90-يىللىقلارنىڭ كارخانىدىكى خىزمىتى ھەققىدە تەتقىقات
زىڭ چۈنتىيەن
كىرىش سۆز:
بىر نەچچە يىل ئىلىگىرى بىز يىڭى خىزمەتكە قاتنىشىشقا باشلىغان 80-يىللىقلاردىن ئىبارەت بىرتۈركۈم ياشلارنىڭ گىپىنى قىلىشاتتۇق.بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ بىر تۈركۈم 80-يىلدىن كىيىنكىلەر ئالدىقىلارنىڭ ئىزىنى بىسىپ ،ئاللىقاچان كارخانىلاردىكى غوللۇق خادىملارغا ئايلاندى.80-يىللىقلارنىڭ پىشىپ-يىتىلىشىگە ئەگىشىپ،بىزنىڭ 90-يىللىقلارمۇ خىزمەت مەيدانىغا كىرىشكە باشلىدى.90-يىللىقلارنى قانداق باشقۇرۇش بىزنىڭ كارخانا باشقۇرۇش تەتقىقاتىمىزدىكى مۇھىم بىر تۈرگە ئايلاندى.مەزكور يازمىدامەن كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزۈمنىڭ كۆپ يىللىق كارخانا باشقۇرۇش تەجىربەمنى بىرلەشتۇرۇپ 90-يىللىقلارنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ ئۈتىمەن.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: 90-يىللىقلار،قۇرامىغا يەتكەنلەر،نەمونە،ئاكا-ئاچىلار،ئىنتىلىش
بىزنىڭ كارخانا بولسا سېتىش تىپىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى بۇلۇپ،سېتىش قۇشۇنىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ،ياش خىزمەتچىلەر كۆپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاستا-ئاستا بىزنىڭ ئاساسى كۈچىمىزگە ئايلانغان 80-يىىللىقلاردىن سىرىت مۇتلەق كۆپ قىسىمى 90-يىللىقلار.ئەمەلىيەتتە 90-يىللىقلارنى باشقۇرۇش كۆپچىلىك ئىيىتقاندەك ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس،پەقەت بىزنىڭ تۇغرا يىتەكلەپ ،تەربىيەلىشىمىز بولسىلا ئۇلارنى كارخانا قۇينىدا خۇشال-خورام ھالدا يىتىشتۈرۈپ كارخانىنىڭ مۇھىم بايلىقىغا ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ.
1.قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىش ۋە مەجبورىيىتىنى ئادا قىلىش
بىزنىڭ كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچىلىرىمىزدا ئاسانلا پەيدا بۇلىدىغان خاتا كۆز قاراش شۇكى 90-يىللىقلاربولسا ئەمدىلا جەمىئەتكە چىقىپ خىزمەتكە قاتناشقان ،كۆزى ئىچىلمىغان بىر ‹سويما› .شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا بۇ باشقۇرغۇچىلىرىمىز ‹سەن تېخى كىچىك›دىگەندەك گەپلەرنى ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.ھالبۇكى بۇخىل سۆزلەرنىڭ 90-يىللىقلارغا بولغان تەسىرىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ،90-يىللارنىڭ ‹مەن تىخى كىچىك›ئىكەنمەن دىگەندەك قاراشنى شەكىللەندۇرۇپ قۇيىدۇ.بۇنداق كىتىۋەرسە 90-يىللىقلار قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مەسئۇليىتىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشقا سەل قارايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىپ،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يۇقىلىدۇ.
بىزنىڭ شىركەتتە مۇشۇنداق بىر مىسال بار:93
-يىلى تۇغۇلغان بىر قىز مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان ئاكىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىزنىڭ شىركەتكە كىلىپ ئىشلىدى.ئاكىسى بولسا شىركەتنىڭ كونا خىزمەتچىسى بۇلۇپ،خىزمەت نەتىجىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى.سىڭلىسى شىركەتكە كەلگەندىن كىيىن ئاكىسىنىڭ سىڭلىسىغا بولغان كۆيۈنىشى تىخىمۇ ئاشتى.قىزنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ خىزمىتىگىچە ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ كۈيۈندى.ئۇ داۋاملىق سىڭلىسىغا ‹ ئالدىرىماڭ،سىز تىخى كىچىك،مەن بار ئەمەسمۇ ،قالغان ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بېرىڭ،مەن سىزگە ياردەم بېرىمەن›دەيىتتى.بىر ئاكا بولغۇچىنىڭ سىڭلىسىغا بولغان بۇنداق كۈيۈنىشى ۋە مەسئۇليىتى ھەقىقەتەن قەدىرلىك. بىراق قارغۇلارچە كۈيۈنۈش كۆپىنچە ھاللاردا سىڭلىسىنىڭ كۆچلۈك ئىرادە تىكلىشىگە تۇسالغۇ بۇلىدۇ.دىگەندەك بۇ قىز شىركەتكە كىلىپ يىرىم يىلغىچە ھىچقانداق نەتىجە يارىتالمىدى ،خىزمەتتىكى ئىلگىرلىشىمۇ ئىنتايىن ئاستا بۇلۇپ ،كىيىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بىلىشىمچە بۇقىز ئۆزىنى‹مەن تىخى كىچىك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام بار ياتاق-تاماقتىن غىمىم يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلەمدىكىلەرمۇ ماڭا قاراشلىق ئەمەس،بىزگە پۇل ئەۋەتكىن دىمەيدۇ›دەپ ئويلايدىكەن.دىمەك بۇ قىزدا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى تىخى شەكىللەنمىگەن.ئۆزىنى قۇرامىغا يەتكەن دەپ ئۇيلاپ،قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى ئۆز ئۆستىگە ئىلىشنى خالىمىغان.
