- تىزىملاتقان
- 2011-7-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6127
- نادىر
- 0
- يازما
- 376
ئۆسۈش
22.54%
|
يىگىت ئاستا مىدىرلىدى.دىمەك ئۇ ھۇشىغا كەلگەن ئىدى.ئۇتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايال بىر چىنە شورپىنى كۆتۈرۈپ كىردى ۋە يىگىتنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى .قۇللىرى تىترەپ چىنىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي ،ئېتىلىپ بارغىنىچە يىگىتنى باغرىغا باستى ھەم مارجان كەبى تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى زورىغا بېسىپ پىچىرلىدى:
-ئون يىل بولدى،ئاھ ئۇن يىل ئاخىرى ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز .
-نىمە،ئون يىل؟مەن...
يىگىتنىڭ مېڭىسى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ ،ھەر قانچە تىرىشىپمۇ ھىچ ئىشنى ئېسىگە ئالالمىدى .ئۇ ئايالغا بىر ھازا قاراپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا :
-ھە،سىز ئاپامكەنسىز-دە،-دىدى.
ئايال ئۆزىنى زورىغا تۇتۇۋېلىپ ،يىگىتكە مېھرىبانلارچە شۇنداق دىدى:
-شۇنداق ،مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز ،دوختۇر سىزنى ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن خاتىرىسىنى يوقۇتۇشى مۈمكىن ،دىگەن ئىدى.ئويلىماپتىمەن ،ناھايىتى تىزلا ئېسىڭىزگە كەلدىڭىز .
ئايال ئۇنى باغرىغا بېسىپ مېھرىبانلىق بىلەن بىشىنى سىلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ جىيا لى بۇلۇپ،بۇندىن ئون يىل بۇرۇن بىرسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئېغىر يارىلىنىپ ،ھۇشىدىن كەتكەنچە ئۇن يىل ئۆتكەنلىگىنى ئېيتىپ بەردى .يىگىت "ئاپا"سىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ ئاقىرىشقا باشلىغان چاچلىرى ،تاتارغان يۈزى ،ئۇرۇق گەۋدىسىگە قاراپ ئىچى ئېچىشقاندەك بولدى ھەم ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلىۋەتتى .كېيىن يىگىت ئاتىسىنىڭ بۇرۇنلا قازا قىلغانلىقىنى ،بۇ ئۇن يىلدىن بېرى "ئاپا"سىنىڭ يالغۇز تۆت يەردە ئىشلەپ ،ھاياتىنى بۈگۈنگە ئۇلاپ كەلگەنلىگىنى بىلدى .
ئىككى يىلدىن كېيىن ،يىگىت گەرچە ئۆتكەن ئىشلارنى ئېسىگە ئالالمىغان بولسىمۇ ،تەپەككۈر قىلىش ۋە ھەركەت قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ ،لايىق تېپىپ توي قىلدى ،توينىڭ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە يىڭى ئەر-خوتۇن "ئاپا"سىنىڭ ئۆيىگە كەلدى ،بىراق ئۆيدە ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى ،پەقەت ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە مۇنداق بىر پارچە خەت تۇراتتى :
جىيالى مەن ئاپىڭىز ئەمەس ،سىز ھۇشىڭىزدىن كېتىپ ئاتا-ئانىڭىز ئەلەم بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى ،قېشىڭىزدا بېرەرمۇ يېقىن ئادىمىڭىز بولمىغاچقا ،مەن سىزنى ئېلىپ بۇ شەھەرگە كەلدىم ھەم ھۇشىڭىزغا كېلىشىڭىزنى كۈتتۈم.مانا ئۇن يىل بولدى ،ياشلىقىممۇ غازاڭ بولدى.كىمدۇر بېرى "مۇھەببەت كونىرىغانچە مېھىرگە ،تۇققاندەك يېقىنلىققا ئايلىنىدۇ "دەپتىكەن.سىز مىنى تۇنجى قېتىم "ئاپا"دەپ چاقىرغاندىلا مەن سىزگە ئانىلىق نەزىرىدە قارىغان ئىدىم .سىز ئەگەر بىر ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشەنسىڭىز ،مىنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشىمنى قۇبۇل قىلارسىز ،ئۇ بولسىمۇ -ئايرىلىش.
سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغان" ئاپىڭىز":
لى فاڭ
يىگىتنىڭ قۇللىرى تىترەپ ،كۆزلىرىگە يىغا ياماشتى .ئۇ بىردىنلا ئۆتكەن ئىشلارنى ئېسىگە ئالدى :ئەسلىدە لى فاڭ ئۇنىڭ ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن سۆيگۈنى ئىدى.
مەنبە:تەرمىلەرژورنىلى
|
|