- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10969
- نادىر
- 0
- يازما
- 476
ئۆسۈش
2.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا altunalma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 23:22
مەرىكىلەرنى ئىسلاھ قىلامدۇق؟
1-جەمىيەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ شەھرى قومۇلدا ھەرتۈرلۈك مەرىكىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەقىياتلارغا ئېرىشىتى ھەم ئېرىشمەكتە ، مەرىكەلەرنىڭ تۈرى يىلمۇ يىل كۈپەيمەكتە ئۈي نەزىرى ، سۈننەت توي ، گۈلچاي ، ئالىي مەكتەپكە ئۇزۇتۇش مەرىكىسى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسلېھەت چايلار ،ھەشەمەتچىلك ،ئىسراپخورلۇق قىلىش بولسۇن ھەددىدىن ئېشىپ زادى كونتۇرۇل قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يىتىپ قالدى ،
2-مېھمان چاقىرىش دائىرسى تېغىمۇ كېڭىيىپ ئادەتتىكىچە مۇنداقلا تونۇشىدىغان كىشىلەرنىمۇ مەرىكىگە تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ،نەچچە ۋاقىت ئىلگىرى سودا كوچىسىدىكى بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا بىر نەچچە كىشى مەرىكىلەر توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋېتىپتىكەن ، دەل شۇ كۈنلەردە مەرىكە توغۇرلۇق بىر نەرسە يازىدغان خىيالىم بولغاچقا قەدىمىمنى توختۇتۇپ ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالدىم ، ئارىدىن بىركىشى <<ھازىر كىشىلەر يولدا باش لىڭشىتىپ ئۈتۈشۈپ كەتكەن ئادەمنىمۇ تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى>> دېدى ،
3-گەرچە ئۇ گەپ سەل مۇبالىغىلەشتۈرۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئەمىلىيەتتىن قىلچىمۇ يىراق ئەمەس ، قارايدىغان بولساق بەزى مەرىكىلەردە 50،60ئۈستەللىك مېھمان ، شۇڭلاشقا ھازىر ياشلار بولسۇن ۋە چوڭ ياشلىق كىشىلەردە بولسۇن ھەممىسدىلا مەرىكىلەردىن بىزار بولىدىغان ئورتاق پىسخىك ھالەت شەكىللەندى ،
4-ھەشەمەتچىلك ، ئىسراپخورلۇق قومۇللۇقلاردا ئېغىر كىرزىس بولۇپ شەكىللەندى بەلكىم قومۇللۇقتىلا بۇنداق ھالەت بولماي پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا ۋە ۋەھىمىگە سالدىغان ھەشەمەتچىلىك ، ئىسراپخورلۇق ئورتاق مەۋجۈت دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن ، 30،40ئۈستەللىك خىلمۇخىل تاماق بىر نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدىلا ئەخلەت ساندۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ ، بەزى ئۈستەللەردە ھەتتا چوكىمۇ تەگمىگەن پېتى ھالەتتە قالىدۇ ،
5-پالانچى مەرىكىسىنى بۇنداق ئۈتكۈزدى ،مېنىڭ ئۇنىڭدىن قالغۇدەك يېرىم بارمىكەن دەپ بىربىرىدىن قېلىشماي ھەشەمەتچىك قوغلۇشىىغان ئىشلار ئەۋىج ئالدى ، ھچكىم ھېچكىمدىن قېلىشنى خالىمايدىغان بولدى ،ھازىر مانا پەقەت تويلۇقلا4تۈمەنگە چىقىپ قاپتۇ ،قىز كۈچۈرۈش ئۈچۈنلا كېتىدغان خىراجەت نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى ، ئوخشاش ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلارنى سەپلەپ قىز كۈچۈرۈش يېقىنى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ بۇيىل تازا مودا بوپتۇ ، قىز يىگىتنىڭ توي سۈرىتىگە چۈشىشى ھەددىدىن ئاشتى ، تېغى بەزى ھەتتەمپۇر ياشلار ئالاھىدە تاغلارغا چىقىپ سۈرەتكە چۈشۈپ كېلىدىكەن ، بەزىلەر توي سۈرىتى ئۈچۈنلا 1تۈمەنگە يېقىن ھەتتا 1تۈمەندىن ئارتۇق پۇل سەرىپ قىلدىكەن ،
6-كونىلار توغرا دەپتىكەن << توغلۇقتىن شوغلۇق چىقدۇ >> ئاشۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر ئافرىقا قىتئەسى ۋە باشقا دۈلەتلەردىكى خەلىقنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۈرۈپ باقسا قانداق ھېسياتقا كىلەر ؟
7-ئافرىقىلىق بىزدىن جىق يىراقتا ، ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمۇ تەييارلامايۋاتقان خولۇم خوشنا ، ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز ناھايتىمۇ كۈپ ، مەرىكە چىقىمنى ئازلىتىپ ئاشۇنداق كىشلەرگە ياردەم قىلساق ئۇلار بىزدىن ئالەمچە خۇش بولىدۇ ئەمەسمۇ ھەي ،
8-جۈمە ، شەنبە كۈنى كۈنىگە 2مەرىكىگە قاتناشتىم ، 2كۈن رېستۇرانمۇ رېستۇران چېپىپ خىنىلقمنى يەتكۈزدۈم ، ئۈزەمنى 2بۈلۈشكە ئىمكان بولمىدى ، مانا بۈگۈن ھېچقانداق مەرىگە بولمىغاچقا ئۇف دەپ ئولتۇردۇم ، ساناپ كۈرسەم روزى ھېيتتىن كىيىن جەمئىي 16مەرىكگە قاتنىشىپتىمەن ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ، ئاغىنىلىرمنىڭ ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەرتۈرلۈك مەرىكىلىرى ھەممىسى بار ،
9-ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلسام تەكلىۋىم ، ئىنسان ھاياتلىقتا نىكاھلىندۇ ، توي مۇرسىمى ھەرقانداق كىشىگە بار ، يەنە بىرسى سۈننەت توي ، موشۇ 2مەرىكىدىن باشقا ھەممىسىنى ئىسلاھ قىلساق بارلىق قومۇللۇق ئورتاق كۈچ چىقارساق يۇرت ئىچدە ئىسراپچىلىقا قارشى تۇرۇپ مەرىكىلەرنى لايىقىدا ئۈتكۈزەمدۇق ،
10-كەمىنە ئالتۇن ئالما جانابىي توخۇتۇربىگىمنىڭ لىنجىغا ئايرىپ تېما يېزىشنى دوراپ باقتىم ، ئاڭلىسام لىنجىغا ئايرىپ تېما يېزىشنى توخوتۇر بىگىم پاتىنىت ئىلتىماس قىپتۇ دەيدۇ ، جەرىمانە تۈلەيدىغان ئىش بولماس ھە توخۇتۇر بىگىم تېمىغا مەرمەمەت |
|