- تىزىملاتقان
- 2013-2-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 780
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
56%
|
«ھېچنېمىزم»چىلار «ئازغۇن» بولىشى تامامەن مۈمكىن، بۇنى «ھېچنېمىزم»چىلار ئۆزىمۇ ناھىيىتى ئېنىق ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ «ئازغۇن» ئىكەنلىگىنى بىلگەچكە رېئال ھاياتقا سەمىمىي پوزېتسىيە تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ «ئازغۇن»لىقلىكى پەقەت ئىستىتىكىدىكى بەڭۋاشلىقىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان، دېمىسىمۇ، دىنىمىزدا ئوچۇق مەنىگە ئىگە بولمىغان، ئاللاھنى مەدھىيەلىمىگەن، ئادالەتنى ياقىلىمىغان شېئىرلار بىردەك ئازغۇنلۇق دەپ ھۆكۈملەنگەن. ئۇلار شېئىرنى مەنا(ئىجتىمائىي، سىياسىي مەزمۇنلار، ئەقلىيە ۋە ھەرخىل ئەخلاقىي ئۆلچەملەر...)دىن قۇرۇقدىغاچقا ئوچۇق مەزمۇن بولمايدۇ، قىسقىسى ھادىسىلەر دۇنياسىدىكى بىرنېمە بولمايدۇ، پەقەت بىر تۇيغۇن ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز مەنا يۈكلىسىڭىز ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىمۇ، مىللەت سۆيگۈسىمۇ، ۋەتەن سۆيگۈسىمۇ...ئىشقىلىپ، سىز نېرۋۇنلاردەك نەچچە يىل كاكىراپ، قاقشاپ سەپەرۋەر قىلالمىغان گۈزەل ئىدىيەنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭدىن تاپالايسىز.
سىز ئۇلارنىڭ «ئازغۇن»لىقلىرىنى بىلدىڭىز ھەم ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئازغۇنلىقلىرىنى ئېيتىشتى. ئەمما سىز قەدەمدە بىر ئۆزىڭىزنى ئاللاھنىڭ سۈپىتى بىلەن ماختايسىز، ئاللاھنىڭ سۈپىتى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىمانىغا تون پىچىسىز، جېدەل قىلىسىز، ئەڭ نومۇسسىز ئىلىم ئوغرىلىرىنى، ئەڭ ساختىپەز ئىلىم ئالدامچىلىرىنى، ئۇيغۇرنىڭ ۋاقىت بەركاتىغا ئەڭ چوڭ زىددىيەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان نومۇسسىز «جېدولخور»لارنى داھى قىلىپ بېشىڭىزدا كۆتۈرىسىز، دۇنيا ئىلىم-پەن، تۈرلۈك كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانىي مۇھەببەت بىلەن چۆرگىلاۋاتسا سىز 10 يىلدىن بۇيان تورمەن مىللەت ئەزالىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك بىر نەچچە تۈرلۈك ئەھمىيىتى تولىمۇ يۈزەكىي، پۈچەك بولغان تېمىغىلا مەركەزلەشتۈرىسىز. گەپ-سۆزلىرىڭىزدە نە بىر سەۋىيە، نە بىر ئەقلىي يەكۈن بولسا ئۆرگىلەي، ساختىلىق، يالغانچىلىق، شۇئارۋازلىق، قۇرۇق ھاياجان، ساختا تەقۋالىق(ياكى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىلىك، گويا خۇراپات بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئېچىنىشلىق تەقۋالىق)...مانا بۇ ھامان سىز بىر كۈنى ئېتىراپ قىلىدىغان رېئاللىقتۇر. دېمەك، سىز ئۆزىڭىزنىڭ «ئازغۇن»ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيسىز، بىلىشتىنمۇ قورقىسىز، ئېتىراپ قىلىشقۇ يوق گەپ.
ئە.ئوسمان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەلدە سەرگەندانلىقتا، ئۇنىڭ ۋەتەننى، مىللەتنى ساتقىنىنى ئاڭلىمىدۇق. ئەكسىچە ئۇنىڭ شېئىرلىرى دۇنيا شېئىرىيەت ساھەسىدە چولپاندەك چاقناۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شائىرلار، ئەڭ داڭلىق، ئەڭ نوپۇزلۇق ئوبزورچىلار ئىنتايىن يۇقۇرى باھا بېرىۋاتىدۇ. ئىلىمسۆيەر، ئوڭلۇق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تەبىئىي پەندە شۆھرەت قازانغان ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپوۋ قانچىلىك مۇھىم بولسا ئە.ئوسمانمۇ شۇنچىلىك مۇھىم.
ئۇنىڭ قالغان شاگىرتلىرىمۇ رېئال دۇنيادا بىركىمنىڭ رىسقىغا چاڭ سالماي، ئوغۇرلۇق قىلماي پاكىز، ھالال-مېھنەت بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ھەتتا سىز دادۈينىڭ مىنبىڭخانىسىدا سېسىق چۇخىيىڭىزنى پۇرىتىپ خۇدانىڭ رولىنى ئېلىۋاتقىنىڭىزدا ئۇلار ئۈستى-باشلىرىنى پاكىزلاپ جەينامازدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بولىشى مۈمكىن.
بولسا، بەك جىق تىللىۋېلىڭلار ئۇكىلىرىم، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ساراڭ بولغان ۋاقتىمىز. |
|