- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62277
- نادىر
- 6
- يازما
- 2698
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-23 03:43
1. شۇنداق ئېيتىلىپتۇركى قىيامەت مەشھەرگاھتا مۇڭگۇزى يوق قوشقارغا مۇڭگۇزى بار قوشقاردىن ئەنتىنى ئېلىپ بىرىدۇ ، سۇبھانە ئاللاھ بۇ كۇن ئەلۋەتتە ھەق جايىنى تاپقان كۇندۇر .
2. يەنە شۇنداق دىيىلىپتۇكى ئاللاھ خالىسا ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتۇپ ئاشۇ بەندىسىگە رەھمەت قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمما كىشىنىڭ ھەققىدىن ئاشۇ كىشى رازى بولمىغۇچە ئاللاھ ھەرگىز رازى بولمايدۇ ،
3. ئۇنداقتا پۇتۇن قومۇللۇقنى قەرىزدار قىلغان بۇ ھەقدار زادى كىمدۇ ، قومۇللۇقلار زادى كىمگە قەرىزدار قانچىلىك قەرىزدار ، ئەلۋەتتە قومۇل ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ئەدناسى قومۇل توپىسىدەك خار كەمىنە توخوتۇرمۇ ئۆزەمنى مۇشۇ قەرىز تۆلەيدىغانلار قاتارىدا دەپ ئويلايمەن ،
4.گەپنى قىسقارتىساق قومۇل زىمىنى تاغدىن باشلاپ قومۇل شەھرىگە ، قومۇل شەھىرىدىن تۆۋەنتۇرغا ، تۆۋەنتۇردىن بوغازغا سوزۇلغان بىر يانتۇلۇق بولغان جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ، ئەلھال قومۇل تاغلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن غوللار بەزى نومۇسسىزلار دىگەندەك تاغدىن ئۇچ تۆت كىلۇمىتىر ئىقىپلا يەر ئاستىغا سىڭىپ يوقاپ كەتكەن ئەمەس .بەلكى تاغ غوللىرىدىن ئېقىپ كىلىپ گاھى يەر ئۇستىدە گاھى يەر ئاستى بىلەن بۇ يانتۇلۇقنى بويلاپ مېىڭىپ قومۇل خەلقىنى زۇمرەتتەك پاكىز بۇلاق سۇيى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ، قومۇلدىكى بۇ ئەلۋەك سۇ قومۇللۇقلارنىڭ ئەجداتلىرىنى تەمىنلەپ قالغىنى بۇغازنىڭ ئايىقىدىكى نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بوغاز توغراقلىقىنى تەمىنلەپ كەلگەن ،
5. ئۇشبۇ نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بوغاز توغراقلىقى ئېھتىمال قومۇلدا ئىنسان ۋۇجۇدى بايقالماستىلا جانابى ھەق ئاتا قىلغان بۇ زۇمرەت سۇنىڭ ساھىپلىرى بولۇپ كىيىن قومۇلدىكى ئەجداتلىرىمىز تەبئەت بىلەن ئىناق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ توغراقلارنى ۋە بىزنى بۇ ئەسىرگىچە ئۇلىدى ،
6. نۇرغۇن قومۇللۇقلارنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك ، روس بىلەن ياخشىى ئىتپاق مەزگىللەردە روسلار كۆشۆتە ئىغىزدىن تاغ داۋايدىغان يولىنى لاھىيلەپ ياسىدى ، لېكىن روسلار تەكشۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرغان يەنە بىر تۇرمۇ بار ئۇبولسىمۇ قومۇلغا غايەت تەسىر كۆرسەتكەن تۆرۇك ئامبار قۇرۇلۇشى ، روس ئىنجىنىرلىرى تەكشۇرەپ بوغاز تەرەپتىكى نەچچە يۇز گىكتار يەردىكى بىپايان توغراقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ، تۆرۇك ئامبار سېلىش پىلانىنى توختاتقان ، بۇ قومۇل ئىكلۇگىيىسىنى بۇزىدىغان تەبئىەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان بىر پىلاندۇ ر دىگەن يەر گە كىلىشكەن ، روسلار تىزلا چىقىپ تەبئەتنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرى ئاخىرى بۇ تۆرۇك ئامبار پىلانىغا پۇتۇن قومۇلنى سەپەرۋەر كەلتۇرگەن ، شۇنداق قىلىپ تۆرۇك ئامبار پۇتۇپ چىقىتى ، ئەمما بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلار نىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان سۇ مەنبەسى رەھىمسىزلەرچە ئۇزۇۋېتىلدى ،
7.تۆرۇك ئامبار قۇرۇلۇپ ھەقىقەتەن قومۇلنىڭ تەرەققىياتى نوپۇس يۆتكەش ، ۋە يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىمى قومۇل شەھرىنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇردى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قومۇل پۇقرالىرى بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارغا سەن ئۆل بىز ياشايلى دىگەندەكرەك بىر خىتاپنى بەردۇق ،
