- تىزىملاتقان
- 2013-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 45
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
22.5%
|
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر ئادەم بۇلىدىغان قادىر باخشى دەپ ، كىچىك ۋاقتىدا بىر مازاردا مال بېقىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ (ئەتىراپلىرى يۇلغۇنلۇق،توغراقلىق ئىكەن بەك قورقۇنۇشلۇق ) ، ئويغانسا تازا زاۋال ۋاقتى بۇپ قاپتۇ، قارىسا قويلار ئەتراپىغا ئولۇشۇپ تۇرغۇدەك ،يامان قورقۇپتۇ ، قانداق قىلارمەن دەپ تۇرۇشىغا ناتۇنۇش چۇمبەل ئارتقان بىر ئايال يېنىغا كىلىپ ، بالام ئۇخلاپ قاپسىزما دەپ ئەھۋال سوراپتۇ ۋە مېڭ بىزنىڭ ئويگە كىتەيلى دەپتۇ؛ ئۆزىنىڭ ئۆيى يىراق بولغاچقا كىتىشتىن قورقۇپ ماقۇل دەپلا قويلىرىنى تاشلاپ ئايالنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئايال ئۇزاق ماڭمايلا توختاپ بىر ياڭاقچىلىك تۇشۇكنى كۆرسۈتۈپ كەلدۇق بالام كىرىڭە دەپتۇ، بالا تېخىمۇ قورقۇپ قانداق پاتىمەن دىيىشىگە ئايال سۆڭگەشكە بىرنى تىپتىكەن ئۆزىنى ئىچىدە كۆرۈپتۇ ، ئىچىدە نۇرغۇنلىغان جىنلار بار ئىكەن،جىنلار ئۇ بالىنى يەرگە چۈشەرمەي 15 كۈن بىر-بىرسىگە ئېتىپ ئويناپتۇ،
بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسى ئەنسىرەپ مازارغا بارسا قوي تۇرغان بالا يوق ، ئىزدە -ئىزدە تاپالماي ھاجىم دادامنىڭ يېنىغا كەپتۇ(چوڭ دادام شۇ مازارنىڭ ئىمامى ھەم يۇرت چوڭى ) ھاجىم دادام خەتمە ئۇقۇپ خەتمىدە كۈرۈلگىنىچە پات يېقىندا كىلىدىكەن دەپتۇ،ئۇلار ئامالسىز ساقلاپتۇ،
ئەمدى بالاغا كەلسەك 15 كۈندىن كىيىن ھېلىقى ئايال جىن بالىنى يەنە تۆشۈكتىن تىپ چىقىرىۋېتىپتۇ ، ئۇبالا تۆشۈكتىن چىقىپ ئۆزىنى مازاردا كۆرۈپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ.......
قززىق يىرى ئۇ بالا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇستا بىر باخشى بۇپكېتىپتۇ ، ئۇنۇڭ يېنىغا قوشنا شەھەر دىنمۇ كىلىپ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدە نەچچە كۈن ساخلاپ ئۇقۇتۇپ كىتەتتى، تۆۋە كىچىك ۋاقتىمدا ئۇيۇنىنى كۆرەتتىم، ئۆلەپكەتتى رەخمەتلىك........
دىمەكچى مەن سىلىمۇ برە موللىغا خەتمە ئۇقۇتۇپ بېقىڭلا ،دىرىكى ئاللاھ تەرىپىدىن چىقىپ قالا!!!!! |
|