يورۇقلۇقنىڭ بەنىت قىلىنىشى ۋە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى
قاسىم سىدىق
2013-يىلى 7-ئايدا گىرمانيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىروستال ئىچىدە يورۇقلۇقنى 1مىنۇت ئەسىر قىلىپ توختۇتۇپ قويغانلىغى داغدۇغىلىق خەۋەر قىلىندى.بۇ بايقاش2013-يىللىق مۇھىم بايقاشلار قاتارىغا تىزىلدى.
يورۇقلۇق خىروستال ئىچىدە 1مىنوت توختۇتۇپ قويۇلدى
بۇ خەۋەر مەندەك ھەۋەسكار ،لېكىن مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولمىغانلاردا ئاسانلا بىر قانچە گۇمانى سوئاللارنى قۇزغايدۇ.بۇنداق سوئاللارنىڭ ئىچىدىكى نېگىزلىك سوئال:
"يورۇقلۇق 1مىنۇت توختۇتۇپ قويۇلسا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى خىرىسقا يولۇققان بولمامدۇ؟!".
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىككى نۇقتا بار،ئۇلار: 1.مەن ھەرگىز بۇ تەجىربە نەتىجىسىنى خاتا دىمەكچى ئەمەس،تەجىربە نەتىجىسى توغرا.
2.يۇقۇرقى سوئال يورۇقلۇقنىڭ فۇتونلار ئېقىمى ئىكەنلىگى ،فۇتونلارنىڭ ئۇزى بولسا ئىنىرگىيە كىۋانتى ھەم زەررىچە ئىكەنلىگىنى نەزەردە تۇتقان ئەھۋالدا چىقىرىلغان.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى زادى قانداق چۈشەندۆرۈش كىرەك؟،جاۋاپ پەقەت بىرلا:
يورۇقلۇق توختۇتۇپ قويۇلغان تەقدىردىمۇ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى ئوخشاشلا ساقلىنىدۇ.پەقەت بولۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ئېشىپ ،سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى مۇناسىپ كېمىيىدۇ.يەنى توختۇتۇپ قويۇلغان فۇتۇنلارنىڭ ئۇزلۆك ئايلىنىشى(سىپىن ،ئوقىدا ئايلىنىش)تىزلىشىپ ،سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكى مۇناسىپ مىقداردا كېمىيىدۇ.
مۇبادا يۇقۇرقىچە يەكۈن ئورۇنسىز دەپ قارالسا ،بىرلا پەيتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھەم ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونىنى ھەم يورۇقلۇقنىڭ توختۇتۇپ قويۇلىشىنى زىدىيەتسىز چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولمايدۇ.
ئاساسلىرىم:
بىز ئادەتتە تۈز سىزىقلىق ھەركەت دەپ قارىۋالغان ھەركەت شەكىللىرىمىز ياكى بىر ئوربىتىلىق ھەركەت شەكلى ياكى ئەگرىلىك قىممىتى 0دىن چوڭ بولغان تىرايىكتۇرىيىلىك ھەركەت شەكلى.بۇنداق ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىىلا دەۋرىلىكىككە ئىگە.ھەممىسىنى دولقۇن شەكىللىك ھەركەتكە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.چاستوتا بىلەن دولقۇن ئۇزۇنلىغىنىڭ تەتۆر تاناسىپلىق مۇناسىۋىتىدىن بىز يۇقۇرقىچە ئەقلى ھۆكۆمنى چىقىرالايمىز.يەنە بۇ نۇقتىلار ھەركەت مىقدارى ساقلىنىدۇ دىگەن ئالدىنقى شەرىت بىلەن بىرلىكتەشەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرىنىڭ ئاساسى.ئۇنىڭ ئۆستىگە كىۋانىت مىخانىكىسىدىكى سىپىن -ئوربىتا ئىدىيىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەجىربە ئاساسلىرى مىنىڭ يۇقۇرقىچە ئەقلى يەكۆنىمنى قوللايدۇ.
ئاساسلانغان خەۋەر مەنبەسى:
|