شۇڭا بىز باشقۇرغۇچىلار 90-يىللىقلارنىڭ ئاللىقاچان قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز،ئۇلارنىڭمۇقۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئۇخشاش ئىدىيىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىزمەتنى ئالدىنقىلارغا ئۇخشاش قىلىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.شۇنداقلا ئۇلارنى يىتەكلەپ،ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى،بالا ئەمەسلىكىنى،چوڭلارغا ئۇخشاش خىزمەت قىلىپ چوڭلارغا ئۇخشاش مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئىلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
2. 90-يىللىقلارنىڭ نەمونىسىنى ئىزدەش
بىر بايراق لەپىلدىسە بۇ بايراق بىر ئادەمگە ،بىر تۈركۈم ئادەمگە ھەتتا بىر ئەۋلاد ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھازىرقى ھەممە كارخانىدا دىگۈدەك 90-يىللىقلار بار،بۇلارنىڭ ئىچىدە نەتىجىسى بىر قەدەر گەۋدىلىكلىرىمۇ بار ،دەل مۇشۇلار بىر بايراقتۇر.باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن قابىللارنى تەربىيەلەش،يىتىشتۈرۈشنى ئۆگۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ،قابىللارغا تايىنىپ قالغان قۇشۇنغا تەسىر كۆرسىتىشنى بىلىشى كىرەك.
شىركىتىمىزدە بىر قىزچاق بار بۇلۇپ،3يىل ئىلگىرى يىڭى خىزمەتكە كىرگەندە ساددا،تىرىشچان،بىر ئاز ‹يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قۇرىقماپتۇ›دىگەندەك قاراملىقمۇ بار ئىدى.بىر يىلدىن كىيىن شىركەتتىكى كەسىپ سەرخىلىغا ئايلاندى.داۋاملىق يۈز نەچچە خىزمەتچى ئارىسىدا سېتىش چىمپىيونلىقىنى قولدىن بەرمىدى.قانداق قىلىپ بۇ خىزمەتچىنى داۋاملىق تەربىيەلەپ يۇقىرى ئۈرلەتكىلى بولىدۇ؟قانداق قىلىپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋە خىزمەت ئىپادىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قالغىلى بۇلىدۇ؟قانداق قىلىپ ئۇنىڭ تەسىرىنى باشقا خىزمەتچىلەرگە كىڭەيتكىلى بۇلىدۇ؟
دىگەن مەسىلىلەرنى باشقۇرغۇچىلار چۇقۇم ئويلىنىشى كېرەك.ئەلۋەتتە مەقسىتىمىز بۇ قىزنى 90-يىللىقلارنىڭ نەمونىسىگە ئايلاندۇرۇش.ئۇنى چوڭ-كىچىك يىغىنلاردا ماختاپ رىغبەت بىرىش،نەتىجىسىنى ئىتىراپ قىلىش،ھەتتا ماددى بۇيۇملار ئارقىلىق تۇرمۇش،خىزمەت ،روھى جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قۇللاپ –قۇۋۋەتلشىمىز كېرەك.نەتىجىدە بۇقىز يەنىمۇ ئىشەنچكە تۇلۇپ،خىزمەتتە ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ،نۇرغۇنلىغان 90-يىللىقلار ‹بىز 90-يىللىقلارمۇ قالتىس نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈرەلەيدىكەنمىز،80-يىللىقلارنى ھەتتا 70يىللىقلارنى بىسىپ چۈشەلەيدىكەنمىز›دىگەن تۇنۇشقا كىلىدۇ.تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى پۈتكۈل كارخانىدا رىقابەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ،80-يىللىقلار بىلەن 90-يىللىقلارنىڭ رىقابىتى،90-يىللىقلاربىلەن90-يىللىقلارنىڭ رىقابىتى دىگەندەك.بۇنىڭدىن 80-يىللىقلار خىرس ھىس قىلشى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان قانائەتلىنىشنى تۇختىتىشى مۇمكىن.90-يىللىقلارنىڭ رىقابەت ئىڭى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەيدىغان ياشلىق جاسارىتىنى شىركەتتە يەنى كەڭ سەھنىدە ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
يۇقىرىدىكى قىزچاق شىركەتكە ئەمەلىي مەنپەئەت ئىلىپ كىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى شىركەتتە رىقابەت كەيپىياتى پەيدا قىلدى.ئۇمۇمەن،باشقۇرغۇچىلار نەمۇنىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى،نەمۇنىلەرنىڭ تەسىرى ۋە رولىدىن پايدىلىنىپ كوللىكتىپنىڭ رىقابەت كەيپىياتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
3. 90-يىللىقلارغا ئاكا-ئاچىنىڭ پۇزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىش
90-يىللىقلار بىلەن ئىشلەيدىغانلار بۇ خىزمەتداشلارغا ئاكا-ئاچىنىڭ پۇزىتسىيىسىدە بۇلىشىمىز كېرەك.كۆپچىلىك ھەممىمىز بىلىمىز ئاكا-ئاچا بۇلغۇچى ئۇكىلىرىنىڭ ئۇششاق-چۈششەك كەمچىلىكلىرى بىلەن ھىسابلىشىپ ئۇلتۇرمايدۇ، چۈنكى ياشلىق دەۋرىدە ھەممىمىزنىڭ يىتەرسىزلىك تەرەپلىرى،خاتالىق ئۈتكۈزۈپ قۇيغان يەرلىرىمىز بولغان.بىز ئۇلاردىن چوڭ، ياشنىڭ ھەر بىر بۈلىكىدە ماس ھالدىكى نىسبەتلىك بۇلىدۇ،بۇ بىرتەبئىي قانونىيەت.ئەينى ۋەقىتتىكى بىزنىڭ قىلغىنىمىز بەلكىم ئۇلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا باشقۇرغۇچىلار 90-يىللىقلارغا ئۆز ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
بىز ئۇلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئىش كۆرگەن،خىزمەت ۋە جەمىئەت تەجىربىمىز ئۇلارنىڭكىدىن مول،بىز بۇ تەجىربىلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىشىمىز كېرەك،شۇنداقتا ئۇلار بىر نەچچە يىللىق يولنى ئاز ماڭىدۇ.ئۇڭۇشسىزلىققا ئازراق ئۇچىرايدۇ.ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنىڭ قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بىكارغا نەرسە بەرگۈسى كەلمەيدۇ.ئەمما ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى ئاقكۈڭۈللۈك.سىز باشقىلارغا ئاقكۈڭۈللۈك بىلەن ياردەم قىلسىڭىز،باشقىلارمۇ سىزگە ئاقكۈڭۈللۈك بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
ھەربىر ئادەمنىڭ يىتىلىشىگە مەلۇم بىر جەريان كىتىدۇ.ئۇلارنى بىر كىچىدىلا پىشىپ-يىتىلىشىكە مەجبورلىغىلى بولمايدۇ.ئۇلارغا ئاكا –ئاچىنىڭ پۇزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
4. ئۇلارغا بەش يىل ياكى ئۇن يىل كىيىنكى گۈزەل تۇرمۇشنى سۈرەتلەپ بىرىشىمىز كېرەك.
بەزى ۋاقىتتا 90-يىللىقلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالساق،مىسالەن: ئۇلارغا مەن 30ياش،سەن ئەمدى تىخى 20ياش،ئۇتتۇرىمىزدا 10يىل پەرىق بار،بۇنداق دىگەنلىك سىنىڭ ماڭا قارىغاندا 10يىللىق پۇرسىتىڭ كۆپ،ئىھتىمال 10يىلدىن كىيىنكى سەن كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازانغان،بەخىتلىك ئائىلىگە ئىگە بولغان بۇلۇشۇڭ،10يىلدىن كىيىنكى نەتىجەڭ مىنىڭ ھازىرقى نەتىجەمدىن 10ھەسسە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن ...دىگەندەك ئىلھام بەخىش ئىتىدىغان سۈھبەتلىشىش ئوسولىنى قۇللىنىشىمىز كېرەك.مۇشۇنداق سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتكە بۇلغان ئىنتىلىشىنى ئۇيغاتقىلى، بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ھاياتلىق پىلانى،ئىقتىساد باشقۇرۇش شەكلى،تۇرمۇش ئوسولى،تۇرمۇش ئۈرۈپ-ئادىتى ،كەسىپ پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىمىز كېرەك.ئادەتتە ئادەمدە ئىقتىدار ۋە ئىنىرگىيە كەم بولمايدۇ،كەم بۇلىدىغىنى ئۇنى تۇختىماي ئالغا ئىلگىرلىتىشكە تۈرىتكە بۇلىدىغان نىشان،نىشان بولمىغان ئىكەن ئادەم ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدۇ.
5.تۈگەنچە
شىركىتىمىزگە بۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئاز بولمىغان 90-يىللىقلار كىردى.ئۇلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قەدەر پىشقان تەپەككۈر يۈنۈلىشىگە ئىگە بولدۇم،بۇ بىر نەچچە يىللىق باشقۇرۇش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى.قىسقىسى،90-يىللىقلارنىڭ خىزمەت سورۇنىغا كىرىشى بىلەن بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ 90-يىللىقلار بىلەن ئالاقە قىلىمىز.شۇڭا بىز ھەقىقى مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلساق،ئاكىتىپ ھالدا ئىلمىي يىتەكلىسەك ،ئىشىنىمەنكى ئۇلارنى باشقۇرۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس.
تۈگىدى.
مەنبە:http://www.ddqyjzzs.com/E_ReadNews.asp?NewsID=834 |