8. دىگەندەك بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلىق قۇرۇپ كەتتى ، كۆز ئالدىمىزدىكى يىگىرمە نەچچە كۆل قۇرۇپ تۇگۇدى ، ئەمما قومۇل گۇللەندى تەرەققى قىلدى ، قومۇلغا كەلگەن رەھبەرلەر ياكېشى دەيدىغان بولدى ، بوغازنىڭ ئايقىدىكى قاغىجىرىغان توغراقلار تىلسىز بولغاچقا بۇ مېنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سۇيۇم ئىدى دىيەلمىدى ، توپتالدىكى يولداشلار قۇرىغان توغراقنى خالىغانچە كىسىپ قالاشقا باشلىدى ،
9. مەن شۇنىڭغا ھەيران قومۇلنىڭ نەچچە ئەۋلات رەھبەرلىرى قومۇلنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىغا دەھشەت كۆڭۇل بولۇپ كۇلىمۇ كۇلى كۆچەت ئېلىپ چىقىپ قومۇل شەھىرىنى كۆكەرتتى ،ۋاھالەنكى قومۇللۇقلار بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋېلىپ توغراقلارغا جان قەرىزى بولغان ئىدى ، ئەمما قومۇلنىڭ كوچىسىنى كۆكەرتكەندە بىرمۇ رەھبەر بىز توغراقلارغا قەرىز شۇڭا قومۇلنىڭ شەھەر كۆكەرتىشىگە توغراق تىكىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىمىدى ، پەقەت قايسى دەرەخ چىرايلىق خۇشبۇي بولسا مەيلى ئۇ سۇنى جىق ئىچەمدۇ ، ھەممىسىن ىئېلىپ كىلىپ تىكتى ، ھەي خىش ھەي دەرۋىش ، قوڭاڭدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۇۋى دىگەندەك ، قومۇللۇقلار ئالدى بىلەن توغراقلارغا بولغان جان قەرزىنى تۆلەپ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ ئاندىن چىرايلىق بولۇشنى ئويلاشسا بولماسمىدى ، رەھبەرلىرى قومۇلنىڭ كۆكەرتىش ئىشلىرىغا دەھشەت كۆڭۇل بولۇپ كۇلىمۇ كۇلى كۆچەت ئېلىپ چىقىپ قومۇل شەھىرىنى كۆكەرتتى ،ۋاھالەنكى قومۇللۇقلار بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋېلىپ توغراقلارغا جان قەرىزى بولغان ئىدى ، ئەمما قومۇلنىڭ كوچىسىنى كۆكەرتكەندە بىرمۇ رەھبەر بىز توغراقلارغا قەرىز شۇڭا قومۇلنىڭ شەھەر كۆكەرتىشىگە توغراق تىكىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىمىدى ، پەقەت قايسى دەرەخ چىرايلىق خۇشبۇي بولسا مەيلى ئۇ سۇنى جىق ئىچەمدۇ ، ھەممىسىن ىئېلىپ كىلىپ تىكتى ، ھەي خىش ھەي دەرۋىش ، قوڭاڭدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۇۋى دىگەندەك ، قومۇللۇقلار ئالدى بىلەن توغراقلارغا بولغان جان قەرزىنى تۆلەپ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ ئاندىن چىرايلىق بولۇشنى ئويلاشسا بولماسمىدى ،
10 . قومۇللۇقلار ھەقىقەتەن بوغازنىڭ ئايقىدىكى توغراقلارغا لۇكچەكلەرچە مۇئامىلە قىلدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۇيىنى تارتىۋالدى ، ئەمدى بولسىمۇ گۇناھىنى يۇيۇپ ئۇلارغا بىرەر ئېرىق سۇ بىرىشى ، ھەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن قومۇل شەھرىگە كۆپلەپ توغراق تىكىشى كېرەك ئىدى ، بۇ تاغقا ياماشقان يولدىكى كۆكەرتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا بولاتتى ،
11. شۇنداق مېنڭچە قەرىز تۆلەش ئىمانى ئىنسابى ، نومۇسى بار قومۇللۇقنىڭ ئىشى ، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق توغراقلارغا نىم بولسا بولمامدۇ ، دەپ قەرىزدىن تېنىش ئۆزى نومۇسسىز قومۇللۇقنىڭ ئىشى ، ھەي قومۇللۇقلار بىز ئەلۋەتتە بوغازنىڭ ئايقىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقزارلىقلارغا قەرىز ياندۇرايلى ، قۇتقۇزغۇدەكنى قۇتقۇزۇپ قالايلى ، شەھرىمىزگە ئەمدى توغراق تىكىپ بۇ سۇدىن توغراقلاربىلەن تەڭ بەھرىمان بولايلى ، چۇنكى بىز ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئىچىۋاتىمىز .
12. بىر ئۆسۇملۇك مۇتەخەسىنىڭ دىيىشىچە قومۇلدىكى پۇتۇن كۆكەرتىش قوشۇلىسمۇ ئەمما بوغازنىڭ ئايقىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقنىڭ كۆلىمىگە تەڭ كىلىشتىن خېلى بەك يىراقكەن ، |
|