قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3397|ئىنكاس: 264

سالام ، تورداشلارنى سېغىندۇق (باغداش)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

80

تېما

0

دوست

7221

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 1570
تۆھپە : 1117
توردىكى ۋاقتى: 2710
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psb.jpg



ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ، مەن باغداش تور بېكتىنىڭ مەسئولى ئەكبەرجان ،
           بۈگۈنكىدەك خەيرىلىك كۈندە سىلەر بىلەن قايتا جەم بولغانلىقىمىزدىن تولىمۇ خوشال بولىۋاتىمىز . ھەربىر كۈنلەر خەيرلىك ئۆتكەي ! بۈگۈن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى  باغداش تورى يېڭىچە قىياپەت بىلەن بارلىق تورداشلارغا قايتا ئېچىۋېتىلدى.  
          خوتەندىكى ، قەشقەردىكى ، ئاتۇش .ئاقسۇ قومۇل تۇرپاندىكى تورداشلار ،سىلەر باغداش تورىنى قانداق سېغىنغان بولساڭلار بىزمۇ سىلەرنى شۇنچىلىك سېغىندۇق !سىلەر بولغاچقىلا باغداش تورى خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالىغان ، سىلەر بولغاچقىلا قەشقەر مائارىپىدا ئۆزگىرەش بولغان ، سىلەرنىڭ سادايىڭلار بولغاچقا لەنجۇدىكى ئوقۇغۇچىلار تاماق مەسىلىسى ھەل بولغان ، غۇلجىدىكى يوقاپ كەتكەن ئىەمىن ئۆي قۇرۇلىشىنىڭ نەچچە مىليون پۇلى سىلەر ئارقىلىق غۇلجىدىكى دېھقانلارنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن .
  باغداش ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ كەلدى . كۆپنى كۆرگەن ئېسىل كىشىلىرىمىز باغداشتا ئىزچىل مىننەتسىز قەلەم تەۋرىتىپ كەلدى ، يېڭىلىققا ، بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ياشلار باغداشتىن كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە ئىگە  بولدى
         بىز توردا نىمە ئىشلار قىلدۇق  ؟
       ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈمىدجان ۋە باشقا كېسەل كارۋىتىدا ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارغا تۇشمۇ-تۇشتىن ئىئانە توپلاپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىللىقىقىنى يەتكۈزدۇق ! خەيرلىك ، خوشاللىق ئىشلار باغداشتا كۆپلەپ بولدى .  
          بىزنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ باغداشتا ئۈچ يىللىق  تاتىلىق ۋە ئاچچىق ئەسلىمىلىرى  قالدى ، بىز گاھى بوزقىر بىلەن خېشى كارىدورىنى بويلاپ  داڭلىق ئوبزورچىلارنىڭ  تۈرلۈك ئەسەرلىرى ھەققىدە  بەس -مۇنازىرە قىلغان بولساق ،گاھىدا ئۇيغۇرزادە بىلەن ھاۋاينىڭ دېڭىز شامىلىدا سالقىندىغاچ نىيورىكتىكى قەشقەر توپىسى توغۇرلۇق مۇڭداشتۇق .  ئاتىللا بىلەن ئاقچۇق سېيىدا بەزىدە ئۆتمۈشتىكى قاراخانىلار دەۋرىگە قايتىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا خىياللارغا غەرق بولدۇق  .بىلمخۇمار بىلەن بىللە ناسانىڭ ئالەم كېمىلىرىدە دۇنيانى كەزدۇق . توخوتورنىڭ تاققۇ -تۇققا ، ئامما لوگىكىلىق پاراڭلىرىنى باراڭ ئاستىدا قانغۇچە كۈلۈشۈپ ئاڭلىدۇق . دولان بىلەن مۇستەقىل ئىدىيگە ئىگە بولۇش توغرىسىدا كېلىشىپ بولالماي جۇڭگو مائارىپىنىڭ چېچىنى چۈشىرىۋەتتۇق . قەيسەر مىجىت بىلەن شۇڭقار كەبى چاڭلارنى ئەسلىشىپ يۈرۈكلىرىمىز ئىسسىق بولدى . رەنا قىزچاقنىڭ   ئەبجەش پاراڭلىرىنى ھېلى قەشقەر ھېيتگاھ كوچىلىرىدا ، ھېلى ئۈرۈمچى دۆڭكۈۋرۈك بويلىرىدا كېزىپ يۈرۈپ ئاڭلاپ تۈگەتتۇق. ئەسلىمە بەك كۆپ ، بۇلارنى ئېيتىپ تۈگىتىشكە خېلى ئاخشاملار كېتىدۇ ،.قالغىنىنى يۈرىكىمىزدە ، كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلاپ ھەممىنى دەپ يۈرۈشنىڭ بەكمۇ زۆرۈرى يوق دەپ ئويلايمەن .

         ئۇچۇر-تېخنىكا ، تور -ئاخباراتنىڭ تېز تەرەققىياتى بىزنى تەمتىرىتىپ قويدى ، بىز گاڭگىراپ قالدۇق ، قانداق قىلىش كېرەك ؟
بىز تۆنۈگۈننى ئۆزگەرتەلمەيمىز ، لېكىن بىز ئەتىنى ئۆزگەرتەلەيمىز . شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ھەممىڭلەر باغداشقا كېلىڭلەر ! بۇ يەر سىلەرگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ .بىز تۈرلۈك تۈمەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرالايمىز ، چوقۇم كېلىڭلەر ، ھەمدە يالغۇز كەلمەڭلەر .  بىز ئەڭ ياخشىسى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز . بىزنىڭ تېىخىمۇ ياخشى قىىلىشقا ئىشەنچىمىز بار  .ھەممە ئادەم كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان پەيتلەردە بىز ئىشەنچنى تاللىدۇق ، بىز  بېكىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز ، بۇ پەقەت مۇقەددىمە ،  تورداشلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ باغداش ئارقىلىق نەرسە - كېرەك سېتىۋالالايدىغان سۇپا ھازىرلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ،ئۇزۇن ئۆتمەي سىز باغداش تورىدا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان نەرسە -كېرەكلەرنى ، كىيىم -كېچەكلەرنى ھېچبىر قىينالمايلا سېتىۋالالايسىز . ئەگەر ئۇزۇن ئۆتمەي راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا بىزگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .  ئەگەر سىزنىڭمۇ بۇ خىل ئويلىرىڭىز بولسا بۇ يەرگە كېلىڭ ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ياخشى قىلايلى .
  ئۇنداق بولسا  تورداشلار  بۇ يەردە ۋاقتىڭلارنى ئالمايلى ، بىرلىكتە نادىر تېمىلارنى كۆرەيلى . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، باغداشنى ئاسراڭ ،  سىزنىڭ بىر تال ئىنكاسىڭىز  باغداش ئۈچۈن گۈل بولىدۇ ياكى تىكەن بولىدۇ ،  تورداشلارنىڭ باغداشقا گۈلدەستىلەرنى تىزىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز . ئامان بولۇڭلار تورداشلار ، پات -پات مۇڭدىشىپ تۇرايلى ، بارلىق تورداشلارغا سالام يوللاڭلار !!!!!!!!!!!!!!!!!!


                   ھۆرمەت بىلەن :؛ باغداش تورىنىڭ مەسئولى : ئەكبەرجان ئەسەت باغداش


  ئەسكەرتىش : شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تۈر ئېچىش ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

3

تېما

2

دوست

1084

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8778
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم باغداشتىكى ئەزىزلەر ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ،باغداش بىزنى قانداق سېغىنغان بولسا بىزمۇ شۇنداق سېغىندۇق ،بۇندىن كىيىن باغداش كۆز-قارچۇقمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسرايمىز .ئاللا ئىگەم باغداشنىڭ ئۆمىرنى ئۇزۇن قىلسۇن ...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15776
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باغداش تورىنى سېغىندىم، باغداش تورىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى مىسرانىمدىكى بىر تىمىدىكى ئىنكاستىن كۆرۈپلا دەرھال ئېچىپ باقسام ئۇنۋىرسال تور بىكەت بولۇپ ئېچىلىپتۇ، بەك خوش بولدۇم. مەن گەرچە بۇرۇندىن باغداشقا تىما يوللىماي تىما كۆرۈپلا كەلگەن بولساممۇ باغداش تورىنى باشقا ھېچقانداق مۇنبەر تورلارغا تەڭ قىلمايمەن. باغداش تورى بىزنىڭ رىئال دۇنيا ۋە تور دۇنياسىدىكى بىردىن بىر ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغان، ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان بىردىن بىر جايىمىز، ھەممەيلەن بۇندىن كىيىن باغداشنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى،  باغداش تورىنىڭ بۇندىن كىين يەنە تاقىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلايلى دوسلار.

3

تېما

2

دوست

1084

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8778
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇندىدارنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە تارقىتىپ قوياي بۇرۇنقىدەك قاينام تاشقىنلققا چۆمسۇن ...

3

تېما

0

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12834
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 167
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ باغداشنى شۇنداق سېغىندۇق ،   باغداش تورىنىڭ 3 ئايلىق تاقالغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇنداق بىئارام بولغان ئىدىم ، باغداش مانا ئاخىرى ئېچىلىپتۇ ...
بۈگۈن باغداشنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيغاندەكلا ئۇدۇللا بېسىپ كېرىپتىمە..

3

تېما

2

دوست

1084

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8778
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشنىڭ ئاندىروئىد يانغۇن نۇسخىسى بارمۇ ،تورغا چىقالمىغاندا تېلغۇندا زىيارەت قىلساق بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار چۈشۈرۋالساق بوپتكەن .

0

تېما

0

دوست

452

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16961
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق

ئالتۇن

29

تېما

1

دوست

2347

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 449
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-6 15:53  

مەن باغداش تورنىڭ ئېچىلغانلقىدىن بەك خۇشال بۇدا بۇ توربەتنى كۆزقارچۇمىزنى ئاسرغاندەك ئاسرايلى  ياشاسۇن باغداش ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى ۋە باغداش تورنى قولاپ كېلۋاتقان تورداشلارغا رەخمەت . بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئادىل ئوتتۇرغا چېقىپ بىز ئۈچۈن پىكىر يۇرگۇزگەن باشداش تورى ياشسۇن

1

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21539
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام... خوش بولدۇم

0

تېما

0

دوست

1895

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 417
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا دوستلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )