ھېچقانداق تەييارلىقسىزتۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۈچلۈك مۇشتنىڭ زەربىسىدىن كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەينىگەسەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەنتىللا تونۇر چاقماق تىزلىكىدە بۇرنىدىكى قاننى يېڭى بىلەن سۈرتۈۋاتقان پاششاخاننىڭ مەيدىسىگە كۈچۈپ بىرنى تەپتى، پاششاخان كەينىگە يېقىلىپ چۈشتى، ئاڭغىچە پاششاخاننىڭ دوستلىرى تىللا تونۇرنى تۇتىۋالدى...
پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىرماي چاپىنىنىسالدى، ئاندىن تىللا تۇنۇرغا قاراپ ۋارقىردى.
- قېنى نوچا بولساڭ ئەمدى كېلىشە، سەندەك نېمىلەرگە ئۆزەمنىبىر كۆرسەتمىسەم! – پاششاخان بۇرنىدىن ئېقىۋاتقانقان بىلەن كارى بولماي يېڭىنى شىمايلاپ تىللا تونۇرنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى، تىللا تونۇرمۇ بوش كەلمەي ئۆزىنى پاششاخانغائاتتى، ئىككىيلەن تازا تۇتۇشۇپ كەتتى، تىللا تونۇر تاياققا بەكلا پىششىق ئىدى، پاششاخانننىڭ پۇت-قۇلى ئۆزىنىڭ يېشىغا باققاندا ئاجايىپچاققان ئىدى، پاششاخان چاقپەلەكتەك پىقىراپبىردەمنىڭ ئىچىدىلا تىللا تونۇرنى خىيخىراتتى،تىللا تونۇر بۇلالماي، بىللە كەلگەن قوشۇنىغا بۇيرۇق قىلدى، بۇنى كۆرۈپ پاششاخاننىڭ دوستلىرىمۇ تەييار بولدى، شۇ چاغدا پاششاخان دوستلىرىغا بۇرۇلۇپ قاراپ « سىلەرئارلاشماڭلار، ھەممىسىگە ئۆزەم تاشايمەن!» دەپ ۋارقىراپ ئۇلارنى كەلگىلى قويمىدى. چۈنكىپاششاخاننىڭمۇ مۇشۇنداق جېدەل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەشىق قىلغانلىقىنىبىلگۈسى بار ئىدى. ئەخلاقلىق پاششاخان بۇنداق جىدەلنىپۇل بىلەنمۇ سېتىۋالالمايتتى، شۇڭا ئۇ بۇ جىدەلنى بىر پۇرسەت دەپ بىلدى.
قوشۇندىكى نان يېگەن تەرى يوق ئالتە ئۇرۇق بالا تىللا تونۇرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ پاششاخاننى ئۆرىۋالدى، لېكىن تىللا تونۇرنىڭ يەپ كەتكەنتايىقىغا قاراپ ھېچقايسىسى قول سالالمىدى، پاششاخانكىتاپتا ئۆگەنگىنى بويىچە ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاجىزراق بىرسىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭيۈرىگىنى ئاندىن يەنە بىرنىڭ يۈرىگىنى ئىزىش قارارىغا كەلدى، ئۇ پۇرسەتنى چىڭتۇتۇپ تىللا تونۇرنى راسا سالماقچى بولدى چۈنكى ئۇ بۇ قۇشۇننىڭ ئاتامانى ئىدى، بۇقاچسا ھەممىسى قاچاتتى، شۇنىڭ بىلەن پاششاخانئۇدۇل تىللا تۇنۇرغا چاپلىشىۋېلىپ شۇنى سېلىشقا باشلىدى، قالغانلار پاششاخانغا توختىماي مۇش سالدى، بۇنداق ئوپچە ئۇرۇلغانمۇشنىڭ ۋەزنى بولمايتتى، پاششاخان ئۇلارغا مۇشياندۇرماي يەنىلا تىللا تونۇرنى ئۇرۇشقا باشلىدى، تىللا تونۇرنىڭ ئاغزى-بۇرنى قانبولۇپ چىرايى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن قوشۇن ئەزالىرىنىڭ يۈرىگى چۈشۈپھەركىتى بىر ئاز ئاستىلاپ قالدى، بۇنى سەزگەن پاششاخانئۆرۈلۈپلا دىققىتىنى بۇلارنىڭ ئارسىدىكى جۇغى كىچىك ئۇرۇقراق بىرسىگە قاراتتى، ئۇبالا پاششاخاننىڭ چاقماقتەك ئېتىلغان ئىككى مۇشتىغابۇلالماي قېچىشقا باشلىدى، لېكىن پاششاخانباشقىلارغا بىر مۇشمۇ ئاتماي پەقەت ئۇلارنىڭئارىسىدىكى مۇشۇ ئۇرۇق بالىنى قوغلاپ شۇنىلا ئۇرۇشقا باشلىدى، بالا چىقىراپيىراققا قېچىپ كەتتى...ئەمدى نۆۋەت ھەممە جىدەلنى تېرىغان گايىتقا كەلدى، پاششاخانئۇنىڭ ئالدىغا شۇنداق كېلىۋىدى، گايىت قورقۇپ پۇت-قۇلىدا جان قالمىغان ھالداكەينىدىكى ھاسىراپ ئولتۇرغان تىللا تۇنۇرغا ئۈمىدبىلەن قارىدى، تىللا تونۇر بۇرنىدىكى قاننىتوختىتىپ يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ ئۇيەردە ھاسىراپئولتۇراتتى، پاششاخان راسا كۈچ بىلەن گايىتنىڭيۈزىگە بىر پەشۋا ئېتىۋىدى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كەينىگە داجىغىنىچەئۆزىنى تەڭشىيەلمەي تىللا تونۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپيېقىلدى، ئۇ قوپقىلى تەڭشىلىۋاتقاندا پاششاخان قۇيۇندەك كىلىپ يەنە بىر تەپتى، ئۇ بۇ قېتىمزوڭ ئولتۇرغان تىللا تونۇرنىڭ ئۈستىگە يېقىلدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەنتىللا تونۇر يەنە تاياق يېيىشتىن قورقۇپ «خەپ ھاراملىق، ئەجەب مەن بىلەنلاقالدىڭا؟!» دىگىنىچە يۈگۈرۈپ قاچتى، گايىتمۇئورنىدىن تۇرۇپ تىللا تونۇرنىڭ كەينىدىن بەدەرقاچتى، پاشاخان ئەمدى قالغان تۆتەيلەننىڭ ئىچىدىن بىرسىنى تاللىماقچى بۇلىۋىدى،تۆتەيلەن تىللا تونۇرنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى كۆرۈپبىر-بىرسىگە قارىشىپ ئالدى-كەينىگە قارىماي تىللا تونۇرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپقېچىشقا باشلىدى...
بىر مەيدان بالىلار ئۇرۇشى چوڭلار كىلىپ ئارىشلىماستاھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئاخىرلاشتى. ئەتراپتا تۇرغان بالىلار بۇ ئىشلاردىن ئاجايىپ ھەيرانقالدى، ئۇلار پاششاخاننىڭ بۇ تەڭداشسىز باتۇرلىقىنى چوڭلارغا ئېيتىش ئۈچۈنئۆيلىرىگە ئالدىراپ مېڭىشتى، شۇنداق قىلىپ بالا پاششاخاننىڭ نامى بۇ مەھەللىدە ۋەبالىلارنىڭ مەكتىپىدە ئەپسانە بولۇپ ئېغىزدىن –ئېغىزغا تارقىلىشقا باشلىدى.
توققۇزىنچى باپ: كونا خومداندىن قايتىش
كەچ كۈز شامىلى بالدۇرلا يوپۇرماقلارنى سارغايتىپ دەرەخلەرنى يالىڭاچلاشقا باشلىدى. ئاستانە قىشنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى.
تۆمۈرچىلىك كارخانىسىدىكى بالا ئىشچى پاششاخان ئۇستىسىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ قۇلى بىردەم بىكار تۇرمايتتى، ئۆزىگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىش تۈگەپ ئازراق ئارام ئالىدىغانغا ۋاقىت چىقسا بېرىپ باشقا ئۇستىلارغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى تۇشۇپ ئۇششاق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەتتى شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇستىسىلا ئەمەس كارخانىدىكى ھەممەيلەن ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى، بۈگۈن چارشەنبە بولغاچقا ئۇستىسى پاششاخاننى بالدۇرراق قايتىپ ئەكبەرخاننىڭ يېنىغا بېرىپ ساۋاق ئېلىۋېلىشىنى بۇيرىدى، پاششاخان كارخانىغا ئالغاچ بارغان بوخچىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ تېخى ئىشتىن چۈشمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۇدۇل مەكتىۋىگە قاراپ ماڭدى.
پاششاخان مەكتەپ ئالدىغا يېقىنلاشقاندا ئەكبەرخان ئۇستاز بالىلارنى قۇيىۋېتىپ ۋەلىسپىتىنى يېتىلىگىنىچە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بولغان ئىدى، ئۇ بۈگۈن ساقاللىرىنى پاكىزە قىرىپ ئۆشنىسىگە يارىشىملىق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغاچقا خۇددى يېڭى تۇيى بولغان يىگىتلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پاششاخان ئۇستازىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەزەلدىن مەكتەپتىن بۇنداق بۇرۇن قايتالمايتتى. پاششاخان يۈگرەپ بېرىپ ئۇستازىغا كۈلۈپ سالام قىلدى.
- ئەسسالام ئۇستاز!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پاششاخان، ساڭا ساقلاپ تۇرغان ئىدىم – دېدى ئۇستاز گۇيا بالىسىنى كۆرگەندەك خۇشال بولۇپ، - ۋەلىسپىتنى سەن يېتىلىۋالغىن، ئالدىرماي ماڭايلى!
پاششاخان ۋەلىسپىتكە بەك قىزىقاتتى، ئۇ خوش بولۇپ دەرھال ۋەلىسپىتنى قۇلىغا ئېلىپ يىتىلەپ ماڭدى.
- كارخانىغا كۈنۈپ قالدىڭمۇ؟ تاماقنى قانداق قىلدىڭ؟
- ھەئە، ئۇلار بەك ياخشى، قوسۇغۇممۇ ئاچ قالمىدى، ئۇلار ھەر قېتىملىق تاماقتا ماڭا يەيدىغىنىدىن بىرىشىدۇ، بەزىدە يېگىلى قۇساق يوق بولۇپ كىتىمەن.- دەپ كۈلدى پاششاخان ئۇستازىغا قاراپ.
- ياخشى بۇپتۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، تېكىستلەرنى يادلاشقا ۋاقتىڭ چىقتىمۇ؟
- چىقمامدىغان، ئىشىمنى قىلغاچ توختىماي شۇلارنى يادلايمەن.
ئۇلار پاراڭلاشقان پېتى رەستىنىڭ دوقمۇشىدىكى خانلىق مەسچىتنىڭ ئالدىدا توختىدى، ئەكبەرخاننىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ئۇ يېنىدىكى يانچۇق سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن بوينىنى سۇزۇپ يولغا قاراشقا باشلىدى.
- ئۇستاز بۇ يەردە بىرەسىنى ساقلامدۇق؟ - دەپ سورىدى پاششاخان ئۇستازىنىڭ بىرسىنىڭ يۇلىغا قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ.
- ھەئە، بىر مېھمان كەلمەكچى ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولغان.
ئەكبەرخان شۇنى دەپ بولۇپ چىرايى شەلپەردەك قىزاردى. پاششاخان ئۇستازىنىڭ تېخى ئۆيلەنمىگىنىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئۇستازىغا قاراپ كۈلۈپ ئېيتتى :
- ئۇنداقتا مەن ئۆيگە كەتكەچ تۇراي، ساۋاق ئالغىلى باشقا كۈنى كىلەي ئۇستاز !
- ياق، ياق ، پاششاخان ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشۈم، سەن يېنىمدا تۇرمىساڭ بولمايدۇ، ماقۇل دېگىن كەتمە! – ئەكبەرخان ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتتى.
پاششاخان ئۇستازىنىڭ گېپىنى يىرالمىدى، ئۇزاق ئۆتمەي رەستە تەرەپتىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كەينىگە بىر قىزنى سېلىپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملاشتى، قىزچاق يىگىرمىلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ناھايىتى نومۇسچان قىز بولۇپ ئاپئاق چىرايى زىلۋا بەدىنىگە چىپ كەلگەن قىزىل كۆينىكى بىلەن رەڭ تالاشقاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ئەكبەرخان مۇشۇ تاپتا بۇ قىزدىنمۇ ئۆتە خىجىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يەردە ياكى بۇلۇتنىڭ ئۈسىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى بارلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى، ئۈچەيلەن مەسچىت ئالدىدا ئۈن-تىنسىز بىردەم تۇرغاندىن كېيىن زېرەك پاششاخان ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئۇستازى ئەكبەرخانغا ياردەم قىلدى:
- ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەيلىمۇ؟ - پاششاخان قەستەن ئۇستازىغا مەسلىھەت سالغان بۇلدى.
- شۇنداق قىلايلى،- بۇ گەپ ئەكبەرخانغا ياغدەك ياقتى – سىنىڭ نېمە يىگۈڭ بار؟
- نېمە بولسا مەيلى، ئىشقىلىپ ئاچامنىڭ يېگۈسى بارنى يىمەيلىمۇ!-دېدى پاششاخان يېنىدىكى چىرايلىق قىزغا يەر يۈزىدىن قاراپ.
قىز ئالمىدەك تومپىيىپ چىققان مەيدىسىنىڭ ئۈستىدە چوكان تالدەك ئۆزىنى تاشلاپ تۇرغان توم چېچىنى ئويناپ يەردىن ئۈستۈن قارىمايتتى، ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاۋالقىدەك يەرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇردى، ئاندىن بېشىنى كۈتۈرۈپ بىر جۇپ قوي كۈزى بىلەن ئەكبەرخانغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئەكبەرخان ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغاندەك بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، ئۇ دىققىتىنى يېغىپ قىزغا قاراپ ئېيتتى:
- ئۇنداقتا قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسىغا بارايلى، شۇ يەرنىڭ تامىقى يامان ئەمەس.
ئىككىيلەن يولدا ماڭغۇچە گەپ-سۆز قىلىشمىدى، پاششاخان ۋەلىسپىتنى يىتىلەپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، ئۇلار پەقەت قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ غىزالىنىش جەريانىدا ئاندىن ئاز-تولا پاراڭلاشتى، ئىككىيلەن بىر-بىرىگە يېقىپ قالدى، ئۇلار خۇددى تويى بولغان بىر جۇپ قىز-يىگىتتەك چىرايىدىن كۈلكە كەتمىگەن ھالدا ئاشخانىدىن چىقتى لېكىن مۇشۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بۇلارنىڭ كەيپىنى بۇزدى.
ئاشخانا ئالدىدىكى كوچىدا ئىككى رۇس بىر-بىرىنى يۈلەپ مېڭىۋاتاتتى، بۇنىڭ بىرى ياش يىگىت يەنە بىرى ياشتا چوڭ يۈزلىرىنى سېرىق بۇرۇت –ساقال قاپلىغان كىيىنىشى قاتتىق پوزۇر بىر ئەر كىشى ئىدى، ياشتا چوڭى ئېھتىمال چوڭ سودىگەر ياكى كاتتا باي بولسا كېرەك ياش يىگىت بۇ قېرى مەستنىڭ توختىماي تىللاشلىرىغا، پات-پات توختاپ يۈزىگە شاپىلاق سېلىشلىرىغا چىداپ ماڭماقتا ئىدى، كوچىدىكى كىشىلەر بۇ ئىككى مەسكە يول بېرىپ كۇچىنى بۇلارغا ئوڭچە قۇيۇپ بەردى، ئۇلار ئوڭ-سولغا دەسسەپ ھېلى كۈلۈپ ھېلى ۋارقىراپ قۇلىدىكى قۇرۇق ۋوتكا شېشىسىنى كىشىلەرگە ئاتقىلى قوپقاندەك قىلىقلارنى قىلىپ قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا ئەكبەرخان قاتارلىق ئۈچەيلەن ئاشخانىدىن كوچىغا چىقىپ قالدى ، ئۇلار بۇ ئىككى مەستنى كۆرۈپ يانغا ئۆتۈپ ئۇلارغا يول بىرىپ تۇردى، شۇ ئەسنادا قېرى مەستنىڭ كۈزى ئەكبەرخاننىڭ كەينىدە مۈكۈپ تۇرغان قىزغا چۈشۈپ ھىجايغىنىچە بىرنىمىلەرنى دەپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا دەلدەڭشىپ كىلىپ قىزغا قۇلىنى سۇندى، ئەكبەرخان مەستنىڭ قۇلىغا ۋاققىدە بىرنى سېلىپ ئۇنى كەينىگە ئىتتىرىۋەتتى، قېرى مەست كەينىگە بىر قانچە قەدەم دەلدەڭشىپ يەنە يۈزىنى قېلىن قىلىپ بۇ يەردىن كەتكىلىۋاتقان ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا ھىجىيىپ كىلىپ ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ كەينىدىكى قىزنىڭ بىلىكىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى قۇچاقلاشقا ئۇرۇندى، ئەكبەرخان كۆڭلىدە بۇ قېرىنى ھەرقانچە پەس بولسىمۇ بۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەس دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چاقماق تىزلىكىدە قىزنىڭ قۇلىدىن تارتىپلا قېرى مەستنىڭ سىمىز يۈزىگە كېلىشتۈرۈپ بىر كاچات سالدى، بىر ياندا ئويۇن كۆرۈپ تۇرغان ياش مەست يىگىت خوجايىنىنىڭ مۇشىت يېگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئەكبەرخانغا ئاتتى، ئەكبەرخانمۇ بوش يىگىت ئەمەس ئىدى، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئەكبەرخان بۇ ئىككى مەستنى كوچىنىڭ بىر يېنىدىكى يۈندە كاتىكىغا قىستاپ ئاپىرىپ مۇشت-پەشۋالىرى بىلەن كاتەكنىڭ ئىچىگە چىڭدىۋەتتى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ئامما ئەكبەرخاننىڭ قورقماس باتۇر-باتۇرلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.
شۇ چاغدا كوچىنىڭ نېرىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى رۇسلار پۈشتەكلەرنى چېلىشىپ ئالا-تاغىل ۋاقىرىغىنىچە جېدەل چىققان تەرەپكە يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى، ئەكبەرخان دەرھال يېنىدىكى قىزنى ئۇنىڭ ئۇنىماسلىقىغا قارىماي مەجبۇرى قاچۇرۋەتتى، بىر قىسىم ئەسكەرلەر يۈگۈرۈپ كېلىشكىنىچە يۈندە ئازگىلىدىن چىقالمايۋاتقان ئىككى مەستنى تەسلىكتە يۈلەپ قوپۇردى يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلەر قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەكبەرخاننى ياش مەستنىڭ كاتەكتە تۇرۇپ كۆرسىتىشى بىلەن تۇتىۋالدى.
قېرى مەست ئورنىدىن تۇرۇپ دەلدەڭشىگىنىچە چەمبەرچەس باغلانغان ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ باردى، ئىككى يېنىغا قاراپ يەنە ھېلىقى قىزنى ئىزدەشكە باشلىدى، قىزنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن بىر نىمىلەرنى دەپ ئاچچىقلىنىپ ئەكبەرخاننىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن سېلىشقا باشلىدى، ئەسكەرلەر « رۇسلارغا تاياق سالغىنىڭغا توي!» دىگەندەك ئەكبەرخاننىڭ شاپىلاق يېيىشىگە قاراپ كۈلۈشۈپ تۇردى، ئەكبەرخاننىڭ كۆز ئىشارىتىگە بويسۇنغان پاششاخان بىر ياندا مۇشتىنى تۈگۈپ ئاچچىقىنى يۇتقان ھالدا غەزەپ بىلەن تۇراتتى.
تۇيۇقسىز قېرى مەسىت يېنىدا كۈلۈپ تۇرغان بىر ئەسكەرنىڭ قۇلىدىكى مىلتىقنى تارتىپ ئېلىپ ئۇنى بەتلەپلا ئەكبەرخانغا قارىتىپ تەپكىنى باستى، ئاڭغىچە ياندىكى پاششاخان ھۇشيار كىلىپ قېلىپ ئېتىلغىنىچە قېرى مەستنىڭ قۇلىدىكى مىلتىقنى قۇلى بىلەن ئاسمانغا كۈتۈرۈپ ئۈلگۈردى «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن كوچىدىكى كىشىلەر پاتىپاراق بولۇپ كىتىشتى، ئوق ئاسمانغا ئېتىلغان ئىدى. ئەسكەرلەر قېرى مەستكە يالۋۇرغاندەك نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى قۇرالنى مىڭ تەسلىكتە قۇلىغا ئېلىشتى.
پاششاخاننىڭ ھەركىتىگە زەن سېلىپ تۇرغان ھېلىقى ياشراق چالا مەست پاششاخاننىڭ ئەكبەرخان بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرگەچكە ئۇنى تۇنىۋېلىپ ئەسكەرلەرگە بىر نىمىلەرنى دېدى، ئەسكەرلەر يوپۇرۇلۇپ كىلىپ پاششاخاننى تۇتىۋېلىپ قۇلىنى كەينىگە باغلاپ قويدى، شۇ ئەسنادا قېرى مەسىت پاششاخاننىڭ ئىشنى بۇزغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئەكبەرخاننى يەپ كەتكۈدەك ئەلپازدا تۇراتتى، ئۇ پاششاخانغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئۇنىڭ ئالدىغا سەنتۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئۇنى تىپىپ ئۇرۇشقا باشلىدى، چوڭ ئادەمنىڭ تىپىكىگە بولالمىغان پاششاخان يەرگە يېقىلىپ چۈشتى، قېرى مەسىت ئۇنى كۈچەپ دەسسەشكە باشلىدى، بۇ قېتىم قېرى مەست ئاچچىغىنى پاششاخاندىن چىقارماقچى بولىۋاتاتتى، ئەكبەرخان بۇ ناھەقچىلىقنى كۆرۈپ غەزەپتىن چىدىيالماي دىققەتسىز تۇرغان ئەسكەرنىڭ قۇلىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ قېرى مەستنىڭ چاتىرىقىغا راسا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى، قېرى مەسىت خۇددى توڭگۇزدەك چىقىراپ جان يىرىنى تۇتقىنىچە رەزىنكىدەك يېغىلىپ قالدى، ئەسكەرلەر ئەكبەرخاننى توپلىشىپ ئۇرۇشقا باشلىدى، خالايىق بۇ رەھىمسىزلىكلەردىن ياقىسىنى تۇتۇشۇپ تۆۋۋە قىلىشتى، قېرى مەست ناھايىتى تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا باردى، ئەسكەرلەر ئاچچىغىڭنى چىقىرىۋال دىگەندەك ئۇنىڭغا يول بوشۇتۇپ ئارلىقىنى ئېچىپ بىرىۋاتاتتى، قېرى مەست ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ئۇرۇشقا قۇلىنى كۈتۈرۈپ بولۇپ « ياق...ياق » دىگەندەك بىر نىمىلەرنى دەپ بېشىنى چايقىغىنىچە كەينىگە يېنىپ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ يېنىغا باردى، ئۇ كۆڭلىدە پاششاخاننى ئەكبەرخاننىڭ ئوغلى دەپ قاراپ باشقىچە بىر ئۇسۇلدا ئەكبەرخاندىن ئۆچ ئالماقچى بولدى، ئۇ ئالدى بىلەن يەردە باغلاقلىق ياتقان پاششاخاننىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىرنى تەپتى ئاندىن ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ بىرنېمە ئىزدىدى، ئۇ كوچىنىڭ بۇيىدىكى ئادەم بېشى چوڭلۇقىدىكى بىردانە تاشنى يەردىن تەسلىكتە قومۇرۇپ ئېلىپ بۇنىڭ بىلەن پاششاخاننىڭ بېشىنى يەنچىمەكچى بولدى، ئۇ تاشنى كۈچەپ بېشىدىن ئۈستۈن قىلىپ پاششاخان تەرەپكە مېڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىز «ۋايجان!» دەپ ۋارقىراپ سالدى ھەم قۇلىدىكى تاشمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىدىن قان تامچىلاپ ئېقىۋاتاتتى.
ئەسلىدە بۇ جېدەلنىڭ باش ئاخىرىنى تىللا تونۇر كۆرۈپ تۇرغان ئىدى، ئۇ باشتا پاششاخاننىڭ تاياق يىگىنىدىن قانغۇچە خۇش بولدى، ھەتتا باغلاقلىق پاششاخاننى راسا بىر ئۇرغۇسىمۇ كەلدى، ئۇ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ بېشىدا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى، پاششاخان ئۇنى كۆرۈپ تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن پەس ئاۋازدا«تىللاخان!...» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى چىقىرىپلا كۈزىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتى، تىللا تونۇرنىڭ ئىسمىنى ئۆمرىدە ھېچكىم بۇنداق توغرا ئاتاپ باقمىغان ئىدى، پاششاخاننىڭ بۇ خىل بىچارىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزىدىن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۈمىد بىلەن چاقىرىشىدىن تىللا تونۇرنىڭ قېنى دولقۇنلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدا ئاققىنىمۇ پاششاخاننىڭ مىللەت قېنى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئۆتۈپ كەتكەن ناھەقچىلىق بولغاچقا تىللا تونۇر بۇ تەڭسىزلىككىمۇ چىدىمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ يۈرىگى سېلىپ ئەركەكلىكى ئۈستۈن كەلدى، ئۇ بايام قىلغان قىلىقىغا خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىگە يېنىپ ياندىكى دوستلىرىغا بىر نىمىلەرنى جېكىلەپ بۇ يەردىن شۇئان ئايرىلدى.
تىللا تونۇر پاششاخاننىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ كوچىنىڭ بۇيىدىكى تۇتاش دۇكانلارنىڭ ئۆگزىسىگە يامشىپ چىقىپ پاششاخان باغلانغان يەرگە يېقىنلاشتى، شۇ چاغدا قېرى مەسىت يەردىكى چوڭ تاشنى ئېلىپ بېشىدىن ئېگىز كۈتۈرۈپ پاششاخاننىڭ بېشىنى نىشانلاپ مېڭىۋاتقاندا تىللا تونۇر دەرھال قۇلىدىكى رەگەتكە بىلەن قېرى مەستنىڭ يۈزىنى نىشانلاپ يېقىن ئارىلىقتىن ئۈكچىدەك بىر تاشنى سۇزۇپ قۇيۇۋەتتى، شېخىل تاش ئۇدۇل قېرى مەستنىڭ ئوڭ كۆزىگە تەگدى، قېرى مەسىت ئۇق تەگكەن لالما ئىتتەك چىقىراپ قان تەپچىپ چىققان كۈزىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، ئەسكەرلەر پاتىپاراق بولۇشۇپ رەگەتكىنىڭ قەيەردىن ئېتىلغانلىقىنى بىلەلمەي پىتىراشقا باشلىدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەكبەرخاننىڭ يېنىدا تۇرغان بىر ئەسكەر توۋلىغىنىچە يۈزىنى تۇتۇپ ۋايجانلاشقا باشلىدى، ئەسلىدە ئۆگزىدىن يەنە بىر تال شېغىل تاش ئۇچۇپ كىلىپ بۇ ئەسكەرنىڭ يۈزىنى يىرتىۋاتقان ئىدى.
ئەسكەرلەر بۇ قېتىم رەگەتكىنىڭ ئۆگزىدىن ئېتىلغانلىقىنى بىلدى، ئۇلار باغلاقلىق ئەكبەرخان بىلەن پاششاخاننى تاشلاپ قۇيۇپ ئوڭ-تەتۈر توۋلىشىپ دۇكان ئۆگزىسىگە چىۋىندەك ئۇلاشتى، پاششاخانغا يېقىن يەردىكى بىر بالا يۈگۈرۈپ كىلىپ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ قۇلىدىكى ئارغامچىنى كېسىشكە باشلىدى، ئەسكەرلەر پاششاخاننى بالا دەپ قاراپ ئۇنىڭ قۇلىنى ئۇنچە مەزمۇت باغلىمىغان ئىدى، پاششاخان باغلاقتىن بوشىنىپ ھېلىقى بالا بىلەن ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ قۇلىنى بوشاتماقچى بولدى، ئەكبەرخان ئۇلارغا «مەن قاچقان تەقدىردىمۇ بۇلار مىنىڭ ئاتا-ئانامنى بوش قويمايدۇ، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن دەرھال قېچىڭلار، تىز بۇلۇڭلار!» دەپ پەس ئاۋازدا ۋارقىردى.
ئاڭغىچە ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆگزىدىكى كۆلەڭگىنى قوغلاپ قالايمىقان ئۇق ئېتىشقا باشلىدى، يەنە بىر قىسمى پاششاخاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ دەرھال ئورنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى، پاششاخان بىلەن ھېلىقى بالا كىشىلەر ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكىنىچە بۇ يەردىن غايىب بولدى.
پاششاخان شۇ يۈگۈرگىنىچە ھېلىقى بالىغا ئەگىشىپ شەھەر سىرتىدىكى كونا خۇمدانلىققا كىلىپ توختىدى، بىر دەمدىن كېيىن تىللا تونۇرمۇ بېشىدىن سۇ قۇيۇلغان ھالدا بۇ يەرگە پەيدا بولدى، پاششاخان ئۆزىنىڭ جېنىنى ھايات-ماماتىغا قارىماي قۇتۇلدۇرۇپ قويغان تىللا تونۇر بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
* * * * *
پاششاخان بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ ئۈيىگە بارالماي تىللا تونۇرنىڭ كونا خۇمداندىكى تاشلاندۇق ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى، ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆز-ئارا سىردىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، تىللا تونۇرنىڭ پاششاخانغا ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە خاندانلىقنىڭ شەھەر قوغداش قىسمىنىڭ ئەترەت كوماندىرى ئىكەن، رۇسلار باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇ خاندانلىقنىڭ «ئۇرۇشماسلىق» بۇيرۇقىغا قارشى ئەللىك نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ رۇسلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ، خاندانلىق ئاغدۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇ رۇسلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىپ ئېتىپ تاشلانغاندىن سېرىت رۇسلارنىڭ «خائىنلارنىڭ ئەۋلادىنى ئىنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش» دېگەن سىياسىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بوۋا-مومىسىدىن باشلاپ ئانىسىغىچە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ تۈرمىدە كىسەللىك ھەم ئاچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن، تىللاخان ئۇ چاغدا ئاران ئىككى ياشتا بولۇپ ئانىسى ئۇنى يىراق سەھرادىكى بىر تاغىسىغا بىرىۋەتكەن ، لېكىن تاغىسىنىڭ ئايالى ئىچى زەھەر خوتۇن بولغاچقا بۇ بالا ھامان بېشىمىزغا بالا بولىدۇ دەپ قاراپ ئىككى ياشلىق تىللاخاننى شەھەرگە تاشلىۋېتىپ «بالا يۇتۇپ كەتتى» دىگەننى باھانە قىلىپ ئىشنى تۈگەتكەن.
كېيىن تىللاخان كۇچا-كويلاردا سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئالتە ياشقا كىرگەندە دادىسنىڭ كونا سەپدىشى تىللاخاننىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ ئۇنى كوچىدىن ئۈيىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئائىلە مىھرىنى يەتكۈزگەن لېكىن رەھمسىز ۋابا بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىمۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتكەن، تىللاخان يەنىلا ئاۋالقىدەك يېتىملىك كوچىسىغا قايتقان. تىللا تونۇرمۇ بۇ گەپلەرنى مانا مۇشۇ كىشىدىن ئاڭلىغان ئىكەن.
پاششاخان ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ رۇسلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ مۇشۇ تاپتا كۆڭلىگە بىر خىيالنى پۈككەن ئىدى، لېكىن ئۇ تىللا تۇنۇرغا بۇ گەپنى ھازىرچە ئېيتماسلىقنى ئويلىدى.
- تىللاخان، كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما، ھەر ئىككىلىمىزنى بۇ كۈنگە دۇچار قىلغىنى مۇشۇ رۇسلار – دېدى پاششاخان كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇتى چاچرىتىپ – قاراپ تۇر، ئۇلار ھامىنى جاجىسىنى يەيدۇ.
- بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مىنىڭمۇ ئاتا-ئانام ھايات بولسا، مىنىڭمۇ ئۆيۈم بولسا، مەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇسام، ئۇلارغا ئوخشاش كىتاب ئۇقۇشنى بىلسەم، خەت يازالىسام دەيمەن لېكىن ...لېكىن بۇلار ھېچقايسىسى ماڭا نېسىپ بولمىدى، مەن ئادەملەردىن بەكلا نەپرەتلىنىمەن، مەن ئۇلارغا ئۆچ پاششاخان...- دېدى تىللا تونۇر قۇلىدا ئويناپ ئولتۇرغان رەگتكىسىنىڭ رەزىنكىسىنى بارمىقىغا چىڭ يۆگەپ تۇرۇپ.
- دېگىنىڭغۇ ئېيتماققا توغرا، ئەمما ھەممە ئادەملەرگە ئۆچ بولساڭ بولمايدۇ، ھەممىسىنىڭ باشلامبېشى يەنە شۇ رۇسلار، ئۇلار ھە دىسە قوللۇق تۈزۈمنى يوق قىلىپ سىلەرنى ئازاد قىلدۇق، تەڭسىزلىكنى تۈگىتىپ ئادالەتنى تىكلىدۇق دەپ جار سېلىشىدۇ، قايسى كۈندىكى ئىشنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رۇسلاردىن باشقىسى ئادەم ئەمەس، ئۇلار بىزنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا كۈرىدۇ، پەقەت رۇسلارلا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بۇلىشى كېرەك تىللاخان!
تىللا تونۇر بىر ئۆمۈر يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، كىشىلەرنىڭ خارلاپ كەمسىتىشىگە كۆپ ئۇچۇرغان بالا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە ئىرىشىپ باقمىغان ياكى مەكتەپ قارىسى كۆرۈپ باقمىغان بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەشۇ جەمىيەتتىن ئەشۇ ئادەملەردىن نەپرەتلىنەتتى، ئۇنىڭدا دىنىي ئەقىدە دېگەن نەرسىمۇ يوق ئىدى، نىمىنىڭ گۇناھ نىمىنىڭ ساۋاب بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ پەقەت بىر كۈنلۈك قۇرساق غېمىنى ھەل قىلسىلا باشقا ئىشلار بىلەن كارى بولمايتتى، شۇڭا پاششاخاننىڭ گىپى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئانچە ئۆتۈپ قالمىدى.
- - پاششاخان سەن ئەجەب مەكتەپتىكى مۇئەللىملەردەك گەپ قىلغىلى تۇردۇڭ، بىر قېتىم مەن سىنىپ ئىشىگىنىڭ يوچۇغىدىن مۇئەللىمنىڭ بالىلارغا مۇشۇنداق چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن دەرس ئۆتۈۋاتقىنىنى ئاڭلىغانمەن...لېكىن سەن بىزنى كېيىن چۈشۈنۈپ قالىسەن...
- بۇپتۇ، بۇلارنى كېيىن دىيىشەيلى، مەن ئەمدى كارخانىغا بىر بېرىپ باقايمىكىن...
- توختا، ئالدىرىمىغىن! بالىلار ئولجا ئالغىلى كەتكەن، ئۇلار سىنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاپ باقماقچى، ئۇلار كەلسۇن ئاندىن بىر نېمە دەيلى..
شۇنداق قىلىپ كەچكە يېقىن بەش-ئالتە بالا بەزەنلىرى پۇل-پېچەك، بەزەنلىرى يەيدىغان نان-تۇقاچ يەنە بەزەنلىرى گۆش-توخۇ دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرىشىپ پەيدا بولۇشتى، تىللا تونۇر ئالدى بىلەن نەخ پۇللارنى ساناپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن قالغان ئولجىلارنى داستىخانغا تىزىپ مەززە قىلىشقا باشلىدى. قۇرسىقى ئېچىپ كوكىراپ كەتكەن پاششاخان ئۈچ كۈندىن بىرى بۇلارنىڭ بۇ داستىخانىسىغا داخىل بولۇپ كەلگەچكە ھېچ تارتىنمايلا توخىنىڭ بىر پاچىقى بىلەن بىر تال ناننى قۇلىغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدى، ئارلىقتا تىللا تونۇر بالىلاردىن پاششاخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدى، بالىلار بىرە نورمالسىزلىقنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن پاششاخان ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدىلىشىپ قاش قارايغاندا بۇ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كونا ئۆيدىن ئايرىلدى.
پاششاخان ئۈيىگە بېرىپ تازا بىر يۇيۇنۇۋالغاندىن كېيىن ئارامىدا ئۇخلاپ ئەتىسى ئەتتىگەن جەينامازدا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش خۇمارىنى باستى ئاندىن كارخانىغا يول ئالدى، ئۇستىسى ئۇنى نەچچە كۈندىن بىرى ئىشقا كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ئۆزىنىڭ زۇكام بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. قارىغاندا ئۇستىسى ئەكبەرخان توغرىلىق بىرە خەۋەر ئاڭلىمىغاندەك ئىدى.
ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۈيىگە باردى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ تېخىچە ساقچى ئىدارىسىدىكى سولاقخانىدا ئىكەنلىكىنى، ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تۇغقىنىنىڭ ھېلىھەم يولىنى مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كۆز-يېشى قىلىشتى. پاششاخان قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدا بولغان ئىشلارنى يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى.
شۇ ئەسنادا دەرۋازا قېقىلدى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتىسى ئىچىدىن ئىتىلگەن ئىشكىنى ئاچقىلى ماڭغاچ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان تۇغقىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملەپ پاششاخانغا ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ دەرۋازىنى ئاچتى.
ئەكبەرخاننىڭ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە تۇققىنى ئۇدۇل ئىچكىرىدىكى ئۆيگە ماڭدى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى. پاششاخان يانىدىكى ئۆينىڭ پەنجىرىدىن ئۇلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
- ئەكبەرخاننىڭ ئەھۋالى ھازىرچە ياخشى ئانا،- دېدى ساقچى يىگىت يىغلاۋاتقان ئانىغا تەسەللى بىرىپ – بۇ ئىش ئەسلىدە ئۇنچە چوڭ ئىش ئەمەستى لېكىن ھېلىقى رۇس كاتتا باي بىرنېمە ئىكەن، ئۇنىڭ شۇ كۈنىدىكى ماجىرادا بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كىتىپتۇ، ئۇ شۇنىڭ ئاچچىقىدا يۈزى چوڭلارنى ئىزدەپ ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارە باشلىقى بۇ سودىگەر بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈپ بۇ ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق تۇتىۋالدى، ئۇنىڭ قارنى بەك چوڭ شۇڭا ھازىرچە بۇ ئىشقا كۈچىگىلى بولمىدى، بەرگەن پۇلۇڭلارنى تېخى ئىشلەتمىدىم، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ھەرگىز قاراپ تۇرمايمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياش قۇيۇلدى.
- جېنىم بالام، مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار، شۇ ئاكاڭنى بىر نېمە قىلىپ ئاچىقىۋالغىن، كىچىگىڭدە ساڭا ئەمچەك سالغانمەن، بەرگەن سۈتىمىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاڭاكغا ياردەم قىلغىن، پۇل-پېچەكنىڭ يولىنى بىز قىلىمىز بالام ...!
ئانا توختىماي يىغلايتتى. ساقچى ئۇلارغا بىر ھازا تەسەللى سۆزى قىلغاندىن كېيىن يېڭى خەۋەر بولسا ۋاقتىدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى، پاششاخانمۇ ئۇزاققا قالماي ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.
ئۇ يولدا ماڭغۇچە سىڭلىسى بەرنەخاننى ئوغۇرلاپ سېتىۋەتكەن ساقچى باشلىقىنى ئويلاپ چېكىسىدىكى شۇ قېتىملىق تاياق زەربىسىدىن قالغان تارتۇقنى سىلاپ قويدى. ئۇ كۆڭلىدە يەنە ئۇستازى ئەكبەرخانغا شۇملۇق قىلىۋاتقان ئەشۇ ئىپلاس ساقچى باشلىقى بولمىغىيدى دىگەننى ئويلاپ خۇدادىن ئۇستازىغا ئامانلىق تىلىدى. ئاندىن دوستى تىللاخاننى ئىزدەپ كونا خۇمدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتتى.
پاششاخان بۇ ئارلىقتا ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ تۇردى، ئىشلاردا ھېچبىر ئىلگىرلەش بولمايۋاتاتتى.
بىر كۈنى ئەتتىگەندە پاششاخان كارخانىغا كىلىپلا ئۇستىسىدىن ئەكبەرخاننىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۇستىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن دەرھال ئەكبەرخاننىڭ ئۈيىگە ئۇچتى.
پاششاخان يېرىم ئۇچۇق دەرۋازىنى چەكمەيلا ھويلىغا كىرىپ ئىچكىرىدىكى ئۆيدىن چىققان ئاۋازغا ئاساسەن ئۇدۇل شۇ يەرگە كىردى.
ئۇستازى ئەكبەرخان ئۇچىسىدا كاستۇم-بۇرۇلكا ساقاللىرى پاكىزە قىرىلغان ھالدا سۇپىدا پۇتىنى ساڭگىلىتىپ يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. پاششاخان خوش بولۇپ ئۇستازىغا سالام قىلىپ قۇلىنى سۇندى.
ئەكبەرخان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋەردى، ئۇستازىم ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان پاششاخان يەنە بىر قېتىم«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز!» دەپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى.
ئەكبەرخان يەنىلا بېشىنى كۆتۈرمىدى، پاششاخان خىجىل بولغىنىدىن ھۆپپىدە قىزىرىپ ئەجەبلەنگىنىچە ياندا قاراپ تۇرۇشقانلارنىڭ چىرايىغا سەپسالدى، ئەكبەرخاننىڭ ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل قايغۇ-ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى، پاششاخان كۈزىنى ئەكبەرخاننىڭ ئانىسىغا يۆتكىدى، ئانىنىڭ كۈزى لىق ياشقا تولغان ئىدى، ئانا پاششاخاننى كۆرۈپ ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى...
ئەكبەرخان خۇددى خاتىرسىنى يوقاتقان ئادەمدەك ھېچكىمنى تونىيالمايۋاتاتتى، گەپمۇ قىلمايتتى، پەقەت ئەتىدىن كەچكىچە بىر نوقتىغا قاراپ كۈزىنى مىدىرلاتماستىن ئولتۇرۇدىغان بولۇپ قالغان ئىدى...
پاششاخان زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئانىنىڭ كۆزىگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى، ئانا يىغلىغىنىچە پاششاخاننى ياندىكى ئۆيگە تارتىپ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىشىكنى چىڭ يېپىۋەتكەندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان تۇغقىنىدىن ئاڭلىغانلىرىنى تەپسىلى ئېيتىپ بەردى.
ئەسلىدە بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان كاتتا سودىگەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشۇپ ئۆزىنىڭ يەكچەشمە بولۇپ قالغانلىقىغا ئەكبەرخاندىن زور تۆلەم ئالماقچى بولغان ئىكەن، لېكىن ئەكبەرخان سۇراق قىلىنىش جەريانىدا رەگەتكە ئاتقۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەچكە ھېچنىمە دېيەلمىگەن، سوراقچىلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قىز بىلەن كىچىك بالا توغرىلىق گەپ سورىغاندا ئۇ «مەن ئۇلارنى تونۇمايمەن» دەپ تۇرىۋالغان، ئىدارە باشلىقى پاششاخاننىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئۇلاردىن تۈزۈك بىر نېمە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ئۇنى قويۇۋەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنى قۇيۇپ بىرىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سودىگەر بىلەن ئىدارە باشلىقى قۇلىقى چىلاشقىچە ۋوتكا ئىچىشكەن، ئىدارە باشلىقى كەيپچىلىكتە ئەكبەرخاننى سودىگەرگە ئاچىقىپ بىرىپ ئاچچىغىنى چىقىرىۋېلىشقا ماقۇل بولغان، شۇنداق قىلىپ يەكچەشمە سودىگەر سوراقخانىدىكى باغلاقلىق ئەكبەرخاننى رەزىنكە كالتەك بىلەن قالايمىقان ئۇرۇپ ئۇنى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن.
بۇ ئىش دەل ئەكبەرخان تۇتۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن بولۇپ ئەتىسى ساقچىلار ھۇشسىز ياتقان ئەكبەرخاننى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە بۇ پېتى بىرەلمىگەن، ئۇ تۈرمىنىڭ داۋالاش ئۆيىدە ئۈچ ھەپتىگە يېقىن پەرۋىش قىلىنىپ بېشىدىكى يېرىلغان زەخمىلەر بىر ئاز ساقايغان لېكىن شۇ قېتىملىق كالتەكلەشتە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلەنگەنلىكتىن مانا مۇشۇنداق ئەقلىي ئىقتىداردىن قېلىپ ئۆزىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنىمۇ تۇتالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان.
ئۇلار ئەكبەرخاننى ئۆيدىكىلىرىنىڭ قۇلىغا بەرگەندە بىرمۇنچە يوق گۇناھلار بىلەن ئۇنىڭغا سىياسى قارىلارنى چاپلاپ ئۇلارنىڭ ئاغىزىنى چىڭ تۇتۇشنى بولمىسا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ ئىشلارنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پاششاخان بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېين ئۇستازىنىڭ مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق قايغۇردى، ئۇ ئەكبەرخاننىڭ يېنىدىن روھى چۈشكەن ھالدا كارخانىغا قايتتى.
پاششاخان پۈتۈن ئاچچىغىنى قىزىتىلغان تۆمۈردىن ئېلىپ كۈچ بىلەن بازغان ئۇرۇۋاتاتتى، ئەسىرگە يېقىن تۇيۇقسىز سىرىتتىن بىر بالا كىرىپ ئۇنى چاقىردى، پاششاخان بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭ تىللا تونۇرنىڭ قوشۇنىدىكى بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قۇلىدىكى بازغاننى تاشلاپ ئالدىراپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.
- نېمە ئىش بولدى؟
- تىللاخان ئۇ...سىنى چاقىرىپ كەل دېگەن...- بالا ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەلگەچكە توختىماي ھاسىرايتتى – چاتاق چىقتى...!
- نېمە چاتاق، ئۇچۇقراق دىگىنە؟
- بارغاندا بىلىسەن !
بالا شۇنداق دىگىنىچە پاششاخاننى ئەگەشتۈرۈپ شەھەردىكى ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان كونسۇل كوچىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
ئۇلار ئۇ جايغا يېتىپ بارغاندا بىرمۇنچە كىشىلەر كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يۇمىلاق بولۇپ يىغىلىشىپ بىر كىملەرنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىشقان ئىدى، ئىككىيلەن چوڭلارنىڭ ئارىسىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ كوچىدىكى داق يەردە تىللا تونۇرنىڭ ئۈستىۋېشى قانغا مىلەنگەن دوستى ھەيدەر ئالتە قولنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.
ھەيدەر ئالتە قولمۇ قارا يىتىم بولۇپ تىللا تونۇرنىڭ ئەڭ يېقىن ئەڭ ياراملىق دوستى ئىدى، ئۇنىڭ قول بارمىقىدىن بىرسى ئارتۇق بولغاچقا بالىلار ئۇنى ھەيدەر ئالتە قول دەپ ئاتىشاتتى، ئۇنىڭ گەرچە بىر بارمىقى ئارتۇق بولسىمۇ كۇچا-رەستىلەردىكى ھۈنىرى ناھايىتى قالتىس بولغاچقا ئالىدىغان «ئولجىسى» مۇ قوشۇن ئىچىدە ئەڭ زور ئىدى.
پاششاخان يۈگۈرۈپ بېرىپ كۆزلىرى يۇمۇقلۇق تامدەك تاتىرىپ ياتقان ھەيدەر ئالتە قولنىڭ ساڭگىلاپ قالغان قۇلىنى ئالقىنىغا ئېلىپ بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنىڭ نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تىللا تۇنۇرغا قارىدى.
تىللا تونۇر پاششاخانغا گەپ قىلمىدى ، ئۇ قۇچىقىدا قانسىرغىنىدىن بىھوش ياتقان دوستىنىڭ چىرايىغا قاراپ چېكىتتەك قېتىپ قالغان ئىدى. ھەيدەر ئالتە قولنىڭ ئوڭ تەرەپ بېقىنىدىن ئاققان قانلار بولدۇقلاپ ئېقىشتىن توختاپ قېلىۋاتاتتى.
