كىشلىك ھايات ھېكمەتلىرى
سىزنىڭ چۈشكۈنلىشىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سايىسىنى كۆرگەنلىك،بېشىڭىزنى تۆۋەن سالغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن بۇلىدۇ.تەغدىر خۇددى ئالقىنىڭىزدىكى ئەگرى- بۈگرى سىزىققا ئوخشايدۇ. تەغدىرىمىز ئۆز قۇلىمىزدا.
تەشنالىقنى مەڭگۈ قاندۇرغىلى بولمايدۇ،بىز تەشنالىقىمىز قانغاندىن كېيىن تېخىمۇ تەستە قانىدىغان تەشنالىق پەيدا بۇلىدۇ.ئارامخۇدا ياشاشنى ئويلىسىڭىز تەشنالىقىڭىزنى كونتىرول قىلىڭ.
ھاياتلىق ئەڭ قىممەتلىك، ئۇنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.بىز ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىمىز ھەرگىزمۇ پۇل بىلەن ھاياتلىقنى تەڭ ئورۇنغا قويماسلىقىمىز لازىم.
مەلۇم نىسبەتتە ئۆزىمىزگە بېسىم بەرسەك بۇ بېسىم ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بۇلىدۇ.
تۇرمۇشتا بەخت بىلەن بەختسىزلىك قوشكېزەك بۇلۇپ ئۇلار دائىم بىللە كېلىدۇ. بىز ئۇلارنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىنى يەخشى قىلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ئۆز تەغدىرىمىزنى كونتىرول قىلالايمىز.
بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز ئۈچۈن تاللاش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.تاللاشتىن ۋاز كەچسەك ئۆزىمىزدىن ۋاز كەچكەنگە باراۋەر.
پاسسىپلىق بىلەن تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈش ھاماقەتلىق.ھەر بىر ئادەمنىڭ تەغدىرى ئۆز قۇلىدا، پەقەت ئۆزىگە تايانغاندىلا تەغدىرنى ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ.
كىشلىك ھايات بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپەر،ھىچكىممۇ كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىش بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،شۇڭلاشقا بۇ ئىشىك سىز ئۈچۈن تاقىلىپ قالغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئىچىگە سولىۋالماڭ.
سەمىمى تەغدىم قىلىش ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە مول ھوسۇلغا ئىگە قىلىدۇ.ئەكسىچە ئاچكۆزلۈك بىلەن ھىساپلىشىش تېخىمۇ كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كەيپىياتتا كىچىك ئىشلارنى قىلىش ھەمدە ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن كىچىك خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. مانا بۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ سىرىدۇر.
دۆت ئادەم ھەمىشە پۇرسەتنىڭ كىلىشىنى كۈتىدۇ بىراق پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى تۇتىۋالالمايدۇ.زېرەك ئادەم ئۆزى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ.شۇڭلاشقا ھاماقەت كىشىنىڭ نەزىرىدە زېرەك كىشى دائىم مۇۋاپىقىيەت قازانغاندەك كۈرۈنىدۇ. ھاماقەت كىشى تەڭرىنىڭ ئادىل ئەمەسلىگىدىن ئاغرىنىپلا يۈرۈپ ئۆزى ھەركەت قىلىشنى خالىمايدۇ.
ئىرىشىشنى ئويلايدىكەنسىز چۇقۇم بەدەل تۆلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .قانچىلىك بەدەل تۆلىسىڭىز شۇنچىلىك بەخت مىھرى- مۇھاببەتكە ئىرىشەلەيسىز.
ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلىدە بۇلۇپ ياردەم قۇلۇڭنى سۇنغىن.سەن مۇھاببەت ئاتا قىلىش بىلەن بىللە ئىللىقلىق ھىس قىلىسەن.
مەنبە : ئوقۇغان ئاڭلىغانلىرىم
|