بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-30 10:34
ئىلىم دۇنياسىدىكى"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدورلاش"
قاسىم سىدىق
بىز ئادەتتە ئىلىم-پەن ساھەسى باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتكە بەكرەك يېقىنلاشقان بولىدۇ،ئوبىكتىپ پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايمىز. لىكىن ،ئەمەليەتتە ئىلىم-پەن دۇنياسىدا بىلىپ - بىلمەي ئۇزىمۇ "كولدۇرلاپ"قالىدىغان،باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلىتىدىغان"ئىشلار ئاز ئەمەس.بىلىشتىكى تارىخى چەكلىمىلەر نۇقتىسىدىن ئىتقاندا ھەتتا پۇتكۇل پەن تارىخىنى "كولدۇرلىتىش"ۋە "كولدۇرلاش"تارىخى دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز.ھەرقىتىمقى ئىلىم-پەن ئىنقىلاۋى مەلۇم مەنىدە"كولدۇرلىتىش"قارشى جەڭ ئېلان قىلىش،"كولدۇرلىماسلىق" بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن ،ئىنسانىيەت تاكى گالىلىغىچە ئارىستوتىلنىڭ "ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۈشىدۇ"دىگەن قارىشى تەرىپىدىن "كولدۇرلىتىلدى".نۇۋەتتە دارۋىن ئۇزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلاتتى"دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ تىپتىكى "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"لاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك.نۇۋەتتە شەرىتلىك ھالدا ئارىستوتىل ۋە دارۋىن ئىدىيىلىرىنى قوللايدىغان تەتقىقات ۋە كۇزۆتۆش نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىغىمۇ پاكىت.
لىكىن،كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر خىل"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"بار.ئۇ بولسىمۇ بىر شەخىس،بىر نەزەريەۋە شۇ شەخىس ،شۇنەزەريە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلار ئىچىدىكى مەنتىقىسىزلىق تەرىپىدىن"كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"تىن ئىبارەت.مەن بۇ تەشەببۇسۇمغا تۇۋەندىكىلەرنى پاكىت قىلىپ كۇرسىتىمەن:
"يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"ئاساسىدىكى "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"
1.تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇقتا يورۇقلۇق تىزلىگى ئۇزگەرمەيدۇ،دەپ قارايدۇ.لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن مانا مۇشۇنداق"كولدۇرلىغان" بىزمۇ ھازىرغىچە"كولدۇرلاپ"كەلمەكتىمىز.ئەقەللى لوگىكىلىق مىڭىگە ئىگە بىر ئادەم يۇقۇرقى شەرت ۋە ھۇكۇم مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىدىيەتنى كۇرۇپ ئالالايدۇ.
2.نىسبىلىك نەزەريىسى"ھەرقانداق تىزلىك يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمايدۇ"دەپ قارايدۇ.ئەگەر يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئىشىپ كەتكىلى بولسا ئۇتمۇشكە بىرىپ بۇۋىڭىزدىن بۇرۇن توغۇلۇپ قالىسىز.بەلكىم مۇمىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئېلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۇنياسىدا ئەڭ بازار تاپقان "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش".مۇمكىن بولمايدىغان بىر رىياللىقنى شەرىت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرئۇستىدە ھۇكۇم چىقىرىش زامانىمىزغا خاس تىپىك "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش".
3.نۇۋەتتە يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقىرى تىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.لىكىن، ئېينىشتېيىننىڭ نۇپۇزى تۇپەيلىدىن ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بولسا كېرەك"يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئاشىدىغان تىزلىك يوق"دىگەن كۇنا ئىدىيەتەرىپىدىن "كولدۇرلاپ"كىلىۋاتىمىز.خۇددى"كولدۇرلاش"قا خۇمار بولۇپ قالغاندەك،ھەممەيلەن دىگۇدەك،ئوتتۇرا ۋە ئالى مائارىپمۇ"كولدۇرلاۋاتىدۇ"!.مائارىپ،يېڭى نەتىجىلەرگە سەزگۇر بولمىسا،جىددى قارىمىسا،ئىجادى تەپەككۇرنى قۇزغىتىدىغان لايىھە بويىچە ئىسلاھ قىلىنمىسا،ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەلمەي كولدۇرلىغىنى كولدۇرلىغان.جۇڭگۇ زىيالىلىرىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ھەقىقىدە شۇنچە كۇپ ئىنكاسلاردا بولىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ!.
"كولدۇرلىتىش"تىپىدىكى مائارىپ رايىش تالىپلارنى تۇركۇملەپ يىتىشتۇرۇپ چىققىنى بىلەن,جاسارەتلىك ئىلىم-پەن ئىختىراچىلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. بۇ جۇڭگۇ زىيالىلىرىنى ھەسرەت چەككۆزىۋاتقان رىياللىق ۋە پاكىت!.
«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»ئىدىيىسى تەرىپىدىن «كولدۇرلاش»ۋە«كولدۇرلىتىش»
«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى» _ مانا بۇ ،ئېينىشتېيىننىمۇ،ئىنسانىيەتنىمۇ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇ يان كولدۇرلىتىۋاتقان ئىدىيەلەرنىڭ بىرى.
ئېينىشتېيىن يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنى تۇرغۇزغاندا ھەقىقى بوشلۇققا مۇھتاج بولىدۇ.ھالبۇكى «ماكان»غا ئىنىقلىما بەرگەندە بۇ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.
"غەيرى نۇقتا"نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى،بۇ قاراش توغرا دەپ قارالسا ،ئالەمدىكى ماددىنىڭ ھەجىمى تۇراقلىق ۋە كىچىك بولىشى كېرەك.«ماكان _ ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە بىلەن «غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسى زىدىيەتلىك.مانا بۇ بىزنى كولدۇرلىتىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
ھازىر ئىلىم-پەن ئالەمدە غايەت زور ۋاكوئۇم ھالەتنىڭ ھالەتنىڭ مەۋجۇتلىگىنى بايقىدى ۋە ئىتراپ قىلىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق«ماكان _ ماددىنىڭ سوزولۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە تەرىپىدىن كولدۇرلىتىلىۋاتىمىز!.
«ئالەمدە ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق»دەيدىغان بۇنداق «پان ماددىچىلىق»ئىدىيىسى بۇ خىل «كولدۇرلىتىش»ئوپىراسىنىڭ باش رىجىسورى.غەرىپنىڭ بۇ ئوپىرادىن رايى يېنىپ كەتتى.جوڭگۇ، شۇنداقلا ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ ئوپىرادا مەمنۇنىيەت بىلەن رول ئالماقتا. بىز قانچە كولدۇرلىساق باشقىلار شۇنچە نەپ ئالىدۇ.سەۋەپ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىدىن ئالدىن بەھىر ئالىدىغانلارۋە تەشەببۇسكارلار ئەزەلدىن ئىلىم-پەن ئالدىنقى سىپىدىكىلەر بولۇپ كەلگەن!.
«كولدۇرلىتىش»ۋە «كولدۇرلاش»قا تەبىئى پەن ساھەسىدىن ئاز بولمىغان مىساللارنى تاپقىنى بولىدىكەن .مەن يالغۇز يېزىپ چىقاي دىسەممۇ ھېرىپ قالغىدەكمەن.سىز قانداق مىساللارنى كۇرسىتەلەيسىز.مەن ئۇزەممۇ «كولدۇرلاپ»ھەم باشقىلارنى كولدۇرلىتىۋاتقاندىمەنمۇ؟!.
32013.4.28
光速- 维基百科,自由的百科全书
|