- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8170
- نادىر
- 0
- يازما
- 345
ئۆسۈش
63.4%
|
1. خانىم قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ.
خانىم - قىزلار ئۆ كەسپىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، كەسپ خانىم-قىزلارنى باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ كەسپى ۋە خىزمەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىشى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئائىلە ئىناقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
2. خانىم-قىزلار ھېسىياتنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ.
ئاياللارنىڭ قۇلىقى مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار. ئەرلەر ئۆزئارا پاراڭلىشىشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسولى دەپ قارىسا، ئاياللار ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى دەپ قارايدۇ. پاراڭنىڭ مەزمونى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىيالىشىدا. شۇڭا، ئەرلەر ئاياللارنىڭ گىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بەرىسلا بولىدۇ. ئەگەر سىز ئايالىڭىزنىڭ ھېسىياتىنى ئىگەللەشكە ماھىر بولسىڭىز، چوقۇم ياخشى سىرداشلاردىن بولالايسىز.
3. خانىم-قىزلار تەمكىن ئەرلەرنى ياقتۇرىدۇ.
نىكاھ مەسىلىسىدە، ئاياللار بىر قەدەر ئەمىليەتچىل كىلىدۇ. ئۇلار ئەرلەرنى ئۇزاق مۇددەت تەپسىلى كۈزىتىپ، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشرا ئۆزىگە ماسلىشىشى ۋە يار-يۆلەكتە بولىشىنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ۋاقىتنى بىر ئاز ئۇزارتىڭ.
مەنبە: ئايشەم ئەخمەتنىڭ" ئاياللار سىردىشى " دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى. |
|