قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1952|ئىنكاس: 25

ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

دوست

3244

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 795
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 15:01:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-27 15:07  

ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى
      ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)

ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى .  
          19- ئەسىردە كىشىلەر : تىلشۇناسلىق پەقەت تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا پەن ساھالىرى ئوتتۇرسىدا ، جۇملىدىن ماتېماتىكا بىلەن ھىچقانداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق - دەپ قاراپ كەلگنىدى . « تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارلىقى قارىماققا شۇنچە يىراق ، ئۇلار گويا ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنىڭ بىر - بىرىگە نىسپىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇبىنى ھاسىل قىلغاندەك تۇرىدۇ » ، ئەمەلىيەتتىمۇ ، « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى چەك - چېگرىسى شۇنداق ئىنىق ئايرىلىپ كەتكەنكى ، تەبىئى پەن ، سانائەت پەنلىرى ئوقۇيدىغانلار تىل - يېزىق جەھەتتە ئانچە كۇچ سەرىپ قىلمايتتى ؛ ئىجتىمائى پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىغا قاراپمۇ قويمايتتى . مەدەنىيەت تارىخىنى ئاقتۇردىغان بولساق ، ھەم ماتېماتىك ھەم تىلشۇناس بولغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ ئىككى پەننى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ بىر يېڭى ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇستىدە باش قاتۇرغانلار بولسا تىخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ »   
          20- ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەەىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئۆستى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلمۇ ھاياتلىق ئىلمى ، ئىنتۇگراپىيە پەنلىرى ساھەلىرىگە بارا- بار ا سىڭىپ كىردى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئالدى بىلەن بىئولۇگىيەگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناشلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئارقا - ئارقىدىن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى . « ماتىماتىكا ھازىرقى زامان ئىلىم - پىنىنىڭ تىلى » بولۇپ قالدى . شۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكلارنىڭ دېققەت نەزىرى بارغانسىرى تىل ھادىسلىرىگە چۇشۇشكە باشلىدى . ئالايلۇق ، روسسىيىلىك بۇيۇك ماتېماتىك ماركوۋ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، پوشكىننىڭ « ئېۋگىنى ئۇنىگىن » داستانىنىدىكى روسچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىبىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، ماركوۋچە تاسادىبىي جەريان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا كەلگەندە ، تىلشۇناسلارمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقى يۇسۇندا تونۇشقا باشلىدى . شىۋېتسىيىلىك ئاتاقلىق تىلشۇناس سوشۇر تىلنى بىر خىل مۇكەممەل بەلگىلەر سىستېمىسى - دەپ قاراپ ، « تۇپ ئالاھىدىلىكتىن ئېيىتقاندا ، تىلدىكى سانلىق مىقدار بىلەن سانلىق مىقدار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى ماتېماتىكىلىق شەكىل بىلەن قائىدىلىك تۇردە تەسۋېرلەشكە بولىدۇ » غانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . تىلشۇناس چومىسكىي ئوتتۇرغا قويغان تىلنىڭ سېنتىتىك مودېلى ماتېماتىكىدىكى ماس چۇشەنچىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە « تىل __ تىلنىڭ سېنتېىك مودېلىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە تەرتىپلەنگەن توپلىمىدىن ئىبارەت » ئىكەن . چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ » دەپ ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بايان قىلسا ، ئامىركىلىق ئالىم بىلۇمفېلىد : « ماتېماتىكا تىل ئىرىشكەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدۇر ، خالاس » دەپ - جاكارلىدى . كونتۇرۇل ئىلمىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم ۋيېنىېر : « تىلشۇناسلىق ھازىرقى زامان ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى » دەپ كۆرسەتتى . ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شېننان تىل - يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سىناق تەجىربە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس بايان قىلدى . بۇ بايانلار ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ھۈلىنى قۇردى . تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ بىرلىشىشى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەرلىكى بولۇپ قالدى . يەنە بىر جەھەتتىن ، كومپېيوتىر ئىلمى تېز تەرەققىي قىلىپ كوردلاشقان تېز ھېسابلاش نى ئەمەلگە ئاشۇردى ، سانلىق قىممەت بولمىغان بەلگىلەرنى يەنى تەبىئى تىلنى بىر ياقلىق قىلالايدىغان بولدى . ئالىملار كومپېيوتىردا « سۇنئى ئەقىل » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ماشىنا تەرجىمان » لارنى لايىھىلەپ چىقتى . شۇ ئارقىلىق ئوىشاش بولمىغان تىللار ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇئىتىنى تېزلەشتۇردى . بارا - بارا « ئادەم - ماشىنا سۆزلىشىشى » نى ئەمەلگە ئاشۇردى .بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر يېڭى پەن تارمىقى « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى » نى بارلىققا كەلتۇردى .   
              ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەسلى نىشانى _ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ، فورمىلالاشتۇرۇپ تەسۋېرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات مەزمۇنى مۇنداق ئۇچ نوقتىغا يىغىنچاقلانغان .(1) ئىستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، ھەر خىل تىل بىرلىكلىرىنىڭ تىلدىكى كۆرۇلۇش تەكرارلىقىنى ياكى ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش .(2)ماتېماتىكىلىق لوگىكا قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، كومپېيوتىر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سېستىمىسىنىڭ « شىفېرلىق تىل » ۋە « ۋاستە تىل » ئىنى لايىھەلەش ھەمدە مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېنىقلاشنىڭ سىېفىر سېستىمىسىنى تۇزۇش . (3) ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەبىئى تىلنى مۇۋاپىق تىل مودېللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى نازۇك فورلىلالاشقان سېستىمىغا ئايلاندۇرۇش .  ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى مۇشۇ ئۇچ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ، قىسقىغىنە 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.  
___________________________________________________________
بۇ ماقالە شىنجاڭ پېدا گوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1999- يىلى 1- سانىغا بىسىلغان « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا » دېگەن ئىلمىي ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16411
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 16:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان سىفىردىن  ئايرىلغان پەن- پەن ئەمەس
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16411
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 17:05:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سان سىفىردىن  ئايرىلغان پەن- پەن ئەمەس. قاسىم بوۋىمىزنىڭ شەكىل نەزىرىيىسىمۇ شۇنىڭ  ئىچىدە.

1

تېما

1

دوست

478

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8636
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 17:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى  » ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.  « شىفېرلىق دوكىلات »بېرىشمۇ بۇ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر مەزمونىمۇ قانداق؟  
ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن دەمەللىققا   ئالدىنقى كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئويغۇر تىلىدىن « مىقتار سۆز » نى چۈشەندۈرىۋېتىپ  دەرسخانىدا ئۇچۇرغان مەسلىنى ئەسلەپتىمەن.    ئوقۇغۇچىلار  ئېغىرلىق بىرلىكى دېگەندەك ھەر خىل بىرلىكلەرنى ئويغۇرچە ئوقالمايدىكەن، ھەممىدىن ئەجەپلىنەرلىكى 1000 ئۈستىدىكى سانلارنى قانداق ئوقۇش مەسلىسىدىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. تەبىئى پەنلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشى نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا كىرزىس ئېلىپ كەلگەندەك.
بىز ئوتتۇر مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا مۇئەللىم داۋاملىق « ئېراتسيونال سان » دېگەندەك سۆزلەرنى قوللىندىغان. لېكىن  «بۇ ئويغۇرچىدە مۇنداق دېگەن سۆز »  دەپ  ،يىشىپ باقماپتىكەن. تەبىئىي پەندىكى ئاتالغۇلارنى بالىلار چۈشەنگۈدەك قىلىپ يېشىپ بېرەلمەسلىكمۇ  ئۆگىنىش نەتىيجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. .. تېمىدىن چەتنەپ كەتىممۇ قانداق.؟ قىسقىسى : تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ تىلشۇناسلىقى بىرلىشىپ ئاندىن مۇكەممەل بىر تىلشۇناسلىق بولىدىغان چېغى...

4

تېما

0

دوست

562

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18086
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 19:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكا تەڭرىنىڭ دۇنيانى يارىتىشتىكى قورالى دىگەن گەپ بار ،ھازىر  ئوتتۇرمەكتەپلەردە  ماتىماتىكا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىىى يۇقىرى كۈتۈرۈلدى ، بۇرۇن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا  100 دىن يۇقىرى ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يوق ئىدى ،ھازىر جىق . بۇ بەلكىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دىكى  ماتىرياللاردىن جىق پايدىلانغانلقىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان  بولسا كېرەك .

4

تېما

0

دوست

562

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18086
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 19:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eternal يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 19:17
ماتىماتىكا تەڭرىنىڭ دۇنيانى يارىتىشتىكى قورالى دىگەن  ...

تۇلۇق نۇمۇر  ئالىدىغانلار باغۇ ..ماتىماتىكىدن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن جىق ماتىريال كۆرۈش كېرەك ..مېنىڭ  د100دىن يۇقىرى ئالىدىغانلار دىگىنىم  پۈتۈن شىنچاڭ بويىچە .
30-40  بولسا  بىز ئۈچىۈن ناھايىتى ئېچىنىشلىق  ئىش . بۇ ئەھۋالنى  قانداق ئوڭشاش توغرىىسدا ماتىماتىكا  ئوقۇتقۇچىلىرى پىكىر بايان قىلغان بولسا

0

تېما

4

دوست

624

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3112
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 20:21:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eternal يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 19:57
تۇلۇق نۇمۇر  ئالىدىغانلار باغۇ ..ماتىماتىكىدن يۇقىرى ن ...

بۇنىڭدا ئۆيدە ئاتا-ئانىلار ياخشى ماسلىشىشى،بالىنى ھەددىدىن زىيادا ئەركىلىتىۋەتمەي ئۆگىنىشكە مۇۋاپىق يىتەكلىشى،مۇھىمى ئوقۇغۇچى ئۆزى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.تىرىشقان بىلىم ئاشار دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ...

50

تېما

0

دوست

4169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكا پېنىگە نوبىل موكاپاتى يۇق ھە بالىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )