بۇ تالاش-تارتىشنى ئۈزۈل -كېسىل ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جىسىمنىڭ ھاۋابىلەن ماس يۆنىلىشتە ھەركەت قىلىۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا تېزلىكى يۇقۇرى بولامدۇ ياكى قارشى تەرىپىدىكى ئۇز ئارا قارشى يۆنىلىشتە ھەركەت قىلىۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يوقۇرى بولامدۇ؟دىگەن مەسىلىدە بىرلىككە كەلسەك بولغىدەك.
1.ئاستا ماڭغان ئادەمنى سېيپاپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ،ئىتتىك ماڭغان ئادەمنى سېيپاپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىدىن ئاستا بولىدۇ.
2.يايسىمان توپلارنىڭ سەۋەبى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى دېيىلسە،ئۇنداقتا شىرە ئۈستىدىكى نۇرنىڭ تۆۋەندىكىدەك سىفرال ھەركىتىگىمۇ ھاۋا ئېقىمى،بېرنوللى قانۇنى سەۋەپكار دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
5-رەسىم
نۇر ئىزىدىن تەكشىلىكتە شەكىللەنگەن چەمبەرسىمان ھاسىلى سىفرال
3.ئۇزۇنلۇغى 1مىتىر كېلىدىغان بىر تاياقچىنى مۇقىم ئورۇندا ئايلىنىدىغان ۋېرتىكال ئوققا بىر ئۆچىدىن ئورنىتىمىز.تاياقچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا-ئوقتىن ئەڭ يىراق نۇقتىسىغا بىردانە پېقىرىغۇچنى تىك ئورنىتىمىز.بۇ پېقىرىغۇچتىن 50ياكى 70سانتىمىتىر يىراقلىققا-ئايلىنىش ئوقىدىن 30ياكى50سانتىمىتىر يىراقلىققا يەنە ئوخشاش بىر پېقىرغۇچنى ئورنىتىمىز.تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن ئوقنى ئايلاندۇرساق پېقىرىغۇچ ئورنىتىلغان تاياقمۇ بىللە ئايلىنىدۇ.
مەقسەت:قايسى پېقىرىغۇچنىڭ تېزرەك ئايلىنىدىغانلىغىنى كۈزۆتۈش.
پەرەز قىلماق قىيىن ئەمەسكى،ئايلىنىش ئوقىدىن ئەڭ يىراققا ئورنىتىلىغان پېقىرىغۇچ يېقىن ئورنىتىلغىنىغا قارىغاندا تېزرەك پېقىرايدۇ.سەۋەپ،بۇنداق تاياقچىنىڭ ئۆستىدىكى نۇقتىلار ئايلىنىش مەركىزىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى شۇنچە تېز ئايلىنىدۇ. شۇڭا،پېقىرىغۇچنىڭ يىراقتىكىسىگە تەسىر قىلىدىغان شامالنىڭ تېزلىكى،يېقىندىكىسىگە تەسىر قىلىدىغان شامالنىڭ تېزلىكىدىن چوڭ بولىدۇ.
مانا بۇ ھازىرغىچە يايسىمان توپلارغا بىرنوللى قانۇنىنىڭ خاتا تەدبىقلىنىپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ئاددى ئۇسۇل.تېزلىك پەرقىنى بېۋاستە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ.ئىككى پېقىرىغۇچنىڭ ئارىلىغىنى شارسىمان جىسىمنىڭ دىئامىتىرى،دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ.ئەگەر يانچە قويۇلىدىغان پېقىرىغۇچ ياساپ ئورۇنلاشتۇرساق تېخمۇ ئەينەن بولىدۇ.شامالنىڭ تېزلىكىنىلا ئۆلچەش مەقسەت قىلىنغاندا تۆۋەندىكىدەك پېقىرىغۇچلارمۇ بولىۋىرىدۇ.
|