ئۇخلىتىش
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا ؛
ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ..
.-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا كەينىچە مېڭىش
ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ:
--- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم.
--- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟
--- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم لوگىكىلىق خۇلاسە
پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىككى ياشلىق بالا بولمىساق ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا تەڭ قوراملىق بىر قىزچاقنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپتۇ.
قىزچاق؛
سىز مىنىڭ كەلگۈسىمگە ئىگە بولالامسىز ؟
ئوغۇل؛
خاتىرجەم بولۇڭ بىز يا ئىككى ياشلىق بالا بولمىساق.
تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى
-بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.
-ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن، ---دەپتۇ دوختۇر |