ئەسلىدە ھەيدەر ئالتە قول كونسۇل كوچىسىدىكى رۇس تاماقخانىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتقان بىر رۇس ئايالنىڭ سومكىسىغا قول سېلىپ پورتمالنى ئۇڭۇشلۇق سۇغۇرۇپ ئون-نەچچە قەدەم نېرىسىغا بارا-بارماي كەينىدىن ئۇنىڭ ئىرى كۆرۈپ قېلىپ يېنىدىن بىر تال ناگاننى چىقىرىپلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئوق ئۈزگەن ئىدى، ئوق ئۇنىڭ بەل قىسمىدىن تىشىپ كىرىپ ئالدى تەرىپىدىن چىكەتكەن، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جىگىرى ئېغىر دەرىجىدە يېرىلىپ كەتكەچكە نەخ مەيداندىلا بىھوش بولۇپ يېقىلغان، بۇ ئەركىشى ئەسلىدە يۇقىرى دەرىجىلىك رۇس ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ ھەيدەر ئالتە قولنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىنى بېقىنىغا قىستۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بۇ يەردىن قايتىپ كەتكەن.
- تىللاخان ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرايلى، تىز بولغىن! – دېدى پاششاخان ھەيدەر ئالتە قولنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس تىنىق ئېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ.
- پاششاخان، ھەممە ئىش تۈگىدى، بايام دوختۇردىن بىرسى كۆرۈپ بولدى...- تىللا تونۇر گېپىنىڭ ئايىغىنى دىمىدى.
- دۇختۇر...دۇختۇر نېمە دېدى؟
- ئۇق ئۇنىڭ جىگىرىنى يېرىۋېتىپتۇ، دوختۇرغا ئاپارغاننىڭ پايدىسى يوقكەن،- تىللا تونۇرنىڭ كۈزى يەنىلا دوستىنىڭ چىرايىدا توختاپ تۇراتتى،- ھەيدەر ئۇيەرگە بارغىلى ئۇنىمىدى...
شۇ چاغدا ھەيدەر ئالتە قولنىڭ پۇت-قۇلى تىتىرەشكە باشلىدى، ئۇ سەكرات ئازابى تارتىۋاتاتتى، تىللا تونۇر ئۇنى تېخمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۈزى ياشقا تولدى، ئۇلارنىڭ ئارسىدىن ياشتا چوڭراق بىرى پىيالىدە سۇ ئەكىلىپ ئايەت ئۇقۇپ سۈفلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىزىغا تېمىتىشقا باشلىدى.
ئۇ بارلىق كۈچىنى يېغىپ كۈزىنى ئاستا ئاچتى، تىللا تونۇر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتى.
- تىللاخان...مىنىڭ...بەكلا...ئۇيقۇم...كىلىۋاتىدۇ...- دېدى ھەيدەر ئالتە قول ناھايىتى پەس ئاۋازدا ئۆزىنى قۇچاغلاپ تۇرغان تىللا تۇنۇرغا قانمىغاندەك قاراپ.
- ئۇخلىغىن ھەيدەربەگ، مەن يېنىڭدا...- تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى.
- تىللاخان...يانچۇقۇمدا...بۈگۈنكى...پۇللار بار...ئاخشام...بەك توڭدۇم...سىلەرمۇ توڭدۇڭلار...بۇنىڭغا ...كۆمۈر...ئالايلى...
- ماقۇل...ھەيدەربەگ...بۈگۈن چوقۇم كۆمۈر ئالىمىز...
تىللا تونۇرنىڭ كۆزىدىن ياش تاراملاپ كەتتى.
- مەن...توڭلاپ ...كەتتىم...مەشكە...كۆمۈر سالدىڭمۇ؟
- شۇنداق، كۆمۈر...كۆمۈر سالدىم ھەيدەربەگ...
- شۇنداق...مەن ...ئىسسىقلاپ...كەتتىم...بىزنىڭ ئاخىرى مېشىمىز بار بولدى...
كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرغان پاششاخان چاپىنىنى سېلىپ قان ئىچىدە مىلىنىپ ياتقان ھەيدەر ئالتە قولغا يېپىپ قۇيۇپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتى.
- تىللاخان...قۇسۇغۇم...بەك...ئېچىپ كەتتى...
ھەيدەر ئالتە قول گېپىنىڭ ئايىغىنى دېمەكچى بولۇپ كۈچەپ باقتى ئەمما ئېغىزىنى مىدىرلىتالمىدى، ئۇ كۈزىنى راسا بىر يۇغان ئاچتى-دە بېشىنى بىر يانغا تاشلىۋەتتى، كەچ كۈزنىڭ سۇغۇق شامىلى كوچا بۇيىدىكى قېرى دەرەخنىڭ ئۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال سېرىق يوپۇرماقنى بېغىشىدىن يىنىك ئاجرىتىپ كۈزى ئۇچۇق كەتكەن ھەيدەربەگنىڭ يۈزىگە ئۇچۇرۇپ ئەكىلىپ قوندۇردى... كىشىلەر ھۆڭرەپ يىغلاشتى...
* * * * * * *
جامائەت ھەيدەربەگنىڭ يىتىم بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۈشمۈ-تۆشتىن ئۇنىڭغا ياردەم قۇلىنى سۇندى، بەزەنلىرى ئۇنىڭ يەرلىكىنى كولاشقا كىتىدىغان چىقىمنى كۆتۈرۈشتى، بەزەنلىرى ئۇنى يۇيۇپ تارىدى، بەزەنلىرى خام-ماتالارنى سۇندى، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ناماز بامداتتىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزى ئۇقۇلۇپ مېيىتى مۇساپىرلار مازىرىغا قۇيۇلدى.
قەبرىگە يەتتە كەتمەن تۇپا تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار دۇئالارنى قىلىشىپ قايتىشتى. تۇپراق بېشىدا تىللا تونۇر قاتارلىق بىر قانچە بالا يۈكۈنگەن پېتى پاششاخاننىڭ قىرائىتىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى، پاششاخان بالىلارچە زىل ئاۋازى بىلەن سۈرە ياسىننى شۇنداق مۇڭلۇق قىرائەت قىلدىكى قەبرە بېشىدىن يىراقتىكى يۇلغۇنلۇقتا چۇرۇقلىشىپ سايراۋاتقان قۇشلارمۇ ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن تەسىرلەنگەندەك تىمتاس بولۇشۇپ قىرائەتنى تىڭشاۋاتاتتى.
تىللا تونۇردەك خۇدا-رەسۇلغا قىزىقمايدىغان، ئۆمرىدە كەلىمە تەمجىدنى ئېغىزىغا ئېلىپ باقمىغان، باغرى تاش بۇ بالىمۇ پاششاخاننىڭ يىغلامسىراپ ئۇقۇغان بۇ يېقىملىق قىرائىتىدىن قەلبى لەرزىگە كىلىپ كۆزىدىن توختىماي مۇسىبەت يېشىنى ئاققۇزماقتا ئىدى.
پاششاخان ئۇزۇن دۇئالارنى قىلدى، بالىلارمۇ ئۇنى دوراپ دۇئاغا قول كۈتۈرۈشنى. ئۇلار تۇپراق بېشىدىن يېنىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا كونا خۇمدانلىقتىكى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تاشلاندۇق ئۆيگە كېلىشتى.
بۇ ئۆي بەك كونا ھەم چوڭ ئىدى، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇيۇلغان مايماق مەش قارىماققا بۇلارنى قىشتىن چىقىرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، لېكىن بالىلار نەچچە يىلدىن بىرى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا كۈنۈپ كەتكەچكە بۇ ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرمەيتتى. قۇياش نەيزە بۇيى كۈتۈرۈلدى، بالىلارنىڭ «بازار ئوينايدىغان» ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. بالىلار شۇك بولۇپ قالغان تىللا تۇنۇرغا قارىدى، تىللا تۇنۇرغا دوستى ھەيدەربەگنىڭ ئۆلۈمى بەكلا ئېغىر كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە مېيىت ئۇزىتىشنىڭ قائىدە-مۇراسىملىرىنى ئوبدان بىلمىگەچكە ئۇ بۈگۈن بازارغا چىقىش-چىقماسلىققا بىرنىمە دىيەلمەي يېنىدا تۇرغان پاششاخانغا قارىدى. پاششاخانمۇ بۇ خىل قائىدە –يوسۇنلارغا پىششىق بولمىغاچقا باشتا بىردەم جىم بولۇپ قېلىپ ئاندىن تىللا تۇنۇرغا قاراپ ئېيتتى:
- تىللاخان، بولغۇلۇق بولدى، مەن ساڭا بىر گەپنى ئۇزۇندىن بىرى ئېيتالماي كەلگەن، بىز ئەمدى «بازار ئوينايدىغان» بۇ ئىشتىن قول ئۈزەيلى! – بالىلار پاششاخاننىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران بولۇپ بىر-بىرىگە ئەجەبلىنىپ قاراشتى.
- سىلەر ھەممىڭلار كۆردۈڭلار، - سۈزىنى داۋاملاشتۇردى پاششاخان- رۇسلار كوچا-كويلاردا پاتماي يۈرۈيدۇ، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بولسا ئەكسىچە ئۆز مەھەللىسىدە ئۆزى قىسىلىپ يۈرمەكتە، بىنا-سارايلارنىڭ ھەممىسى رۇسلارنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ بولدى، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلايدىغان ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندى، بىز يەنە مۇشۇ بىچارىلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سۇنساق، ئۇلارنىڭ باللىرى يەنە بىزدەك كۇچا –كويلارغا چىقىپ قالماسمۇ، مېنىڭچە ھەيدەربەگنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى بولسۇن دېسەك بۇ ئىشتىن بالدۇرراق قول ئۈزەيلى!
تىللا تونۇر پاششاخانغا باشقىچە ئامراق ئىدى، ئۇنىڭغا بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇ پاششاخانغا«ئەمىسە بىز قانداق جان باقىمىز، ياخشى چارەڭ بولسا ئېيتقىن!» دىگەندەك بېشىنى كۈتۈرۈپ قارىدى.
- بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلى، ئۆيۈم گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ بۇ ئۆيدىن ياخشى، قىشنى توڭماي چىقىرۋالىمىز، قالدى گەپنى ئۆيگە بارغاندا دىيىشەيلى.
پاششاخاننىڭ سۆزى بالىلارغا بەك ياقتى، چۈنكى بالىلار ئۇنى بەك قابىلىيەتلىك دەپ بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ياخشى بىر يولغا باشلاپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇلار ئۈمىد بىلەن تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە قارىدى.
- بۇپتۇ، پاششاخاننىڭ دىگىنىدەك بولسۇن، نەرسىلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە بارايلى! – دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا ئىشىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ.
بالىلار ھاينى-ھۇيت دىگۈچە يىرتىلىپ مازلىرى كۆرۈنۈپ قالغان يۇتقان – كۆرپىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بارچە لاققۇ-لۇققۇلىرىنى بىر چاقىسىنىڭ كامىرى يوق كونا بىر قول ھارۋىسىغا بېسىپ تەييار بولدى.
ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي پاششاخاننىڭ ئۈيىگە يىتىپ كەلدى، ئۆي جەمئىي ئۈچ ئېغىز بولۇپ پاششاخان ئۇلارنى ئاۋۋال مېھمانخانىسىغا باشلىدى، ئۇلار بۇ ئۈيىگە كىرىپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى، تامنىڭ بىر تەرىپىگە قۇيۇلغان ئۇزۇن كىتاب جازىسىنىڭ ئىچى لىق كىتاپلار بىلەن تولغان ئىدى، سۇپىغا سېلىنغان زىلچا-گىلەملەر ئۆينىڭ پاكىزلىقىغا ماسلىشىپ كىشىگە بىرخىل ئازادىلىكنى، مېھرى-ئىسسىقلىقنى ھېس قىلدۇراتتى. بالىلار بۇلارنى كۆرۈپ ئۈزلىرىنىڭ تۇرقىدىن خىجىل بولۇشتى، بەزەنلىرى ئايغىدىن چىقىپ قالغان پۇتنىڭ بارماقلىرىنى ئاستا تىقىۋېلىشتى، بەزەنلىرى يىرتىلىپ كەتكەن تامباللىرىدىن چىقىپ قالغان تىزلىرىنى، بەزەنلىرى ئاغلىرىنى يۆگەشتى...
پاششاخان بالىلارنى باشلاپ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنى ئاندىن ئاشخانىسىنى كۆرسەتتى. ئاشخانا بىلەن مۇنچا ئۆي ئوتتۇرىسىدىن تام بىلەن ئايرىلغان بولۇپ بالىلار مۇنچىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدى، مۇنچا خۇددى شەھەردىكى چوڭ ھامماملارغا ئوخشاش ناھايىتى ئۆلچەملىك ياسالغان بولۇپ چىلىشىپ يۇيۇنىدىغانغا پار-پۇر چاق-چۇقتىن ياسالغان ئىككى داس قۇيۇلغان ئىدى، بۇنداق چاق-چۇق داسنى شەھەردىكى كاتتا بايلارنىڭ ئۆيىدىنمۇ تاپقىلى بولمايتتى. بالىلار ھەيران بولۇشۇپ پاششاخانغا قارىدى.
- بۇلارنى ئانام تەييار قىلدۇرغان، بىرىنى ئانام ئىشلىتەتتى، بىرىنى مەخسۇس مەن ئىشلىتەتتىم... – دېدى پاششاخان بالىلارغا قاراپ – ئەمدى سۇ ئىسسىتىپ ھەممىڭلار نۆۋەت بىلەن ماۋۇ بىر داستا يۇيۇنىڭلار، ئاندىن بازارغا چىقىپ نەرسە سېتىۋالىمىز!
بالىلار ھە-ھۇ دىيىشىپ بىردەمدە مەشكە ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتىپ نۆۋەت بىلەن يۇيۇنۇشقا باشلىدى. تىللا تونۇر پاششاخاننىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ئۈيىگە قاراپ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى تازا چۈشىنەلمىدى.
- پاششاخان، ئۆيۈڭنىڭ بۇنداق كاتتا ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، بايام بالىلارنى بۇ بىر داستىلا يۇيۇنىڭلار دېگەن ئىدىڭ، سەۋەبىنى دەپ بەرگىنە؟- دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا چۈشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ.
- ئانام كىچىك چېغىمدىن باشلاپ شۇنداق ئۆگەتكەن، ئۇ ھەر قېتىم يۇيۇنىدىغان سۈيۈمگە ئالتۇن تىللادىن بىرنى تاشلاپ قۇياتتى ھەمدە بۇ داسنى پەقەت سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىسەن دەپ ئەركىلىتەتتى، ئانامنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دەيمەن...
- سەن ماڭا ئۆزۈڭ توغرىلىق ھېچنىمە دەپ بەرمىدىڭ، قارىغىنا نىمانچە سىرلىق بالا سەن؟
- سەن چوڭ بولغاندا قالدى گەپنى دەپ بىرىمەن، بۇ مىنىڭ ئانامغا بەرگەن ۋەدەم، ئاڭغىچە سەن سورىمىغىن، مەنمۇ ئېيتماي ...
- بۇپتۇ پاششاخان مەن سورىماي، ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز، پىلانىڭنى دىگىنە؟
- قارىسام بالىلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرى، كىيىم-كىچەكلىرى بەك كونىراپ كىتىپتۇ، ئالدى بىلەن بۇلارنى ئالماشتۇرىۋىتەيلى، ئاندىن ئويلاپ قالدىم، بىرە تىجارەت يولىنى تۇتساق قانداق بۇلار؟
- نېمە دەيدىغانسەن پاششاخان! بىزنىڭ ئۈنچىلىك دەسمايىمىز بولمىسا، يەنە كىلىپ بىزنىڭ ئوغرىلىق قىلىشتىن باشقا ھۆنىرىمىز بولمىسا قانداق تىجارەت قىلىمىز؟
- دەسمايىدىن غەم قىلما، پەقەت سىلەر گىپىمگە كىرسەڭلار، بىز ئىشنى قايتىدىن باشلىيالايمىز!
تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە پاششاخان تېخىمۇ سىرلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
- مۇنداق قىلايلى پاششاخان، بالىلار يۇيۇنۇپ بولسۇن، سەن ياشتىمۇ كۈچتىمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن تولا كىتاب ئۇقۇيسىكەن، مۇئەللىمدەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن شۇڭا سەن بىزگە ئاتامان بول، بىز سىنىڭ سىزىقىڭ بويىچە ماڭايلى، بالىلار بەكلا چاپتىكەش، ئۇلارغا مەن دەي بولمىسا ئىككى كۈندە ئۆيۈڭنى خارابىگە ئايلاندۇرۋېتىدۇ، قانداق؟
- مەن ئاتامان بولسام سىنىڭ ئاچچىغىڭ كەلمەمدۇ؟ - پاششاخان تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.
تىللا تونۇر بۇ گەپنى چىن دىلىدىن ئېيتىۋاتقاچقا ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.
- مەن ئىككىنچى ئاتامان بۇلاي، ماڭا خەت ئۇقۇشنى ئۆگەتكىن، ئەتتىگەن تۇپراق بېشىدا ئۇقۇغان قىرائىتىڭنى ماڭا ئۈگىتىپ قويغىن، بەك يېقىملىق ئىكەن...
پاششاخان كۈلۈپ كەتتى.
- بۇپتۇ شۇنداق بولسۇن، بىز قائىدە بېكىتىپ تۈزۈم ئىچىدە ياشايلى، ئەتىدىن باشلاپ مەن سىلەرگە ناماز ئۇقۇشنى ئۆگىتەي، كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساۋادىنى چىقىرايلى، بۇ ئاسان گەپ، كېيىن بالىلارغا كىتاب ئوقۇش ۋەزىپىسى قۇيايلى، ئانام دائىم «مەكتەپ تەربىيسى ئالالمىغان ئادەم-ئادەم ئەمەس، مەكتەپكە كىرەلمىگەن ئادەم كىتاب ئۇقۇشنى ئۆزىگە ئۈچ ۋاق غىزا يىگەندەك ئادەت قىلىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا تىرىلگەندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا كۈزى كور بولۇپ قۇپىدۇ» دەيتتى، دوستلىرىڭ گەپ ئاڭلامۇ تىللاخان؟
- ئۇنىڭدا چاتاق يوق، بالىلار گىپىمنى ئاڭلايدۇ، شۇغىنىسى بۇلارنىڭ چىقىمىنى قانداق قىلىپ تۈزلەرمىز؟
- ئەمدى بۇنى دىيىشەيلى، مەن ئىشلىگەن يەردە ئىشچى كەم ئەمەس، ئۇ يەرگە ئادەم ئالمايدۇ، قارىسام شەھەردە ئىككى خىل ئىشتا ئادەم قىسكەن بىرى گېزىت ساتىدىغان ئىش يەنە بىرى ئاياغ مايلايدىغان كەسىپتە، بالىلارنىڭ ئايىغى يىنىك، چۈشتىن بۇرۇن گېزىتنى كۇچا-كويلاردا توۋلاپ يۈرۈپ ساتايلى چۈشتىن كېيىن مۇقىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ گېزىت ساتقاچ مايلامچىلىق قىلايلى، مەن ھىساپلاپ باقتىم، بىز ھەرگىز زىيان تارتمايمىز،سىنىڭچە قانداق؟
- نېمە دىسەڭ شۇ، مىنىڭ ساڭا دەيدىغان يەنە بىر گېپىم بار ئىدى، دەيمۇ؟
- ئېيتە!
تىللا تونۇر ھۇجرىنىڭ ئىشىگىنى يېپىۋەتتى.
- گېپىمنىڭ بىرى ئىككىمىز ھەقىيقى ئاكا-ئۇكا بولۇشايلى، سەن ماڭا ئاكا بول، ئۆلسەكمۇ تەڭ ئۆلەيلى، بۇنىڭغا ماقۇل دەمسەن؟
- ئىككىنچىسىچۇ؟
- ئالدى بىلەن گىپىمگە جاۋاب بەر قالغىنىنى ئاندىن دەيمەن!
- بولىدۇ، ھازىر ھەر ئىككىلىمىز يۇيۇنۇپ چىقىپ قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاللاھ يۇلىدا ئاكا-ئۇكا بولۇشايلى، ئەمدى قالغان گەپنى دىگىنە!
- گىپىمىزگەپ ئەمىسە، يەنە بىرى....
- دىگىنە ئادەمنى تەقەززا قىلماي!
- ھەيدەربەگنى ئېتىۋەتكەن رۇسنى ئۆلتۈرۈۋېتەي دەيمەن!
پاششاخان ئۇنىڭ پوچىلىق بىلەن گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن بىرخىل سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى، پاششاخان ئېھتىيات قىلغاندەك ئىككى يانغا قارىۋېتىپ بېشىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ پىسىرلاپ گەپ قىلدى:
- كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ تىللاخان، مەنمۇ شۇنى دەي دەپ تۇرغان، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ، بۇ بەكلا خەتەرلىك ئىش ھازىرچە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مەخپىيەتلىك بولسۇن ھېچكىمگە تىنمايلى، مىنىڭ ئېغىزىمغا قارىغىن، بىز چوقۇم ھەيدەر بەگنىڭ قىساسىنى ئالىمىز!
ئۇلار بۇ گەپلەرنى دىيىشىپ ناھايىتى خۇشال بولۇشتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ چىقىشىپ پاششاخاننىڭ ھۇجرىسىدا ئىككىيلەن ئايرىم جەينامازدا ئولتۇرۇشۇپ پەس ئاۋازدا قۇرئاننى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئاكا-ئۇكا بولۇشتى.
تىللا تونۇر بالىلارنى يېغىپ مىھمانخانا ئۆيدە قىسقا يېغىن ئاچتى.
- بالىلار! بىز بۈگۈندىن باشلاپ باشقىچە ئۇسۇلدا كۈن ئۆتكۈزىمىز، بۇندىن كېيىن ھەممىز قائىدە –تۈزۈمدە ياشايمىز، تۈزۈمنى ئاكام پاششاخان چىقىرىدۇ، ئۇ بۇندىن كېيىن بىزنىڭ باش ئاتامىنىمىز بولىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك، ئاڭلىمىغانلارنى ئۆزەم كونا قائىدە بويىچە جازالاشتىن سىرىت قوشۇندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟
- ئاڭلىدۇق!
بالىلار ئۈنلۈك ئاۋازدا تەڭ توۋلاپ جاۋاب بەردى.
- ئەمىسە قالدى گەپنى ئاكام دىسۇن! – دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا كۈلۈپ قاراپ.
- شۇنداق بولسۇن بالىلار، بىز ئەمدى تۈزۈمگە كۆنىمىشىز كېرەك، باشتا ھەممىڭلارغا ئېغىر كېلىدۇ، كېيىن ھەممىمىز بۇنىڭغا كۈنۈپ كىتىمىز، گېپىمىز گەپمۇ؟
- گېپىمىز گەپ پاششاخان! – دېدى بالىلار جۇشقۇن ئاۋازدا.
- بىرىنچىدىن ھەر قانداق كىشىنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى ئوغرىلىمايمىز، بىر-بىرىمىزنى لەقەم بىلەن ئاتىمايمىز، بىز گەرچە يىتىم بولساقمۇ ئادەم بالىسى! بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، بىز ھەممىمىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدۇق، شۇڭا ئۆز ئالدىمىزغا ئىختىيارى ھەرىكەت قىلمايمىز، چۈشەندىڭلارمۇ؟ – بالىلار خۇددى كىچىك ئەسكەرلەردەك پاششاخاننىڭ ھەر بىر سۆزىگە بېشىنى لىڭىشتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى- ئىككىنچىدىن......
پاششاخان بۇ تۈزۈملەرنى ئالدىن ئالا يېزىپ يادلىۋالغاندەك بىمالال ئوتتۇرىغا قويدى، بالىلار باشتىن ئاخىرى تۈزۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈردى، تىللا تونۇر بىرىنچى بولۇپ يانچۇقىدىكى يېرىم بولغان سىگارىت قېپىنى چىقىرىپ يەرگە تاشلاپ پۇتى بىلەن يەنچىدى، باشقا بالىلارنىڭ يېنىدا سىگارت بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار چوڭلارنى دوراپ تاماكا چېكەتتى شۇڭا ئۇلارمۇ ئۈزلىرىنىڭ ۋەدىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىللاخان دەسسىگەن سىگارت قېپىنى تەڭ دەسسەشكە باشلىدى.
شۇنداق قىلىپ كىچىك يېغىن تۈگىدى، ئۇلار كونا قول ھارۋىسىدىكى يوتقان كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ چۈشۈرمەي بازارغا ئالدىراپ مېڭىشتى، پاششاخان ئۆزىدىن باشقا ئالتە بالىنىڭ قىشلىق كىيىم-كىچەكلىرىنى ئايغىدىن-قۇلاقچىسىغىچە يېڭىلىدى، ئاندىن يوتقان-كۆرپە ساتىدىغان جايغا بېرىپ ئالتە كىشىلىك يوتقان-كۆرپە سېتىۋالدى. كەچكە يېقىن پۈتۈن سودا تۈگىدى، بالىلارنىڭ خوش بولغىنىدىن ئاغىزى قۇلىقىغا يەتتى.
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ چىقىشىپ پاششاخاننىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ ھەركىتىنى دوراپ شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئۇقۇپ بولغىچە قازاندىكى ۋاراقشىپ قايناۋاتقان گۈشمۇ پىشىپ ئۈلگۈردى، ئۇلار قورسىقىنى راسا تويغۇزغاندىن كېيىن ئۆمرىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بۇ خۇشاللىق مىنۇتلاردىن ھاياجانلىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئۇخلىمىدى.
مىھمانخانا ئۆيدىكى قاتار سېلىنغان يېڭى ھەم يۇمشاق يوتقان كۆرپىلەر بالىلارنىڭ ئۇخلىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇلارنى شىرىن ئۇيقىغا باشلاپ كەتكەندە پاششاخان ئۆزىنىڭ ھوجرىسىدا تىللاخان بىلەن تېخىچە پاراڭلىشىپ يېتىۋاتاتتى.
- سىنى بەكلا چىقىمدار قىلىۋەتتىم، مەن ساڭا ئۆمۈر بۇيى قەرز پاششاخان! – دېدى تىللاخان دەرىزىدىن تولۇن بولۇپ كۆرۈنگەن ئايغا قارىغىنىچە .
- ئۇنداق دېمىگىن، ھېلىقى كۈنى سەن جېنىڭنى تىكىپ مىنى قۇتۇلدۇرمىغان بولساڭ، ئۇ يەكچەشمە مىنى ئاللاقاچان ئۆلتۈرۈۋەتكەن بۇلاتتى، مەن ساڭا قەرز تېخى...-دېدى پاششاخانمۇ تولۇن ئايغا قاراپ ئۇلۇق كىچىك تىنغىنىچە.
- ھەيدەر ئالتە قول ياق..ياق ھەيدەربەگ... بۇ كۈنلەرنى كۆرگەن بولسا قانچە خوش بولغان بۇلاتتى، ئۇ قايسى كۈنى ئاخشامدا تۇڭۇپ كېتىپ زادى ئۇخلىيالمىغان ئىدى ئۇ مەندىن بىز قاچانمۇ ئىسسىق يوتقاندا راھەت بىر يېتىپ باقارمىز دەپ سورىغان ئىدى، بىچارە...ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ...
تىللاخان سۆزلىۋېتىپ كۆزىگە ياش ئالدى.
- ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە تىللاخان، بىز ئەتتىگەن بىر قېرىندىشىمىزنى يەرگە كۆمۈپ قويدۇق، كەچتە بولسا يەنە كۈلۈشۈپ تاماق يىدۇق، بىز تېخى ئۈلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلمەيمىز، ئىچىڭگە بەك ئېلىپ كەتمىگىن...
- تۈنۈگۈنكى مەيداندا بىر قانچەيلەن ئۇ ئەبلەخنى تۇنىۋاپتىكەن،ئۇلار ئۇنىڭ چوڭ ھەربىي باشلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركمەنىستاننىڭ پۈتۈن پاختىلىرىنى ئاشۇنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
- پاختىلارنى...ئۇ ھەربىي تۇرۇپ پاختا بىلەن ھەپىلىشەمدىكەن؟- پاششاخان جىددى بۇرۇلۇپ تىللاخاندىن سورىدى.
- ئۇلارنىڭ دىيىشىچە پاختا شىركىتى نامدا ھۆكۈمەتنىڭ بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئەبلەخنىڭ ئىكەن، ئۇلار ئۇنى بىلىدىكەن، سىنىڭچە ئۇنى پاش قىلغاننىڭ پايدىسى بۇلارمۇ؟
- ياق تىللاخان، پاش قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ئۇلارنىڭ رادىئودا ئېيتقانلىرى پۈتۈنلەي يالغان، ئۇلار خەقنى شۇنداق دەپ ئالدايدۇ، ساقچى ئىدارىسىمۇ رۇسلارنىڭ قۇلىدا، ناۋادا ئۇ ھەربىي بولسا ئۇنىڭ بىر بالىنى ئېتىۋېتىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئۇ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ئېتىۋاتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى سورىمايدۇ...
- دىگىنىڭغۇ راستمىكىن دەيمەن، بۇ بازارغا مەسئۇل ساقچىلارنىڭ باشلىقى ئەتىدىن كەچكىچە ۋوتكا ئىچىپ يۈرۈيدىغان زابوي بىر رۇس ئىدى، ئۇ مەندىن ھەپتىدە بىر پۇل ئالاتتى، بەرگىنىمنى ئاز-جىق دىمەي يانچۇقىغا سېلىپ بىزنى كۆرمەسكە سالاتتى، بۇ مەخپىيەتلىكنى بۈگۈن ساڭا دەپ سالدىم...قانداق قىلساق بۇلار، كاللامدا ئۆچ ئېلىشتىن بىلەك خىيال يوق.
- كاللامغا بىر ئامال كەلدى، ھازىرچە مۇشۇنى بولسىمۇ قىلىپ باقايلى تىللاخان!
- مىنى قاچان ئۇكام دەرسەن، قۇرئاننىڭ ئالدىدا يامان بولمامدۇ؟ دىگىنە قانداق ئامال ئۇ پاششاخان؟
- قۇرئاننىڭ ئالدىدا ئەمەس ئاللاھنىڭ ئالدىدا دېگىن ئۇكام، سەنمۇ پاششاخان دىمەي ئاكا دىگىنە مۇنداق!
ئۇلار كۈلۈشكىنىچە قۇلاقلىرىغا پىسىرلىشىپ تاپقان ئامالىدىن خوش بولۇشۇپ ئۇخلاپ قېلىشتى.
ئەتىسى ئەتتىگەن ناماز بامداتنىڭ بىرىنچى ئەزانىدا پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانىدىكى تۈنۈگۈن كەچ قويغان مەشنىڭ كۈلىسىنى ئېلىپ ئوت قالاشقا باشلىدى، تىللا تونۇر ئۇنىڭ بۇنچە سەھەر تۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ پاششاخاننىڭ بالىلار ياتقان ئۆيدە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يېڭى چاپىنىنى يېپىنچاقلىغىنىچە مېھمانخانىغا چىقتى.
- بۇنچە سەھەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ئاكا؟ - دېدى تىللاخان مەشتىكى ئوتنى پۈۋلەۋاتقان پاششاخانغا قاراپ.
- پەس گەپ قىل، ئۇلار ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن! – دېدى پاششاخان ئاۋازىنى پەسلەپ.
- ھە بىلدىم، سەن ھەركۈنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئورنۇڭدىن تۇرامسەن؟- دېدى تىللاخان ئاۋازىنى پەسلەپ پاششاخاننىڭ يېنىغا دوڭغىيىپ كىلىپ.
- شۇنداق، مەن تۇغۇلۇشۇمدىلا ئانام مىنى باش ئەزاندا ئويغىتىپ كۆندۈرۈپتىكەن، ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى بۇ ماڭا ئادەت بولۇپ كىتىگلىك، مەن ئەزەن ئاۋازى چىقمىسىمۇ مۇشۇ چاغدا ئويغىنىپ كىتىمەن.
- توۋۋا...بىز كۈن چىققۇچە ئۇخلاپ كۈنۈپ كىتىپتىكەنمىز، مۇسۇلمان بولماق شۇنچە جاپا ئىشكىنا، بۇندىن كېيىن ھەركۈنى مۇشۇنداق چاغدا تۇرامدۇق؟
- ئەلۋەتتە، كۈن چىققۇچە ئۇخلىغانلار ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرەلمەيدۇ، ئانام شۇنداق دېگەن، ساڭا ئېغىر كېلەمدىكەن؟
- ياق...ياق...شۇ ...ئۇيقۇمىزدىن ئويغانماق تەسكەن شۇ!
- كۈنۈپ كېتىسەن، كېيىن مەن ئويغاتمىساممۇ سەن ئۆزۈڭ بىزنى ئويغىتىدىغان بولۇپ كىتىسەن تېخى!
ئۇلار كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ بولغىچە مەشتىكى ئوت گۆركىرەپ كۆيۈشكە باشلىدى، پاششاخان ئوتۇندا قالىغان ئوتنىڭ چوغى ئۈچۈپ بولغىچە گۈرجەكنى ئېلىپ كۆمۈرخانىغا چېكەتتى.
- ھەي باللا ! ھەي...ھەي ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! تىز چاپسان تۇرۇڭلار! ناماز ۋاقتى بولدى ! – دېدى تىللاخان لايدەك ئۇخلاپ ياتقان بالىلارنى قۇلى بىلەن نۇقۇپ ئويغىتىپ.
بالىلار ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاش ئۇياقتا تۇرسۇن بىر بىرىگە پۇتىنى ئارتىشىپ تېخىمۇ ئۇيقىغا كېتىۋاتاتتى. تالادىن كىرگەن پاششاخان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
- ھەي بولدى ئويغاتمىغىنا، بۈگۈن دەسلەپكى كۈنى بالىلار قانغۇچە ئۇخلىۋالسۇن، ناماز ۋاقتىغا يېقىن ئويغىتايلى! – پاششاخان شۇنداق دىگەچ گۈرجەكتىكى كۆمۈرنى مەشكە شارقىرىتىپ سالدى.
ناماز ۋاقتىغا يېقىن تىللاخان بالىلارنى شاپىلاقلىغانچىلىك قىلىپ بىرمۇ-بىر ئويغاتتى. بالىلار ئەسنىشىپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تاھارەت ئالغىلى ماڭغاندا پاششاخان ئۇلارغا تاھارەت ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەپسىلى ئۈگەتتى، شۇنداق قىلىپ يەتتە بالا دەسلەپكى كۈنى مەسچىتكە چىقماي ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ جەينىمازلىرىنى سېلىشىپ نامازغا تۇردى، پاششاخان سۈننەت نامىزىنى ئۆزىگە قاراپ ئۇقۇشنى بۇيرۇپ ناماز ئۇقۇۋاتقاندا بالىلار جەينامازدا تۇرۇپ بىر-بىرىنىڭ ھەركىتىدىن كۈلۈشۈپ كۈلكىسىنى توختىتالمىدى، پاششاخانمۇ ئۇلارنىڭ كۈلگىنىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سېلىپ نامىزىنى بۇزۇپ سالدى.
- ھەي بالىلار! ئا....ھاي ! بۇ بولمىدى، ئەستاخپۇرۇللاھ شەيتان! – پاششاخان بالىلارغا قاراپ تەنبىھ بىلەن ئېيتتى- بۇنداق قىلساق يامان بولىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس!
بالىلار پاششاخاننىڭ قاپاق تۈرگىنىدىن كۈلكىسىنى توختاتتى، تىللاخان ئاغىزىغا كەلگەن كۈلكىنى يۇتىۋېتىپ بالىلارغا تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋاقىردى:
- باشتا كۈلگەن قايسىڭ؟ يەنە مۇشۇنداق ئىش بولسا كونا خۇمدىنىڭغا قايتىشىسەن!
بالىلار جىم بۇلۇشتى، مۇشۇ تاپتا پاششاخاننىڭ ئۆزىنىمۇ كۈلكە تۇتىۋالغان ئىدى.
- بولدى بالىلار بۈگۈن جىم ئولتۇرۇپ مىنىڭ نامازئۇقۇغۇنىمنى كۈرۈڭلار! بىز ئىككى ھەپتىگىچە ئەتتىگىنى مەسچىتكە چىقماي ئۈيدە ئۇقۇيلى، بۇ ھالىڭلار بىلەن مەسچىتتە چوڭلار بىزنى قوغلىغۇدەك ! ئەتىدىن باشلاپ بىرىنچى ئەزاندا تۇرۇپ ناماز ئايىتىنى ئۈگۈنىمىز، تۈنۈگۈن سىلەرگە دىگەن تۈزۈم بۇيىچە نۈۋەتلىشىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇمىز، ئوت قالاش، سۇ ئىسسىتىش، ھويلا-ئارام تازىلاش، تاماق ئىتىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇ نۈۋەتچى قىلىدۇ، چاتاق يوقتۇ؟!
- چاتاق يوق! – كىچىك ئەسكەرلەر يەنە تەڭ ئاۋازدا ۋاقىراشتى.
شۇنداق قىلىپ پاششاخان بۈگۈنكى ناماز ۋاقتىدا ئۇلارغا زىرىكمەي نامازنىڭ ھەركەتلىرىنى ۋە تاھارەت ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تۇلۇق ئۈگىتىپ چىقتى، ئاندىن ئۇلارغا بىرمۇ-بىر ناماز ھەركەتلىرىنى قىلغىلى سالدى...
پاششاخان بۈگۈن ئىشقا بارمىدى، ئۇ بالىلار بىلەن ناشتىلىق قىلىپ بولغاندى كېيىن تۈنۈگۈن سېتىۋالغان دەپتەر –قەلەمنى ئۇلارغا تارقىتىپ تۈركمەن تىلىنى ئۈگۈتۈشكە باشلىدى...
تۈركمەن تىلىنىڭ ھەرپلىرى ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس ئىدى، ئۇ چوڭ ۋە كىچىك ھەرپ دەپ ئايرىلغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا ئالدىنىڭ ئۈچ كۈندە كەينىنىڭ ئالتە-يەتتە كۈندە ساۋادى چىقىپ بولدى، تىللاخان مۇشۇ بىر كۈندىلا كىتاپلارنى ھېجىلاپ ئۇقۇيالايدىغان دەرىجىگە باردى.
ئۇلار ھەپتىگىچە ھېچيەرگە بارماي خەت ئۇقۇش ۋە يېزىشنى ئۈگەندى، بالىلارنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ خوشال ئىدى، ئاخشاملىرى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن چۆچەك كىتاپنى كۈتۈرۋېلىشىپ تىللاخان كىرىپ چىراقنى مەجبۇرى ئۈچۈرمىگىچە ياتقىلى ئۇنىمايتتى.
ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپ قەھرىتان سۇغۇقنىڭ ئورنىغا باھار پەسلى ئالماشتى، پاششاخان تۆمۈرچىلىك كارخانىسىغىمۇ بارمىدى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بالىلارنىڭ ئۇقۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچ مەشىقى ۋە تىل دەرىسلىرىنى تەكرارلاشنى ئاساس قىلدى، ئۇلار پىلان بۇيىچە ھېچقانداق تىجارەت ئىشىنى باشلىمىدى، ئۇنىڭ كۈمۈگلۈك ئالتۇن تىللالىرىمۇ بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى.
پاششاخان ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇستازى ئەكبەرخاننى يوقلاپ تۇراتتى، ئەكبەرخان تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغىزىدىن سۇ ئاقىدىغان بىر خىل يامان كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى، ئەكبەرخان كۈندىن – كۈنگە سىزىپ كىتىۋاتاتتى.
نەۋرۇز ئۆتۈپ شاپتۇل چىچىكى ئېچىلغان كۈنلەرنىڭ بىر ئەتتىگنىدە پاششاخان قاتارلىق يەتتە بالا مەسچىتكە بامدات نامىزى ئۇقۇغىلى چىقىپ شەھەرنىڭ شىمالى قۇۋۇقتىكى ئاق تام مەسچىتىدە ئەكبەرخاننىڭ نامىزىنىڭ چىقىرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى، پاششاخان يۈگۈرگىنىچە بالىلارنى باشلاپ بېرىپ ئەكبەرخاننىڭ مېيىتىنى تۇپراق بېشىغىچە ئۇزاتتى.
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت تەخسىماتى بۇيىچە ئىشقا مېڭىشىپ كەتتى، بۇلار گىزىت ساتىدىغان ۋە مايلامچىلىق قىلىدىغان تىجارەتنى نەۋرۇز كۈنىدىن باشلاپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى، گېزىت ساتىدىغان ئىش باشتا دىگۈدەك ئېقىپ كەتمىدى، پاششاخان بۇنىڭغا قارىتا «خەۋەرنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىقات قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ماھىر بۇلۇش» ئۇسۇلىنى قوللاندى، بالىلار كىچىگىدىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغاچقا تەشۋىقات دىگەنگە ھەزىل گەپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ چاڭ چىقىرىۋەتتى، گېزىت ئۇقۇمايدىغان كىشىلەرمۇ بۇ بالىلارنىڭ تەشۋىقات سۈزىنى ئاڭلىسا گېزىتنى قۇلىغا ئالغۇسى كىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئاياق مايلايدىغان ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشى بۇلىۋاتاتتى، شەھەر نۇپۇسى نەچچە يىل ئىچىدىلا شىددەت بىلەن ئاۋۇدى، بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب ھۈكۈمەت«سودىگەر چاقىرىش» دىگەن سىياسەتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئۆز دۆلىتىدە جېنىنى ساقلىيالمىغان رۇسلارنى بۇ يەرگە كىلىپ ئىشلەشكە قىزىقتۇرۇپ زور كۈلەملىك نۇپۇس يۆتكەش ھەركىتىنى قوزغىدى. بۇ ئاققۇن رۇسلار ئىككى-ئۈچ يىلغا قالمايلا كاتتا باي ياكى كاتتا ئەمەلدارغا ئايلىنىپ بىر ئۆمۈر يېتىپ يىسىمۇ تۈگىمەيدىغان بايلىقلارغا ئىگە بۇلاتتى، مانا مۇشۇنداق يېشىل چىراقنىڭ تۆرتكىسىدە رۇسلار بۇ ئەلگە سەلدەك ئاقتى.
شەھەر نۇپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى رۇسلار ئىگەللىگەچكە پاششاخان ئاياق مايلايدىغان دۇكاننى رۇسلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايدىكى ئاۋات رەستىلەرگە قۇرىدى، رۇسلار ھەقىقەتەن پۇلنى غازاڭدەك خەجلەيتتى. دۇكان ئورنى ئانچە چوڭ يەرنى ئىگەللىمىگەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر تەرتىپىنى قوغداش ئەترىتى، تازىلىقى ئەترىتى، بازار تەرتىپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى، باجخانا قاتارلىق ئۇرۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايىغى كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر ھەقسىز مايلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورنى مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولدى. پاششاخان بالىلارغا ھازىرچە گېزىت ساتىدىغان ئىشنى تاشلاپ مۇشۇ ئىشقا كۈچەشنى ئېيتتى. دىگەندەك مايلامچىلىقنىڭ پايدىسى بەكلا ياخشى بولىۋاتاتتى.
بۇ ئەلدىكى چوڭراقى سۇ ئىنشائات، يېزا ئىگىلىك، يول –كۆۋرۈك ياساش، نىفىت تۇربىسى ياتقۇزۇشتىن باشلاپ كىچىگرەكى ئەۋرەز يوللىرىنى ئىشلەشكىچە بولغان بارلىق قۇرۇلۇشلارنى رۇسلار ئۆزى ھۆددە ئېلىپ ناھايىتى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى ئىشلىتىپ ئوتتۇرىدىن غايەت زور پايدا ئالاتتى.
«دۆلەت تەۋەلىگىدىكى دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ۋەزىپىسى بولىدۇ» دىگەن سىياسەتكە ئاساسەن بۇ ئەلدىكى دىھقانلار ھەر يىلى مەجبۇرى ئەمگەكتىن كىرمىگەنچىلىك قىلاتتى، ئۇلار بوز يەرلەرنى ئېچىپ «ۋەتەننى كۈكەرتىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ كۈچەت سېلىپ ئورمان بىنا قىلاتتى، ئورمانلار ياشىرىپ يەرلەر تېرىلغۇغا كىرگەندىكى بۇ يېشىل جەننەتنى رۇس ئەمەلدارلىرى بىر كېچىدىلا «ئالتە تال تەرخەمەككە ئالتە مو يەرنى بىرەتتى» يەنى رۇس مىللىتىدىن بولغان دىھقانلارنىڭ ئاتالمىش «ئىلمىي تەرەققى قىلدۇرىشى» غا ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى.
بۇنداق ناھاقچىلىقنى كۆرگەنلەر«غىڭ» قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتى، ناۋادا «غىڭ» لا قىلىپ سالدىمۇ ئۇنىڭغا ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان مىللەتچى ئونسۇر دەپ يەتتە ئەۋلادى تۈرمىگە سۇلۇناتتى.
ھۆكۈمەتتىكى ھەرقانداق تەشكىلى ئورگانلارنىڭ چوڭ بېشى رۇسلاردىن ئاستىن قۇلى يەرلىك تۈركمەنلەردىن بۇلاتتى، ئۇلار ئاستىن قولنى تاللاشتا مۇنداق ئۇسۇلنى قوللىناتتى، ئالدى بىلەن شۇ ئورگاندىكى بىرىنچى قول رۇس رەھبەر بىر كېچىلىك بەزمە ئورۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئەكىلىپ قاتنىشىشىنى سۇرايتتى، ۋوتكىلار ئىچىلىپ ئەرلەر ئەقلىدىن ئازغاندا بىرىنچى قول رەھبەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىنى تانسىغا تارتىپ تانسا يېرىم بولغاندا قەستەن ئالدىدىكى ئايالغا ھاياسىزلىق قىلغاچ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە سەپ سالاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى بۇ قىلىقسىزلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ چاندۇرماي ئولتۇرغان بولسا شۇ دەل ئاستىن قوللۇقنىڭ نامىزاتىغا كىرەتتى، بۇنداق تىگى پەسلەردىن كىلىپ چىققان نامزاتلار داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ رۇسلارنىڭ ۋاقىتلىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بۇلاتتى. ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالمىش سەرخىل «نامزات»لار كۈندۈزى ئۆز خەلقىگە يولۋاستەك ھۆكىرەپ شىردەك ھەيۋە قىلسا ئاخشىمى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى رۇسلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇلارنىڭ پۇتىنى قۇچاغلاپ «سىز بولمىغان بولسىڭىز خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، سىز بىزنىڭ داھىمىز...سىز مىنىڭ دادام ! ئۆل دىسىڭىز ئۈلىمەن، ئوتقا كىر دىسىڭىز، ئوتقا كىرىمەن!» دەپ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ كۆز يېشى قىلىپ ئۇلارنىڭ گەندە پۇرايدىغان ئايىغىنى توختىماي يالايتتى.
ئاخۇن-دىنىي زاتلار بولسا رۇسلارنىڭ بەرگەن ئىككى تال پۇلىنى دەپ ياكى بولمىسا يۇرت مەھەللىدىكى يۈز – ئابرويىنى دەپ خانىقا مەسچىتلەردە «پادىشاھنىڭ ئەمىرىگە بويسۇنماق ۋاجىپ»«مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش پەرىز» «ئۈچ تالاق» «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس،ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى» «قۇرئاندىن باشقىنى ئۈگەنگەنلەر جەننەتكە كىرەلمەس » دىگەن گەپلەردىن باشقىنى قىلىغىلى ئۇنىمايتتى، بۇنىڭ تۆرتكىسىدە ئازراق قول ئىلىكىدە بارلار ھەجگە بېرىشنىڭ يول خېتى ئۈچۈن بارچە بايلىقىنىڭ يېرىمىنى رۇسلارغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ھەجگە مېڭىشاتتى، يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردىدە سەپرا بولۇپ قالغان ياشلار يۇقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ھە دىسە خوتنىنى«ئۈچ تالاق!» دەپ سۈزىنى بىرىپ ئۇششاق باللىرىنى كۇچا-كويلارغا سەرسان قىلاتتى... كىمكى بۇ ئىشلارنىڭ خاتاسىنى كۆرسەتسە پۈتۈن جامائەت ئۇنى«كاپىر، مۇناپىق، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى!» دەپ ئارىسىغا ئالمايتتى.
تۈرمە ئوغرى-قاراقچى بىلەن ئەمەس رۇسلارنىڭ قىلغان ناھاقچىلىقىغا قارشى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ سالغانلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى...ئوغرى-قاراقچىلار بولسا ساقچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ئۆزى بەگ-ئۆزى خان بولۇپ يۈرىشەتتى.
(داۋامى بار)